مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1777|ئىنكاس: 38

يىراق سەھرادىن مەركىزى شەھەرگە نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12289
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 3719 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 07:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىراق سەھرادىن مەركىزى شەھەرگە نەزەر
                                    ۋارىس
                                  سۆزبېشى.
بالا ۋاقىتلىرىمدائۈرۈمچى دىسە كۆز ئالدىمغا ياپيىشىل گۈل-چىچەكلەرگە پۇركەنگەن ئىرىقلىرىدا شىلدىرىلاپ سۇلار ئىقىۋاتقان بالىلار خۇشال-خۇرام سەكرىشىپ يۇرگەن باغچىسىمان بىر ماكان نامايەن بۇلاتتى.مەكتەپ يشىغا يىتىپ ئۇقۇشقا كىردىم،ئىككىنجى سىنىپتا ئۇقۇۋاتقىنىمدا ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى ››گىزىتى بىلەن ئۇچراشتىم بۇ گىزىتتا ئىلان قىلنغان بالىلارغا ئائىت چۈچۈك شىئىرلار مىنى ئۈزىگە بەكلا مەپتۇن قىلىۋالدى. مۇئەللىمدىن سورىسام بۇگىزىت ئۈرۈمچىدىن چىقىدىكەن.شۇنىڭدىن كىيىن ئۈرۇمچىگە بولغان قىزىقشم تىخىمۇ كۈچەيدى.بارا-بارا چوڭ بولدۇم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىم.دەرىسلىك كىتاپلاردىكى ئۈرۈمچىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارمۇ شۇنداق قىزىقتۇراتتى.مەكتەپتىن قايتىپ كىلىۋاتقىنىمدا ،ئائىلىدە،يىلدا بىر ئالدىغان 3-يىللقلاردىن تېخنىكۇمغا ئۆرلەپ ئۇقۇش ئىمتاھاننىڭ نەتىجىسى ئىلان قىلىنغادا كىملەرنىڭدۇر ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا كەتكەنلىكىنى،يەنە كىملەرنىڭدۇر بالىلىرىنڭ تۇيۇقسىز يۈتۈپ كىتىپ ئۈرۈمچىدىن تىپىپ كەلگەنلىكىنى،يەنە كىملەرنىڭدۇر كىسەل داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالاتتىم. مەن ئەسەرلىرىنى سۇيۇپ ئۇقۇيدىغان داڭلىق يازغۇچىلارمۇ،ھەم مىنى شۇيازغۇچىلار بىلەن تۇنۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان گىزىت زۇرناللارمۇ، نەشىرياتلارنىڭمۇ كۈپىنچىسى ئۈرۈمچىدە ئىدى. قىسقىسى ئۈرۈمچىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر خەۋەر مىنى ئىنتايىن قىزىقىتۇراتتى.كىيىن نىمىىشقىدۇر ئۈرۇمچى توغىرسىدىكى ياخشى
خەۋەرلەردىن يامان خەۋەرلەر كۈپىيىپ كەتتى،كىچىسى ئادەم بۇلايدىغانلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ،سىتودىنىتلارنىڭ ئاخشىمى ياتاقتا ياتماي ئىشرەتخانىلاردا يۇرىيدىغانلىقنى،تىخى يىقىندىلا قىزلىق پەردە سالىدىغان دۇختۇرخانىلارنىڭ سودىسىنىڭ كۈنسىرى جانلنپ
كىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم.ئۇرۇمچى ئاستا-ئاستا مىنڭ نەزىرىمدىكى ئىجابى تەسىرى كۆپ شەھەردىن سەلبى تەسىرى كۆپ شەھەرگە ئايلىنىپ قالدى.
شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدەتۇنجى قىتم2008-يىلى ھەج سەپىردىن قايتقان ئانامنى كۇتىۋېلىشقا2-قېتم ئىككى يېرىم ياشلىق ئوغلۇمنى داۋالىتىشقا باردىم.بۇئىككى قېتىملىق سەپىرىم مىنى غەيرى ئىتىقات،غەيرى مەدىنيەت ئېقىمىدىكى بىر شەھەرگە كىلپ قالغاندەك بىر خىل تىڭىرقاش ،ياتسىراش ،قورۇنۇش كەيپىياتىغا ئىگە قىلدى .
بۇقېتىم كەسپىمگە دائىر بىر ئىشنى بىجىرىش مەخسىتىدەيولغا چىقتىم.مىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كىرگەن يازغۇچىلاردەك ئۈرۈمچى ھەققىدە تەسىرات يېزىپ يۈرىشىم خۇددى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىنىڭ تاشقى دۇنيانى كۆرگەندە كوكىراپ تاشلىغىنىدەك بىر ئاز كۇلكىلىك تۇيۇلسىمۇئىچىمنى قۇرتتەك غاجىلاپ بىئارام قىلىۋاتقان كۆڭۈلسىز كەيپىياتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۇن بۇنىڭدىن ياخشىراق چارە تاپالمىدىم ھەم شۇ ئويلىغانلىرىمنى كۆپچىلىككە سۇنۇپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.
                                       1.ھاجەتخانىدىكى تىلفۇن نۇمۇرى.


شۇنداق قىلىپ 3-ئاينىڭ باشلىرى ،جەنۇپتا سوغۇق  ياۋاشلاپ ھاۋا خېلى ئىللىغان لىكىن ئۈرۈمچىدە بولسا ھەيۋىسىنى كۆرسىتىۋاتقان بىر يەكشەنبە كۈنى سائەت ئونبىرلەردە ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدىم.سەندۇڭبۇيى بىكەتتىن (سەنشىخاڭزا )شنجاڭ مىللەتلەر كوچىسىغاكىلىپ ھەدىيە كۆز كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى قارشى تەرپىگە جايلاشقان بەخىت مىھمانخانىسغا كىرىپ ياتاققا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىين سەپەر ھاردۇقىدىن چارچىغان تىنىمنى يەڭگىللىتش مەخسىتىدە يۇيۇنۇش ئۈچۈن ياتاقتىن چىقتىم.كىتىۋىتپ ئاق مەسچىت قارشى تەرىپىدىكى بىر تارچۇقتىن مۇنچا خالا دەپ خەت يېزىلغان بىر ۋىۋسكىغا كۈزۈم چۈشتى.ئۇڭايلا مۇنچا تېپىۋالغىنىمغا خۇشال بۇلۇپ ئىچكىرلەپ كىرىپ بىربىنانڭ تاربىر يېرىگە جايلاشقان مۇنچىغا كىردىم.
كىرگىنىم ئەمىليەتتە ئۆلچەملىك مۇنچا بولماستىن خالاغا يانداپ سېلىنىپ بىرنەچچە خالانىڭ ئۇچاقلىرىنى ئىتىۋېتىپ ياسىۋالغان مۇنچا ئىكەن.ھېرىپ چارچاپ تۇرغاندا مەن ئۇچۈن ياخشى يامانلىقى بەرىبىر ئىدى.يۇيۇنۇشتىم ئىلگىرى خالاغا كىردىم كىردىميۇ خالانىڭ تاملىرىغا قالايمىقان يېزۋېتىلگەن تىلفۇن نۇمۇرلىرىغا كۈزۈم چۈشتى.تىلفۇن نۇمۇرلارنڭ ئاستىغا‹‹ چىرايلىق قىز›› ‹‹ ئوينايلى›› دىگەندەك خەتلەر يېزىلغان
ئىدى.كۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەندەك تۇرۇپ قالدم.باشقا يەرلەرگىمۇ كىرپ قاراپ باقتىم  ئۇيەردە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراراق يىزىغان بۇلۇپ‹‹ يىڭى مال››‹‹ ئۇرۇق قىز››  دىگەندەك
خەتلەر بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىدى.شۆھبىسىزكى بۇتەن سودىسى قىلىدىغان پاھىشە ئاياللارنڭ تىلفۇن نۇمۇرلىرى ئىدى.مۇنچىدىن چىقىپ ياتاققا كەلگەندىن كيىنمۇ خىيال سۈرۈپ يېتپ كەتتىم.راستىنلا شۇنداق ئاياللارنڭ تىلفۇن نۇمۇرىمىدۇ ؟ياكى مەن شۇنداق چۇشىنىۋالدىممۇ؟ بىر گۇمانىم شۇنداق دىسە يەنە بىر گۇمانىم بۇنداق بولمىسىچۇ دەيتتى .ئاخىرى تىلفۇن قىلپ گۇمانىمنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ باقماقچى بولدۇم بىر نۇمۇرغا تىلفۇن قلدىم ئىشلەتمىگەن نۇمۇر بۇلۇپ چىقتى.يەنە بىرنۇمۇرغا تىلفۇن قىلدىم.بولسا ھېچكىمنىڭ ئالماسلىقىنى ،گۇمانىمنىڭ خاتا بۇلۇپ چىقىشىنى تىلەيتىم.تىلفۇن بىردەم چاقىرغاندىن كىين بىرئايالنڭ ئاۋەزى ئاڭلاندى.ۋەي...ۋەي....گەپ قىلڭ ...قەيەردە كۈرۈشىمىز دەپ بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتى.تىلفۇنىنى بېسىۋەتتىم
كۆڭلۈمدە ئىيتىپ تۇگەتكۇسىز بىر غەشلىك......نىمە ئۇچۇن ؟...دىگەن بىرسۇئال كاللامدا كىزىپ يۈرەتتى.بۇ رەسۋاچىلىقلارنىڭ سەۋەبىنى كىمگە ئارتىشنىمۇ بىلەلمەيۋاتاتتىم.شۇ يوللاردا مىڭىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئۈزىگىمۇ؟،ئىمان –ئىتىقاد بىلەن تەربىلىمىگەن ،زىيادە ئەركىنلىك بىرىپ پەپىلىگەن ئاتالمىش ئىلمى ئاتا-ئانىلارغىمۇ؟ ئىسلامنى كىرەك قىلمايدىغان قانۇن تۈزۈمگىلا تايىنىدىغان جەمىيەتكىمۇ؟....باش ئايىغى خىياللار ئىچىدە ياتقىنىمدا تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى. قارىسام تۇنۇش نۇمۇر  تۇيۇقسىز قازا قىلغان بىر ئاغىنىسىنڭ نامىزىغا قاتنىشىش ئۇچۇن مەندىن ئىككى كۈن بۇرۇن يولغا چىققان ئاكام تىلفۇن قىپتۇ.تىلفۇنىنى ئىلىپ ئۇنىڭ تەڭگە تاغ مىھمانخانىسى ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ كۈرۈشۈش ئۈچۈن ياتاقتىن چىقتىم. كۈرۈشۈپ پاراڭلاشقاچ قايتىۋاتاتتۇق ئالتۇن بۇلاق سودا سارىيى ئالدىدىكى دوقمۇشقا كەلگەندە بىرىنڭ  تولاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كەينىمگە قارىسام سەل كەينىمدىرەك كىلۋاتقان ئاكامغا بىر ناتۇنۇش ئايال بىرنىمىلەرنى دىگىلى تۇرۇپتۇ ، ئاكاممۇ ئۇنىڭغا بىر نىمىلەرنى دىۋىدى، ئايال ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى.ئاكام كەلگەندىن كىيىن ئۇئايالنىڭ نىمە دەيدىغانلىقىنى سورىسام دەيمۇ دىمەيمۇ دىگەندەك بىردەم تۇرۇپ كىتپ سۆزلەشكە باشلىدى.
ئايال ئاكامنى توختۇتۇپ سىلەرگە ئايال لازىممۇ دەپ سوراپتۇ. ئاكام ئىمان كەلىمىسىنى ئىيتىپ ئايالنىڭ يۈزىگە تازا بىر تىكىلپ قارىغانكەن ئايال گەپ سۆزقىلمايلا كىتىپ قاپتۇ.مەن ئاكامغا بايىلا ھاجەتخانىدا كۆرگەنلىرىمنى دىسەم ئۇ بۇنىڭ ھەيران قالغىچىلىكى يوق بۇئەھۋال بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇدىدى.ئىلگىرى تېخنىكۇمدا ئۇقۇۋاتقاتقىنىمداناھىيىمىزنىڭ شەھەردىن چەتراق بىر كوچىسى بار ئىدى.شۇكوچىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى ئاتالمىش داپەنجىخانا ۋەئارامگاھلاردىكى خۇتۇنلارنىڭ يولدىن ئۆتكەنلەرنى شەرەتلەۋاتقىنىنى كۆرگىلى بۇلاتتى.  لىكىن ئۇلارمۇ يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇچۇق ئاشكارا لازىممۇ دەپ سوراشقا پېتىنالمايتتى .كىرگۈسى بارلارمۇ تۇنۇش بىلىشلەرگە ئۇچراپ قىلشتىن ئىھتىيات قىلپ كۈندۈزلىرى ئانچە يىقن يۇلىيالمايتتى.
لىكىن ھازىر ئەھۋال باشقىچە بۇلۇپ كەتكەن شۇ خوتۇنلارمۇ ئۇچۇر ئالاقە تەرەققى قىلىپ تىلفۇننىڭ كەڭ ئوموملىششى بىلەن قېلىن يۈزىنى تخىمۇ قېلىن قىلپ يۈز تۇرانە خىرىدار ئىزدەشنىڭ ئورنىغا خۇپيانە ئىزدەشكە ئۆتكەن،ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىتقاتسىز پەسكەش ئەرلەرمۇ شەپىسىز ئەل كۈزىگە چېلىقمىغان ئاساستا خىيانەت،ھايۋانىيلىق كوچىللىرىغا مىڭپ مەخسەتلىرىگە يىتىشنڭ يېڭىچە ئۇسۇللىرىغا ئىگە بولغان ئىدى.
                              2. گۈلساي قەبىرستانلىقىدا كۆرگەنلىرىم.
ئىككى كۈن ئىچىدىلا ئۈرۈمچىدە قىلىدىغان ئىشلىرىمنى تۈگەتتىم، لىكىن ئاكامنىڭ ئىشى تۈگىمەپتۇ. ئۇ تۈگەپ كەتكەن ئاغىنىسىنىڭ نەزىر كۈنگىچە تۇرماقچىكەن مەنمۇ بىللە قايتىش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن تۇرۇش قارارىغا كەلدىم. بىر كۇنى سەھەردە مۇسىبەت ئىگىلىرى بىلەن تۇپراق بىشىغا چىقتۇق ، شەھەردىن خىلىلا يىراقتىكى گۈلساي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلنغان ئىكەن. قەبىرلەرنى ئارلاۋىتىپ ھەيرانلىقتىن ياقامنى تۇتۇپ قالدىم بەزىلەر بۇ دۇنيادىكى مەئىيشىتى، بايلىقى ،راھەت پاراغىتى، مەنمەنچىلىكىنى مۇشۇ يەرگىمۇ ئېلىپ كەلگەندەك قىلاتتى. سىمۇنىتتىن ، گەجدىن، چىنە قىشتىن ياسالغان ھەشەمەتلىك قەبرىلەرنى، ئالاھىدە كاھىشلار بىلەن قۇپۇرۇلغان ھەيۋەتلىك  گۈمبەزلىك سارايلارنى بىنا قىلىشقان ئىدى .   
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-45019.shtml
(سۈرەتلەرنى بۇ ئادىرىستىن كۈرۈڭ)

ئەجەبا ئۆلگەندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ھەشەمخورلۇق ،ئىسراپچىلىق، داغۋازلىق قىلىشنىڭ نىمە زۈرۈرىيتى ، مىيىت ئۈچۈن ھەشەمەتلىك قەبرە بىلەن ئاددى گۆرنىڭ نىمە پەرقى؟ ئۇلارنىڭ ئولگەندىن كىيىنكى ئاللاھنىڭ نەزىردىكى ئورنى ،يۇقىرى توۋەنلىك دەرىجىسى قانداق ئۇرۇنلاردا ياتقىنى بىلەن ئولچىنەمدۇ؟ مۇشۇ يەرگە سەرىپ قىلغان پۇللارنى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش جەريانىدا ئىقتىساتتىن قىيلىنىپ خەلىققە مۇراجىئەت قىلۋاتقانلارغا ، يىتىم- يىسىرلارغا  ھەر خىل ئاپەتلەرگە ئۇچراپ قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا بەرسە پۇلنى تۇلىمۇ ياخشى يەرگە سەرىپ قىلغان شۇندىلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە  ئېرىشكەن ،جەمىيەتكىمۇ ئازراق توھپە قوشقان بۇلاتتىغۇ ! خىياللىرىم بىر بىرىگە ئۇ لاشمايتى . ئىختىيارسىز ئويلىغانلىرىمنى ھەمراھلىرىمغا دىدىم، بۇ كورگەنلىرىڭىىز قانچىلىكتى دىدى ۋاپات بولغىچىنىڭ ئىنىسى ، ئاستى بىتۇن بىلەن قاتۇرلۇپ ئىچىگە  ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان قەبرىلەر  بار تىخى مەن سىلەرگە كۆرسىتەي دىدى دە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭدى دىگەندەك ھەشەمەت بىلەن ياسالغان بىر نەچچە قەبرىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدىن ھاۋا ئۈتۈشتۈرۈپ تۇردىغان نەيچىلەر روشەن كۆزگە چىلىقىپ تۇراتتى .
    دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئۈلۈمدىن چوڭ ئىبرەت بولمىسا كىرەك،ئۆلگۈچى دۇنيادىكى ھاياتلىق پالىيەتلىرىنى تاماملاپ ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئىش ئەمەللىرىدىن ھىساپ برىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى.ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلش خاتا قىلغانلىرىنى تۈزىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ، لىكىن ھاياتلار ئىلگىرى ئويلاپ يىتەلمىگەن ھەقىقەتلەرنى قايتىدىن ئويلاپ يىتىشى،دۇنيا،ھاياتلىق،ئۈلۈم توغىر
سىدا تەپەككۈر يۈرگۈزۈشى ھاياتى دۇنيادا توغرا قىلغانلار تاللىغان يۇلنڭ  توغىرلىقىدن تەسكىن تاپسا خاتا ،تۇيۇق يوللاردا يۈرگەنلەر ئىبرەت ئېلىپ زۇلمەتنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ھەقىقەتنىڭ يۇرۇقلۇقلىقغا قايتىشى كىرەك ئىدى.
ئەپسۇس ...
مۇشۇ كىشىلەردىن سىز مۇسۇلمانمۇ دىسە ئەلۋەتتە  مۇسۇلمان دەپ جاۋاپ بىرىشىدۇ
شۇنداق بولغانكەن ھاياتلىغىمىزدا مۇسۇلمان دىگەن شۇ شەرەپلىك نامغا لايىق ئىش كۈرۈپ ئىسلام دىنىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن يۇللاردا مىڭىشىمىز ،گۇناھ دەپ چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشىمىز ھەم بىز ئۆلگەندىن كىيىنمۇ پەرزەنىتلىرىمىزنى بىز باشلىغان شۇداغدام يولدا ئېزىقماي ماڭالىغۇدەك ئىتىقات ،ئاڭنى شەكىللەندۈرىشىمز لازىم ئىدى.
بۇھەقتە مۇسلىمنىڭ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسىدە رەسۇلۇللاھ قەبرىگە گەج ئىشلىتىشتىن ،ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن ۋە تام قۇپۇرۇشتىن چەكلىگەن دىگەن ھەدىس بار.‹‹ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىھالى››دىكى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپات بۇلۇشى دىگن باپتا رەسۇلىللاھ دەپنە قىلنغاندا قەبرە زىمىندىن بىر غېرىچچە كۈتىرىلدى دىگەن بايانلار ئۇچرايدۇ.ئەگەر قەبرىلەرنى ھەشەمەتلىك بىزەش ئىسلامنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولسا ئاخىرەتتە بەخىت سائادەتكە ئىرىشش مۇمكىن بولسا ئىدى پۈتۈن دۇنياغا رەھمەت قىلپ ئەۋەتىلگەن بۈيۈك پەيغەمبىرىمىزنڭ قەبرىسىنى ساھابىلارشۇ دەۋرىدىن تارتىپ  ھازىرقى دەرىرگچە شان –شۆھرىتى تارقىلپ تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك قەبرىلەردىن قىلىپ ياساپ چىققان بۇلاتتى.
مىنىڭ بۇ يەردە كۈرىۋاتقىنىم ئۈزىنى مۇسۇلمان دەپ ئىتراپ قىلىدىغان ئەمما مۇسۇلمانغا لايىق ئىددىيە يىتىلدۈرمىگەن كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ‹‹سېخىلارچە›› ھىممەت كۆرسىتپ بەرپا قىلغان ئاتالمىش ۋاپادارلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.
   
                  3.  سايبۇلاق جامەسىدىكى نەزىر.     

ۋاپات بولغۇچىنىڭ نامىزى ئۇقۇلۇپ بۇلۇنغاندىن كىيىنكى 5-كۈنىنى نەزىر بىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ،نەزىرنى چاڭجىياڭ يۇلىغا جايلاشقان سايبۇلاق جامەسىنڭ مەرىكە زالىدا بەرمەكچى بۇلۇپتۇ،بىز نەزىر باشلىنىشتىن بىر سائەت بۇرۇن بېرىپ ياردەملىششىمز كىرەك ئىدى.ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئىنىسى دىن سورىدم.ئەتىگەنلىككە سائەت   نەچچىدە بارىمىز؟
سائات 9لاردا بارساق بۇلىدۇ دىدى ئۇ .

ھازىرقى ۋاقىتلاردا جامائەت سائەت 6دە مەسچىتتىن يانىدۇ 9دە بارساق كىچىكىپ قالارمىزمىكىن دىدم مەن .نەزىرگە جامائەتنى چاقىرمايمىز دىدى ئۇ پەرۋاسىزلا.
بۇ گەپتىن بەكلا ھەيرانلىق ھىس قىلدىم .ئۆلگەندە جامائەتنى نامىزىغا چاقىرىدىكەن ،نەزىرنى جامەنىڭ مەرىكە زالىدا ئۆتكۈزىدىكەن لىكىن جامائەتنى نەزىرگە چاقىرمايدىكەن .
بىزنىڭ يۇرتلاردا توي-تۆكۈن ،نەزىر-چىراغلار بولسا ئەڭ ئاۋال مەسچىت جامائىتى چاقىرلىدۇ .ھەتتا رۇزا ھىيت ،قۇربان ھىيتلاردىمۇ كۆپ ساندىكى ئائىلىلار مىھمان چاقىرىشنىڭ ئالدىدامەسچىت جامائىتىنى چاقىرىپ ھىيت تەييارلىقلىرىغا ئەڭ ئاۋال جامائەتنى ئىغىز تەككۈزىدۇ يىراق سەپەرگە چىقدىغانلار ،ئۇزۇن ۋاقىت كىسەل تارتىپ داۋالىنىپ ساقىيالمىغانلار مۇ جامائەتنى ئويگە چاقىرىپ مىھمان قىلپ دۇئا ئالىدۇ.بۇ ئەمىليەتتە نۇقۇل بىزنىڭ يۇرتنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىنڭ ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئاتا -بۇۋىللىىمز داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ،كۆپچىلىكنى ،ئەل-ئاۋام جامائەتنى چوڭ كۈرۇش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئەنئەنىسى ئىدى.
لىكىن ئاتا بۇۋىللىرىمىز بىزگە مىراس قالدۇرغان بۇ ئەنئەنلىرىمىز، ئىسىل ئۆرۈپ ئادەتلىرىمز بۇيەردە سۇسلۇشۇپ نىسپى يۇقۇلۇشقا يۈزلەنگەندەك قىلاتتى.بۇ بەلكىم ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئىتقاتنىڭ سۇسلىشىششى ۋە شەھەرلىشش رىتىمىنڭ ئۆزلۇكسىز ئېششنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلگركى تۇتاش كەتكەن مەھەللە تۈسىنى ئالغان ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى بىنا ئۆي ئىگەللەپ ئىلگىرىكى ئىناق خوشنىدارچىلىق ۋەمەھەللە دارچىلق ئادەتلىرىمىزنىڭ يۇقىلىشى بىلەن  ئۆز-ئارا دۇقۇرۇشۇپ قالسىمۇ سالاملاشمايدىغان،بىنانىڭ ئۈستىدە ئۈلۇم ھازىسى بۇلۇۋاتسا ئاستىدا توي نەغمىسى ياڭرايدىغان زەئىپ ئادىمىگەرچىلىكلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى بۇلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم.
ئەتىسى سائەت 9لاردا سايبۇلاق جامەسىگە كەلدۇق.تاماق تەييارلاش ئىشلىرىنى سىرتتىن تەكلىپ قىلغان ئۇستاملار قىلىدىكەن.بىز مۇشۇ يەردىكى شرە ئۈستەللەرنى رەتلەپ ئىشىك ئالدىغا قول يۇيغۇچنى توختۇتۇپ سۇ قۇيۇپ قويساقلا بۇلىدىكەن ،مھمانلارغا تاماق ئەكىرىش ،چاي قۇيۇش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ ئادەم بەلگىلەپ     بوپتۇ .بىردەمدىن كىين مھمانلار كىلىشكە باشلىدى.ئىشلار بىر خىلدا تەرتىپلىك داۋاملىشىۋاتاتتى.تۇيۇقسىز بىر ئىش دىققىتىمنى  تارتتى.مىھمانلار ئۇزايدىغان ۋاقىتتا ياندىكى بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياش بىر كىشى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلدى.باشتا كەلگەنلەر كەتتى.كىيىن كەلگەنلەرئۇزايدىغان
ۋاقىتتىمۇ يەنە شۇكىشى قىرائەت قىلدى.مۇشۇ يەردىكى بىرەيلەندىن سۈرۈشتۇرسەم بۇكىشىنى تاماق يىيىلپ بولغاندىن كىيىنكى قۇرئان تىلاۋىتى قىلپ بىرىشكە مەخسۇس تەكلىپ قىلپ ئەكەپتۇ،سەۋەبى نەزىرگە كەلگۇچىلەر ھۇكۇمەت ئىشچى خىزمەتچىللىرى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قايتىدىغانداقىرائەت قىلالايدىغان كىشىلەر تېپىلمايدىكەن.مۇشۇنداق قىلمىسا نەزىر گە كەلگۈچىمۇ نەزىر بەرگۈچىمۇ ئۇڭايسىزلىنپ قالدىكەن.قىرائەت قىلنمىسا نەزىرگە ئوخشىماي قالغۇدەك.شۇنىڭ ئۇچۇن ھەرئىككى تەرەپكە ياخشى بولسۇن دەپ ئەسلىدىكى نەزىرگە كەلگۇچى ئىچىدىكى بىرئادەم قىرائەت قىلپ مەرھۇمنڭ روھىغا ئەمنلىك تىلەيدىغان بۇخالىس ئىشقا ئادەم ياللىۋاپتۇ،كەلگەنلەر پولوسىنى يەپ كىتىۋىرىدىكەن ،تەكلىپ قىلغان كىشى بۇلسا ئاپتۇماتىك باشقۇرلىدىغان ماشىنا ئادەمدەك ھەر يىرىم سائەتتە بىر قىتم قىرائەت قىلپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۇرۇندايدىكەن.شۇنداق ئويلىنىشلار ئىچىدە بىرسىدىن ئاڭلىغان مۇنۇ ئىش ئىسىمدىن كەچتى.
يېزىمىزدىن بىر نەچچەيلەن  Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى كىسىلى بار بالىلىرنى داۋالىتىش ئۈچۇن تاشقورغاننىڭ مەلۇم يېزىسدا ئولتۇرۇشلۇق بىر تاجىك بۇۋاينىڭ قشىغا ئاپارماقچى بوپتۇ.باشقىلارنىڭ دىيىشچە بالىلىرنى غەرپچە داۋالاش،ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دۇرىلارنڭ پەقەتلا ئۈنىمى كۈرۈلمەي شۇ تاجىك بۇۋاينىڭ داۋالاپ قۇيىشى بىلەن ساقايغانلارخىلى كوپ ئىكەن.شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  ھەتتا ئىچكىردىن خەنزۇلارمۇ كىلپ داۋالىنارمىش.بۇتاجىك بۇۋاي شۇنداق كىسەللەرنىڭ بېقىنىنى ئوت بىلەن داغلاپ بىر تۈشۈك تىشپ دۇرا سۈرتۈپ قۇيىدىكەن 15-20 كۈنگىچە شۇ تۈشۈكتىن يىرىڭ ئېقىپ تۇرىدىكەن.  تېڭپ قۇيۇشقا ،جاراھەت ئېغىزىنى پۈتتۈرۈپ قۇيۇشقا بولمايدىكەن .3باسقۇچ  شۇنداق داۋالىنىپ قان تەكشۈرتكەندىن  كىين بەزىلەرنىڭ قاندىكى كىسەللىك مىكرۇبى يۇقالغانلىقى ئېنىقلىنىپتۇ.
شۇ سەۋەپتىن مەن بىلىدىغان بىر نەچچەيلەن بالىلىرنى شۇ يەرگە ئاپىرىپتۇ.كىيم –كىچەكلىرى رەتسىز، تۇرقى بەكمۇ ۋەيرانە ،يۈزىنى يۇغان يۇمىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بۇ بۇۋايدىن بىر سى سوراپتۇ.
سىز مۇسۇلمانمۇ؟ دىگەنكەن ھەئە دەپتۇ. ناماز ئۇقۇ يامسىز دىگەنكەن  تاجىك بۇۋاي  مەن ئۇقۇمايمەن  مىنىڭ نامازلىرىمنى بىزنىڭ ئىمام ئاخۇنۇم ئۇقۇپ قۇيۇدۇ.بىز ئۇنڭغا پۇل بىرىمىز دەپتۇ.بۇ يەردىكى باشقىلارمۇ شۇنداق قىلامدۇ دىگەنكەن كۆپ ساندىكىلەر شۇنداق قىلىدۇ دەپتۇ .يۇقىردىكى ئىشنى بۇئىشقا يۈزدە-يۈز ئوخشاتقىلى بولمىسىمۇ شەكىل جەھەتتە مەلۇم ئوخشاشلىقى مىنى ئويغا سالدى. تاجىك بۇۋاي دىگەن كىشىلەر ئەقىدىدىكى خاتالىقتىن، ئىتىقاتسىزلىقتىن شۇنداق قىلغان بولسا نەزىرگە كەلگۈچىلەرمۇئىتقادىنىڭ تۇۋەنلىكى،ئىسلامى بىلىمىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەپلىك ھەر ئىككى تەرەپ ۋاكالىتەن ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان .بىزنىڭ ئۈلۈم –يىتم مىيت ئۇزىتىشتىكى ھەركىم ئۈزى شەخسەن بىجىرىدىغان ياكى بىرتوپ قەۋىم جامائەت ئىچىدىن بىر ئادەمنىڭ بولسىمۇ ئىلىپ بارىدىغان بۇپالىيىتى مەن كۆرگەن بۇسورۇندا ۋاكالىتەن بىجىردىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان.     
بەلكىم بەزىلەر ئۆزى قىلالمىسا قىلالايدىغانلارنى تەكلىپ قىلسا نىمە بوپتۇ؟ بۇنىڭچىلىك ئۇلارنى ئىتىقاتسىز  دەپ باھا بەرسەك بۇلامدۇ ؟دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىدارىسى مۇشۇ كىشىلەرگە خىزمەت ئھتياجى تۈپەيلى ئىكى بەتلىك ماقالە ياكى باھالاشقا بىردىغان خىزمەت دوكلاتىنى يادلاشقا تاپشۇرسا بىر ئىككى ئاخشام ئۇخلىماستىن تىكىستنى يادلاپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا جەرىمانە يونجۇقنى كولاپ يەيدىغان نېنى ئازلاپ كىتىدۇ.بۇدۇنيادىكى جەرىمانە جازالارنى نەخ ،ئۇدۇنيادىكى جەرىمانە ،جازالارنى نىسى بىلپ ئادەتلىنىپ قالغان بۇ  بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ئادەم ئۆلسە تەسەللى بىرىش خارەكتىردىكى ئاددى مۇسۇلمانچىلق ئەخلاقىنىمۇ بىلمەي ئادەم ياللاپ يۈرۈشى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتقادىمىزنىڭ ئىنتايىن زەئىپلىشپ ئادەمنى ئېچىندۇرغىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

                               تۇگەنچە .
يازمام مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى .مەن سۆزلىگەن بۇئىشلار ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس يەنە باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن .مەن يۇلۇققان ئىشلار ،كۆرگەنلىرىمنى ئۈرۈمچىدە ئۇچراتقىنىم ئۈچۈن مۇشۇ بۇيىچە بايان قىلدىم .تۇرداشلارغا مەلۇم بولسۇنكى بۇ ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بىرلا شەھەرنىڭ غەيۋىتى ئەمەس.چۇنكى بىر بولمىغۇر ئىشنى ئۇچراتغاندا قۇلى بىلەن تۇسۇش، قۇلى بىلەن تۇسالمىسا تىلى بىلەن تۇسۇش،  تىلى بىلەن تۇسالمىسا دىلدا بولسىمۇ يامان كۇرۇش ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز بىر قىسمى
ھەر ھالدا مەجبۇريىتىم ئادا بولدى دەپ ئويلايمەن.خەيىر ..ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدىكى كىشىلەردىن قىلغاي.
    مەنبە:ئۆز قەلىمىم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
دەقيانوس + 50 ئەمەلىي ئىشلار خاتىرسى ئادەمنى تىخىمۇ ئو

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

0998ۋارىس

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7076
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 1601 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 08:46:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزنى بەخىتلىك قىلسۇن ..............
ياخشى ئىشقا دادىل قەدەم تاشلىغىنىڭزغا كۆپلەپ تەشەككۈر .................
[s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36142
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1370
تۆھپە نۇمۇرى: 214
توردا: 2542 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 09:10:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز كۆرگىنىڭىز ئوندىن بىرى ، بىزلەر كۈندە كۆرۈپ ،ئاڭلاپ  تۇرۇپمۇ  بىر ئېغىز ھەق گەپ قىلالمىغان ، تىمىڭىزغا تەشەككۈر قېرىندىشىم!

ھايات مەخسەت ئەمەس ،بىر جەريان.

ئىبراھىمجان ئىر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26195
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6334 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 09:12:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەيياھ، ئەگەر بۇ تىمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىزئىنكاس يېزىڭ

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 09:48:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار باشقا يەلەردىمۇ مەۋجۇت .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36261
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1090
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:05:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىسەم بولا ئەمدى بۇلارغا

سەن ئولتـۇرارسەن خۇش كەيىپ ئول رەسىـتىدە ، دۈشمىنىڭ ئۇ جان__پېنىڭنىڭ قەسـىتىدە. سىنىڭ قۇلۇڭ ھاراق__شاراپ رومكىدا، دۇشمەن قولى زۇلپىقارنىڭ دەستىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38152
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2011-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىشلار تەرەققى  قىپتۇدە  ئۈرۈمچى شەھرىدە     ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت ئۈرۈمچىگە بارساقمۇ كۆرمىگەن ئاڭلىمىغان ئش ئىكەن  دىمەيدىكەنمىز

سىز بۈگۈن نىمە ئېش قىلماقچى ...؟؟؟ قىلالىدىڭىزمۇ ...؟؟؟ نىمە ئۈچۈن...؟؟ يەنىمۇ تىرىشىڭ!!!

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162087
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:25:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ دىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيلى!

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12289
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 3719 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:25:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  ebray.0998 كە 2011-05-07 09:12 PMئەۋەتىلدى  :
بۇ يوشۇرۇنغان مەزمۇن
ئىبراي ئەپەندى نىمە دىمەكچى بولغىيدى.

0998ۋارىس

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8628
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:32:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

مۇھەببەت ئۆزى سۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9809
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5209
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2010-9-10
ئاخىرقى: 2011-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:39:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ دىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيلى

ئۇلۇغ ھەم قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى ھەر كۈنى ئىسىڭدىن چىقارما .

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8297
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 12779 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:58:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ تاجىك بوۋاينىڭ ئېنىقراق ئادرىسىنى بىلەرسىزمۇ؟مىنىڭ بىر قېرىندىشىم شۇنداق كىسەل ئىدى.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4740
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5157
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 12:21:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3-قەۋەت (ebray.0998) نىڭ يازمىسىغا

نىمە ئېنكاس بولغىيتى بۇ؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26542
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2005
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-1-17
ئاخىرقى: 2012-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 12:46:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن .ئۈرۈمچىدە يەنە ئۇزۇنراق تۇرغان بولسىڭىز بوپتىكەن،ئەسلى.

ۋەتەننىڭ قەدرىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5987
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7291
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 618 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2012-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 03:28:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىدىمۇ نى ئىمانلىق ئىنساپلىق ئادەملەر تولا قىرىنداشلىرىم تولا ئاغزىڭلارغا كەلگەننى جۆيلىمەڭلار

قۇياش يصيصشكة بولمايدصغان نان    ۋةتةن بصرصشكة بولمايدصغان جان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش