مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1054|ئىنكاس: 11

كونا ياغاچ كۆۋرۈك(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 10:01:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                      
                                                                       كونا ياغاچ كۆۋرۈك

                                                                        



                                                                             ھېكايە

                                                    

                                                                 ئاپتورى:قەيسەر ئابدۇرېھىم

                                            

                                                                              
                                                                            1.كۆڭۈل
  

  ھەر قىتىم ئۈرۈمچىدىن يۇرتۇمغا كەلگىنىمدە ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتىن نېرى كىتەلمەيتىم ،پات_ پات كىشىلەر ئۈتۈپ تۇرىدىغان كىچىك كۆۋرۈكنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان يەرلىرى بولسا ئوڭشاپ قوياتتىم .نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟كۆۋرۈك بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى باردۇر؟دەپ ئويلاپ قىلىشىڭلار مۇمكىن .بۇكىچىك كۆۋرۈك 14ياش ۋاقىتلىرىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى بۇلۇپمۇ  شۇ مىھرىبان ئالىيجاناپ ئاقكۆڭۈل ھەسەن بوۋاينى ئەسلەيتتىم .مانا ھەسەن بوۋاي تۈگەپ كەتكىنىگە ئىككى يېرىم يىل بولدى .شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مەن ۋەدادام ئىككىمىز شۇ كىچىكىنە  كۆۋرۈككەمىھرىمىزنى باغلاپ كەلدۇق .

  

  14ياش ئاق_قارىنى پەرىق ئىتەلەيدىغان خىلى  ئىش ئۇققىدەك بولغان ۋاقىتلىرىم ئىدى . ئىشىك ئالدىمىزدىكى بۇ ئېرىق ئۆزگەرتىلىپ ئېرىق دىسە ئېرىق ئەمەس ،ئۆستەڭ دىسە ئۆستەڭدىن كىچىك بۇلۇپ قالدى.«مەن يەنىلا ئېرىق دىيىشنى توغرا تاپتىم» ئېرىق خۇش ئويناقلاپ قىشمۇ ياز ئېقىپ مەھەلىنى ئىككىگە بۈلۈپ ئاقاتتى .چوڭلارغۇ ھىچ كۈچىمەي ئېرىقتىن ئاتلاپ ئۈتۈپ بىزنىڭ ئۆينىڭ يىنىدىكى كىچىك يولدا ماڭاتتى ،لىكىن كىچىكلەرگە تەستە.

  
بىر مەزگىلگىچە دادام ئۆينىڭ ئالدىغا كۆۋرۈك ياسىماي تاشلاپ قويدى .چۈنكى كىچىك بالىلار يولدا ئۆتكەچ قوللىرىغا ئىلىۋالغان تاشلار ياكى تاياقلار بىلەن قورو تاممنى جىجىلىغاچ ياكى ئۇرغاچ ماڭاتتى .يىڭى قۇپۇرلغان تام بولغاچقا دادام بۇنىڭدىن بىزار ئىدى .شۇڭىمۇ بىرمەزگىلگىچە شۇنداق ئۆتىۋەردى تاكى بىر قىش قوشنىمىزنىڭ قىزى رىزۋانگۈل ئېرىقتىن ئۆتىمەن دەپ مۇز يېرىلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچە شۇنداق بولدى.«بوپتىلا كۆۋرۈك سالغان ساۋاپ»دەپ دادام ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغا ئاددىغىنە ياغاچ كۆۋرۈكتىن بىرنى ياساپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن مەھەلىدىكىلەر ۋە باشقىلار مۇشۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتىدىغان ھەمدە «ھەجەپ ياخشى ئىش بوپتۇ . ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن»دەپ ئاپىرىن ئوقىغاچ ماڭىدىغان بولدى. لىكىن ئۇزۇن مۇددەت سۇغا چىلىشىپ تۇرغاچقىمۇ كۆۋرۈكنىڭ قاق ئوتتورسىدىكى بىرتال ياغاچ سۇنۇپ كىتىپتۇ . داداممۇ ئالدىراچ بولغاچقا  بىزبالىلارمۇ ئۇيۇن بىلەن بولغاچقىمىكىن ئۇنىڭ چىشى چۈشكەن بوۋايدەك بولۇپ قالغىنىغا سەپسالماپتىمىز .شۇنداق بولسىمۇ كۆۋرۈكتىن كىشىلەر ئۆتىۋىرەتتى .لىكىن ئۈتۈپ كىتىپ بىرىپ بىشىنى ئىگىپ ، قاپاقلىرىنى تۈرۈشۈپ كۆۋرۈك يېرىقىغا قاراپ قوياتتى .

  
  ئۆيىمىزدە مەندىن باشقا ئاپامغا ياردەملىشىدىغان قىز بالا بولمىغاچقا ، ئاپامنى جاپا چىكىپ قالمىسۇن دەپ ئۆينىڭ بەزى يىنىك ئېغىر ئىشلىرىنى قىلىپ بېرەتتىم .بەزىدە خوشنىلىرىمىز كىرىپ :
-نىمىدىگەن ۋاپادار ئوغۇل ھە قىز بالا بۇلۇپ قالسىمۇ بوپتىكەن بۇ _دەپ قوياتتى . بىر كۈنى ھويلىغا سۇ سىپىۋاتسام تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ چېقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . چىقىپ قارىسام ئەسلىدە خوشنىمىزنىڭ 4ياشلىق قىزى رىزۋانگۈل ئىكەن . ئۇ كۆۋرۈك ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاۋىتىپتۇ.

_ نېمە بولدى؟_دەپ سورىدىم مەن ئىشنى ئاقىرالماي .

_پۇ...پۇتۇم_دەپ يىغلاپ كەتتى ئۇ كۆۋرۈككە قىسىلىپ قالغان پۇتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ .

_مۇنداقلا كىرگۈزۈپ باققانتىم _دىدى ئۇيەنە...

_ھە ؟ ئۆزۈڭ كىرگۈزدىڭما ھۇ قاپاقۋاش ... دىدىم ئۇنى ئەيىپلەپ .

  
مەن ئۇنىڭ پۇتىنى چىقىرىپ قويدۇم . لىكىن تۆت ياشلىق بالا تۈز كۆۋرۈكتىن مىڭىشنى بىلىدۇ خالاس . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ باشقا نەرسىنى بىلمىسىمۇ ، پۇتىنىڭ ئاغرىقىنى بىلەتتى . كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى ، كىچىك بالىلارنىڭ پۇتى قىسىپ قالىدىغان ، چوڭ ئاپا ھەدەشلەرنىڭ ئايىغىنىڭ پاشنىسى قىسىلىپ قالىدىغان ئىشلار دائىم دىگۈدەك يۈز بىرىپ تۇرىدىغان«ھۇ ؛نەس كۆۋرۈك»دەپ تىللاپ ئۈتىدىغانلارمۇ پات -پات  كۆرىلىدىغان بۇلۇپ قالدى .«سىلەرنىڭ كۆۋرۈك بولغاندىكىن ئوڭشاپ قويساڭلار بولمامدۇ؟»دەيدىغانلارمۇ چىقتى .دادامنىڭ سەپرايى ئۆرلىگەچ«تۇرسۇن شۇنداق!»دەپ تاشلاپ قويدى.


بىر ياز كۈننىڭ پىرژغىزىم ئىسسىق چۈشلىكى ئىدى . دوسلىرىم بىلەن سۇ ئۈزۈپ سالقىنداپ ئويناۋاتاتتۇق .تۇيۇقسىز كۆۋرۈك ئۈستىدە كىيىملىرى كىر ۋە پورلاش ، قولىدا ئۈجمە ياغىچىدىن ياسالغان قوتۇر ھاسا كۈتۈرۋالغان ، يۈز كۆزىنى قورۇق باسقان ،كەكە ساقال جوغى خوددى چامغۇردەك قالغان بىر بوۋاي پەيدا بولۇپ قالدى . بوۋاينىڭ بىر قولىدا ھاسا يەنە بىر قولىدا تاياق دىسە تاياق ئەمەس ،شال دىسە شال ئەمەس بىر نەرسە تۇراتتى .بوۋاي شۇنىمۇ تىتىرەۋاتقان قوللىرى بىلەن ئاران قۇچاقلاپ تۇراتتى .ئۇيۇننىڭ قىززىقىدا ئانچە سەپ سالماپتىمەن ،بوۋاي كۆۋرۈك يىنىدا بىر ھازا ھەپلىشىپ كىتىپ قالدى .

  

  بوۋاي بۇ مەھەلىگە يىقىندىن بويان پەيدا بۇلۇپ قالغاچ مەنمۇ ئانچە تۇنۇپ كەتمەيتتىم .ئاتا -ئانامدىن سورىسام ،ئۇلارنىڭ دەپ بىرىشىچە بۇ ياشانغان بوۋاي باشقا جايدىن بۇيەرگە كۈچۈپ كەپتۇدەك ئىسمى ھەسەن بوۋاي ئىكەن . ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بۇ بىچارە بوۋاينىڭ نە بالىسى نە مومىسى يوق بۇ دۇنياغا خۇددى تىككەندەك ياشايدىكەنتۇق . بوۋاينىڭ ئىگە چاقىسى بولمىغاچقا ، ئازغىنە ياردەم پۇلى بىلەن ياشاپ كىلىۋىتىپتۇ .مەھەلىدىكىلەر ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن تۇرمۇش لازىمەتلىرى ،نان ،ئاش ، ئوتون قاتارلىقلارنى «بىزگە ئاتا يوللۇق »دەپ بوۋايغا ياردەم بىرىشتى.

  
  شۇنىڭدىن كىيىن مەن بوۋاينى كۆرسەم سالام بىرىپ ئەھۋال سورىشىدىغان ، ئىشلىرىنى ياردەملىشىدىغان بولدۇم .چۈنكى مىنىڭمۇ بوۋام بار ئەمەسمۇ . توۋا دەيمەن مەھەلىدىكى بالىلار بۇ بوۋايغا ھەجەپ ئامراق ئىدىكى بوۋاي يولدىن ئۈتىشى بىلەن كەينىگە كىرۋىلىپ _بوۋا  بوۋا...دەپ چىرقىرشاتتى«بۇ بوۋايغا بالىلار نىمانداق ئامراقتۇ؟»دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە . ئەسلىدە بۇ شۇخلار بوۋاينىڭ يانچۇقىدىكى گۈلە ،قاق ،كەمپۈت ، ئالمىلارنىڭ كويىدا شۇنداق قىلىدىكەن .بوۋاينىڭ نەۋرىلىرى بولمىغاچقا بالىلارغا ئۆز نەۋرىسىدەك كۈيىنىپ بىرىۋاتقاندەك.

  _ئىلىڭلار ، ئىلىڭلار _دەپ پۇرلاشقان يانچۇقىدىن تىتىرەۋاتقان قوللىرى بىلەن ئىلىپ ھەر بىرگە تارقىتىپ بىرەتتى .يەتمىسە

  _ئەتە ..ئەتە.._دەپ بالىلارنى گوللاپ ، خوددى كىچىك ۋاقتىمدا بوۋامنىڭ يانچۇقىغا ئىسىلىپ تەلمۈرۈپ تۇرغىنىمدا ، بوۋام مەڭزىمگە سۈيۈپ مىنى بەزلەپ قويغاندەك.

  بىر كۈنى سىرتقا بىرنەرسىگە چىقتىم .ھەيران قالدىم ،يەنە ھەسەن بوۋاي ئىكەن . ئۇ كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرۇپ ئاجىز پۇتلىرى بىلەن بىر نەرسىنى دەسسەۋىتىپتۇ .سىنجىلاپ قارىسام ھىلىقى يېرىققا بىر كىچىك تاختاي بىلەن شال قۇيۇغلۇق تۇرمامدۇ . بوۋاي بىر ئاز ھەپىلەشكەندىن كىيىن ئىڭىشىپ تۇرۇپ تاختاي بىلەن شالنى  قولىغا ئالدى.

  - ھە بىرە نەرسە مۆلچەرلاۋاتقان ئوخشايدۇ _دەپ ئويلىدىم مەن .

  بوۋاي تاختايغا بىر كۆۋرۈككە بىر قارىغاندىن كىيىن ئارقىسىغا بۇرۇلدى ۋە مىنىڭ بارلىقىمنى بايقاپ .

  - ئوغلۇم.._دەپ قولىدىكى تاختاي ۋە شالنى ماڭا ئۇزاتتى .

  -بۇ....؟دەپ سورىدىم ئەجەپلىنىپ .

  - ۋاي قىرىلىق شۇنچە تىرىشساممۇ بۇنى ئورونلاشتۇرالمىدىم.داداڭغا دە ئۇ كۈچلۈك بولغاندىكىن بۇنى ئورنىتىپ قويسۇن.

مەن بوۋاي بەرگەن تاختاي ۋە شالنى تۇتۇپ تۇرۇپ قالدىم ۋە ئۆزئۆزەمگە «بۇ بىزنىڭ كۆۋرۈك ئىدىغۇ؟»دەپ سورىدىم.

  -مەن بىر قىلىپ باقايچۇ -دىدىم بوۋايغا .

  -بوپتۇ قىلىپ باققىن -دىدى بوۋاي .

مەن تاختاي بىلەن شالنى ھەرقانچە قىلىپمۇ چىڭ تۇرغۇزالمىدىم .كونىلار دىگەندەك «بالا قىلغان ئىشى چالا»دىگەندەك بولدى.

  بوۋاي ماڭا  كۈلۈپ تۇرۇپ كىتىپ قالدى .

  

   سىرتتىن بىرپارچە تاختاي ۋەشالنى كۈتۈرۈپ كىرگىنىمنى كۆرۈپ دادام سورىدى.

-نىمە قىلىسەن ئۇنى؟

-ھەسەن بوۋاي بەردى؟

-ھەسەن بوۋاي؟-دادام ئەجەپلەندى .

-نىمىشقا ئەمدى ؟ بەرسە ئالدىڭمۇ ، ئۆيدە بۇنىڭدىن تولا نەرسە يوق.

-ئۇنىغۇ بىلەتتىم .ئۇ داداڭغا دەپ قوي كۆۋرۈككە ئورناتسۇن دەپ بىرىپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى.

-ھە..._دەپ تۇرۇپ قالدى .دادام بىردەم قولامدىكىنى ئىلىپ كۆرۈپ ۋە سىرتقا چىقىپ كەتتى .قايتىدىن كىرىپ :

-ئوڭشاشقا توغرا كەلسىمۇ بۇ نەرسە بولمىغىدەك بۇنى قايتۇرۋەتمەن ئۆزەم ئوڭشاي .

-قايتۇرمايلى ، بۇ بوۋاينىڭ كۆڭلى تۇرسا -دىدىم مەن.

-بوپتۇ ئەمسە .بۇ بۇۋاينىڭ بۇ كۆڭلىنى قايتۇرمايلى -دىدى دادام .

«شۇنداق ! ئاددى بوۋاينىڭ بۇ ئاددى بولمىغان ئالىيجاناپ كۆڭلىنى ، ئاددي كۆۋرۈك ئۈچۈن ، خەلىق ئۈچۈن قىلغان كۆڭلىنى قايتۇرىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.»دەپ ئويلىدىم مەن ئىچىمدە.


  دادام ئىككىمىز ئەتىسى ھويلىدىكى قاتتىق تاختايلارنى ئاچىقىپ شال بىلەن ئوراپ كىچىك كۆۋرۈكنى كەڭ، سەل ئىگىز قىلىپ كەڭ ياساپ قويدۇق. شۇنداق قىلىپ بۇ كۆۋرۈكتىن كىشىلەر خوشال ھالدا دادامغا رەخمەت ئېيتىشىپ ئۈتىدىغان بولدى ،ھەسەن بوۋايمۇ كۈندە كۈلكە يۈرگۈزۈپ ئۈتىدىغان بولدى .بۇ كۆۋرۈكمۇ قايتىدىن بۇزۇلمىدى.

                                                                        2.ھالقىش
      

      ياز كىرىشى بىلەن ئېرىق شىلدىرلاپ ئېقىپ ، بۇ مەھەلىنى يەنە ئاۋاتلاشتۇردى. ئۆيىمىز ئالدىدىكى كۆۋرۈكتىن كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ئاياق ئاۋازى شۇنداقلا كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى .
      
     شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەھەلىمىزگە يىڭى سىتولبىلارنى ئورنىتىشقا توك خىزمەتچىلىرى كىلىپ ،خوددى تۆۋرۈكتەك ،تۆۋرۈكتەك چوڭلوقتىكى ،كىرانمۇ ئىرغاڭشىپ ئاران كۈتۈردىغان ئىككى«ئېغىر ئەبلەغ»نى ئۆيىمىز ئالدىدىكى كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىگە قۇيۇپ ،خۇددى سوزۇلۇپ ياتقان چوڭ يىلاندەك ،كۆۋرۈكنى توسۇپ قويغان ئىدى.شۇنىڭدىن كىيىن مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى كىچىكلەر بولسۇن ئەمدى بۇ كۆۋرۈكتىن خۇددى بۆرىدىن ئۈركىگەن قوزىدەك ئۈركۈپ يىقىن كەلمەيدىغان بولدى.چۈنكى بۇ چوڭ ئىغىر ھەم كىلەڭسىز ئىككى «مەخلۇق»نى ئاتلاپ ئۈتۈشنى خالىمايتتى .بەلكىم ئۇلار ئىھتىياتسىزلىقتىن پۇتلىرىنى ئۇرۋىلىشتىن ياكى پۇتلىشىپ يىقىلىشتىن ئەنسىرسە كېرەك .
   _بۇياققا ئۆتمەس بولدۇڭمۇ_سورىدىم مەن دوستۇمنىڭ سىڭلىسى رىزۋانگۈلدىن.
   _ئاۋۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۈتەلمەيمەن !_دىدى ئۇ چوڭ چوڭ ئىككى سىتولبىنى كۆرۈپ .
   دوستۇم ئىككىمىز كۈلۈپ كەتتۇق . راست ،ئۇ ھەقىقەتەنمۇ راس گەپ قىلغان ئىدى . ئۆزى يولنى ئوڭشاپ ماڭالمايدىغان تۇرسا ،بۇ يوغان سىتولبىدىن قانداقمۇ ئۆتسۇن.
   _ئەمدى ئۆتمەكچى بولساڭ مىنى چاقىرغىن بولمىسا ئاكاڭ ئۆتكۈزۈپ قويسۇن بولامدۇ-دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
  _ماقۇل ئاكا ھى ھى ھى .
  _ھەي بۇنى بۇيەرگە قويغىچە  باشقا يەرگە قويسا بولماسمىدى ، يولنى تۇسۇپ،  بۇنىڭدىن كىچىكلەر باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئۈتسۈن دەيلى ئەگەردە بىز يوق ئۆزى تەۋەككۈل قىلسا قاڭشىرىنى يىرىۋىلىشى مۇمكىن _دىدىم دوستۇم ئەكرەمگە قاراپ.
  _شۇنداق ھەتتا ھەسەن بوۋايمۇ ئۆتەلمىگەن تۇرسا بۇيەردىن ئۇ قانداقسىگە ئۆتەلىسۇن؟_دىدى ماڭا قاراپ.
  
   خىيالغا پاتتىم ، چەكسىز خىياللىرىم  ئالدىمدىكى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىققا قۇشۇلۇپ كەتكەن ئىدى.كۆڭلۈم شۇ ھەسەن بوۋايدا ئىدى . ئۇنىڭ غۇرباسىز چىرايلىرى ، ئاران ھاسىغا تايىنىپ ماڭىدىغان پۇتلىرى كۆزئالدىمدىن كەتمىگەن ئىدى .
_لىكىن ئۇ ئاخىرى ئۆتتى _دىدى ئىرىق بىرخىل تېترىك ھەم پەخىرلىك ئاۋازدا .
_نىمە ؟_دىدىم مەن گاڭگىرغان ھالدا _بۇ نىمە دىگىنىڭ؟
_سىنىڭ داداڭ !.... _مەن تىخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم .
_ماڭا تەپسىلى دەپ بىرە _دىدىم مەن ئۇنىڭ باغرىغا قولۇمنى سوزۇپ ،يىنىدا زوڭزىپ ئولتۇرۇپ.
_ئۇ ئالدىنقى كۈنى بولغان ئىش _دەپ سۆزىنى باشلىدى ئۇ.
يەنە شۇ ھەسەن بوۋاي .قەددى مۈكچەيگەن يۈزلىرىنى يول_يول قوروقلار باسقان ، قولىدىكى ئاشۇ ھاسىدىن باشقا تايانچىسى يوق ھەسەن بوۋاي.تىترىگەن ھالدا كۆۋرۈك يىنىغا كەلدى . ئۇنىڭ ھەربىر قەدەم ئىلىشى شۇنچە تەس ئىدى.خۇددى پۈتكۈل ھاياتىنى كۈتۈرۈپ ماڭغاندەك كۈرۈنەتتى .سەن ئۇنى تۇنىيسەنغۇ؟
  _ھە  ھىلىقى ياشانغان بوۋايغۇ؟
  _شۇنداق ئاشۇ،  شۇكۈنى بىلدىمكى ئۇ بوۋاي ھەقىقەتەن بىچارە بۇلۇپ قاپتۇ.
  _قانداقسىگە دەيسەن؟_دەپ سورىدىم مەن يەنە .
  _ھەسەن بوۋاي كۆۋرۈك يىنىغا كىلىپ ئاجىز پۇتلىرىنى كۈتۈرۈپ باقتىيۇ لىكىن ئۆتەلمىدى.ئۇنىڭ تىتىرگەن پۇتلىرى شۇنچە ئاجىز كۆرىنەتتىكى ھەرنىمە بولسا ئۇنىڭغا بىر ھاسا ئاتا قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم.بولمىغان بولسا  بوۋاي قانداقسىگە تىك تۇرار بولغىيتى دەپ ئويلاپ قالدىم .بوۋاي كۆۋرۈك بىشىدا ئىككىلىنىپ ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالدى .ئىنىقكى ئارقىغا يىنىپ ئايلىنىپ مىڭىشقا ئۇنىڭ مادارى يەتمەيتى .سىتولبىدىن ئاتلاپ مىڭىش ئۇنىڭغا تىخىمۇ تەس ئىدى.
_ئوھ خۇدا ئۆزەڭ بار _دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم يېرىلىپ كەتتى بىلەمسەن _ھەي قىرىلىق _دىدى ئۇ يەنە .
_نىمە پۇتى كۆيگەن توخودەك تۇرىلا ھەسەنكا؟_دىدى ئۇياقتا تۇرغان ئەرلەر ھەسەنكىغا چاقچاق قىلىپ.
_شۇ ئۈتەلمەي _دىدى ھەسەن بوۋاي تىترەك ئاۋازدا . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا داداڭمۇ بار ئىدى .
_دادام ؟_ھەيران قالدىم مەن .
_شۇنداق ! داداڭ !_ ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجان بىلەن تىتىرەيتتى .
_داداڭنىڭ نىمە قىلغىنىنى بىلەمسەن ؟
_ھە؟_دىدىم مەن گاڭگىراپ .
مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئىشنى ئۇچىرتىپ باقمىغان . مۇشۇ مەھەلىدىن قىشمۇ ياز ئېقىپ تۇرىمەن .خاتاسى يوق ھەقىقەتەن شۇنداق . بۇ مىنىڭ ئۆمرۈمدە بۇنداق ئىشنى تۇنجى كۆرىشىم.
_زادى نىمە بولدى ، ئەجابە .....؟ مەن ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم .دادام چاقچاقچى لىكىن كۆڭلى تۈز «ھەسەن بوۋايغا بىرە نەرسە دىدىمۇ يە»ئىچىمدە شۇلارنى ئويلىدىم . لىكىن ئويلا ئويلا ھىچ تىگىگە يىتەلمىدىم .
_داداڭ!_ئېرىقنىڭ بۇ سۆزى خىيالىمنى بۆلدى . ئۇ ھاياجان ئىلىكەدە يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
_ھەسەن بوۋاينىڭ قولتىقىدىن كاپ قىلىپ كۈتۈرۈپ سىتولبىدىن ئاتلىتىپ ئۆتكۈزۈپ قويدى .
توۋا بۇ ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۆتۈرۈش  بولدى . ساقىلى مەيدىسىگە چۈشكەنلەرنىڭ ،ئايىغى ئەمدى چىققانلارنى ئالدىدىكى توساقلاردىن كۈتۈرۈپ ئۆتكۈزگىنى كۆپ كۆرگەن ئىدىم .تىخى ھازىرقىچە ساقىلى مەيدىسىگە چۈشكەنلەرنى بالىلارنىڭ ئۆتكۈزگىنى كۆرۈپ باقمىغان . داداڭنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى بۇ چەكلىمىنى ،بۇخىل ئاڭنى بۇزۇپ تاشلىدى بىلەمسەن؟!
  
شۇنداق كىچىك بالىلار كۈتۈرۈشكە موھتاج لىكىن نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ پۇت قولىدا جان بار . ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ بۇندىن كىيىن باشقىلارنىڭ كۆپ قىتىم كۈتىرىشكە ئېرىشەلەيدۇ. لىكىن ھەسەن بوۋايچۇ؟يا ئۆزى ئۈتەلمەيدۇ ،دادامدەكلا ئۇنى بىرە قىتىم كۈتۈرۈپ قويمىسا ، ئۈمۈرۋايەت كۈتۈرۈشكە ئېرىشەلمەيدۇ.ئالدىمدىكى چوڭ سىتوبىلنىڭ ئالدىدا ئامالسىز گاڭگىراپ تۇرۇپ قالىدۇ.
  بالىلار يىغلاپ قاقشىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ،ياكى ئەزەلدىن ئىڭىمىزغا سىڭگەچكىمۇ ، بالىلارنى كۈتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشنى ئۇنتىمايمىز .ناھايىتى تەبى ھالدا ئۇنى لىككىدە كۈتۈرمىز لىكىن قىرىپ چامغۇردەك قالغان ھەسەن بوۋاينى كۈتۈرۈشنى بىلمەيمىز . ئۇمۇ بىز كۈتىرەلمىگىدەك بەردام ئەمەس ، ھاسا تۇتقان قوللىرى شۇنچە ئورۇق ، ئوروقلۇقتىن تۇمورلىرى خۇددى چوڭ چوڭ توربىلار يەر ئۈستىدە كۈپۈپ تورغاندەك ،كۈپۈپ تۇرىدۇ.تىنى بولسا خوددى كۈزدىكى ياپراقتەك غال _غال تىتىرەيدۇ. ئۇنىڭ يىشىغا چۇشلۇق ئېغىرچىلىقى يوق .شۇڭا ئۇنىمۇ كۈتىرەشكە بولىدۇ ، ئۇنىڭدەك چوڭلارنى كۈتىرەشكە بولىدۇ ، چۈنكى ئۇلار ھەقىقى كۈتۈرۈشكە موھتاج!
    
     .................. 
      بۇنى مەن بارلىق ھالال ئەجىر بىلەن جان بىقىۋاتقان ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئاقكۆڭۈل ۋىجدانلىق  ۋاپادار ئاتىلارغا ۋە كۆپنى كۆرگەن بوۋىلارغا بىغىشلايمەن. 
               
     
                                                            مەنبە: ئۆز قەلىمېم
                                      
                                       ئەسىرىمنى قالايمىقان كۈچۈرمەڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە
  

مۇھەررىر : ھىجران

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 451
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 15467
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1203 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 11:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇكام يېشىڭىزنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ،ئەسىرىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقىنى  ،تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى ،ئىدىيسىنىڭ ساغلاملىقىنى  كۆرۈپ ،سىزدىن تۇلىمۇ سۆيۈندىم .ئاكىڭىز سىزدەك ئۇكىسىدىن پەخىرلىنىدۇ.تىرىشىڭ!

ئۆز ئەركىم بىلەن ياشايمەن مەغرۇر ! ئەي ئىپلاس يولۇمغا قۇرساڭمۇ تۇزاق!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12778
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2828 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 11:54:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئالدىرماي ئۇقاي .

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ھەر كىم ئۆز تەقد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3311
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11205
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2011-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 02:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىڭچە ياخشى

مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3429
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27286
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8352 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 04:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىز بەكلا ياخشى چىقىپتۇ...ياغاچ كۆچرۈكنى مەركەز قىلغان ھالدا نۇرغۇن ئىشلارنى ئىچىپ بىرىپسىز...ئىجادىيىتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن قەيسەر!

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-12 03:27:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەيرى__خوش  دوسلار  [s:53]  [s:53]  [s:53]

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

غەلبە ئۈچۈن چەكك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3227
يازما سانى: 2660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15690
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 10248 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 03:45:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە خېلى ياخشى چىقىپتۇ،كىچىك چاغلىرىمنى ئەسلەتتى [s:47]  [s:47]  [s:47]

مايكول سىكوفيوت

بةزىلةر ئاغىزىد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8927
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 804 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 04:51:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز ياخىشى چىقپتۇ ،داۋاملىق تىرشىڭ !

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14086
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2021 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 05:03:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:49]  [s:49]  [s:49]  [s:49]  [s:49]  [s:49]  [s:49]

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

كۆڭۈللەر ئاللاھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4314
يازما سانى: 1179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14310
تۆھپە نۇمۇرى: 503
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-20 08:07:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولۇپمۇ ئاخىردىكى ئويلاپ باقمىغان كۆتۇرۇش ئادەمنى بەك ھاياجانغا سالىدىكەن

غەم قىلما بەندەم غەمخانەڭ مەن دەپتىكەن ئاللا ،تەۋەككۈل دەرياسىغا سالغىن كىمە ،گاھ لەيلە گاھ چۆكە غەم يىمە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش