ئاچچىقسۇ ئىچىشنىڭ پايدىسى كۆپ
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرگەندە،سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتالىق دەرجىسىنى تەڭشەپ،ئاشقازاننىڭ كېچىدە يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ؛تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆچەيتىپ،تېرىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلاتقىلى ھەمدە تېرىدىكى قارا داغلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ؛ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى بەدەندىكى ياغنى ئازايتىپلا قالماستىن بەلكى قەنىت،ئاقسىل قاتارلىقلارنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ،ئورۇقلىتىش رولىنى ئوينايدۇ؛ئاچچىقسۇنىڭ تەركىبىدە20نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە16خىل ئورگانىڭ كىسلاتا بار،ئۇ قەنىتنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ،خولىستىرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ،ئارتىرىيە قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ئۇخلاشتىن ئاۋال ئازراق ئاچچىقسۇ ئىچىشنىڭ پايدىسى كۆپ،ئەمما چوقۇم سۈپەتلىك ئاچچىقسۇ ئىچىش ھەم ئۇنى بەك كۆپ ئىچىۋالماسلىق كېرەك.ئادەتتە ئاچچىقسۇنى ھەر كۈنى ئاخشىمى15مىللىلىتىر ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
شوخلا(پەمىدۇر)نىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار
شوخلىدا مول ئالما كىسلاتاسى ۋە لىمون كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتالار بار بولۇپ،ئۇلار ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ،ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ،شۇنداقلا راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
شوخلىدا ھەر خىل ۋىتامىن،مىنىرال ماددا،قەنىت،ئورگانىك كىسلاتا،سېللوزا قاتارلىق ئادەمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىدا موھىم بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بار.ئۇنىڭ تەركىبىدىكى لىكوپېن ھازىرغىچە بايقالغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تەبىئى يىمەكلىك تەركىبى بولۇپ،ئۇنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،يۈرەك،قان تومۇرلارنىڭ ئىقتىدارىنى قوغداش رولى بار.شوخلا يۇقۇرى تېمپىراتۇرادا قىزدۇرۇلسا ھۈجەيرە پوستى يېرلىپ،لىكوپېننىڭ تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرىلىشىگە پايدىلىق.شوخلىنى خام يىگەندە ۋىتامىن س ،كالىي،ماگنىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلۇغىلى بولىدۇ.
تۇمانلىق سەھەردە يۈگۈرمەڭ
تۇمان___ئۇششاق سۇ تامچىلىردىن شەكىللەنگەن،ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا بېنزول،فىنول،ئاممونىي قاتارلىق سۇدا ئېرىيدىغان زەھەرلىك ماددىلار،چاڭ-توزان ۋە كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزىملار بولىدۇ.تۇمانلىق سەھەردە يۈگۈرگەندە ياكى قاتتىق ھەركەت قىلغاندا،زەھەرلىك مادىلار نەپەس يولى ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىش بىلەن كانايچە يۇتقۇنچاق بۇرۇن ياللۇغلىرنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇرۇن ياللۇغى بارلار تۇخۇمنى ئاز يىگىنى ياخشى
بۇرۇن ياللۇغى بارلار بولۇپمۇ زىيادە سىزىمچان خاراكتىرلىق بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئۆسمۈرلەر تۇخۇم ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرنى بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە يېسە كۇپايە قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا،بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار،بولۇپمۇ بۇرۇن سەزگۈرلىگىگە گىرىپتار بولغانلار قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك،قەۋزىيەت ناھايىتى ئاسانلا قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،بۇرۇننى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ.قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاتلىقياڭيۇ،ئالما،بانان،تەكيە كاۋىسى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېسە،ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
مەنبە:<<شىنجاڭ مائارىپى>>ژورنىلى2011.5سان