مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 947|ئىنكاس: 9

ئانا، بىز مەڭگۈ ئەپسۇسلىنىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5801
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 05:33:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                               ئانا ، بىز مەڭگۈ ئەپسۇسلىنىمىز
                                            
                                               (ئانىلار  بايرىمىغا  بېغىشلايمەن)

ئانا بىر تۈپ دەرەخ ، ئۇنىڭ چەكسىز مېھرى بىزنىڭ روھىمىزغا قاتمۇ-قات يىلتىز تارتقان . ئۇنىڭ يىلتىزى
چىرماشقان ھەر قانداق بىر روھ مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ . ئۇ - كۈيلىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ، بىز ئۇنى
ئەڭ ئالى ئېھتىرام ئىچىدە ئۇلۇغلايمىز ، مەڭگۈ ئۇنىڭ مېھىرلىك قۇچاقلىرى ئارىسىدا كۈلۈمسىرەيمىز . شۇڭا
ھەممىمىزنىڭ ئانا ئالدىدا مېھىر-مۇھەببەت قەرزىمىز بار ، ھەممىمىزنىڭ ئانا ئۈچۈن ۋاپادارلىق كۆرسۈتۈش
مەجبۇرىيىتىمىز بار . شۇ سەۋەپتىن ھەممىمىزنىڭ ۋاپادار بالا ، كۆيۈمچان پەرزەنت بولغۇمىز كېلىدۇ .
  
   كىچىكىمىزدىن باشلاپلا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە < ئانامنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن >  دەيدىغان
ئىدىيە لاۋۇلداپ تۇرىدۇ . لېكىن ئاشۇ ئوت مەڭگۈ ھەقىقى يالقۇنغا ئايلىنالماي ئۆچۈپ كېتىدۇ . قەلبىمىزگە
سىنچىلاپ قاراپ باقساق ، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ گەرچە ۋاپادار  پەرزەنت بولغۇمىز  بولسىمۇ ، لېكىن ۋاپادار
پەرزەنت بولالمىغانلىغىمىزنى  بايقايمىز . ۋاپادارلىقنى يەتكۈزىدىغان پەيتلەردە ھامان بىر ئىش ، ھامان بىر
سەۋەپ يولىمىزنى توسۇپ قويغان بولىدۇ . مەسىلەن ، دوستلار بىلەن بىر ۋاقلىق ئېسل غىزادا بىرگە بولغاندا
ئۇنىڭدىن ئانا بىلەن تەڭ  بەھرىمەن بولۇشنى ئويلىساقمۇ ، لېكىن دوستلارنى تاشلاپ كېتەلمەيمىز...
ۋاھالەنكى ، بۇنداق ئىشلار تەكرارلىنىۋېرىپ ، شۇنداق ۋاقىتلاردا ئانىنى ئويلىمايدىغان بولۇپ كېتىمىز .
بەلكىم شۇ چاغدا ئانىمىز قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن چاي-تۇز تىلەپ چىقىۋاتقان بولۇشى  مۈمكىن ؛ بەلكىم
ئانىمىز يەنە ئاللىقانداق مۇھتاجلىق ئىچىدە قىسىلىپ قالغان بولۇشىمۇ مۈمكىن....
   
  بەزىدە ئانىمىز كىيىۋالغان كىيىمگە بىر قانچە يىل بولغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئاشۇ كىيىم بىلەن دوستلىرىمىزغا
كۆرۈنىشى بىز ئۈچۈن ئۇياتلىق ئىشتەك تۇيۇلىدۇ . لېكىن بىر قۇر كىيىم ئېلىپ بېرىش ئويىغا كەلگەندە
يانچۇقىمىزدىكى پۇلنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىشى چىقىپ قالغان بولىدۇ . شۇڭا < ئاپا كىيىمىڭ ئەجەپ كونىراپ
كېتىپتۇ ، باشقا كىيىمىڭ يوقمۇ ؟ > دەپلا قويىمىز ، ئانىمىز ئالدىمىزدا خىجىل  بولۇپ تۇرۇپ قالىدۇ . چۈنكى
ئۇ < بالام مېنى ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ . كىيىمىمنىڭ قانداق بولۇشى بەرىبىر > دەپ
قارايدۇ . شۇڭا ئۇ پەرزەنتنىڭ ئالدىدا كىيىمىنىڭ كونا بولۇشىدىن خىجىل بولۇپ يۈرمەيدۇ . لېكىن بىز ئۇنداق
ئەمەس . ئۇنىڭ كونا كىيىملىرى بىلەن دوستلىرىمىزنىڭ ، خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ ، تونۇش-بىلىشلىرىمىزنىڭ
ئالدىدا كۆرۈنىشىدىن خىجىل بولىمىز . بۇ تۈپەيلى بىز  باشقىلارنىڭ : <ئانىسىغا كۆيۈنمەيدىكەن> دىيىشىدىن
، ئۆز ئوبرازىمىزغا نوقسان يېتىشىدىن قورقىمىز . بەزىلىرىمىز ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئايالىمىزنىڭ كەيمەي تاشلاپ
قويغان كىيىمىنى كېيدۈرۈپ قويىمىز . شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىز بىر ئاز  قانائەت تاپىدۇ....مانا بۇ بىزنىڭ ئۇنىڭغا
يەتكۈزگەن ئاتالمىش ۋاپادارلىقىمىز ، كۆيۈمچانلىقىمىز .
  
  ئانا مېھرى مەڭگۈ شەخسىيەتسىزدۇر . كىچىك ئۇ  ھەممىنى بىلىدىغان  ، بىزگە ئۇستاز  بىر  ئانا ئىدى .
چوڭ  بولغىنىمىزدا  ياراملىق  ئۆي خىزمەتچىسىگە  ئايلاندى؛ ئۇ بىزدىن پۇل  تەلەپ  قىلمايدۇ ، ئىشنى شۇنداق
ئەستايىدىل  قىلىدۇ . نەرسە  كېرەك  سېتىۋېلىپ ئاشقان پۇلنى تىقىۋالمايدۇ ، قورۇما  قورۇغاندا گۆشىنى يەۋالمايدۇ،
ئۇ  بولغاچقىلا ئۆيىمىز شۇنچە بىخەتەر ، پۇل ۋە نەرسە  كېرەكلەرنى تاشلاپ قويۇپمۇ  يۈتۈپ  كېتىشىدىن ئەندىشە
قىلمايمىز . ئۇ  ھورۇن  ئەمەس ، <ئۇنى قىل  بۇنى  قىل> دېمىسەكمۇ  ئۆزى  تېپىپ قىلىدۇ . ئايالىمىزنىڭ  سوغۇق  مۇئامىلىسىگە  ئۇچرىسىمۇ  بىزگە  زارلانمايدۇ ، ئۆي خىزمەتچىسىدەك  يامانلىمايدۇ . <مائاشنى ئۆستۈرۈپ بەر >
دېمەيدۇ . ئۇنى  خالىغان  ۋاقىتتا  چاقىرىپ ، خالىغان  ۋاقىتتا  كەتكۈزىۋەتسەك  بولۇۋېرىدۇ ......
مانا  بۇ  بىر  ئانىنىڭ  ئائىلىدىكى  ئوبرازى . ماھىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئانىسىنى  ئۆيىگە  ئەكىلىپ
ۋاپادارلىق  يەتكۈزۇشى ئەمەلىيەتتە  ئۇلارنى  ئۆي ئىشىغا  سېلىش  ئۈچۈندۇر . <ئانام  ياشىنىپ قالدى،
ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ > دېگۈچىلەر ھەقىقى  ئويلىنىپ باقسا ئىش مۇشۇنداق بولۇپ چىقىدۇ .
    
  بىز گاز  ئوچاق  ئىشلىتىۋاتقاندا ، ئانىمىز يەنىلا ئوتۇن يېرىپ  ئوچاققا ئوت  قالاۋاتقان  بولىدۇ . بىز ئۇنىڭ
ئس يېنىپ تۇرغان ئۆيىگە كىرسەك دەرھال  يېنىپ چىقىمىز . ئانىمىزنىڭ بىزگە كۆرپە سېلىش ئۈچۈن سوزۇلغان
قوللىرى بوشلۇقتا قېتىپ قالىدۇ . <ئانا ، نەچچە قېتىم دېدىم ئوتۇن قالىماڭ دەپ ، سالامەتلىگىڭىزگە زىيان قىلىدۇ>
بىز  شۇنداق  دەپلا كايىپ قويىمىز ، لېكىن شۇ  چاغدا ئۇنىڭغا كۆمۈر  ياكى  گاز  ئەكىلىپ بېرەلمەيمىز . بىزنىڭ
ئانىغا  قىلىدىغان  غەمخورلۇقىمىز ئەنە  شۇنداق  ، ئۇنى قىل ، بۇنى  قىل دىيىش  بىلەنلا  چەكلىنىپ  قالىدۇ .
ئانىنىڭ  قىلغۇسى  يوق  ئەمەس  قىلغۇسى  بار ، لېكىن  تۇرمۇش  ئۇنى  شۇنداق  قىلالمايدىغان ھالغا  چۈشۈرۈپ
قويغان . بەلكىم  بىزنىڭمۇ  قىلىپ  بەرگۈمىز  يوق  ئەمەس ، قىلىپ  بەرگۈمىز  بار  بولۇشى  مۈمكىن ، لېكىن
<تۇرمۇش  بىزنىمۇ  شۇنداق  ھالغا  چۈشۈرۈپ  قويغان> ، قىلىپ  بېرەلمىسەكمۇ  كېرەك  يوق ، ئانا ھەر  ھالدا
بىزنىڭ  ئۆزىگە  كۆڭۈل  بولگۈنىمىزدىن خوشال . ئۇ  بىزنىڭ  شۇنداق  دىگەن ئاۋازىمىزنى  ئاڭلاشنى ياخشى
كۆرىدۇ . قوشنىلىرىغا ، باشقىلارغا بىزنىڭ  ئۆزىگە ناھايىتى  كۆڭۈل  بۆلىدىغان ياخشى  بالا  بولغانلىقىمىزنى
سۆيۈنۈپ  تۇرۇپ  سۆزلەپ بېرىدۇ . ئەگەر  قولى  قىسقا  بولمىغان  بولسا ئۆزىنى  ھېچ  نەرسىدىن  قىسىپ
قويمايدىغانلىقىنى  ، ھېلىمۇ  ھالىدىن  ياخشى  خەۋەر  ئېلىۋاتقانلىقىنى  ئېيتىپ  ماختىنىدۇ . مانا  بۇ  بىر  ئانا...،
ئۇ  ھېچقاچان  بالىسىنىڭ  نامراتلىقىدىن   نومۇس  قىلمايدۇ ، ئۇنى  ئۆزىنىڭ  ئايرىلماس  بىر  قىسمى  دەپ
قارايدۇ . پەقەت  بالىلا  ئانىنىڭ  نامراتلىقىدىن ، كىيىمىنىڭ  كونىلىقىدىن ، قولىنىڭ  قىسقىلىقىدىن  نومۇس
قىلىدۇ . ھەرگىز  بالا  ئانا  ئۈچۈن  تاماق  ئەتمەيدۇ ، ئۆيگە  كەلسە  كۆرپە  سالمايدۇ ، ئۇنىڭ  كىر-قاتلىرىنى
يۇيمايدۇ ، ئۆيلىرىنى  تازىلاپ  بەرمەيدۇ ، ئۆز  قاچىسىدىكى  گۆشنى  ئۇنىڭ  قاچىسىغا  سالمايدۇ . ھەرگىزمۇ...
بالا نۇرغۇن  ئىشلارنى  ئانىدەك  ئويلىمايدۇ ، ھەرگىزمۇ  نۇرغۇن  ئىشلارنى  ئانىدەك  قىلمايدۇ .
    
  توغرا ئانىنىڭ كىيىمى ، يوتقان  كۆرپىسى  كونا ، ئۆي  ئىچىدىن  زەي  پۇراپ  تۇرىدۇ . ئۇنىڭ  گاز  
ئوچىقى  يوق ، ئۆي سەرەمجانلىرىنى تاشلاپ  قويسىمۇ  ئوغرى  ئالمايدۇ . تېلېۋىزورى  رەڭسىز ، ئۇنىڭ  ئۈستىگە
ئامبۇردا  تولغىمىسا  قانال  يۆتكەلمەيدۇ . ئۇ يەنە پىخسىق ، ئىدىيىسى  قاتمال ، ئاسانلىقچە يېڭى  نەرسىلەرنى
سېتىۋالمايدۇ . توكنى تېجەيمەن  دەپ ئاخشاملىرىمۇ قاراڭغۇدا  ئولتۇرىدۇ . پۇل  تېجەش  ئۈچۈن خېلى  يىراق
جايلارغىمۇ  مېڭىپ  بارىدۇ . سودا  قىلغاندا دائىم باھا  تالىشىدۇ ، دائىم  ئەرزان  نەرسىلەرنى  سېتىۋالىدۇ....
مانا  بۇ  بىزنىڭ  نەزىرىمىزدىكى  ئانا ، ئۇنى  چۈشەنمەك  ھەقىقەتەن  تەس .
  
  ئانا  ھەقىقەتەن  بىزگە  يېتىشەلمىدى ، <جەمىيئەتنىڭ كەينىدە قالدى> . ئۇنى  بىر  تىرىك  ئاسارە ئەتىقە
دېسەكمۇ  بولىدۇ . لېكىن  ئويلاپ  باقساق ، بۇنىڭمۇ  ئۆزىگە  چۇشلۇق  سەۋەپلىرى  بار : ئەسلىدە  ئاشۇ  كونا
ئۆي بىز  تۇغۇلغان  ، چوڭ  بولغان  ئۆي  ئىدى ،  كېيىن  بىز  شۇ  ئۆيدە  توي  قىلدۇق ، ئۆي  تۇتتۇق ،  ئۇ  
چاغدا  بۇ  ئۆي  بىزگە  كونا  تۇيۇلمايتتى ، كېيىن  بىزگە  يېڭى  ئۆي  سېلىپ ، ئۆي  ئايرىپ بەردى . ئاشۇ
كونا  ئۆي  سايمانلىرى  ،  تېلېۋىزور  يېڭى ئۆيىمىزگە  يۆتكەلدى . بۇ  چاغدا  بۇ  نەرسىلەر  زاماننىڭ  ئالدىدا
ئىدى ، ھەتتا بىز  ئاشۇ نەرسىلەر  بىلەن  قۇرداشلىرىمىزنىڭ  ئالدىدا  بېشىمىزنى  ئۈستۈن  تۇتۇپ  ، مەيدىمىزنى
كېرىپ  يۈرگەنىدۇق . كېيىن  زامان  تەرەققى  قىلدى ، كونا  جابدۇقلارنىڭ  ئورنىغا  يېڭى  نەرسىلەرنى
سېتىۋالدۇق . بۇ  كونا  نەرسىلەر  قويىدىغان  يەر  بولمىغاچقا  ، يەنە  ئانىمىزنىڭ  ئۆيىگە  يۆتكەلدى...
بىزنىڭ  ئۆيىمىزدىكى  سەرەمجانلار  نەچچە  قېتىم  يېڭىلاندى ، ئەمما  ئانىمىزنىڭ  بولسا  شۇ  پېتى تۇردى .
ئەلۋەتتە  بىز  تۇرمۇشىمىزغا  ماسلاشمىغان  بىر  قىسىم  بۇيۇملارنى  ئانىمىزغا  بەرگەن  بولدۇق ، شۇنىڭ بىلەن
ۋاپادارلىق  كۆيۈمچانلىقىمىز  بىر  ئاز  قانائەت  تاپقاندەك  بولدى . ئەمما  شۇنىسى  سەمىمىزدە  بولسۇنكى
بىزنىڭ  بەرگەنلىرىمىز  ھەرگىزمۇ  ئۆز  خاھىشىمىز  بىلەن  بولغان  ئەمەس ،  ئۇنىڭ  ھەممىسى  بىزنىڭ
ئېھتىياجىمىز  چۈشمەيدىغان  نەرسىلەردۇر . شۇڭا  بىز  ئۇنى  ئىككىلەنمەي  بېرىۋەتتۇق ....مۇشۇنداق  ئىشلار
تۈپەيلى  بىز  تۇرمۇشتا  ئانىغا  غەمخورلۇق  قىلىشىمىز  كەمدەك  ، ئۇنىڭغا  نۇرغۇن  ئىشلارنى  قىلىپ
بېرىشىمىز  كېرەكتەك ھېس  قىلىمىز  ، داۋاملىق  بالىلىق  قەرزىگە  بوغۇلۇپ  ياشايمىز . شۇڭا  داۋاملىق  
ۋاپادار  كۆيۈمچان بالا  بولۇشنى  ئويلايمىز ، ئەمما  ئۇنى  مەڭگۈ  يەتكۈزۈپ  بولالمايمىز .
    
      ئەلۋەتتە  ، بۇنداق  بولۇشىدا  بىزنىڭمۇ  ئۆزىمىزگە  چۇشلۇق  سەۋەبلىرىمىز ، ئۆزىمىزگە  يارىشا
قىيىنچىلىقىمىز  بار . ياش  ۋاقتىمىزدا خىزمەت ، ئۆي  تۇتۇش  ھەلەكچىلىگى  بىلەن  ئالدىراش  ئۆتۈپ  كەتتى.
كېيىن  بالىلىق  بولدۇق . نۇرغۇن  زېھنىمىز  ، ئىقتىساد  ۋە  ۋاقتىمىز ئۇنىڭغا  سەرپ  بولۇپ  تۈگىدى . يەنە
ئائىلىنىڭ  ھەر  خىل  ئىشلىرىنىمۇ  ئورۇنلاشتۇرمىساق  بولمىدى ، ھەش-پەش  دېگىچە  ئوتتۇرا  ياشقا  بېرىپ
قالدۇق . جىسمنى ۋە  روھى  جەھەتتىن  ھارغىنلىق  يەتتى ، ئەمدىلىكتە  ئانىنىڭ  ھالىدىن  خەۋەر  ئالغىدەك 
بولغاندا قەلبىمىز نورغۇن ئۆكۈنۈش بىلەن تولدى ئۆزىمىزنىڭ  ھەقىقى بىر كۆيۈمچان بالا بولالمىغانلىغىمىزنى
ئازاپ  ئىچىدە  ھېس  قىلدۇق . ئەمدى  قارىساق  ، ئانىمىزنىڭ  يېشى  بىر  يەرگە  بارغان  ، ئۇ  ئارتۇقچە
نەرسىلەرگە  ھەۋەس  قىلمايدۇ ، بۇرۇنقىدەك  ئاددى  ئۆتكەن  ھاياتىغا  قانائەت  قىلىدۇ ، ئېسىل  نەرسىلەرنى
ئېلىپ  بەرسەك  ، ئۇنى  نەۋرىسىگە  بېرىدۇ ، يېڭى  كىيىملەرنى  قورۇنۇپ  كەيگىلى  ئۇنىمايدۇ ، ئۆز  ئۆيىمىزگە
ياندۇرۇپ  چىقايلى  ياكى  يېڭى  ئۆي  سېلىپ  بېرەيلى  دېسەك  ،  ئۇنىمايدۇ .  ئاستىغا  كۆرپە  سالساق، ئۇنى
قايرىۋېتىپ  يەردە  ئولتۇرىدۇ ....بۇ  ئىشلار  بىز  ياش  ۋاقتىمىزدا  قۇربىمىز  يەتمەي  قىلالمىغان  ئىشلار  ئىدى.
ئەمدى  قىلغۇدەك  بولغاندا  ئانىنىڭ  يېشى  بىر  يەرگە  بېرىپ  قالدى . بەلكىم  ئاز  كۈن  ئۆتمەي  بىز بىلەن
خوشلۇشۇپ  كېتىپ  قېلىشى  مۈمكىن .
  
      شۇنداق ، نۇرغۇن ئانىلار  شۇنداق ،  جاپا  مۇشەققەتلىك  كۈنلەردە  پەرزەنتلىرى  بىلەن  بىرگە  بولۇپ ،
ئۇنىڭ  راھىتىنى  كۆرىدىغان  چاغدا  ئۈن-تىنسىز  كېتىپ  قالىدۇ .   بۇ   چاغدىكى  ئۆكۈنۈش  قەلبىمىزگە
سىغمايدۇ .  بىزنى  مەڭگۈ  ئۆكۈندۈرىدۇ .  چۈنكى  ئۇنى  ئېلىپ  كەتكەن  كېسەل  بىزنى  قاتارغا  قوشۇش
جەريانىدا  پەيدا  بولغان  .  شۇ  چاغدا   ئۇنىڭغا  كوڭۈل  بۆلەلىگەن  بولساق  ،  ۋاقتىدا  داۋالىتالىغان
بولساق  ،  بەلكىم  ئۇ  بىر  نەچچە  يىل  ئارتۇق  ئۆمۈر  كۆرگەن  بولاتتى  ،  لېكىن  ئۇ  بۇ  چاغدا ساقتەكلا
يۈرگەن ، ئاغرىق  ئازابى  قىيناپ  تۇرسىمۇ  ئالدىمىزدا  كۈلۈپ  تۇرغان ،  بىزنىڭ  خوشلۇقىمىزغا  تەسىر
يېتىپ  قېلىشىدىن  ئەنسىرەپ  كېسىلىنى  بىزگە  ئېيتمىغانىدى .  نۇرغۇن  ئانىلار  مانا  مۇشۇنداق  سەۋەبلەر
تۈپەيلى  بىز  بىلەن  ئۈن-تىنسىز  خوشلىشىپ  كېتىپ  قالىدۇ .  بىز  شۇ  چاغلاردا  كۆز  ياشلىرىمىزنى تۆكۈپ
تۇرۇپ  : <ئانامغا  ياخشى  قارىيالمىدىم ، ھالىدىن  ياخشى  خەۋەر  ئالالمىدىم>  دەپ  ھەسرەتلىنىشىمىز
مۈمكىن . بۇنىڭدىن  ھەر  قانداق  بىر  كىشى  تەسىرلەنمەي  قالمايدۇ . بىزگە : ئاق  كوڭۈل  ، ۋاپادار ،
كۆيۈمچان  ئىكەن  دەپ  باھا  بېرىدۇ .  بۇنداق  بولۇشى __ ھەممە  ئادەمنىڭ  ئانىسى  بار  ، ئۇلارنىڭ
ھەممىسى  ئوخشاشلا  ئانا  مېھرىگە  چۆمۈلگەن ،  شۇڭا  ئانا  ئۈچۈن  تۆكۈلگەن  كۆز  ياش  ھەر  قانداق
بىر  قەلبنى  ئېرىتمەي  قالمايدۇ .  لېكىن  بىز  ئۆزىمىزنى  ھەقىقى  ئاق  كۆڭۈل  ، ۋاپادار  دىيەلەمدۇق ؟
بەلكىم  ئۇنداق  دىيەلمەسلىكىمىز  مۈمكىن . چۈنكى  قانچىلىك  ئاق  كۆڭۈل  ، ۋاپادار  ئىكەنلىكىمىز
ئۆزىمىزگە  ئايان .  بىزنىڭ  ئەينى  ۋاقىتتا  بىر  قۇر  يېڭى  كىيىمگە  ئەلبەتتە  قۇربىمىز  يېتەتتى  ، لېكىن
ئېشىنچا  پۇلىمىزنى  <يەنە  زۆرۈر  ئشلارغا  ئىشلىتىمىز >  دەپ  ساقلاپ  قويۇپ ، ئانىمىزغا  ئايالىمىزنىڭ
ئاشقان  كىيىمىنى  كېيگۈزۈپ  قويدۇق . ئوتۇن  قالاتماي  ئۇنىڭغا  گاز  ئوچاق  ئېلىپ  بېرەلەيتتۇق  ، لېكىن
ئۇنداق  قىلمۇدۇق ، <ئانام  گاز  ئوچاقنى  ئىشلىتەلمەيدۇ >  دەپ  قارىدۇق . ئۆزىمىزنىڭ  يېڭى
تېلېۋېزورىنى  ئۇنىڭكىگە  ئالماشتۇرۇپ  قويالمىدۇق .  ئۆز  ئۆيىمىزنىڭ  سەرەمجانلىرىنى  ئۇنىڭ  كونا
سەرەمجانلىرىنىڭ  ئورنىغا  توختىتىپ  قويالمىدۇق . ئۇنىڭ  دېمى  سىقىلغان  ، بېلى  ئاغرىغان ، ئانچە-
مۇنچە  ساقسىز  بولۇپ  قالغان  چاغلاردا  يېتىلەپ  ئاپىرىپ  دوختۇرغا  كۆرسىتەلمىدۇق . بۇ  تامامەن  بىز
قىلالايدىغان  ، قولىمىزدىن  كېلىدىغان  ئىشلار  ئىدى ، لېكىن  بىز  ئۇنداق  قىلالمىدۇق .  قىسقىسى  بىز  ئۆز
ئېھتىياجىمىزدىن  كېچەلمىدۇق .  شۇڭا  كىشىلەر  : <بىز  ئانىمىزغا  يۈز  كېلەلمەيمىز >  دەپ  ئۆكۈنۈۋاتقان
پەيتتە  بىزگە  <ئاق  كۆڭۈل> دەپ باھا بەرسە،بىز  يەنىلا قەلبىمىزدە ئازابلىنىۋەردۇق .ھەققەتەن شۇنداق بولدى،مەيلى كىشىلەر نىمە دەپ باھا بەرسۇن بىز ئۆزىمىزنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى ئانا ھەم
ئۆزىمىز  ئالدىدا  مەڭگۈ يوشۇرالمايمىز . 
         ئانا -بۇ دۇنيانىڭ  مېھمىنى .  ئۇلارنىڭ  قەدىمى  بۇ  دۇنيا  بىلەن  ئۇ  دۇنيانىڭ  ئوتتۇرىسىدا  قاتناپ
يۈرىدۇ .  بەلكىم   بىر  نەچچە   كۈندىن  كېيىن   بىز  ئۇنىڭ   ئۇلۇغۋار  ئىزلىرىنى   كۆرەلمەسلىگىمىز   مۈمكىن.
ئۇ  بىز   بىلەن  ئۈن-تىنسىز  ۋىدالىشىپ  كېتىپ  قېلىشى   مۈمكىن .  شۇڭا  ئازراقلا   ئىمكانىيىتىمىز  بولسا
ئۇنىڭ   ھالىغا   يېتىپ  قويايلى  ،   ئۇنىڭ  قورايدەك    ئۇرۇق    قوللىرىنى   قەلبىمىزگە    باسايلى .  مانا
مۇشۇ    قوللار   دۇنيانى   ياراتقان   ،  ئۇ  بىزگە   ئۆزىنىڭ   سانسىز    جەبىر - جاپالىق   مۇساپىسى  
ھەققىدە   سۆزلەپ   بېرىدۇ  .   ئۇنىڭ   يۈزلىرىدىكى    تورلاشقان    قورۇق   ئىزىغا   نەزەر   سالايلى :
ئۇنىڭغا   نۇرغۇنلىغان   سۈكۈت   ، تەلەپ  ، ئىلتىجالار   يوشۇرۇنغان  ؛  ئۇ   قورۇقلار   ھەرگىزمۇ   يىللارنىڭ
ئەمەس   ،  بەلكى   بىزنىڭ   ئانىنىڭ  ھاياتىغا    قالدۇرغان   يالدامىمىز  ،  بىز   ھاياتىمىزدىكى    جەبىر -
جاپالارنى  ئانىنىڭ   يۈزىگە   گۈل  قىلىپ  چەكتۇق !   ئۇنىڭ  قاداق   باسقان   پۇتلىرىنى   سىلاپ  باقايلى.
ئۇ   يەردە   تۇرمۇش   يوللىرىنىڭ   سانسىزلىغان    ئەگرى -  تۇقاي   سىزىقچىلىرى    قالغان .  ئانىنىڭ
يىگىلەپ   كىچىككىنە   قالغان  گېگانت    مۇسكۇللىرىنى   تۇتۇپ  باقايلى ،  بەلكىم   بىز   مۇشۇ   چاغدا
كۆز   ياشلىرىمىزنى    توختىتىۋالالمىغان   ھالدا   ئانىنىڭ   ئۇلۇغ   ئوبرازى   ئالدىدا   تىزلىنىشىمىز    مۈمكىن .
مۇشۇ   چاغدىلا   ئۆزىمىزنىڭ  قانچىلىك  مۇشەققەت  ئىچىدە  چوڭ   بولغىنىمىزنى  بىلەلىشىمىز   مۈمكىن .
مۇشۇ   ماقالىنى  ئوقۇپ  بولۇپلا   شۇنداق   قىلايلى .  ئاتا-ئانا  ئۈچۈن   قىلالمىغان   نۇرغۇن   ئىشلىرىمىزنى
ھازىردىن باشلاپ قىلايلى.قەلبىمىز تېخىمۇ زور ئۆكۈنۈشلەردىن خالىي بولسۇن . ئۆزىمىزنى
نۇرغۇن ئەپسۇسلىنىشلار  ئىچىدىن قايتۇرۇپ كېلەيلى .
    
      ئانا ، بىز  سىزنىڭ  ئىسسىق  قۇچاقلىرىڭىز ئىچىدە تۇرۇپ سىز ئۈچۈن قىلىپ بېرەلمىگەن    
نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن خىجىللىق ئىچىدە مەڭگۈ ئەپسۇسلىنىمىز .
                                                               تۈگىدى .


مەنبە:جوڭگۇ  مىللەتلىرى ژورنىلى 2004- يىللىق 2 - سان. ئاپتورى : نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى.
(سەمىمىي ئەسكەرتىش :بۇ  ماقالىنى  ئۆزۈم بەكلا ياقتۇرغىنىم ئۈچۈن يوللۇدۇم ،ماقالىنى تېگىدىن چۈشۈنۈپ
ئوقۇشۇڭلارنى ، شۇنداقلا  ياقتۇرۇشۇڭلارنى  ئۈمۈت  قىلىمەن .ماقالىدە ئېيتىلغاندەك ئشلار جەمىيىتىمىزدە
ھازىرمۇ   نۇرغۇن  ،  ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ نەزەرىدە ناھايىتى <ۋاپادار> پەرزەنت  بولسىڭىز   ،
ئۆزىڭىزگە ئېلىپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى  يوق ...)


ئىشىڭنى قىل.................!

ساغلام ھايات سىز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10112
تۆھپە نۇمۇرى: 558
توردا: 1603 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 08:33:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇشقا مۇيەسسەر قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر ........
[s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36650
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 09:03:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەر ئىكەن تىمىڭىزغا رەخمەت ھارمىغايسىز [s:154]  [s:154]

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33150
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13231
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 585 سائەت
تىزىم: 2011-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 09:18:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەممە ئانىلار ئۇلۇغ

 ھەر قانداق بىر ئىنسان <<ئانا>> توغۇرۇلۇق بىرەر ناخشا ۋە ئەسەرلەرنى ئاڭلىغان چىغىدا يۈرەكلىرى ئۆرتۈنۈپ كۆزلىرىگە ياشلار ئېلىشىدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئانا سىماسى چاچلىرىنى ئالا - پاساق بويىۋالغان ، يېرىم يالىڭاچ كىينىۋالغان ، يۈزلىرىنى مايمۇندەك بويىۋالغان ۋە ئالا - قانداقتۇر <<كاندىدات>> ئانىلار بولماستىن ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق - سۇغۇقلىرىدا چاچلىرى ئاقارغان ، يۈزلىرىنى قورۇق باسقان ، قوللىرى يېرىلغان ، بەللىرى مۈكچەيگەن بىر ئۆمۈر بالام ، ئائىلەم دەپ ئۆتكەن ئەنە شۇ جاپاكەش ئانىلاردۇر ، ئەنە شۇ جاپاكەش ئانىلارغا ئىنسانلار مەدھىيەلەرنى يېزىشىدۇ ۋە مەڭگۈ يازغۇسى .

مېيىپ بوپ يارالغان بولساممۇ بىراق ،
نەپرەتتە ساقلاردىن ئېشىپ ياشايمەن .
ۋىجدانىم ھۆكۈمران بولسىمۇ گەرچە ،
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

ئۇنتۇلماس ئەسلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19988
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7387
تۆھپە نۇمۇرى: 651
توردا: 2247 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:43:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇماقالىنى ئوقۇپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. مەن ئانامدىن بىر كۈنلەردە ئايرىلىپ قىلىشنى بىلىمەن.لىكىن ئايرىلىپ قىلىشتىن بەكلا قورقىمەن. ھەتتا بەزىدە ئۆز-ئۆزۈمگە ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانامدىن ئايرىلىپ قالسام  بۇرەھىمسىز رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي  ساراڭ بولۇپ قىلىشىم مومكىن دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.
ئەسلى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازماقچى ئىدىم.لىكىن ئاۋال ئانامغا تىلفۇن قىلىلىۋالاي ئاندىن ئاخىرنى يازاي.
رەھمەت سىزگە ياخشى ماقا لىلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

تەپەككۇر ئىلكىدە يۈرمەن جىمجىت،   كەلگۈسۈم ئۈستىدە خىيالغا پىتىپ. ئارزۇلاپ كۈتكۈنۈم كىلەرمۇ بىركۈن،   قارايمەن ھاياتقا ئۈمۈتسىز بىقىپ.

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 776
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11528
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 08:37:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ، پاساھەتلىك، پەلسەپىلىك تىل،سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە، لېرىكا بىلەن ئىپىكانىڭ بىرىكىشگە،شۇنىڭدەك  بايان قىلىش بىلەن رىتورىكنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بەك ئۇستىكەنسىز، بۇ نەسىرىڭىزنى ئۆرنەك ئېلىپ بىر ئەسەر يازغۇدەك ئىلھام كەلدى. قېنى ئاتا ھەققىدىمۇ ئىزدىنىڭ.
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-27427.shtml

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 09:58:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ، ساقلىۋالاي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30830
يازما سانى: 832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6319
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 534 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 10:49:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا مەن چۇقۇم سىنىڭ ئىزىڭىزنى بېسپ ، سەن ماڭغان يولدا مېڭىپ سىنىڭ مېنى باققان ئەجرىڭگە.......... كەلگۈسىدە ئۆز پەرزەنتىلىرىمنى ياخشى تەربىيلەپ... مەنمۇ باللىرىم قەلبىدە << ئەڭ كۆيۈمچان >> ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشىمەن !!!!!!!!!
تۇرمۇش يوللىرى ئەگىرى توقاي .... ساداقەتسزلىكتىن ...... مەسئۇلىيەتسزلىكىتىن ئۇلۇغ ئاللاھ مىنى نېرى قىلغىن !!!!!!!

ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا سەۋىر ئاتا قىلىغىن !

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5801
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 11:13:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  بىلەن  بۇ  ماقالىنى  ئورتاقلاشقان  دوستلارغا  رەخمەت . ئەينى  ۋاقىتتا  بۇ  
ماقالىنى  تۇنجى  ئوقۇغۇنۇمدا  ماڭا  بەكلا  تەسىر  قىلغان  ئىدى ، خىزمەتداشلىرىمغا
ئوقۇپ   بەرگەچ  كۆزلىرىمدىن  ياشلىرىم  تاراملاپ  ئاققىنى  ھازىرمۇ  ئېسىمدە....
چۈنكى  مەزمۇنى  رئىئاللىققا   بەكلا  ئۇيغۇن ، ئەتراپىمىزدا  ھازىرمۇ  يۈز  
بېرىۋاتقان  ئىشلار  ئىدى . چۈنكى  نۇرغۇن  چاغلاردا   بىز  ئانا  ئۈچۈن  قىلىپ بەرمەكچى  بولغان  ئشلىرىمىزنى  تولاراق  ئەتە  قىلىپ  بېرەي  ،   ئۆگۈن  قىلىپ  بېرەي  دەپ  ،  بىلىپ  بىلمەي  كەينىگە  تارتىمىز .........  [s:162]
ئاتا - ئانىمىز  بىز  ئۈچۈن  مېھمان ، ئۇ  بىزنى  ئۇزۇن  ساقلىيالمايدىكەن  شۇڭا
ھازىردىن  باشلاپ  ۋاقىتنى  چىڭ  تۇتۇپ  ئۇلارنىڭ  خىزمىتىنى  قىلىۋالايلى....

قالدۇرغان  ئىنكاسلىرىڭلارغىمۇ  رەخمەت ،  چۈنكى  بۇ  مىنىڭ  مۇنبەرگە  تۇنجى
تېما  يوللۇشۇم ، خەت  بېسىشنى  يېڭى  ئۈگەنگىنىم  ئۈچۈن  بىر  كۈندە  ئاران
بېسىپ  چىقاردىم ، ئارىدا  نەچچە  ۋاز  كەچمەكچى  بولۇپ چىداپ
  يەنە  داۋاملاشتۇردۇم  ،  چۈنكى  بۇنى  بارلىق  ئانىلارغا  سوغام  بولۇپ  قالار
دەپ ئويلۇدۇم  ، چۈنكى  بۈگۈن  مىھرىبان  ئانىلىرىمىزنىڭ  بايرىمى  ئەمەسمۇ...؟
بولدى  مۇشۇنچىلىك  سۆزلەي  چۈنكى  ئانام  مېنى  ساقلاۋاتىدۇ ..... ئۇنىڭ  
يېنىغا  ھازىرلا  ماڭمىسام  بولمايدۇ .... خەير !   دوستلۇرۇم  ئەمىسە  ھەممىمىز  
ئشىكتىن  تەڭلا  چىقايلى ...............................

ئىشىڭنى قىل.................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7981
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 05:00:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەننەت ئانىلار ئايىغى ئاستىدا .  يوغان ھويلاڭنى ماختايسەن كۆرۈنمەيدۇ ئاناڭ ئەمما،    ئاناڭ ھويلىغا ئەسلا ياراشماپتۇ باراڭ ئەمما،   پىشۇرساڭ تۇتسىمۇ قايماق گويا ناندەك قېلىنلىقتا،   ئاناڭغا بەرمىگەن سۈتتىن ئەمەس رازى كالاڭ ئەمما .      م.راشىدىن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش