مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 926|ئىنكاس: 10

كىم ئۈچۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر كىمنىڭ ئۆزى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2114
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15081
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5254 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:18:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



يۈرىكىم،سەندىن سوراي،چىن سۆزۈڭنى ئېيتقىنا،زادى كىم ئۈچۈن مۇڭلىنىسەن؟ زادى كىم ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىسەن؟
قارىغىنا باھار كەپتۇ،چىرايلىقلىقىغا كۆيۈپ قالدىم-مەن!
نېمىشقا سۆزلىمەيسەن؟ باھار چىرايلىق ئەمەسمىكەن؟ قارىغىنا ئاۋۇ بىر جۈپ كېپىنەككە ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرۈپ بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىپ كەتكىنى!
قارىغىنا،ئاۋۇ گۈلنىڭ ئۇزلىقىغا، خۇشپۇرىقى دىماقنى ياردىغۇ زادى!
قارىغىنا ،ئاۋۇ كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلىكىگە، پىلتىڭلاپ ئوينىشىۋاتقان بېلىق-بېلىجانلارنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنى قانداق قىلاي تېخى!
قارىغىنا،ئاۋۇ تاغنىڭ مەزمۇت،زەبەردەسلىكىگە،بولسا ئادەم شۇ تاغدەك مەغرۇر بولسا-ھە؟!
قارىغىنا ،يايلاقتىكى شادىمان قويچىغا،قۇلاق سالغىنچۇ،نەي ئاۋازىنىڭ يېقىملىقىغا ....
ھەي،سېنى نوقۇپ قويايمۇ،نېمىشقا مېنىڭ گەپلىرىمگە پەرۋا قىلمايسەن؟ سېنىڭ ھېسلىرىڭ ئۆلگەنمىدى-يا؟!
يۈرىكىم،سەندىن ئۆتۈنەي،يوق كىشىلەر ئۈچۈن ئۆرتەنمە،ئۆزۈڭگە قوشۇپ مېنىمۇ قىينىما!
يۈرىكىم ،ئۆتۈنەي،كىم ئۈچۈن ئۈنسىز يىغلايدىغانلىقىڭنى ماڭا دېگىن،مەن بىلىشكە ھەقلىققۇ زادى!
يۈرىكىم ،بولدى قىل ،ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كۈل قىلما،ماڭا سەن لازىم...
يۈرىكىم،سۆزلىگىن،قۇلاقلىرىم سېنىڭ ئۈنۈڭنى سېغىندى...
يۈرىكىم يەنىلا سۈكۈتتە.
مەن ئۇھسىندىم.
يۈرىكىم ئۆزى بىلەن سىرداشتى:
مەن ئۇنى قاچان ئۇچراتتىم،شۇندىن بۇيان گاچا بولدۇم.
مەن ئۇنى قاچان يولۇقتۇردۇم،شۇندىن ئېتىبارەن گاس بولدۇم.
مەن قاچان ئۇنىڭغا قەلبىم تۆرىدىن ئورۇن بەردىم،شۇندىن بۇيان رېئاللىقتىن يىراقلاپ كەتتىم.
مەن قاچان ئۇنىدىن باشقىنى تونۇماس بولدۇم،شۇندىن بۇيان ئۆزلىكىمنى يوقاتتىم.
مەن قاچان ئۇنىڭ ئالىمىگە شەيدا بولدۇم،شۇندىن بېرى ئۆز ئالىمىم چۆلدەرەشكە باشلىدى.
لېكىن ئۇ كىم؟
ئاھ،يۈرىكىم،مېنى قورقۇتما، كىم ئۈچۈن شۇنداق بولدۇڭ،زادى كىم ئۈچۈن؟!
يۈرىكىم يەنىلا سۈكۈتتە.چۈنكى بۇ سوئالغا ئۇمۇ جاۋاب ئىزدىمەكتە...
كىم ئۈچۈن؟


م.م پارلاق
2011-5-5

سەندە يېتۈك تالانت ۋە تولۇق ئىشەنچ بولمىسا ،"ئەدەبىيات"دېگەن "ئېزىتقۇ"غا ھەۋەسلەنمە!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:32:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياحشى يزىلىپتۇ، رەحمەت سىزگە، قولىڭىزعا دەرت كەلمىسۇن

ئاي نۇرلۇق بولغى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10193
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 6058 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:33:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر نادىر ئەسىرىڭىزنى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن،توم-توم ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇش قاچان نىسىپ بولار؟

ئامانلىقىنى پەق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30179
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4320
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 1389 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 12:00:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166] ياخشى يىزىپسىز  ماڭا بەك يارىدى خۇددي كۆڭلۈمدىكىنى بىلىپ قالغاندەك مەن ئۇچۇن يازغاندەك بۇپتۇ

تۇغۇلدۇم چىقتىم بازارغا،ئالدىم كىپەنلىك ياندىم مازارغا.

ئويلانماقتىمەن..

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 26003
تۆھپە نۇمۇرى: 1554
توردا: 6026 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 12:09:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت kahrizat كە 2011-05-05 11:32 PMئەۋەتىلدى :
ياحشى يزىلىپتۇ، رەحمەت سىزگە، قولىڭىزعا دەرت كەلمىسۇن

سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز قازاقچە يېزىقتا يېزىلىپتۇغۇ!
نىمە ئىشكىن، مەنمۇ ۋورد قا خەت يازغام ياكى، خەت تىپى بار يەردىن ar نى تاللىساملا شۇنداق. غ، خ ھەرىپلىرىنىڭ چىكىتى چىققىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ. ئۇ، ئۆ، ئۈ  ساق مۇ چىقمايدۇ. ئې  غۇ زادىلا چىقمايدۇ.
ئىشەنمىسىڭىز قاراڭ:
  ئاعىينىلەر! ئۅستىدىكى ئەسەر ئىنتايىن ياحشى يزىلىپتۇ.
دوستلار: حەتلەرنىڭ مۇشۇنداق بىنورمال چىقىشىنىڭ سەۋەبى نمە؟

http://riziq.cn

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 03:21:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەسلىدە ئۆزەمىنى روھى جەھەتتىن ئىنتايىن قەيسەر ھىساپلايتىم ، لىكىن < ئۇ > قىزنى ئۇچىراتقاندىن كىيىن ........< ئۇ > نىڭ ئۈچۈن قانچىلىغان كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنلىكىمىنى بىلمەيمەن ، چۈنكى مەن <ئۇ>نى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆردىغانلىقىمىنى بىر ئاللاھتىن ۋە ئۆزەمدىن باشقا ھچىكىم بىلمىسە كېرەك !
مەن گەرچە شۇنچە خۇشال يۈرسەممۇ ، < ئۇ >نىڭغا پەرۋا قىلمىغاندەك كۆرۈنسەممۇ ،لىكىن بىر خۇدادىن باشقا ھىچكىم مىنىڭ كۈلكەمىنىڭ كەينىگە يەنە قانچىلىغان ئازابلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ .......
باشقىلار مىنى ( بىغەم ، غەمسىز ) دەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس . مىنىڭمۇ باشقىلارغا بىلدۈرۈشىنى خالىمايدىغان گەپلرىم بار . مەن پەقەت ئالدىمىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يىڭىش ئۆچۈن كۈلۈپ ياشايمەن ...

مەن بەزىدە ۋاقىتنىڭ ئارقىغا يىنىپ ، مەن < ئۇ >قىزغا كۆڭۈل گەپلىرىمنى ئېيتىۋاتقان شۇ پەيتىنىڭ مەڭگۈ توختاپ قېلىشنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن  لىكىن بۇ شىرىن چۈش ، قاملاشمىغان چۈش ، چۈنكى بۇ دۇنيا ئەزەلدىن تەڭشەلگەن جاھان ئەمەستە ؟!...
< ئۇ > قىزنىڭ ئىسمى ، ئىسىمدىكى ھەربىر ھەرىپ يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يىرىگە مەڭگۈ ئويۇلغان ئوخشايدۇ ، مەن ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ، كۆزىگە كۆز نۇرۇم چۈشكەندە ئۈستۈمگە ئىلشتىن قۇرقىمەن ، مەن بۇ رىئالىقتىن قاچىمەن ، لىكىن بۇ يولىنىڭ ھەربىر دوقمۇشىدا گاڭگىراپ قالىمەن ....
بىراق كۆڭلىم يەنىلا <ئۇ>نىڭدىن ۋاز كەچمەسلىككە ئۈندەيدۇ ، ئاۋازىمىنى قۇيۋىتىپ مەن سەندىن ۋاز كەچمەيمەن  دەپ توۋلىغۇم كىلىدۇ ...........................

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35362
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4323
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 06:28:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1142 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 07:57:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى لىرىك يىزىلىپتۇ ،مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم .             

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4264
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8424 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 09:29:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت mutepekkur كە 2011-05-06 12:09 AMئەۋەتىلدى :

سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز قازاقچە يېزىقتا يېزىلىپتۇغۇ!
نىمە ئىشكىن، مەنمۇ ۋورد قا خەت يازغام ياكى، خەت تىپى بار يەردىن ar نى تاللىساملا شۇنداق. غ، خ ھەرىپلىرىنىڭ چىكىتى چىققىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ. ئۇ، ئۆ، ئۈ  ساق مۇ چىقمايدۇ. ئې  غۇ زادىلا چىقمايدۇ.
ئىشەنمىسىڭىز قاراڭ:
  ئاعىينىلەر! ئۅستىدىكى ئەسەر ئىنتايىن ياحشى يزىلىپتۇ.
.......

ئاران بىر يەرنى تەڭشەپسىز، يېنىدىكى كۇنۇپكا تاختىسى بار يەرنى چەكسىڭىز ئۇيغۇرچە، قىرغىزچە دىگەن يېرى بار، شۇنى ئۇيغۇرچىگە تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 12:33:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش