يۇرت_ئوغلانى
تىرىشچان ئەزا
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى – ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈرلۈك سەنئەت شەكلى. ئۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلىگە ۋارسلىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئەرەپ، پارس خەتتاتلىق سەنئىتىىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈپ، مەتبەئە، قۇرۇلۇش، ئويمىچىلىق، كەشتىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ تۈردە ئىشلىتىلمەكتە. ئۇيغۇر خەتتاتلىقى – ئۇزۇن تارىخ ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە. ئوخشىمىغان تارىخىي مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز مىللىتى قوللانغان يېزىقلار بىلەن ئۆزگىچە خەتتاتلىق سەنئىتىنى يارىتىپ، نۇرغۇن ئاجايىپ چىرايلىق سەنئەت ئەسەرلىرىنى قالدۇردى. ئۇ تۈرلۈك مۆھۈر خەت، قول يازما، ئابىدە يېزىقلىرى ۋە دۇنخۇاڭ، تۇرپان، كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى بۇتخانا، مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىكى كىرىش سۆز ۋە ئاخىرقى سۆز ھەمدە مەسچىت، مازار (قەۋرە)، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدىكى بادرا، كاھىش، نەزىر-چىراق مېھرابلىرىدا گەۋدىلەندى.
ئورخۇن ۋادىسىدىن يېنسەي دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان ئابىدە، دۇنخۇاڭ، تۇرپاندىكى يازما ھەم تام رەسىملىرىدىكى بېغىشلىمىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار، ئەرەپ پارس يېزىقىدىكى خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئۆز مىللىتى، رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مول خەتتاتلىق ئۇسۇلىنى يارىتىپ، خەتتاتلىقتا نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى ياراتتى. بۇ ئەسەرلەر مەسچىتلەرنىڭ تاملىرىدا، ئۇيۇقلىرىدا، نەزىر-چىراق پەشتاقلىرىدا، قەبرە ۋە قەدىمىي قۇرۇلۇش تاملىرىدا ياكى قەدىمىي ئەسەر ۋە قول يازما شەكلىدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈتۈپخانا ۋە مۇزىيلاردا ساقلانماقتا. تارىختا ئۆتكەن خەتتاتلارنىڭ كۆپچىلىكى دىنىي تۈسىنى ئاساس قىلغان خەتتاتلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرقى زامان خەتتاتلىرى ئۆزگىچە قىياپەت بىلەن، ئەنئەنىۋى خەتتاتلىق سەنئىتىگە ۋارسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ياخشىلاپ ۋە يېڭىلاپ، ئۇنى ھەقىقى تۈردە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سەنئىتىگە ئايلاندۇردى.
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەتتاتلىق سەنئىتى ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا نۇرغۇن داڭلىق خەتتاتلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ خەتتاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇشى بىلەن ئون نەچچە خىل خەت نۇسخىسى شەكىللەندى. بۇ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەر قايسىسى ئۆزگىچە يېزىش ئۇسۇلى ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتچىلىقىدا ئاساسەن: تۈز خەت نۇسخىسى، سۇلۇس خەت نۇسخىسى، نەسخى خەت نۇسخىسى، ئەسلىيە خەت نۇسخىسى، رۇقىئى خەت نۇسخىسى، رەيھانىي خەت نۇسخىسى، ئىجازەت خەت نۇسخىسى، تەئىلىق خەت نۇسخىسى، كۈفى خەت نۇسخىسى، شەترەنجى خەت نۇسخىسى، دىۋانى خەت نۇسخىسى، جەللى خەت نۇسخىسى، تۆۋئەم خەت نۇسخىسى، تەسۋىرىي خەت نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئادەتتە كىشىلەر ئۇيغۇرچە خەتنى كۆپ ھاللاردا سىياھ قەلەم، ماي قەلەم ياكى قېرىنداش قەلەم بىلەن يازىدۇ. ھالبۇكى خەتتاتلىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، كۆپ ھاللاردا بامبۇك، قۇمۇش، قارىغاي نوكچىسىنى قەلەم قىلىدۇ. قەلەم ئۇچىنى قېيپاش ئۇچلاپ، كەڭلىكىنى 2 مىللىمېتىردىن 3 مىللىمېتىرغىچە قىلىدۇ، ئاندىن قەلەم ئۇچىنىڭ قېيپاشلىق گىرادۇسىنى 15 گرادۇستىن 35 گرادۇسقىچە، قەلەم ئۇچىنىڭ ئارىلىقىغا 1 مىللىمېتىردىن 1.5 مىللىمېتىرغىچە يوچۇق قالدۇرۇلىدۇ. ئەگەر چوڭراق خەت يېزىشقا توغرا كەلسە، قىسقا مويدا ياسالغان يالپاق چوتكا قەلەم ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەنبە :تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
پاش قىلىش
ياردەم مەزمۇنى
مەستانە ئـــەزا
تۇغۇلۇش ئۆلۈمگە
ئادەتتىكى ئەزا
تەستىقلانمىغان
ئتقادى بولمىغان
مەرت ئۆمۈرلۈك يې
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ