ئانامغا مەرسىيە
(ئالاھىدىن ئابدۇرېشىتنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)
(بۇ مەرسىيەنى ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ئانىلارغاھۆرمەت بېغىشلايمەن)
ئانا ، چولدە يىگانە توغراقلارغا يىغلايمۇ ؟
ئۇرۇق-تۇققان تەڭتۇشۇڭ ئامراقلارغا يىغلايمۇ ؟
سەندىن قالغان ئايۋىنىڭ قازناقلارغا يىغلايمۇ ؟
ئانا، تەقدىر قىسمىتى - چاقچاقلارغا يىغلايمۇ ؟
سىېنى مەندىن ئايرىغان تۇپراقلارغا يىغلايمۇ ؟
كۆرەي دىدىم، بالدۇرراق جاپايىڭغا چىدالماي،
‹‹بالام›› دىگەن مېھرىڭڭە، ئاۋازىڭغا چىدالماي،
مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى بار دىدارىڭغا چىدالماي،
يىغلاپ تۇرۇپ تۇغۇلدۇم، پەريادىڭغا چىدالماي،
ماڭا يىگەن شۇ ئاچچىق تولغاقلارغا يىغلايمۇ ؟
سەۋەپكارى بىر ئۆزۈڭ تەۋەللۇتۇم، تويۇمنىڭ ،
سەن ئانىسى مەن ئەمەس، مىللىتىمنىڭ،قوۋمىمنىڭ،
قات قېتىغا سىڭدۇردىڭ ئادەملىكنى قەلبىمنىڭ،
جاراڭلايدۇ ئاۋازىڭ ساداسىدا روھىمنىڭ ،
«ئەللەي بالام» دەپ قاتقان قوشاقلارغا يىغلايمۇ؟
قانلىرىڭ بار يۈرەكتە يۈرۈگۈڭدىن قېتىلغان ،
غۇرۇرۇڭ بار جىسمىمدا غۇرۇرۇڭدىن چېچىلغان ،
تامغۇسى بار ئەجداتنىڭ قوللىرىڭدا بېسىلغان ،
چېچىكى بار گۈلۈڭنىڭ سېغىنچىمدا ئىچىلغان،
باھارىڭدا توزىغان ياپراقلارغا يىغلايمۇ ؟
ئانا ! دىدىم تەلمۈردۇم ئىشىكلەردە دىۋانە ،
تۇپراق بېشى، قەبرەڭدە بولۇپ يۈردۈم پەرۋانە،
بىلمەپتىمەن قەدرىڭنى بولمىغاندا سەرسانە،
قۇرۇپ قالدىم قەلبىمنىڭ چۆللىرىدە يىگانە،
كۆز يېشىمدەك سۈپ-سۈزۈك بۇلاقلارغا يىغلايمۇ؟
زىمىستاندا پەريادىم، باھارىم يوق تومۇز يوق ،
ئانا! دىدىم ئېرىدىم مېھرىبان يوق گۈل يۇز يوق،
ئاق كۆڭلۈڭدەك ئاقاردى چاچلىرىمدا قۇندۇز يوق ،
ئۆچتى قۇياش سامادىن، تۈنلىرىمدە يۇلتۇز يوق،
ئانا، ئۆزۈڭ ياققان شام - چىراقلارغا يىغلايمۇ؟
يۈرۈگۈمدە سەن ياققان چىراقلار بار، نۇرلار بار ،
ماڭا قالغان ئارزۇيۇڭ نىشانىڭ بار، يوللار بار ،
سېغىنچىمدا يېزىلغان داستانىم بار، قۇرلار بار
سۆيۇپ-سۆيۇپ قانمايمەن سەن سۇ بەرگەن قوللار بار،
تاۋاپ قىلىپ تەۋەررۇك ئاياقلارغا يىغلايمۇ؟
غۇرۇرۇڭ بار ئوغلۇمدا، ئىللىقلىقىڭ تەپتىدە ،
ھارمايدىغان كۈچ-قۇۋۋت بويلىرىڭ بار بەستىدە
دۇئايىڭدۇر كاپالەت ئەۋلادلىرىڭ بەختىدە ،
قىزلىرىمدا مىھرىڭ بار، يۇرىكىڭ بار كۆكسىدە،
ئىللىق كۈلكەڭ پارلىغان زىناقلارغا يىغلايمۇ ؟
يىغلاپ كەتتىم بۇقۇلداپ ،قەبرەڭگە قۇچاق ئاچتىم،
بىلەلمىدىم قەدرىڭنى، ئانا دەپ قوشاق قاتتىم ،
سەن قالدۇرغان چەكمەننى، بېشىمغاقويۇپ ياتتىم،
قىلالمىدىم زىكرىڭنى، بوز تورغايغا دان چاچتىم،
روھىڭ مەندىن سورىغان سوراقلارغا يىغلايمۇ ؟
ئىچۈرسەڭچۇ شاھادەت قوللىرىڭدا «بالام!»دەپ ،
بېزىسەڭچۇ جىنازام، گۈللىرىڭدا «بالام!»دەپ ،
كېپىنىمنى تىكسەڭچۇ ،يىپلىرىڭدا «بالام!»دەپ
ئېڭىكىمنى چاتساڭچۇ رومىلىڭدا «بالام!»دەپ،
چۈشلىرىمدە كېرىلگەن قۇچاقلارغا يىغلايمۇ ؟
يەتكۈزەرمەن مۇقەددەس پەرزىڭگە دەپ ئىش باشلاپ،
ياشارمەن دەپ دۇنيادا سېنى يۇدۇپ- ھاپاشلاپ،
لېكىن بالدۇر كەتتىڭغۇ ، مېنى يىگانە تاشلاپ،
ئېسىلدىمغۇ ئانا ! دەپ جىنازاڭنى باغاشلاپ ،
ماڭا بەرگەن ھىكمىتىڭ - ساۋاقلارغا يىغلايمۇ ؟
ئاق كۆڭلۈڭدەڭ ساپلىقنى ئۇدۇم قىلدىڭ نەۋرىگە ،
كۆز يېشىمدا سۇغۇرۇپ گۈل تېرىدىم قەبرىگە ،
ھېچبىر ئازاپ تەڭ بولماس ئانىسىزلىق دەردىگە ،
كۆز يۇممىغاي ئانىلار، نالە قىلدىم تەڭرىگە!،
يۈرىكىمنى ئۆرتىگەن پىراقلارغا يىغلايمۇ ؟
مەنبە: ياۋايى ئىجادىي ئەسەرلىرىمدىن .
بۇ مۇخەممەسنى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىگە تەۋسىيە قىلىمەن .
2011-يىل 6-ماي قەشقەر