مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9021|ئىنكاس: 16

ئەيدىز خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1028
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12005
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 6124 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 08:14:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەيدىز خاتىرىسى

‹ پەيزىللاجان تۇرسۇن ›



ئون يىل مۇقەددەم

ھاۋا ئوچۇق . 

بۇ كۈنى ئۇ دادىسى بىلەن يۇرتتىن ئايرىلىپ بۇشەھەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەن . ئەلۋەتتە ئۇ چاغدا بۇ شەھەر پەقەتلا ئۇزۇن سەپەرنىڭباشلىنىشى ئىدى . ئەمما ئۇزۇن سەپەر باشلانماستىلا ئۇ بىر يىتىم قوزىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى . دادىسىنىڭ يىنىدىن ئايرىلماي ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر بىر كۆۋرۈك ، چوڭ ئىمارەت ، سودا سارايلىرىنى بىرمۇ بىر تونۇشتۇرۇپ ، ئۇنى كىملەرنىڭ ، قاچان ھەتتاقانچە پۇل بىلەن سالغانلىقىنى سۆزلەپ ، ئۇنىڭغا بۇ شەھەرنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇنىشلىرىمۇ بىكار ئىدى . ئائىلىدىن ، يۇرت-مەھەللىدىن تۇنجى ئايرىلىش ھە دىسىلا ئۇنى قىينايتى . دادىسىنىڭ ياش ۋاقتىدا بۇ شەھەرنىڭ قايسى تەرىپىدىكى قايسى مەكتەپتە ، قايسى بىنانىڭ قايسى ياتىقىدا يىتىپ ئوقۇغانلىقى ، ئاشۇ ياتاقتا قانچىلىك قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ، ئالى مەكتەپ ھاياتىنىڭ قانچىلىك كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھىكايىلەر ئۇنىڭ ھۇدۇققان سەزگۈلىرىنى چالغۇتالمايتى .

 

نەچچە كۈنلىك پويىز سەپىرىدىن كېيىن ئۇلاريەنە بىر چوڭ شەھەرگە كەلدى . گەرچە نىشانلىغان شەھەرگە تىنچ-ئامان يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، شەھەرنىڭ چوڭلىقىدىن كىشىگە نەچچە مىنۇت ئىلگىرى بىسىپ ئۆتكەن يوللىرىنى تىلغا قىلىشمۇ شۇنچىلىك مۈشكۈل ئىدى . پويىزدىن چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۆمرىدەنۇرغۇن ئىشلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى كەزگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆزىنى تەمكىن ، سالاپەتلىك تۇتۇپ كەلگەن دادىسىمۇ مانا ئەمدى ھە دىسىلا ھۇدۇقۇپ ،ئوڭ-سولىنى پەرق قىلالماي تۇراتتى . 

ئۇلار ئەنە شۇنداق مۇساپىرچىلىق ئوچىقىدائۆرتىنىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ يىنىدا بىر ئايال پەيدا بولدى . ئۇ بۇ ئايالنىڭ قىلغان سۆزلىرىدىن ئۇلارغا قونىدىغان ياتاق تىپىپ بىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدى .

ئايال قولىدا بىر تۇتام كارتا كۆتۈرۋالغان بولۇپ، توختىماستىن ئۇنىڭدىكى نومۇرلارغا قول تېلېفۇنىدا تېلېفون ئۇراتتى . بىر چۆگۈنسۇ قاينىغۇدەك ۋاقىتتىن كېيىن ئايال ئوڭايسىزلانغان ھالدا : 

-سىلەرنى تۇرغۇزىدىغان بىرەرمۇ مىھمانخاناچىقمىدى . قارا سەنمۇ كۆردۈڭ ، ئۆزۈم بىلىدىغان مىھمانخانىلارنىڭ ھەممىگە تېلېفون قىلدىم ، ئەمما ھەممىسى دىيىشۋالغاندەك ، شىنجاڭلىقلارنى تۇرغۇزمايمىز دەيدۇ .

ئايالنىڭ دىگەنلىرى راست ئىدى . ئۇ تېلېفونداسۆزلىشىۋاتقاندا ئۇ ياندا تۇرۇپ تىڭشاۋاتاتتى . گەرچە دىيىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىنى بىلەلمىسىمۇ ، سۆز ئورامىدىن قارشى تەرەپنىڭ ‹‹ شىنجاڭلىقلار قوبۇل قىلىنمايدۇ ››دەۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئىدى .

شۇ ئارىدا يۈرۈش-تۇرۇشى ھىلىقى ئايالغائوخشايدىغان يەنە بىر ئايال كەلدى .ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراشتۇرۇپ بىلگەندىن كېيىن قول سومكىسىدىن بىر تال كارتىنى چىقىرىپ تېلېفون قىلدى ۋە ‹ ھازىرلا سىلەرنى ئالغىلى ماشىنا كىلىدىغان بولدى ، مەن بىلەن مىڭىڭلا . توغرا ، چاي پۇلى ئۈچۈن ئوتتۇز يۈەن ، ماشىنىنىڭ كىراسىغا ئون يۈەن ، ياتاق ھەققى ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمگە بىر يۈز ئەللىك يۈەن تاپشۇرۇڭلا ! ›دېدى .

گەرچە ئەزەلدىن بۇنچىلىك قىممەت ياتاقتايىتىپ باقمىغان ، يىتىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان دادىسى ئارتۇق تۆلەنگەن كىرا ،ئورۇنسىز چاي پۇلى ئۈچۈن نارازى بولسىمۇ ، بۇ چوڭ شەھەردە يەنە نەلەردە ئىزىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ گەپ سۆزسىزلا ئايالغا پۇل ئۇزاتتى .

ۋوگىزالدا باشلانغان چوڭ شەھەر تەسىراتى داۋاملىشىۋاتاتتى . چوڭ بولۇپ ناھىيە ئاتلاپ بىرەر جايغىمۇ بىرىپ باقمىغاچقا ،ئۇنىڭغا بۇ نەچچە كۈن تولىمۇ قىيىن ئۆتىۋاتاتتى . ھەممە نەرسە باشقىچە ئىدى ،ئۆزگىرىشلەر تولىمۇ تىز بولىۋاتاتتى . 

ئەتىسى ئۇلار يەنە پويىز ئىستانسىغا قايتتى .ئۇلار بۇ شەھەرگە بىر كۈن بالدۇر كەلگەن بولۇپ ، ئۇ ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپنىڭ بۇچوڭ شەھەرنىڭ قايسى بۇلۇڭىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىدى . گەرچە قولىدا شەھەرنىڭ خەرىتىسى بولسىمۇ ھە دىسىلا قوللىرىدىكى ئىغىر يۈك بىلەن خاتا يول بىسىپ يولنى ئۇزارتىشنى خالىمايتى .  شۇڭا مەكتەپتىپدىن پويىز ئىستانسىغا كۈتىۋىلىشقا چىقىدىغانلارنى تاپماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى .

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاخىرى ئۇ ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپكە كەلدى . كىچىكىدىن ‹ ئىش قىلىش ›نى ئىتىزغا قىغ تۆكۈش ، ئوتاش ،بۇغداي توپىلاش ، قوي-كالىلارنى سۇغۇرۇپ ئالدىغا يەم-بوغۇز تۆكۈش دەپ چۈشۈنۈپ كەلگەن ئۇنىڭغا ، يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارغا باش بولۇپ چىققان مۇئەللىمنىڭ ‹ ھەر بىر يىڭى ئوقۇغۇچى ئۆز ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىشى كىرەك، ئاتا-ئانىلارغا ئايرىم كۈتىۋىلىش ئورنى ھازىرلىدۇق ، ئاتا-ئانىلار بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بىرىپ ئارام ئالسۇن ، يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىدۇ . ›  دىگەن سۆزى تولىمۇ غەيرى ئاڭلاندى . ئۇ ئۆمرىدەتۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ چوڭ بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى . ئەمما بۇ تۇيغۇلار ئۇنى قىينايتى . بۇ چوڭ بولۇش تولىمۇ تىز ، ئۆزگىرىشچان ئىدى . شۇڭا ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكەئەمدىلا كىرگەن چاغلىرىدا تىزرەك چوڭ بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىۋاتاتتى .

********* ********* ********** *********

 

ئالى مەكتەپ يىڭى بىر دۇنيا

 

نەچچە كۈن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ تۇرغان دادىسى بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپكەلگەن بىر نەچچە ئاتا-ئانا بىلەن يۇرتقا قايتتى .

نەچچە كۈنلۈك ئوقۇشقا كىرىش رەسمىيىتى بىجىرىشتىن كىيىن ھەربى مەشىق باشلاندى . دەسلەپتە تولىمۇ كۆڭۈللۈك بىلىنگەن مىڭىش-تۇرۇش، چامباشچىلىق مەشىق قىلىش ، ئىككى ئۈچ سائەتكە سوزۇلىدىغان ھەربىي قىياپەتتە تىكتۇرۇش مانا ئەمدى ھە دېگەندە ئۇنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۋاتاتتى . گەرچە كۈچلۈك ئاپتاپقاقوشۇلغان ناگان-ناگاندا يەلپۈيدىغان سالقىن شامال ئۇنىڭدەك يىزا بالىلىرىغا ئۆستەڭبويلىرىدا ، سۆگەت سايىلىرىدا سوزۇلۇپ ياتقاندەك ھوزۇر بىغىشلىسىمۇ ، ئەمما بىرنۇقتىغا تىكىلىپ جىمجىت تۇرۇش ھەمىشە ئۇنىڭ خىياللىرىنى ئۇنىڭدىن نەچچە كۈنلۈك يىراقلىقتىكى باشقا بىر چوڭ شەھەرگە ئوقۇشقا كەتكەن نازۇكنىڭ يىنىغا باشلاپ كىتەتتى .  

نازۇك ئۇنىڭ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرامەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بولۇپ ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ خىيالىنى چالغۇتىدىغان ، يۈرىكىنى دۈپۈرلىتىپ ، يۈزلىرىنىڭ سەۋەپسىز قىزىرىپ كىتىشىگە سەۋەب بولغان ، ئالتە يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدا ئۇنىڭدا قالدۇرغان تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بىردىن بىر ساۋاقدىشى ئىدى .

يىڭى ساۋاقداشلىرى ئىچىدە كۆپ قىسمى چوڭ شەھەرلەردە چوڭ بولغان ياكى چوڭ شەھەرلەردە ياتاقتا يىتىپ ئوقۇغان بالىلاردىن ئىدى. چوڭ شەھەردىن كەلمىدى دىگەندىمۇ ئۇنىڭدەك يىراقتىكى چەت قىشلاقتىن كېلىپ سەپكەقوشۇلغىنى يوق ئىدى . شۇڭا ئۇ مەكتەپتە ھەر ۋاقىت بىشىنى تۆۋەن تۇتۇپ ، سۈكۈتقىلىش ، جىمجىتلىقنى ساقلاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ئىدى . سۆزلەش پۇرسىتى كەلسىمۇمەكتەپكە تۇنجى كەلگەندە يۈز بەرگەن بىر ئىش ئىسىگە كىلىپ قانداقتۇر بىر كۆرۈنمەس قول ئۇنىڭ گىلىنى سىقىپ ئىغىز ئاچقۇزمايتتى .

دادىسى ماڭغان كۈنى ئۇ دادىسىنى پويىزئىستانسىدىن قايتىپ كېلىش يولىدا ئىككى ساۋاقدىشى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاپتۇبۇسقاچىققان ئىدى . 

قەيەردىن كىلىشىڭ ؟ چوڭ شەھەرنىڭ پەيزىنىسۈرۈپ كەپسەن دە … ؟ - سورىدى يىنىدىكى كانىدەك يىپىشقان قىز ساۋاقدىشىنىڭ قۇچىقىدا ھىلىغىچە مۈگىدەپ كىلىۋاتقان ئوغۇل ساۋاقدىشى ئۇيقىدىن ئويغۇنۇپ .

-ھە ئاۋۇ … پويىز ئىستانسىسىغا بىپ ، دادامنى يولغا سەپ كەلدىم … ئۇ ئۆزىنىڭ نىمىنى خاتا دىگەنلىكىنى سازمىدى ، ئەمما ئالدىدىكى بىر كىشىلىك ئورۇندا تال سۆگەتتەك ئىرماش-چىرماش ئولتۇرغان ئىككى ساۋاقدىشى قورساقلىرىنى تۇتۇشقىنىچە بىر ھازاغىچە قاقاقلاپ كۈلۈشتى . ئەتراپتىكى ناتونۇش يۈزلەر بولسا بۇ ئۈچىنىڭ ئارىسىدا بىرەر كۈلكىلىك ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پەملىدىمۇ ياكى ئۇلار باشقىلارنىڭ نېمە دىيىشى ، قانداق دىيىشى ، نېمە قىلىشى ،قانداق قىلىشى بىلەن كارى بولماسلىق ، ئۆزىگە پايدا زىيان مۇناسىۋىتى بولمىغان ھەرقانداق ئىشنى كۆرمەسكە سىلىشقا ئادەتلەنگەنمۇ ئەيتاۋۇر ، يىنىدىكى ئىككى ياشنىڭ ئاۋازىنى قويۋىتىپ قاقاقلاپ كۈلۈشىنى ھەتتا ئورۇندۇقتىن دومىلاپ يىقىلىپمۇ يىقىلغان جايىدىن قوپماي ئولتۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈشلىرىگە ئىپادىسىز ، سۈكۈتتە ئىدى.

ئۇ نېمە بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز ،ئەتراپىدىكى ناتونۇش يۈزلەرنىڭ ئىپادىسىز تىكىلىشى بىلەن ئەندىككەندەك بولدى .

مەكتەپكە قايتقۇچە ئۇ ئىككى ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا ناھايتى خۇشخۇي مۇئامىلە قىلدى . نۇرغۇن پاراڭلارنى قىلىشتى . غەلىتە يىرى ئۇ ھەر بىر ئىغىز سۆزنى قىلىشى ئۇلار پىخىلداپ كۈلۈشنى باشلايتى ، ئۇنى دورايتى .

ئۇلارنىڭ كۈلكىسىنىڭ سەۋەبىنى ئۇ كىيىنكى ھەپتىسى مەكتەپتىكى بىردىنبىر يىقىنى ، يۇرتدىشى تۇرغۇندىن ئاڭلىدى . 

تۇرغۇن ناھىيە ھاكىمىنىڭ ئوغلى ، تولۇق ئوتتۇرىنى ئۈرۈمچىدە تاماملىغان بولۇپ ، دائىملا ئاشۇ چوڭ شەھەردىن كەلگەن ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى . 

‹ سەن بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلار بار جايداتولا كاپ-كاپلىق قىمماي جىم يۈرسەڭ بولاتتى ! ئۆزۈڭغۇ مەيلى ، سەن بىلەن يۇرتداش بوپ قالغىنىمغا مەنمۇ بىشىمنى كۆتۈرەلمەي يۈرمەي ئەمدى .  ›

ئۇنىڭسىزمۇ ئاشۇ قىتىملىق ئىككى ساۋاقدىشى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كىيىن ، مەكتەپتە كىمنىلا ئۇچراتمىسۇن ، ئۇنىڭ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دىگەن سالىمىغا قايتىدىغان جاۋاپ سالام ‹ ھە بۇررادەررر … ! بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە بىرنى بىرر دەپ ئەگىپ ماڭىمىز ،ئاڭلىسام خوتەندە ئەگىپ يۈرمەي ئۇدۇللا برر دەيدىكەن ، سىلەرنىڭ يۇرتتا ئەگىپمۇيۈرمەي ، ئۇدۇلمۇ ماڭماي ، قىسقا ھەم چاققان قىلىپ ، يۇقىر سۈرەتلىك يول بىلەنمىڭىپ بى دەيدىكەن ھە … ھاھا … ! بى … ھاھا بى ... › . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ مەسىلىنىڭ ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدا ئىكەنلىكىنى بىلدى ،ئەمما ئۆزگەرتىشنى خالىمىدى ، ئەكسىچە پۈتۈنلەي ‹‹ گاچا ›› بولۇشنى تاللىدى . 

كىشىلىك ھاياتتا جىمغورلۇق بىر خىل مىجەز ،ئەمما ئەتراپىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلار ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ تەسىرىنى جىمغۇرلۇق بىلەن بىلمەسكە سىلىش ، ئىپادە بىلدۈرمەسلىك ، ھەتتا ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويىغا تاقىشىدىغان ئىشلارغىمۇ سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزۈش ، سۆيگۈ-نەپرىتىنى ئاددى سۈكۈت بىلەن ئىپادىلەش ، ھەممىنى ئىچىدە بىلىش ،  دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرىۋىرىش تولىمۇ قىيىن .بولۇپمۇ مۇساپىر بولۇپ ياقا يۇرتلاردا يۈرگەن كىشى ئۈچۈن بىرەر مۇڭداشقۇچىسىنىڭ بولۇشى بەزىدە شۇ كىشىگە ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئىسىگە سىلىپ ، قىيىن ئۆتكەللەردىن كۈچ ئۇلاپ ئۆتۈپ كىتىشى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم .

ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش بىر ئىش ، ئالى مەكتەپتەئوقۇش يەنە بىر ئىش . ئالى مەكتەپ خۇددى كىشىلىك جەمىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودىلىدەك ئۇنىڭ ئىشتىراكچىلىرىنى نۇرغۇن تەبىقە ، ئوخشىمىغان تۈرلەرگە ئايرىغان بولىدۇ . دەسلىپىدە دوست-بۇرادەر بولۇشۇپ يۈرگەن ، ھەربى مەشىقنى خۇددى بالىلاربايرىمىدەك خۇشال ئۆتكۈزگەن بۇ بىر توپ ساۋاقداش ئوقۇش باشلىنىشى بىلەن دوست-بۇرادەرلىرىنى قايتىدىن تاللاپ قايتىدىن دوسلىشىۋاتاتتى .

دەل شۇ قايتىدىن گۇرۇپىلىنىش كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ يۇرتدىشىنى ئۇنىڭ بىردىن بىر يىقىنى ، بىردىن بىر مۇڭدىشى قىلىپ قويغان ئىدى . ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنىڭ ئاخىرى چىقمايتى . كۆپ ھاللاردا دەرىستىكى بىرەر قىيىن مەسىلە ئۈستىدە باشلانغان تالاش-تارتىش ئالدى بىلەن ئۆزلىرى يىڭىدىن يىتىلدۈرگەن يىڭىچە ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەققىدىكى سۆھبەتكە كىيىن تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقداشلىرى ، تولۇقسىز ئوتتۇردا قىلغان قانداقتۇر نۇمۇسلۇق بىئەدەپلىكلىرى ، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى كەپسىزلىكلىرى توغرىسىدىكى ھىكايىلەرئۈستىدە داۋاملىشاتتى . قىز ساۋاقداشلىرى ھەققىدىكى پاراڭلار ئۇلارنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان ، ھىچكىمگە ئېيتمايدىغان ، ئۆزئارا مەخپى بىلىشىدىغان سۆھبەت تىمىلىرى ئىدى .

ئۇ ھەر نۆۋەت نازۇك توغرىلىق سۆز باشلىغاندايۈرىكىنىڭ دۈپىرلەپ تىز تىز سوقىۋاتقانلىقىنى سىزەتتى . تۇرغۇنمۇ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يىراقتىكى ياخشى كۆرگەن قىزى ئادىلە ھەققىدە ئۇزۇن ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى .  مەكتەپكە كېلىپ سەككىز ئايدىن كېيىن ئۇلار بىر بىرىنىدەۋەت قىلىپ يۈرۈپ ، تۇرغۇن ئادىلەگە ، ئۇ بولسا نازۇكقا خەت يازدى . تۇرغۇن ئۇزۇن ئۆتمەي خۇش خەۋەر تاپشۇرۋالدى ئەمما ئۇنىڭغا كەلگەن جاۋاب خەت ئۇنى خىلى بىركۈنلەرگىچە باشقا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى . ئەگەر يىنىدا تۇرغۇن بولمىسا ئۇنىڭ يات شەھەرنىڭ ئاشۇ ئۇيقىسىز قاراڭغۇ تۈنلىرىگە خاتىمە بىرىشى قىيىن ئىدى . 

يۇرتداشلىقنىڭ غايىبانە يىپلىرى ئۇلارنىدائىملا بىرگە قىلاتتى . تاماقنى بىرئۈستەلدە ئولتۇرۇپ يەيتى . دەرىستە يانمۇ-يان ئولتۇراتتى ، دەرىستىن چۈشسە ھىچكىمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي ، ھىچ بىر توپقىمۇ قوشۇلماي جىمجىتلا غايىپ بولۇپ ،مەكتەپنىڭ ئادەم بارمايدىغان بۇلۇڭلىرىدا دەرس تەكرار قىلاتتى ياكى ئايىغى چىقماسمۇنازىرىنى باشلايتى .

ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى ناھايتى تىزلا چوڭ شەھەرلەردە چوڭ بولۇپ ، قىز ئوغۇللار مۇناسىۋىتىنىڭ چۈچۈك تەمىگە بالدۇرلا ئىغىزتەگكەن ساۋاقداشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى .

‹ ھە مۇنداق دەڭ ، ياۋاش ئەمەستىم دەڭ … !بوپتۇ ، يارىشىپتۇ ، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك . ئەپسۇس ، دۆلىتىمىزدە ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشى چەكلەنگەن ، بوممىسا تويۇڭلارنىمۇ قىلىۋالساڭلا … ھا ھا … تەرەققى قىممىدى دەيدۇ بىزنىڭ جاڭگاللانى ، جاڭگاللىقلىرىمىز تەرەققىياتتا ئامىركىدىن ئىشىپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ …ھا ھا … ›

مانا بۇلار كىيىنكى ۋاقىتلاردا مەكتەپتىكى باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۈلكىلىك يۇمۇرىغا ، ئەڭ قارشى ئىلىنىدىغان چاقچاق تىمىسىغا ئايلانغان ئىدى . ھەتتا خىلى كۆپلىرى ئۇلارنى ئۇچراتقانداسالامنىڭ ئورنىغا ‹ مۇھاببەتلەشتىم دەڭ … ھا ھا … › دىيىشەتتى .

ئىلگىرى كېيىن يۈزبەرگەن بۇ كەمسىتىشلەر ،خاتا چۈشۈنىشلەر ھەتتا مازاق قىلىشلار ئۇنى ئەتراپتىكى كىشىلەردىن پۈتۈنلەي ئايرىۋەتكەن ئىدى . شۇ ئىش سەۋەپلىك تۇرغۇنمۇ ئۇنى ئۇچراتسا ئۈن-تىنسىزلا ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان ، كۆرمەسكە سالىدىغان بولدى . 


ئەيدىز خاتىرىسى

ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئەنە شۇ پىتنە-پاسات، ھەزىللەرگە خاتىمە بولدى . ئۇ بۇرۇنلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يىزىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى . ئۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ھاسىغاتايىنىپ ئاران ماڭىدىغان مومىسى ئۇنىڭ بىشىنى سىلاپ ‹ ياخشى ئوقۇپ مەلىم بول بالام، سىدىقاخۇن دۈيجاڭنىڭ بالىسىمۇ ئوقۇپ كىلىپ مەلىم بولدى ، سەنمۇ مەلىم بولساڭ يىزىمىزدا مەلىمدىن ئىككىسى بولىدۇ … › دەيتى . ئۇنىڭسىزمۇ ئوقۇش جەريانىدا يۈزبەرگەن ئىشلار ئۇنى چوڭ شەھەرلىكلەرگە ئۆچ ، چوڭ شەھەرلەردىن يىرگىنىدىغان قىلىۋەتكەن ئىدى .

  

    كىشىلەر دائىملا تەقدىر دىگەننى ئادەم ئىككى قولى بىلەن يارىتىدۇ دىيىشىدۇ ، ئەمما ئادەم ئىككى قولى بىلەن مىڭ يىل تىرىشسىمۇشۇ تىرىشچانلىقىغا لايىق بىرەر پۇرسەتنى ئۇچراتمىسا ياكى كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتالماي ئۆتكۈزۋەتسە ئىككى قول بىلەن يارىتىلماقچى بولغان تەقدىرمۇ كىشىنى مازاققىلىدۇ .  پۇرسەت ئەلۋەتتە مانا مەن دەپ قولىنى سىلىپ مىڭىپ كەلمەيدۇ ، پۇرسەت ھەتتا بىرەر ئالاھىدە نەرسىمۇ ئەمەس . ئۇكۆپىنچە ھاياتلىقنىڭ ئاچا يوللىرى بولۇپ پەيدا بولىدۇ . شۇ ئاچا يولنىڭ قايسىنى تاللاپ مىڭىشى كۆپىنچە بىر كىشىنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ قانداق بولىشى ، قەيەرگەبىرىشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ . مانا بۇ تەقدىر . ئەگەر ئاشۇ يولدىن ئىككى قېتىمماڭغىلى بولسىدى ، ئاشۇ ئاچا يولنىڭ ئىككىلىسىدىن مىڭىش مومكىن بولاتتى ، شۇنداق بولغاندا ئادەم ئىككى خىل تەقدىرىنى سىلىشتۇرۇشقىمۇ مۇۋەپپەق بولاتتى .

ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئىككى ئايچە قالغان ۋاقىت ،ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىنىڭ خىزمەت تىپىپ خۇشال يۈرۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ ،ئۇمۇ ئۆزىنى سىناپ بىقىش قارارىغا كەلدى ۋە شىنجاڭدىن كەلگەن تۆمۈر يولئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى . تەرجىمھالىنى تاپشۇرۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۋالدى .

ئۇ يەنىلا شۇ سىناپ بىقىش ، ئالى مەكتەپ ھاياتىنىڭ بۇ ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىتلىرىنى زايە قىلىۋەتمەسلىك ئويىدا ھىچ بىرتەييارلىقسىزلا يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشتى . 

ئىككىنچى كۈنى ئۇ ھاياتىدىكى ئاچا يولغايىتىپ كىلىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى . ئەتتىگەندىلا جىرىڭلىغان ياتاق تېلېفونى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇ ئەلا نەتىجىسى بىلەن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان ئىدى . ئۇ پەقەت خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توختامنامىسىگەئىمزا قويسىلا ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قلاتتى . 

شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى خىزمەت پۇرسىتىنىڭ ئۇنىڭغا تەئەللۇق بولىشىنى ھىچكىممۇ ئويلىمىغان ئىدى ، شۇنىڭدەك بۇ خەۋەرمۇ ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان سۈرئەتتە تىز تارالدى .

ئالدى بىلەن سىنىپ مەسئۇلى ئۇنىڭدىن كېيىن فاكۇلتېت رەھبەرلىرى ئۇنى تەبرىكلەپ تېلېفون قىلدى . ‹ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تىپىشى كىرزىسقا دۇچ كىلىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا سىنىڭ ئاكىتىپلىق بىلەن خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلغۇچى ئورگان بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئۆزۈڭنىڭ ھاجىتىڭدىن ئۆزۈڭ چىقىشىڭ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش . بىزنىڭ يەرلىك ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ بۇنداق ياخشى خىزمەتكەئىرىشەلەيدىغانلار كۆپ ئەمەس . مۇبارەك بولسۇن ! › دىگەندەك مۇبارەك سۆزلىرى تېلېفونداخىلى ۋاقىتلارغىچە ياڭرىدى .

ئەمما ئۇ توختامغا ئىمزا قويۇشنى ھە دىگەندە ئارقىغاسۈرۈپ ، ئۆزىگە كەلگەن بۇ پۇرسەتتىن ۋاز كىچىشكە ئۇرۇنىۋاتاتتى . خادىم قوبۇل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا بەرگەن ئۈچ كۈنلىك ئويلىنىش ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش مۆھلىتىدىنمۇ يىرىم كۈن قالدى . نەق شۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ كوناسىردىشى ، يېقىن دوستى ، يۇرتدىشى تۇرغۇننىڭ ئۇنى تەبرىكلەپ ياتاققا ئىزدەپ كىلىشى، نەچچە ئون مىنۇتلۇق سۆھبەت بىلەنلا ئۇنى چوڭ شەھەردە قىلىپ خىزمەت قىلىشقاكۆندۈرىشى ئۇنىڭغا ھىلىمۇ بىر مۆجىزىدەك تۇيۇلىدۇ .

-يەنە كىمگە تارتىشىسەن . نازۇكقىما … تويقىلىپ ئېرىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ بولغان قىزنى يەنە غايىبانە سۆيۈشۈڭنىڭ نېمەئەھمىيىتى . سۆيۈش ، ياخشى كۆرۈش دېگەن تەقدىردىمۇ ، ياشاش بىلەن ياخشى كۆرۈش ئوخشىمىغان ئىككى ئىشقۇ . سىنىڭ نازۇكنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن .ئەمما مۇھاببەت دېگەن سەۋەب-مەقسەتسىز ، گۇمان-سوراقسىز ، كۆڭۈلگە تالىق ئىش .ئەگەر نازۇكمۇ سىنى ياخشى كۆرگەن بولسىدى ، ئۇ قەيەردە بولسا سەنمۇ شۇ يەرگە بىرىپ ئۇنى بەختلىك قىلىمەن دىسەڭ بولاتتى . ئەمما ئۇ بۇرۇنلا باشقا بىرىنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن بەل باغلىغان قىز . ساڭا سۆيۈشكە نىسىپ بولمىغان قىز . ئەمدى بۇمۇھاببەتنى كۆڭلۈڭنىڭ تىمتاس قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىدىغان ۋاقىت بولدى بۇرادەر. سىنىڭمۇ ئۆزۈڭنى تۈزەپ ، باشقىچەرەك ئادەم بولىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى . نازۇكنى دەپ بىر ئۆمۈر توي قىلماي ئۆتىمەن دىمەيدىغانسەن . ئەمدى ئۇيقۇڭنى ئاچ ! ئەمەلىيەتتەسەن قىزلا ياخشى كۆرمىگۈدەك ئوغۇللاردىنمۇ ئەمەس ، ئەمما سىنىڭ مىجەزىڭ سىنىڭ ئەسلى قىياپىتىڭنى توراپ قويغاننى ئاز دەپ سىنى قىزلار ئالدىدا كۆرۈنمەس ئادەمگەئايلاندۇرۇپ قويغان . قىزلارنىڭ كۆزى جادۇ كۆز ئەمەس ، سىنىڭ كۆڭلۈڭنىڭ قانچىلىك ياخشىلىقىنى ، قانچىلىك ئېسىل پەزىلىتىڭنىڭ بارلىغىنى بۇ تۇرقۇڭدا ئۇلار مەڭگۈكۆرەلمەيدۇ . سەن ئۆزۈڭ ئاشكارلاپ كۆرسەتمىسەڭ ھەممىسى بىكار . قەھرىمانمۇ جىنىدىن كەچكەندىلا ئەتراپتىكىلەر ئۇنى بايقايدۇ ، ئۇنى ئىتراپ قىلىدۇ . جىمغورلۇقنى تاشلاپ ، ئاكىتىپ بولمىساڭ ، قولۇڭدىن قانچىلىك ئىش كىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىمىساڭ سىنىڭ ئېسىل تەرەپلىرىڭنى كۆرەلەيدىغانلا بەلكىم مەن بىلەنلا چەكلىنىپ ئۆتۈشۈڭ مومكىن . ئەتراپىڭدىكى قىزلارغا دىققەت قىلمايۋاتامسەن ، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان نانقىپىلار گەپدانلىق قىلىپ ، نەچچە ئىغىز تاتلىق گەپ قىلىپ ، ئازراقلا نەيرەڭ ئىشلەتسە قانجۇق ئىتتەك سوكىلداپ ئەگىشىۋىرىدۇ . چۈنكى زامان شۇنداق ، كىشىلەرسىنىڭ ئىچىڭنى تەكشۈرۈپ يۈرمەيدۇ ، كۆپ ۋاقىتلاردا سىرتىڭغا قاراپ باھا بىرىدۇ … 

تۇرغۇننىڭ نازۇكنى تىلغا ئىلىپ قىلغان نەسىھىتى ئۇنى نەچچە يىللىق خىيالىدىن ۋاز كىچىپ ، ئوقۇتقۇچى بولماي تۆمۈر يول كۆزەتچىسى ، قوشۇمچە مىخانىك بولۇشقاكۆندۈردى .

 

***** ***** ***** ****** ******

 
   چوڭ شەھەر كىشىنى ھاردۇرىدۇ ئەمما ئۇ كىشىنى ھەرگىزمۇ بىزار قىلمايدۇ . گەرچە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تىزلىكىدىن ، بۇلغانغان ھاۋاسىدىن ، بىسىق كوچىسىدىن زىرىكسىڭىزمۇ ئەمما ئۇنىڭدىكى قىسقىغىنە ھاياتتىن كېيىن كۆڭلىڭىزنىڭ بىر يەرلىرى يەنە ئۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ .

ئۇ ئالى مەكتەپتە نەچچە ساۋاقدىشى باش بولۇپ سالغان كۆڭۈل ئاغرىقىدا چوڭ شەھەرگە ئۆچ بولغان ، خىزمەتكە چۈشكىلى بىر يىل بولغاندىن بىرى ئۈچ قېتىم يۇرتقا قايتىپ ئۆيدىكىلەرنى يوقلىغاندىن سىرت بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ باققىنى يوق . بەزى كۈنلىرى كىچىلىك ئىسمىنا ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىدا تېخى شەھەرنىڭ تۇمانلىق ئاسمىنىغا قاراپ ئۆزىمۇ بىلمىگەن بىر پەدىگە غىڭشىپ قويىدۇ .  ئەتتىگەنلىرى بىر ۋاقىتلاردا ئۆزى بىزار ، ئۆچ كۆرىدىغان شەھەرلىكلەرگە قېتىلىپ ئالدىراش خىزمەتكە مىڭىپ كىتىدۇ .

شەھەرلىكلەرمۇ يىزىلىقلارغا ئوخشاش ئاق كۆڭۈل كىشىلەر . گەرچە ناتونۇش كىشىلەرگە بىرىدىغان تۇنجى تەسىرى سوغۇق بولسىمۇ ، بىرمەزگىل بىر جايدا ياشىغاندىن كىيىن ئۇلاردىمۇ ئۆز-ئارا كۆڭۈل ئىزدىشىش ، ئىللىق مۇئامىلىنىڭ يىزا كىشىلىرىدىكىگە ئوخشاش قويۇق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز .

بۇرۇندىن شەھەرلىكلەر يىزىلىقلارنى كۆزگەئىلمايدۇ دەپ قارىلىدۇ . شەھەرلىك ، يىزىلىق دېگەن ئاتالغۇنىڭ چىقىشىمۇ شۇسەۋەپتىن . ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس . پەقەت بىر قىسىم مەنمەنچى كىشىلەرئۆزىنىڭ شەھەردە ياشىغانلىقىنى بىر خىل ئۇلۇغ ئىش دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ ، يىزىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلىدۇ خالاس . بۇنداقلار يىزىلاردىمۇ مەۋجۇت ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قايسى بىر باشلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىدىن تاتىپ قايسى بىر يەتمىش پۇشتىنىڭ قايسى بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتا ئەمەل تۇتقانلىقىنى ھىكايە قىلىپسۆزلەيدۇ ، ماختىنىدۇ ، شۇنىڭدىن ئۆز كۆڭلىگە خۇشاللىق ئىزدەيدۇ .  بۇلار دادامنىڭ سۆزى بويىچە ‹‹ ئىككى نان تاپسابىرىنى داپ قىلىپ چالىدىغان يارىماسلار ›› . بۇنداقلار مەڭگۈ ئاشۇ پىتى قىلىۋىرىدۇ. شەھەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان بىردىن بىر تەسىرى مىجەزىدىكى ئۆزگىرىش بولدى . 

ئۇ بۇ چوڭ شەھەردە خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيان قايسىبىر ژورنال ۋە كىتاپتا ئوقۇغان ‹ ئوغۇللار قانداق قىلغاندا قىزلارنىڭ دىققىتىنى ئاسان تارتالايدۇ ؟ ئۆغۇللار قانداق كىيىنىشى كىرەك ؟ ئوغۇللار ئۆزىگە قانداقمۇئامىلە قىلىشى كىرەك ؟ › دىگەندەك ماقالىلەردە تىلغا ئىلىنغان ئۈستى-بىشىغا دىققەت قىلىش ، يۈرۈش-تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش ، خۇشخۇي بولۇش ، ئىجتىمائې ئالاقىدە ئاكتىپ بولۇش ، سۆز قىلىشتا ئىلمىلىقىغا دىققەت قىلىش دىگەندەك نۇقتىلار بويىچە ئۆزىنى ئۆزگەرتىۋاتاتتى . ئۇ ھازىر مەكتەپتىكى ‹ باشقىلار بىلەن نىمە چاتىغىم ، باشقىلار دەيدىغىنىنى دەپ بولدى ، يەنە نىمە دەيتى . ئۇلارنىڭ ئۆززۇۋانىنى باشقۇرماسلىق ھوقوقى بولغاندەك مىنىڭمۇ ئۇلارنى ئەتراپىمدىكى بىر توپ ئىت قاتارىدا كۆرۈپ پەرۋا قىلماسلىق ھوقوقۇم بار . › دەپ كىتاپ بىلەنلا بولۇپ ئۆزى بىلەن كارى بولمايدىغان قارىشىنى ئۆزگەرتىپ ، سىرىتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئىشىك كەينىگە بىكىتىلگەن چوڭ ئەينەككە قاراپ چىچىنى تارايدىغان ، كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرىدىغان بولدى . كىيىملىرىنى كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش ، ۋاقتى ۋاقتىدايۇيۇپ قۇرۇتۇش ، كونىسىنى ئىئانىگە ياكى يۇرتقا ئەۋەتىپ يىڭىلاپ سىتىۋىلىش ئۇنىڭغابىر ئادەت بولدى .

ئۇنى يوقلاپ كەلگەن دادىسىمۇ بۇئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلدى بولغاي ، ئىككىنچى قېتىم ئانىسىنى باشلاپ كىلىپ ئۇنىڭ توي ئىشى توغرىسىدا ئۇزاق پاراڭلاشتى ، ئۇنى مۇۋاپىقراق بىرەر قىزنى كۆڭلىگەپۈكۈشنى تاپىلاپ كىتىپ قالدى . 


********* ********* **********

   

    بىريىللىق خىزمەتتىن كېيىن كۈتۈلمىگەن پۇرسەتتە ئۇ بۇ شەھەردىن ئايرىلماقچى بولدى .ئاتاقتا بۇ شەھەردىن چىقىپ ئۇ شەھەرگە كىرىش ئايرىلىش بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇدەۋىرنىڭ چوڭ شەھەرلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش . ئادەم كۆپ بولۇش ، ھاۋاسىنىڭ غەيرى بولۇشى ، دورىخانىلارنىڭ تاللا بازىرىلىشىشى ، دوختۇرخانىلارنىڭ تىزتاماقخانىنىڭ تۈسىنى ئىلىشى ، ماشىنىلارنى ئىھتىياجدىن ئارتۇق بولۇشى ئۇلاردىكى تىپىك ئالاھىدىلىك . بولۇپمۇ ئۇنىڭدەك ئالى مەكتەپ ھاياتىدا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ،ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتقا پۈتۈنلەي سەل قارىغان ، كىتاپتىن باش كۆتۈرسە ئايىغى چىقماس خىيال دىڭىزىغا چۆكۈپ ياشىغان كىشى ئۈچۈن شۇنداق . ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە پەقەت ئىتقادىغا شەك كەلتۈرمەيدىغان مۇسۇلمانچە تاماق تىپىلسائۇنىڭدىكى چوڭ باغچىلار ، باغچىلاردا قىيقاس كۆتۈرىۋاتقان كىشىلەر ، كوچىلارنى بىشىغاكىيىپ غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ماشىنىلار ، ئۇنىڭدىكى كىشىلەر ، كىشىلەر بەرپاقىلغان ۋە كىشىلەرنى بەرپا قىلغان مۇھىت ئوخشاش .

ئىككى كىچە بىر كۈندۈزلىك پويىز سەپىرىئاخىرى تۈن يىرىمىدا ئۇنى بىر ناتونۇش شەھەرگە ئىلىپ كەلدى . 

ۋوگىزالدىن چىقىشى ئۇنى كۈتىۋالغىنى كۈندۈزدەك يورۇق شەھەر كوچىسى ، كىچە كۈندۈز ئارامسىز قايناپ تۇرىدىغان بازار ،تىنىمسىز قاتراپ يۈرۈشكەن كىشىلەر ، يەنە ماشىنا …

ناتونۇش شەھەر گەرچە تۇنجى قەدەمدە ئۇنى سەل گاڭگىرىتىپ دادىسى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەن چاغلىرىنى ۋە ئۈرۈمچىدىنچىقىپ ھىلىقى چوڭ شەھەرگە كەلگەندىكى تۇنجى كۈنىنى ئەسكە سالغان بولسىمۇ ئەمما بۇپەقەتلا بىر كۆرۈشۈش سالىمى خالاس . بۇ ئەسلىمىلەر ھەرگىزمۇ ئۇ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ ھىلىقى چوڭ شەھەرنىڭ كوچىلىرىغا قەدەم باسقان چاغدىكى ناتىۋانلىق ، مۇساپىرلىق ، ئازغۇنلۇق ھېس-تۇيغۇلىرىنى قايتىدىن چالغۇتۇشقا قادىر ئەمەس .

ئۇ ئەتراپىغا سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن ،گىرىمسەن ئاي نۇرى ۋە سانسىز كوچا چىراغلىرىنىڭ نۇرىدا تۈن پەردىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن ناۋۇ-نىشانسىز تۇرغان ئاسمان سەتھىسىگە قاراپ چوڭقۇر بىر تىندى ۋە كۆپ ماڭمايلا ۋوگزالنىڭ سول تەرىپىدىكى چوڭ كوچىدىن بىر قونالغۇنى تىپىپ رەسمىيەت بىجىردى .ئەينى يىلى دادىسى بىلەن چوڭ شەھەرگە كەلگەندە تىلدىكى ئاجىزلىق تۈپەيلى ئۇلار بىركىچىنى كوچىدا ئۆتكۈزۈشكە تاسلا قالغان ئىدى ، مانا ئەمدى ئىككى ئىغىز ئۆلچەملىك خەنزۇتىلى بىلەن مىھمانخانا خوجايىنىنىڭ ‹‹ شىنجاڭلىقمۇ ياكى چەتئەللىكمۇ سىز ، قايسىدۆلەتتىن كەلدىڭىز ، قانچىلىك تۇرىسىز ›› دىگەندەك سۇئاللىرىغا كىيىنكى قېتىم ئۇنىكۆرسە ‹‹ ياخشىمۇ سىز ، شىنجاڭلىق بولسىڭىز نېمە بوپتۇ ، شىنجاڭلىقلارنىمۇ قىزغىن قارشى ئالىمىز ، شىنجاڭلىقلارمۇ جوڭگولۇق ›› دىگۈزگىدەك جاۋاپ بىرىپ ، ئالى دەرىجىلىك ياتاق ئۆيلىرىدىن بىرىگەئورۇنلاشتى . ئەمدىكى مەسىلە قورساقنى غەملىۋىلىش ئىدى .

پويىزغا چىقىشتىن بۇرۇن ئىلىۋالغان نان ،قۇرۇق يىمىش ۋە ئازراق تەييار چۆپ قارىسىلا ئۇنىڭ ئىشتىھاسىنى بوغۇپ ، قايناق سۇبىلەن بۇ ئۇزۇن سەپەرنى داۋاملاشتۇرغان ، مانا ئەمدى ئۇ قورساقنىڭ ئاچلىقىغا چىداپ تۇرالمىدى .

 

    تۇڭگاندىن ئىبارەت بۇ بىر تەبىقىنىڭ بولغانلىقى بەزىدە چوڭ شەھەرلەردە مۇساپىر بولۇپ يۈرىيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن خۇددى كارۋانلارغا چۆل-جەزىرىدە توختام سۇ ئۇچرىغاندەك ئىش . گەرچە قىرتاق ، شورلۇق يەنە تېخى ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ بولمىسىمۇ ،ئەمما ئۇسسۇزلىقتىن ھالسىرىغان جانلار ئۈچۈن ئۇ ناھايتى قىممەتلىك . تۇڭگانلار چوڭشەھەرلەردە كۆپىنچە مۇسۇلمانچە دەپ بەلگە ئاسقان ئاشخانىلاردا ئۇچرايدۇ . تۇڭگانلارنى ئۇچرىتىش ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئاشخانىسىنى ئۇچرىتىش بىلەن باراۋەر . ئەگەر نامەلۇمبىر شەھەردە ئىتقادىڭىزغا شەك كەلتۈرمەيدىغان مۇسۇلمانچە تاماق يىمەكچى بولسىڭىزتۇڭگانلار ئاچقان ئاشخانىلارنى ھەرقانداق شەھەردىن ئىزدەپ تاپايسىز .

 

   ئۇ چوڭ كوچىغا چىقتى . ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراپمۇ يېقىن ئەتراپتا بىرەر مۇسۇلماچە ئاشخانا دېگەن خەتنى ئىلغا قىلالمىغاندىنكىيىن مىھمانخانا خوجايىنىدىن سورىۋالغىنى بويىچە سولغا بۇرۇلدى .

قورساقنىڭ ئاچلىقى ئۇنىڭ يول مىڭىشىنى قىيىنلاشتۇرۋاتاتتى . ئۇ شۇ تەرىقىدە ئالاھەزەل يىگىرمە مىنۇتلارچە ماڭدى ، ئەمما يابولدى قىلىپ كەينىگە يىنىشنى خالىماي يا مىھمانخانا خوجايىنى ئېيتقان كىچە-كۈندۈزمۇلازىمەت قىلىدىغان تۇڭگان ئاشخانىسىنىڭ سايىسىنىمۇ ئۇچرىتالماي ئارسالدىلىقتابىر كوچا دوقمۇشىغا كىلىپ قالغىنىنى ئۇدۇل تەرەپتىكى قىزىل يىشىل يىنىپ تۇرغانكوچا چىرىغىدىن بىلدى . 


    كوچا دوقمۇشىدا قىرىق ياشلار ئەتراپىدىكى ،دېھقان ئاياللىرىدەك كىيىنگەن بىر ئايال خۇددىبىرەر مۇھىم ئادىمىنى ساقلاۋاتقاندەك تۆت ئەتراپقا تىنىمسىز بويۇنداپ قارايتتى .ئۆتكەن كەچكەنلەردىن نىمىلەرنىدۇر سوراشتۇراتتى .يەنە كىملەرگىدۇر ھىجىيىپ قانداقتۇر مەسلىھەتلەرنى بىرىپ . قوللىرىنى شىلتىپ يول كۆرسىتەتتى .

ئۇ بۇ ئايالنى يەرلىك دەپ توغرا پەرەز قىلغانئىدى . ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى كىشىنى سەل گاڭگىرىتىدىغان يەرلىك شىۋىسى بۇنىڭ دەلىلىئىدى .

- يېقىن ئەتراپتا بىرەر مۇسۇلمانچە ئاشخانابارمۇ ؟ ھەدە .

- مۇسۇلمانچە ئاشخانا … ھەئە ، بوممامدىغان .سەن شىنجاڭلىققۇ دەيمەن .

- ھەئە ، مەن شىنجاڭلىق .

- ساياھەتكە كەلدىڭمۇ ياكى سودا قىلامسەن ؟

- ياق ، سودا قىممايمەن . تەربىيلىنىشكەكەلدىم .

- شىنجاڭلىقلارنى مەن ياخشى بىلىمەن .شىنجاڭلىق دوسلىرىممۇ كۆپ . سىلەر كاۋاپ يىيىشكە ئامراققۇ … يەنە ھىلىقى بولكاڭلامۇ … نېمە دەيتۇق ئۇنى ھىلىقى چوڭ ، يۇمىلاق پىچىنىنى ؟

- نانما ؟

- ھە ، توغرا نان . مەن بىر يەرنى بىلىمەن ،مۇشۇ يېقىن ئەتراپتا . سىلەرنىڭ شىنجاڭلىقلار ئاچقان . دائىملا كاۋاپ پۇشۇرۇپساتىدۇ ، يەنە ھىلىقى نىنىمۇ بار . 

- شۇ يەرگە قانداق ماڭىدۇ ئېيتىپ بىرەلەرسىزمۇ ؟

- ئەلۋەتتە بولىدۇ . مەن سىنى شۇ يەرگەباشلاپلا باراي بوممىسا ، قانداق دەيسەن ؟!

- ئۇنداقتا سىزگە كۆپ رەھمەت .

- بۇ شەھەرگە قاچان كەلدىڭ ؟ قانچىلىكتۇرىسەن ؟

- بايىلا پويىزدىن چۈشتۈم . تەربىيلىنىش ۋاقتىم ئالتە ئاي ، تەربىيلىنىش ئاياغلاشسا مەنمۇ قايتىمەن .

- مىھمانخانىغا ئورۇنلىشىپ بولدۇڭمۇ ؟ئورۇنلاشمىغان بولساڭ مەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي . ياخشى مىھمانخانىلارنى بىلىمەن .

- بولدى رەھمەت . ئورۇنلىشىپ بولدۇم .

- تاماق يەيدىغان پۇلۇڭ باردۇ ؟ 

- بۇ قانداق گەپ ئەمدى ، تاماق يەيمەن دەپچىققان ئادەم يىنىمغا پۇل سالماي چىقامدىمەن .

- ياق ، مىنى خاتا چۈشەنمە ، مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ، كەچ كىردى ، پويىزدا ئولتۇرۇپمۇ زىرىكتىڭ بەلكىم . كۆردۈڭ ، بۇ شەھەرچوڭ شەھەر ، ئوينايدىغان جايلا كۆپ . ئەگەر خالىساڭ مەن باشلاپ باراي .

- ياق بولدى . قورسۇغۇم ئىچىپ كوركىرىغىلىئىككى كۈن بولدى ، ئالدى بىلەن تاماق يەپ قورساقنى توقلاي . ئوينايدىغاننى كىيىنگەقويايلى .

- يىنىڭدا قانچىلىك پۇل بار ؟

- نىمىشقا بۇنى سورايسەن ؟

- مىنى بۇلىۋالىدۇ دەمسەن ، سەن مىنى بۇلىمىساڭلا مەن ياراتقان ئىگەمگە مىڭ شۈكىرى دىسەم بولىدۇ . 

- ئىسىڭدە بولسۇن ، مەن بۇ شەھەرگەبۇلاڭچىلىق قىلغىلى كەلمىدىم .

- مىجەزىڭ نىمانداق غەلىتە ، يىنىڭداقانچىلىك پۇلۇڭ بار دەپ قويغىنىمغا نىمىلەرنى دەپ كەتتىڭ . سىلەر شىنجاڭلىقلارغۇئەزەلدىن شۇنداق . سودا قىلساڭلا يۈز سوم دېگەن نەرسىنىڭ باھاسىنى ئۇيانغا بىرسۆرەپ ، بۇيانغا بىر سۆرەپ ئوتتۇز سومغا سىتىۋالىدىغان خەق .

- بەك بىلگۈڭ بولسا بوپتۇ ، ئېيتىپ بىرەي ،يىنىمدا ئۈچ يۈز سومدىن ئارتۇقراق پۇل بار .

- پاھ ، مۇشۇ يېرىڭلارنى دەيمىزدە سىلەرنىڭ .ئىش قىلىشىڭلار جاڭ-جۇڭ ، يا ئۇيانلىق يا بۇيانلىق .

- قۇرۇق گەپلەرنى قويۇپ ماڭا ئاشخانىنىڭنەدىلىكىنى ئېيتىپ بەر ، ئۆزۈملا باراي . بەك كەچ كىرىپ كەتتى ، كوچىدا ناتونۇش ئايال بىلەن مىڭىپ يۈرسەم ياخشى بولمىغۇدەك .

- قورقتىڭما . بالىكەنسەن دە ! ھې ھې … دەپبەرسەممۇ تاپالمايسەن بۇ كىچىدە . ئاشخانا بار كوچا قاراڭغۇ ، كوچا چىرىغى كۆپئەمەس .

- ئۇنداقتا قايتىپلا كەتسەم بولغۇدەك .

- ياق ، ياق … ئالدىرىما ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ياتاققا مەن ئۆزۈم ئاپىرىپ قويىمەن . 

- ماڭا يول باشلاپ بىرىپ چاي پۇلى ئالايدەمسەن . بوپتۇ ، قانچە پۇل بىرىمەن .

- مەن يول باشلايمەن ئەمما سىنىڭ پۇلۇڭنى ئالمايمەن . پۇلنى ماڭا ئويۇنخانا خوجايىنى بىرىدۇ .

- نېمە ئويۇنخانا ؟

- بايا دىمىدىممۇ . ئوماق سىڭىلچاقلارغاھەمراھ بولۇپ ئوينايدىغان ئويۇنخانا . مەن ھازىر سىنى شۇيەرگە باشلاپ باراي ،ئويۇن ئاياغلاشقاندا ئاشخانىغا باشلاپ باراي ، قورسىغىڭغا بىر نەرسە يىگىن ئاندىنمەن سىنى سەن چۈشكەن مىھمانخانىغا ئاپىرىپ قوياي .

- ئويۇنخانىغا بارمايمەن .

- نېمە ؟ سەن شىنجاڭلىققۇ ، شىنجاڭلىقلار بۇشەھەرگە كەلسە تۇنجى بارىدىغان يىرى ئاشۇ ئويۇنخانا . سىنىڭ شىنجاڭلىقئىكەنلىكىڭدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن جۇمۇ !

- نېمە ئويۇنكەن ئۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوينايدىغان ؟

- دىمىدىممۇ سىنى بالىكەنسەن دەپ . سىلەرشىنجاڭلىقلار بۇ ئويۇننىڭ پىرى . 

- شۇنداق بولسىمۇ بارمايمەن . ئويۇنغا تازاتاۋىم يوق .

- مۇنداق بولسۇن ، ئوينىمىساڭ ھېچقىسى يوق ،كۆرۈپ باق ، بەلكىم ئەتە بارغۇڭ كەپ قالسا مىنى ئىزدەرسەن . يىراقمۇ ئەمەس ،ئاشخانىنىڭ يىنىدىلا . كۆرۈپ باققانغا بىرەر يىرىڭ پۇچۇق بولۇپ قاممايدۇ . ئوماقسىڭىلچاقلاردىن بىرەرسىگە كۆزۈڭ چۈشۈپ قالسا كىچىنى ئويۇنخانىدا ئۆتكۈزەمسەن تېخى .

- سىڭىلچاق ، سىڭىلچاق دەيسەن ، نېمەسىڭىلچاق ئۇ ؟

- سەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانغۇ ؟! ئۇلارمۇمۇشۇ شەھەردە ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلار ، زىرىككەندە شۇ يەرگە بىرىپ ئازراقپۇل تاپقاچ كۆڭۈل ئاچىدۇ .

- ئوقۇغۇچى قىزلار … ؟

- ھەئە ، ئوقۇغۇچى قىزلار . يەنە سىلەرنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن قىزلارمۇ بار ، كۆپ ئەمەس ، ئەمما بەزىدە ئۇچراپ قالىدۇ .تەلىيىڭ بولسا بىرەرنى ئۇچرىتىپ قالساڭ ھەمرا قىلىپ شىنجاڭغا ئالغاچ كەتسەڭمۇبولىدۇ .

ئۇلار ئەنە شۇنداق قىسقا پاراڭلار بىلەن يورۇقچوڭ كوچىدىن ئايرىلىپ غۇۋا ، كىچىك كوچىلاردىن بىرىگە قايرىلدى . كوچىنى يورۇتۇپ تۇرغىنى پەقەت ئەتراپتىكى ماگىزىن ، ساتىراچخانا ، ئاشپۇزۇل ۋە باشقا دۇكانلارنىڭ چىرىغى بولۇپ ، ئىچكىرلەپ كىرگەنسىرى بۇ چىراغلارمۇ ئازلاپ كوچا بىر پارچەقاراڭغۇلۇققا ئايلاندى .

ئۇنىڭ كۆڭلى قانداقتۇر بىر شۇملىقنى سەزگەندەك قاتتىق سىلىۋاتاتتى . 

- بولدىكۆرمەيلى ، مەن بۇ شەھەردە خىلى ئۇزۇن تۇرىدىغان بولغاندىن كېيىن ، كىيىنرەك كېلىپكۆرەرمەن .

- ئىشىك ئالدىدىن يانىمەن دىمەيدىغانسەن . ئەنە ،كەلدۇق .

ئۇلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدە چىرىغى غۇۋا يىنىپ تۇرغان بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلدى . ئىشىك ئالدى ۋە ئۆي ئىچىدە يۈرۈش-تۇرۇشى ئۇنى باشلاپ كەلگەن ئايال بىلەن ئوخشاپ كىتىدىغان يەتتە سەككىز ئايال كىمىنىدۇر ساقلاپ تۇرۇشاتتى . ئىككىسى تاقەتسىزلىكتىن تاماكا چىكىۋاتاتتى .

- مۇشۇجايكەندە ، بولدى قايتايلى .

- ئويۇننى كۆرمەي قايتقان نەدە بار ، بۇ سىلەرشىنجاڭلىقلار قىلىدىغان ئىش ئەمەسقۇ .

ئايال شۇنداق دىگىنىچە ئۇنىڭ پىشىدىن تارتىپئۆيگە باشلاپ كىردى . 

ئۆيدە ئوتتۇرسىغا قويۇلغان بىر ئۈستەل ، تامبويلىتىپ قويۇلغان بىرنەچچە ئورۇندۇقتىن باشقا ھېچقانداق كۆزگە ئىلىنغۇدەك نەرسەيوق ئىدى . ئۆينىڭ ئىشىكتىن كىرىشكە ئۇدۇل تىمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئىچىلغان كىچىكئىشىك ئۆيگە كىرگەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تۇنجى بولۇپ تارتاتتى . ئايال ئۇنى ئاشۇكىچىك ئىشىككە باشلاپ كەلدى . ئىشىكنىڭ ئۇ يىقى ئۇزۇن سوزۇلغان تار كارىدور بولۇپ ئوڭ سول تەرەپلىرىگە ئۇششاق ئىشىكلەردىن ئوننەچچىسى قويۇلغان ئىدى .

ئىشىكتىن كىرىشىگە ئىككى ئىگىز بويلۇق ،سىمىز ، بەستلىك كىشىنى ئەگەشتۈرۋالغان ۋىجىكرەك بىرى ئۇلارنى كۈتىۋالدى .

شىنجاڭلىقلارنى باشلاپ كەلمە دەپ قانچەدەيمەن ، بەرگەن پۇلىنى قىزلارنىڭ بەدىنىدىن سىنىتلاپ شۇلىۋالىدىغان بۇنداقلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمنى بىلەتتىڭغۇ . ۋىجىكنىڭ ئۇنى باشلاپ كەلگەن ئايالغايەرلىك تەلەپپۇزدە قىلغان سۆزلىرى گەرچە ئاڭلىماققا غەيرى تۇيۇلسىمۇ بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئۇ تولۇق چۈشۈنىپ تۇرۋاتاتتى .

ئاخىرقى قېتىم ، ئۇ تېخى كىچىك بالا ، نېمەقىلىۋىتەلەيتى قىزلارنى . ئايال چالا ھىجايغانچە ۋىجىككە يىلىنغان يوسۇنداچۈشەندۈرۋاتاتتى .

ئىككى يۈز سوم تۆلەپ ، ئىشىڭنى بىجىرىپ تىزيوقال بۇ جايدىن . ۋىجىك تەلەتىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ، ئۇنىڭغا دوق قىلغان يوسۇندادېدى .

نېمە ، مەن بۇ جايغا پۇل تۆلەپ ئويۇن ئوينىغىلى كەلمىدىم . بىكا قالغان ئىككى يۈز سوم يوق مەندە . بولدى كىتىمەن مەن .

ئۇ قانداقتۇر كىچىك سىڭىلچاقلار بىلەن ئوينايدىغان ئويۇننى كۆرۈپ بىقىشقىمۇ خىلى تەستە ماقۇل بولۇپ كەلگەن ئىدى ، ئەمدىلىكتەبۇ ئىشنىڭ باشقا بىر شەكىلگە ئۆزگىرىپ قىلىشى ئۇنى گاڭگىرتىۋاتاتتى .

ئۇ ئىشىككە قاراپ مىڭىشى ھىلىقى ئىككى سىمىزگەۋدە ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قويدى .

- قارا دىمىدىممۇ ، ئۇ تېخى ئىش كۆرمىگەن كىچىك بالا . پۇلىنى ئىلىپ نېمە قىلىشى بىلەن نېمە چاتىغىڭ . ۋىجىككە قاراپ كۆزىنى قىسىپ سۆزلەيتى ئايال .

- قارا ، كەلگەندىن كېيىن ئويناپ كەت . ھەممەشىنجاڭلىق ئوينايدۇ ، سەن ئوينىمىساڭ قانداق بولىدۇ .قىممەتمۇ ئەمەس . ناھايتى ئىككى يۈز سومغۇ . يىنىڭدا يەنە خىلى كۆپ پۇل قالىدۇ . ئويناپ بولغاندا ھىلىقى سىلەرنىڭ شىنجاڭلىقلار ئاچقان ئاشخانىغا ئۆزۈم باشلاپ ئاپىرىمەن . تاماقتىن كېيىن ياتىقىڭغىمۇ ئاپىرىپ قويىمەن تېخى . ئايال ئەمدى ئۇنىڭغا يىلىنىش تۈسىدە تەربىيەئىشلەشكە باشلىدى . 

- يىنىدا ئىككى يۈز سوم پۇل بارمۇ بۇنىڭ ؟ ئۇنىڭ گىپىنى ۋىجىك بۆلىۋەتتى .

- بولمامدىغان ! بايا مەن سورىغان ، پۇل كۆپ بۇكېلىشكەن بايۋەتچىدە . شۇنداققۇ يىگىت . ئايال چالا ھىجايدى . مىنىڭ ھەققىممۇ شۇئىككى يۈزنىڭ ئىچىدە !- ئايال ۋىجىككە كۆزىنى قىسىپ قوشۇپ قويدى .

ۋىجىكنىڭ كۆز ئىشارىسى بىلەن ئىككى سىمىزقولىنى ئۇنىڭغا سوزدى . پۇلۇڭنى چىقار ، سىنى كۈتىدىغان سىڭىلچاق ئاۋۇ ئۆيدە .قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ ياندىكى ئۆينى بويۇندىدى بىرى . 

ئۇلارنىڭ پەيلىدىن ئەگەر ئۇ پۇل بەرمىسەئۇنىڭ يىنىنى ئاختۇرىدىغاندەك ، يامىنى كەلسە ھەتتا زورلۇق ئىشلىتىدىغان ئەلپازدائىدى . ئەلۋەتتە ئۇ تەرەپلىرى شۈبىھسىز . ئۇلار شۇ بوي بەستى بىلەن باشقىلارنى قورقۇتۇپ ، خوجايىننىڭ ئىتى بولۇپ جان باقاتتى . 

ئۇ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن ھەيرانلىق ، ئىلاجسىزلىق ، تەمتىرەش ۋە گاڭگىراش ئارلاشقان گادىرماچ بىر ھىسياتتايىنىدىن ئىككى يۈز سومنى چىقىرىپ ئىككى سىمىزغا سۇندى دە سىرىتقا قاراپ ماڭدى .

- ھوي ، سىڭىلچاق بۇياقتا كالۋا . ئىككى يۈز سوم پۇلغا ئەقلىڭنى يوقىتىپ قويۋاتمايدىغانسەن . سىمىزلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ھىلىقى ئون نەچچە كىچىك ئىشىكلەرنىڭ بىرىگە باشلاپ كەلدى . 

ئۆي ئىچى كىچىككىنە ئۈستەل چىرىغى بىلەن ناھايتى غۇۋا يورۇتۇلغان بولۇپ ، بىر كارىۋات ، بىر كىچىككىنە ئۈستەلدىن باشقاقولغا چىققۇدەك سۈپۈرگە چاغلىق نەرسە يوق ئىدى . ھاراق ، تاماكا ۋە قانداقتۇر كىشى كۆڭلىنى ئاياندۇرىدىغان غەيرى پۇراق گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . كارۋاتتا سىرىق چاچلىق يىرىم يالىڭاچ بىر گەۋدە ئولتۇراتتى .  

ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ غەلىتە كۆرۈنۈش ئۇنىڭ كۆڭلىدە غەلىتە بىر گۇمان پەيدا قىلىۋاتاتتى . بۇ جاينىڭ ئۆزى گۇمان قىلغاندەك جاي بولماسلىغىنى ئۈمىد قىلاتتى ، كەينىگە يىنىپ چىقىپ كىتىشنى ئويلايتتى . 

ئۇنىڭغا سوڭدىشىپ كەلگەن ئايال ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :

- سىڭىلچاققا ياخشى مۇئامىلە قىل ھە ! مەن ئىشىك سىرتىداسىنى ساقلايمەن ، ئىشىڭ تۈگىگەندە ئاشخانىغا باشلاپ بارىمەن ، ياتاققىمۇ ئاپىرىپ قويىمەن تېخى . 

ئايال ئۇنى ئىشىكتىن ئىتتىرىپ دىگۈدەك كىرگۈزىۋىتىپ ئىشىكنى ياپتى . 

مانا ئەمدى ھەممە نەرسە كۈل رەڭ پەردە يىپىۋەتكەندەك گۇنۇس ، خۇددى ئاي نۇرىدىكى دەرەخ سايىسىدەك بىر خىل گىرىمسەن كۆرىنىشكەباشلىدى .

ئۇ يەنىلا ئاشۇ گادىرماچ خىياللار ئىلىكىدە ،خۇددى چۈش كۆرىىۋاتقاندەك قىتىپلا قالغان ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرغان شۇمىنۇتلاردا ھىلىقى سىرىق چاچلىق سايە ئۆي ئىچىدىكى بىردىن بىر يورۇقلۇق مەنبەسى بولغان ئۈستەل چىرىغنى ئۆچۈردى .  ئۇ خۇددى بىشىدىن بىر قاپاق سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك قاتتىق چۆچىدى ، كاللىسى قۇپقۇرۇق ، نېمەقىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپلا تۇراتتى . قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر سايە ئۇنىڭغايىقىنلىشىپ كەلدى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن ئۇنىڭ بىلىنى چىرماپ ، چاققان قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يىشىشكە باشلىدى .

ئۇ ھوشىنى يىغقاندا بولسا كىيىملىرى تولۇق سالدۇرۋىتىلگەن ئىدى . بەدىنى ناز ئارلاشقان يۇمشاق يات تەن بىلەن ئۇچراشقاندابولسا ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويدى . 

ھاياتىدا ھېچقاچان بىشىدىن كەچۈرمىگەن غەيرىبىر سىزىم ئۇنىڭ تىنىنى چۇلغىۋالدى . بەدىنىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن كۆيۈشكە باشلىغان بىر ئوت ئالدى بىلەن ئۇنىڭ يۈرەك قەپىسىدە ئۇنىڭدىن كېيىن بىشىدا يالقۇنلاپ پۈتكۈل بەدىنىدە كۆيىۋاتاتتى . چىكىسى ، پىشانىسى ۋە قۇلاقلىرىدىن پۇرقىراپ كۆتۈرۈلگەن  ئىللىق تەر شۇرقىراپ ئىقىپ بويۇن ۋە گەۋدىسدىن چىققان ئىسسىق تەرگە قوشۇلۇپ تۆۋەنگە ئىقىۋاتاتتى .

قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى نامەلۇم . ئۇ بۇكىچىك ئۆيگە قانداق گاڭگىراش ئىچىدە كىرگەن بولسا ، ھىلىقى سايە ئۇنىڭ كىيمىنى كىيدۈرۈپ ئىتتىرىپ چىقارغاندا يەنە شۇنداق گاڭگىراش ۋە ئېيتىپ چۈشەندۈرگۈسىز چىگىش خىياللار ئىچىدە قايتىپ چىققان ئىدى .

ئايال دىگىنى بويىچە ئۇنى ئىشىك سىرتىداساقلاپ تۇرغان ئىدى . ئۇ يەنە شۇ چىگىش خىياللار ئىلىكىدە ئايالغا جىمجىت ئەگىشىپ ئاشخانىدىمۇ توختىماستىن مىھمانخانىغا كەلدى ۋە ئايالنىڭ ‹ ئەتە سىنى بۇنىڭدىنمۇياخشى جايغا باشلاپ باراي قانداق !؟ › دېگەن سۆزىگە پەرۋاسىز ياتىقىغا قاراپ ماڭدى.

ئۇنىڭ يۈرىكىنى قانداقتۇر بىر كۈچ مۇجۇيتتى ،يەنە قانداقتۇر بىر نەرسە يۈرىكىنى غاجىلايتتى . ئۇ ياتاققا كىرىپلا مۇنچىغاقويۇلغان چوڭ ۋاننىغا لىق سوغۇق سۇ تولدۇردى دە ھاۋانىڭ كىشى تىنىنى قورۇغىدەكسوغۇقلىقىغا قارىماي چىلىنىپ ياتتى .

بىر كىچە شۇنداق ئۆتتى . ئۇ تېخىچە چىگىش خىياللار ئىچىدە ئازغۇن ئىدى . سوغۇق سۇغا چىلىنىپ كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزگەن بىركىچە ۋە ئۈچ كۈنلۈك ئاچلىق ئۇنىڭ ئىسىدىن چىقىپ كەتكەندەكلا ئىدى .

قۇياش كۆتۈرلۈپ ياتاق ئىچىگە ئاپتاپ چۈشۈشكەباشلىغان مەھەل ، ئۇ سوغۇق سۇدىن چىقتى ۋە كىيىملىرىنى كىيىپ ئۈرۈمچىدە پويىزغاچىقىشتىن بۇرۇن ئىلىۋالغان گىزىتنى قاتتىق چېنە قىش ئۈستىگىلا يايدى ۋە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى ، ئەمما نامازنىڭ نىيىتىنى نېمە دەپ قىلغانلىقى ئىسىدە يوق . پەقەت نامازنىڭ ئاخىرىدا ‹‹ خۇدايا توۋا قىلدىم. ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى كەچۈرۋەتكەيسەن ! ›› دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قاتتىق بىرئۇھ تارتتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .

ئۇ ئارقىدىن ئۇلاپ ئوقۇغان بامداد نامىزىغادۇئا قىلغاندىن كېيىن يۈك تاقىلىرىنى يىغۇشتۇردى ۋە ئۇقتۇرۇشتا دىيىلگەن مەكتەپكەتىزىمغا ئالدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يولغا چىقتى .

 

************** ****************** ***************** 

 

ئالتە ئايلىق ئوقۇشنى بىئاراملىق ئىچىدەچىۋىن يەۋەلغاندەك ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ باشقىچە بىر ئادەمگەئايلىنىپ قالغان ئىدى . زۆرۆريىتى بولمىسا ئارتۇق سۆز قىلمايتتى . ئەلۋەتتە بۇتەرىپى ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى مىجەزى بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيتتى . ئەممائادەم بار جايلاردىن قىچىپ يۈرۈش ، ھەتتا دادىسى ، ئانىسى ۋە قىرىنداشلىرىدىنمۇقىچىپ ، چىرايىدا ھېچبىر ئىپادىسىز ، ئەقلى ئاجىز كىشىلەردەك ھە دىگەندىلاگاڭگىراش ، ھودۇقۇش ئۇنىڭ مىجەزىدە پەقەتلا يوق ئالاھىدىلىكلەر ئىدى . ئالىمەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا گەرچە باشقىلاردىن قىچىپ يۈرسىمۇ نىمىشقىدۇركۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى بىرەر كىشىنى تىپىپ دىگۈسى كىلەتتى . ھازىر ئۇ باشقىلارغاكۆڭلىدىكىنى دېيىش ئەمەس سالام قىلىشنىمۇ ، يۈزىگە تىكىلىپ قاراشنىمۇ خالىمايدۇ . خىزمەتكەچىققان دەسلەپكى چاغلاردىكىدەك كىيگەن كىيىملىرىگە دىققەت قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ .پاكىزە بولسىلا ھىلىقى چاغلاردىكىدەك ئىشتان بىلەن كۆڭلەك ، ئاياغ بىلەن ئىشتانماسلاشتىمۇ يوق دەپ قاراپ يۈرمەيدۇ . ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئىشىكتىن چىقىشىدا چىكىلىكىيۈزىنىڭ يىرىمىنى دىگۈدەك توسۇپ تۇرىدىغان شەپكىسىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ ، ئوقۇشتاچاغلىرىدا ئىشلەتكەن كونا سومكىسىغا چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن بىرەر پارچە نان ،ئوقۇيدىغانغا بىر پارچە كىتاپ ، كىچىككىنە چايدىنىغا ئاچچىق قەھۋەنى تەڭشەپئىلىۋالسا خىزمەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇنكەچلىك تاماققا ئەتراپنى تۈن پەردىسىقاپلاشتىن بۇرۇن ياتىقىغا يېقىن ئاشخانىغا كىلىدۇ . خىزمەت قىلمىغان كۈنلىرى نىمىشقىدۇرباشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قايسى بىر ئادەم كىرمەيدىغان ئۆسۈملۈك باغچىلىرىنىڭئادەم بارمايدىغان بۇلۇڭلىرىدا ئايىغى چىقماس خىياللارغا يانداشقان ئۇھ تارتىش ۋەئۆز-ئۆزىگە تۆۋە ئېيتىپ خورسىنىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ . ھەر قېتىم كىچىلىك دىجورنىداتۇرغاندا نىمىشقىدۇر بىئارام بولۇم ياتاققا بالدۇرراق قايتىشقا ئالدىرايدۇ .كىچىلىك ئىسمىنىدىن قايتقان كۈنلىرى مۇنچىدا سوغۇق سۇنى بولدى دىگۈدەك ئىچىۋىتىپئۇزاق تۇرىدۇ . 

  دادىسى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ كۆپ ۋاقىتلاردائالاقىلىشالمىغاندىن كېيىن ئۇنى يوقلاپ ئۈچ قېتىم كەلدى ، ئەمما ئىككى قېتىمدا ئۇئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ پۈتۈن كۈن غايىپ بولدى . ئۈچىنچى قېتىم بايرام ۋاقتى بولغاچقا ، ئۇمەجبۇرىيەت تۈسىدە دادىسى بىلەن بىر كۈن پاراڭلاشتى . ئەلۋەتتە دادىسىنىڭ مەخسىدى، ھەتتا دېگەن ھەر بىر جۈملە سۆزى ئۇنىڭ ئويلىغان يىرىدىن چىقتى . چاچ-ساقاللىرى خىلىلا ئاقارغان دادا ئۇنىڭ توي ئىشى توغرىسىدا سۆزلەيتى ، نۇرغۇن كىشىلەرنى مىسال ئىلىپ ئوغلىنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇناتتى . ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرقى جاۋابى يەنە بىرەريىلنى ئۆتكۈزۈپ ، لايىقىدا بىرەر قىزنى تىپىپ تويلىشىش بولدى .

ئەمەلىيەتتە لايىقىدا قىز يوقمۇ ئەمەس .ئۇنىڭ ئىسىدىن چىقىپ قالسا كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدىغان ، كۆزىنى يۇمسا بەزىدەچۈشلىرىدە پەيدا بولىدىغان خىزمەتدىشى زۇمرەت . ھەر كۈندىكى كەچلىك تامىقىنى ئۇئىغىز ئىچىشتىن بۇرۇن بۇيرۇتۇپ ، ئۆز قولى بىلەن ئەكىلىدىغان ، تامىقىنى يەپبولغىچە ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ ئولتۇرىدىغان ، تامىقىنى يەپ بولىشى قوشۇمچەقىلىپ بىرەر قاچا شورپا ياكى بىرەر پىيالە قېتىق بۇيرۇتۇپ تەييار بولىدىغان ،ئۇنىڭ بىر ۋاق تامىقىنى كۆتۈرە ئالغان ئاشخانا خوجايىنىنىڭ كىچىك قىزى گۇلجەننەت .ئۇ دائىملا مۇشۇنداق قىزلارغا ئۆيلەنسە ئوغۇل بالىنىڭ بەختى ئىچىلىشىدا گەپ يوقدەپ ئۆز ئۆزىگە سۆزلەيدۇ ، ئەمما توي ئىشى ئۆز بىشىغا كەلگەندە بولسا نىمىشقىدۇر كەينىگە سۆرەپلا تۇراتتى .


   دادىسىغا بىر يىلدىن كېيىن توي قىلىشقا ۋەدەقىلغىنىغىمۇ ئون تۆت ئاي بولدى . ئەمما ئۇ يەنىلا جىمجىت . گەرچە روھى جەھەتتىن بىر يىل ئىلگىرىكى بۇرۇقتۇرمىلىق ، جىمغۇرلىقنى سەل تاشلىغان ، دەسلەپ خىزمەتكەچۈشكەن چاغلىرىدەك تىتىك ، خۇشخۇي يۈرسىمۇ ئۇ يەنىلا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىقاراڭغۇلۇق ئىچىدەھىس قىلاتتى .

ئۈرۈمچىدە گەرچە ئىچكىردىكى بەزى شەھەرلەردەكنەچچە كۈن ھەتتا بىرەر ئايغىچە توختىماستىن سىم-سىم يامغۇر ياغمىسىمۇ ئەمما يامغۇرياغقاندا خىلىلا قاتتىق ياغىدۇ . 

ئالدىنقى كۈنى كىچىدە قاتتىق ياغقان يامغۇركۆزەتچىلىكتە تۇرۇپ خىيالغا چۆككەن ئۇنى بىردەمدىلا كىرئالغۇدا چالا يۇيۇلغان لاتاقونچاققا ئوخشىتىپ قويدى . بىر نەچچە ئايدىن بىرى داۋاملىشىۋاتقان ئىشتىھاسىزلىق ،ئىچ سۈرۈكى مانا شۇ يامغۇر بىلەن ئۇنى ياتاققا قايتىپ ئىشىكنى يىپىشى ئولتۇرىدىغانئورۇندۇقىنىڭ ئۈستىگىلا يىقىتتى . كۆز ئالدى غۇۋالىشىپ ، پۈتكۈل جاھان پىرقىراپچۆرگىلەپ ، كۆڭلى ئىلىشىپ ياتاققا ئاران ئۇلاشقان ئۇ مۆرىسىنىڭ ئورۇندۇققا قاتتىقئۇرۇلغانلىقىنى سەزگۈدەك ھالى يوق ئىدى . قاتتىق زەربىدىن تۆت پارچە بولغان ئورۇندۇق بەدىنىگە شۇنچىلىك خوش كىلىپ ئۇيقۇغا كەتتىمۇ ياكى قاتتىق زەربىگەئۇچرىغان بەسىتلىك گەۋدە ۋاقتىنچە ھوشسىزلاندىمۇ ئەيتاۋۇر ، ئۇ يىقىلغان جايىدامىدىرلاپمۇ قويماي يىتىپ قالدى .

خىلىدىن بىرى يوشۇرۇنچە ئۇنىڭ ھەركەتلىرىنىكۆزىتىپ تۇرغان ، دادىسى يوقلاپ كەلگەندە مەخسەتلىك ھالدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرگەن زۇمرەت بۈگۈن ئۇنىڭ پۈتۈن كۈن خىزمەتكە كەلمىگەنلىكىدىن خەۋەر تىپىپ ئۇنى ياتاققائىزدەپ كەلگەن ئىدى . ئىشىك چىكىپ خىلى ئۇزۇنغىچە ئىچىلمىغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئىزدېرەكسىز قەيەردە يۈرگەنلىكىنى بىلىشكەئالدىرىغان زۇمرەت ئۇنىڭ قول تېلېفۇنىغا  تېلېفون قىلدى . تېلېفۇننىڭ ئۆزگىچە ، تونۇشئاۋازى ئىشىك ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتاتتى .

تونۇش قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىغان زۇمرەت سەلجىددىلەشتى ، نىمىشقىدۇر ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغاندەك يۈرىكى سىلىپ ، سوغۇق تەرباستى .

ئۇزۇن ئۆتمەي يىتىپ كەلگەن ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇزۇن بىر تالتاختايغا بىكىتىلگەن ئاچقۇچلار ئىچىدىن بىر تال ئاچقۇچنى چىقىرىپ ئىشىكىنى ئاچتى .

زۇمرەت ئىشكىتىن كىرگەندە ئۇنىڭ ئۆز قۇسىقىغاچىلىشىپ ، ھىلى قىززىپ ھىلى سوۋۇپ ، سوغۇق تەر ئىچىدە ھوشسىز ياتقىنىغا ئىككىكۈندىن ئاشقان ئىدى .

- ۋايخۇدا ! شۇنچىلىك بولغۇچە غىڭ قىمماي ياتتىڭىزما ، ئۆلگىلى ماڭسىڭىزمۇ ئۇچۇر قىلىۋەتسىڭىزبولماسمىدى … زۇمرەت يۈگۈرۈپ كەلگەنچە خۇددى يېقىن بىر ئادىمىگە ھازائېچىۋاتقاندەك يىغلاپ تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيتى . ئۇ قاتتىق ھۆتىلىپ كۆزىنىئىچىشقا تەمشەلگەندە زۇمرەت ئۇنىڭ بىشىنى قۇچىقىغا ئىلىپ ئىغىزىغا سۇتىمىتىۋاتاتتى .

زۇمرەتنىڭ بۇنداق قىلىشىدىمۇ ئۆزىنىڭسەۋاپلىرى بار ئىدى . ئۇ خىزمەتكە چۈشۈپ ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بۇ ياتاقبىناسىغا كۆچۈپ كىرگەندە زۇمرەت ئىككىنچى قەۋەتتىكى ياتاقنى ياراتماي ئالتىنچىقەۋەتكە كۆچۈشنىڭ جىدىلىنى قىلىۋاتاتتى . زۇمرەتنىڭ ياتاق بىناسى باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن بولغان جىدەل تۈسىنى ئالغان تالاش-تارتىشى ئالتىنچى قەۋەتكە كۆچۈشنى خالىماي، تۆۋەنرەك قەۋەتكە ئالمىشىشنى ئويلاپ تۇرغان ئۇنى زۇمرەت بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگەئىگە قىلدى . يۈرۈش-تۇرۇشى قاملاشقان ، غۇنچە بوي ، چىرايى تۇنجى كۆرۈشتە خىلىمەن-مەن دېگەن يىگىتلەرنىمۇ قايرىلىپ يەنە بىر قاراتقۇزالايدىغان ، چوڭ شەھەردە چوڭ بولغان شوخ قىز نەچچە ئىغىزسۆز بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى رام قىلىپ ، ياتاق ئالماشتۇرۇشنى ياتاق ئالماشتۇرۇپقويۇشتىن ئىبارەت ئەلا مۇلازىمەت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى . ساددا يىگىت شۇ كۈنى تۈنيىرىمىغىچە ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى بولغۇسى كىچىك ، قاراڭغۇ ، نەم ياتىقىدىنتونۇشقىنىغا نەچچە سائەت بولغان قىزنىڭ يۈك-تاقىسىنى ئالتىنچى قەۋەتتىكى مەخسۇس تىخنىك خادىملار ئۈچۈن بىرىلگەن كەڭ ،يورۇق ، يىڭى ياتاققا يۆتكەۋاتقاندىلا ئۆز-ئۆزىگە ‹ كاللا ئىشلىمىسە پۇت قولغائارام يوق دېگەن شۇ ! › دىگىنىچە ، ياتاقنى كۆرمەي تۇرۇپ ئالتىنچى قەۋەتنى ئىگىزكۆرگىنىگە ، ياتاق ئالماشتۇرغىنىغا پۇشايمان قىلدى .

زۇمرەت پويىز ئىستانسىدا بېلەت ساتاتتى .ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتماي ئۈرۈمچىدە خىزمەت تىپىۋالغىنىغا خۇشال ئىدى .

گەرچە ياتاق ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇغەلبىسىدىن قاتتىق خۇشال بولغان بولسىمۇ ، بۇ شوخ شەھەر قىزى ئۆزىنىڭ قانداقتۇركۆرۈنمەس يىپ بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى . ھەركۈنى ئىشقابىرىش ۋە كىلىشتە بايقىغان ساددا يىگىتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇنى خۇمار قىلدىمۇ ياكىساددا مىجەزىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئۆينى تارتىۋالغاننى ئاز دەپنەرسە-كىرەكلىرىنى توشۇتقۇزغىنىغا ئۆكۈندىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنى مەخپى كۆزىتەتتى ،ئۇنىڭ كالامپاي تۇرقىغا قاراپ خىيالغا كىتەتتى . شەھەرلىك يىگىتلەر بولغان بولساقىلغانلىرى ئۈچۈن قىزدىن چوقۇم تىخىمۇ كۆپرەك نەپ تەلەپ قىلاتتى ، ياكى بۇنداقچىرايلىق قىزنى شۇ ئىشنى باھانە قىلىپ ئالقىنىغا ئىلىۋىلىپ ئوينىتىشنىڭ كويىغاچۈشەتتى . ئەمما ئۇ بولسا خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك شۇنداق تەمكىن . ھەر نۆۋەت ئۇنىڭھىلىقى كۈنى نەرسىلىرىنى توشۇۋاتقاندا پىشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ ‹ مەنمۇ كۆتۈرەي ، مىنىڭ نەرسەم بولغاندىن كىيىن .. › دېگەن سۆزىگە قىلچەتۈزۈت قىلماستىن ‹ كەم بولا ، ئەسكى چاپاننى قارا كۆتەمەي ئىچىدىغانغا سۇ ئەكىلىڭە. ھىلى كۆتۈرىمەن دەپ تۆتىنچى قەۋەتكە كەلگەندە  ‹‹ بىر يىرىم ئاغرىدى ›› دەپ موككىدەئولتۇرۋالسىڭىز ، كۆتىرەممىسەڭ ساڭگىلتىۋال دىگەندەك ئىش بولىدىغانلىقى ماڭا ئايان› دېگەن جاۋابىنى ئويلىسىلا ئۆزىچە كۈلۈمسىرەيدىغانلىقىدىن بۇ شوخ قىز تېخىخەۋەرسىز .

كىيىنچە زۇمرەتنىڭ سەۋەپسىزلا  ئۇنى كۈنلىشىگە سەۋەپ بولغان ، ئۇلار خىزمەتكەبارغان ۋە خىزمەتتىن قايتقاندا ئولتۇرىدىغان ئاپتۇبۇستا بىلەت ساتىدىغان قىزنىڭقوشۇلىشى زۇمرەتنى ئۇنىڭغا ئاشىق قىلغان ئىدى . بىلەت ساتقۇچى قىزنىڭ ئۇنى كۆرسىلا باشقىچە ئىچىلىپ گەپدان بولۇپ كىتىدىغانلىقى ، ئۇ ئاپتۇبۇسقا چىقسا ئالايىتەن بىلەت ساتقۇچىلار ئولتۇرىدىغانئورۇننى ئۇنىڭغا بوشۇتۇپ بىرىدىغانلىقى ، ئۇنىڭ مىجەزىدىكى باشقىلار سەزمىگەن تىزسۈرئەتلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەپ بولغان ئايىغى چىقماس چاقچاق ئارلاش پاراڭلىرى زۇمرەتنى ناھايتى تىزلا ئىشىق ئوتىغا مۇپتىلا قىلغان ئىدى .

- قايسىبىكەتتە چۈشىسىز ؟

- پويىزئىستانسىدا .

- سەپەرگەچىقامسىز ؟

- ياق.

- نېمەقىلىسىز ئەمىسە ؟

- رىلىسباقىمەن .

- ھا ھا …ئىشلەمسىز ؟

- ياقھەي ، خىزمەت قىلىمەن .

- يوغانئىش قىلىدىكەنسىز !

- ياقھەي ، سىزنىڭكىگە يەتمەيدۇ . 

………

- قەيەرگەبارىسىز ؟

- ئاۋۇيەرگە .

- قەيەردىنكەلدىڭىز ؟

- مۇشۇيەردىن .

- ئاپتۇبۇستاقانچىلىك ئولتۇرىسىز ؟

- ئاپتۇبۇستوختىغۇچە . سىز مەندىن ئۇزاقراق ئولتۇرىسىز ھەقچان . 

ھەر نۆۋەت ئۇلار مۇشۇنداق پاراڭغا چۈشسەزۇمرەت بىر ياقتا تۇرۇپ بىلەت ساتقۇچى قىزغا كۆڭلىدە ئۆچ بولۇپ كىتەتتى .  ئۆزىنىڭ بۇ گول يىگىتكە كۆيۈپ قالغىنى غائىشەنگۈسى كەلمەيتى . ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى تىخىمۇ خالىمايتى .

بىرنەچچە سائەتلىك جىددى قۇتقۇزۇشتىن كېيىنئۇ دوختۇرخانىدا كۆزىنى ئاچتى . ئۇنىڭ يىنىدا زۇمرەتتىن باشقا ھېچبىر تونۇش چىرايكۆزگە چىلىقمايتى .

ئىككى كۈنلىك مۇنتىزىم داۋالاشتىن كېيىنئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشىلاندى . كىچىك چاغلىرىدىن باشلانغان دوختۇرخانىغا بولغان ئۆچلۈكئۇ يەرگە چۈشۈپ ماڭغۇدەك بولىشى ياتاققاقايتىمەن دەپ جىدەل چىقىرىشىغا سەۋەپ بولدى  . ئۇنىڭغا ئامال قىلالمىغان دوختۇر ئۇنىڭئەھۋالىنىڭ چاتاقلىغىنى ئېيتىپ ، دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئائىلە تاۋاباتىبىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى . 

ئۈچىنچى كۈنى ئۇ دوختۇرنىڭ ئىشىانىسىغا ئۆزىكىردى . چاچلىرىغا ئاق كىرىشكە باشلىغان ، كوسا چىراي دوختۇر ئۇنىڭ ئالدىغا قانتەكشۈرۈش دوكىلاتىنى قويدى . ئۇنىڭ ھىچنەرسىنى ئاڭقىرالمىغانلىقىنى بايقىغاندىنكىيىن ئۇنىڭغا قىسقا قىلىپ چۈشەندۈردى .

تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەنيۇقۇملانغانلىقى ئىنىقلانغان ئىدى .

   دوختۇرچىرايىنى پەرىشان تۈسكە كىگۈزۈپ ، ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ،بۇ كىسەلنى داۋالايدىغان تىخنىكىنىڭ تېخى بارلىققا كەلمىگەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئەھۋالىبىرقەدەر ياخشى بولۇپ ، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ھېچبىر كىسەللىك ئالامىتىكۆرۈلمەي ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە ئىكەنلىكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەن قۇرۇلىشى ئالاھىدىلىكى ۋە ياشاش مۇھىتى سەۋەپلىك بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئوتتۇرچەئۆمرىنىڭ سەككىز يىل ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇ نىمىشقىدۇر خۇددىدوختۇر ‹ قىزىتمىڭىز ياندى ، قايتىپ ياخشى ئارام ئىلىپ ، قورساقنى ياخشى باقسىڭىزتىزلا ئەسلىڭىزگە كىلىشىڭىزدە گەپ يوق ! › دەۋاتقاندەك ، ھىچبىر ئىپادىسىزلادوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى .

دوختۇرخانىدىنچىققان كۈنى ئۇ بىشىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىغا قارىماي پۈتۈن بىر كىچىنىئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيقۇسىز مىڭىپ ئۆتكۈزدى . ئايىغى چىقماس خىياللار ئۇنىچىرمىۋالغان ئىدى . تۈن قاراڭغۇسىنى توسۇپ تۇرغان ، سادىق جەڭچىلەردەك قاتارىيىنىپ تۇرغان كوچا چىراغلىرى ئىككى يىل ئىلگىركى ھىلىقى چوڭ شەھەر كوچىسىنى ئۇنىڭئىسىگە سالدى . ھەر نۆۋەت ئاشۇ چوڭ شەھەرنى ئويلىسىلا ئۇنىڭ خىيال ئاسمىنىداخىلىدىن بىرى ئۇنتۇپ كىتىشكە تىركىشىۋاتقان ھىلىقى ئەسلىمە چاقماق چىقىلغاندەكيورۇپ ئۆتەتتى .  

ئۇبۇ شەھەردە خىزمەتكە چۈشكەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ دوستى تۇرغۇننىڭ دىگىنى بويىچەباشقىچە ئادەم بولۇش ئۈچۈن كونا مىجەزىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە نىيەت قىلغان .كېيىن ھىلىقى ئىش يۈز بىرىپ نىمىشقىدۇر خىجالەت ئىچىدە باشقىلارنىڭ يۈزىگەقاراشتىنمۇ ئېرىنىدىغان بولدى . ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە خىلىئۇزۇن ياشىدى . ئەمما چوڭ شەھەردىكى يالغۇزلۇق ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىشكەقايىل قىلدى . مانا ئەمدى كۈننىڭ سىرىغىنى كۆرىدىغان ۋاقتىمۇ ساناقلىقلا قالدى . يەنەقانداق قىلسۇن ؟

*********** ****************  *************

ئۇنىڭشوخ ، خۇشخۇي ، كىشىلىك ئالاقىدە ئاكتىپ بولۇشنى تاشلاپ ، بىكىنمىچىلىك ھالىتىگەئۆتىۋالغىنىغىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە بىر يىل بولاي دېدى . ئۇنىڭ بەدىنىدە سەۋەپسىزپەيدا بولىۋاتقان قاپارتمىلار ئۇنىڭ كىسىلىنىڭ ئىغىرلىشۋاتقانلىقىدىن سىگىنال بىرىپتۇراتتى .

بۇبىر يىل جەريانىدا ئۇ كۆپ ئۆزگەردى . باشقىلار بىلەن بىرىش-كېلىش قىلمايتى ، ھەتتادادىسى نەچچە قېتىم ئۇنى يوقلاپ كىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىمۇ توسۇپ قويدى . دادىسىئىككى قېتىم كەلگەنمۇ بولدى ، ئەمما ئۇنى تاپالماي كېتىپ قالدى . ئۇنىڭ خىزمەتتىنباشقا چاغلىرىدا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ھېچكىمبىلمەيتى . خىزمەت زۆرۆريىتى بىلەن سىرىتقا چىقمىسا كۆپىنچە قاراڭغۇ ياتاققاسولىنىپ كۈن ئۆتكۈزەتتى . كىچىك چاغلىرىدا بوۋىسى قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆگەتكەنناماز ئوقۇش قائىدىسى بويىچە ھەر سەھەردە بامدات ناماز ئوقۇغاندىن باشقا چاغلىرىدا كارۋاتتىن چۈشمەيتى . نازۇكتىن خەتتاپشۇرۋالغاندىن كېيىن يازماسلىقنى قارار قىلغان خاتىرىسىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپيىزىش ، ھاياتلىق ، ئىنسانىيەت توغرىسىدا يىزىلغان پەلسەپىۋى كىتاپلارنى ئوقۇشتىنباشقا ئۇنىڭغا ھىچ ئىش خوش ياقمايتى . ئولتۇرسا-قوپسا ئۆز ھاياتى ، تەقدىرى ۋەئۆلۈمى توغرىسىدا ئويلايتى .

‹ ئەگەر ئاشۇ يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىنكىيىنكى ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلىگە ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپنى يازمىغان بولسام ،ئاشۇ چوڭ شەھەرگە بارمىغان بولسام بەلكىم ھازىر يۇرتتا دىھقانچىلىق قىلغانبولاتتىم . گەرچە جاپالىق بولسىمۇ ئۆتكەن ھەر بىر كۈننىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق قىممىتىبار ئىدى . تىنىچ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە دىھقانچىلىقتىنمۇ ياخشى كەسىپ تىپىلماس بۇدۇنيادا …

ئەگەرئۈرۈمچىدە قالمىغان بولسام ، يۇرتقا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولغان بولسام ، كۈنلىرىمبىلىمگە تەشنا شوخ بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئۆتكەن بولسىمۇ …

ئەگەرھىلىقى كۈنى ، چوڭ شەھەردىكى ھىلىقى مىھمانخانىدا تاماققا چىقىشقا ئىككىلەنگەنچىغىمدىلا بولدى قىلىپ ، قاتتىق نان بىلەن بىر كىچىنى ئۆتكۈزگەن بولساممۇ … › ئۇدائىملا مانا شۇنداق ئەگەر ئۇنداق ، ئەگەر مۇنداق دىگەن خىياللار بىلەن كىچىنىكۈندۈزگە ئۇلايتى ، ئۈنسىز ياش تۆكەتتى . ھەر كۈندىكى نامىزىنىڭ ئاخىرىداقىلىدىغان دۇئادا ئۇزۇنغىچە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جىمىپ كىتەتتى . بەزىدە ناماز ئوقۇشئۈچۈن سىلىنغان كىچىككىنە گىلەم ئۈستىگىلا يىقىلىپ ، ئۈنسىز يىغلىغىنىچە كۈننى كەچقىلاتتى .

نىمىشقىدۇرئۇنىڭ بۇنداق خىياللىرىغا بەزىدە زۇمرەت ، بەزىدە ئاپتۇبۇستىكى بىلەت ساتقۇچى قىزيەنە بەزىدە ئاشخانا خوجايىنىنىڭ كىچىك قىزى گۇلجەننەت قوشۇلۇپ قالاتتى . ئەگەر بۇئىشلار يۈز بەرمىگەن بولسىدى ، ئۇ ئاشۇ ئۈچ قىزنىڭ خالىغان بىرىگە ئۆيلەنسە ، بۇناتونۇش شەھەردە ئۆز بەختىنى تاپقانمۇ بولاتتى .

ئەمەلىيەتتەبۇ قىزلارنىڭ ئۇنىڭ ئىغىزىدىن ‹ سىزنى ياخشى كۆرەتتىم › دېگەن  بىر ئىغىز سۆزىنى كۈتىۋاتقىنىغا خىلى ۋاقىتلار بولدى . ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغانسەۋەپ ، ئوخشىمىغان كۆڭۈل بىلەن ئۆزىگە كۆيۈپ يۈرگىنىدىن ئۇنىڭ خەۋىرى يوق .ئۇلارنىڭ قىزلىق غورورى ئۇلارنى ئۇنىڭدىن بالدۇر ئىغىز ئىچىشتىن توسۇپ قالدى خالاس. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ بىريەرلىرىدە سەۋەپسىزلا نازۇكنى ئەسلەپ تۇرۇشى ، ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىشى ، مومكىنبولمايدىغان ۋىسال پەيىتلىرىگە ئۈمىد باغلاپ يۈرۈشلىرى بۇنچە ئۇزۇن داۋاملاشمايتى.  

‹ئەگەر ئۆلۈپلا كەتسەمچۇ ! ئەگەر ئۇخلىغان يىرىمدىلا شۇ ئۇيقۇ بىلەن جىنىممۇ تەڭلاچىقىپ كەتسە ، ئىككىنچىلەپ ئويغانمىسام ، ھەممە نەرسە بىر چۈشكە ئايلىنىپ كەتسەنېمە دېگەن ياخشى ھە …

قولبىغىشىمنى كىسىۋەتسەمچۇ ! ئاشۇ بۇلغانغان قاننى پاك-پاكىزە ئىقىتىپ ، تىنىمنىپاكلاپ ، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتسەم قانداق بولار …

ياتاقنىڭدېرىزىسىدىن سەكرىسەمچۇ ! بۇلغانغان تەننى بىراقلا كۇكۇم تالقان قىلىپ ،چۈشلىرىمدىكىدەك تېگى يوق ھاڭغا شۇڭغۇسام قانداق بولار …

ياتاقتىكىتۆت مىتىرلىق يۈك-تاقا تاڭىدىغان تانا بىلەن بوينۇمدىن چىگىپ ، بىر ئۇچىنى دېرىزىنىڭ يىنىدىكى سۇ تۇربىسىغاچىگىپ قويۇپ ، تۆۋەنگە قاراپ سەكرىسەم ، بۇلغانغان تەننى تۇنجۇقتۇرۇپلىۋەتسەمچۇ !…

ئۇيىقىندىن بىرى مانا مۇشۇنداق ‹ قانداق ئۆلىۋىلىش ، قانداق ئۆلۈش ، ئۆلۈم ›توغرىسىدىكى خىياللار بىلەن ئۇيقىسىز كىچىلىرىنى تاڭغا ئۇلايتى . بۇ خىياللارسىزمۇكىچە ئۇنىڭغا تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كىتىۋاتاتتى . كۆزىنى يۇمسىلا كۆرىدىغانيامان چۈش ، پۈتۈن بەدىنىدىن قۇيۇلىدىغان سوغۇق تەر ، تۇرۇپ تۇرۇپ پەيدا بولىدىغانقىزىتما ، ئىچ-باغرىنى پۇرقۇپ چىقارغۇدەك قاتتىق كىلىدىغان ھۆتەل ،ئاندا-ساندا مۇجۇپ ئاغرىپ جىنىنى ئارانقويىدىغان قورساق ئاغرىقى ۋە بىرى بولقا بىلەن سوقىۋاتقاندەك تۇيۇلىدىغان باشئاغرىقى ئۇنىڭغا ئۇيقۇنى ھارام قىلاتتى .

ۋاقىتنىڭئۇزىرشىغا ئەگىشىپ ئەھۋال تىخىمۇ يامانلاپ بىرىۋاتاتتى . بىرەر پارچە نان بىلەنكۈن ئۆتكۈزۈش ئۇنىڭ بەدەن قۇۋىتىنى تىز خورىتىۋاتاتتى . ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بەستلىكقامىتى مانا ئەمدى خۇددى بىر تال چوكىغا ئويۇلغان ياغاچ قونچاقتەك كۈندىن كۈنگەكىچىكلەپ بىرىۋاتاتتى . كۆزىنى يۇمسىلا قارا بىسىپ ۋارقىراپ ئويغىناتتى .

قاراڭغۇشەھەر . ئۇ شەھەرنىڭ بىردىنبىر يورۇق كوچىسىدا يالغۇز مىڭىپ يۈرىيدۇ . ئەتراپ گۆرىستانلىقتەك جىمجىت . ئەتراپتىكىقەبرە تاشلىرىغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئىگىز-پەس ئىمارەتلەر ئۇنىڭغا بەكلا تونۇشبىلىندى . ئۇ ئاچا يولغا كەلگەندىلا بۇ شەھەرنىتونۇۋالدى . بۇ ئۈرۈمچى ئەمەس ، ھىلىقى چوڭ شەھەر ، قارىماققا ئۈرۈمچىگە ئوخشايدۇ.

ئاچايولنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى كىچىك كوچىلىرى قاپقارا بىر قەۋەت ياپقۇچ يىپىلغاندەك ، قولنى سوزساكۆرۈنمەيتى . پەقەت ئالدى تەرەپلا كۈندۈزدەك يورۇق ، ھەتتا ئۇ ھازىرلا ماڭغانكەينى تەرەپمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قاراڭغۇلۇققا تولغان . خۇددى قاراڭغۇلۇق ئۇنىقەدەممۇ قەدەم قوغلاپ كىلىۋاتقاندەك . كەينى تەرەپتىن تىۋىش ئاڭلاندى . ئۇنى سۈرباستى ، كۆزىنى يۇمۇۋىلىشقا ، قاراڭغۇلۇقتىن قانداق نەرسىنىڭ چىقىشىدىن قەتئېينەزەر كۆرمەسلىككە تىرىشاتتى ، ئەمما كۆزلىرى يۇمۇلمايتى .

قاراڭغۇلۇقتىندەسلەپ قىپقىزىل يىنىپ تۇرغان ئىككى كۆز ، كېيىن ئۇنىڭغا ئەگەشكەن قاپقارا تەن ،قىپقىزىل كۆزلىك بىر قارا ئىشەك چىقىپ ئۇنىڭغا قاراپ كىلىۋاتاتتى . ئىشەك قاپقارابۇرۇن تۆشۈكلىرىدىن توختىماستىن ئاپئاق ئىس پۇشقۇرتۇپ ، كۆزلىرىنى ئۇنىڭغاتىككىنىچە پۇتلىرىنى ئاسفالېت يولغا قاتتىق ئۇراتتى . ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوڭ سولتەرەپتىكى قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن قاپقارا كۆزلۈك ئىككى ئاق توشقان چىقىپ ئىشەككەقوشۇلدى . ئىشەك ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا يىقىنلاپ كەلدى ، ئۇنىڭغا بىر نەرسە دىمەكچىبولغاندەك توختىماستىن تىۋىش چىقىراتتى .

ئۇقوللىرىنى شىلتىغانچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . قاراڭغۇلۇق ، ئىشەك ۋە توشقان ئۇنىڭچۈشى ئىدى .

ئۇئۈستەل سائىتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى ۋە سوغۇق سۇدايۇيۇنغاندىن كېيىن بامدات نامىزىغا تۇتۇندى .

بۈگۈنئۇ دۇئادا ئۇزۇن ئولتۇرمىدى ، قىسقىلادۇئا قىلغاندىن كېيىن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ سومكىسىنى ئاستى ، شەپكىسىنى كىيىپ، قارا كۆزەينىكىنى تاقىغاندىن كېيىن ئۇزۇندىن بىرى ئىشىك كەينىگە ئىسىلىپ تۇرغانچوڭ ئەينەك ئالدىغا كېلىپ كىيىملىرىنىڭ قاتلاقلىرىنى بىر قۇر تۈزەتكەندىن كېيىنئىشىكتىن چىقتى .

سىرىتتاسىم-سىم يامغۇر يىغىۋاتاتتى . بىكەتكە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنى خىزمەت ئورنىغا ئاپىرىدىغان ئاپتۇبۇس يولياقىسىدىكى كىچىدىن بىرى يىغىلغان يامغۇر سۇلىرىنى چاچراتقانچە يىتىپ كەلدى .

ئۇنىڭچىققىنىنى كۆرگەن بىلەتچى قىز ئۇنى يىراقتىنلا تونۇغان ئىدى . ئەمما ئۇنىڭئۆزىنىدىن قىچىپ يىراققا بىرىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ مىڭىشقا تەمشەلگەنپۇتلىرىنى ئالدىدىكى ئورندۇققا تىرىگىنىچە توختاپ قالدى .

ماشىنابىر خىل رىتىمدا كىتىۋاتاتتى . ئاپتۇبۇس ئاچا يولغا كەلگەندە ئۇنى يەنە خىيالباستى .

ئەگەرئەتراپنى تۈن قاراڭغۇسى باسقاندا مۇشۇ دوقمۇشتا كۆزۈمنى يۇمۇپ جىمجىت تۇرسام ،قۇيۇندەك تىز ئۆتۈشىۋاتقان ماشىنىلاردىن بىرى سوقۇپلاۋەتسە ، ئاغرىق ، ئازاپ، يامان چۈش ، بۇلغانغان تەن ۋە بۇ خاتاتاللانغان تەقدىرنىمۇ ئۆزى بىلەن ئۇچۇرۇپ كەتسە …

ئۇشۇ خىياللار بىلەن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيلا قالدى ، ‹ پويىز ئىستانسىغاكەلدۇق ، چۈشىدىغانلا تەييارلىنىڭلا › بۇ بىلەتچى قىزنىڭ ئۇنىڭغا تونۇش ئاۋازى ئىدى.

سىم-سىمياغقان يامغۇر ئەدەپ ، مانا ئەمدى شارقىراپ  يىغىۋاتاتتى . ئۇنىڭ كۈنلۈك ئالمىغىنىنى كۆرگەنقىز ئۇنىڭ ئالدىنى توستى : سىزگە نېمە بولدى ، سالامەتچىلىكمۇ يا … باشقىچىلائادەم بولىۋالدىڭىز مۇشۇ كۈنلەردە . دورا يەۋاتمايدىغانسىز ھە … مە ، ماۋۇكۈنلۈكنى ئىشلىتىپ بولۇپ ماڭا قايتۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ . سالىمىڭىزغۇ يوق . يامغۇرداسوغۇق ئۆتۈپ قىلىپ ئۆزگىرىپ كەتمەڭ ، سىزنى تاپالماي قالماي يەنە . دىققەت قىلىڭ ،بۇ يامغۇر بۇگۈن توختايدىغاندەك ئەمەس . قىزنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى . ئەمما ئۇ ماشىنىدىن چۈشكەچ ‹رەھمەت سىزگە ، ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ . خۇداغا ئامانەت ! › دەپلا قىزنىڭ سۆزىنىئۈزۈپ قويدى . قىزنىڭ كۈنلۈك تۇتقان قولى بوشلۇقتا ساڭگىلاپ قالدى .

- كونتىرول مەركىزىئونيەتتىنچى كۆزىتىش سۇپىسىنى چاقىرىدۇ ! ئونيەتتىنچى كۆزىتىش سۇپىسىدىكى نۆۋەتچىئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىڭ !

- مەن ئونيەتتىنچىكۆزىتىش سۇپىسى ، قىنى سۆزلەڭ .

- دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ! سىزنىڭ كۆزىتىش رايۇنىڭىز ئىچىدە جىددى ئەھۋال كۆرۈلدى ، ئون بەش مىنۇت ۋاقىتئىچىدە كاشىلا كۆرۈلگەن جايغا بىرىپ ، مەسىلىنى ھەل قىىڭ !

- كونكىرىت ئەھۋالىنىئېيتىڭ ، مەن ھازىرلا باراي .

- توققۇزىنچىلىنىيەنىڭ 96521 نۇمۇرلۇق رىلىس بۆلىكىدىكى رىلىس يۆتكەش سېستىمىسى كونتىروللىقنىيوقاتتى ، شۇ بۆلەكتىكى بەلگە چىراغدىمۇ كاشىلا كۆرۈلدى .

- بولىدۇ ، مەنھازىرلا يىتىپ بارىمەن .

- ئىسىڭىزدە بولسۇن ،شاڭخەيدىن كىلىدىغان ئالاھىدە تىز پويىز يىگىرمە مىنۇتتىن كېيىن يىتىپ كېلىدۇ ،پاراۋۇز خادىملىرى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز ، ئەمما ئالاقە قىلالىغان تەقدىردىمۇبۇ ھاۋا رايىدا پويىزنى ۋاقتىدا توختىتىش مومكىن ئەمەس ، ئەگەر رىلىس يۆتكەلمىسەپويىز رىلىستىن چىقىپ كىتىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ ، شۇڭا سىز كاشىلىنى ئوڭشاشقا ئۇرۇنماي، پەقەت ئۈسكىنە ئارقىلىق رىلىسنى يۆتكەپ ، پويىزنى يەتتىنچى نۇمۇرلۇق لىنىيەگەئالماشتۇرۋەتسىڭىزلا بولىدۇ ، بۇزۇلغان جاينى ئوڭشايدىغانغا بىز ئايرىم ئادەمئەۋەتىمىز .

- بولىدۇ .

ئۇسۆزلىشىش ئاپراتىنى چاپىنىنىڭ مۆرىسىدىكى ئورنىغا قىستۇردى دە بىلىگە كىچىكى كۆپئىشلىتىلىدىغان بۇرما مىختىن چوڭى بولقا ۋە قولچىراغقىچە بولغان لازىمەتلىكلەرئىسىلغان بەلۋىغىنى تاڭدى ۋە جىددى ئەھۋا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكىنە سومكىسىنىكۆتۈرۈپ ، ئاندا-ساندا پاراۋۇز ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان تۆمۈر يولغا كەلدى .

ئۇبىر قۇر كۆزىتىشتىن كېيىن كاشىلا چىققان جاينى بايقىدى .  رىلىس يۆتكەيدىغان ئۈسكىنىنىڭ توك سىمىتوختىماستىن چاراسلاپ ئوت چاچاتتى ، ئۇنىڭغا يېقىن تۇرغان ، يەر يۈزىدىن بىر مېتىرئىگىز كۆتۈرلۈپ تۇرغان بەلگە چىرىغىمۇ قىزىل بىلەن يىشىلنىڭ ئارىسىدا توختىماستىنئالمىشاتتى . بۇنىڭدەك يامغۇرلۇق كۈنلەردە تۆمۈر يولدا كۆرۈلىدىغان بۇنداقمەسىلىلەرنىڭ كۆپ قىسمى توك يولىدىكى قىسقا تۇتىشىشتىن بولاتتى .

ئۇسومكىسىدىن لازىملىق ئۈسكىنىلەرنى چىقاردى ۋە نەچچە مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدەرىلىسنى يۆتكەپ يەتتىنچى لىنىيەگە ئالماشتۇردى . ئۇ بۇزۇلغان جاينى شۇ پىتى تاشلاپكىتىشنى خالىمايتى . ئالدى بىلەن قىسقا تۇتاشقان ئورۇندىكى سىمنى قايتىدىن ئالماشتۇردى، كىيىن يىنىدىن بىخەتەرلىك سىمىنى چىقىرىپ ئالماشتۇردى دە كونتىرول مەركىزىگەدوكىلات قىلدى .

- ئونيەتتىنچى كۆزىتىشسۇپىسى كونتىرول مەركىزىنى چاقىرىدۇ !

- قىنى سۆزلەڭ .

- كاشىلا كۆرۈلگەنتوققۇزۇنچى نۇمۇرلۇق لىنىيە يەتتىنچى لىنىيەگە ئالماشتۇرۇلدى . رىلىسئالماشتۇرغۇچتا كۆرۈلگەن مەسىلىنىمۇ ھەل قىلدىم . سىناپ بىقىڭ .

- ناھايتى ياخشى ،رىلىس يۆتكەش سىستېمىسى نورمال ھالەتكە قايتىپتۇ . ئەمما بەلگە چىراغ يەنىلانورمال ئەمەس . تەكشۈرۈپ بىقىڭ ، ئەگەر ئوڭشالمىسا قايتىپ كېلىڭ ، ئادەم ئەۋەتىپئالماشتۇرىمىز .

- بولىدۇ .

ئۇبەلگە چىراغ يىنىغا كەلدى . خىلى ھەپىلىشىپمۇ كاشىلىنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىدى . دەلشۇ ۋاقىتتا سۆزلەشكۈچ يەنە بىر ياڭراپئۇنى ئۆزىنى چەتكە ئىلىشقا ئاگاھلاندۇردى .

يىراقتىنكىلىۋاتقان قاتتىق سىگنال ئاۋازى بىردە قاراڭغۇ كىچىدىكى بۆرىنىڭ تۇمشۇقىنى كۆكئاسمانغا قارىتىپ سوزۇپ سوزۇپ ھۇۋلىغان ئاۋازىغا ئوخشىسا بىردە قايسى بىركىنولاردا چىقىدىغان ، ئىگىز بىنادىن ئىتتىرۋىتىلگەن بىگۇنا كىشىنىڭ نالىسىگەئوخشايتى .

نىمىشقىدۇررىلىسنىڭ قاتتىق تەۋرىشى ، يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان پاراۋۇزنىڭ سىگىنال ئاۋازى ۋەيەر يۈزىدىكى بارچە مەۋجۇداتتا ئۆچى باردەك ئۆزىنى زىمىنغا قاتتىق ئۇرىۋاتقانيامغۇر ئۇنىڭ كۆڭلىنى لەرزىگە سىلىۋاتاتتى . سوغۇق رىلىس ئۈستىگە چۈشۈپلا تۆتئەتراپقا چىچىلىۋاتقان يامغۇر سۈيى ئۇنىڭ خىيالىغا ئۆچ-ئاداۋەت ، دەرت-ئەلەمياكى پۇشايمان ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىغانقىسقىغىنە ھاياتلىقنى ، شۇ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلاشقاندىكى قىسقىغىنە دەقىقىلىرىنىكەلتۈرەتتى .

پاراۋۇزنىڭئاۋازى بارغانچە يىقىنلاپ كەلدى . سىگىنال ئاۋازى ، تورمۇز قىلىشتىن پەيدا بولغانقاتتىق ئاۋازمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتى . ئۇنىڭ شۇ ئۆمرى قىسقا يامغۇر تامچىلىرىغاقوشۇلۇپ كەتكۈسى كىلىۋاتاتتى .

ئۇئۆز ھاياتىنى قىسقىغىنە ئەسلەپ چىقتى . ئاتا-ئانىسى ، قىرىنداشلىرىنى بىرمۇ بىركۆز ئالدىغا كەلتۈردى . دادىسىنىڭ غەمكىن چىرايى ، ئانىسىنىڭ تاتىراڭغۇ يۈزلىرى ،ئاكىسىنىڭ دائىملا كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرى ، ئىككى سىڭلىسىنىڭ سەبى قىياپىتىئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى تاراملاپ ئاقتۇرسا ، نازۇكنىڭ تەمكىن تۇرقى ئۇنى خىجىلقىلاتتى . جەننەتتەك ئۆتكەن بالىلىقىنىئەسلەپ كۈلۈمسىرىسە ، شوخلۇق ، كەپسىزلىك بىلەن ئۆتكەن باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىنىئەسلەپ قاقاقلاپ كۈلەتتى . تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ھەممە ئىشتاباشقىلار بىلەن بەسلىشىپ ئۆتكەن چاغلىرىنى ئەسلەپ چىرايىدا مەمنۇنىيەت جىلۋىسىپەيدا بولاتتى . ئالى مەكتەپنى ئەسلىگەندە ئۇنىڭ چىرايىنى ئۆكۈنۈشنىڭ قاراڭغۇسايىسى قاپلايتى . بۇ شەھەردە ئۆتكەن كۈنلىرى ۋە ساقايماس كىسەلگە گىرىپتاربولغاندىن بۇيانقى تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ئەسلىگەندە بولسا ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى شارقىراپ يىغىۋاتقان يامغۇرغا قوشۇلۇپ پۇشايمان ئىلىكىدە رىلىسقا ئۆزىنى ئۇرۇپغايىپ بولاتتى .

ئاللائازغۇن بەندەڭنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغايسەن . ئۇ شۇنداق دىگەنچە قولىنى دۇئاغا كۆتۈردى ،ئەمما چىر چىر قىلىپ رىلىس يۈزىدە ئوت چاقناتقانچە يىتىپ كەلگەن پويىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنىڭ بەدىنىنى ئىلىپ كەتتى . خۇددى رىلىس ئۈستىگە چۈشكەن يامغۇردەك ئۇمۇرىلىس ئۈستىگە تىزلانغانچە غايىپ بولدى .  



پەيزىللاجان تۇرسۇن ‹ كاككۇك › قەلىمى




    قۇشۇلۇپ قالغان قالغان جۈملىلەر بەك كۆپ ،بەك ئۇزاق ۋاقىت تەھرىرلىدىم ،يەنە چالا قالغان يەلىرى بولسا ئەپۇ قىلارسىلە  ! بولسا قىرىنداشلار، سىلەر كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز تىما يازغاندا يىزىپ بولۇپ ،قايتا قايتا قاراپ بىر تەھرىرلەپ يوللىساڭلا

   باشقۇرغۇچىدىن


ئىلغار ئەلنىڭ باللىرى بىر - بىرىنى پالۋان دەيدۇ ، گۈمراھ ئەلنىڭ باللىرى بىر - بىرىنى گالۋاڭ دەيدۇ ...

bukunlarmuotup ketidu.

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11743
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8158
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 04:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىككەن  [s:154]  [s:180]  [s:166]  [s:121]

رىسقىمىزنى بىر ق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32592
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4113
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1498 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 05:35:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ. [s:166]  [s:166]  [s:166]

سەن مىنىڭكى سەن مىنىڭ بولغاچ ، قىزغىنىمەن دوس-يارەنلەدىن. ئۆزگىلەردىن ئۈستۇن تۇرساممۇ، قىزغىنىمەن گۈل چىرايلادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29078
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5865
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 06:45:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راس  ۋەقەمۇيە   نىمانداق  تەسىرلڭك

kumluk oghlany

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20052
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6173
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 11:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ خۇدا !!!!
ياخشىغا كۆرۈم يوق ، يامانغا ئۆلۈم !

چىچىڭنىڭ ئاقارغىنى ئۆلۈمدىن بىشارەتتۇر ، تىنىڭنىڭ ئىگىلگىنى ئۆلۈمگە بەرگەن سالىمىڭدۇر .

ئېنسان ئۇچۇن ئەڭ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35424
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4919
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3103 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2014-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 06:21:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرلا گەپ ئېمان توغرا يولنىڭ يولباشچىسى.ئەگەردە ئۇنىڭ ئېمانى كۈچلۈكرەك بولسىيدى، بۇنداق ئىشلار سادىر بولماستى~!

ئېنسان ئۇچۇن ئەڭ قممەتلك  نەرسە ھاياتتۇر!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

بەخىت بىلەن ئازا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1670
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11027
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2539 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 07:03:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك كۆپكەن ،داۋامىنى ساقلىۋېلىپ كىيىن ئوقاي

بوۋام ماڭا مۇنداق دىگەن، ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن. بۇ سۆزگە بىھاجەتكەن دەلىل-ئىسپات، قارىسام گۈل ۋە تىكەن بىر شاختا ئىكەن.

بەخىت بىلەن ئازا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1670
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11027
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2539 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 07:24:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا خاتالىقى قەدەمدە بىر ئۇچراپ ئادەمنىڭ ئەسەرگە بولغان ھىسىياتىنى  ،كەيپىنى ئۇچۇرۇپ قۇيىدىكەن ، كىيىن ئىملاغا دىققەت قىلارسىز!

بوۋام ماڭا مۇنداق دىگەن، ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن. بۇ سۆزگە بىھاجەتكەن دەلىل-ئىسپات، قارىسام گۈل ۋە تىكەن بىر شاختا ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 49094
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9418 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 12:19:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت دوستۇم!يەكەندىن ئاجايىپ  تالانتلىق بالىلار چىقىدىكەن،تولىمۇ خوش بولدۇم،ئالىي مەكتەپتە كەسىپىڭىز باشقا بولسىمۇ،لېكىن،بۇنى يېزىشقا ۋاقىت ئاجرىتىپسىز،بۇ مۇنبەردە بۇ ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ تولىمۇ خوش بولدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65271
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3281
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 612 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 02:31:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە ئادەم ھاياتىدىكى كىچىكىنە سەۋەللك كىشلىك تۇرمۇشنى پۇتۇنلەي ئۆزگەر تىۋېتىدۇ.شۇڭا بەزى سەۋەلىكلەرنى ئوتكۇز مەسلىكىمىز كېرەكـــــــ.........ئاللا بەندىلىرىنى توغرا يولغا باشلىغاي......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش