مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2711|ئىنكاس: 3

ئۇچقۇنى شىئىرلىرى توپلىمى  (مۇكاپاتلىق ئە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29336
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 19229
تۆھپە نۇمۇرى: 2417
توردا: 887 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 10:03:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

 

بۇ شىئىرلىرىمنى  مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىگە تەۋسىيە قىلىمەن

                

           توي دۇردانىلىرى 
                                                               
               توي كۈنى 
            (1)

ئۆتكۈزەر ئايدا مەرىكە بىر جۈپ يۇلتۇز توي كۈنى،
قاينىتىپ شادلىق قازاندا كىچە-كۈندۈز توي كۈنى.
قۇدلۇقلاپ دۇنيا نىكاھنى ياڭرىتار نەغمە -ناۋا،
بىر بولۇپ ئاتلاندى سەپكە ئىككى يالغۇز توي كۈنى.
چېقىلىپ قىسمەت شاكىلى ئەل-جامائەت ئالدىدا،
ئاشكارە بەلكىم ئۆمۈرلۈك قوشماق مېغىز توي كۈنى.
< مەڭگۈلۈك بولغاي قەدىناس،بېشى باش ئايىغى تاش>،
دەپ تىلەك تىلەپ ئېچىلار بارچە ئېغىز توي كۈنى.
گوۋاھلىق بېرىپ كالىندار باستى لەۋلەرگە مۆھۈر،
خۇشبۇ كۈن ئۆچمەس تەۋەرۈك قالدى زەر ئىز  توي كۈنى.
سۈرىدۇ ھايات پەيزىنى بىر جۈپ گەۋدە ئىككى تەن،
لەززىتى يۈز يىلغىچە يۈرەككە قېنىز توي كۈنى.
قوشۇلۇپ رىسقى تەلىيى چىگىلىپ قالدى رىشتى،
ئاجرىتالماس ئەمدى سۆرەپ نەچچە ئۆكۈز توي كۈنى.
ئېچىلىپ ئۆچمەس يېڭى بەت، ماڭلىيىغا تەغدىرى-
شەنىگە بەلكىم ئاتاپ يازدى كىرىش سۆز توي كۈنى.
ئىگىز -پەس ھايات يولىدا بىرگە ئاشار تاغ-داۋان،
سارغايتالماس گۈللىرىنى ھەتتا كەچكۈز توي كۈنى.
بۇ ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر مەزمۇت ئورناپ قەلبىگە،
ئاسمىنىدا بەخىت قۇشى ئۇچتى ئىگىز توي كۈنى.
بىرى ئالتۇن ھۈزۈك بولسا بىر ياقۇت كۆز گويا،
خۇي ياراشقان دەپ زوقلىنىپ باقتى مىڭ كۆز توي كۈنى.
قىرىنداش دوستۇ يارەنسىز قىزىماس ھېچبىر بەزمە،
گۈل بولۇپ ئۈندى سورۇنغا ياسىنىپ ئۇز توي كۈنى.
خەۋىرى يىتىپ ئەرىشكە ھۆر پەرىلەر جۆر بۇلۇپ،
تەلمۈرۈپ قالدى كىلىنچەك ئاچمىسا يۈز توي كۈنى.
توي مۇھىم ئىنسان ئۆمرىدە نەچچە رەت بولار دەيسىز،
تىل تۇمار ئاسسۇن بوينىغا تەگمىگەي كۆز توي كۈنى.

مەنبە: ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى
                                                                 ۋۇخەندە
2011.4.26 

    توي 
    (2)


توي كۈنى بەرھەق يۈرەكتىن ياڭرىدى ھوجرىدا ساز،
ۋەلىكىن مەڭگۈ قۇلاقتا ئاڭلىنىپ تۇرغىنى ئاز.
بىردەملىك ھەۋەس كەينىگە گەر كىرىپ قىلساڭ چاقچاق،
لەززىتى نەچچە مىنۇتلۇق ھەسرىتى بار قىشمۇ ياز.
چۆكمىگەنلەر چۆكسەم دەيدۇ بىلمەي چوڭقۇرلىغىنى،
بۇ دېڭىزدا ئۈزمەك قىيىن بۇلۇپ ئاققۇ، ئۆردەك ،غاز.
ئۇ ياشلىقنىڭ تومۇزىدا تەنگە لەززەت ۋاقىتلىق،
دولقۇنىدا ئۈزەلمىسەڭ سالار دەردتىن پايانداز.
ئاپتىپىدا كۆيسە تاپان، سوغۇقىدا مۇزلار تەن،
ئاھ چىقالماي قىرغىقىغا تولغۇنىسەن قىلىپ ناز.
بولسا جۈپتۈڭ كۇپۇر مىجەز ئۆيدىن قاچار بەرىكەت،
قۇبۇل بولماس جەينىمازدا نا پاك ئۇقۇغان ناماز.
ئۆزى بىلگەن پەدىگىلا چۈشسە ھەركىم ئەلۋەتتە،
كۈندە ماتەم، چىقمىغاي چالغان چاۋاكتىن تەڭ ئاۋاز.
بىرى يېغسا چۈمۈلىدەك توخۇدەك چاچسا بىرى،
قۇرىماس ئۆيدىن دە-تالاش چوقۇشۇپ چۈجە-خوراز.
قاش قاپاق چىنە قاچا چېقىلىپ تۇرغاي پات-پات،
يۇڭدۇلۇپ گاھى قۇندۇز چاچ ،جەڭ قىلار بۇلۇپ جانباز.
قالمىغاي ھېچكىم بۇ ئۆيدە ۋاي خۇدايىم تۇغۇلۇپ،
ھويلىسىغا گۈلمۇ ئۈنمەس بولمىقى تەس قوي بۇغاز.
بالا-چاقا قۇرسىقى ئاچ زار تەشنادۇر مىھىرگە ،
ئانا بىغەم يۈرەرچايدا، دادا زابوي ھەم رەڭۋاز.
چىقمىغاي بۇنداق ئۆينىڭ مۇرىسىدىن تۈتۈنمۇ،
چىقسىمۇ نەپەسكە بولغاي ئۇ گويا زەھەرلىك گاز.
يازغىنىم بۇ ئاز بىر قىسىم پاجىئەلىك توي قىسمەت،
راست ئىرۇر سۈنئىي بۇياقتىن قىلمىدىم قىلچە پەرداز.
ۋەلىكىن شۇنىڭغا يانداش ئالتۇن توي قۇمدەك تولا،
يار قىلدى چەكسىز خۇشاللىق تۈگىمەس قۇت ئىمتىياز.
كىمكى توينى ئويۇن چاغلاپ،ساتسا پۇل مال دۇنياغا،
بىر كۈنى چىققاي بېشىغا بىلدۈرۈپ دىل ئىتىراز.

مەنبە: ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى 
                                                                     ۋۇخەندە

 2011.4.27   
       

   توي قىلىپ

 (  3 )

سۈرمىگەنلەر پەيزىنى سۈرەر  ئىكەن توي قىلىپ،
كۆرمىگەننى مەجبۇرى كۆرەر ئىكەن توي قىلىپ.
كەڭ دالىدا ئوينىغان يۈگەنسىز تاي ئەمدى يوق،
قىسمەتلىرى يىڭى بەت ئۆرەر ئىكەن توي قىلىپ.
توي ۋەزنىنى بىلگەنگە پۈتمەس ئۇنىڭ لەززىتى،
بەخىت قۇشى بېشىدا تۈنەر ئىكەن توي قىلىپ.
ئوكچىسىدىن رىسىقنىڭ قوش مىغىز بوپ چىققانلار،
ئايىغىدىن مىڭ توغراق ئۈنەر ئىكەن توي قىلىپ.
باھار جۇتى بولغاندەك توينىڭمۇ بار سوغىقى،
تاغدەك جەبرى جاپانى كۈتەر ئىكەن توي قىلىپ.
تىرىكچىلىك كىمىسى دولقۇنلارغا يولۇقسا،
قىرغاقلارغا چىقالماي ئۈزەر ئىكەن توي قىلىپ.
ئاتا-ئانا پىچىرلاپ قولاقلارغا ئېيتقان سۆز،
بىر-بىرىلەپ ئالدىدىن ئۆتەر ئىكەن توي قىلىپ.
مۇرىسىدىن بىر ئۆينىڭ ئوڭشاپ تۈتۈن چىقارماق،
تەسلىگىنى قانچىلىك بىلەر ئىكەن توي قىلىپ.
شاختىن-شاخقا قونغانلار سۇلىنىپ چىڭ قەپەزگە،
ئۆز بېغىدىن گۈل-غۇنچە ئۈزەر ئىكەن توي قىلىپ.
زىممىستىكى بۇرۇچنى تۇنۇپ يىتىپ ئۆزىمۇ ،
گۆدەكلىكنى سەپرانى تۈزەر ئىكەن توي قىلىپ.
ئىگىز قىرلاپ تەككىرنى ئوڭدا يېتىپ يىگەنلەر،
ئۆتنە ئالەم، ئۆي دەپ يەڭ تۈرەر ئىكەن توي قىلىپ.
تويدەك مۇھىم ئىشقىمۇ بىلمەي چاقچاق قىلغانلار،
چوڭقۇر مەنا تەكتىگە چۆكەر ئىكەن توي قىلىپ.
خاتا باشقان قەدەملەر داغدا قويۇپ ئۆمۈرلۈك،
چۆلگە ياپراقلىرىنى تۆكەر ئىكەن توي قىلىپ.
تۈزەلگەنلەر تۈزەلدى بۇزۇلغانلار ئاز ئەمەس،
ئاشنىسىنى قۇچاقلاپ سۈيەر ئىكەن توي قىلىپ.
شەرىيەتنىڭ بابىدا زىنا ئېغىر  جىنايەت،
شەكسىز دوۋزاخ ئوتىدا كۆيەر ئىكەن توي قىلىپ.
خوتۇن- بالا ئېغىزدىن چۈشمىگەنلەر بىر تالاي،
ئارمانلىرى تىرىكلا ئۆلەر ئىكەن توي قىلىپ.
ئەمما ئىللىق ئائىلە ئۇ ئۆمۈرلۈك تەختىڭدۇر،
شۇڭا تېپىپ تەسەللىي كۈلەر ئىكەن توي قىلىپ.
توينىڭ كۆپتۇر خاسىيتى ئۇ شۇنداق بىر چاغلاركى،
لەززىتىنى ھەر يۈرەك كۈيلەر ئىكەن توي قىلىپ.
ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئۇ ئىنسانغا رەسمىيەت،
چىرىغىنى ئەجداتنىڭ پۈۋلەر ئىكەن توي قىلىپ.

مەنبە: ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى

2011.4.28                                                    ۋۇخەندە

                                                  

  بوۋامنىڭ ۋەسىيىتى


بوغۇلغان نەپەستىن سەزدىم ھىدىڭنى،
بۈگۈن كەچ ئالماقچى بوپسەن جېنىمنى.
بەرمەسكە ھەددىم يوق ساقلاپ تۇر ،ئەمما،
ۋاراقلاپ كۆرەي بىر ھايات  بېتىمنى.
ئۇنتۇلماس مىنۇتلار قاپتۇ ، ئەسلىسەم،
بىر -بىرلەپ بالىلىق، ياشلىق چېغىمنى.
مۇجۇشقا ئالدىراپ كەتمە بۇنچىلىك،
كەچمىشلەر ئورنىغان يۈرەك قېتىمنى.
كەلمەكچى دوست- يارەن ، نەۋرە - بالىلار،
جەم بولۇپ دەۋالاي كۆڭۈل سىرىمنى.
< كەچۈرگىن،رەپىقەم، تۇنجى سۆيگۈنۈم،
سىنىڭدىن بۇرۇنراق ماڭغان ئىشىمنى.
بۇ تەقدىر باقمىدى ئەپسۇس رايىمغا،
ئۇنۇت تەڭ كىتىمىز دىگەن گېپىمنى.
قەبرىدە ساقلايمەن بىرگە ئالغاچ كەل،
يار ساڭا تۇنجى رەت يازغان خېتىمنى.
يۈرۈگۈم، تۆۋرۈگۈم قەدىناس دوستۇم،
سەن بولغاچ ئۆتكۈزدۈم  يازدەك قىشىمنى.
يىنىمدىن كەتمىدىڭ يېقىلسام يۆلەپ،
ئىگىلسەم ھەم تىرەپ تۇردۇڭ بېشىمنى.
بىرلىكتە مەن بىلەن ئاشتىڭ تاغ-داۋان،
ئوتلىرىم ئۆچكەندە پۈۋلەپ مېشىمنى.
رازى بول ئالتۇندىن قىممەت دوستلۇققا ،
قىيماستىن  مىڭ كۆزدە تۆكسەم يېشىمنى.
كۆزۈمنىڭ قارىسى تەختىم ۋارىسى،
سەن بولغاچ چاپتۇردۇم بەخىت ئېتىمنى.
ھەر قېتىم چىھرىڭگە باققاندا بالام ،
كۆرگەندەك بولىمەن گۆدەك چېغىمنى.
قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ قۇلاق تۈۋىمدە،
ئەسلەتتىڭ كىپىنەك تۇتقان بېغىمنى.
قايتقاندەك بوپ شۇڭا سەبىيلىگىمگە،
كۆزۈڭدىن ئىزلىدىم ئارمان تېغىمنى.
نەۋايى تۇتقان بۇ قەلەمنى مىراس،
قالدۇردۇم ھەم ئۆلمەس ئىلھام قىزىمنى.
سىنىڭدىن نەۋرەمگە كۆچسۇن داۋاملىق،
خۇشبۇ ئوت ئۆچمىسۇن بېسىپ ئىزىمنى.>
ئاخىرقى تىنىقتىن پۈتتى بۇ شىئىر،
ئەزرائىل ئايرا بەس روھتىن جېنىمنى.
تۇمۇردا ئاققىنى ئاداققى ئارمان،
ئىزىم يوق يوللارغا چاچقىن قېنىمنى .

مەنبە: ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى
2011.4.29                                                ۋۇخەندە
  

                                         

 ھايات

ھەر كىشىگە بىر نۆۋەت كىلەر ئىكەن بۇ ھايات،
قەدىرلىسەڭ قەدرىڭنى بىلەر ئىكەن بۇ ھايات.
رىتىمىغا چۈشۈرۈپ چالالىساڭ كۈيىنى،
يۈرۈگۈڭنى شادلىققا  مىلەر ئىكەن بۇ ھايات.
مەنىسىنى چۈشەنمەي قاقشاپ يۈرسەڭ پەلەكتىن،
قارمىقىغا ھەسرەتنىڭ ئىلەر ئىكەن بۇ ھايات.
تاڭلا ئويناپ يۈرگەن تاي،كەچتە بەلكىم ئاقساقال،
چىڭ تۇتمىساڭ ئالەمدىن يۈتەر ئىكەن بۇ ھايات.
كىمگە كەڭرى كىمگە تار بىلىپ بولماس تېپىشماق،
بىر قىسمەتتە ھەر كىمنى كۈتەر ئىكەن بۇ ھايات.
سەھنىسىدە روللارنى ئۆزۈڭ خالاپ ئالىسەن،
شۇ تاللاشنى ئىنسانغا  بىرەر ئىكەن بۇ ھايات.
ئاچال يولدا ئازدۇرۇپ،جۇت داۋاندا ھاردۇرۇپ،
پات-پات ئىمتاھان ئېلىپ كۆرەر ئىكەن بۇ ھايات.
ئەيلەيدىكەن گۈلىستان چۆللىرىنى تالايلار،
دەل شۇنداقلار پەيزىنى سۈرەر ئىكەن بۇ ھايات.
ئېرىقتىكى لاي سۇدەك ئۆتۈپ كەتسەك ئامال يوق،
پۇشايماننى يەلكىگە ئۆرەر ئىكەن بۇ ھايات.
گاھ يىغلىتىپ غەپلەتتە، گاھ كۈلدۈرۈپ شۆھرەتتە،
كۈتمىگەندە كىنودەك تۈگەر ئىكەن بۇ ھايات.
ئىچ ئاغرىتماس ياش تۆكسەڭ، ئۇ ئەينەككە ئوخشايدۇ،
كۈلۈپ باقساڭ ئەكسىڭ بوپ كۈلەر ئىكەن بۇ ھايات.
ياخشى يازساڭ ئالقىش بار ، يامان يازساڭ قارغىش يار،
كەچمشلىرىڭ پۈتۈلگەن دەپتەر ئىكەن بۇ ھايات.
ئەل- يۇرت ئۈچۈن باسقان ئىز داستان بولسا تىللاردا،
قوتۇر داغنىڭ ۋەجىدىن ئاق يەر ئىكەن بۇ ھايات.
ئۇرۇق-تۇققان دوست- يارەن ئۇ بەختىڭگە تاج، زىننەت،
يالغۇزلۇقتا ئادەمگە خەنجەر ئىكەن بۇ ھايات.
بىرى يوقسۇل بىرى باي، تەڭ بولالماي بەش بارماق،
تىرىكچىلىك غېمىدە ئۆتەر ئىكەن بۇ ھايات.
تۇغۇلۇپ تا ئۆلگۈچە مەيلى ئىسسىق سوغ بولسۇن،
ئاتەش بولۇپ يۈرەكتە كۈيەر ئىكەن بۇ ھايات.
ئەلمىساقتىن ھېچكىممۇ قانغان ئەمەس مىھرىگە،
جىنچىراقتەك بىر يېنىپ  ئۆچەر ئىكەن بۇ ھايات.
گاھ ئوخشايدۇ قىمارغا ئۇتالىساڭ تەلىيىڭ،
ئۇتتۇرۋەتسەڭ قامچا بوپ تىگەر  ئىكەن بۇ ھايات.
قىسقا لىكىن گۈزەل دەپ تەرىپلەيدۇ ئەدىپلەر،
مويسىپىتلەر كۆزىدە گۆھەر ئىكەن بۇ ھايات.
چۈشەندۈرۈپ ھەركىملەر ھەرخىل تەبىر بىرىدۇ،
چۈشكۈنلەرنىڭ سۆزىچە زەھەر ئىكەن بۇ ھايات.
ئوڭ يا تەتۈر پىشانەڭ رىسقىڭ شۇنداق پۈتۈلگەن،
بىر ئويلاشقا رەھىمسىز تەغدىر ئىكەن بۇ ھايات.
ھەر نىمىلەر دىگەنگە چۈشەنسەڭلا تىلىنى،
پىشانەڭگە ئاناڭدەك سۈيەر ئىكەن بۇ ھايات.

مەنبە: ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى

                                                                      ۋۇخەندە    
2011.5.1                                              

 تىل

ھەر قەلىبنىڭ دۇنياسىنى تەسۋىرلەپ،
ھەرىپ بىلەن ئۇپۇقلارغا سىزار تىل.
ئوي -پىكىرنى ئايلاندۇرۇپ تاۋۇشقا،
لەۋلەرگە دۇر مارجان قىلىپ تىزار تىل.

ھىس تۇيغۇنى رىئاللىققا يىتەكلەپ،
تەپەككۇرنىڭ پەرۋازىغا قانات تىل.
دىلدىن دىلغا بوپ ئالاقە كۆۋرۈگى،
سۆيگۈ ،تارىخ، پەندىن بىرەر ساۋات تىل.

ئۇ ھايۋاندىن تۇغدى يېڭى ئىنساننى،
ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۇلۇغ تۇغۇت تىل.
تاشنى شامدەك ئىرىتىپ سۇ ئىچكۈزدى-
كۆڭۈللەرگە، ئوقۇپ ئەپسۇن ،دۇرۇت تىل.

مەنبە: ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى 
                                                                     ۋۇخەندە

2011.5.2

ئەسكەرتىش : خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
YuqunAdam + 500 نادىر ئەسەر بوپتۇ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 500   باھا خاتىرىسى

تۈگىمەيدۇ بۇ ھەۋەس،
ئۆزۈلگىچە تا نەپەس.

‹‹ نۇر ›› ۋىجدان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46474
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5236
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2011-7-3
ئاخىرقى: 2011-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 01:30:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياخشى يېزىپسىز.............ئاپرىن

‹‹ نۇر ›› ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇق ئەركەكلەرچە ياشاپ مىللىتىمىزگە خەلقىمىزگە شان شەرەپ كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەممىمىز ئورتاق كۇچ چىقىرايلى !!

نېمىلەرنى ئويلا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25109
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6407
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 02:31:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

.........

ئادەم ئۆز تەقدىرنى ئۆز بەلگىلە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65250
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4290
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 835 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 04:25:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ! بارىكاللا! ھارمىغايسىز! قەلەم قۇۋىتىڭىز بەك كۈچلۈككەن. ھېسىيات ، تەسەۋۋۇرلار بەك مولكەن . سىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىمۇ؟

دۇنيا سىنىڭكى، خىجىللىق ۋە رەسۋالىق مەڭگۈ شەيتانغا مەنسۈپتۇر، سەن ئاللاھ ئالدىدىلا پاك بولساڭ چەكلەنمەيسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش