مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 882|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇرلاردا «ئانا» ئۇقۇمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 06:40:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئانا رازى، خۇدا رازى، مۇھەممەد مۇستاپا رازى».


  [align=justify]ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئانىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ ۋە ئانىغا باغلانغان ھالدا ياشايدۇ، ئاخىرى يەنە ئانىغا قايتىدۇ. دېمەك، مەۋجۇدات ئانىدىن تۇغۇلىدۇ، ئانىدا ياشايدۇ، ئانىغا قايتىدۇ. ئانا مەنە بۇلىقى، ئۇيغۇرلار دۇنيا ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن خالىي ھالدا ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئانا-ئالەم، ئانا-بىلىم ۋە تەپەككۇرغا سەلتەنەت بېغىشلايدىغان مۇقەددەس سۇبستانسىيە. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە تەپەككۇر تارىخىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا ھالدا يورۇتقىلى بولمايدۇ ھەم يازغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار «ئانا»نى مەركەز قىلىپ، بىر ئائىلىنىڭ شەجەرىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھەتتا «ئانا»نى سۈپەت قىلىپ پۈتۈن بىر ۋەتەننىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىدۇ. ئانا - ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ كىندىكى.

[align=justify]«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنە قاتلىمى مۇنداق بولسا كېرەك: ئانا-ھاياتنىڭ كېيىنكى ھالقىلىرىنى تۇغقۇچى. بۇ جەھەتتە «ئانا» ئۇقۇمى بارچە شەيئىگە ئورتاق بولۇپ، بىر تۈپ ياۋا ئوتمۇ ئانا، ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭ كېيىنكى نەسلىنى يېتىلدۈرىدۇ. مېكيانمۇ ئانا، ئۇمۇ چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، تاپقان-تەرگەنلىرىنى شۇلارغا بېرىدۇ. بىزدىمۇ «ئانا» ئۇقۇمىنى پەقەت «تۇغۇپ قويغۇچىدىنلا ئىبارەت» دەپ چۈشىنىدىغانلار تالاي. بۇنى بىز بىيولوگىيەلىك ئانىلىق، دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسان بۇنداق ئانىلىق بىلەن «ئىنسان» بولۇش شەرىپىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. «ئانا» يەنە مېھىر-مۇھەببەت تۇپرىقى ياكى ئۈن-تىنسىز بەدەل، بۇ يەنىلا ھەممە مىللەتتە ئورتاق. ئەگەر تەڭرى ئىنسانلارغا «مېھىر» دىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا، ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۈگىمەس جەۋر-جاپاسى تۈپەيلى ئۇلارنى تۇنجۇقتۇرۇۋەتكەن بولاتتى. ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك مالاي. مۇھەببەت بۇ خىل مالايلىققا شۇنداق قىممەت ئاتا قىلغانكى، ئانا دەل مۇھەببەت ئارقىلىق تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئۇلۇغۋار مەنىگە ئېرىشتۈرەلىگەن. ئەگەر دۇنيادا ئانا مېھرىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي مۇھەببەت بولمىسا، دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كۇھىقاپقا ئايلانغان بولاتتى، شۇنىڭدەك ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

[align=justify]بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئانا» ئۇقۇمى ئەنە شۇ مۇھەببەت باسقۇچىدا ئەللەيلىنىپ ياشايدۇ: ئۇلار ئانىلارنىڭ مېھىرلىك قىياپەتلىرىنى، ئاق كۆڭۈللۈكلىرىنى، بەرگەن قۇربانلىرىنى، پەرزەنت ئالدىدىكى پەيۋەندىلىكلىرىنى، ھازا ئىچىدىكى مىسكىن ئۆلۈمىنى ناخشا-قوشاقلارغا ئايلاندۇرۇپ، تېلېۋىزور ئېكرانلىرىغا ئېلىپ چىقىشتى، VCD قىلىپ ئىشلەپ، بازارلارغا سېلىشتى. لېكىن، ئانىلىقنىڭ تېگى-تەكتى ۋە پەرزەنتلىك مەسئۇلىيىتى ھەققىدە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولمىش پاراسەتلەرنى ئىشلەپ چىقالمىدى. بۈگۈنكى شائىرلار ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ يازدى، ناخشىچىلارمۇ ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ كۈيلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئانىنىڭ شەپقىتىگە بېقىندى بولۇپ كەتكەن مىشچان ئەۋلادلارنىڭ قەلب ساداسى. ئۇنداقتا، بۇنداق بېلى بوش ئەۋلادلار نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بۇ يەنىلا مېھىر-شەپقەتتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدىغان ساددا، ئاق كۆڭۈل ئاتا-ئانىلارنىڭ مەھسۇلى. قەدىمقى ئۇيغۇرلاردىكى ئانىلار ئەرلىرىنى ۋە ئوغۇللىرىنى جەڭگاھقا ئۇزۇتۇۋېتىپ، ئىپتىخار قىلىشاتتى، ئۇلار ئەرلىرى ۋە ئوغۇللىرىنىڭ شېھىت بولغىنىنى ئاڭلىغىنىدا كۆزلىرىنى «مىت» قىلمايتتى، بەلكى، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشاتتى. ھازىرقى كۆپىنچە ئانىلار بولسا بالىلىرىنى يىراق بىر شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقانلىرىدا، ئۆرتىنىپ يىغلاپ كېتىشىدۇ. قارىغۇلارچە مېھىر-شەپقەت بولۇمسىز ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرىدىغان بۆشۈك. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشى تەسەۋۋۇپ بىلەن سۇغۇرۇلغان خەلق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ-كىچىك ساھەلىرىگە نەزەر سالساق، بۇ خەلقنىڭ تەسەۋۋۇپ روھىنى ئاممىۋى مىقياستا كېڭەيتىۋەتكەن خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. جۈملىدىن، ئۇيغۇرلاردىكى «ئانا» ئۇقۇمىمۇ تەسەۋۋۇپ خاھىشىدا راسا پىشۇرۇلغان. بۇ ھال مەشرەپ شېئىرلىرىدا بىرقەدەر روشەن ئەكس ئېتىدۇ: «ئانا رازى، خۇدا رازى، مۇھەممەد مۇستاپا رازى».

 
 دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاتالمىش ئانىلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلسىلا خۇدا رازى بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى، خۇدانىڭ بۇيرۇقىنى چۈشەنگەن ۋە ئىجرا قىلغان ئانىلارنى رازى قىلغاندىلا، ئاندىن خۇدا رازى. مەشرەپنىڭ دېمەكچى بولغىنىمۇ ئەنە شۇ ئىدى. ئەمما، بۇ پىرىنسىپ شېئىرلاشتۇرۇلۇپ ئېيتىلغاچقا، قويۇق ھېسسىيات تۈسىگە ئىگە. پىرىنسىپلارنى ھېسسىياتلاشتۇرۇش شېئىرىي مىللەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. تەسەۋۋۇپمۇ ماھىيەتتە شېئىرىي قايناق. كۆيۈم - ئانىلاردىكى ئىنسانىي سۈپەتنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى. ئەمما، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار «ئانا»لىقنىڭ ئۆلچىمىنى «كۆيۈم» بىلەنلا چەكلىگەن ۋە شۇ دائىرىدە تەلقىن قىلغان.
[align=justify]«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۈچىنچى بىر مەنىسىمۇ بار، بۇنى ئانىلىقنىڭ تاكاممۇل ئىپادىسى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئانىلىق، پەرزەنتكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرەلىگەندىلا، پېداگوگىك مەنىگە ئىگە بولىدۇ. ئانا ئۆز پەرزەنتىگە مەلۇم بىر ئېتىقادنى چۈشەندۈرەلىگەندە ۋە قوبۇل قىلدۇرالىغاندا؛ ئۇلارغا كۆيۈنگەندە، ئېتىقادنى پىرىنسىپ قىلالىغاندا، ئۇلارنى جازالىغاندىمۇ ئېتىقادنى مىزان قىلالىغاندا، بۇنداق ئانا ئۆزىدىكى ئانىلىق تەبىئەتنى مۇقەددەس پەللىگە يەتكۈزەلەيدۇ. بۇنداق چاغدا ئانا ئۆزىدىكى ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇقەددەسلىكنىڭمۇ ئەلچىسىگە ئايلانغان بولىدۇ. ھېكايەت: بىر ئايالنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ يىراق بىر شەھەرگە كېتىپتۇ، بۇ ئارىدا ئۇنىڭ ۋەتىنى ياۋلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپتۇ، ئايال ئۆز ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلسا، ئوغلىنىڭ سودا قىلىپ يۈرگىنى مەلۇم بوپتۇ. غەزەپلەنگەن ئانا ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ۋە ھېچبىر ئىككىلەنمەي ئوغلىنى قەتلى قىپتۇ. كېيىن ئۇقسا، ئوغلى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدا سودا قىلغانىكەن، بۇنىڭدىن ئۆكۈنگەن ئانا ئوغلىنىڭ روھىغا دۇئا قىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ بۇرچىنى ئۆز زىممىسىگە ئاپتۇ. شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» دېگەن ئەسىرىدىمۇ ياۋغا تەسلىم بولۇپ، ئۇلارغا مالايلىق قىلغان ئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن قەتلى قىلغان بىر ئانا تەسۋىرلەنگەن. بۇنداق تېما ھەربىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدىن كۆپلەپ تېپىلىدۇ. ئانا بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز پەرزەنتىنى تولىمۇ سۆيىدۇ، دۇنيادا بالىسىنى سۆيمەيدىغان ئانا بولمىسا كېرەك. لېكىن، بۇ سۆيگۈنى شەخسىيەتتىن ھالقىغان ئالىيجاناب سۆيگۈگە ئايلاندۇرغان ئانىلار ھەممە يەردە ئۇچراۋەرمەيدۇ.

[align=justify]تۇمارس-ئانىلىق پەزىلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان تارىخىي ئانىلارنىڭ بىرى. كەيخسىراۋ ماساگىتلارنىڭ ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەندە، تۇمارس ئوغلىنى جەڭگە ئەۋەتىدۇ، ئارقىسىدىن ئۆزى بېرىپ كەيخسىراۋنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالىدۇ. بۇنداق ھەيۋەتلىك سىمالارنى بۈگۈنكى دەۋر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك روھنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىمىز. ئانىلاردا باتۇرلۇق بولۇش بىلەن بىرگە، زامانغا لايىق پاراسەت، ئەخلاقىي چىركىنلىككە قارشى تەقۋالىق بولۇشى كېرەك بولماقتا.

[align=justify]ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئايىساڭ بالاغا قالىسەن» دېگەن گەپ بار. ۋاپاسىز بالىلار-ئانىلىقنى نوقۇل كۆيۈنۈش دەپ چۈشەنگەن ئاتا-ئانىنىڭ قېشىدا ئۈنگەن شۇمبۇيا. ئاددىي ئانىلار ۋە مەشھۇر ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئانا. ئانىنىڭ ئاددىيلىقىدا بەزىدە ئالەمچە ھېكمەت بولىدۇ. ئەسلىدە ئانىلارنىڭ بىر تامچە سۈت ھەققى ئۆمۈرلۈك ۋاپاغا ئەرزىيدۇ، لېكىن، بارلىق سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئېتىقاد ۋە دۇنيا قاراش بىلەن تەربىيەلەشنى بىلىدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ جاپاسى ۋە شان-شەرىپى. شۇنداق بولغاچقىلا، ئانىلىق-سۈت بېرىش ۋە مېھىر ئاتا قىلىشلا ئەمەس، بەلكى، پەرزەنتلەرنى خاتىرجەمسىز مۇھىتتا تىز پۈكمەي ياشىيالايدىغان قىلىش. بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى، ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيەسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك.


مەنبە :سالام ئۇرۇمچى تورى :http://www.salamurumqi.com/a/tarih/2011/0507/574.html

raddiya بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 07:48:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئويلانماقتىمەن..

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 25985
تۆھپە نۇمۇرى: 1554
توردا: 6015 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 08:16:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك" دېگەن ماقالىكەنغۇ بۇ؟  ئاز تولا قىسقارتىپلا، ماۋزۇنى ئۆزگەرتىپلا مەنبەنى ئەسكەرتمەي تورغا چىقىرىپتۇغۇ.  
بۇ گەپنى سىزگە دېمىدىم، ئاۋۇ سالام ئۈرۈمچى  دېگەن توردىكىلەر شۇنداق قىلىپتۇ.

http://riziq.cn

*ئاللاھ گۇناھلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36464
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 08:17:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن رەھمەت سىزگە... [s:166]

ھەي................ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!

چىرايلىق چىرايل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8809
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9637
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 08:25:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن رەھمەت . [s:166]  [s:166]  [s:166]

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 08:27:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (mutepekkur) نىڭ يازمىسىغا

بۇقانداق گەپ يادىگەلى گەپ تاپالمدىڭزمۇ
مۇنبەر بولغاندىكىن قانداق گەپ قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىڭزمۇ يا
گەپ قىلىش خوش ياققان بولسا گەپ قىلىڭ خوش ياقمىسا كۇرۇپ قويۇپ چىكەتسىڭزمۇ بولىدۇ

ھۆپۆپۆپ چۈش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 395
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3918
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 08:36:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:2-قەۋەت (mutepekkur) نىڭ يازمىسىغا

ئانا  دەپ تولايدىكەن بەندە

ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئىنسانلارغا بىرىلگەن سوۋغات ئەمەس بەلكى پارىدۇر

ئويلانماقتىمەن..

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 25985
تۆھپە نۇمۇرى: 1554
توردا: 6015 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 08:48:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(YURT OGLANE) نىڭ يازمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  YURT OGLANE كە 2011-05-08 08:27 PMئەۋەتىلدى 2-قەۋەت (mutepekkur) نىڭ يازمىسىغا :
  بۇقانداق گەپ يادىگەلى گەپ تاپالمدىڭزمۇ
مۇنبەر بولغاندىكىن قانداق گەپ قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىڭزمۇ يا
گەپ قىلىش خوش ياققان بولسا گەپ قىلىڭ خوش ياقمىسا كۇرۇپ قويۇپ چىكەتسىڭزمۇ بولىدۇ
ئاغزىڭىزغا بېقىپ سۆزلەڭ!
قانداق گەپ قىلسا بولىدىغان ئىش يوق. باشقىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى ئوغرىلاپ يوللىماي، نوچى بولسا ئۆزى يازسۇن، بولمىسا مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرسۇن!
بۇ ماقالىنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ قوياي: /read.php?tid-30840-fpage-3.shtml
بۇ ئادرىسقا كىرىپ ئوبدان قاراپ بېقىڭ، بۇ كىمنىڭ ئەسىرىكىن؟
----------------------
بۇ تېما مۇنبەرگە نەچچە قېتىم يوللىنىپ بولدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم ئەسلىدىكى ماقالە  باشقىلار تەرىپىدىن ئوغىرلىنىپ  قىسقارتىلىپ يوللىنىپتۇ.  باشقۇرغۇچىلار ئويلىشىپ باقساڭلار

http://riziq.cn

قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25276
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6441
تۆھپە نۇمۇرى: 560
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 11:46:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشكەن ئەمما بۇ ئۇغۇرلانغان ئەسەرمۇ

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 12:00:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدە بوپتۇ ئىسمىڭىز ؟

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش