|
|
|
|
[align=justify] سۇ جىنيۈەننىڭ ئۆيى جۈەنچىڭ ناھىيىسى شېنجى بازىرى شىگۈەي كەنتىدە بولۇپ، بۇ يىل 22 ياش. ئۇ مېيىپ بولۇپ، يول مېڭىشىمۇ ئىنتايىن تەس، بىراق ئۇ : مەندە بىر جۈپ كۆرۈنمەس قانات بار، بۇ قانات دەل مېنىڭ سۆيۈملۈك قەلىمىم_، دەيدۇ. ئۇ مۇشۇ قاناتقا تايىنىپ تېخىمۇ ئېگىز ئۇچالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
[align=justify] سۇ جىنيۈەننىڭ بىر جۈپ قولى تۇغما مېيىپ، <بالا كەلسە قوش كەپتۇ> دېگەندەك، بىر ياشقا كىرگەندە بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرپتار بولۇپ، ئىككى پۇتىمۇ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتقان. دادىسى ئۆزى ياسىغان بۇ كىچىك ئورۇندۇق، ئۇنىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىكى بىردىنبىر تىرىكى بولۇپ قالغان. ئۇ ئاستا-ئاستا رەسىم سىزىشقا قىزىقىپ قالىدۇ، ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى بىلىدىغان سۇ جىنيۈەن ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. سەزگۈر ، كۆيۈمچەن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ قىزىقىشىنى بايقىغاندىن كېيىن، تىجەشلىك بىلەن پۇل يىغىپ ئۇنىڭغا بوياق، قەغەزلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ. كەنىتتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرمۇ موي قەلەم، رەسىملىك كىتاب قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلىدۇ. بۇلار ئۇنىڭغا زور ئىلھام بولىدۇ. تېلېۋېزوردىن، كوچىدىكى رەسساملاردىن (دادىسى ئالايىتەن تەكلىپ قىلىپ بەرگەن رەسسام ئۇستىلاردىن)ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. سۇ جىنيۈەن ھەر قېتىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايپېتەك بولغىنىنى كۆرگەندە كۆڭلىدە بىر خىل ئازابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن بىر قېتىم بولسىمۇ بىر پىيالە ئىسسىق چاي تۇتۇش، بىر قېتىم مېزىلىك تاماق ئېتىپ بېرىش ئىدى. بىراق ئۇ قىلالمايتتى. مۇستەقىل ئىش قىلالىسام، ئاتا-ئانامغا قايتۇرغان ئەڭ چوڭ جاۋابىم دەپ ئويلايتتى.
[align=justify] ... ...
[align=justify] ئۇ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىملىرىنى ئۆزى كىيىشكە تىرىشاتتى. تاماق يېيىشىمۇ قىيىن ئىدى. قانچە قېتىم ئازاب ياشلىرىنى تۆككىنىنى بىلمەيتتى ... ... [align=justify] [align=justify] [align=justify]
ئۇ قىينالسىمۇ ، ئامال قىلىپ كىرلىرىنى ئۆزى يۇيۇشقا تىرىشاتتى.
[align=justify] 20 يىلدىن بېرىقى كېسەل ، ئۇنىڭ چىش چوتكىلاشتەك،تاماق يېيىشتەك ئاددى ئىشىغىمۇ زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. [align=justify]
قانداقلا بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ ھەممىنى يېڭىشقا تىرىشتى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىپ، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق خېلى ئىشلارغا كۆندى. ئۇ شۇنچە ئازاب تارتسىمۇ يەنىلا، روھلۇق، غەيرەتلىك، خۇشال ئىدى.
ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇ ، كوچىدا رەسىم سىزىپ ، رەسىم سېتىپ ئائىلىسىگە ئىقتىساد قوشۇش ئىرادىسىدە "چېپىپ"يۈرمەكتە.
ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ مۇقىم باھاسى يوق. كىشىلەر ئۇنىڭ ھىكايسىنى ئاڭلاپ ، رەسىملىرىنى رازىلىق بىلەن سېتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر قوللىغۇچىسى_ دادىسى.
ئۇ : مۇشۇنداق يارىلىپ قالغانلىقىمدىن نارازى بولۇپ يۈرگىچە، ئۆزۈمنى كۈچلۈك قىلىشقا تىرىشقىنىم ئەۋزەل_،ەيدۇ.
[align=justify]
[align=justify] [align=justify]ئۇ شۇنچىلىك چارچىدى، لېكىن بەرداشلىق بېرىپ كەلمەكتە. ئۇ : مەن تۇرمۇشتا نىشانىمنى تاپتىم، شۇڭا بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك_، دەيدۇ.
[align=justify]
ھەر بىر كىشىنىڭ ئارزۇسى ، غايىسى بولىدۇ، كىملەر شۇ غايىلىرى ئۈچۈن تىرىشتى ؟؟؟!!!
[align=justify] جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز بار، بىز شۇلاردىن قاقشاپ يۈرىمىز، تىللىرىمىزدا، يېزىقىمىزدا. توپلاشساقمۇ شۇ ، گېزىتتىمۇ شۇ، تېلېۋېزوردىمۇ شۇ، توردىمۇ شۇ. جۈملىدىن مۇنبەردىمۇ شۇ.
ھەر قېتىم تاپتىن چىققان ئىشلارنى قىلغىنىمىزدا، بىراۋنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىنىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك بىجىرىم ئىكەنلىكىمىزنى، جەمئىيەتكە ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانچىلىك ئىجابى تەسىر كۆرسەتكىنىمىزنى ئويلاپ باقتىقمۇ ؟ ئويلىغان بولساق ياخشى، بىر - بىرىمىزگە مۇئامىلە قىلغاندا ناھايىتى سىلىق، ئىلمىي بولايلى، كۆڭۈللەر كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچسۇن، شۇندىلا جەمئىيىتىمىز ، ئارىمىز ئىللىقلىققا تولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، جىسمانىي مىيىپلىقتىن ، روھى مېيىپلىق ئېغىر. شۇ جىسمى مىيىپ ئاتالغان كىشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىدىن سۆيۈنسەك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ روھى نېمە دېگەن ساغلام. سىزچۇ، كۈندە ئەركىن ئازادە چېپىپ يۈرگەن، ئويۇن-تاماشادىن قالماي يۈرگەن، ئىسراپچىلىق قىلىپ، دىللارغا ئازار بەرگەن ... سىزچۇ ؟ سىز قانداق ئويلاۋاتىسىز ؟؟؟!!! سىز نىشانىڭىز ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىۋاتامسىز، ياخشى ئىشلارنى قىلالىدىڭىزمۇ ؟
[align=justify]مەنبە: تېڭشۈن تورى [align=justify]مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپىسىدىن ئەلتېكىن تەرجىمىسى
[align=justify]http://news.qq.com/photon/act/zhongguorendeyitian/494.htm
|
|
|
|
|
|