مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 891|ئىنكاس: 0

ئوساما بىن لادىننىڭ پاكىستانى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 12:10:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]ئوساما بىن لادىننىڭ پاكىستانى
براھما چېلانىي (ھىندىستان)

[align=justify]ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئىسلامئابادقا يېقىن ھەشەمەتلىك قوروغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئوساما بىن لادىننى ئۆلتۈردى. بۇ ئىختىيارسىز بىزگە پاكىستانىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ ئەل قائىدنىڭ باشقا رەھبەرلىرىنىمۇ تۇتۇۋالغانلىقىنى ئەسكە سالىدۇ. بىز تېرورچىلارنىڭ ھەقىقىي پاناھ جايى پاكىستان ۋە ئافغانىستان، ھىندىستان چېگرىسى ئەمەس، بەلكى پاكىستاننىڭ مەركىزىي قىسىمى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم بايقىدۇق.
بۇ ئەكسىچە باشقا بىر ئاساسىي ھەقىقەت-ئەگەر خەلقئارالىق تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلبە قىلماقچى بولسا، چوقۇم پاكىستاندىكى قوراللىقلارنى يوقىتىش ۋە ئاشقۇنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ھەمدە باشباشتاقلىق قىلىدىغان ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئەل-قائىدنىڭ پاكىستاندا تۇتۇلغان باشقا رەھبەرلىرى ئۈچۈنچى نومۇرلۇق رەھبىرى خالىد شەيىخ مۇھەممەد، ھەرىكەت باشچىسى ئەبۇ زۇبەيدە، ياسىر جەزىرە، ئەبۇ فاراج فارج ۋە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى رامزى بىنالشىب (Ramzi Binalshibh) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پاكىستاندىكى شەھەرلەردە تورغا چۈشتى. بىن لادىننىڭ يوشۇرۇنغان جايى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ تۇرالغۇسى مۇھىم ھەربىي بازار ئاببو تابادقا ھەمدە بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىنىستۇتىنىڭ يېنىغا جايلاشقان.   
بۇ بىن لادىننىڭ چوقۇم پاكىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ زور كۈچتىكى ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق قوغلاپ تۇتۇشىدىن قاچالىغان. ئامېرىكا پاكىستان ئارمىيىسى ۋە ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇش خەتىرىگە قارىماي، پاكىستان ئارمىيىسى بىلمىگەن ئەھۋالدا، پاكىستانغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى، ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىمى ۋە ھۆددە سودىگەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئوبامانى تۇتۇش خىزمىتىدە ئاندىن بۆسۈش بولدى.  

[align=justify]

[align=justify]يېقىنقى يىللاردا، ئەل قائىدنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەرىكەت خادىملىرى قولغا ئېلىنىشى ياكى ئېتىپ تاشلىنىشى، يەنە كېلىپ بىن لادىننىڭ ئىزچىل پاكىستاندا يوشۇرۇنىشى، ئېغىر دەرىجىدە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئەل قائىدنىڭ كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق ھۇجۇم قىلىش ياكى ئامېرىكا مەنپەئەتىگە ئاشكارا خىرىس قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتتى. بىن لادىننىڭ ئۆلىشى بىلەن، ئەل قائىد پەندىنپەي يوقايدۇ. 
ئەمما، ئەل قائىدنىڭ خەتەرلىك ئېدىئولوگىيىسى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ قوللىشىدىكى دۆلەتسىز ئۇنسۇرلارنى قۇترىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئاساسلىقى دۆلەت ھالقىغان تېرورلۇق ھۇجۇمى قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ، خۇددى 2008-يىلى بومبايغا تېرورلۇق ھۇجۇمى قىلغان ئۇنسۇرلارغا ئوخشاش. ئافغانىستاندىمۇ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى ئەل قائىد ئەمەس، بەلكى پاكىستاننىڭ ھىمايىسىدە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىققان تالىبان.
بۇ دەل نېمە ئۈچۈن خەلقئارانىڭ قىزىق نۇقتىسى پاكىستاندىكى تېرورچى تەشكىلاتلار تورى، يەنە دۆلەت ۋە دۆلەتسىز ئۇنسۇرلار ئوينىغان رولى ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىغا مەركەزلىشىشنىڭ سەۋەبى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئاستا-ئاستا بىن لادىننى قورشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا شىتاب بىرلەشمە يىغىن رەئىسى مايك مۇللېنس (Mike Mullens) گېنرال پاكىستان ئارمىيىسى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىغا ھۇجۇم قىلغان بىر قىسىم ئاشقۇن ئۇنسۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا بىلدۈردى. پاكىستان تۇپرىقىدا چوڭ بولغان ئىسلام قوراللىقلىرى داۋاملىق ئاشكارا ھەرىكەت قىلدى، پاكىستان ئارمىيىسى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ ئاشقۇن ئۇنسۇرلار ۋە تېرورچىلار بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ قويۇشنى خالىمىدى.
ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پاكىستان ئىتايىن جاپالىق خىرس.  ئامېرىكا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن پاكىستانغا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ياردىمى بەردى. ئەھۋال ياخشى بولغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئېرىشكىنى پەقەت نائىلاج ياردەم بولدى؛ ئەھۋال يامان چاغدا، پاكىستان ھەتتا مەقسەتلىك ئالدامچىلىق قىلدى. ھازىر، ئامېرىكا قارشى دولقۇن ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى سىياسىتى تېزلىك بىلەن پارچىلاندى. ئەمما، دۇنيادا باج يىغىش دۆلەت ئىچى ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاكىستان بارغانسېرى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىغا تايىنىدىغان بولدى.
گەرچە ئامېرىكا خەلقى بىن لادىننىڭ ئۆلىمى بىلەن سەكرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى خاتا سىياسىتىنىڭ پاكىستاننى دۇنيا تېرورچىلىرىنىڭ ئاساسلىق پاناھ جايىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى چوقۇم ھېس قىلىشى يېتىشى كېرەك. ئامېرىكا پاكىستاندا ساغلام ئاممىۋى ئورگان قۇرۇشقا ياردەم بەرمەي، ئەكسىچە غازاتچىلار سىڭىپ كىرگەن پاكىستان ئارمىيىسىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتتى. ۋاشىنگىتوننىڭ كېلەر يىللىق مالىيىسىدە پاكىستانغا 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي ياردەم بېرىش پىلانى بولىشى دەل ئەڭ ياخشى پاكىت. مۇستەبىت پەرۋاز مۇشەررەپ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، يېڭى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكىگە دوكلات قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى،  شۇنىڭ بىلەن ھەربىي تەرەپ تېزلا كونا خۇيى قوزغىلىپ قالدى.

[align=justify]

[align=justify]ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى ئەسكىرىي كۈچىنى كۆپەيتتى. ئەمما، ئۇ يەنە پاكىستانغا بولغان ياردىمىنىمۇ كۆپەيتتى. گەرچە ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ۋە ئەل قائىدنىڭ قالدۇق كۈچلىرى پاكىستاندا خاتىرجەم يوشۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، پاكىستان يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ياردەم ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. بۇ پەقەت بىزنى خاتا ئۇرۇشقا قانچە پاتقانسېرى، پاكىستاننىڭ يۈرەكلىك بىلەن ئافغانىستان تالىبانلىرىنى زورايتىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا ئۈزۈلدۈرمەي ھۇجۇم قىلىپ ئەل قائىدنى ئاجىزلاشتۇرغاندىمۇ شۇنداق بولدى.
جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، پاكىستان تېرورىزم ئاپىتىنى پەيدا قىلغىنى كۆپىنچە ھالدا ۋېسكىي ئىچىپ ئولتۇرغان گېنېراللار، ھەرگىزمۇ قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغان موللىلار ئەمەس. دەل بۇ گېنراللار غازاتچىلارنى زورايتتى ھەمدە تالىبان، لەشكەر تائىپى قوراللىق تەشكىلاتى، جالالىدىن ھەققانىي قوراللىق تەشكىلاتى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى باشلاپ كەلدى. ئەمما، ئۇلار تېرورىزىمنىڭ ۋاكالەتچىلىك مەسئولىيىتىنى موللا  قورچاقلارغا ئىتتىرىپ قويدى. بۇ گېنراللار ئامېرىكىنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاچقۇچلىقى قورچاقلارنى تىزگىنلىمەي دىننىي ئاشقۇنلارنى چەكلىدى.
ئەمەلىيەتتە، پاكىستان جىھاتچىلارنىڭ بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئاۋام پۇقرا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا يۈز بەرگەن ئەمەس، بەلكى ئىككى ھەربىي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە يۈز بەردى، بىرى جىھاد تەشكىلاتلىرىنى تەربىيلىدى ھەمدە مەيلىگە قويۇپ بەردى، يەنە بىرى دۆلەتنى يارنىڭ لىۋىگە ئەكىلىپ قويدى.
ئەگەر پاكىستان ئارمىيىسى ۋە ئاخبارات ئىدارىسىنى ئىسلاھ قىلمىسا، دۆلەت ھالقىغان تېرورىزىم مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، پاكىستاندىمۇ ھېچقانداق ھەقىقىي مەنىدىكى قۇرۇلۇش بولمايدۇ. ئەمما، پاكىستان ئارمىيىسى ۋە ئاخبارات ئورگىنى ئاۋام ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت قىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، ھەل قىلغۇچ رولى چوڭ ھەمدە ھەربىي گېنراللارنىڭ كونتروللىقىدا، پاكىستان قانداق قىلغاندا بىر «نورمال» دۆلەتكە ئايلىنىدۇ؟
بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن، ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ قايتا قۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى پاكىستان ئارمىيىسى ئافغانىستاندا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدە بىر ۋاكالەتچى ھۆكۈمەت قۇرۇشتۇر. پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ھوقۇقنى مۇستەھكەم كونترول قىلىشى يوقىلىپ، ئاخبارات ئورگىنىنىڭ كۆلىمى تارايغانغا قەدەر، پاكىستان يەنىلا دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان تېرورىزم تەھدىتى پارتلاش مەركىزى. 

[align=justify]مەنبە: ئوكيان تورى، نەپرەت2009 تەجىمىسى

[align=justify]http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2096


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش