ئۇشبۇ ئەسەر ئۆز ئىجادىيىتىمدۇر
ئاغىينەڭلارنىڭ ئەڭ ئېسىل ئىجادىيەتلىرى ئورۇنلاشقان
ئۇلۇغ ئۆرنەكلىكلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
ئاداشلار: ئەگەر ئېرىنمىسەڭلار، ئىزىڭلاردا ئولتۇرۇپ، ئۇشبۇ ئۆزگىچە ئۈزۈندىلەرنى
ئالدىرىماي، ئەتراپلىق، ئېزىپ ئىچۈرىۋەتكۈدەك ئوقۇپ، ئۇسلۇبۇمنى ئۆگىنىۋېلىشقا ئۈلگۈرۈڭلار.
ئىلىم ئېلىشقا ئاتلىنايلى!
ئادەملەردىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىش __ ئوقۇشنى ئۇنتۇش، ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلىنىشتۇر.
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئېنىق ئىزاھلىدىكى، ئوقۇشتىن ئۇزاقلىشىش، ئۆگەنمەسلىك، ئۈممەتنى
ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ئېزىقتۇرۇپ، ئىنسانلارنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئۆز ئۈستىمىزدىكى
ئامانەتنى ئەسكە ئېلىپ، ئىلاھنىڭ «ئوقۇ!» ئۇسلۇبىدىكى ئۆگىنىشكە ئۈندەيدىغان
ئالاھىدە ئەمرىگە ئېسىلىشىمىز ئىنتايىن ئورۇنلۇقتۇر .
ئالاھىدە ئەھۋالدا ئېرىشكەن ئىمتىيازلار ئوڭايلا ئۇنتۇلىدۇ. ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن
ئادەملەر ئەڭ ئېسىل ئىمتىيازلارغا ئورۇنلاشسىمۇ، (ئۇنىڭ ئۆمرى ئۈنۈمسىزدۇر)
ئاخىرقى ئەجىلىگىچە ئېزىقىپ، ئىگىسىنى ئوبامادەك ئۇنتۇيدۇ. ئۆز ئۈممىتىنى
ئاسمان ئەھلىلىرى ئېرىشەلمىگەن ئىلىملەردە ئوقۇتقان ئۇلۇغ ئۆلىمالار، ئۈمىدكى
ئاسماندىكى ئەڭ ئېسىل، ئىللىق ئورۇنغا ئۇچرىشىدۇ.
ئازاپلىق ئەلەمدىن ئېچىشتى ئىچىم،
ئويلانغاچ، ئۇخلىماي ئۆتتىغۇ ئۈچكۈن،
ئالىملار ئەھلىنى ئېرىنمەي ئىزدەش،
ئوڭۇشلۇق ئۇسۇلكەن ئۆگىنىش ئۈچۈن،
ئۈستىدىكى ئىجادىيىتىمدە ئومۇمەن، ئا، ئە، ئې، ئى، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ ئالاھىدە ئۇسلۇبتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئاجايىپ ئويلاش ئارقىلىق، ئۇلاردىكى ئىزچىللىقنى ئىگەللەپ، ئىبارىلەرنى ئالدىرىماي ئەپلەشتۈرۈپ،
ئۇلارنى ئالماشتۇرىۋەتمەستىن، ئاتلىۋەتمەستىن ئۆز ئورنىغا ئىشلىتىپ، ئالاھىدە ئىجادىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇم.
ئەمدى ئاستىدىكى ئىجادىيەتلەر ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! ئەمدى، ئەسەرنى ئۈستىدىكىدەك ئۇنچىۋۇلا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرمايمەن. ئەمما، ئاۋۋالدىن ئاخىرىغىچە « ئ » ئىبارىسىنى ئەڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىمەن، ئىشەنمىسەڭلار، ئالدىرىماي ئويلانغاچ ئوقۇڭلار!
ئويغىنايلى ئىنسانلار!
ئاللاھ ئەڭ ئاۋۋال ئادەم ئاتىمىزنى ئاپرىدىلەپ، ئۇنى ئاسمان ئەھلى ئىچىدە ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا ئېرىشتۈردى. ئەپسۇس، ئىبلىس ئادەم ئاتىمىزغا ئەگىشىشكە ئۇنىماي، ئاللاھنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئاندىن ئۇ ئادەمدن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئانىمىز ئارقىلىق ئادەم ئاتىمىزنى ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ئازدۇرۇشنى ئويلاشتى. ئىبلىس ئۇ ئىككەيلەننى ئاخىرى ئازدۇردى. ئىككەيلەن ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئۇنتۇپ، ئاللاھ ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرغان ئۆسۈملۈككە ئېغىز ئاچتى. ئاخىرى ئۇ ئۈچى ئاسمان ئەھلىدىن ئايرىۋېتىلدى. ئادەم ئاتىمىز ئىبادەتلىرىدە ئاللاھقا ئىلتىجالاش ئارقىلىق، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئەپۇسىغا ئېرىشتى.
ئۇشبۇ ئىشلار ئادەم ئەلەيھسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاچچىق ئىبرەت، ئاجايىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. ئەمما، ئىنسانلار ئۇشبۇ ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبرەت ئالماي، ئۆز ئىگىسىنى ئۇنتۇپ، ئىبلىسنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئالدىشىغا ئۇچراپ، ئازغىنە ئامەت ئۈچۈن، ئىتىقادىغا ئەسلا ئۇيغۇنلاشمايدىغان ئىشلارنى ئورۇنلىماقتا!
ئىنجىلدا ئەھمەد ئاتالغان، ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان، ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە ئىسلام ئىتىقادچىلىرىنىڭ ئاتامانى، ئابدۇللانىڭ ئوغلى ئاتالغان ئەلەيھسالامنىڭ ئۈممىتى __ ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ ئەخلاقسىزلىق ئاجايىپ ئەۋج ئالماقتا!
ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئوغىرلىق، ئالدامچىلىق، ئۆزىنىلا ئويلاش، ئابروي ئىزدەش، ئىشقىۋازلىق ئورۇنلىرىدا ئويناش، ئاق ئۇكۇلىنى ئۇردۇرۇشتەك ئىتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىمانىنى ئۇنتىغۇزۇپ، ئاخىرەتتە ئازاپقا ئاپىرىدىغان ئەسكى ئىشلارنى ئۆگىنىۋالغانلارمۇ ئاز ئەمەس!
ئارىمىزدا ئىبلىس ئەۋلادلىرىنىڭ ئازدۇرۇشى، ئەقىلسىزلەرنىڭ ئۆگىتىشى ئارقىسىدا، ئاللاھنى ئۇنتۇپ، ئاتىئىزىمنى ئوبدان ئۆگىنىپ، ئىگىسىنى ئىنكارلاۋاتقانلارمۇ ئۇچرىماقتا! ئۇشبۇ ئازغۇنلار ئەقلىنى ئوبدان ئىشلەتمىگەنلىكتىن، ئاقىۋىتىگە ئىشىنەلمەيدىغان ئاللىقانداق ئىدىيىلەرگە ئەگىشىپ، ئۇقماستىن ئۆزلىرىنى ئوتقا ئاتماقتا!
ئۆزۈممۇ ئۇيغۇر ئەۋلادى. ئۈممەت ئىچىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىدىن ئېزىشى، ئەسكى ئاقىۋەتكە ئۇچرىشى ئىچىمنى ئېچىشتۇرىدۇ. ئاكا- ئۇكا، ئاچا-ئىنىلىرىمنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆز ئىتىقادىنى ئەسلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئىنسانىي ئەدەب- ئەخلاقلارنى ئوبدانراق ئۆگىنىپ، ئىككى ئالەملىك ئامەتكە ئېرىشەلىگۈدەك ئادەملەرگە ئايلىنالىشى ئىنتايىن ئىپتىخارلىق ئىشتۇر!
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرى ئۇشبۇ ئەۋلادلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئېسىل ئاخباراتتۇر!
ئى ئەزىز ئىنىم، ئىلگىرىكى، ئاخشاملىرى ئۇۋىلاردا ئاياللار ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ئارام ئالدۇرغان، ئاق ئۇكۇلىنى ئۇردۇرغان، ئىنتايىن ئەسكى ئىشلارنى ئۆگىنىپ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئازاپلىغانلىرىڭىزنى ئۇقساممۇ، ئالاقىمىزنى ئۈزۈشكە ئامالسىزمەن( ئىككىلىمىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ!). ئەسلى ئۆزگىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش ئانچە ئوبدان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما، ئۇخلىسام-ئويغانسام ئۇيغۇرۇمنىڭ ئېسىل ئىنسانلارغا ئايلىنىشىنى ئارزۇلايمەن.
ئى ئىنىم، ئاللاھنىڭ ئەپۇسىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ! ئەگەر، ئەمدى ئۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشماي، ئەسكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ئىتىقادىڭىزنى ئەسلەپ، ئىلىم ئىگەللەپ، ئىلگىرىكى ئەسكىلىكلىرىڭىزنىڭ ئەپۇلىنىشىنى ئۈمىدلەپ، ئادەم ئەلەيھسالامغا ئوخشاش ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز ئىلتىجالىسىڭىز، ئەسكى ئىشلارنى ئەمدى ئۆگىنىۋالمىسىڭىزلا، ئاللاھ ئىلگىركى ئىشلارنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ!
ئۈمىدسىزلەنمەيلى! ئاللاھ ئەڭ ئەپۇچاندۇر!
ئۆزۈمغۇ ئادەتتىكى ئوقۇغۇچى،
(ئۆيۈمدە ئېتىزلىقنى ئوتىغۇچى،)
ئاخىرەت ئۈستىدىمۇ ئويلىنىمەن،
ئەمەسمەن ئۆلۈمۈمنى ئۇنتىغۇچى.
ئا.ئۇيغۇر ئاكىمىز ئېيتتىغۇ: ئويغان!
ئۇخلاپلا ئۆتكۈزمەي ئەلنىمۇ ئويلان.
ئىزىنى ئۇنۇتما ئەجدادلىرىڭنىڭ،
ئىمپىريە ئورناتقان ئىدى ئوغۇزخان.
ئۆزگىگە ئوخشاشلا، ئۆزۈڭمۇ ئىنسان،
ئۇلاردىن ئارتۇقسەن، ئىتقادىڭ ئىسلام،
ئىگەڭدىن ئۈمىدلەن، ئۆزۈڭنى ئايا،
ئۈمىدسىزلىنىشكە ئاشۇرما ئىمكان!
ئى ئۇيغۇر ئەركەكلىرى، ئى ئۈممەتنىڭ ئانىلىرى، ئى ئالىي ئوقۇللارنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، ئى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى! ئەمدى ئۇيقۇمىزدىن ئويغىنايلى!
ئەسەر ئوغرىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش
ئۆتكەندە ئۆز ئىجادىيىتىمنىڭ ئوغرىلىنىپ، ئايرىم ئورۇنلىرى ئۆزگەرتىلىپ، ئۆزگىلەرنىڭ ئىسمىدا ئېلانلانغانلىقىنى ئۇچراتتىم. ئۇشبۇ ئىشنى ئۇزۇن ئويلىنىش ئارقىلىق، ئەسەر ئوغرىلىرىغا ئىككى ئېغىز ئەسكەرتمە ئېيتىپ ئۆتۈشنىڭ ئىنتايىن ئورۇنلۇق ئىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئېسىل ئىدىيىگە ئېرىشتىم. ئەمىسە، ئەسكەرتمىلىرىمنى ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ ئوبدان ئاڭلاڭلار:
ئىلگىرى ئىلىم ئەھلىلىرى ئىچىدە، ئۆزگە ئالىملارنىڭ ئىلمىي ئۇتۇقلىرىنى ئۆزىنىڭكىدەك ئىگەللىۋالىدىغان ئىشلارنىڭ ئاۋۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمدى ئويلىسام، ئەدەبىيات ئەھلىلىرى ئىچىدىمۇ ئەسەر ئوغرىلىرى ئاجايىپ ئاۋۇپتۇكى، ئۆزگىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز ئەسىرى ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئەسلى ئاپتورنىڭ ئىمتىيازىنى ئويلىمايدىكەن.
ئەي ئوغرىلار! ئۆزگىلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى ئىگەللىۋېلىشتىن ئۇيالمامسىلەر؟ ئازغىنە ئابروي ئۈچۈن ئەدەب- ئەخلاقنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ئاشۇنداق ئۇسۇلدا ئابرويغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەركەكنىڭ ئىشىمۇ؟ ئوغىرلىغان ئەسەرنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئويلىغىنىچە ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئىسمىڭلاردا ئاتىۋالساڭلار ئەسلى ئىگىسى ئۇقالماسما؟ ئوغىرلىقىڭلار ئەڭ ئاخىرى ئۆزۈڭلارنىڭ ئەپتىنى ئاشكارىلايدۇ!
ئۇيغۇر ئاتالغان، ئىسلام ئىتىقادىغا ئىگە ئەركەكلەرنىڭ ئوغىرلىق-ئالدامچىلىق ئارقىلىق ئابرويغا ئېرىشىپ، ئۈممەت ئالدىدا ئۈستۈن ئورۇن ئىگەللەشنى ئويلىشى ئاجايىپ ئەخمەقلىقتۇر!
ئاشۇنداق ئەسكى ئىشنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئىسراپ ئەتكەن ئەقىلنى ئۆز ئىشىڭىزغا ئىشلەتسىڭىز، ئىشىڭىزنى ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىدارىدىكىلەر ئالدىدىمۇ، ئۈممەت ئالدىدىمۇ ئابرويغا ئېرىشەلەيسىز. ئىلگىرىكىدىنمۇ ئوبدانراق ئەتىۋارلىنىسىز، ئىشەنچكىمۇ ئېرىشىسىز. ئىشەنچلىك ئادەملەرنىڭ ئىشى ئاسانلا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
ئۆزگىلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى ئوغرىلاش ئۇيغۇر ئەۋلادى ئۈچۈن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىشتۇر. ئوغرىلىق ئادەمنى ئوبدان ئاقىۋەتكە ئاپارمايدۇ! ئۇشبۇ ئىشقا ئۆگىنىۋالغانلار، ئەمدى ئۇ ئىشىڭلارنى ئۇنتۇڭلار! ئۈستىدىكى ئەسكەرتمىنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈڭلار!
ئېھتىمال، ئايرىم ئىنسانلىرىمىز ئۈستىدىكى ئەھۋاللارغا ئىشەنمەيدۇ. ئىشەنمىگۈچىلەرگە ئۆزۈم ئۇچراتقان ئەسەر ئوغرىلىقىغا ئالاقىدار ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆتەي:
ئاستىدىكى ئوبزور ئون ئىككىنچى ئاينىڭ ئىككىسى ئۇشبۇ ئەدەبىيات ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلەر ئوردىسىغا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئەپسۇس، ئۇنى ئەسەر ئوغرىلىرى ئوغىرلىۋالغانلىقتىن، ئىككىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆزگىلەر ئۆز ئىسمىدا ئورۇنلاشتۇرىۋاپتۇ. ئىشەنمىسەڭلار ئادىرىسى ئالدىڭلاردا:
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-25682.shtml
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-36757.shtml
ئۈستىدىكى ئادىرىس ئۆزۈمنىڭ، ئاستىدىكىسى ئۆزگىلەرنىڭ.
ئۇ ئەسەرنى ئۇشبۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپلا ئوقۇيالىشىڭلارئۈچۈن، ئاندىن، «ئ»نى ئوقۇۋېرىپ ئاغرىغان ئاغزىڭلارنىڭ ئۆزگە ئىبارىلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئازراق ئارام ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن، ئۈستىدىكى ئادىرىستىكى ئەسەرنى ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرماقچىمەن:
قىزلارنىڭ قىممىتى قېنى؟
قوشنا- قەۋملەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى قەۋمىمىزنىڭ قەلبىنى قارا قۇيۇندەك قاپلىغانلىقتىن، قىسمەن قىزلىرىمىز قاسماقلارنىڭ قىلىقلىرىنى قارىغۇلارچە قۇبۇل قىلىۋېلىپ، قىممەتلىك قەلىب قەسىرىنى قاتتىق قالايمىقانلاشتۇردى.
قەيەرگىلا قارىساق، قۇلاقلىرىنى، قولتۇقلىرىنى، قورساقلىرىنى...... قەۋمىگە قارىتىپ قويغان قىزلار قاپلىغان. قىسمەن قىزلىرىمىز قاۋاقخانىلاردا، قەھۋەخانىلاردا، قىمارخانىلاردا......قالايمىقان قىلمىشلارنى قىلىپ، قىزلىق قەدىر- قىممىتىنى قۇربان قىلىشماقتا!
قاراپلا قالدىمكى، قەشقەرنىڭ، قۇمۇلنىڭ قىسمەن قەدىر- قىممەتلىك قىزلىرىمۇ، قىلىقسىز قىزلارغا قېتىلسا، قالايمىقان قىلمىشلارنى قاملاشتۇرۇپ قۇبۇل قىلىۋالىدىكەن.
قۇرئاننى قىرائەت قىلىدىغان قىسمەن قارىيلارنىڭ قىزلىرىمۇ قاملاشمىغان قىلىقلارنى قۇبۇل قىلىۋېلىپ، قەلبىنى قارايتماقتا.
قىزلارنىڭ قەۋمىگە قالايمىقان قارىشى، قولتۇقلىشىشى، قۇچاقلىشىشى......قاتارلىق قىلىقسىز قىلمىشلارنى قىلىشى قۇرئاندا قەتئىي قۇبۇل قىلىنمايدۇ! قېلىن قىزلار قىيامەتتە قاتتىق قورقۇنچتا قالىدۇ!
قۇرئاندا قىزلارنىڭ قانداق قىلغاندا قاملاشمىغان قىلىقلاردىن قايتالايدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا قىزلىق قەدىر قىممىتىنى قوغدىيالايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان: ‹‹قىزلار قۇلاق، قولتۇق، قورساق....قاتارلىق قەدىرلىك قىسىملىرىنى قەۋمى قارىيالمايدىغان قىلىپ قاپلىيالىغاندىلا، قىزلىق قەدىر- قىممىتىنى قوغداپ قالالايدۇ.››
قىسمەن قەددى- قامەتلىك قېرىنداشلىرىمىزمۇ قىلىقسىز قىزلارنىڭ قاپقىنىغا قىسىلىپ قېلىپ، قاتتىق قىينالماقتا. قىسمەن قېنى قىززىق قېرىنداشلىرىمىز قىزلارنىڭ قەدىر- قىممىتىنى قوغداپ قېلىشقا قاتتىق قىزىققانلىقتىن، قەپەزلەرگە قىسىلىپ قالدى. قىسمەنلىرى قىپقىزىل قانلىرىنى قۇربان قىلدى!!!
قىلىقسىز قېلىن قىزلار قەۋمىڭلارغا قانداقمۇ قارىيالايسىلەر؟ قىزلىق قەدىر - قىممىتىڭلارنى قاچانغىچە قوغدىمايسىلەر؟ قىيامەتتىكى قاتتىق قورقۇنچنىڭ قارا قۇيۇنلىرىدىن قورقمامسىلەر؟ قەلبىڭلار قانچىلىك قارىداپ قالغان؟؟!!
قىزلىق قەدىر- قىممىتىنى قۇربان قىلغانلار قىلىقسىزلىقنى قايتا قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، قىيامەتكە قايتقىچە قايتا قىلمىسا، قىيامەتتىكى قاتتىق قىززىق قەپەزدىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ.
قېرىنداشلار قاچانغىچە قوپمايسىلەر؟ قىززىق قانلىرىمىزنى قۇربان قىلساقمۇ، قىزلارنى قەدىرلەپ، قوغداپ، قىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەدىر- قىممىتىنى قايتۇرىۋالايلى! قىلىقسىزلىققا قارشى قەتئىي قوزغىلايلى!!!
قولۇم قىززىپ، قولاشماي قېلىۋاتىدۇيا!
قارىغاندا، قەلب قەسىرىمنى قاتتىق قېزىپ، قېرىنداشلارغا قاپىيەلىرىمنى قالدۇرۇپ قويمىسام، قولۇم قەتئىي قولاشمايدىغاندەك قىلىدۇ!
قېرىنداشلار قاپىيەلىرىمنى قۇبۇل قىلارسىلەر؟
ئۇيغۇر ئىبارىلىرى ئاجايىپ ئۆزگىچىلىككە ئىگىدۇر!
ئۇيغۇرچە ئوقۇشلۇقلاردا ئېيتىلىدىغان ئومۇمىي ئاتالغۇلار ئاساسلىقى ئوتتۇز ئىككى ئىبارىگە ئاساسلىنىدۇ. ئۇشبۇ ئوتتۇز ئىككى ئىبارە ئىجادىيەتلەردە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلىمەكتە. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئېلىيوف ئەپەندى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەختەم ئۆمەر، ئابدۇقادىر ئاكاملاردەك ئېسىل ئىنسانلىرىمىز ئۇشبۇ ئوتتۇز ئىككى ئىبارىنى ئۆز ئەسەرلىرىگە ئىلغار ئۇسلۇبتا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچىلىككە ئىكەنلىكىنى ئاممىغا ئۇقتۇردى. ئۇلار ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى ئۇشبۇ ئىبارىلەر ئارقىلىقلا ئاۋامغا ئاڭلىتالىدى. ئۇنىڭدىن ئۆزگە ئالىملارمۇ ئۆز ئىلىملىرىنى ئۇيغۇر ئۈممىتىگە ئاڭلىتىشتا ئۇشبۇ ئىبارىلەردىن ئايرىلالمىدى.
ئۆزگە ئەللەرنىڭ ئەڭ ئۇستا ئىجادىيەتچىلىرىمۇ ئۆز ئىبارىلىرىنى ئۇيغۇرچىدەك ئۇنداق ئېسىل ئورۇنلاشتۇرالماسمىكىن؟!
ئويلايمەنكى، ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇز ئىككى ئىبارىسى ئادەمنىڭ ئېغىزىدىكى ئوتتۇز ئىككى ئاق ئالتۇنغا ئوخشايدىكەن. ئەگەر ئادەم ئېغىزىدىكى ئوتتۇز ئىككى ئاق ئالتۇنىدىن ئايرىلسا، ئالمىغىغۇ ئەسلا ئېغىزى ئۆتمەيدۇ، ئۈزۈم، ئۈژمىلەردىن ئاران ئۇزۇقلىنالايدۇ. ئۇنداق ئادەم ئاشنى، ئۇماچنى ئاران ئىچەلەيدۇ. ئوتتۇز ئىككى ئىبارىمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر ئۇشبۇ ئىبارىلەردىن ئايرىلسا، ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئەتراپتىكىلەرگە ئۇقتۇرالمايدۇ. ئۆز ئىبارىلىرىنى ئۇقمىغان، ئەتراپىدىكىلەرگە ئىدىيىسىنى ئۇقتۇرالمىغان ئۇنداق ئادەم ئۆزگىلەرنىڭ ئەزىزلىشىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر ئاغىزى ئۆتكۈر ئادەم ئالىي ئەمەلدارلارغا ئۇچرىسىمۇ، ئۆز ئەھۋالىنى ئالدىرىماي ئېيتالايدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ئىشنى ئوبدان ئەپلەشتۈرەلەيدۇ، ئاسانلىقچە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمايدۇ.
ئۇيغۇر ئىبارىلىرىدىكى ئىستىلىستىكىنى ئوبدان ئىگەللىگەن ئەدەبىياتچى 10000 ئادەمنىڭ ئالدىدا ئەسەر ئوقۇشتىنمۇ ئىككىلەنمەيدۇ. ئاڭلىغۇچىلارمۇ ئاسانلىقچە ئۇنىڭ ئەيبىنى ئاچالمايدۇ.
ئىبارىلىرى ئوبدان ئىشلىتىلگەن ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنى ئىلھاملاندۇرالايدۇ.
ئۇيغۇر ئىبارىلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئېيتىپ ئاياغلاشتۇرالمايمەن. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭدىكى ئۆزگىچىلىك ئۆزگە ئەللەرنىڭكىدىن
ئارتۇق.
ئەسلىدە ئۆزۈم ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئانچە ئۇستا ئەمەس. ئەمما، ئۇشبۇ ئەسەرلىرىمنىڭ ئاشۇنداق ئېسىل ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ ئاجايىپ ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسىدۇر!
ئۇيغۇرچە ئىبارىلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئەمدىغۇ ئۇققانسىلەر؟ ئۇنداقتا، ئۆز ئويلىغانلىرىڭلارنى ئاشۇ ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئەسەر ئاستىدىكى ئورۇنلارغا ئىنكاس ئورنىدا ئەۋەتىۋېتىڭلار! ئاپتورغىمۇ ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس! ئەسەرنى ئوقۇغاندىكىن، ئېرىشكەن ئىدىيەڭلارنى ئەكەلسەڭلار، ئاپتور ئىنكاسىڭلارنى ئوقۇپ ئۆزىنىڭ ئاداشقان ئورۇنلىرىنى ئېنىقلىۋالسا ئىنتايىن ئېسىل ئىش ئەمەسمۇ؟ ئىنكاسىڭلارنى ئاياپ ئەۋەتكىلى ئۇنىمىساڭلار، ئاپتورلارمۇ ئېسىل ئىجادىيەتلىرىنى ئەۋەتمەيدۇ. ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن، ئىنكاسڭلارنى ئايىماي ئەۋەتىڭلار!!!
ئىنئامغا ئېرىشىدىغان ئەسەرلەرنى ئىلغاش ئەترىتىگە
ئەڭ ئاۋۋال ئۇشبۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئولتۇرغانلارغا ئالىي ئىھتىرام!
ئەمدى ئاساسىي ئىشنى ئېيتسام:
ئۆتكەندە، ئۇشبۇ ئۇرۇندا ئىجادىيەتچىلەر ئىمتاھان ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئىمتاھاندىن ئۆتكەن ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىغا ئىلىكتىرونلۇق ئەسلىھەلەر ئىنئاملىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇقتۇرۇش ئاخىرىدا، ئەسەرنى ئىلغاش ئۈچۈن ئايرىم ئەترەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن. ئەمدىلىكتە، ئاشۇ ئەترەت ئەزالىرىغا ئۆز ئويلىغانلىرىمنى ئېيتىش ئۈچۈن ئولتۇرۇپتىمەن.
ئېسىل ئەسەرنى ئىلغىغاندا ئىملانى ئوبدان ئويلاشقايسىلەر. ئۇيغۇر ئاپتور ئۈچۈن ئۆز ئىملاسىنى ئوڭشىيالماسلىق ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەدەبىياتچى ئاتالغان ئادەم ئەڭ ئاۋۋال ئىملانى، ئىستىلىستىكىنى ئوبدان ئۆگەنمىسە، ئىبارىلەرنى ئۆزگەرتىۋەتسە، ئۇشبۇ ئىملا ئۆزگىرىشى ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشىدىن ئۇزاقلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئالاھىدە ئېيتىمەنكى، ئىملانى ئويلاشقايسىلەر!
ئىككىنچى ئىش، ئېسىل ئەسەرنى ئىلغىغاندا، ئەسەرنىڭ ئۇزۇنلىقىنىلا ئويلىماستىن، ئۇنىڭدىكى ئىبارىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى، ئىپادىلىنىشىنى، ئىزچىللىقىنى، ئوقۇغان ئادەملەرگە ئەكىلىدىغان ئەھمىيىتىنى ... ئويلاشقايسىلەر!
ئۈچىنچى ئىش، ئۇشبۇ ئىنسانلاردا ئومۇملاشقان ئىش __ ئەسەرنىڭ ئىسمىنىلا ئوقۇپ، ئۆزگىچە ئىسىملىق ئەسەرلەرنى ئېچپ، ئادەتتىكى ئىسىملاردىكى ئەسەرنى ئاچمايدىكەن. ئۇنداق ئەھۋالدا، ئايرىم ئېسىل ئەسەرلەرمۇ ئانچە ئوقۇلمايدىكەن.
ئۇشبۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەترەتتىكىلەر ئوبدانراق ئويلاشقايسىلەر!
ئېھتىمال ئۇشبۇ ئەسىرىمدە ئىملا- ئىبارىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇچرىمايدۇ. ئۇچرىسىمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
ئەگەر ئۇشبۇ ئەسىرىم ئۆزگىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇتىۋېلىپ، ئىرپاننىڭ ئىلىكتىرون ئۈسكىنىلىرىگە ئېرىشسەم، ئەڭ ئاۋۋال ئۇشبۇ ئىنئامغا ئېرىشتۈرگەن ئاللاھقا ئەلھەمدۇلىللاھ ئېيتىمەن. ئاندىن، ئۇشبۇ ئىجادىيەتچىلەر ئىمتىھانىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئاللاھقا ئىستىغفار ئېيتىمەن. ئەگەر ئۇشبۇ ئىنئامنى ئوبدانراق ئىقتىسادقا ئايلاندۇرالىسام، ئەڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادنى ئالاھىدە ئىھتىياجلىق ئادەملەرگە ئىنئاملاشنى ئويلىشىمەن.
ئۆزگىلەرنىڭ ئۇشبۇ ئىجادىيەتنى ئاپتورنىڭ ئىزنىنى ئالماستىن، ئۆز ئىسمىدا ئۆزگە ئەدەبىيات ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىۋالماسلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمەن.
ئەمەلدارلارغا: ئۇشبۇ ئەسەرنى ئالدى ئىكرانغا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئەسەرنى ئۆز ئىختىيارىڭلارچە ئۆزگەرتمىگەيسىلەر! ئەگەر ئۆزگەرتىپ، ئەسەردىكى ئىبارىلەرنىڭ ئىزچىللىقىنى ئۆزگەرتىۋەتسەڭلار ئاقىۋەتكە ئۆزۈڭلار ئىگە!
ئەزىز ئاغىينىلىرىم: ئۈستىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ئاياغلاشتۇرغىچە ئاغزىڭلار « ئ »غىلا ئۆگىنىۋېلىپ، ئۆزگە ئەسەرلەرنى ئوقۇيالماسلىقىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن. ئۇشبۇ ئېھتىماللىقنى ئويلاپ، ئەسەر ئاخىرىغا ئۆزگە ئىبارىلەردىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىجادىيەتلىرىمدىن ئازراق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشتىم.
ئەمدى ئاستىدىكىنى ئوقۇپ، ئېغىزىڭلارنى ئەسلىگە ئەكىلىۋلىڭلار!
مىسرانىمغا مەدھىيە
مىسرانىم مۇنبىرى مەملىكەت مىقياسىدىكى مىللىيچە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ مۇنەۋۋىرىدۇر! مەزكۇر مۇنبەردىكى مەزمۇنلارنىڭ موللىقى مۇنبەرداشلارنى مەھلىيالاپ، مۇنبەر مەستانىلىرىنى، ماھىر مەشقاۋۇللارنى، مۇئەللىملەرنى، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى، مۇھەررىرلەرنى، مۇشائىرىچىلارنى، مۇنەۋۋەر ماقالىچىلارنى.... مۇنبەرگە ماكانلاشتۇردى. مەزكۇر مۇنبەردە مېھمانلارمۇ مول!
مۇنەۋۋەر مۇھەررىر، ماھىر ماقالىچىلاردىن «مەڭگۈتاش» مۇئەللىمدەك مەشھۇرلارمۇ مەۋجۇت. «مەڭگۈتاش» مىسرانىمدىكى مۇنبەرداشلارنىڭ مەۋھۇم مۇئەللىمىدۇر! «مەڭگۈتاش»نىڭ مۇنبىرىمىزگە ماكانلىشىشى مېنى مەمنۇنلاندۇردى. «مەڭگۈتاش» مۇئەللىم مۇنەۋۋەر ماقالىلىرىنى مەزگىل-مەزگىلىدە مۇنبەرگە ماڭدۇرغاي!
مىسرانىم مەلىكىلىرىدىن مېھرىزات، مۇسىلىنە... لەر مۇنبەرنىڭ ماھىر مۇشائىرىچىلىرىدۇر! مەزكۇر مەلىكىلەر مىسرالارنى ماسلاشتۇرۇپ، مۇنبەر مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، مەندەك مۇشائىرە مەستانىلىرىنى مەپتۇنلىدى.
مېنىڭ مەقسىتىم: مۇنبەردە مۇھاببەتنىلا مۇشائىرىلەشمەي، مىللەتنى، مەدەنىيەتنى، مەنىۋىيەتنى..... مۇشائىرىلەشسەك، مېنىڭچە مۇشائىرە مەزمۇنى مۇكەللىشىپ، مەنىۋىيىتىمىز موللىشىدۇ.
مىسرانىم مۇنبىرى مېنىڭ مەھەللەم. مىسرانىم مۇنبىرى مۇكەممەل مۇنازىرە، مۇھاكىمە مەيدانىدۇر. مۇنبەرداشلارنىڭ مىسرانىمغا مەركەزلەشكەنلىكىنى مۇبارەكلەيمەن!
مۇنبەرنىڭ مۇكەممەللىشىشى مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ موللىشىشىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر! مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەر مەسئۇللىرىغا ماسلىشىشى مۇنبەرنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە مەنپەئەتلىكتۇر!
مۇنبەرنىڭ مىللىتىمىزنى مەنپەئەتلەندۈرەلىشى، مۇنبەرداشلارغا مۇناسىۋەتلىك. مۇنبەرداشلار، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مەزمۇننى موللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرەيلى!
مەزكۇر ماقالە مىسرانىم مۇكاپاتلىق ماقالىلار مۇسابىقىسىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇلدى.
مەنبە: مۇتەپەككۇرنىڭ مېڭىسى
مەنپەئەتلەنگۈچىلەر: مىسرانىم مەستانىلىرى
مەزگىلى: ماي مەۋسۇمىدىكى مەلۇم مىنۇتلار