 |
 |
 |
 |

يىگىرمە تۆت كۋادىرات مېتر-
تۆت كىشىگە تەئەللۇق دۇنيا.
بۆلىۋالسام تۆتتىن بىرىنى-
تەۋە بولار پەقەت ماڭىلا.
ئاھ،مېنىڭكى كىچىك دۇنيايىم-
چوڭ ئارمانلار سىغىدۇ ئەمما!

ئەقىدىدىن پۈتتى تاملىرى،
دېرىزەمنىڭ ئىسمى پەزىلەت.
تۆر-پەگاغا ئايرىغىنىم يوق،
باراۋەرلىك ئۇنىڭغا زىننەت.
تورۇسىدا پاكلىك-پاكىزلىك-
شۇ ئەمەسمۇ ئۆيدىكى قىممەت؟!

قوشنام ئويۇن سۇندى بىر چىنە،
بوسۇغىدا ياندۇردۇم ئەمما.
"ھېق تۇتىمەن ئويۇننى يېسەم-
كۆڭلىڭىزگە رەھمەت-ھەشقاللا!
يەۋاتقىنىم ئىجتىھات ئىدى-
ئۇسۇپ بېرەي كۆڭلىڭىز تارتسا..."

قىزارغاندا قوشنام يۈزلىرى-
دۇنياسىنى ياسىدى قايتا.
ئورتاق بولدى بىزدىكى ئارمان-
بۆلۈنۈشكە قالمىدى بانا.
بۇزىۋەتتىم تاملىرىمنىمۇ-
كىچىك دۇنيا چوڭلىدى مانا!
م.م پارلاق
2011-5-4
|
 |
 |
 |
 |
|