قەدىرلىكىم ،قەد
يېتىلىۋاتقان ئەزا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9-ماي تېلگراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى يېقىندا پاكىستان تەرەپكە توختىماستىن بىسىم ئىشلىتىپ، بىن.لادېننىڭ پاكىستانغا يوشۇرنىشىغا ياردەم قىلغان ئالاقىدار ئادەمنى ئېنىقلاپ چىقىشقا قىستىغان. ئوباما مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، پاكىستاندا بىن.لادېننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ئالاھىدە تەشكىلات بار. بىراق بىز بۇ تەشكىلاتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئىگەللىيەلمىدۇق. بىز بىن.لادېننى قوللايدىغان ۋە ئۇنى قوغدايدىغان تەشكىلاتنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى تېخى مۇقىملاشتۇرمىدۇق. بۇنىڭ ئۆزى دەل بىزنىڭ تەكشۈرمەكچى بولغانلىقىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، ئەڭ مۇھىمى بۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرىدىغان مۇھىم نۇقتىسى». ئوباما كولومبىيە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، بۇ قىتىمقى ھۇجۇمدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ بىن.لادېن ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان. بىراق باشقا ئۆچ ئېلىش خاراكتىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارلاشنى رەت قىلغان. 6-ماي، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بىن.لادېننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان بولۇپ، 7-ماي توردا بىن.لادېننىڭ ئۆلتۈرلۈشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۆز قىلغان ئاۋازلىق ماتىرىيالى تارقالغان. ماتىرىيالنىڭ مەزمۇنىدا، «بازا» تەشكىلاتى ئامېرىكىغا بولغان ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېيىلگەن ئىكەن. ئوبامانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمى توم. دىنىلون: «پاكىستان تەرەپ بىزنىڭ بىن.لادېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى سوراق قىلىشىمىزغا قوشۇلدى. بىز پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىن.لادېن بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بايقىمىدۇق»دېدى. ئامېرىكا بىن.لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى لادېننىڭ 3 ئايالى ۋە 8 بالىسىنى قولغا ئالدى.
مەنبە نۇر تورى http://www.nur.cn/html/news/21673.shtml
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ