مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1533|ئىنكاس: 16

ناخشا ئېيتىپ مېڭىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40062
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 273
تۆھپە نۇمۇرى: 7
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 12:30:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

 (ھېكايە)


    ھەركۈنى سەھەر دەرۋازىدىن چىقىپ خۇددى بىر كۈن بۇرۇن كېلىشىۋالغاندەك ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىمەن . ئۇ غىڭشىپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان ناخشىسىنى توختۇتۇپ مەن بىلەن قىزغىن ئەھۋاللىشىدۇ . ئۇنىڭ ئوتۇندەك قاتتىق ھەم يىرىك قوللىرى مېنىڭ پاختىدەك يۇمشاق قولۇم بىلەن ئۇچراشقىنىدا ، ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى پەرىقنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى ھېس قىلىمەن . ئۇنىڭ ئەتىياز ئاپتىپىدەك ئىللىق چىھرى بىلەن مېنىڭ بۇلۇتلانغان چىھرىم بىر بىرىگە تىكىلگەندە ئىككىمىزنىڭ مەنىۋىيەت ساپارىمىزدىكى پەرىقنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ قالىمەن . دېمەك ئۇ ماڭا قەدىناس دوستتەك مۇئامىلە قىلىدۇ . ئەمما مەن ئۇنىڭ تەر پۇراپ تۇرغان ۋۇجۇدىدىن يىرگەنگەندەك بولۇپ ، تەشەببۇسكار بۇ ئىنسانغا نىسبەتەن زەرىچە بولسىمۇ دوستلۇق مىھرى يەتكۈزەلمەيمەن . مەنچە بولسا ئۇ ماڭا ئوخشاش يۇمشاق قول ، سالاپەتلىك ، بىر يەرگە باشلاپ بارسام سورۇندارچىلىقى بار . سالاپەتلىك كىيىنىپ يۈرۈشى لازىم ئىدى . بىراق ئۇنىڭدا مەن كۈتكەن شەرتلەرنىڭ بىرىمۇ يوق ئىدى . ئەمما ئۇ مەن باشتا دېگەندەك ھەركۈنى ئەتىگەن كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن مەندىن ئاسمان زېمىن پەرىقلىق ھالدا مەن بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىدۇ . شۇ چاغدا مەندە « بۇنىڭ بۇنچە خۇشال ماڭغىنىغا قارىغاندا ئىشلەۋتقان يېرىدە پۇلنى چېلەكلەپ ئۆسۈۋاتقان ئوخشايدۇ دە » دەپ ئويلاپ قالىمەن . ھەي ! دەيمەن يەنە « تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ، بەزى ئادەملەرگە پۇلنى بىرىدىيۇ ، خەجلەيدىغان يەرگە كەلگەندە سىقىپ سۈيىنى يالايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . بەزىلەرگە پۇل تۈزۈكىرەك كىرمەيدىيۇ ، خەجلەشكە ئامراق قىلىپ قويىدۇ » ئۆز خىيالىمدىن ئۆزۈم يەكۈن چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا قارىتا خىلمۇخىل باھالارنى بېرىپ ، ئۇنىڭ مەن بىلەن يانمۇ يان خېلى بىر يەرگە بارغۇچە بىرگە ماڭغان چاغدىكى گەپ سۆزلىرى غىڭشىپ ئېيىتقان ناخشىلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ . نېمىشقىكىن ئۇنىڭ نەدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى  ، قانچىلىك پۇل تاپىدىغانلىقىنى سوراشقا ھەرگىز تىلىم بارمايدۇ . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ مەندىن :

_ ئاداش ، ئايدا نەچچىلىك مائاش ئالىسىز ؟ _ دەپ سوراپ قالدى . ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بەرگىم بولمىسىمۇ ، ئادىمىگەرچىلىك يۈززىسىدىن دەپ بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم .

_ پاھ ! دەۋەتتى ئۇ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ بىزنىڭ بەش ئايدا ئىشلەپ تاپقان پۇلىمىزنى سىز بىر ئايدىلا ئالىدىكەنسىز ، نېمىدىگەن ياخشى . مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن ھەيران قالدىم . پەقەت ئايدا بېرىدىغان يەتتە يۈز يۈەن پۇلغا شۇنچە خۇشال ئىشقا ماڭغان ئادەم مەندەك پۇل ئالسا ناغرا سۇناي چالغۇزۇپ ماڭامدۇ نېمە بۇ ؟ دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم . ئارقىدىن « ياق . ئادەمنى كولدۇرلىتىۋاتىدۇ . ھازىرغۇ بەزى ئادەملەر يالغان گەپ تاپالمىغاندا راست سۆزلىمىسە ، ھەممىسى بىر بىرسىنى قويىمەن دەۋاتقان » دېگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭغا رەنجىش ئىپادىسى بىلەن تەنەددى قىلدىم .

_ راست ھازىرقى ئادەملەر بىر _ بىرىگە ئىشەنمەس بولۇپ كەتتى . شۇڭىمۇ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلالمايدۇ . مەنمۇ ھەركۈنى سىزنىڭ ھالىتىڭىزگە قاراپ تۆۋەن ئىش ھەققى ئالغاچقا ئىشقا بوينىنى باغلىغاندەك ماڭىدىكەندە دەپ ئويلىغان ئەسلىدە سىزدە شۈكرى قانائەت دەيدىغان نەرسە كەمچىل ئىكەندە ، بوپتۇ ئەتە  سىزگە دەم ئېلىش ، ئەمما بىزگە دەم ئېلىش يوق . شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا تەربىيە قىلغۇدەك ماتىرىيال چىقىپ قالار دېسىڭىز مەن ئىشلەۋاتقان ئورۇنغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ . مەن ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا قىزىقىپ قالدىم . ئەتىسى ئۇ مېنى ناھىيىمىزدە خېلىلا ئىناۋىتى بار بىر ئۇن زاۋۇدىغا باشلاپ باردى . خوجايىن مەن تېخى ئىسمىنىمۇ سوراپ باقمىغان ھەمرايىمنىڭ دەرۋازىدىن كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ :

_ ھە ، سەمەت كەلدىڭمۇ ، ياخشى تۇردۇڭمۇ دېگىنىچە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈن كۆرۈشمىگەندەك ئىككى قوللاپ كۆرۈشۈپ كەتتى . ئاندىن ماڭا قاراپ بۇ ياق ئاغىنەڭكەندە كەلگىنى ياخشى بوپتۇ . بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىشچىلار دەم ئالىدۇ . سەنمۇ ھەم شۇ ، يەنە تېخى مۇئاشىڭلارنى بىرىمەن دېدى. يەنە بىر خۇش خەۋەر ساڭا يەنە ئۈچ يۈز يۈەن قوشۇپ مۇئاشىڭنى مىڭ يۈەنگە چىقاردىم دېدى . سەمەت ماڭا لاپپىدە بىر قارىۋەتتىدە :

_ ئاداش ئالدىڭ ئوچۇق خىسلەتلىك ئادەممۇ نېمە سەن بۇندىن كېيىن كۈندە باشلاپ كەلسەم بولغۇدەك ، دەپ چاقچاق قىلغاچ ، ئىش كىيىمىنى ھەربىيلەردەك شۇنچە چەبدەس كىيدىدە . تاراقلاپ تارتىلىۋاتقان ئۇنلارنى خالتىغا شۇنچە ماھىرلىق بىلەن قاچىلاپ ھەمدە ئاغزىنى تىكىپ رەتلىك قىلىپ بېسىشقا كىرىشتى . مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرىمەن . قەلبىمدە كەچمىگەن خىياللار كېچىدۇ . ئاستىمدا يۇمشاق ئورۇندۇق ، تۈگىمەس غەيۋەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش ، تەشكىل ئازراق جىسمانى ئەمگەككە بۇيرىسا ۋايساش ، ھەر تەرەپتىن كاپالەتكە ئىگە بولساممۇ يەنە رازى بولماسلىق ، چۈشكۈنلۈك ، كۈن قاچان كەچ بولسا دەپ زارىقىش ، دەم ئېلىش بولۇپ قالسا ئەھمىيىتى يوق سورۇن ، مەززىسى يوق ئويۇنلار بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ، باشلىقنى سېسىتىش ، ھېچنىمىگە قانائەت قىلماسلىق ، ئاخىرىدا تېخىمۇ لاقۋالىشىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار قىسىملىق فىلىملەردەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كۆز ئالدىمدىن تىزىلىپ ئۆتۈپ ئۆزۈمدىن تولىمۇ نومۇس قىلىپ كەتتىم . شۇ چاغدا دانىشمەن كۇڭزىنىڭ « ئىش خۇشياقماس ، بىكار تەلەپ ، ھۇرۇن ئادەملەرنى ئەيۋەشكە كەلتۈرمەك بەكمۇ تەس ، بەكمۇ تەس » دېگەن سۆزى يادىمغا كېلىپ قالدى . بۇ سۆز مېنىڭ ئۆتۈۋاتقان دەرىسىمدە بار ئىدى . مەن بۇنى پەقەت رەسمىيەت يۈززىسىدىن ئۆتۈپ قويغۇنۇمدىن بەكمۇ ئۆكۈندۈم .

_ ئىش تۈگىدى ئاداش دېگەن سۆزدىن خىيالىم ئۈزۈلدى . ئالدىمدا سەمەت يۈزى قىزارغان ، چېككىسىدىن مۇنچاقتەك تەر ئاققان ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . بايامقى مەن كۆرگەن بوشلۇققا ئۆيدەك ئۇن خالتىسى چېدىرسىمان تىزىلغانىدى .

ئۇ ئىش كىيىمىنى ئالماشتۇرغىچە خوجايىن مىڭ يۈەن پۇلنى ساناپ سەمەتكە تۇتقۇزدى . ئارقىدىن ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي :

_ بۇ پۇلغا ئاغىنەڭنى مەن ئۈچۈن مېھمان قىلىپ قوي . ياخشى ئادەمدەك قىلىدۇ دەپ يۈز يۈەن پۇل تۇتقۇزۇپ قويدى . بۇ ئىشلاردىن ئۇنىڭ خوجايىن ئالدىدىمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . شۇ كۈنى مەن كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم . كۆز ئالدىمدىن سەمەتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھى ، نۇرانە چىرايى زادىلا نېرى كەتمىدى . ئۆزۈم بىلەن ئۇنى ئۇزاق سېلىشتۇردۇم . ئەتىسى شۇنچە روھلۇق قوپۇپتىمەن . مېنىڭ بۇ ھالىتىمدىن ئۆيدىكىلەرمۇ ھاڭ تاڭ قاپتۇ . تالادا بىر نېمەم قېلىپ قالغاندەك ئالدىراپ ناشتا قىلدىمدە دەرۋازا ئالدىغا چىقتىم . سەمەت غىڭشىپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان ناخشىسىنى توختۇتۇپ مەن بىلەن كۆرۈشتى . ئىككىمىز غىڭشىپ ناخشا ئېيىتقاچ ، مەنزىلىمىزگە قاراپ يول ئالدۇق .

ئاپتور : مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك ئاقىللار مەكتىپىدىن   ئادىلجان ھەسەن

تېلېفون :15022883346


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
tvnlirikisi + 100 ئېسىل يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئىتقادى غەيرىتى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39761
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 0
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 01:07:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل بالىكەن  ھازىرقى كىشلەردە كەم بولۋاتقان نەرسە ئاۋۇ بالىدا زاپاس ئىكەن

دىللار ئاللاھنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28507
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5724
تۆھپە نۇمۇرى: 818
توردا: 2367 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 01:18:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تىمۇ ئىكەن، ھەر ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئەلېف

ئاللا ئىمان ئاتا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29637
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2340
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 02:40:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما بەكلا ياخشى بوپتۇ ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ. [s:166]  [s:166]

ئاللا ھەممىزگە ئىمان ئاتا قىلسۇن

、ئۆزۈمگە غەيرەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38463
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 948
تۆھپە نۇمۇرى: 9
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2011-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 02:47:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ظادةم ظأزصنصث روهص كةيپصياتصنص تةثشةپ،دؤنيا هةقصقةتلصرصنص تونؤغاچ ياشاش كصرةك.ياخشص يصزصپسصز... [s:166]  [s:166]

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 854
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26424
تۆھپە نۇمۇرى: 963
توردا: 3022 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 02:49:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىرى بولىدىغانتى~~~~

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى. شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

سْـــــــــــــ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37967
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 02:58:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىمىكەن    [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر ھاياتتا كىرەكتۇر ۋىژدان ۋە غورور يىلنىپ يال ئۇرۇپ ئۆتمىگىن ھەرگىز دىيارىڭ شىنجاڭدۇر مىللىتىڭ ئۇيغۇر

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 03:52:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىر ھىكايە ئوقىۋالدىم  يا مەن  باللا . [s:127]  [s:127]  [s:127]

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

nima disam bola amdi??

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31413
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2283
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 07:38:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيدۇ راست  راست  راست  راست  راست   [s:166]

ھەربىر قەدەمنى ياخشى ئويلۇشۇپ ئال !بوممىسا مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ياشايسەن!!!

NUR YULTUZ YUSUF

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19144
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4096
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2011-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 11:13:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك بەك ئەھمىيەتلىك تىمۇ ئىكەن، [s:166]  [s:166]  [s:166]

مەن ئاللانىڭ قۇلى يۇسۇف مەن !!مەن ئاللانىڭ ياخشى كۆرگەن بەندىسى بولۇشنى تىلەيمەن.....!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40319
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2011-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 05:31:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمو داۋاملىق چۈشكۈن خىزمەت ئىشلەيمەن،ماڭا بىر ساۋاق بۇلدى.

مەخپى

ئۈمىد ئۆلۈمنى يې

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11002
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 22939
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 4683 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 05:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا، سالامەت تۇرۇپسىز! ئەسەرنى ئوقۇپ بولغۇچە ئاخىرىغا دېققەت قىلماپتىمەن. مۇڭغۇلكۈرە دېگەن خەتنى كۆرۈپ خۇش بولغان بولسام ئىسمىڭىزنى كۆرۈپ ككڭلۈم بۆلەكچە ئېچىلىپ كەتتى. قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن. نادىر مىكرو ھېكايىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن! ئەسەرلىرىڭىزنى گېزىت ژورناللاردىلا ئەمەس مۇنبەرلەردىمۇ ئۇچۇرتۇپ تۇرسام دەيمەن.

رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40062
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 273
تۆھپە نۇمۇرى: 7
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 10:52:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئىنىم بىزدە سىلىغان سىلىغاننىڭ قۇلى دەيدىغان ھېكمەت بار .مەدەت بەرگىنىڭىزگە لايىق ئىش قىلىشقا تىرىشىمەن

بۇگۇن ماڭمىساق ئ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4728
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9820
تۆھپە نۇمۇرى: 415
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 04:32:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىمۇ ئىكەن،  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئۆزۈڭنى بىل،ئۆز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8637
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5206
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 11:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن !!  [ [s:166
  ئادەم دىگەن زادى ئىچىدىن قاينىمسا بىكار !

ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش