مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2536|ئىنكاس: 0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى نوپۇسىنىڭ ي  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 05:12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1 . شىنجاڭنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى ۋە كۆپىيىش نىسبىتى

2011-يىلى5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاپتونوم رايۇنلۇق سىتاستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايۇندا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 21مىلىيون 813مىڭ 334 كىشى ( ئاقما نوپۇس، ۋاقىتلىق نوپۇس، بىڭتۈەن نوپۇسى بۇنىڭ سىرتىدا ). ئۈرۈمچىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 3مىليۇن 110مىڭ 280 كىشى( ئاقما نوپۇس، ۋاقىتلىق نوپۇس، بىڭتۈەن نوپۇسى بۇنىڭ سىرتىدا ).  【ئاستىدىكى سىتاستىكىلىق ماتىرياللاردىمۇ ئاقما نوپۇس، ۋاقىتلىق نوپۇس، بىڭتۈەن نوپۇسى بۇنىڭ سىرتىدا 】。 2000-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10 يىل ئىچىدە، جەمئىي3مىليۇن 353مىڭ 823 نوپۇس كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشى 1مىليون 256مىڭ 229 كىشى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40.1% نى ئىگەللىگەن، باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمئىي كۆپەيگەن نوپۇسى 2مىليۇن 97مىڭ 94 5كىشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 59.9% نى ئىگەللىگەن.
2. جىنىس پەرقى ۋە ياش پەرقى سىتاستىكىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى 21مىليون 813مىڭ 334 نوپۇس ئىچىدە ، ئەرلەر(ئوغۇللار(نوپۇسى 11 مىليون 190مىڭ 228 كىشى، ئاياللار ( قىزلار ) نىڭ نوپۇسى 10 مىليون 623 مىڭ 106 كىشى،  ئوغۇللار 51.3% نى، قىزلار 48.7% نى ئېگەللىگەن. لېكىن بۇ قېتىمقى  ئەر-ئايال نوپۇسنىڭ نىسبىتى 2000-يىلىدىكىگە قارىغاندا تۆۋەنلەش بولۇپ، ئاياللارنىڭ سانى ئېشىپ، ئەرلەرنىڭ تۆۋەنلەش ھالىتىدە بولغان.
  ياش قۇرۇلما جەھەتتە، 0~14 ياشقىچە بولغانلار 4مىليۇن 530مىڭ 645كىشى، بۇ ئۇمۇمىي نوپۇسنىڭ 20.77%ى، 15~ 64 ياشقىچە بولغانلار 15 مىليون 932مىڭ 420 كىشى، بۇ ئۇمۇمىي نوپۇسنىڭ 73.04% نى ، 65 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 350مىڭ 269كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 6.19% نى ئېگەللىگەن.  بۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە ، 2000- يىلدىكىگە قارىغاندا، 0~14 ياشتىكىلەرنىڭ سانى تۆۋەنلەش، 15~64 ياشتىكىلەرنىڭ نوپۇسى 4% ئېشىش، 65 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ نوپۇسى 1.52 ئېشىشتەك ياش قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى شەكىللەندى.
3. مائارىپ- تەربىيەلىنىش ئەھۋالى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى 2011-يىللىق نوپۇس سىتاستىكىسغا ئاساسەن، 21مىليون 813مىڭ 334 نوپۇس ئىچىدە، ئالىي مەكتەپ( ئالىي تېخنىكومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولغانلار 2مىليون 319مىڭ 950كىشى، تۇلۇق ئوتتۇرا ( ئوتتۇرا تېخنىكومنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولغانلار 2مىليون 526 مىڭ 385 كىشى،  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى نوپۇس 7 مىليون 873مىڭ 675 كىشى، باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولغان نوپۇس 6 مىليون 560 مىڭ 438 كىشى. ھازىر ساۋاتسىزلارنىڭ نوپۇسى 515 مىڭ 789 كىشى بولۇپ، 2000- يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 521مىڭ 53 كىشى ئازايغان.
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى نوپۇسنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاسلارغا تارقىلىشى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىكىدەك:


( پۈتۈنلەپ ئالغاندا، ئۈرۈمچىدە 3مىليون110مىڭ، سانجىدا 1مىليون 428 مىڭ،بايىنغولىن(كورلار) دا 1مىليون278مىڭ، ئاقسۇدا 2مىليون 370مىڭ، قەشقەردە 3مىليون 979مىڭ( تەخمىنەن 4مىليون)، خوتەندە 2مىليون 14مىڭ، ئىلىدا 2مىليون 482 مىڭ، ئالتايدا 603مىڭ، تارباغىتايدا 121مىڭ، قىزىلسۇدا( ئاتۇش ) 525 مىڭ، بورتالادا 443مىڭ، قومۇلدا 572مىڭ، تۇرپاندا 622مىڭ، قارامايدا 391 مىڭ، باشقا ئاپتونۇم رايۇنغا بىۋاستە قاراشلىق شەھەر- ناھىيەلەرگە 770 مىڭ نوپۇش تارقالغان.)

    بۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى  ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقان بولۇپ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىلللەتلەرنىڭ ئايرىم نوپۇس سىتاستىكىسى ۋە تەپسىلى ئەھۋالى 5- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
  
                 تەرجىمە ئەسەر

مەنبە: شىنجاڭ ياخشى جاي تورى. سوخو تورى


http://www.huaxia.com/xj-tw/xjxw/2011/05/2402626.html

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش