مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6841|ئىنكاس: 21

پىغانلىق تۈمەن (پوۋېسىت ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 19511
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 767 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 05:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پىغانلىق تۈمەن
(پوۋېسىت )



مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە


ئاپتوردىن سۆز:
مېنىڭ باش سۈرىتىمنى كۆرۈپ بەلىكىم بەزەنلەر بۇ بىر قىرى ئادەممىدۇ ؟ياكى ....نېمىشقا بۇ سۈرەتنى باش سۈرەت قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالغاندۇ؟باش سۈرەتتىكى بوۋاي ،مېنىڭ چوڭ دادامغا بەك ئوخشايدۇ يەنى ،ماڭا ھايات يولۇمنى كۆرسەتكەن ،قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگەتكەن ،قەدىردان كىشىمگە بەك ئوخشايدۇ .مەن مانا بۇ كىشىنىڭ ئاغزىدىن تۇنجى قىتىم ،غىنى باتۇر ،سىيىت نوچىلار،....يەنە تارىخىمىزدىكى ئىسمى مەڭگۈ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ئۆلمەس كىشىلىرىمىز توغرۇلۇق نۇرغۇن قىززىق پاراڭلارنى ئاڭلىغان ،شۇسەۋەبتىن مېنىڭ ئىڭىمدا تارىخىمىزغا بولغان قىزىقىش ئىشتىياق قوزغالغان ،سۆزلىمەكچى بولغان ھېكايىمىز 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەرنىڭ ماتىتەي ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدىكى بولغان ئازراق تارىخى ۋەقەلىكلەرنى چۆرىدەپ يىزىلغان .

   ئەسەردىكى باش پىرسۇناژمامۇت كالىچى ھەقىقەتەن تارىختا ياشاپ ئۆتكەن يەنى 1885-يىللىرى قەشقەرنىڭ قورغان يېزىسى چاھارباغ كەنتدە تۇغۇلغان جىگەرلىك ،ھەققانىيەتچى، ۋىجدانلىق بىر ئوبراز ئۇ 1960-يىللىرى قازا قىلغان. يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتۈلگەن بوۋام شۇ يىللاردا بولغان ئىشلارنى مامۇت كالىچىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ،ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ،مېنىڭ بىلىمىم، قەلەم قۇۋىتىمنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبلىك بۇ ئەسەردە نۇرغۇن نۇقسانلار بار، تورداشلارنىڭ سەمىمى تەكلىپ بىرىشىنى سورايمەن .


مۇقەددىمە


تاشۋاي تارىدا دولقۇنلىدىڭسەن ،
نۇزۇگۇم ياشىنىڭ ھازىدارىسەن .
ئاققنى سۇدىمە تارىخنىڭ قىنى ،
قان -ياش بىلەن يۇغۇرلدۇڭغۇسەن .


     قەلبىمدىكى شۇ كەچمىشلەر ،ئاتىلىرىم ئۆتكۈزگەن شۇكۈنلەرنى ئۇنتاي دېسەممۇ ،مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغان ئوخشايمەن .ئۇخاتىرىلەرماڭا سايىدەك ئەگىشىپ يۈرۈيدىغۇ تاڭ ،يىشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇكەچمىشلەر خىيال ئىكرانىمدا قايتىدىن پەيدا بولىدىغان ،بەزىدە ئەينەن چۈشۈمگە كېرىدىغان بولۇپ قالدى .
بۇ ماڭا ئەجەلنىڭ يىقىنلاپ كېلىۋاتقىنىدىن بىشارەت بولسا كېرەك .ئاتا-بوۋىلىرىم ئەجدادلىرىم ياشىغان ،شۇماكاننى ،شۇ زىمىننى ،شۇ ئىقىننى كۆرگۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدىم .

     شۇنداك كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،ئىغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەپ ،بۇ ئەزىز ماكانىمنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىلى ماڭدىم .مانا تۈمەن ،ئۆزپىتى تۇرۇپتۇ ،ئۇنىڭدىكى كۆكۈچ سۇلار غەمكىن ئىقىپ كېتىپ بىرىپتۇ .ۋوي ئاۋۇ يەردە تېخى بىر ياغاچ كۆۋرۈكمۇ تۇرىدىغۇ ؟قەدەملىرىمنى ئىتتىكلىتىپ كۆۋرۈك ئۈستىگە چىقتىم، دەريانىڭ شاۋقۇنلىرى قۇلىقىمغا ئاڭلاندى .دەريا قىرغىقىدىكى يۇلغۇن نوتىلىرى قان رەڭدە قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرۇپتۇ ،ئەنە يىراقتا ئېگىز يار ئۈستىدە بىر يالغۇز قەبرەخۇددى بۇشەھەرنىڭ يادنامىسى كوزىچى يار بىشى قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ .ۋاھ! ما بۇلاقلاردىن ئىتىلىپ چىقىۋاتقان سۇلارنىڭ تاتلىقلىقىچۇ؟يۈرىكىمدىن چىقىۋاتقان ئوتلۇق ھېسلاردەك ئوخچۇپ -ئوخچۇپ چىقىشىنى .

    مانا تۈمەن بويىدا ئولتۇرۇشقان،سەتىراچلارچۇ؟ئۇرۇندۇقلىرىدا ئولتۇرىۋىلىشىپ خىرىدار چاقىرىشماقتا ،سەتىراچ يىنىدا بىر بوۋاي مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ قاپاق ،نوگاي،قاپاق  ...قاتارلىق نەرسىلەرنى خۇددى ئاسارە -ئەتىقىلىرىمىزنى كۆرگەزمە قىلىۋاتقاندەك ئىسىپ قويۇپتۇ .

    مانا گۈزەر دوقمۇشىدا ،مەن ئاندا-مۇنداكېرىدىغان چايخانىدا تونۇشلىرىم پاراڭ سىلىشىپ ئولتۇرىدۇ .،ھەرقىتىم موخۇركام تۈگەپ كەتسە يوقلاپ ئۆتىدىغان ئاق ساقال بىر تونۇشۇم بوتكا ئالدىدىلا ماڭا سۇس كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىپ قويدى .

    قەدىمىم قويۇق قۇمۇشلار بىلەن قاپلانغان بىر يەرگە كېلىپ توختىدى .قومۇشلار ئارىسىدىكى بىر يوغان نوردىن قاپقارا يۈندە تۈمەنگە قاراپ قۇيۇلماقتا ئىدى .ئاھ! ساپلىقى بۇلغىنىۋاتقان تۈمەن ،گاللىرى بوغۇلىۋاتقان تۈمەن ،سەن پەرزەنتلىرىڭنى بىقىپ قاتارغا قوشۇپمۇ يەنە ئۇلارنىڭ مەينەت يۈندىلىرىنىمۇ ئۈن -تىنسىز جىسمىڭغا سىڭدۈرىۋاتىسەن .

     قومۇشلار ھەر تەرەپكەلەپەڭشىيتتى ،ھىلىقى بۇلغانغان سۇلار بولسا تۈمەن سۇلىرىغا قوشۇلۇپ يىراقلارغا ئىقىپ كەتتى ،شۇ سۇلار بىلەن تەڭ مېنىڭ خىيال كەچمىشلىرىممۇ شۇ يىراق ئۆتمۈشكە پەرۋاز قىلىپ كەتتى .

 

************************************************************


      تاڭ سەھەر ،ھېيىتگاھتىن چىققان مۇڭلۇق ئەزان ساداسى ،ئەرەب مەزىننىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئىيتىلىپ ،بۇ ئەزىز ماكاننى ئاستا-ئاستا ئۇيقۇدىن ئويغاتماقتا ئىدى .ئۇيقۇدىن ئويغانغان زىمىن بولسا ئاستا مىدىرلىماقتا ،بۈگۈن پەيشەنبە بازار كۈنى بولغاچقا ھەممەيلەن تىرىكچىلىك ھارۋىلىرىنى بالدۇرلا ھەيدەشكە تۇتۇنغانىدى .ھېيىتگاھتىن بىر مەنزىل يىراقلىقتىكى چاھارباغ مەھەلىسى بولسا قۇياش چىقا-چىقمايلا ۋاڭ -چۇڭغا تولغانىدى ،مەھەلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ،قەبرىستانلىقتىن يالغۇز بىر ئايالنىڭ زار -زاريىغىسى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىپ ئۆتۈپ كەتتى ،مەھەللىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان كۆل بولسا بەكلا قىزىپ كەتكەن بولۇپ ئويناق كۆزلۈك ،ئۆرۈم چاچلىق ،قاراقاشلىق قىزلار بالداقلىرىنى غىچىرلاتقىنىچە سۇ ئىلىشىپ كېتىپ باراتتى ،بىر نەچچە كالا ئۇسساپ قالغان چىغى كۆلگە بىشىنى ئەمدى تىقاي دىيىشىگە :

     _ئوش ،ئوشەۋە.ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ پۇشۇلداپ تۇرماي ،-دىدى بىر قىز بىلىنى ياچىۋەكتەك ئېگىپ سۇنى ئەمدى ئىچەي دېگەن كالىلارنى ھەيدەپ ،كالىمۇ خۇددى گەپ چۈشەنگەندەك يىراققىراق بىرىپ سۇغا تۇمشۇقىنى تەڭلىشىگە ،كۆل بويىغا توپا توزىتىپ يىتىپ كەلگەن بىر توپ قويلار كالىنى ئارىغا ئىلىۋىلىپ بىچارەكالىنى بىركۈن ئۇسسۇز قويماقچى بولغاندەك نىرىغا ئىتتىرۋەتتى ،يۇۋاش كالا بىرتەرەپكە ئۆتۈپ ھەمراھلىرىنىڭ سۇ ئىچىشىگە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ قالدى .

     كۆلنىڭ يېنىدىكى توپىلىق يولدا بولسا توپا-چاڭ توزىتىپ كالا ھارۋىلىرى چاقلىرىدىن قاتتىق ئاۋازلار چىقىرىپ تەستە كېتىپ باراتتى ،ھارۋىلاردا بولسا بورا-قومۇش ،توخۇ-كەپتەر ،دەمدۇ ،ھەتتا پۇتلىرى باغلانغان قويلاردىنمۇ بىر نەچچسى ياتاتتى ،بەزىدە ياياق كېتىپ بارغانلارمۇ ئۇچراپ تۇراتتى ،كۆلدىن بىرە يۈز مىتىر نىرىغا جايلاشقان بىر شادا دەرۋازا غارتتىدە ئېچىلىپ ھويلا ئىچىدىن قۇيرۇقلىرىنى ئاران كۆتىرىشىپ ئىككى قوي  يۈگرەپ چىقىشتى ،قويلارنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇز بەش ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان قاۋۇل ئۇستىخانلىق بىر كىشى چىقىپ كەلدى ،ئۇ شادا دەرۋازىنى ياپقاچ توۋلاپ قويدى .

    -ئانا ئەمسە مەن بازارغا كېرىپ كەتتىم ،خۇدايىمغا ئامانەت ،-

    دەپلا قويلارنىڭ كەينىدىن چاپتى ،نەچچە كۈنلەردىن بىرى يىتىپ دىقسىراپ كەتكەن قوچقارلار يۈگرەپ سەكرەپ دېگەندەك خىلىلا ئۇزاپ كەتكەنىدى ،-

    ئاران يىتىشىپتىكەنسەن ئىغىلدا بايقۇشلار ،-ھىلىقى كىشى ئۆزىگە شۇنداق سۆزلىگەچ قاپقارا شاپ بۇرۇتىنى سىيلاپ قويۇپ ئالدىراپقىنە قويلارغا يېتىشىۋالدى .

    قوچقارلار بىردەم سەكرىشىپ مېڭىپ ئەمدى ئىزىغا چۈشتىمۇ يولنىڭ چېتىگە چىقىپ ئۆستەڭ بويىدا ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنى چاينىغاچ كېتىپ بىرىشاتتى ئارقىسىدىكى قامەتلىك ،قويۇق قاراقاشلىق شاپ بۇرۇت كىشى بولسا يوغان كۆزلىرىنى ئۆستەڭ سۇلىرىغا تىكىپ نېمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ كېتىپ باراتتى .
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مامۇت ئاخۇن ،ئارقىسىدىكى ياغاچ ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ بىر كىشى كۆرۈشكىنى قول تەڭلەپ كېلىۋاتاتتى .

    -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تۇراخۇنكا شەھەرگىما ؟-دېدى مامۇت ئاخۇنمۇ قاتتىق قوللىرىنى ئۇزىتىپ .
  -شۇنداق ئۇكام شەھەرگە كېرىپ ئانچە-مۇنچە چاي تۇز پۇلى تېپىپ چىقاي دەپ مېڭىشىم.
  -قوي ئېلىپ ماڭغان ئوخشىمامسەن ،-

    مامۇت ئاخۇن يۈزلىرىنى قويۇق ساقال باسقان ،ئۇچلۇق بۇرۇن بۇ كىشى بىلەن خېلىدىن بېرى تونۇش ئىدى ،شۇڭا ئىچ سىرلىرىن ئېيتىپ مۇڭدىشىشاتتى .
  -جاھاندارچىلىقكەن ئاكا ،ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان قويتى بۇ ،خەج-خىراجەت قىلارمەن دەپ ئېلىپ ماڭدىم .
  -ھارۋىغا چىقىۋالامسەن ئۇكام .
-بولدى رەھمەت ئاكا ،مەن قويلار بىلەن بىللە ماڭاي .
-ماقۇل ئەمسە مەن كېرىپ دۇككىنىمنى ئاچقاچ تۇراي .
-ماقۇل ئاكا ماڭغاچ تۇر .
  مامۇت ئاخۇن ئۇزاپ كەتكەن ھارۋىنىڭ كەينىدىن بىر خىلدا مېڭىپ شەھەرگە كېرىپ كەتتى...

    

      كۈن نەيزە بويى تىكلەنگەندە مامۇت ئاخۇن شەھەرگە كېردى ،شەھەر بۈگۈن بەكلا قىززىغان گۈزەر دوقمۇشىدىكى مانتىخانىدىن ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى ،كىيىملىرىنى قاسماق بىسىپ كەتكەن مانتىپەز بولسا ھارماي مانتا ساناش بىلەن ئاۋارە ،سامسىپەزنىڭ يىنىدىمۇ ئادەم مىغىلدايتتى ،پولۇنىڭ مىزىلىك پۇراقلىرى ئادەمنى مەستخۇش قىلسا ،شورپا ئادەمنىڭ ئاغزىغا سىرىق سۇ يىغاتتى ،ئاپپاق ئۇزۇن تون كېيىۋالغان بوۋايلارمۇ ،شاپاق دوپپىلىرى تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن ياشلارمۇ غالتەكلەرنى بويلاپ ئولتۇرۋىلىشقانىدى ،يۈزىگە رومال يۆگىگەن بىر نەچچە ئايال رومال ئىچىدىن قوللىرىنى چىقىرىشىپ يىغى ئىقىپ تۇرغان مانتىلارنى پۈۋلەپ تۇرۇپ ئاۋايلاپ ئاغزىغا سېلىشاتتى ،توپا يولدا بولسا ئۇزۇن ياغاچ ھارۋىلار قاتناپ تۇراتتى ،بەزىدە بىرنەچچە ئات تاقىلدىغانچە ئۆتۈپ كېتەتتى .

     مامۇت ئاخۇنمۇ ،گۈزەر دوقمۇشىدىكى قوي بازىرىدا ،قويلىرىنى ھايال بولمايلا قاسساپ تونۇشلىرىغا سېتىۋەتتى ،قوينى سېتىپ قورسىقىنى ئازراق ئەستەرلەي دەپ مانتىپەزنىڭ ئالدىغا كەلدى ،ئوخشىغان مانتىلارنى يەپ بولۇپ يەنە ئوننى ناننىڭ ئارىسىغا ئالدى -دە ،بىلىگە يۆگەلگەن بەلباغقا يۆگەپ تۇراخۇننىڭ قىشىغا ماڭدى .
بۇ ۋاقىتتا تۇراخۇن ئىشلىرىنى ئاللىقاچان باشلاپ بولغان بولۇپ ئالدىراش چاچ-ساقال ئىلىۋاتاتتى ،مامۇت ئاخۇن تۇراخۇن قويۇپ قويغان ئورۇندۇقتا بىردەم ئولتۇرۇپ تۇراخۇننىڭ بىكار بولۇشىنى كۈتۈپ تۇردى .
ھايال ئۆتمەي تۇراخۇن ئالدىغا بىشىغا تەڭگىسىمان تەمرەتكىلەر چۈشۈپ كەتكەن ئىككى بالا كەلدى ،بالىلار رەڭگىنى بىلىگىلى بولمايدىغان ماتادىن كۆڭلەك كېيىۋالغان بولۇپ ئىشتانلىرىمۇ رەڭسىز ياماق چۈشكەندى ،پۇتلىرى بولسا ياياق، توڭرا بىسىپ كەتكەن ۋەيرانە ئىدى .
مامۇت ئاخۇننىڭ ئۇلارغائىچى ئاغرىدى بولغاي ،تۇراخۇنغا ئىلىپ كەلگەن مانتىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ:
- يەڭلەر باللىرىم قورسىقىڭلار ئاچتىما؟-دېدى .
مامۇت ئاخۇنمۇ كىچىكىدىن تارتىپ دادىسىدىن يىتىم قىلىپ كۆپ جەبرە -جاپا تارتىپ چوڭ بولغاچقا بۇنداق بالىلارنى كۆرسە بەك ئىچى ئاغرىيتتى .
-بالام ئاناڭ -داداڭ يوقما؟-دېدى مامۇتئاخۇن توڭرا بېسىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن مانتا يەۋاتقان بالىلارنىڭ چوڭراقىغا قاراپ .
  بالا سەل تارتىنغاندەك بولۇپ ئىغىز ئاچتى .
-دادام......يوق ...ئۆلۈپ كەتكەن ،ئانام....سادىر باينىڭ ئۆيىدە مالاي .
-مانداق دېگىن بالام ،يەڭلار تويمىساڭلار يەنە ئېلىپ بىرىمەن، يەڭلار .
  مامۇتئاخۇن يەنە تۇراخۇنغا قاراپ دېدى:
-تۇراخۇنىكا ساڭا كېيىن ئەكىلىپ بىرىمەن ،بۇ بالىلارنىڭ چېچىنى ئېلىپ قويساڭ پۇلىنى ئۆزۈم بىرىمەن ھە .
-ۋاي ئۇنداق گەپ قىلمىغىنە ئۇكام مەنمۇ بۇلارنىڭ چېچىنى ھازىر بىكار بولۇپلا ئېلىپ قوياي دېگەن ،قويلارنى ساتتىڭما؟
-ساتتىم ئاكا خېلى بەلەن ساتتىم دېگىنە تازا سەمرىپتىكەن .
-بەلەن بولۇپتۇ ئۇكام ،بۇيىل يۈسۈپجاننىڭ بېشىنى ئوڭشامىز .
-بالىمىغۇ چوڭ بولۇپ قالدى ئاكا ،بىز يۈسۈپتەك ۋاقىتلىرىمىزدا ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولۇپ بولغان ،خۇدايىم بۇيرىسا بۇيىل ئۆيلەيمەن ...
  مامۇت ئاخۇن شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىدا قوي بازىرى تەرەپتىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى ،مامۇت ئاخۇن تېز-تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ توپنى يىرىپ ئوتتۇرىغىلا كېردى .
توپتا چىقىر كۆز مايماق شەپكە بىرى بىلەن ،ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن بىرەيلەن نېمىنىدۇ تالىشىۋاتاتتى .
چىقىر كۆز ۋارقىرايتتى .
-تۇتە بۇ تىيزىنى بۈگۈن قويۇڭنى ئالغىنىم ئالغان دەيتتى -دە، ھەدەپ قوينىڭ بېشىدىن تارتاتتى .
ساقاللىق كىشى بولسا يالۋۇرغان قىياپەتتە سۆزلەيتتى .
-ئۇنداق قىلمىغىن ھاشىماخۇن ئۇكام يوغان بىر قۇچقارنى 20تىيزىغا ساتسام بولامدا ؟گەپ قىلىڭلار جامائەت .
توپتىن سادا چىقمىغاچ ھاشىم يەنە ھۆركىرىدى .
-تىيزىنى ياراتمىساڭ ساڭا زىندان بار ،كالتەك بار ئۇقتۇڭما؟ھازىرلا چىرىكلەرنى باشلاپ كېلىپ كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىمەن سېنىڭ .
ساقاللىق كىشى يىلىنغان قىياپەتتە يەنە سۆزلىدى .
-ئادەمنى مۇشۇنداق بۆزەك قىلامدۇ؟ئۇ ئەتراپىغا بىر قارىۋىتىپ ئەمدىلا كەلگەن مامۇت ئاخۇننى كۆرۈپ قالدى .
-مامۇت ئاخۇن سىلى بىر دەپ بىقىڭلار ؟مۇشۇ قوچقارنى يىگىرمە تىيزىغا ساتسام بولامدا؟سىلىمۇ بايام ئەللەك تىيزىغا ساتتىڭلاھە .
ئاچچىغىدىن يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان مامۇت ئاخۇن ئۆزىنى ئاران بېسىپ ئارىغا چۈشتى، قويۇپ بەرسە چىقىر كۆزنى ئۇرىۋەتكۈسى باردەك قىلاتتى . قوچقارمۇ راسنلا يوغان سەمرىگەن بولۇپ چېقىر كۆز دېگەن باھاغا ساتسا راستىنلا بەك ئەرزان بولۇپ قالاتتى . چېقىر كۆز مامۇ ئاخۇنغا قاراپ سۆزلىدى .
-مامۇت ئاخۇن سەن بۇ ئىشقا ئارلاشمىغىن ئاكا ،مەن بۇنى ئۆزۈم يىمەيمەن ۋىنتەي غوجامنىڭ بۇيرىقى بۇ سەن ئارلاشمىغىن ھە.
  مامۇت ئاخۇن چىقىر كۆز ھاشىمنى خىلى ئوبدان تونۇيتتى ،ھاشىم كىچىكىدىن تارتىپ بىكارتەلەپ چوڭ بولغان نەدە قىمار بولسا شۇيەردە ئۈنىدىغان لايغەزەل بىر نېمە ئىدى ،كېيىن ماۋىنتەيگە چېرىك بولۇپ خەلقنى قاقشىتىپ يۈرەتتى ،ۋىنتەينىڭ چىرىكى بولغانلار ئالاھىدە ئىمتىيازى بار بولۇپ ،ھەممە يەردە دېگىنى دېگەن قىلغىنى قىلغان ،ئىدى زورلۇق-زومبۇرلۇقنى ئايىماي قىلاتتى ،پوقرانى بۇلايتتى ،شۇڭا بۇئىشقا شەھەردىكى لۇكچەك -بۇلاڭچى ،ئوغرى قۇلاق كەستىلەرنىڭ ھەممىسى قىزىقىپ ماۋىنتەينىڭ چىرىكى بولۇپ كېتىشكەنىدى .بۇنداقلارغا ھەممەيلەننىڭ نەپرىتى يىغىپ تۇرسىمۇ بىرەرسى چىش يىرىپ بىر نېمە دىيەلمەيتتى . بۈگۈنمۇ ھاشىم چېقىر كۆز قوينى بۇلاپ گېلىغا ئۇرغۇسى بولغاچقا چوڭ گەپ قىلىپ گىدەيگەنىدى . مامۇت ئاخۇن بىرنەچچە قېتىم ھاشىمنىڭ ئەدىبىنى بەرگەچكە مامۇت ئاخۇندىن سەل تەپ تارتاتتى .
-مەن ئارىلاشماي ئەمسە ھاشىم ،بۇ قويغا ئەللىك تىيزا بەر قوي سېنىڭ .
چېقىر كۆزنىڭ كۆزلىرى چىقىپ كەتكىدەك بولۇپ سۆزلەپ كەتتى .
-يىگىرمە تىيزىدىن ئوشۇق پۇلۇم يوق ،بۇ دېگەن ۋىنتەينىڭ بۇيرىقى .
مامۇت ئاخۇنمۇ بوش كەلمىدى .
ئەتىگەن ساڭا ۋىنتەي غوجاڭ ئاداپتا ئۇماچ ئىتىپ بەرمەي ،يىگىرمە تىيزا دەپ يولغا ساپتىكەندە .
توپ ئىچىدىن پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
-ئەللىك تىيزىغا ئالساڭ قوي مانا ،بولمىسا مەن ئاتمىش تىيزىغا ئالدىم بوقوينى ،ئالە ماپۇلنى شۇنداق دەپ يانچۇقىدىن پۇل ئىلىپ قوي ئىگىسىگە تەڭلىدى .
ئۆزىنىڭ ھىيلىسىنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى كۆرگەن ھاشىم چېقىر كۆز قايناپلا كەتتى .
-خەپ مامۇت توختاپ تۇر ،بۈگۈن ئۆزۈڭنى زىنداندا كۆرسەتمىسەم ،نەچچە قىتىملىقى ئىشلىرىڭغا سەۋىر قىلسام مېنى ئۇنداق بۆزەك كۆرمە .مەن دېگەن بارغۇ ھاشىم چىرىكچى بولىمەن جىما ؟بۈگۈن ئانى ماناڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىمەن .
-ھەي چېقىر كۆز ،-ئۆزىنى باسالمىغان مامۇت ئاخۇنمۇ سۆزلەپ كەتتى،- قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا ،ھېلى بىكار مۇشتۇمنىڭ تەمىنى تېتىپ قالمىغىن ،كۆتىڭنى قىسىپ يوقىلە.
-خەپ توختاپتۇر مامۇت ،خەپ،-چېقىر كۆز پاخشى بولغان خورازدەك قۇيرىقىنى خادا قىلىپ كېتىپ قالدى .
قاراپ تۇرۇشقانلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشتى ،مامۇت ئاخۇن قوينى ساقاللىقا بىرىپ ،بىردەم چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ بىر ئىش ئىسىگە كەلدى -دە، ئورنىدىن تۇرۇپ خامبازىرى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى . ئۇ دوتەي يامۇلىدىن ئۆتۈپ خامبازىرى دوقمۇشىغا كەلگىچە ماتا-چەكمەن سەگەز دۇككانلىرىدىن ئۆتۈپ يولنىڭ دوقمۇشىدىكى بىر دۇككانغا كېرىپ كەلدى .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روزاخۇن .
دۇككان ئىچىدىن ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر كىشى قول تەڭلەپ چىقىپ كەلدى .
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام كېلىڭلار مامۇت ئاخۇن ،تىنىچلىقما؟
روزاخۇن شۇنداق دېگەچ ئورۇندۇقنى ئىلىپ كىلىپ مامۇت ئاخۇننى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى .پاتىھەدىن كېيىن ئۇلار قىززىق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى .
مامۇت ئاخۇن بىلەن روزاخۇن ئىككىيلەن بىر مەھەلىدە چوڭ بولغان بۇرادەرلەدىن ئىدى ،ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئوينىشاتتى ،مەيلى ھەزرەت سەيلىسىدە يوغان قازانلاردىن چاكىلدىتىشىپ تاماق ئېلىپ يىيىشسۇن ،مەيلى ئاۋاتلىقنىڭ شەھەرگە ئىلىپ ماڭغان تاۋۇزلىرىنى يېرىشسۇن ،ئىككەيلەن بىللە ئىدى.ھازىرقىدەك ياز كۈنلىرىدە مەھەللىدىكى ئۆستەڭگە قىپيالىڭاچ سۇغا چۈشىشەتتى ،لېكىن ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئۇزۇنغا بارمىدى ،چوڭ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھەر ئىككىيلەننىڭ دادىسى قازا قىلدى ،ئىككىيلەن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بولۇپ كېتىپ مۇڭداشقىدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالماس بولۇپ قالدى .
تازا نەۋقىران ۋاقىتلىرىدا ،مىراپنى ئۇرۇپ قويۇپ ئىككىسى بىرەر يىلغا يىقىن مارالبىشى مەكىتلەردە مۇساپىر بولۇپ يۈرىشتى ،مانا ھازىر ئۇلار قېنىق دەملەنگەن چاينى ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ كۈننىڭ كەچ بولۇپ قالغىنىنىمۇ تۇيماي قىلىشقانىدى .


*********************************************************************************


    قۇياش بارلىق نۇرىنى بۇ ئەزىز زىمىنغا چېچىۋاتامدىكىن تاڭ ،يەر-جاھان شۇنداق ئىسسىپ كېتىپ باراتتى ،يازنىڭ بۇنداق چىڭقى چۈشلىرىدە بولسا ،سايىراق يەردە سالقىنداش ئادەمگە ھوزۇر بىغىشلايتتى ،دەل-دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدىن چۈشكەن قۇياش نۇرى ،شىلدىرلاپ ئىقىۋاتقان ئۆستەڭ سۇلىرىغا قوشۇلۇپ ئاجايىب تۈس بىرەتتى ،ئۆستەڭ بويىدا دۆۋىلەنگەن قۇمدا بولسا بىرنەچچە بالا چېلىشىپ يۈرەتتى .
ئورما ئورۇشقا تېخى بىرەر ئاي بولغاچقا بۇلار بىكاچىلىقتىنمۇ يا ئىسسىقتىن بىردەم سالقىنداي دىدىمۇ،چۆرىدىشىپ تۇرىشىپ چىلىشقانلارغا مەدەت بىرىشەتتى . توپنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان ،قامەتلىك ،قۇشۇما قاشلىق ،17-18ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر بالا بىلەن ،ئاق سىرىق ،ئېگىز بوي ،تەتۈر ئۇستىخان بىربالا ھەدەپ بىر-بىرىگە چىرماق سىلىشاتتى ،يىنىدا تۇرۇشقان بالىلار ھاياجاندىن چۇرقىرىشىپ كېتەتتى.
-يۈسۈپ بوش كەلمە چىرماق سالە .
-داۋۇت سەنمۇ بوش كەلمەي باسا ھە.!
-ھەي...
-قارا يۈسۈپكە ھەجەب چىرماق سالدى ھە.
-داۋۇت يىقىلىدىغان بولدى.
بالىلار ئەنە شۇنداق دە -تالاش قىلاتتى ،توپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى بالىنىڭ بولسا ،پىشانىلىرىدە مۇنچاق-مۇنچاق تەرلەر تەپچىيتتى ،ئاپپاق تامباللىرى ھۆل بولۇپ ،شاپاق دوپپىلىرى قەيەرگىدۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى .
توساتتىن يۈسۈپ شۇنداق تەتۈر چىرماق سىلىۋىدى .داۋۇت ئوڭدىسىغىلا قۇمغا يىقىلدى .
داۋۇت يىقىلىشىغا بالىلار تېخىمۇ چۇرۇلداپ كەتتى ،يۈسۈپ بولسا يىقىلغان داۋۇتنىڭ ئۈستىگە چىقىپ بىسىپ تۇراتتى .
  -ھىساب ئەمەس قوپە يەنە بىر قىتىم چىلىشىمىز ،-دېدى ئاستىدا ياتقان داۋۇت .
-بولدى قىلە چىدىماس ،كېيىن يەنە بىر قىتىم چۈشىلى بۈگۈن بولدى .-يۈسۈپ شۇنداق دەپلا يېنىدىكى قۇمنىڭ د
ۆۋىسىگە چىقىپ ئولتۇردى ،باشقا بالىلارمۇ بىر-بىرلەپ يۈسۈپنىڭ يېنىغا كېلىشىپ ،ئۇيان-بۇياندىن پاراڭ سېلىشقا باشلىدى . تاز چىراي بىربالا سۆزلەيتتى .
-قاراڭلار بالىلار سازلىققا بىرىپ سۇغا چۈشۈپ كەلمەيلىكما؟
-مىڭىڭلار بارىلى .
يۈسۈپ بىلەن داۋۇتتىن بۆلەك بالىلارئون ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان كىچىك بالىلاردىن ئىدى . داۋۇت قوپۇپ :
  -ھەرقايسىڭدەك سىرىق تۈك سويمىلار بىلەنما؟ئۆتكەندە سۇغا چۈشكىنىمنى قاسىمكام كۆرۈپ قېلىپ ،بىز ھەرقايسىڭدەك ۋاقتىمىزدا ،تۈڭلۈك قاراپ ،سۈيدۈك مارايتتۇق ،سەرقايسىڭ يىلىنى چىققان ئىنەكتەك موزايلىرىڭنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈيدىكەنسەن دېمەسما ،شۇنىڭ بىلەن ھەرگىز كىچىك بالىلار بىلەن سۇغا چۈشكىنى بارمايمەن  .
-ئۇنداق بولسا مۇشۇ ئۆستەڭگىلا چۈشمەيلىما باللا ؟-دىدى يەنە تاز چىراي بالا .
بالىلار شۇنداق دېيىشىپ كېيىملىرىمنى سېلىشىپ سۇغا سەكرەشتى. قىپيالىڭاچ بالىلار بىربىرىنى سۇغا ئىتتىرىشەتتى ،چۈمدىرىشەتتى ،ھوپ ئەتتۇق دەپ لاي سۇنى بولىشىغا ئىچەتتى ،سۇدىن چىقىپ قورسىقىنى قۇمغا يىقىپ بەدىنىنى قۇرىتىشاتتى . يۈسۈپ بىلەن داۋۇت ئىككىيلەن بولسا ،قومدا ئولتۇرۇشۇپ بالىلارنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ بالىلىقنى ئەسلىشەتتى . بالىلىق نەقەدەر غەمسىز چاغلارھە!خۇددى ئاق قەغەزدەك غۇبارسىز شۇنچىۋالا پاك ،يېڭى تۇغۇلغان قوزىدەك قىيغىتىپ ئويناشلار ،تال چىۋىق قولغا چىقسا ئات ئىتىپ ،بىرىمىزگە تاش ئېتىپ ،ئازراق خىيال كېرىپ قالسا قىزلارغا قاش ئېتىپ دېگەندەك ئويۇن-كۈلكە چاقچاق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىكەن ،لېكىن قانداقلا قىلغان بىلەن شۇگۈزەل چاغلار پەقەت قايتىپ كەلمەسكەن ،ئادەم چوڭ بولغانسېرى ،تۈرلۈك-تۈمەن غەملەر بېسىپ ئۇ  كۈنلەرنى ئەسلەشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالماس بولۇپ قالىدىكەن ،يۈسۈپ بىلەن داۋۇت بالىلىقنى شۇنداق تاتلىق ئەسلەپ ئالتۇن ياشلىقىنى باشلاپ گۈزەل ھېسلار ئىلكىدە ئولتۇرۇشماقتا ئىدى .
توساتتىن ئىككى بالا سۇدىن چىقتى دە بىر قولىنى جاڭ قىلىپ يەنە بىر قولى بىلەن ئۇرغان قىياپەتتە .
-جاڭ.........جاڭ ...... ھۇش.........قۇش........ جاڭ ........جاڭ ....... ھۇش .......قۇش..... ھەي ھاياسىز بايقۇشلار تېزدىن ئۇچۇڭلار بولمىسا تىتەي غوجام ھەرقايسىڭنى دورا قىلىپ قاينىتىۋەتمىسۇن يەنە ،-دېدى . دورا ياسىسىمۇ ياسىغۇچىلىكىمىز بار جىما ،ئەركەك قۇچقاچلار بىز دەپ قىزىقچىلىقى قىلىپ قويدى داۋۇت .
باشقا بالىلار بولسا سۇدىن چىقىپ قۇمدا يالىڭاچ ئولتۇرىشاتتى .
بالىلارنىڭ داڭ ئۇرىشى تاسادىپى ئەمەس ئىدى .
بىر نەچچە يىل بۇرۇن قەشقەرنىڭ ھۆكۈمدارى ماتىتەي پۇقرالارغا <<قۇچقاچ ئالۋىنى >>چاچقانىدى .شەھەر يېزىلىرىمىزدىكى چوڭ -كىچىك ھەممەيلەن ئىشلارنى تاشلاپ قۇچقاچ قورۇپ قۇشقاچ تۇتۇش بىلەن بەنىت بولغانىدى .زالىم مافۇشىڭ ئەركەك قۇچقاچنىڭ مىڭىسىدە جىنسى قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدىغان دورا ياساش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شەھۋانىي ھايۋان نەپسىنى دەپ بۇ ئالۋاننى چاچقانىدى .شەھۋەتپەرەس تىتەي شۇچاغدىكى قۇچقاچ ئالۋىنىدا نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بى ئەجەل ئالەمدىن ئۆتكەنىدى ،شۇنداق كۈنلەرنى ئاۋام مۇنداق قوشاققا قىتىشقان .


سوخو يولى قومۇشلۇق ،
ئورغاق سېلىپ باققان يوق .
14يىللاپ شەھەر سورىغان ،
ما تىتەيدەك زالىم يوق .

زالىم تىتەي بۇيرىدى ،
بىزنى قۇچقاچ تۇتۇشقا .
قاناتلىقكەن قۇچقاچلار ،
ئاران تۇرار قېچىشقا .

قۇچقاچنى مىڭنى تۇتساق ،
ئاران چىقار ئونى ئەركەك .
بۇ ئالۋاننى بىزگە چاچقان ،
ماتىتەي دېگەن بەزگەك .
.....


    بالىلار شۇنداق خۇشال كۈلۈشۈپ يۈرۈشسە ،پەقەت يۈسۈپلا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆمۈپ كەتكەنىدى ،ئۇكۆزلىرىنى نەلەرگىدۇ تىكىپ جىم ئولتۇراتتى . داۋۇت بۇنى كۆرۈپ جىمىپ كەتكەن يۈسۈپكە قاراپ:
-يۈسۈپجان بەك جىمىپ كەتتىڭغۇ ،قارا ئاۋۇ يانغا زىلەيخارىڭ كېلىۋاتىدۇ .
  يۈسۈپ داۋۇتنىڭ گىپىنى راست دەپ قالغان چىغى كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدى .
داۋۇت يۈسۈپنىڭ ئەخمەق بولغانلىقىنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ،باشقا بالىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلۈپ كېتىشتى .
يۈسۈپ بولسا خجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتى ،ھەم شۇئان كۆز ئالدىغا يوغان كۆزلىرى قاپقارا قاشلىرى ئاستىدا يالتىراپ تۇرىدىغان ،يۇمىلاق يۈزىگە چىمدىپ قويغاندەك بۇرنى خويمۇ ياراشقان ،ئاغزىلىرىدىن ھەر بىر ئۈنچە ئىپاردەك چىچىلسا،كۆزلىرىدىن نۇرچاقناپ ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان ،چىمەن دوپپىسى ئاستىدا قۇندۇزدەك چاچلىرى بەللىرىدە سويلىنىپ تۇرىدىغان خۇش چىراي ،زىلۋا بوي ئېسىل تەبىئەتلىك ھۆرنىسا كەلدى .
-ھە ئاداش قىزىرىپ كەتتىڭغۇ ؟-دىدى داۋۇت كۈلۈمسېرەپ قاراپ زىلەيخارىڭ يوقمىكەن ،ئالدىرىمىساڭ ھېلىغىچە كېلىپ قالا.
-ئالدىرىما يۈسۈپ ئاكا ،زىلەيخاچام سەل تۇرۇپ كېلىدۇ ھە.ھى...ھى..ھى .
بالىلار شۇنداق چاقچاق قىلىپ تۇرغاندا يىراقتىن بىر بالا يۈسۈپجاننى توۋلاپ قالدى .
-ھەي يۈسۈپجان ......يۈسۈپجان..
يۈسۈپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگرەپ كەتتى .
ھىلىقى بالا ھاسىراپ تۇرۇپ گەپ قىلاتتى .
-قارا يۈسۈپكا ،ھاشىم چىرىك بىر مەپىدە نۇرغۇن چىرىك باشلاپ چىقىپتۇ داداڭنى تۇتقىدەك .
-ھە،دادامنىما؟
-ھە...ئە ،ھازىر سىلنىڭ ئىشىك ئالدىدا قالدى .
ھاشىم ھىلىقى كۈنى ئەدىبىنى يىگەندىن كېيىن دېگىنىنى قىلدى ،ئۇ مامۇت ئاخۇندىن پەشۋا يىگەن بىر نەچچە لۈكچەكنى باشلاپ يول بويى داۋراڭ سىلىپ چاھارباغ يوللىرىدا ھەدەپ توۋلايتتى .
-ئاڭلاش ھەي چاھارباغلىق بۈگۈن مامۇتنىڭ ئەدىبىنى ئوبدان بىرىپ قويىمەن پۇت-قولىنى يەرگە تەككۈزمەي زىندانغا سولايمەن.ئاڭلاپ قويۇش ھە؟.دەپ ۋارقىرايتتى .
يۈسۈپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ھاشىم يەنە ھەدەپ ۋارقىرايتتى .
-چىقە مامۇت بۈگۈن ئەدىبىڭنى بەرگىلى چىقتىم چىق دەيمەن قورقۇۋاتامسەن مامۇت .
يۈسۈپنىڭ شۇتاپتا ،چېقىركۆزنى يۈگرەپ بېرىپ گىېىدىن سىقىپ تاشلىۋەتكۈسى بار ئىدى، لېكىن ئۇ ئاچچىغىغا ھاي بىرىپ ئۆزىنى ئاران بىسىپ تۇراتتى .
كۆپ ئۆتمەي يوغان كۆزلىرى غەزەپكە تولغان مامۇت ئاخۇن چىقىپ كەلدى .
-ھە ھاشىم بەك كاركىرايسەنغۇ ؟نېمە گېپىڭ بارئىدى مانا چىقتىم .
ھاشىمنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى ،شۇنداقتىمۇ ئۇ يوغان سۆزلەيتتى:
-مامۇت ماڭا بەك گۈركىرىمە جىما ،مەن بۈگۈن ۋىنتەي غوجامنىڭ بۇيرىقى بىلەن سېنى تۇتقىلى چىقتىم، ماڭە ئالدىمىزد ا.
-ھە، نېمە دەيسەن ھاشىم .تۇتقىلى چىقتىڭما؟نېمە قىلغانغا تۇتىسەن .
-نېمە قىلغانغا دەيسەنغۇ ؟ۋىنتەي غۇجامنىڭ بۇيرىقىغا سەن ھەر ۋاقىت قارشى چىقىسەن ،بۇ قىتىم قۇلىقىڭنى ئوبدانراق يۇمشىتىپ قويمىساق داۋاملىق بويۇن تولغاپ يۈرۈيدىكەنسەن .
-قارا ھاشىم ،ئاندا قىلىشىپ كەتمەيلى ،ئەتە-ئۆگۈن سەن بىلەن ئوبدانراق كۆرۈشۈپ قالارمەنمىكى ،بۈگۈن كېرىپ كىتىۋە مەن كېيىن يىنىڭغا كېرىمەن ھە.
-ماڭ ئۇنداق گەپلىرىڭنى قوي ،ئالدىمدا ماڭ .
مامۇت ئاخۇننىڭ ئەمدى بۇ چېقىر كۆزگە گەپ قىلغۇسى ،يالۋۇرغۇسى كەلمىدى بولغاي .ئانامنىڭ يىنىغا كېرىپ خوشلىشىپ چىقاي دەپ كېرىپ كەتتى .چاچلىرى ئاقارغان ناتىۋان ئانا بالىنىڭ باشلىرىنى سىيلىدى .
-ئانا مەن كېرىپ چىقاي ،ھەق يولدا مۇشۇ خاۋارىچلار بىلەن ئاداققىچە تۇتىشىمەن ،ئۇلاغا يىلىنىپ يالۋۇرغۇم يوق ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا .
ئانا مۆلدۈردەك ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ باش لىڭشىتتى .
مامۇت ئاخۇن يەنە يۈسۈپكە قاراپ .
-ھەرقانچە كۈلپەتتە قالساڭمۇ ياش ئاققۇزما؟ئاناڭ بىلەن چوڭ ئاناڭغا ئوبدان قارىغىن ،سىڭلىڭنى يامان كۆزلەردىن ساقلا ئۇقتۇڭما؟
-خوش ئانا ،خوش سىلەرنى ئاللاغا تاپشۇردۇم .
شۇ گەپلەرنى قىلىپ چىرىكلەرنىڭ ئالدىدا يامۇلغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
   كۈنلەر ئۆز رىتىمىدا ئۆتمەكتە ،تۈمەن ۋادىسى پىغانلىق ئىڭراش ئىچىدە جان تالاشماقتا ،زالىم تىتەينىڭ ئەشەددى زۇلۇملىرى ،يەرلىك بەگ يالاقچىلارنىڭ ،تىتەيگە ياندىشىپ قىلىۋاتقان ئەسكىلىكلىرى بۇ ناتىۋان ئانىنى تېخىمۇ ماغدىرسىزلاندۇرۇپ ھالىدىن كەتكۈزمەكتە ئىدى .
    ئارىدىن بىرەر ئايلارمۇ ئۆتۈپمۇ كەتتى ،مامۇت ئاخۇننىڭ بولسا شۇ كۈنىلا خەۋىرى كەلگەنىدى ،چېقىر كۆز باشلاپ چىققان لۈكچەكلەرنى ماڭار-ماڭمايلا ئۇرۇپ يىقىتىۋىتىپ قىچىپ كەتكەن خەۋىرى قۇلاقتىن قۇلاققا يىتىپ كېتىشكەنىدى ،ئارىدا بىر نەچچە قېتىم چېقىر كۆز يۈسۈپلەرنى قورقۇتۇپ قويۇپ كېرىپ كەتتى ،ھاشىم چېقىر كۆز كۆڭلىدە يەنىلا خۇشال ئىدى مامۇت ئاخۇندەك ئۆزىگە مۇشىت ئاتالايدىغان بىرىنىڭ يوقالغىنىدىن مەمنۇن ئىدى ،شۇڭلاشقىمۇ بەك ئەرزىۋەيلەپ كەتمىدى .
يۈسۈپنىڭ كۈنلىرى بولسا ،دېھقانچىلىق قىلىش ،پادا بىقىش يەنە <<زىلەيخاسى>>نىڭ مەھەلىسىنى ئايلىنىپ كېلىش بىلەن ئۆتتى .


**********************************************************************************


     مامۇت ئاخۇننىڭ يۇرتتىن چىقىپ كەتكىنىگە مانا ئالتە ئايدىن ئاشتى ،بۇ ئالتە ئاي جەريانىدا مارالبىشى ،تۇمشۇقلاردا سەرگەندان بولۇپ يۈردى ،بەزىدە ئايىغى چىقماس توغراقلىقلاردا تۈنىسە،بەزىدە كۈنلەپ-كۈنلەپ ئاچ قالدى ،توغراقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇردى ،توغراق كىسىپ ئوتۇنچىلىق بىلەن كۈنىنى ئالدى ،بۇ ئايىغى چىقماس توغراقلىقلاردا جىق قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلىدى ،ھەرخىل ناھەقچىلىك سەۋەبىدىن يۇرتتىن قىچىپ چىققان ،ئۆزىگە ئوخشاش سەرگەندارلار بىلەن تونۇشتى ئۇلار بىلەن ئەسرالاشتى .
مانا مۇشۇنداق جەبىر-جاپالارنى تارتىپ ئايلىنىپ جاھان كىزىپ يېگىشەھەرگە كېلىپ قالدى .
تۇيۇقسىز سالاپەتلىك بىركىشى ئۇنىڭدىن سوراپ قالدى .
   -ئۆزلىرى بۇ يۇرتقا مۇساپىر ئوخشىماملا ؟
   تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالدىن ئازراق ھەيران بولغان مامۇت ئاخۇن باش لىڭشىتتى .
-ئۇنداقتا ئۇكام ،ماڭسىلا ئوبدانراق غىزالىنايلى ،ئاندىن پاراڭلىشارمىز .
   مامۇت ئاخۇن بۇسالاپەتلىك كىشىدىن ئارقىدىن ماڭدى ،ئۇلار شورپىخانىدا تەرلەپ شورپا ئىچكەچ مۇڭدىشىشتى ،پاراڭلادىن مەلۇم بولدىكى بۇ كىشى قىچىرچىلىق ،ئۆمەر باي دېگەن كىشى بولۇپ مال -چارۋىلىرى خىلىلا كۆپ ئىدى مامۇت ئاخۇنمۇ بىشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى بىر-بىرلەپ ئىيتىپ بەردى ،ئۆمەر باي مامۇت ئاخۇننى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قىلىشقا دەۋەت قىلدى ،سەرگەندارلىق ئازابلىرىنى تارتقان مامۇت ئاخۇن بۇيەردە تۇرۇپ ئۆمەرباينىڭ پادىلىرىنى باقىدىغان بولدى.
قېچىرچى ،يېڭى شەھەرنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان يۇرت بولۇپ ،بۇ يۇرتتا ئۇزۇندىن بۇيان خۇيزۇلار كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغاچقا يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئايرىلىپ ياشىغان بۇيۇرت شۇنداق دەپ ئاتىلاتتى .
قىچىرچى شۇدەۋردىكى قەشقەرنىڭ ھۆكۈمدارى ماتىتەي (مافۇشىڭ )سوخۇغا ياساتقان ساراي ئوردىسى بىلەن چىگىرلىناتتى ،مامۇت ئاخۇن ئەنەشۇ قېچىرچى جاڭگاللىرىدا قوي باقتى .
ئاپپاق شورلۇق جاڭگاللىق ،جاڭگال ئەتراپىدىكى جىگدە يۇلغۇن نوتىلىرى،تىكەن قومۇشلار ،بەزىدە سازلىقلارمۇ كۆرۈنۈپ قالاتتى ،مانا مامۇت ئاخۇننىڭ كۈنلىكى كۆرىدىغان مەنزىرىسى شۇ ئىدى .
ھەر كۈنلىكى سەھەردە قوي باققىلى چىقىپ كەتسە ،كەچتە ئاران دېگۈدەك قايتىپ كىلەتتى ،زىرىكىشلىك جاڭگالدا نۇرغۇن خىياللارنى قىلاتتى ،ئانا يۇرتىنى ئەسلەپ ناخشا توۋلايتتى ،مامۇت ئاخۇننىڭ بىر مەزگىل كۈنلىرى شۇ تەرىقىدە ئۆتتى .
    بىركۈنلىكى مامۇت ئاخۇننى غەم-غۇسسە تاغلىرى بېسىپ قويلىرى خېلىلا ئۇزاپ كەتكەنىدى ،مامۇت ئاخۇن قويلارنى ئارقىسىدىن قوغلاپ مېڭىپ يىراقتىن ناھايىتى ئېگىز بىر تامنى كۆرۈپ قالدى ،مامۇت ئاخۇن يىقىنراق كېلىپ بۇ تامغا قاراپ ھەيران قالدى .
ئۇ بۇنداق ئېگىز ،ھەشەمەتلىك سىپىلنى تۇنجى قىتىم كۆرىۋاتقان بولسا كېرەك ،ئۈن-تىنسىز بىردەم تۇرۇپ كەتتى.سىپىلغا قاراش بىلەن بولۇپ كېتىپ قويلارنى يوقىتىپ قويغان مامۇت ئاخۇن بىردەمدىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ قويلارنى ئىزدەپ كەتتى ،قويلار ،ھەشەمەتلىك ئوردىنىڭ نىرىراقىدا يىشىل جاڭگاللىقتا ئوتلاپ يۈرەتتى،نېرىراقتا ئوردىنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى ،دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ،شىرنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان بولۇپ دەرۋازا ئالدى سۈرلۈك تۈس بىرەتتى ،ئىككى چىرىك بۇتتەك قىتىپ دارۋازا ئالدىدا تۇراتتى ،مامۇت ئاخۇن بۇ بىھەيۋەت قۇرۇلۇشنى كۆرۈپ ئانا ماكانى قەشقەر يادىغا يىتىپ قىلىپ مۇنۇ قوشاقلارنى ئوقۇدى .


تۇرار جايىم قېچىچى ،
يىغلاپ ياتىمەن كېچىچى .
مېنى يۇرتتىن قوغلىغان ،
ھاشىم دېگەن چىرىكچى .

ئالتە ئاي ياتتۇق سوخودا ،
ئوتلار يىقىپ قومۇشتا .
ئانامنى كۆرەي دېسەم ،
ماڭالماي يول توسۇقتا .

سازلىقتىكى ئۆردەك غاز ،
ئوينايدىكەن غاق ئىتىپ .
يۈرەك-باغرىم ئىزىلدى ،
قەشقىرىمنى ياد ئىتىپ .

تۈمەن دەريا بويىدا ،
ئاڭلىنار راۋاب ئۈنى .
قېرىنداش ،يار-بۇرەدەرنىڭ ،
مېنى ئويلاپ ئۆتەر كۈنى .

   

    

   شۇنداق سېغىنىش غىرىپلىق ئىلكىدە كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان مامۇت ئاخۇن كۈندە دېگۈدەك ،ھېلىقى ھەيۋەتلىك ئوردىغا قارايدىغان بولۇپ قالدى ،بىر كۈنى ئۇ ئوردىنىڭ نىرىراقىدا ناخشا ئېيتىپ غىڭشىپ يۈرەتتى ،دەرۋازىدىن ئاق بۆكلۈك بىرى چىقىپ كەلدى مامۇت ئاخۇن ناخشىسىنى توختىتىپ قويلىرىنى يىراققا ھەيدەشكە باشلىدى ،قويلار كۆپ بولغاچقا ئالدىراپ ماڭالمايتتى ،ھېلىقى ئاق بۆكلۈك مامۇت ئاخۇنغا يىتىشىۋالدى ،
-ھاي توختا ،نېمانچە يۈگرەيسەن ھە؟.
مامۇت ئاخۇن توختاپ ئۇنىڭغا قارىدى .
ئۇ ئەللىك ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان خۇيزۇ بولۇپ كۆزلىرى قىسىلىپ كەتكەن ،يۈزلىرى خورازنىڭ تاجىسىدەك قىزىرىپ كەتكەنىدى .
ئۇ مامۇت ئاخۇننىڭ گەپ قىلماي قاراپ تۇرغىنى كۆرۈپ ئۆزى گەپ ئاچتى .
-بۇ قويلار سېنىڭما؟
-ھەئە مېنىڭ .
-قارىسام سەن ھەركۈنى مۇشۇ جاڭگاللىقا كېلىپ قوي باقىسەن ،بۇ ئوردىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن بىلمەمسەن ؟
-ياق بىلمەيدىكەنمەن ،مامۇت ئاخۇن يەنە چاتاق چىقىدىغان بولدى ئەنسىرەپ تۇراتتى .قىزىل يۈز يەنە گەپ ئاچتى .
-قارا ماۋۇ بارغۇ ،تىتەي غوجامنىڭ ئوردىسى ،تىتەي دېگەن كىم بىلەمسەن؟.
-ياق،مەن راستىنلا بىلمەيدىكەنمەن .
-تىتەي غوجام بارغۇ ،پۈتۈن قەشقەرنى باشقۇرىدۇ ،ئۇنىڭغا يىتىدىغان ئەمەلدار يوق .قاراۋۇل بالا سىنى كۈنلىكى مۇشۇيەردە قوي باقىدۇ دەپتى ،بىردەم مۇڭدىشاي دەپ چىقىشىم .
مامۇت ئاخۇن بۇ قىزىل يۈزنىڭ ئۇيغۇرچە راۋان سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ،ھەم بۇ ئوردىدا خىلى مۇھىم ئەمەلدار بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى .
قىزىل يۈزنىڭ قىسماق يۈزلىرى بولسا مامۇت ئاخۇن بىقىۋاتقان قويلارغا تىكىلىپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ غەرىزىنى چۈشەنگەن مامۇت ئاخۇن دەرھال مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ بۇ قىزىل يۈزنىڭ قولىدىن قۇتۇلاي دەپ ئويلىدى .
  -ھە غوجام ھەرقايسىلىرىغا ئاتاپ ،ئاز بولسىمۇ بىرە قوچقار سوياي دېگەنتىم ،نەچچە كۈندىن بىرى سىلى بىلەن كۆرۈشەلمەي....
-ھە مانداق دە ،...بىزنىڭ قاراۋۇللارنىڭ چىشلىرى گۆش سېغىنىپ كەتكىنى بىكار ئەمەسكەندە ،ئۇنداقتا سەندە پىچاق باردۇ؟
-بار غوجام بار.مامۇت ئاخۇن شۇنداق دەپلا ،يوغان بىر قوچقارنى توپتىن تارتىپ چىقتى -دە ،دەرۋازا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى .
مامۇت ئاخۇن دەرۋازىدىن كېرىپ ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ قالدى ،ھويلىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئۈچ قەۋەتلىك بىنا غادىيىپ تۇراتتى ،بىنا ئالدىداكۆكىرىپ تۇرغان ئۈجمىلەر تەكشى ئۆسۈپ يول ھاسىل قىلغانىدى ،ئالدىدىكى كۆلدىن خىلىلا يىراقلىقتىكى شىپاڭ ،ئۈژمە ،قارىياغاچلار ئالدىدا يالتىراپ تۇراتتى .بۇ تىتەينىڭ قەشقەرخەلقنى قاقشىتىپ يىغقان مال-دۇنياسىغا سالدۇرغان ھەشەمەتلىك ئوردىسى بولۇپ ئالدى ھويلا ،كەينى ھويلا دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن ،مامۇت ئاخۇن دەرۋازىدىن كېرىپلا ئوڭ تەرەپتىكى چىرىكلەر گازارمىسى تەرەپكە قوينى ئىلىپ كېرىپ كەتتى .
مانا ئاشۇنداق قىسمەتلەردىن كېيىن بىرنەچچە قوچقارنىڭ بىشى كىسىلىشى بەدىلىگە مامۇت ئاخۇن ھىلىقى قىزىل يۈزنىڭ <<دوستى>>بولۇپ قالدى ،قىزىل يۈز بولسا مۇشۇ ئوردىدىكى تىۋىپ بولۇپ ئەمچىلىك بىلەن شۇغۇلىناتتى ،بىركۈنى ئۈچىنجى قوينىڭ بىشىنى كىسەي دەپ ئوردىغا مېڭىشىغا ھېلىقى شىپاڭدا بىرىنى كۆرۈپ قالدى ،60ياشلاردىن ئاشقان ۋىجىك گەۋدىلىك بىرى قىزلارنىڭ يەلپۈشى بىلەن كۆلگە قاراپ ئولتۇراتتى .
ئەمچى بۇ گەۋدىنى كۆرسىتىپ .
-كۆردۈڭمۇ مامۇت ،ئۇبىزنىڭ تىتەي غوجام بولىدۇ دەپ كۆرسىتىپ قويدى .مامۇت ئاخۇن ئىچكى ھېسىياتىنى بۇ ئەمچىگە بىلدۈرمەي ئىچىدە ،تۈفى قان ئىچكۈچى زالىم دەپ تىللاۋاتاتتى .
مامۇت ئاخۇن قوينى بوغۇزلاپ تېرىلىرىنى ئەمدى ئاجرىتاي دەپ تۇرىشىغا ،ئۇ بۇياققا قاراپ كېلىۋاتاتتى ،
ئۇنىڭ ھىيلىگەرلىك شەھۋەت چاقنىغان كۆزلىرى شۇنچىلىك نۇرسىز كۆرىنەتتى ،شەھۋەتتىن ئاجىزلىغان بەدىنى لەگلەكتەك ئازراق شامال چىقسا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك تۇراتتى ،ئۇمۇ ئۆز ئەھۋالىنى بىلگەنمۇ تاڭ بىر نەچچىسى يۆلەپ كېلىۋاتاتتى .
ئاڭغىچە ئەمچى ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ بىرنەچچە ئىغىز كالدۇرلاشتى ،مامۇت ئاخۇن قوي سويغان بولۇپ ئۇگەۋدىگە قارىمىدى .
بىر ھازادىن كېيىن ئەمچى مامۇت ئاخۇننىڭ يېنىغا كېلىپ ،
-مامۇت سېنى تىتەي غوجام ماختاۋاتىدۇ ،قانداق ئىشى بولسا دېسۇن مەن مەن ھەل قىلىپ بىرىمەن دەيدۇ .
مامۇت ئاخۇن كۆزلىرىنى غەزەبكە تولدۇرۇپ بۇجانسىز گەۋدىگە قارىدى ،ئۇ ئاقارغان بۇرۇتلىرى ئارىسىدا خۇددى ئوغرى تۇلۇمچاشقاننىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالغانىدى .دېمىسىمۇ بۇ قان ئىچكۈچى مەخلۇقنى ئوغرى چاشقانغا ئوخشاتساقمۇ ھەرگىز كەملىك قىلمايتتى .
مامۇت ئاخۇن غەزەبنى ئىچىگە يۈتۈپ كاللىسىغا بىر ئوي كەلدى ،.
-مېنىڭ كىچىككىنە بىر ئىشىم بارئىدى شۇنى دېسەم بولارمۇ؟
-دەۋەرگىن مامۇت مەن ساڭا دېدمغۇ قەشقەرنىڭ تىتەي غوجامنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق .
-ماڭا بىر ئىككىلىك خەت يىزىپ بىرىپ ئۆز تامغۇسىنى بىسىپ بەرسە مېنى يۇرتتكى بايلار  بەك بوزەك قىلىۋاتىدۇ .
-بۇ ئىش ئاسانغۇ مامۇت ،تىتەي غوجامنى ئاۋارە قىلماي ئەتىلا كىلە ،ئۆزۈملە قىلىپ بىرەي ھە .
-ماۋۇ گۆشنى پارچىلاپ قازانغا سېلىۋىتە .
-ماقۇل ،غوجام ماقۇل ،مامۇت ئاخۇننىڭ قەلبىنى قىساس نەپرەتلىرى بولسىمۇ ،لېكىن يۇرتقا قايتالمايۋاتقانلىقى ئۇنى بەكرەك ئازابلايتتى ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆمەر باينىڭ بىر نەچچە قويىنىڭ بەدىلىگە ئىككىلىك خەتكە ئىرىشتى ،ئۆمەر بايدىن رازىلىق ئىلىپ ئالتە ئاي ياتقان سوخودىن خوشلاشتى .


**************************************************************************************


     يۈسۈپنىڭ <<زىلەيخاسى>>تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ھاپىز باينىڭ قىزى ئىدى ،بۇيىل 15ياشلارغا كېرگەن بۇقىز يۈزى تۆۋەن ،ئەخلاقلىق ،چىقىشقاق قىز بولۇپ چوڭ بولغانىدى ،ھاپىزاخۇن يۇرتتاخىلى يۈزى بار ئادەم بولغاچقا ھەممەيلەن ئۇنىڭ ھۆرمەت تۆۋپىسىنى قىلاتتى ،لېكىن ھۆرنىسا باينىڭ قىزى دەپ ئۆزىگە پەقەت تەمەننا قويمايتتى ،ئۆز تەڭتۈشلىرى بىلەن بىرىدە يىلىم كولاپ ،بىرىدە ئوسما قويۇشۇپ ناھايىتى ئىجىل ئۆتەتتى .
شۇڭا ھۆرنىسا يېڭى ئىچىلغان قىزىل گۈلدەك ،چىرايلىق ئىسمىغا ياراشقان ھۆر قىزلارنىڭ بىرى ئىدى.
بىركۈنى يۈسۈپجان ھۆرنىسالارنىڭ مەھەللىسىگە ئۆستەڭ چاپقىنى بىرىپ ھۆرنىسانى شۇيەردە تۇنجى قىتىم ئۇچراتتى . تەرلەپ-پىشىپ ئۆستەڭ چىپىۋاتقىنىدا ،ئالدىدىن جىرىڭلاپ ،بىر مەپە ئۆتۈپ كەتتى ،قارسىلدىتىپ ئات چاپتۇرىۋاتقان ھارۋىكەشنىڭ نىرىسىدىراق بىر قىز ئولتۇراتتى ،بىشىغا چىمەن دوپپا خۇددى گۈلگە بۇلبۇل قونغاندەك ياراشقان ،لەۋ-كۆزلىرىدىن خۇشپۇراق تارقىتىپ ،ئىككى تال ئۆرۈم چىچى ئالدىغا تاشلىنىپ تۇرغان ئۇقىز ئاتنىڭ چىپىشىغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتىۋاتاتتى . ئۆستەڭ چىپىۋاتقان يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ،ئۇنىڭغا كۆزمەي قاراشتى .
-قارىسىمۇ كۆزگە داۋا بولىدىكەن ھە...قارا ...
ھەممەيلەن بىر ئىغىزدىن تىللىرىنى چاكىلدىتىپ قويۇشتى . بۇرۇتىغا ئاق سانجىلغان بىرى تويماي قاراپ كېتىۋاتقانلارغا قاراپ :
-ھوي باللا ،ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىماي ئۆستەڭ چاپىلى دەيمەن ،-دەپ چاقچاق قىلىپ قويدى .
-قارا ئاكا ،ئۇ غاز ئەمەس ،كۆلدىكى بېلىققا ئوخشاش كۆزنىڭ يىغىنى يەيدىكەن ئەمەسما؟
  باللا يەنە گەپ باشلىدى .
-كىم قىز ئۇ سايىتاخۇنكا ؟
-كىم بولىتى ،مۇشۇ مەھەللدىكى ھاپىزۋاينىڭ قىزى ھۆرنىسا بولىدۇ ،بويۇڭ يەتمەي قالامىكى .
-يائاللا ،ھۆر دېگەنگە چۈشلۇق پەرىنىڭ ئۆزىكەنغۇ ؟بويىمىز يەتمىسىمۇ ...قاراپ كۆزىمىزنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرسەكقۇ بولا سايىتاخۇنكا ؟
-بولىدۇ ئۇكام بولمامدىغان ،بىزچۇ سىلەردەك چاغدا ....-سايىتاخۇنكام ياشلىقىنى ماختاپ تالاي سۆزلەرنى قىلىشقا باشلىدى . لېكىن يۈسۈپنىڭ قۇلىقىغا ئۇسۆزلەر پەقەت كىرمەيتتى ،ھىلىقى قىزنىڭ قارىسى يۈتكۈچە تويماي قاراپ قالدى .
-ۋوي بەك قاراپ كەتتىڭغۇ؟ئۇ ھۆرنى كەلتۈرەي دەمسەن .
تۇيۇقسىز يۈسۈپنىڭ يېنىدىكى بىسى سۆز قىستۇردى . يۈسۈپ ئۈندىمەي جىم بولۇپ چەكسىز خىياللارغا چۆمۈپ كەتتى .
شۇبىر قىتىم كۆرۈش بىلەن يۈسۈپنىڭ يۈرىكى بىرخىل بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالدى.شۇندىن كېيىن ئۆزىنى خۇددى باشقا ئادەمدەك ھېس قىلىدىغان ،ھۆرنىسانى غايىبانە سېغىنىدىغان ،بەزىدە قەستەن ھۆرنىسانىڭ مەھەللىسىگە بىرىپ مۇڭلۇق ناخشا توۋلاپ قايتىپ كېلىدىغان بولۇپ قالدى . تېخى بىر نەچچە قىتىم قەستەن قويىنى ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقىسىغا ئەكىلىپ باقتى ،لېكىن ھىلىقى بەرنا قارىسىنى ھېچ كۆرسەتمەي يۈسۈپنىڭ يۈرىكىنى پۇچىلاپ تۇراتتى .
     بىر كۈنى يۈسۈپ ئاخىرى ھىلىقى پەرىنى كۆردى ،مەھەللىدە بىر قىزنىڭ تويى بولغانىدى توي جەريانىدا ئالدىراش يۈرگەن يۈسۈپ كاككۇكتەك سايراۋاتقان ھۆرنىسانى كۆرۈپ قالدى ،قىزنىڭ پاكلىق چىقىپ تۇرىدىغان ئوماق چىرايلىرى ،سىمابتەك ئىنچىكە تارتىلغان قاشلىرى ئاستىدىكى نۇرلۇق كۆزلىرىنى،چۆچۈرىدەك چىمدىپ قويۇلغان بۇرۇنلىرى ئاستىدىكى نىپىز لەۋلىرى ،مەرۋايىتتەك چىشلىرى ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان زىل ئاۋازلار ئۇنى بىردەم ئەسىر قىلدى . قىز بىشىغا چىمەن دوپپا كېيىۋالغان بولۇپ ئاستىدىكى ئۆرۈلگەن ئۆرۈم-ئۆرۈم چېچى ئەتلەس كۆينەك ئاستىدا تولغىنىپ ياتاتتى ،قىزنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى ھەربىر ئىغىز سۆزلىرى بىلەن ،بىرىدە يۇمۇلۇپ ،بىرىدە ئىچىلىپ ،كىرپىكلىرى نەيزە كەبى يۈسۈپنىڭ يۈرىكىگە سانجىلاتتى ،ھۆرنىسا بۈگۈن توپ-توپ كىپىنەكلەر ئارىسىدىكى راڭدار كىپىنەككە ئايلانغانىدى .ئاھ!يۈسۈپ تۇيۇقسىز چۆچۈدى يۈرىكىگە خەنجەر سانجىلغاندەك ئىيتىشتى ،ئۇ شۇئانلا ئۆزىنى نىرىراقتا شىلدىرلاپ ئىقىۋاتقان ئۆستەڭ بويىغا ئاتتى .ئۆستەڭ سۇلىرى گۈپۈلدەپ تۇرغان يۈرەكلەردەك قىرغاقلاردىن ئوخچۇپ ئالغا سىلجىيتى.يۈسۈپنىڭ شېرىن خىياللىرى بولسا ئەشۇ سۇلار بىلەن تەڭ يىراقلارغا ئىقىپ كەتتى .
    مانا كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ قايناق ياز كەلدى ،ئالتۈندەك باش تۇتقان بۇغدايلار ،مېنىڭ ئورىۋىتىڭلار ،ئۆتۈنەي دېگەندەك باشلىرىنى ئېگىشىپ تۇراتتى ،لېكىن بۇ يىل مامۇت ئاخۇن يوقلىقى يۈسۈپنى چاندۇردى ،شۇنداقتىمۇ ئۇ چىشىنى چىشلەپ قوشنىلىرى بىلەن لاپقۇتلىشىپ يۈرۈپ دېگەندەك خاماننى ئىلىپ بولدى ،لېكىن ھاپىزباينىڭ 400-500مويەرلىرى بولغاچ ئالدىراپ ئورۇپ بولالمايتتى ،بۇنداق ۋاقىتلاردا ھاپىزباي كۈنلۈكچى سالاتتى ،بۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمىگەن يۈسۈپمۇ ھاپىز بايغا كۈنلۈكچى بولۇپ ئورما ئورۇشقا تۇتۇندى ،مەقسىتى ھىلىقى مەھبۇبىنى كۆرۈش ئىدى .
ئورمىچىلار ئىتتىك ئورغاقلىرنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئالتۇن باشاقلارنى ئارقىغا تاشلايتتى ،ئۇلار شۇنداق ئىشلەيتىكى ،ھارغانلىقى كۆزلىرىگە كۆرۈنمەيتتى ،كېچىلىرى تۇلۇنئاي بىلەن سىردىشىپ ،كۈندىزى ئىسسىق بىلەن تەگىشىپ بەرجەس تۇراتتى .
تۇلۇنئاي يورۇقىدا ئورما ئورىغاچ ناخشا توۋلايتتى .



ئورمىلىققا كەپ قالدۇق ،
بەلنى پوتىدا باغلاپ .
يارىمنىڭ دەردى يامان ،
يۈرەكنى ئوتىدا داغلاپ .

ئورغاق ئۇردۇم بۇغدايغا ،
ئۆتمەي قالدى گال ئىكەن .
ئاي يۈزۈڭگە ياراشقان ،
ئەشۇ قارا خال ئىكەن .


خامىنىمغا كەل دەيسەن ،
مەن كەلگەندە ئۆزۈڭ يوق .
ماڭا قاراپ تۇرىسەن،
بىر چىرايلىق سۆزۈڭ يوق .

بىلەكلىرىم تاش بولدى ،
پۇتلىرىم خامان .
كۆردۈڭمۇ ياراتقان رەببىم ،
بۇ قانداق زامان .

......


    ئورمىچىلار ئەنە شۇنداق ناخشىلارنى توۋلىشىپ يۈرۈپ ئورمىلارمۇ ئورىلىپ بولدى ،بۇغدايلارمۇ خامانلارغا دۆۋلەندى ،يۈسۈپمۇ ھارغىنىغا ،بەللىرىنىڭ تالغىنىغا قارىماي ئورما ئورىدى ،دادىسى كەتكەندىن بۇيان ئۇ ئۆزىنى چوڭ ئادەم بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى ،شۇڭا ئۇ ئىتىز ئىشلىرىدا پىشىپ بارلىق ئائىلە ئىشلىرېنى ئۆز زىممىسىگە ئىلىۋاتاتتى .
   ھاپىزباينىڭ خامىنى بولسا بىرنەچچە جايغا ئىتىلدى ،يۈسۈپمۇ جۈپ بوز ئىشەكنى قىتىپ خامان ھەيدىدى ،بىرنەچچە كۈن خامان ھەيدىگەندىن كېيىن باشاقلارمۇ يۇمشىدى،يۈسۈپمۇ مىس-مىس ئىشەكلەرنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلداپ خامان ھەيدەپ تۇراتتى ،تۇيۇقسىز يىراقتىن بىر قولىدا چەينەك بىر قولىدا داستخان كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ھۆرنىسانى كۆرۈپ قالدى ،ھۆرنىسا بۈگۈن بىشىغا ھال رەڭ ياغلىق چىگىۋالغان ،ئۇچىسىغا ھاۋارەڭ كۆينەك كېيگەن بولۇپ، ئاق سۈزۈك ئۆڭىگە ئالامەت ياراشقانىدى ،يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي مىڭىشلىرى ،قىزىرىپ كەتكەن يۈزلىرى ئۇنىڭ نەقەدەر يۈزى تۆۋەن قىز ئىكەنلىكىگە دەلىل بولۇپ تۇراتتى ،ھۆرنىسا كېلىپلا يۈسۈپنىڭ يىنىدىكى بىر خاماندا توختىدى ،ئىشەك ھەيدەۋاتقان بالىغا داستخان يايدى ،يۈسۈپ ھۆرنىساغا بىر نەزەر تاشلىۋىدى ،ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئاجايىب تۇيغۇلارنى ئويغاتتى ،
شۇ تۇيغۇلار ئىچىدە يۈسۈپجان لاي،لاي ،توۋلاپ كەتتى .


خاماندا بولار ئەنجۈ ،
ئەنجۈ قىلغان تاش ئىكەن .
يۈرەكنى زىدە قىلغان ،لاي ،لاي،لاي...
ئەشۇ قاراقاش ئىكەن .

سامىنىڭنى مەن ئاتسام ،
بۇغدىيى ئايرىلاي دېمەيدۇ .
كۆزى ئوتلۇق شۇ قىزچاق ،لاي،لاي،لاي...
ھالىم سوراي دېمەيدۇ .

ئارا قالدى خاماندا ،
بۇغداي توشتى كاتلارغا .
ھۆر خىنىمنى ياد ئىتىپ ،لاي،لاي ،لاي...
يۈرەك قالارمۇ ئارماندا .


  
     ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان ھۆرنىسا ناخشا ئىيتىۋاتقان يىگىتكە نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى ،تىكىلدىيۇ ،كۆزلىرىدە سۇس تەبەسسۇم جىلۋىلەندى ،يۈزدىدىكى قىزىللىقنى يوشۇراي دېدىمۇ تاڭ ،باشلىرى كۆكرەكلىرىگە ئىگىلدى . ئۇ چاغقىچە چاي ئىچىۋاتقان بالا يۈسۈپنى توۋلاپ قالدى ،يۈسۈپجان ئىشەكنى قىرغا قويىۋىتىپ ،چاي ئىچىشكە تۇتۇندى .
ھۆرنىسا بولسا ،كۆزلىرىنى يىراققا تىككىنىچە نىرىراقتىكى ئىرىق بويىدا ئولتۇراتتى ،يۈسۈپ چاينى قەيەرگە ئىچتى تاڭ ،چاي ئىچكىچە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇردى ،ھۆرنىسا بولسا قىر يىنىدىكى كوكاتلارغا سۇچاچقاچ چەكسىز خىيال ئالىمىگە غەرق بولۇپ ئولتۇراتتى .
يۈسۈپ يەنە ناخشىنى باشلىدى .

 

بۇغدايدىكى قىلتىرىق ،
كېرىپ كەتتى كۆزۈمگە .
شۇنچىۋالا قاراپ تۇرسام ،لاي،لاي ،لاي ،..
بىر قارىمايلا يۈزۈمگە .

دەريانىڭ ئۇقاتىدا ،
كۆرۈنگەن دەرەخ بىزنىڭ .
سىلنىڭ كۆيمىگەن بىلەن ھۆر خىنىم ،لاي،لاي،لاي ،
كۆيىدۇ يۈرەك بىزنىڭ .

 

      ھۆرنىسانىڭ خىيال كەپتەرلىرى ئۇچۇپ شۇيەرگە كەلگەندە ،كۆزلىرى يۈسۈپكە تىكىلدى ،يەر ئاستىدىن قاراپ قىيا بىقىپ ئوتلۇق قاراشلار ئىچىدە قىزنىڭ قەلبى ئاستا-ئاستا قىمىرلىدى ،ياشلىقتىكى شېرىن ھېسلار بىخلاندى ،ئۆزىمۇ چۈشىنىپ بولمايدىغان سېھىرلىك كۈچنىڭ تەسىرىدە كىيىكتەك يۈگرەپ ئۆيگە كېرىپ كەتتى .

     بالىلارنىڭ زورلىشى بىلەن يۈسۈپ ھەيدىگەندەك ،ھۆرنىسانىڭ باغنىڭ ئارقىسىدىكى ،ئەنجان تاملىققا كەلدى ،يۈسۈپنىڭ دوستلىرى ھۆرنىسانىڭ كۈندە دېگۈدەك مۇشۇ باغدا تاماششا قىلىدىغىنىنى بىلگەچكە ،بۈگۈن يۈسۈپنى ھەيدەپ ئەكىلىپ ،ھۆرنىسانى كۆرسەتمەكچى بولدى ،بالىلار تامغا يامىشىپ ،باغنى ماراشتى ،يۈسۈپمۇ كۈچىمەيلاتامغا يامىشىۋالدى ،ۋاھ! ھاپىزباينىڭ بىغى ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى يۈسۈپنىڭ ئالدىدىلا خۇشپۇراق چىچىپ تۇرغان بىيىلەر ۋالىلدايىتتى ،ئۇنىڭدىن يىراقتىراق بولسا ئامۇت،ئەنجۈرلەر مىۋىلىرىنى سۇنىشىپ تۇراتتى ،يىراقتىراق ئۈزۈم بارىڭى ،تېخىمۇ يىراقتا قىزىل گۈللەرنىڭ يىشىل ياپراقلىرى كۈلۈپ تۇراتتى .
يۈسۈپ گۈزەل باغدىن ھۆرنىسانى ئىزدەيتتى ،ئۇ باغدىمىدۇ؟ئۇ ئۆتكۈر كۆزلىرىنى ھەر تەرەپكە تىكىپ چىقتى ،ۋاي راستىنلا باركەن ،سۈڭگۈچتىن ئىقىپ كىرىۋاتقان سۈزۈك سۇ ،كىچىك ئىرىقنى بويلاپ ھۆرنىسانىڭ بىغىغا كېرىۋاتاتتى ،ئۇ بولسا يىراقتىراق دوستلىرى بىلەن كۈلۈشۈپ ئويناپ يۈرەتتى .
    بۇ باغنى جەننەت دەپ تەرىپلەش كېرەك بولسا ،باغدىكى قىزلار ھۆرلەرمىدۇ؟ھۆرنىسا ھەقىقەتەن پەرىدەك كۆرىنەتتى .ئۇلارقوزىلاردەك قىيغىتىپ يۈرۈپ ،يۈسۈپ بار تەرەپكە كېلىپ قىلىشتى ،يۈسۈپ دەرھال چۈشۈپ كەتمەكچى بولۇپ تەمشىلىۋىدى ،بالىلارنى بىرى يۈسۈپنى بىر ئىتتىرىپلا باغ ئىچىگە كېرگۈزىۋەتتى .
ھۆرنىسا ئويناق كۆزلىرىنى ئالدىغا تىكتى ،يۈسۈپ بولسا باشلىرىنى ئېگىپ ،قىلىدىغانغا گەپ تاپالماي ئىچىدە ئاغىنىلىرىنى نەچچىنى تىللاۋاتاتتى ،يۈسۈپنىڭ ئاغىنىلىرى بولسا ،باغنىڭ ئارقىسىدىكى سۈڭگۈچلەردە ،يۈسۈپكە قاراپ تۇرىشاتتى .
توساتتىن ھۆرنىسا ئىغىز ئىچىپ قالدى .
-ئۆزلىرىم كىم بولدىلا ؟
-مەن.....مەن ....تۆۋەنكى مەھەللىدى......كى يۈسۈپجان بولىمەن .
-ھە...مەن سىلنى ئۆتكەندە خاماندا كۆرگەن ،ھىلىقى ناخشا ئىيتقان بالا سىلىغۇ ؟
-ھە....ئە شۇنداق ،-يۈسۈپنىڭ يۈرەكلىرى تېز-تېز سوقۇپ بەدەنلىرى تىترەيتتى،راست بولسا كېرەك ،بىر-بىرنى ياخشى كۆرگەندە ،ئوغۇلنىڭ تىترىشى ،قىزنىڭ قىزىرىشى .
-بۇ باغقا قانداق بولۇپ كېرىپ قاللا يۈسۈپجان ،ھۆرنىسا كۆزلىرىنى ھەيرانلىق بىلەن يۈسۈپكە تىكتى .
-ھە..ھە سىلنىڭ باغنىڭ داڭقىنى جىق ئاڭلاپ كۆرگىلى كەلگەنتۇق ،ئا كەپسىزلەر ئادەمنى بىر ئىتتىرىپلا كىرگۈزۋەتتى شۇ .
-باغنى كۆرگىلى كەلگەن دېسىلە ،ھا..ھا..ھا.. ماڭسىلا ئەمسە بىللە كۆرىلى شۇنداقمۇ قىزلار ،بىللە ئايلىنىمىز ھە!؟
-شۇنداق ..-دىيىشتىكى يىنىدىكى ھەمراھلىرى .
-رەھمەت ...مەن قايتاي ھۆرنىسا خىنىم باغنىمۇ كۆردۈم،سىلنىمۇ كۆردۈم ...قايتاي ئەمدى ..
يۈسۈپ خىجىللىقتىنمۇ باغدىن ھىچ چىقالمايۋاتاتتى ،مۇشۇنداق چىقالمىسا ھۆرنىسا قولىدىن تارتىۋالدىغاندەك ،نەچچە ئىسىلىپ ،نەچچە سىيرىلىپ دېگەندەك ،ھۆرنىسا باغدىن ئاران تەستە چىقىۋالغان يۈسۈپنىڭ يىنىغا كەلدى دە يەڭگىل شىۋىرلىدى .
-باغنى كۆرگۈلىرى كەلسە ،يەنە كىلەلا ؟مۇشۇ باغدا سىلنى ساقلايمەن ...
   يۈسۈپ بىرخىل خوشلۇق ھېسلار ئىلكىدە يەرگە ئۆزىنى ئاتتى ،يايتاق دوستلىرى بولسا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى يۈسۈپنىڭ ئۇلارغا پەرۋايى پەلەك ،خوشلۇقتا تايچاقتەك سەكرەپ كېتىپ قالدى .
مانا شۇنداق خۇشاللىق خۇشلۇق ،شوخلۇق ،ياشلىق ھېسلىرى ئىچىدە يۈسۈپ بىلەن ھۆرنىسا مۇشۇ باغدا بىر نەچچە قىتىم ئۇچراشتى ،تويماي  بىر-بىرىگە بىقىشتى. ئاداققى ۋەدىلەرنى بىرىشتى ،مۇشۇ شېرىن مىنۇتلار ئىچىدىكى ھېسلارنى شائېر مۇنۇ بىيىتلار بىلەن ئىپادىلىگەنتى .



سەن بىرگۈل ،مەن بۇلبۇلى بولسام ،
خۇش ھېدىڭنى بىر پۇرىۋالسام .
دولقۇنلۇق دەرياسەن مەن تەشنائىمەن ،
ئۆزۈمنى قوينۇڭغا بىر ئېتىۋالسام .

قوندۇرۇپ سەن گۈلنى بارسام سەيلىگە ،
دۈشمەنلىرىم ئاھ ئۇرۇپ قالار ھەسرەتتە .
ئەقىدەڭنى بەر ،يۈرۈكۈمدۇر سېنىڭ ،
تەڭرىم يەتكۈزگەي بىزنى تىلەككە .


    ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھېكايە -چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەن ئاشىق-مەشۇقلاردەك خىيالى جەننەتتە ئۆز ھوزۇرىنى سۈرمەكتە ئىدى .
ئىككىيلەن ھېلىقى جەننەت باغ ئارقىدىكى ئېرىق بويىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى ،ھۆرنىسا كاككۇك بالىسىدەك ئىغىزلىرىنى ئىچىپ سايراپلا كەتتى .
-يۈسۈپجان مەن سىلنى خاماندا كۆرگەن شۇۋاقىتتا ناخشا ئوقۇغان ،ناخشىنى كىمگە ئوقۇغانتىلە؟-ئۇنىڭ كۆزلىرىدە خۇشاللىق جىلۋىسى پارلايتتى ،
يۈسۈپمۇ سۇس كۈلۈپ قويۇپ:
- سىلىگە ئوقۇغانتىم، سىلىدەك ھۆر قىزچاققا ئوقۇغانتىم دېسىلە .
-ھە ماڭما ؟يۈرىكىم كۆيۈپ كەتتى دەۋاتىتىلە ،ئازراق سەگىپ قالسۇن ھە،ھۆرنىسا شۇنداق دېگەنچە بىر چاڭگال سۇنى يۈسۈپكە چاچتى .
يۈسۈپ بولسا ئەندىكىپ سىلكىنىپ كەتتى ،
-يۈرەكلىرى سەگىدىما؟يۈسۈپجان ،-ھۆرنىسا شوخلۇق بىلەن قىچىپ كەتتى .
-توختىسىلا مەنمۇ سىلنى بىر سەگىتىپ قوياي،- يۈسۈپ شۇنداق دېگەنچە ھۆرنىسانى قوغلاپ كەتتى .
ئ     اھ! ئادەمنىڭ شاتلىق ئۆمۈرلىرى ،غەمسىز كۈلكىلىرى مەڭگۈ تۈگىمىسىكەن ھە!؟ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ شاتلىق كۈلكىلىرى مەڭگۈ ئاڭلىنىپ تۇرسىكەن ،بەزىلەرنىڭ بىشىدا بىر ئۆمۈر بەخىت قۇشى ئەگىپ يۈرسە ،بەزىلەرنىڭ بىشىدا كۈلپەت بۇلۇتلىرى ھەردەم ئەگىپ يۈرۈيدۇ ،ھاياتتىكى شاتلىق قۇياشتەك يورۇپ بىزگە ئۈمىد بىغىشلىغىنى بىلەن ،ئۇزۇن يورىمايدۇ .كۆپ ۋاقىتلاردا شامدەك نۇرچىچىپ ئاجىز كۆيۈپ تۈگەيدۇ ،ۋە يا كىرسىن چىراغدەك غىل-پاللا يورۇيدۇ ،ۋە يا مەڭگۈ زۇلمەت قاراڭغۇ ئىچىدە ئۆتۈپ مەڭگۈ يورۇقلۇق نىسىپ بولمايدۇ .


**************************************************************************************


   مامۇت ئاخۇننىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ مەھەللە -مەھەلىدىن دوست-بۇرادەر ،قىرىنداش ئۇرۇق-تۇققانلىرى يوقلاپ كەلدى ،ھەممەيلەن مامۇت ئاخۇننىڭ كەلگىنىدىن خۇشال ئىدى ،بولۇپمۇ يۈسۈپ بەك خۇشال ئىدى .
ئەلۋەتتە ،مامۇت ئاخۇننىڭ كۈشەندىلىرى بولغان ھىېىقى ھاشىم چىرىكلەرمۇ ئۇنى پايلاپ يۈرەتتى ،لېكىن تۇتۇشقا پىتىنالماي يەنە بىر ئىش چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى .
كۈنلەر يەنە ئۆز رىتىمىغا چۈشكەندەك قىلاتتى مامۇت ئاخۇن ھەركۈنى دېگۈدەك بازارغا مال ئەكىرىپ تۇراتتى ،يۈسۈپ بولسا دادىسىغا قاراشقاچ ،ئۆيىدە پادا بىقىش،دېگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىدى ،ئاندا-ساندائاشىق-مەشۇقلارنىڭ يوشۇرۇن كۆرۈشىشىمۇ بولۇپ تۇراتتى .
يۈسۈپ ھۆرنىسا بىلەن بولغان ئىشلىرىنى دادىسىغا ئىيتماقچى بولاتتىيۇ ،لېكىن ئىيتالماي تىپىرلاپ يۈرەتتى ،مامۇت ئاخۇنمۇ بۇ بىر يىل ئىچىدە يۈسۈپتە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولغىنىنى كۆرۈپ بۇ ئىشلارنى بىلمەسكە سېلىپ يۈرەتتى .
بىركۈنى مامۇت ئاخۇن مۇنداق ئىشقا يولۇقتى .
   مامۇت ئاخۇن بازاردىن ئالغان ماللىرىنى ئالدىغا سېلىپ ئاۋات يولى تەرەپكە ئۆتۈشىگە تۈمەن دەرياسىنىڭ يۇ شەكىللىك سۇ يىغىلىپ ئاقىدىغان بىر يەرلىرى بارئىدى ،قارىسا ئۇيەرگە بىرنەچچە ئورۇس سۇغا چۈشۇۋاتقۇدەك ،مامۇت ئاخۇن ئۇيەرگە يىقىنلاپ قارىدى ،ئۇلار خۇددى ئۆزىنى كۆلگە ئاتقان ئىشەكلەردەك يۈرىشەتتى ،تېخى سۇنىڭ ئۈستىگە بۇلدۇق-بۇلدۇق قىلىپ كۆپۈكچىلەر چىقىپ تۇراتتى .
-ۋۇ ناكەسلەر ئەمدى ھەرقايسىڭ قالمىغان شۇ ئىش قالدىما؟بىزنىڭ بىر ئوبدان تۈمەن سۈيىنى بولغاپ ۋۇ نۇمۇسسىزلار ،-مامۇت ئاخۇن شۇنداق دەپلا يۈگۈرەپ كىلىپ ئورۇسلارنىڭ كېيىمىنى سۇغا تاشلىۋەتتى .
ھەم تىللاپ ،قوغلاپلا چۈشتى،-سەن ئورۇسلارزە بىزگە كۈن بىرىشەمسەن بىرىشمەمسەن ،سەنلەرنىڭ دەستىدىن قەشقەر خەلقى كۈن ئالامدۇ زادى ۋۇ خاۋارىچ ئوغرىلار .
ئورۇسلار ئالدىراپ-سالدىراپ قىرغققا چىپىشىپ يايداق پىتى يۈرىشەتتى،ئۇلارغا قاراپ تۇرغان ئاۋام بولسا كۈلۈپ تىلىقىپ قىلىشتى .
-قارا ھاياسىز ئىشەكلەرگە .
-ئېيىقتەك دىڭگوسلاپ مىڭىشىنى ،ھا..ھا..ھا. ..
مامۇت ئاخۇن ئورۇسلارنىڭ كەينىدىن بىر نەچچىنى ۋارقىراپ قۇيوپ ،ماللىرىنى ھەيدىگەن پېتى كېتىپ قالدى .
-ھە مامۇت روس كونسۇلىنى نېمىشقا مازاققا قويدۇڭ .دېدى بۈگۈن سەھەردە ئۆيىگە ئىزدەپ چىققان ھاشىم چېقىر كۆز .
-ھاشىم قاراپ گەپ قىل جىما ،شۇنداق شېرىن تۈمەن سۈيىنى بولغاپ سۇغا چۈشسە ،ئۇمۇ ئاز كەلگەندەك سىيىپ چىچىپ يۈرسە ،قەشقەر خەلقى ئورۇسلارنىڭ پوق-سۈيدۈكىنى ئىچەمدا؟
-ئا ....سەن ئىچمىگەندىكىن يولۇڭغا ماڭماي ،ئىش تىپىپ ئادەمگە .
-مۇنداق دە ھاشىم ،سەن شۇلارنىڭ يالىقىنى يالاۋىرىپ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ كەتتىڭمۇ نېمە؟مەن ئىچمىگەن بىلەن مېنىڭ خەلقىم ئىچىدۇ ،قەۋمىم ئىچىدۇ ،قىرىنداشلىرىم ئىچىدۇ .سۈيىمىزنى بۇلغىغان ئۇ نائەھلىلەرگە ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ .
-بولدى قىلە ،قالغان گەپنى روس كونسۇلىغا ئۆزۈڭ ئىيىت ئۇلار سېنى بەك سوراپ كەتتى .
-كىرسەم كىردىم ،نېمەدىن قورقايتتىم ،روس كونسۇلنىڭ ئالدىغا بارساممۇ يەنە شۇگىپىم بار .ماڭە ھاشىم ھەيدىمىسەڭمۇ ئۆزۈم كېرىمەن .
ھاشىم بۈگۈن يەنە مامۇت ئاخۇننى تۇتقىلى چىققان بولسىمۇ ئوشۇق گەپ- سۆز قىلالماي مامۇت ئاخۇننىڭ ئالدىدا مىڭىشقا مەجبۇر بولدى .
    روس كونسۇلى جايلاشقان چىنىباغ مەھەللىسى ناھايىتى گۈزەل ئىدى ،ئورنى نىسپەتەن ئېگىز ئورۇنغا جايلاشقان بولغاچقا شەھەرنىڭ گۈزەللىكىدىن تولۇق بەھىر ئالغىلى بولاتتى .
    مامۇت ئاخۇن بۇ قورۇغا تېز-تېز قەدەملىرى بىلەن كېرىپ كەلدى ،ئۇنىڭدا ھىچ ئەيمىنىش قوقۇش كۆرۈنمەيتتى ،روس كونسۇلى كۆزىگە كۆزەينەك تاقاپ چاچلىرى ئاقارغان 55ياشلار چامىسىدىكى بىر روس ئىدى .
روس كونسۇلى توڭچىسىغا قاراپ گەپ باشلىدى ،قويۇق قاراقاشلىق تۇڭچىنىڭ قاشلىرى كۆزىنى دېگۈدەك يىپىپ تۇراتتى.
-كونسۇل جاناب دەيدۇ ،سېنى نېمىشقا روس كىشىلىرىنىڭ كېيىمىنى سۇغا تاشلىۋەتتىڭ دەيدۇ .
-مەنما ؟
-ھە  سەن .
-بۇ كونسۇلىغا دەپ قويۇڭ ئۇيغۇرلار مۇنۇ ئىككى نەرسىنى جېنىدىن ئۇلۇغ بىلىدۇ ،بىرسى سۇ ،سۇدېگەن ناھايىتى ئۇلۇغ نەرسە بۇ، روسلار بىزنىڭ شۇنچە شېرىن پاك سۈيىمىزگە چىچىپ سىيىپ يۈرسە بىز ئۇنىڭغا قاراپ تۇرساق بولىدىكەندە .
-ھە ،بايام ئىككى نەرسىنى جىنىمىزدىن ئەزىز بىلىمىز دېدېڭ يەنە بىرسىچۇ ؟
بىرسى ئۇ بىزنىڭ نەسەبىمىز ،بىزنىڭ غورۇرىمىزنىڭ سىموۋولى بولغان ،ئانىلىرىمىز،ئاياللىرىمىز، قىزلىرىمىز ،بۇلارغا چىقىلغانلىق بىزنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن باراۋەر ،كىمكى بۇ ئىككى نەرسىگە چىقىلسا بىز ئۆلسەكمۇ پەرۋايىمىز پەلەك .
روس كونسۇلى باش مالتىقىنى چىقىرىپ ماختاپ كەتتى.
-سېنى روس كونسۇلى ماختاۋاتىدۇ ،ھەم ئىسمىڭنى سوراۋاتىدۇ ،-دېدى تۇڭچى .
-مېنىڭ ئىسمىم مامۇت، تونۇشلىرىم مامۇت كالىچى دەپ چاقىرىدۇ .
-مامۇت نوچى دېسەك بولغىدەك سېنى ،ساڭا بىر ئات سوۋغا قىلاي ھە !
-ياق مەن يەنىلا مۇشۇ پۇتۇم بىلەن ياياق ماڭاي .
-بۇ مېنىڭ سەندەك نوچىغا تۇتقان سوۋغىتىم سىرتتا قالدى ،كۈمۈش توقۇملۇق ئاتتىن بىرى .
    شۇنىڭ بىلەن گەپ تۈگىدى ،لېكىن بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن ئامەت قانچىلىك قولدا تۇرا،شەھەر كوچىلىرىدا كۈمۈش توقۇملۇق ئاتنى يورغىلىتىپ مېڭىپ ھەرتەرەپكە مەغرۇر قارايتتى .بۇ ئىشلار خۇددى چۈشىدەكلا بىلىنەتتى ،ئۇ ئاتنى مىنىپ مەھەللىگە چىقىشى بىلەن يۇرتداشلىرى ئۇنى ئورىۋىلىپ تىللىرىنى چاكىلدىتىشاتتى ،ئاتنى كۆرۈپ ماختىشاتتى .....
    تەبىئەت ئىنسانغا باقمايدۇ ،ۋاقىت بولسا ئۆمۈرنىڭ قاتىلى، يىللار رەھىمسىز ،ئىسسىق يازنىڭ كەينىدىن ھامان جۇتلۇق قىش كىلىدۇ يىللار بەزىلەرگە شان-شۆھرەت ئاتا قىلسا ،بەزىلەرگە مۇدھىش زىندان ئاتا قىلىدۇ ،مال-دۇنيا خۇددى پاھىشە ئاياللردەك بىركۈنى بىرىنىڭ قوينىدا تۇرسا ئەتىسى يەنە بىرنىڭ قوينىدا ياتىدۇ ،لېكىن بىزدە قالىدىغىنى ئازاب ،ۋەھەسرەت ،بەلكىم ئازراق خۇشاللىق شاتلىق ،شۇ يىللار بىزگە قورۇق ئاتا قىلسا ،كۈمۈچتەك چاچلارنى بىزگە سوۋغات سۈپىتىدە تۇتىدۇ .
مۇنداقچە ئىيتقاندا <<بىر ئەزىز بىر خار بولماق >>ئىنساننىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولسا كېرەك .
شۇنداق تەتۈر قىسمەت ،قارا بورانلار كېلىپ بىر ئاخشامدىلا ھاپىزباي دوتەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى ،ھاپىز  باينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىمۇ شۇ يەرلىك يالاقچى بەگلەرنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسى بارئىدى ،ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مال-دۇنياسىنى قولغا كېرگۈزۈشنى ئويلىسا ،يەنە بىر تەرەپتىن شەھۋەتخور ماۋتىنتەيگە ھۆرنىسانى سوۋغا سۈپىتىدە تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزلىرى بىر تال سۆڭەككە ئىرىشىپ ئۇنى غاجىماقچى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى .
بۇ زۇلۇم-سىتەملەر ھۆرنىسا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى سەرگەندارلىققا ،خارۇ-زارلىققا مۇپتىلا قىلدى ،بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ خەۋەر پۈتۈن مەھەللىگە تاراپ ،كىچىكلەرنىڭ چىشلىرى غۇچىرلىسا ،چوڭلارنىڭ مۇشتۇملىرى تۈگۈلدى ،ئانىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈنچىلەر تۆكۈلدى .
    مۇشۇنداق ھاۋانى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان ۋاقىتلاردا پاللىدە قۇياش نۇرى كۆرۈنسە ،ئىنساننىڭ ئۈمىد ئۇچقۇنى ئوت بولۇپ يانىدۇ ،ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۈسۈپ ھۆرنىسانىڭ يىنىدا پەيدا بولدى .
كۈزنىڭ مول ھوسۇللۇق پەيتلىرىدە ھەممە يەر شاتلىق پۇرايتتى قوناق پۆپۆكلىرى لەرزان شامالدا سەلكىن لىڭشىيتتى .لېكىن ھۆرنىسانىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى ئەلەملەردىن قىزىرىپ چىھرىدە غەم ئۇچقۇنلىرى يىلىنجايىتتى ،قويۇپ بەرسە توسمىدىن چىققان سۇدەك تىشىپ چىقىدىغاندەك تۇراتتى .
  -كۆردىلىمۇ يۈسۈپجان بۇقارا كۈنلەرنى دەيمەن ،دادامنى يوق بىر باھانە بىلەن تۇتۇپ كىتىشسە ،ئانام بىچارە ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى ،مەن بولسام تۈگىشىپلا كېتىپ بارىمەن دېسىلە .
   -ھۆرنىسا قانچە كۈلپەتلەر كەلسىمۇ ،مەن يانلىرىدىن ئايرىلمايمەن ،سەۋىر قىلايلى ،بۇ زۇلمەتلىك كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر ھەي بۇزاماننى .
-راست دىدىلىمۇ يۈسۈپجان ؟سىلىمۇ ماڭا قارىماي قويسىلىرى ماڭا دۇنيا ھارام بولىدۇ .
ھۆرنىسانىڭ ئاۋازلىرى تىترەپ چىقىپ كۆزلىرىدە ياش ئەگىيتتى .
-ھۆرنىسا خاتىرجەم بولسىلا ئۆمۈرۋايەت يانلىرىدا بولىمەن ،مەڭگۈلۈك ئەقىدەمنى سىلىگە بىرىمەن دىسىلە .
مەن سىلىگە بىر ئاشىق -مەشۇقنىڭ ھېكايىسىنى ئىيتىپ بىرەي ھە؟يۈسۈپ گاللىرىنى قىرقىپ چوڭلاردىن ئاڭلىۋالغان ھېكايىنى ئىيتىشقا باشلىدى .
بۇرۇننىڭ بۇرىنىسىدا زەرەپشان ۋادىسىدا بىر كاتتا پادىشاھلىق ئۆتكەنىكەن.....يۈسۈپ، زۇبەيدە بىلەن شاھزادىنىڭ ھېكايىسىنى ئىيتىشقا باشلىدى .
...................ئالدىغا ماڭاي دېسەيول يوق .ئارقىغا ماڭاي دېسە  قاراقچىلار قوغلاپ كېلىۋاتقۇدەك ،شۇنىڭ بىلەن زۇبەيدە بىلەن شاھزادە بىر-بىرىگە رازىلىق بىرىشىپ شور دەرياغا سەكرەپتۇ .شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇق ھاياتىنى شۇنداق ئاخىرلاشتۇرغانىكەن .
-مەنمۇ سىلىدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن دىسىلە ھۆرنىسا .
  ھۆرنىسانىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى چەكسىز خىياللار ئالىمىدىن يىغىپ يۈسۈپنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىگە تىكتى .
-ئۇزۇن بوپتىيا سىلنىڭ كۈلكىلىرىنى كۆرمىگىلى بىرنى كۈلىۋەتسىلە .
ي  ۈسۈپ شۇنداق دەپلا ھۆرنىسانىڭ يۇمران نوتىدەك قوللىرىنى تۇتۇپ كۆزلىرىگە ئوتلۇق بىر تىكىلدى .
ھۆرنىسانىڭ ئوتلۇق بىر تەبەسسۇمى ،قارا بۇلۇتلارنى تارىتىپ ۋۇجۇد ئالىمىگە ئىللىق نۇر تاراتتى .
  قوناقلار شىلدىرلاپ بۇ كۈلكىگە جۆر بولسا كەچ بولغانلىقىدىن دېرەك بىرىۋاتقان قۇچقاچلار سايرىشىپ كەتتى .


*************************************************************************


  ئۆي ئىچى جىمجىت .كىگىز سىلىنغان سۇپىدا بولسا يۈسۈپ تورىسىغا قاراپ خىيال سۈرەتتى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئۆمۈچۈك تورلىرى كۆرۈندى .ئۆمۈچۈك تورلىرى زالىم كىشەنلەردەك يۈسۈپكىلا قاراپ تۇرۇپتۇ ،ئۇنىڭ يىنىدىكى تۈڭلۈككە قارىدى،كىچىككىنە تۈڭلۈكتىكى بۇ ئاجىز يورۇقلۇق ،بۇقاراڭغۇ ئۆي ئىچىنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ ،ئۆينىڭ ئوتتۇرا تىمىنىڭ لىۋىدىكى تام مورىغا قارىدى، تام مورا قارىداپ كەتكەن ،پاخال ،شادىلار چىچىلىپ ياتاتتى ،ئۇنىڭ يىنىدا بولسا يوغان بىر پىلتە چىراغ يۈسۈپكە ھومىيىپ قاراپ تۇراتتى ،ئۆي ئىچى شۇنداق سوغۇق سۈرلۈك تۇيۇلدىكى ،پەقەت تۈڭلۈكتىكى ئازراق يۇرۇقلۇقلا كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى .
ئۇ پەگاغا چۈشۈپ كۈپتىن مۇزدەك سوغۇق سۇ ئىلىپ غورتىلدىتىپ ئىچىۋەتتى ،بايامقى ئورنىغا كىلىپ ئولتۇراي دەپ تۇرىشىغا تالادىن گۈس-گۈس دەسسەپ مامۇت ئاخۇن كېرىپ كەلدى ،ئۇ كېرىپلا يۈسۈپنىڭ غەمكىن كۆزلىرىگە قاراپ گەپ باشلىدى .
-يۈسۈپجان نېمە بولدۇڭ، جىمىپلا كىتىپسەنغۇ ؟
يۈسۈپ ئورنىدىن ئازراق قىمىرلاپ قويۇپ ،چىرايىغا ئازراق ئىسكەت كىرگۈزۈپ :
-ھىچ...ھىچ ئىش بولمىدى،- دەپ قويدى .
-ھە ئانداق بولسا ئىتىزغا چىقىپ ئاناڭغا ئانچە-مۇنچە قارىشىپ قويغىن،قارا ئاۋۇ قويلارمۇ مەرەپ كېتىپتۇ ،ئۇنىڭغىمۇ بىر نەرسە سېلىپ بىرەي دىمەپسەن .
-ماقۇل دادا ھازىرلا سېلىۋىتەي ،-يۈسۈپ ئورنىدىن قوزغىلىپ ئېغىل تەرەپكە ماڭدى .
قويلارغا بىر نەرسە سالغىچە ،ھۆرنىسانى ،ھۆرنىسانىڭ بىشىغا كېلىۋاتقان قارا كۈنلەرنى ئويلاپ چىقتى .بۇ كۈنلەردە كۈنلىكى دېگۈدەك ،بەگ،مىراپلار ھۆرنىسانىڭ ئۆيىگە قاترايدىغان بولۇپ قالدى ،يامان نىيەتلىك بىرەرىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالارمۇ ؟دېگەندەك ئەندىشىلەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىلغايتتى ،ھەم ھۆرنىسانى تىزرەك يېنىغا ئەكىلىۋىلىشنى ئويلايتتى ،لېكىن بۇگەپلەرنى ئاتامغا قانداق دەرمەن دېگەن ئەندىشىمۇ بارئىدى ،ئەمما بىچارە ھۆرنىسانى ئويلىغىنىدا غەيرەتكە كىلەتتى .
    كەچ ،تۇمۇزغىلار چىرىلداپ، پاقىلار كۇرۇلداپ بۇ جىمجىت مەھەللىگە جان كىرگۈزىۋەتكەنىدى ،نىرىراقتىكى مامۇت ئاخۇننىڭ ئۆيىدىن سۇس پىلىك چىراغنىڭ يۇرىقى چىقىپ تۇراتتى ،ئۆيدە يۈسۈپنىڭ ئانىسى پاتەمخان بىلەن مامۇت ئاخۇن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى ،باياتىندىن بىرى پاتەمخان ئانا يۈسۈپنىڭ ئىيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇزۇن ئويلىنىپ قالدى ،ئىككى ياشنىڭ بەختىىنى تىپىۋىلىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە مۇشۇلارنىڭ ياردىمى بولمىسا بولمايدۇ دە. !؟
لېكىن بۇ گەپلەرنى مامۇت ئاخۇنغا قانداقمۇ دېگىلى بولسۇن ،مامۇت ئاخۇننىڭ بۇنداق كىبىرى ئۈستۈن بايلار بىلەن پەقەت مىجەزى كىلىشمەيتتى ،كۆپىنچىسى دېھقانلارنىڭ قان -تەرىگە باي بولىدۇ دەپ ئويلايتتى ،ھەلا بۈكۈنلەردە ھاپىزباي ھەپسىدە ،مامۇت ئاخۇنمۇ بەك ئۆرە تۇرۇۋالماس ،شۇنداق خىياللارنى قىلىپ كېچە تۈننىڭ يالغۇزلىقىدا مامۇت ئاخۇنغا بۇ گەپلەرنى ئىيتتى .
-ھاپىز باينىڭ قىزى بىلەنما؟
  دىلى ئۈزۈك پاتەمخان مامۇت ئاخۇننىڭ چەكچىيىپ قارىشىغا چىداپ تۇرالماي ،كۆزلىرىنى باشقا ياقلارغا بۇرىۋالدى .
-يۈسۈپجان شۇنداق دەيدۇ ،ئۇ ئىككىسىگە خىلى ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان ئوخشايدۇ ،دادىسى .
-ھاپىز بايغۇ ئۆزى خىلى بولىدىغان ئادەم ،لېكىن پەقەت ئادەم كۆزگە ئىلمايدۇ ،بىز بىلەن قۇدا بولۇشقا ئۇنارمۇ دەيمەن .
-قاراڭلار ھازىر ھاپىزاخۇن ھەپسىدە ،بەگ -يالاقچىلار چىقىپ ھۆرنىساغا يامان كۆز بىلەن قارايمىش ،شۇڭا ئىككىيلەننىڭ بىشىنى ئىتتىكرەك قىتىپ قويساق بولىتى .
-راست ،ھازىر ھاپىز باينىلا ئەمەس،شەھەردىكى خىلى كۆپ بايلارنىمۇ بىر كېچىدىلا يوق قىلىۋىتىپ بارىدۇ بۇ دوتەي،بوپتۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى شۇ ئوخشايدۇ ،ئەلچىلىككە بارساڭ بارغىن ،ئىككىيلەن مۇراد-مەقسەتلىرىگە يەتسۇن.
   نەچچە كۈندىن بىرى يۈسۈپ بىلەن ھۆرنىسا ئىككىسى ناھايىتى خۇشال بولۇشتى ،ئىككىسى مەھەللىنىڭ چىتىدىكى سازلىققىچە بىللە بىرىشتى ،يۈرەك سۆزلىرىنى ئىيتىشتى ،نەچچە كۈندىن بىرى بولغان ئىشلارنى يۈسۈپكە سۆزلەپ بەردى ،ھاپىزباي تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ،ھەركۈنى دېگۈدەك بەگ-چىرىكلەر ئۇلارنىڭ ئۆيىنى يوقلاپ تۇردى ،بەزىلىرى ھۆرنىساغا قانات سۆرەپ لەۋلىرىنى يالاپ قوياتتى ،ھۆرنىسا ئۇلارنىڭ كۆزىگە قارىغاندا بەك ئازابلىنىپ كېتەتتى ،بۇنداق ھاغلاردا ئاشىقى يۈسۈپ يادىغا كېلەتتى ،ئىككىيلەن بىر بولسىلا بارلىق غەم-ئەندىشسى تۈگەيدىغاندەك ھېس قىلاتتى ،ھۆرنىسا كۆزلىرىدىكى ئازابلىق ياشلىرىنى تۆكۈپ بارلىق ئۈمىدى ،ئەقىدىسى مۇجەسەملەنگەن بىر چىمەن تاشكەن دوپپىنى يۈسۈپ ئۈچۈن تىككەنىدى ،بۇنداق خۇشاللىق مىنۇتلاردا ئۆز قولى بىلەن كىيدۈرۈپ قويمىسا قانداق بولىدۇ .
-يۈسۈپجان مايانغا قارىسىلا ،بۇ دوپپىنى سىلى ئۈچۈن تىككەنىدىم ،ئۆز قولۇم بىلەن كىيگۈزۈپ قوياي .
ھۆرنىسانىڭ كۆزلىرى شاتلىقتىن يايراپ كەتكەنىدى ،نازۈككىنە كەلگەن ئىككى قولى دوپپىنى كىيدۈرۈۋاتقاندا ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان خۇشپۇراقلار ئادەمنى مەستخۇش قىلاتتى ،يۈسۈپ چاقچاق قىلاي دىدىمۇ تاڭ بويىنى تىك تۇتۇپ تۇرىۋالدى .
-ھۆرنىسا بويلىرى يەتمىسە پۇتلىرىغا كىسەك قويۇپ بىرەيما؟.
يۈسۈپ ئوتلۇق كۆزلىرىنى ھۆرنىساغا تىكىپ يەڭگىل شىۋىرلىدى .
-ماڭسىلا ئادەمنى زاڭلىق قىلماي ،كىيەملا؟كەيمەملا ؟بولمىسا كېتىمەن جىما .
ھۆرنىسانىڭ چىكە چاچلىرى ئارىسىدىكى يۈزلىرى شەلپەردەك بولۇپ ئوماق بىر نازلانغانىدى .
-ۋاي ماقۇل خىنىم ،كىيدۈرۈپ قويسىلا بىشىمغا، بىكار كېتىپ قالسىلا قوغلاپ يىتىشەلمەي قالماي سىلىگە ، -دەپ بىشىنى سەل ئىگىپ بەردى .
دوپپا يۈسۈپكە شۇنداق ياراشقانىدى .
-ما ئىشلىرى بولدى ،دوپپا شۇنداق ياراشتى سىلىگە .
-يۈسۈپجان ماڭا نېمە بىرىلا ؟-ھۆرنىسا يەنە نازلاندى .
-سىلگىما ؟ئەشۇ ئوماق يۈزلىرىگە بىرنى سۆيۈپ قويايمىكى .
-ۋىيەي،ماڭسىلا نېرى ،ئادەمنى خىجىل قىلدۇرماي ،ئۇيات ئەمەسمۇ كۈپكۈندۈزدە .
-چاقچاق قىلىپ قويدۇم ھۆرنىسا ،ماۋۇ پىچاقنى سىلىگە سوۋغا قىلاي ،يادنامە بولۇپ قالار بۇ پىچاققا ئوخشاش پىچاقتىن بىرى مەندىمۇ بار .
يۈسۈپ بەلبىغىنى يىشىپ پىچاقنى غىلابى بىلەنلا ھۆرنىساغا تۇتتى .
-توختىسىلا يۈسۈپجان ،مەن سىلىدىن بىرگەپنى سورىۋىلىپ ئاندىن پىچاقنى ئالاي ،مېنى سىلى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئاسراپ كۆيىنەملا ؟
-ھەئە ھۆرنىسا ،سىلىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئاسرايمەن، قوغدايمەن ،ئەقىدەم مەڭگۈ سىلى بىلەن بىللە .
-راست شۇنداق قىلالىمۇ ھە؟.
-ئىشەنمەملا ھۆرنىسا ،ئۇنداقتا ئىككىيلەن قەسەم قىلىشايلى ،ئەكەلسىلە قوللىرىنى .
يۈسۈپ شۇنداق دەپلا پىچاقنى غىلابىدىن سۇغۇرۇپ ،چىمچىلاق بارمىقىنى شارتتىلا كەستى ،ھۆرنىسامۇ ئىككىلەنمەستىن شۇنداق قىلدى ،ئىككىيلەن بارماقلىرىنى جۈپلىدى ،ئىككى تەننىڭ قانلىرى بىرلەشتى ،ۋۇجۇدى بىرلەشتى .
-قارىسىلا ھۆرنىسا ئىككىيلەننىڭ قانلىرى بىرلەشتى ،بىز ئاداققىچە بىر-بىرىمىزدىنى ئايرىلمايمىز .
-ئۇلۇغ خۇدا ئىككىيلەننى مەڭگۈ ئايرىمىغاي يۈسۈپجان .
ئىككىيلەننىڭ ئوتلۇق قەسىمىگە سازلىق بويىدىكى جىگدىلەر شاھىت بولۇشتى ،ساسلىقتا ئۆسكەن قۇمۇشلار بولسا شاتلىنىپ تەنتەنە قىلىشتى ،ھۆرنىسانىڭ ئاپپاق قولياغلىقى قىپقىزىل قانلار بىلەن بويالدى .
ئىككى ئاشىق-مەشۇقمۇ يەڭگىل شىۋىرلىدى .


قانچە كۈلپەت كەلسىمۇ باشقا ،
ھەتتا كۇپلەر تولسىمۇ ياشقا .
قوشۇلدى تەن ،قوشۇلدى قان ،
سۆيگۈمىزدىن يادنامە يازىمىز تاشقا .

شاماللار ئارا يەلپۈنەر بۇلۇت ،
ئاۋامنى غاجايدۇ شۇ زالىم قۇرۇت .
كورلىقتا زىلەيخا ئىزلىگەن سۆيگۈ ،
ئەي زىلەيىم يۈسۈپنىڭ قامچاسىىنى تۇت .


***********************************************************************************


[align=justify]    زالىم تىتەي قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ زۇلۇم كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرجىدە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى ،ئۇنىڭ ئەڭ يامان ئىللەتلىرىدىن بىرى شەھۋەتپەرەسلىك بولۇپ ئۆز ھاياتىدا 40نەچچىدىن ئارتۇق خوتۇن ئالغان ،نەچچىلىگەن نازىنىلار ئۇنىڭ ياسىداق ئوردىلىرىدا ئازابتىن ئىڭرىغان ،نەچچىلىگەن ناتىۋانلار بەگ-بوجاڭلارنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە دەريا -دەريا كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزۇپ كوھىقاپ زىنداندا ياشلىق گۈللىرىنى توزۇتقان ،ماتىتەي يەنە خەلىققە ئالۋان سېلىش بەدىلىگە يىڭىشەھەردىكى سوخۇ ئەتراپىغا شۇ دەۋردىكى ياڭ زىڭشىڭنىڭ ئوردىسىدىن قىلىشمىغىدەك ناھايىتى ھەشەمەت بىر ئوردا ياساتقان ،بۇ ئوردا ،خوتۇنلارغا خەجلەنگەن پۇللار قەشقەر خەلقنىڭ قان -تەرىنى شۈلۈش ئارقىلىق كەلگەن ،ھەتتا ما تىتەينىڭ بىر كۈنلىك چىقىمىغا قەشقەر خەلقىدىن ئىلىنغان باج-ئالۋانلار يىتىشمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان،بۇ ئوردا رىۋايەتلەردىن قارىغاندا بىر خەنزۇ موزدۇز تەرىپىدىن ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ تاشلانغان دېگەن گەپلەر بار ،ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردىن قارىغاندا شۇ ۋاقىتتا ياڭ زىڭشىڭنىڭ بۇيرىقى بىلەن مافۇشىڭنى جازالاشقا كەلگەن ،ماشاۋۋۇ تەرىپىدىن بۇزۇلغانلىقى ئىنىق .

[align=justify]     ماتىتەينىڭ ئوغلى ماۋىنتەيمۇ ،ئاتىسىغا ئوخشاش ئۇچىغا چىققان شەھۋەتپەرەس بولۇپ ،قەشقەرنىڭ ئورۇن باسار دوتىيى بولغان ئاتىسىنىڭ ئىمتىيازى يۈزى بىلەن قەشقەر خەلقنى قاڭغىر -قاقشاتقان ،قايسى قىز كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنسە ،شۇنى دەپسەندە قىلىپ ،چىرايلىق گۈللەرنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئىبلىس ئىدى .
ھەم يەرلىك بەگ-يالاقچىلارنىڭ ياخشىچاق بولۇپ قىز سۇنۇشى نەتىجىسىدە ماۋىنتەي چىملىققا كېرگەن ياۋا تۇڭگۇزدەك غورۇرىمىزنى بۇلغىماقتا ئىدى ،ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى بولغان ھۆرنىسامۇ مانا بۈگۈن ،ئاشۇ غالچىلارنىڭ سوۋغات قۇربانىنىڭ كۆلەڭگۈسى سۈپىتىدە ئىڭراۋاتاتتى .
  شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋىنتەينىڭ ئەلچىلىرى ھۆرنىسانى سوراپ كېردى ،ئەگەر ئەلچىلەرنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلسا ،ھاپىزباينىمۇ قويۇپ بىرىدىغانلىقى ،توينى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ھازا ۋاھۇزا ئوقۇدى .
قانداق قىلىش كېرەك ؟ئاسىمخاننىڭ بىشىغا قارا تۇمانلار كەلدى قوشۇلمىسا بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بولغان ھاپىزباينى قويۇپ بەرمەيدۇ ،قوشۇلسىچۇ؟ئۆز نەسلىنى يات قەۋمگە بىرىشنى كىممۇ خالىسۇن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مامۇت ئاخۇننىڭ ئەلچىلىرىگە ماقۇل دەپ قويغان تۇرسا ،سەمەت بەگ شالىرىنى چاچراتقىنىچە بىر نەچچە سەللىلىك موللاملار بىلەن ئاسىمخاننىڭ ئۆيىگە كېرىشتى .
   پاتىھەدىن كېيىن موللاملار تۈپرۈكلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى .
-ئاسىم خىنىم ئەمدى قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ ،ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ ،بۇ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە شۇنداققۇ ھە؟.
ئولتۇرغانلار بىرەر ئىغىزدىن گەپ قىلىشىپ باشلىرىنى گىلدىڭشىتىشتى .
-بىزنىڭ مابىگىم ھەقىقەتەن مال تونۇيدۇ ،جىما .مانا ھۆر قىز ھۆرنىسا گۇلغا كۆزى چۈشۈپ ئىغىز ئاچتى .
يەنە بىر سەللىلىك مېنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالمىسۇن دېگەندەك ئالدىراپ سۆز ئاچتى .
-ما بىگىم ئۆزى تۇنگان بولغان بىلەن ،ئۆزلىرى شەكلەنمىگەيلا ھە،ئاسىم خىنىم .
قالغانلارمۇ باشلىرىنى گىلدىڭشىتىپ تۇرىشىغا سەمەت بەگ گەپ قاتتى .
-ئاسىم خىنىم ھازىر ھاپىزاكام ھەپسىدە بولۇپ قالدى ،ماغوجام سىلىگە كۇيئوغۇل بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشلار ئاسان بولۇپ كېتىدۇ ،ئۆزلىرى ماقۇل دەپ باش لىڭشىتسىلا بولىدۇ ،قېنى بىر ئىغىز گەپ قىلىۋەتسىلە ئاسىم خىنىم .
   ناتىۋان ئانىنى غەم تاغلىرى باستى ،نېمىدەپ جاۋاب بىرىشنى بىلەلمەي بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قالدى .
ھاپىزبايغا توي قىلغاندىن تارتىپ تاھازىرغىچە بۇنداق ئىغىر كۈنلەرگە قالمىغان ئاسىم خىنىم ،بۇ بىرەر ئاي ئىچىدىلا پىشانىلىرىنى قورۇق بىسىپ قىرىپ كەتكەندەك كۆرۈندى ،باشقا ۋاقىتلاردا بىر ئوبدان يۈرىيدىغان ئاسىم خىنىم ئىچىدىن تۈگىشىپ كېتىپ باراتتى .
ئاخىرى مەسلىھەتلىشىپ جاۋابىنى بىرەيلى دەپ ئەلچىلەرنى يولغا سالدى .
ئاسىم خىنىم ئەلچىلەرگە نېمىدەپ جاۋاب بىرەركىن ؟.بۇ يالغۇز ئاسىم خىنىملا ئەمەس بارلىق ئانىلار .ئاتىلار جاۋاب بىرىشكە تىگىشلىك ئويلىنىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە ،ئاتىلىرىمىز ،ئانىلىرىمىز ئۆزىنى ئوبدان دەڭسەپ جاۋاب بەرگۈسى .
    ئاسىم خىنىم دىلىغۇل خىياللار ئىچىدە مامۇت ئاخۇننىڭ ئۆيىگە بار ئەھۋانى ئىيتقىنى كەلدى .
گەپ باشلىنىپ ئاياغلاشقۇچە يۈسۈپنىڭ مۇشتۇملىرى تۈگۈلۈپ چىرايلىرى قارىداپ كەتتى .
ئاھ!ئۆز نەسلىنى ،ئۆز قىنىنى قايسى قوغدىمىسۇن ،قايسى بىر مىللەت ئۆزىنىڭ خۇشپۇراق گۈلىنى يات بىراۋلارنىڭ دەسسەپ -چەيلىشىگە يول قويالايدۇ ،كۈنلەش ،يات كۆزلەردىن ،يات قوللاردىن ئۆز نەسلىنى، ئۆز قەۋمىنى ئاياللىرىنى ،ئانىلىرىنى ،سىڭىللىرىنى ،پاك غۇبارسىز بىزنىڭ غورۇرىمىز بولغان ئالەمدە تەڭداشسىز گۈزەل بولغان قىزلىرىمىزنى قوغداش مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزالىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىسى ،قىزلىرى دەپسەندە بولىۋاتقان مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇلۇق زۇلمەت ئىچىدىدۇر .
   يۈسۈپتەك ئەركەكلىكى مەردلىكى بىلەن چوڭ بولغان بىر يىگىت ،قانداقمۇ ئۆز گۈزىلىنى باشقىلارغا قوش قوللاپ تۇتسۇن ،ھازىرقى ھالىتىدە ماۋىنتەينى ،غالچا مالايلارنى پارە-پارە قىلىۋەتسىمۇ ئاچچىغى چىقمايتتى .
مامۇت ئاخۇن ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ كەتتى .
  -كامىل مۇسۇلمانمىش تېخى ،نەرى مۇسۇلمان ئۇ ھارامزادىنىڭ ،پۇقرانىڭ قان-تەرىنى قىزلىرىنى بۇلايدىغان بۇلاڭچى ئۇ .
-ئاسىم خىنىم ئۆزلىرى نېمە دىدىلە ،-يوغان كۆزلىرىنى تىكىپ ئاسىم خىنىمدىن سورىدى .
-قىزىمىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جاۋابىنى بىرەي دەپ يولغا سالدىم ،دېسىلە مامۇت ئاخۇن .بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلار يەنە كېلىدۇ ،نېمەدەپ جاۋاب بىرەرمەن دەپ بىشىم قىتىۋاتىدۇ ،ھەي بۇزاماننى ......
-بولدى ئارتۇقچە غەم قىلمىسىلا ،ئاسىم خىنىم بىز بالىلارنىڭ بىشىنى بالدۇرراق قىتىپ قويايلى ،پەقەت بولمىسا قىچىپ كەتسۇن جاھان تىنجىغاندا قايتىپ كەلسىمۇ بولىدۇ ،سىلى نېمە  دەيلىكىن
ئاسىم خىنىم جىمىپ ئولتۇرۇپ كەتتى ،كۆز ئالدىدىن ھاپىزاخۇن، ھۆرنىسا ،سەمەت بەگ ،يەنە ھىلىقى موللىلار بىر-بىرلەپ ئۆتتى ،ھەپسىدىكى ھاپىزاخۇن ،يىغلاپ ياتقان ھۆرنىسا كۆز ئالدىغا كېلىپ تۇرىۋالاتتى .
   شۇ ئاخشىمى يۈسۈپ بىلەن ھۆرنىساغا پاتىھە ئوقۇلۇپ ئىككىيلەن بۇ قارا تۇمانلىق كۈنلەردە ئاخىرى مۇرادىغا يىتىپ سۆيگۈ ۋىسال شارابىنى ئىچىشتى ،لىكىن بۇ  ۋىساللىق كۈنلەر بىر-بىرىغا قىنىشمايلا سەمەت بەگ ئەلچىلىرى ئاسىم خىنىمنىڭ ئۆيىگە يەنە كەلدى ،سىلىق -سىپايە سۆزلەر ئازلاپ تەھدىت،قورقۇتۇش سۆزلىرى كۆپىيىپ كەتتى ،بۇ ھالنى كۆرگەن مامۇت ئاخۇن ئوغلىنى يىنىغا چاقىرىپ .
-ئىلىپ قاچ ئوغلۇم ،سېنىڭ بولسىمۇ مۇراد-مەقسەتلىرىڭ ھاسىل بولسۇن ،شۇنداق دەپلا ھىلىقى كۆمۈش توقۇملۇق ئاتنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى .
يۈسۈپنىڭ يوغان كۆزلىرىگە لىغىرلاپ ياش كەلدى ،بۇ زالىملار بىزنى مۇشۇ كويلارغا سىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتى ،لېكىن نېمىلا بولمىسۇن ئۆزى سۆيگەن يارىنى زالىملار قولىغا تاشلاپ قويسا بولمايدۇ دە ،ئۇلارنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر تاللىشى قىچىش .
   سەھەر ،باش توخۇنىڭ چىللىشى بىلەن تەڭ يولدا توپا-چاڭ توزىتىپ بىر ئات ئۆتۈپ كەتتى ،مەھەللە ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازىدا جاراڭلىسا ،ئىتلار قاۋاپ قوياتتى ،ئات ئۈستىدىكى بىر جۈپنىڭ كۆزى ئارقىسىدا توپا-چاڭ باسقان يۇرتىدا ،ناتىۋان ئاتا-ئانىدا قالغانىدى .
    بىركۈن يول يۈرگەن يۈسۈپنىڭ توپا-چاڭ باسقان يۈزلىرى ،ئۇيقۇچىلىقتىن قىزارغان كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كېتىپ باراتتى ،ھۆرنىسانىڭمۇ كۆزلىرىنىڭ نۇرى يوقالغان ،غەمدىن كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى ،ياغلىق بىلەن ئورالغان يۈزلىرى بۈگۈن ئۆز ھۆسنىنى يوقاتقانىدى .بۈگۈن كەچ ئۇلار <<ئاۋات>>تىكى دادىسى ئىيتىپ بەرگەن تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، ئەتىدىن باشلاپ يىراق مارالبىشى سەپىرىگە ئاتلىنىشنى كۆڭلىگە پۈكۈشتى .
ئىككىيلەن شىلدىرلاپ ئىقىپ تۇرغان ئۆستەڭ بويىغا كېلىپ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيدى ،خۇرجۇننى ئىچىشىپ نانلىرىدا قورساقلىرىنى توقلاشتى .
   يۈسۈپ ھۆرنىسانىڭ چىرايىغا قاراپ يۈرىكى ئىيتىشتى ،شۇنداق بىر ھەشەمەت ،باياشاتلىق ئىچىدە چوڭ بولغان بىر قىزنىڭ بۈكۈنلەردە جاپالىق بىر مۇساپىنى ئۆزى بىلەن بىللە باسىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا ھەسرەتكە چۈمەتتى ،بارغانسىرى يىراقلاۋاتقان يۇرتى ئاتا-ئانىسى قان يىغلاپ ئۇلارنى ئۇزاتقانىدى .
ئۇ ھەسرەتتە ئىغىر تىنىپ سۆز ئاچتى .
   -ھۆرنىسا ئۆزلىرىگە كۆپ مالامەت يەتتى ھە!؟.
ھۆرنىسا تۈكۈلۈپ تۇرغان كىرپىكلىرىنى لەپپىدە كۆتۈرۈپ يۈسۈپكە قارىدى ،شەھلا كۆزلىرىگە يىغا ياماشتۇرۇپ.
  -ياق...ياق ..ھەرگىز ئۇنداق دېمىسىلە يۈسۈپجان ،ئىككىيلەن بىر بولساقلا بۇ كۈلپەتلەر ماڭا بىلىنمەيدۇ .
  شۇنداق دەۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياشلار ئىقىپ كەتتى .
يۈسۈپنىڭ پۇچىلىنىۋاتقان قەلبى ،پىغاندا يەڭگىل ئىڭرىدى ،پۈتۈن ۋۇجۇدى ئىرىپ قوللىرىنى ھۆرنىسانىڭ يامغۇردەك ئىقىۋاتقان كۆز ياشلىرىغا تۇتتى ، قاپقارا ئۆرۈم چاچلىرىنى سىيلاپ نازۈك قوللار بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشتى ،ئەرك ئۈچۈن سوققان بىرجۈپ يۈرەك گۈپۈلدەپ تۇراتتى .
-ھىلىقى قەسەم يادىلىرىدىدۇ ؟يۈسۈپجان ،تۇيۇقسىز سورىدى ھۆرنىسا شامالدەك شىۋىرلاپ .
-ئىسىمدە ،مەڭگۈ ئىسىمدە تۇرىدۇ ھۆرنىسا ،ھىلىقى پىچاق يانلىرىدىمۇ ؟
-ھەئە...ھۆرنىسا خۇرجۇن ئىچىدىكى پىچاقنى ئالدى .
يۈسۈپمۇ غىلابىدىن پىچاقنى چىقاردى .
-قارىسىلا ،ئوخشاش بىر ئۇستام سوققان پىچاق ،نەقىشلىرىمۇ ھەجەب چىرايلىق ھە!؟،ھەرگىز يانلىرىدىن ئايرىلمىسۇن خۇددى قەسىمىمىزدەك .
ھۆرنىسانىڭ ئويناق كۆزلىرى شېرىن بىر ھېسنى ئىزدەپ يۈسۈپنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىگە تىكىلدى .
ئۆستەڭدىكى شاۋقۇنلۇق پىچىرلىدى ،شاش ئاتمۇ تىپىرلاپ كىشنەپ كەتتى ،ئەرك ئۈچۈن سوققان يۈرەكلەر ئوتلۇق نەپەس ئىلىپ ،شېرىن ھېسلار ئىلكىدە سۇغۇرلىنىپ ،تەشنا قۇمغا سىڭىپ كەتتى .


**********************************************************************************


مەن قەلەندەر شاھىمەن ،
چۆل -باياۋان باسۇرمەن .
كېيىشىم كۇلا-جەندە ،ئاللا -يائاللا ،
گۈللەختىدە ياتۇرمەن .

قەلەندەرنى خار كۆرمە ،
پارچە نانغا زار كۆرمە .
كېلىپ كېتەر دۇنيا بۇ ،ئاللا -يائاللا ،
غاپىل ئۇيقۇدا يۈرمە ......



[align=justify]    گۈزەر دوقمۇشىدا بىر ئاۋارە دىۋانە توپا يولدا ،ساپايە سوققاچ توۋلاپ تۇراتتى ،يولدىن بولسا ئات دەمدۇ ،تۆگە دەمدۇ ،ئۆتۈپ تۇراتتى ،يوغان-يوغان ياغاچ چاقلىق ھارۋىلارمۇ غىچىرلىشىپ ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى ،ئەنە ئاۋۇ دوقمۇشتا ،كالىنىڭ قۇيرىقىنى ھارماي يەلپۈۋاتقان ،چىرايلىرى قارىداپ ،پىشانىلىرى قوغۇننىڭ تىلىملىرىدەك تىلىم-تىلىم بولۇپ كەتكەن بىر بوۋاي بوۋاي خىرىدار چاقىرماقتا .
-ئالە خىرىدار بەشكىرەمنىڭ ئۈزۈمى ،يىسەڭ ئاغزىڭ چاپلىشىپ قالمىسا بىكارلىق كىلە...
ئۇنىڭ سەل يىنىدىراق بىر شاپاق دوپپىلىق بالا ،تەۋەڭدىكى ناننى يولغا قويۇپ ئۆزى داق يەردە ئولتۇرۇپ نان سىتىپ ئولتۇراتتى .
يولنىڭ چىتىدىرەك بىر چىغ بورا بىلەن توسىلىپ يەرگە گۈللىرىنى كۆرگىلى بولمايدىغان كىگىز ئۈستىدە بىر توپ كىشىلەر خورتىلدىتىپ چاي ئىچىشىپ ئولتۇرىشاتتى . ئۇلار ئىككى -ئۈچ بولۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى ،تۈمەن دەريا بويلىرىدا بۈگۈن بوراندەك ھۈركىرەپ بىر خەۋەر تارقالماقتا ئىدى ،ئەلۋەتتە بۇنداق خەۋەرلەر چايخانىغا كەلمەي قالاتتىما؟.
چەتتە ئولتۇرغان قارا ساقال كىشى سۆزلەيتتى .
-قاراڭلار خالايىق ،ئۈگۈنلۈككە سىيىت نوچىنى ئاتقىنى ئاتقىنى ئىچىقىدىكەن .
-ھە،ئۆلتۈرەمدىكەن ،-دىدى كىگىزنىڭ چىتىدىكى بىرى چۆچۈگەن قىياپەتتە .
-ئۇ بالا كوزىچى ياربىشىدىكى ھىلىقى تۇل مەزلۇمنىڭ ئوغلىغۇ دەيمەن ،-سۆز قاتتى بىرى .
-ئون گۈلىنىڭ بىرى ئىچىلمىغان قاۋۇل بالا ئىدى،- ئۇھسىندى ،كىگىزنىڭ چىتىكى كىشى .
  كىگىزنىڭ چىتىدىكى كىشى ئىنىق بىلىۋالاي دېدىمۇ تاڭ يەنە سۆزلىدى .
-نېمە ئىش قىلغان بولغىيتتى ئۆلتۈرگىدەك ؟
-ۋاي ئۇكام ياشكەنلا بىلمەيلىدە ،بۇ زاماندا بارغۇ سىڭگەن نانلىرىنى يەپ ،ئاشۇ ئالدىلىرىدىكى بىر پىيالە چاينى ئىچىپ ،كارتتىدە بىرنى كىكىرۋەتسىلىرى خوش بولسىلىرى بولىدۇ ،ئۆزىغۇ قاۋۇل مەرد چوڭ بولغانتى ،گىلاۋخۇي دەمدۇ ،نېمە بىر نېمىگە قاتنىشىپ غوجاملارنىڭ كۆزىگە چىلىقىپ قاپتۇ ،بىر مەزگىل سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن ،ئەمدى قايتىپ كىلەشىدە ئۆلۈم خىتى دەمدۇ ،بىر نېمىنى ئىلىپ كەپتىمىش شۇنىڭ بىلەن ئاتىدىغان ئوخشايدۇ ،ھازىر بارغۇ ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ دەپ ئۆتمىسىلىرى ،تۇخۇمنى تاشقا ئۇرسىلىرى پايدىسى يوق .
   چايخانا بىردەم جىمىپ كەتتى ،خۇددى بىرىگە ماتەم تۇتىۋاتقاندەك ئىغىر سۈكىناتتا ئىدى . توۋا تۇخۇمنىڭ دەردى بولمىسا ،تاشقا بىكار ئۆزىنى ئۇرامدۇ دەيدىغاندىن بىرى چىقمىدا دەپ غودۇڭشىدى ھىلىقى ياش يىگىت ،ئادەم گالنى دەپلا ياشىسا نېمە پايدىسى تۆرەلگەننىڭ .
    شۇ دەۋرنىڭ خەۋەر ئامبىرى بولغان چايخانىدىن تارقالغان بۇ قىززىق نوقتا خەۋەر بىر دەمدىلا پۈتۈن شەھەرگە تارالدى ،قەشقەرنى ئىغىر سۈكۈنات باستى ،تۈمەن دەرياسى بولسا ،غەزەپلىك شاۋقۇنلىدى .
     بۈگۈن قەشقەر ئۈچۈن قايغۇلۇق بىركۈن ،سىيىت نوچىنىڭ ئۆلتۈرۈلدىغانلىقىنى ئاڭلىغان تۈمەنمىڭ ئاۋام ،قارقى دەرۋازىسىغا ئاقماقتا ،كوزىچى ياربىشى ،چاھارسا كوچىلىرى ،يامۇل ئالدى ،....قاتارلىق بارلىق شەھەر كوچىلىرى تەۋرەپ كەتكەن ،سىيىت نوچىنىڭ دوست بۇرادەرلىرى ،تۇغقانلىرى قەۋم -قىرىنداشلىرى بۇ توپنىڭ ئالدىدا ماڭماقتا ئىدى ،كۆتەك ھارۋىنىڭ ئۈستىدە پۇت -قولىغا ،كويزا -كىشەن سىلىنغان 26ياشلاردىكى قاۋۇل ئۇستىخانلىق مەرد ئوغلان سىيىت نوچى ئەتراپقا چوڭقۇر نەزەر تاشلاپ ماڭماقتا ،ئۇنىڭ قويۇق قاشلىرى ئارىسىدىكى قاپقارا كۆزلىرى ئانا يۇرتىغا تويماي باقماقتا ئىدى ،ئۇ خەلقىگە ئاپىرىن ئوقۇيتتى ،قاپقارا بۇرۇتلىرى ئاستىدىكى تىللىرى ھەركەتتە.
-ئەزىز خەلقىم مەندىن رازى بولۇڭلار ،ئەي ئەزىز تۈمەن مېنى ئۆستۈرگەن قوينۇڭغا رازى بول ،ئەي ئەزىز بۇرادەر -قىرىنداشلىرىم ،تۈلكىلەرگە، زالىملارغا ئىشىنىش مەندىن ئىبرەت بولسۇن ،ئەي ئەزىز ئانا باققان ئەجىرلىرىگە رازى بولسىلا .
ئاخىرقى مىنۇتلار يىتىپ كەلدى ،ھارۋىمۇ قارقى دەرۋازىغا يىتىپ كەلدى ،سىيىت نوچى ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشتى دە،بايامقى ئىيتقان سۆزلىرىنى يەنە بىر تەكرارلىدى ،چىرىكلەر سىيىت نوچىنى ئىتىشقا تەمشەلدى ،چىرىكلەر باشلىقى خەن دارىن ئات دىدى ،تاراسلاپ ئىتىلغان ئوقتىن كىمنىڭ نەگە ئاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى ،ھەممە ئوق زايە بولۇپ پەقەت بىرپايلا ئوق سىيىت نوچىنىڭ يانپىشىنى سىيپاپ ئۆتۈپ كەتتى .
نوچى قەھىر -غەزەپ بىلەن جاللاتلارغا خىتاب قىلدى .


مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات ،
نا ئۇستاڭ يىقىن كەلمە .
سول كۆكسىمنى چەنلەپ ئات ،
جا ئۇستاڭ يىقىن كەلمە .



[align=justify]    دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى ،زالىملار بىگى خەن دارىن يەنە ئات دىدى ،قورقۇشۇپ كەتكەن چىرىكلەرگە نەق جايلارغا تەككۈزەلمەي ،سىيىت نوچىغا يەتتە پاي ئوق تەگدى .
يوغان كۆزلىرى كەڭ ئاسمانغا تىكىلىپ مەغرۇر چىنار ئۆرۈلگەندەك ئاستا يىقىلدى .
بىر مەرد ئوغلان ،ياق تۈمەن ۋادىسىدا كۆكلىگەن بىر توغراق يىقىلدى ،ئۇنىڭ قىپقىزىل قانلىرى تۈمەن سۇلىرى بىللەن بىللە ئىقىپ تەشنا سىمىنغا سۇ بولۇپ سىڭىپ كەتتى .
مامۇت ئاخۇننىڭ بۇ قاراڭغۇ زىنداندا يىتىۋاتقىنىغا ئىككى ئايدىن ئاشتى ،مامۇت ئاخۇننى پىت-بۈرگىلەر يەپ ،بەدىنى ئاجىزلاپ چىرايى سولىشىپ كەتكەنىدى ،ئۇنىڭ خىيال ئىكرانلىرىدا يۈسۈپ ،ھۆرنىسالار بىر-بىرلەپ ئۆتتى ،ئۇلارنىڭ ھالى نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟ھازىر نېمە ئىش قىلىپ يۈرۈيدىغاندۇ ؟
  يۈسۈپ بىلەن ھۆرنىسا قىچىپ كەتكەن كۈنى بۇ مەھەللىنى پايلاپ يۈرگەن غالچىلار ،ھۆرنىسانىڭ قىچىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئارقىغا ئادەم سالغان ،مامۇر ئاخۇننى بولسا تۇتۇپ ھەپسىگە ئالغانىدى .
   ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ تۇرغان بىر ئىش ،ئۇ بولسىمۇ سىيىت نوچىنىڭ ئۆلىمى ئىدى ،مانا سىيىت نوچى زىندانغا تاشلىنىپ 14كۈندە مەردلەرچە ئۆلدى ،لېكىن مامۇت ئاخۇن بۇ قاراڭغۇ زىنداندا پىت -بۈرگىلەرگە يەم بولماقتا ،قىران ئالتۇن چاغلىرى تۈگەپتىمۇ نېمە؟ئۇمۇ بىر ۋىجدانلىق غورۇر ئىگىسى ئىدىغۇ؟سىيىت نوچىدەك مەردلەرچە ئۆلۈم ئۇنىڭغا نىسىپ بولارمۇ ؟ۋەيا مۇشۇ قاراڭغۇ زىنداندا چىرىپ تۈگەرمۇ ؟.


*****************************************************************************************


[align=justify]   تۈمەن دەرياسىنىڭ ياغاچ كۆۋرىكىدە بىر گەۋدە شاۋقۇنلۇق ئىقىۋاتقان دەرياغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى ،ئۇنىڭ بۇنداق قاراشلىرىدىن ئاخىرقى قىتىم قىنىپ كۆرىۋالاي دېگەندەك مەنالار چىقاتتى ،كۆز چاناقلىرىدا بولسا ياش لىغىرلايتتى ،كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلىپلا قالغانىدى .
ۋۇي!بۇ ھۆرنىسا ئەمەسمۇ ؟نېمىشقا بۇنداق سۇلغۇن ،نىمانچە چۈشكۈن بولۇپ قالغاندۇ بۇقىز ھە؟،تېخى قەلبىدە ياشلىق ھېسلىرى ئەمدىلا بىخلىغان ،تۇيغۇ گۈللىرى ئەمدىلا غۇنچىلىغان بۇ قىزغا نېمە بولغاندۇ؟،ھۆرنىسا خۇرجۇن ئىچىدىكى پىچاقنى قايتا قولىغا ئالدى دە ،نەقىشلىرىگە تويماي قارىدى ،ھەم بىر مەزگىللىك تاتلىق ئەسلىمىلەرنى سىغىندى ،كۆزىنى شۇنداق يۇمۇۋىدى ھىلىقى كۈندىكى ئىشلار كۆز ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى .
ئۇلار كېچە بىرىپ <<ئاۋات>>تىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە بىركۈن قوندى ،لېكىن كىم بىلسۇن ،ئارقىغا چۈشكەن ماشكىلار سەھەردىلا ،سەمەت بەگنى باشلاپ كېلىپ ئىككىيلەننى تۇتىۋالدى .
يۈسۈپ ھەرقانچە سىلكىنسىمۇ ،ئۇنى تۇتۇپ تۇرغانلارنىڭ قولىدىن بوشىنىپ چىقالمايۋاتاتتى .
ھۆرنىسا بولسا ئىتلار تەرىپىدىن تالىنىش ئالدىدا تۇرغان قوزىدەك يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇراتتى ،ئاڭغىچە سەمەت بەگ يىتىپ كەلدى ،ئۇزۇن ساقال قويىۋالغىنىغا قارىماي كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئوتى لاۋۇلدايتتى ،بۇنى كۆرگەن يۈسۈپنىڭ مۇشتۇملىرى تۈگۈلۈپ كېتىپ باراتتى .سەمەت بەگ ،كالاچتەك ئىغىزلىرىنى ئاچقانچە سۆزلەپ كەتتى .
-ھە،ھۆرنىسا خىنىم قىچىپ نەگە باراتتىڭىز ؟مۇشۇ يۈسۈپنىڭ ئارقىسىدىن قاچتىڭىزما؟،يۈرىڭە ،مابىگىم سىزنى ساقلاپ تاقىتى تاق بولۇپ كەتتى ،-سەمەت بەگ ھۆرنىسانىڭ نازۈك قوللىرىدىن تارتتى .
غەزەپلەنگەن ھۆرنىسا قولىنى قاتتىق سىلكىدى .
  سەمەت بەگ ،ھۆرنىسانىڭ بۇقىلىقىنى كۆرۈپ يەنە ئىغىز ئاچتى .
-ئۆزىڭىز تۇمۇچۇقتەك قىزكەنسىز قارىڭە ،-دەپلا قولىنى ھۆرنىسانىڭ ئىڭەكلىرىگە تەككۈزدى .
ئۆزىنى باسالمىغان ھۆرنىسا ۋۇ ئىپلاس سەمەت بەگنىڭ كاچىتىغا چاڭڭىدە بىرنى سالدى .
كاچاتتىن ئوڭايسىزلانغان سەمەت بەگ قايناپلا تىل سالدى .
-ۋۇ قانجۇق ،مىڭىڭلار ئۆيگە ئەكىرىڭلار بۇ بۇزۇقنى ،بۈگۈن كاچات تەمىنى تىتىتىپ قويىمەن بۇ قانجۇققا ،بولۇڭلار ئۆيگە ئەكىرىڭلار .
غالچىلار ھۆرنىسانى تارتىپ ئۆي تەرەپكە سۆرىدى ،سىرتماققا چۈشكەن ئوۋدەك ھەرتەرەپكە سىلكىنىپ ،نەچچىسى ئاران تۇتۇپ تۇرغان يۈسۈپنى چاقىراتتى .
-يۈسۈپ .....جىنىم يۈسۈپ ...
يۈسۈپنىڭ تاقىتى توشقانىدى ،ھەرقانداق كىشىدە يوشۇرۇن كۈچ بولامدۇ تاڭ ،ۋە يا ۋىجدان كۈچى پاتىلىغان چاغدا ھىچنىمە توسۇپ قالالمامدۇ ؟يۈسۈپ بىسىپ تۇرغان قوللار ئارىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ،پىچاقنى غىلابدىن سۇغاردى دە،تىزلىك بىلەن ھەرتەرەپكە شىلتىدى .
قورقۇپ كەتكەن چىرىكلەر ھەريانغا تىپىرلاشتى ،يۈسۈپ سەمەت بەگكە قارىدى ،دىرىلداپ تۇرغان سەمەت يۈسۈپتىن نىجاتلىق تىلىگەندەك قارايتتى ،لېكىن ھۆرنىسانىڭ ئازابلىق ئىڭرىشىنىڭ ئالدىدا،بۇ غالچا نېمىگە ئەرزىيتتى ،يۈسۈپ پىچاقنى شۇنداقلا بىر سىلكىۋىدى ،سەمەتنىڭ تۈكلۈك قوللىرىنى شىلىپ ئۆتۈپ كەتتى .
-قارا غالچا ،مانا ھۆرنىساغا ئۇزاتقان قولۇڭ ،مانا ئەجىلىڭ توشتى ، ۋۇ ئىت غالچا ،شۇنداق دەپلا پىچاقنى سەمەتنىڭ كۆكسىگە سانجىپ قويدى .
-يۈسۈپ ...جىنىم يۈسۈپ .... ھۆرنىسا شۇنداق دېگەن پىتى ئۆزىنى يۈسۈپنىڭ باغرىغا ئاتتى ،ئىككىيلەننىڭ كۆزياشلىرى، باغلىنىپ كەتكەن قوللارغا تۆكۈلدى ،بىر-بىرىنى ھېدىنى پۇراشتى ،بۇ پۇراق تۇنجى قىتىم ئۇچراشقان باغدىكى گۈللەرنىڭ پۇرىقىدەك شۇنچىلىك خۇشپۇراق ئىدى ،ئىككىيلەن خۇددى چۈش كۆرگەندەك بىللە ئۆتكەن كۈنلىرىنى خىيال ئىكرانلىرىدىن ئۆتكۈزدى ....
-ئاھ !تۇيۇقسىز تەككەن كالتەك تەسىرىدىن يۈسۈپ ئارقىغا يىقىلدى.
سەمەتنىڭ غالچىلىرى يۈسۈپنىڭ بىشىغا كالتەك بىلەن ئۇرغانىدى .
ھۆرنىسا يۈسۈپنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ يىغلاپ كەتتى .
-يۈسۈپ ....كۆزۈڭنى ئاچقىن يۈسۈپۈم .....ھىھ....ھىھ....ھىھ.....ھۆرنىسانىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قىياندەك ئاقتى ،سەمەتنىڭ غالچىلىرى سالجىدەك يىپىشىپ ئۇنى تارتىشتى ،ھۆرنىسا ھىچ قويۇپ بىرىدىغاندەك ئەمەس ،بىردەمدىن كېيىن يۈسۈپنىڭ ئۈستىدىلا ھۇشىدىن كەتتى ....
مانا ھۆرنىسا ھۇشىغا كەلگەندە تىلسىمات دوزاقتا ياتاتتى ،ئۇنىڭ گۈلدەك چىرايى سولاشقان ،ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزگەنىدى ،يۈسۈپنى ھەردەم خىيال قىلسا بۇ پانىي ئالەم دوۋزىقىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايتتى .
ئۇ دەرياغا يەنە بىر قىتىم قارىدى ،دەريا بويىدا ئۆسكەن يۇلغۇن ،توغراقلار بىلەن ئاخىرقى قىتىم خوشلاشتى ،.ئانايۇرتى بىلەن ئاخىرقى قىتىم ۋىدالاشتى ،خوش ئانا يۇرتۇم ،خوش ئاتا-ئانىلىرىم ،ئەلۋىدا يۈسۈپۈم !،ئەي ئەزىز تۈمەن مېنى ئۆز قوينۇڭغا ئال دېگەنچە ئۆزىنى شاۋقۇنلۇق دەرياغا ئاتتى ،تۈمەن دەرياسىنىڭ قىپقىزىل سۇلىرى ھۆرنىسا بىلەن بىللە ئىقىپ كەتتى .
زالىم دۇنيا ئون گۈلىنىڭ بىرى ئىچىلمىغان مەسۇم قىزنى پانىي دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتۇردى ،چاچلىرى ئاقارغان تۈمەن ،ناتىۋان ئانىدەك بۇ پەرزەنتى ئۈچۈن ئۈنسىز ياش تۆكتى .

[align=justify] 

يىغلا ئانا ،باشىڭدىكى كۈلپەتكە يىغلا ،
تۈمەن بالاڭ باشىدىكى قىسمەتكە يىغلا .
ئۈنسىز پىغانىڭ يەتتى پەلەككە ،
بايان ئەيلەپ ھالىڭنى تەڭرىمگە يىغلا .


 *******************************************************************************

[align=justify]  

[align=justify]     قەدىمىم ئاستا-ئاستا يۆتكىلىپ تۈمەن سۇلىرى بىلەن بىللە ئىقىپ ئەجدادىم ئىزى تۆكۈلگەن ،تەشنالىقىنى قاندۇرغان ،كۆلگە بىرىپ قۇيۇلدى ،كۆلنىڭ يىنىدا بىر دوڭغاق جىگدە كۆلگە ئىگىلىپ تۇرۇپتۇ ،ئۇ جىگدە بىر چاغلاردا ھۆرنىسا مەندىن يىلىم يىغقان،يۈسۈپ پىشمىغان جىگدىلەرنى چاۋاكلاپ ئەنجۈر قىلىپ يىگەن ،دەپ -شىۋىرلاۋاتسا كېرەك ،يىراقلارغا نەزەر سالدىم ،قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن جىگدىلەر يىراقتىكى قەبرىلەرنىڭ شاھىتىدەك قاراپ تۇرۇشۇپتۇ ،توپ -توپ كەپتەرلەر ۋىڭىلداپ ئۇچۇپ ئۆلۈكلەرنى تاماششا قىلىۋاتامدىكىن تاڭ .


[align=justify]   يۈزۈمنى قەبرىگاھلار تەرەپكە ئاغدۇردۇم ،ئالدىمدا توپا دۆۋىلەنگەن بىر قەبرە تۇرۇپتۇ ،قەبرە ئۈستىدە ئۆسۈپ قالغان بىر نەچچە تال قومۇش شامالدا ھۆرنىسانىڭ تال-تال چاچلىرىدەك يەلپۈنۈپ تۇرۇپتۇ ،سەل يىراقتىراق بىر چوڭ بىر كىچىك قەبرە قوپۇرۇلغان بولۇپ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭغا يىزىلغان خەتلەر ئۆچۈپ كەتكەنىدى ،مەن ئاشۇ قەبرە ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم .
-ئىھ!ئەجدادلىرىم ياتقان يىرىڭلار جەننەتتە بولسۇن !قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈردۈم ،دۇئالىرىم كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ ،يامغۇر بولۇپ تۈمەنگە قۇيۇلدى ،تۈمەن سۇلىرى بىلەن بىللە يىراقلارغا ئىقىپ كەتتى .


تۈگىدى .



2009-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى .قەشقەر .
مەنبە :ئۆزۈم
ئەسەر مىسرانىم تورى ۋە ئاپتۇرىغا تەۋە قالايمىقان كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ARKU + 299 تەسىرلىك يېزىلىپتۇ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 299   باھا خاتىرىسى

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

چىرايلىق چىرايل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8809
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9633
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 07:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بوپتۇ رەھمەت سىلەرگە . ئەمدى قايتىدىن چۈشۈنۈپ بىر ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازاي .

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 07:39:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھ ئەجەپ يىزۋىتىپسىز بۇ پوۋسىتنىي يىرمىغىچە ئوقۇيا ئوقۇماي ھاسىراپ كەتتىم دىسە ساقلىۋىلىپ ئوقۇسامچۇ بولدىغاندۇ ؟ [s:123]

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 07:42:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (alzaman) نىڭ يازمىسىغا

ھەراس ئەلزامان ئەپەندى :ئسمىڭزنى پوۋسىت دەپ قويسىڭز بولامدۇ نىمە (چاقچاق)

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17654
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9605 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 08:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتتۇرىغا كەلگۈچە ئوقۇپ بولدۇم.ئىملا خاتالىقى بىر قەدەر كۆپكەن.ۋاقتىڭىز يەتسە تۈزىتىپ قۇيۇڭ...قولۇمدىكى ئىشىمنى تۈگىتىۋېتىپ داۋاملىق ئوقۇيمەن...يەنە بىر تارىخىي پېرسوناژدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت...

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 08:30:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بوپتىكەن پوۋىست ئوقىمىغىلى ، شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇپتىمەن . [s:166]  [s:166]

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 2202
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 45971
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6902 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 11:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزالارنىڭ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز قالايمىقان ئىنكاسلارنى يېزىپ تىمىنىڭ بەدى قىممىتىنى سۇسلاشتۇرىشىنىڭ ئۇزىلا بىر ئەخلاقسىزلىق،مۇمكىن بولسا قەلەم ئىگىسىگە ھورمەت قىلغان ئاساستا تىمىنى تۇلۇق ئۇقۇپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن،


ئەلزامان ئەپەندىنىڭ تۇمەن دەرياسىنى ئارقا كۆرىنىش قىلىپ قەشقەر شەھرىدىكى  فىئۇداللىققا ۋە زۇۋاللىققا تولغان تارىخى كۇرۇنۇشلەرنى ،ۋە شۇ دەۋىرلەردىكى چىرىكلىك زۇلۇم ئۇقۇبەتلەرنىڭ شاھىدى بولغان تۇمەن دەرياسىدىن ئىبارەت بىر نوقتىنەزەرنى چورىدەپ ،زۇلۇم ۋە فىئۇدال ھاكىميەتلارگە  باتۇرانە قارشىلىق كۆرسەتكەن بىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئەينى يىللاردىكى تۇرمۇش كارتىنىسىنى ھەقىقى  يۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىگە  كۆپ تەشەككۇر.
ئازراق ئىملا خاتالىقىدىن باشقا بۇ ئەسەرنى  ياخشى يېزىلغان بىر  تارىخى پوۋىسىت دىيىشكە بۇلىدۇ.مۇمكىن بولسا نەشىريات ئۇرۇنلىرىغا سۇنۇپ باقسىڭىز.سەمىمى تەكلىپىم.
كۆزۈمدىن

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9210
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 6838 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 01:11:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ ئۇمۇمى ھالىتى ياخشى،تەسىرلىك چىققان،تەسۋىرىدىمۇ كۆپ بىنورماللىق يوق،بىراق ھۆرنىسانىڭ پوتىرىت تەسۋىرىدە ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ يارىتىشنى مەخسەت قىلغاچقا بەك كۈچەپ كېتىپ ئورۇنسىز تەسۋېرلەر كۆرۈلگەن،سەل سۈنئىيلىك شەكىللىنىپ قالغان.تەسۋىر ئارلىقىدا ئورۇنسىز سەكرەتمە ھالەت بار.بەزى تەسۋىرلەر ئارتۇقچە بولۇپ قالغان جايلىرىمۇ يوق ئەمەس،بىراق ئەسەرنىڭ ئومۇمى ھالىتى يەنىلا ياخشى،بىراق تىلىدا بىرئاز خاملىق مەۋجۇت،ئاپتۇرنىڭ بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىدا بۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

شام نىم ئۇچۇن يى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37500
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3432
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 806 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 11:36:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئالدى بىلەن ئوقۇپ چىقاي ھە .....................................

كۆز ئالدىمدىن كەتتىڭ يىراقلاپ ، خوش دېيىشىكە بارمىدى تىلىم . باققىنىمىدا ياشلىق كۆزۈڭگە ، پوچىلاندى ھىجىراندا دىلىم .

كۆڭۈللەر ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4314
يازما سانى: 679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14228
تۆھپە نۇمۇرى: 503
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 07:45:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈمەن دەرياسى قەشقەرنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ قەشقەردىكى ئىككى ئانا دەريانىڭ بىرى .
تۈمەننىڭ تارىخى پىغانلىق ،ھازىرى ئۈمىدلىك ،كەلگۈسى بولسا يىڭى تارىخنىڭ شاھىتى .
تۈمەن دەرياسىدا ئۆستەڭنىڭ سۈيدىن چىقراق سۇ ئىقىپ ئۆزىنىڭ دەريالىقىدىن بىشارەت بىرىۋاتىدۇ .تۈمەننىڭ سۈيدە ئۆسكەن قەشقەرمۇ زامانۋىلىشىنىڭ تەتۇر شاماللىرىنىڭ تەسىرىدە كۆپ بولمىسىمۇ ئۆزىدىكى ئۆزلۈك ،ساپلىقنى يۈركىدە ساقلاپ زامانلىۋىلىشىشنىڭ يالماپ يۈتۇشلىرىگە قارشى تۇرماقتا .
تۈمەن سەن قانچە ناتىۋانلارنىڭ ئىلاجىسىز بىچارە نازك بەدىنى ئۆز قوينىڭغا ئالمىدىڭ ؟نۇرغۈن بىگۇناھلارنىڭ قىنىنى پاك سۈيۇڭدە ئەكتمىدىڭ ،نۇرغۈن ناھاقچىلىك ،كۆرەشلەرنى ئۈنسىز قوينىڭغا سىڭدۇرمىدىڭ ؟بىز سىنىڭ سۈيۇڭدە ئۆسكەن ، قىنىمىز ئاز قالسىمۇ بىراق يەنىلا دۇنياغا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى سىنىڭدە جاكارل؛اپ تۇرمىز

غەم قىلما بەندەم غەمخانەڭ مەن دەپتىكەن ئاللا ،تەۋەككۈل دەرياسىغا سالغىن كىمە ،گاھ لەيلە گاھ چۆكە غەم يىمە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش