مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 900|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇر ئۆرىپ ئادىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6711
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1076 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 05:01:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر مىنىڭ ئەمەس مەن ياقتۇرۇپ ئەۋەتكەن.ئۇيغۇر ئۆرىپ- ئادەتلىرىدىكى 62خىل تەربىيە

(1) ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !»، تەڭتۇش ، تۇنۇش- بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(2) چوڭلارنىڭ ، ئاتا- ئانىلارنىڭ ، كۈيئوغۇل ( كېلىن ) ، قېيناتا ، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
(3) ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە ، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم .
(4) چوڭلار كىچىكلەرنى ”بالام ، ئوغلۇم ،( قىزىم )“ دەپ ئاتىشى لازىم ، بولمىسا ”ئالجىغان“ ، ”قېرىغىنىنى تۇيمىغان“ ، دەپ ئەيىبلىنىدۇ . كىچىكلەت چوڭلارنى ”دادا“ ، ”بوۋا“ ، ”موما“ ، ”ئانا“ ، ”ئاكا ، ئاچا“ دەپ ئاتىشى لازىم . بولمىسا ، ”ئەدەبسىز“ ، ”تەربىيە كۆرمىگەن“ دەپ قارىلىدۇ .
(5)كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق – تۇققان ، دوست – ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى- مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ ، كىچىكلەرنى بولسا ، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ . ئاياللار- چوڭلار ، تەڭتۈشلەر مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ . كىچىكلەرنى باش- كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە ، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ . بولمىسا ”كۆيۈمسىز“ ، ”مېھرى يوق“ ، ”باغرى قاتتىق“ ، ”كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن“ دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(6)سىرداش دوست- ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر- بىرىنى ”سىز“ ، ”سىلى “ ….. دەپ ئاتىشى لازىم ، ”سەن“ دېيىلسە ”كۆزگە ئىلمىغانلىق“ ، ”پەس كۆرگەنلىك“ دەپ دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(7)ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش- بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە ، سالاملاشقاندىن كېيىن ”ئۆيگە باشلاي“ ، ”خىزمەتتە بولاي“ دېيىش لازىم . بولمىسا ”قىزغانچۇق، ئادىمىگەرچىلىكى يوق “ دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(8)مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە ”ئەسسالام“ دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ”ئاللاھۇئەكبەر“ دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش – كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا ”قائىدىسىز“ ، ”ھاكاۋۇر“ دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ، چوڭ – كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا ”تەبىئىتى يوق ، مەينەت“ دەپ ئەتىبلىنىدۇ .
(10) قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم .
(11) مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان ”قېنى باقىلىي“ دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ .
(12) مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ، ”كۆزگە ئىلمىغانلىق“ دەپ قارىلىدۇ .
(13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى ، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ ”ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ“ دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ .
(14) مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ- سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق ، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم . ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ – سارۋاڭ قىلىپ ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .
(15) مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى ، ئاختۇرماسلىقى ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى ، بولۇپمۇ قىز- ئاياللار يېنىغا ، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم . بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(16) مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم ، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى ، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ .
(17) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش ، بۇرۇن- قۇلاق كولاش ، مىشقىرىش ، تۆكۈرۈش ، تىرناق ئېلىش ، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .
(18) مېھمانلار ، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق ، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم . ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق ، ئاقساقاللىق ، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ .
(19) مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت – شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت – شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ .
(20) مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ . بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ – ئېچىپ ئولتۇرالمايدۇ . ”تويغا بارساڭ تويۇپ بار ، بەش بالاڭنى قويۇپ بار“ دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان .
(21) مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن ”ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ ، ”رەھمەت“ دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم .
(22) مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم ، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم . چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ . ”ئېيتقان يەردىن قالما ، ئېيتمىغان يەرگە بارما“ دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن .
(23) يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ .
(24) غىزا- تاماقنى چاچماي ، پاكىزە يىيىش ، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ- چېچىپ ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم . بولمىسا ، ”ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ“ ، “ ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ“ دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(25) مېھمان ، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال – جاندارىنى “ ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ “ ، ”ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ“ … دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت ، ماختىسا ”كۆز تېگىدۇ“ دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئاشۇنداق ماختاش بولسا ، قارشى تەرەپ ئىچىدە ”ئاغزىڭغا تاش“ دەپ قارغايدۇ .
(26) بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم ، مەسلىنىپ قارىسا “ ئېچى كىرىپ قالىدۇ“ دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(27) تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق ”قىزغانچۇقلۇق“ ، ”ئاچكۆزلۈك“ دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(28) مەيلى ئۇرۇق – تۇققان ، دوست- ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە ، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم . بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا ”يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ“ دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(29) يۈگۈرۈپ ، ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم . چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم – غۇسسىگە قالىدۇ .

(30) ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم ، ئەخلەت قونۇپ قالسا “ بەرىكەت قاچىدۇ“ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(31) ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم . كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ ، ئەدەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(32) يۈز- كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم . بولمىسا ، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ .
(33) ئوچاق بېشى ، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا ، قۇدۇققا ، سۇ ئىدىشىغا ، چېلەك ، ساپلىق – نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ .
(34) ئىشىك ئالدىغا ، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ – كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك ، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(35)كۈن ، ئايغا قاراپ چوڭ- كىچىك تەرەت قىلىش ، سۇغا سىيىش ، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش ، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ . ”ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭەە “ دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان.
(36) زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا ، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار ”يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ“ دەپ قارىلىدۇ .
(37) تۇزغا ، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ .
(38) نان پارچىلىرىنى ، تۇزنى دەسسەشكە ، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش نانغا ، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى نان ، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن . يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى ، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت – جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى ”تۇزۇم ئۇرسۇن“ ، ”تۇزكور“ دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ، شۆھرەت ، ھارام دۇنيا ، ھوزۇر – مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە ، خەلقكە ، دوست – يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار :تۇزكور“ دەپ قارىلىدۇ . (
(39) ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم ، ئارقىسىغا يانسا ”سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ“ دەپ قارىلىدۇ .
(40) سەيشەنبە ، جۈمە كۈنى يولغا چىقىشقا بولمايدۇ . چۈنكى كۈنلەر ئىچىدە سەيشەنبە قۇتسىز كۈن ، شۇ كۈنى ”تۇڭگۇزمۇ مويىنى تاشلىمايدۇ“ ؛ جۈمە روھىناتلارنىڭ سېغىنىشلىق كۈنى ، جۈمە كۈنى ئەجدادلار روھىغا دۇئا – تەگبىر قىلماي ، توپا بېشىنى يوقلىماي بولمايدۇ ، دەپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، بۇ ئىككى كۈندە يولغا چىقىش ”يامان بولىدۇ“ ، ”پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ“ دەپ قارىلىدۇ .
(41) چارۋا- مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق ، تەپمەسلىك لازىم . چۈنكى قوي ئامەت ، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا ”ئامەت كېلىدۇ“ دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلەەن . شۇڭا قوينى ئۇرۇش ، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ .
(42)ئاياللار كىر سۈيىنى ئاتلىماسلىق دېگەن قاراش.
(43) يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ . ئەدەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ .
(44) كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ .
(45) ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تىغ شەرتلىك ، يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(46) چوڭلارنىڭ ، جۈملىدىن ، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك ، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم ، ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ .
(47) كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ . گەپ توشڭغۇچى ”سۇخەنچى ، تەخسىچى….“ دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(48) ئەتتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ ، بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ.
(49) ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش ، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(50) پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .

(51)چاچ- ساقال ، بۇرۇت ، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت ، قولتۇق مويىنى زىيەدە ئۆستۈۋېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(52) ئەر- ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى ”پالاكەت باسىدۇ“ ، دەپ قارىلىدۇ .
(53) ئات- كالا ، قوي ، تۆگە ، جەرەن – كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار ، غاز – ئۆردەك ، توخۇ ، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا چوشقا ، ئېشەك …. لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ ، قوي- كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ، قېنىنى ئىچمەيدۇ ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يىمەيدۇ .
(54) ناماز ئوقىغاندا ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلىش ، ئەرزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(55) ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ .
(56) زاراتلىققا قالايمىقان كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ .
(57) ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ .
(58) ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ، مەسچىت ئەتراپى ۋە ئىچىدىغان سۇ بويىدا چوشقا بېقىشى يامان ئېلىنىدۇ .
(59) كىشىنى تىللاش ، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ .
(60) كەيىپخورلۇق ، قىمارۋازلىق پۈتۈن قەمىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.
(61) قۇدۇق ، ئېرىق – ئۆستەڭ بويىغا ھاجەتىانا ، قوتان سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ.

(62) زىنا قىلىش ، كىشىگە قارا ساناش ، كىشى ھەققىنى يېيىش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جىمىيەت لەنەت – نەپرەت ياغدۇرىدۇ .
مەنبە : ئۇيغۇر ئۆرۇپ ئادەتلىرى دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

تىرىشقىن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4812
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6496 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 05:14:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ئوبدان تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،بۇنى چۇقۇم كۇرۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

ئىتقادى غەيرىتى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39761
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2013-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 05:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام بىرىشنى خاتا ئۈگىنىۋاپسىز
مەنغۇ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مەسھۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 05:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى بىر قىسىم ئاياللار  ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈش ئەمەس  تاس قالىدۇ ھېلقى <<قوش مۇش>.>  بىلەن بوكىس چىلىق قىلغىلى.
شۇڭىمۇ بەزى ئاياللاردىن چەتنەپرەك ماڭىدىغان بوپ قالدىم

ئىتقادى غەيرىتى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39761
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2013-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 05:31:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئوقۇشلۇق كىتاپتا خەنزۇلار يازغان
ئاشۇنداق يىزىپ قۇيۇپتىكەن  
توغرىسى
ئۇيغۇر ئەرلىرى چوڭ كىچىك پششىق توڭ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ قوش قوللاپ
كۆرشىمىز. ئاياللا بىلەن ياكى يىراقتا بولۇپ قالسا مەسلەن بىر ئۆستەڭ بوپ
قالسا ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ ئوڭ قولمىزنى يۈركىمزگە قۇيۇپ سالام بىرمىز [s:166]

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 05:34:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ئەجەپ ياخشى يىزىپسىز

HALKIM UQUN   JENM   PIDA

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 716
يازما سانى: 1229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11483
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 05:45:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،بۇنى ساقلۋالساق بولغدەك [s:166]

خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39955
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2011-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 07:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن ساقلىۋېلىپ دوسلۇرۇمغا ئەسەتىپ بەرسەم بولغۇدەك.........

بارچۇق ئوغلى
raddiya بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 07:35:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 3518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 09:30:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش