مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1036|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇرچە خەتلىك ناخشا فىلىم تەرجىمە قىلغۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۆرەيار

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9719
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4793
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 3502 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 07:59:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش قىزغىنلىقنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ،نۇرغۇنلىغان فىلىملەر تەرجىمە قىلىنىپ مەيدانغا كەلدى.جۈملىدىن مەنمۇ بىكار قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئانچە-مۇنچە قىسقا تەرجىمىلەرنى قىلىپ يوللاپ تۇرىمەن. بۇ يەردە سىز نىمە دىمەكچى دېسىڭىز ،  گەرچە قىزغىنلىق بولغان بىلەن بەزىبىر تەكرار تەرجىمىلەر ۋە سۈپەتسىز تەرجىمىلەرمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى،مۇشۇ ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ شۇ ئالدىنقى سەپتىكىلەرگە  رەھمەت ئېيىتماقچى ۋە تەكلىپ بەرمەكچى.
ئالدى بىلەن ئىنتىل-بىلىك تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن باشلانغان بۇ قوشۇن ھازىر بارغانسىرى كېڭىيىپ بىرقانچە گۇرۇپپىلارغا چوڭايدى.قۇتلۇق تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى،شاھ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى،نۇر ئىسلام گۇرۇپپىسى ئاق كەپتەر گۇرۇپپىسى ۋە يېرىم يولدا يىراققا ئۇچۇپ كەتكەن ئاق بۈركۈت گۇرۇپپىسى قاتارلىق مەخسۇس شۇغۇللىنىۋاتقانلار ۋە باشقا ئۇيغۇربەگ ،تۈمەنى  قاتارلىق شەخىسلەر ۋەكىللىرى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.  ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئىسمى ئاتالمىغانلارمۇ بار .
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇنىڭدا ئاۋاز ئۈنۈمىگە تەسىر يەتمەسلىكى ۋە چىقىمنىڭ ئاز سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولىشىدۇر...ھازىر شۇغىللىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز تەرجىمە ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ،ئانا تىلنىڭ ھوزۇرى ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتقانلار....گەرچە بۇ تېخى دىيارىمىزدا قوشۇمچە ئورۇندا تۇرسىمۇ كىيىنچە ئاۋازلىق تەرجىمىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ۋە شۇ يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشى تامامەن مۇمكىن،بولۇپمۇ ئۇنىڭ يېزىقىمىزنى قوغداش ۋە تىل ئۆگىنىش جەھەتتىكى ئۈنۈمى ئالاھىدە زور.شۇڭا سىلەرنىڭ ھەرقېتىم ئۇيغۇرچە تەرجىمە فىلىملەرنى كۆرگىنىڭلەردە كۆڭلۈڭلىدە بولسىمۇ شۇ تەرجىمە قىلغۇچىلارغا رەھمىتىڭلارنى بىلدۈرۈپ قويىشىڭلارنى سەمىمىي سورايمەن،ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ئاسان قىلسۇن.
گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەم،خەتلىك تەرجىمە قىلغۇچىلارغا بولغان تەكلىۋىم تۆۋەندىكىدەك:
1. سىز ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم-ناخشا ئىشلىمەكچى بولۇڭ،چوقۇم ئەستايىدىل بولۇڭ،چوڭ تىپتىكى كىنولارنى تەرجىمە قىلغاندا چوقۇم يەنەبىر قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن بولسۇن.بولمىسا ئاتايىن چەككەن جاپايىڭىز نۆل بولمىسمۇ ئىشقىلىپ بىر يەرگە بېرىپ قالىدۇ...
2.تەرجىمە قىلماقچى بولغان ناخشا كىنولارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ،قاملاشمايدىغان يەرلىرى كۆپمۇ، بارمۇ-يوق.مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئويلىنىڭ ،تەرجىمە قىلىشىڭىزغا ئەرزىمدۇ-يوق.بىزنىڭ مەدەنىيەت قارىشىمىزغا مۇناسىپ ئەمەس مەزمۇن-ۋە سۈرەتلەر بولسا ئاستە چېكىنىڭ
3.ئاساسلىق تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا ۋە سىن بەتلىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ تەرجىمە قىلماقچى بولغان نەرسىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
4.تىل سەۋىيىڭىز ئادەتتىكىچە بولسا ئالدىراپ ناخشا ۋېدىئولىرىنى تەرجىمە قىلىشقا ئېسىلىۋالماڭ.گەرچە كۆپ بولسىمۇ كىنو تەرجىمىسىنى قىلىڭ.چۈنكى،كىنودىكى سۆز-جۈملىلەر تۇرمۇشتا دائىم ئىشىلتىلدىغان سۆزلۈكلەردىن تەشكىل تاپىدۇ،ھەم سىزنىڭ ئەستايىدىل تەرجىمە قىلغاندىن كىيىنكى تىل سەۋىيىڭىزنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ،ناخشا تېكىستلىرى شېئىر دىمەكتۇر بۇنداقچە بولغاندا سەل قىيىن توختاپ قالىدۇ.
5.تەرجىمە قىلغاندا گىرامماتىكا قىسمىغا دىققەت قىلىڭ، بولۇپمۇ ئېنگىلىز تىلىدا 16خىل زامان شەكلى بار،گەرچە سۆزلۈك ئوخشاش بولغان بىلەن ھەرخىل مەنالارنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ.
6.ئىملا،بۇنى ئارتۇقچە دېمەي،سەۋىرچان بولۇڭ،ئىككىلىنىپ قالغاندا تور لۇغەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىڭ ،ئۇنىڭدىكى ئىملا بىرقەدەر توغرا بولغان بولىدۇ.
بۇ توغۇرلۇق مۇشۇنچىلىك توختىلىپ تۇراي،ئەسلى، تېخى يېزىشنى باشلىمىغان بىلوگىمدا يازماقچى بولغان يازمىلارنىڭ بىرى ئېدى،بىراق بۈگۈن قېرىندىشىمىز تۈمەنى يوللىغان بىر خەتلىك تەرجىمە مېنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى،قالدىسىنى بىلوگىم ئىشقا كىرىشكەندە شۇنىڭداتەپسىلىي توختىلاي.
 ئەمدى بۇ يازمىنىڭ ئىسپاتى بۇلمىش تۆۋەندىكى ئىككى سىننى ھوزۇرىڭلارغا سۇناي.1-سى مېنىڭ تەرجىمەم، مۇنداقچە ئېيىتقاندا نىسبەتەن توغرىسى ،سىن تورلىرىغا يوللىنىپ بولغان بولسىمۇ ئېلان قىلىنمىغان كىيىن بىلوگدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئىدىم،2-سى بۈگۈن بايىلا يوللانغان كىيىنكى ئارتۇقچە ئەمگەك،بەزىبىر زامان شەكىللىرىدە دىققەت قىلىنمىغان،سەل ئالدىراپ ئىتتىكلا تەرجىمە قىلىپ ساپتۇ.قېنى مەرھەمەت:


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
OZTURK02 + 111 دىگەنلىرىڭىز  ئورۇنلۇق قىرىندى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 111   باھا خاتىرىسى

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574675
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 08:56:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام... [s:173]
بۇ ھەقتە تولىمۇ ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز [s:166]


↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26007
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 5273 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 09:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلغان ناخشىڭىزنى تۇنجى بولۇپ كۆرگىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن .  گەرچە مەن ئىنگىلىزچىنى بىلمىسەممۇ تەرجىمىسى ياخشى چىقىپتۇ دەپ قارايمەن .   جاپا چىكىپسىز كۆپ رەخمەت .  يەنىمۇ ئالغا !!!!!!!!!    [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئادەم يېنىدىكى ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2676
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7485
تۆھپە نۇمۇرى: 374
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 09:13:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بۇ يازمىنىڭ ئىسپاتى بۇلمىش تۆۋەندىكى ئىككى سىننى ھوزۇرىڭلارغا سۇناي.1-سى مېنىڭ تەرجىمەم، مۇنداقچە ئېيىتقاندا نىسبەتەن توغرىسى ،سىن تورلىرىغا يوللىنىپ بولغان بولسىمۇ ئېلان قىلىنمىغان كىيىن بىلوگدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئىدىم،2-سى بۈگۈن بايىلا يوللانغان كىيىنكى ئارتۇقچە ئەمگەك،
___________-
ئارتۇقچە ئەمگەك دىگىنىڭىز بولماپتۇ ،تەرجىمە قىلغۇچى سىزدىن ھەر ۋاقىت سوراپ يۈرمەيدۇ ،ھەممە يەرگە ئىلان چىقىرىپ يۈرمەيدۇ ماۋۇ نەرسىنى تەرجىمە قىلماقچى ئىدىم ،كىم تەرجىمە قىلىپ بولغان دەپ ،سىزئىلان قىلماپسىز دە ئۇنى .ئىلان قىلىپ بولغان بولسىڭىز تەرجىمە قىلماس بولغىيتى؟ باشقىلارنىڭ ئۈن-تنسىز ئەمگىكىگە ئۇنداق سۇغۇق سۇ سەپمەيلى .

گېنرال بولىشنى ئويلىمىغان موزدۇز ياخشى ناۋاي ئەمەس...

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11477
تۆھپە نۇمۇرى: 1750
توردا: 5676 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 09:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىلا ناخشىدىكى تەرجىمە خەتلەر بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدىكەن،لېكىن ئاساسلىق مەزمۇننى ئوخشاش دىگىدەك ئىپادىلەپتۇ.پەرىق چوڭ ئەمەس ئىكەن!!!
مىنىكى تىلىكىم بولسا مۇشۇنداق تەرجىمانلىرمىز كۆپلەپ چىقىپ ئەڭ يىڭى پايدىلنىش قېممىتى بار،كىنو،خەۋەر،ناخشا دىگەنلەرنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلىرمىز يۈز كۆرۈشتۈرۈپ تۇرسا دەپ ئويلايمەن.

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 2773
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41041
تۆھپە نۇمۇرى: 4334
توردا: 6935 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 10:00:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونا نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلماڭلار باللا !
مەن بىر بىلوگ ئاچماقچى، مەخسۇس ئىنگىلىسچە ناخشىلار يوللىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىدىغان.
مۇشۇ ھەقتە ماڭا ياردەم بېرىدىغان باللار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا..

كۈلۈپلا قويىمەن خالاس.....

ئادەم يېنىدىكى ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2676
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7485
تۆھپە نۇمۇرى: 374
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 10:08:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ دىمەكچى بۇ يەردە ئىسمىنى ئاتاپ گەپ قىلسىڭىز بەلكىم دوست بۇرادەر دۈشمەنلىرى باردۇ ؟  ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىرخىل بولۇپ قالىدۇ ،مېىڭچە ئۆزىمۇ قەستەن سادىر قىلىمىغان بولىشى ئېھتىمال .نۇقسانسىزلىق دىگەن ئىنسانغا خاس ئەمەس .شۇڭا ئۆزىگە ئايرىم دىگەن بولغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن ؟ ھازىىرقى ئۇسۇلىڭىز مېنىڭچە تۈمەنى گۇرۇپىسىغا ئەكىس تەرىسر بېرىشى مومكىن .قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئويلاپ باقارسىز .ئارتۇقچە گەپ قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ .(تۈزۈك چىراي ئىپادىسى يوقكەن ،ئاخىردا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)

گېنرال بولىشنى ئويلىمىغان موزدۇز ياخشى ناۋاي ئەمەس...

بۆرەيار

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9719
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4793
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 3502 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 10:28:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (gunes) نىڭ يازمىسىغا

مەن بۇ نۇقتىلارنى ئويلىماپتىمەن،ئۇ قېرىندىشىمىز بىلەن ئوخشاش پىكىردا ئىكەنلىگىمدىن سۆيۈنىمەن، ئەگەر راسىت شۇنداق تەسىر بەرگەن بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنى يۇيىۋېتىشىنى ئۆتىنىمەن، ئۇ دوستىمىزنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن.رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1028
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8981
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 6120 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 11:00:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا تىلدىكى ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىدىغانلار مىنىڭچە ناخشىنىڭ سۆز جۈملىسىنى ئەمەس مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلساڭلا ... يازمىدا ئېيتىلغاندەك . ئىنگىلىز تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ئادەتتىكى جۈملىلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپسىمۇ ئەمما ناخشا تىكىستىدە كۆپىنچە گىرامماتىكا سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەستىن ھىسىيات ئىپادىلەشنى ئاساس قىلىدۇ . بەزىدە سۆزلەر كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ .
يۇقارقى سۈئەتلىك فىلىمنى ئىلىپ ئېيتسام . گەرچە تولۇق ئاڭلىمىغان بولساممۇ ، ( تايلېر سىۋىفت نىڭ ناخشىلىرىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن . ) مۇھاببەت ناخشىسىكەن . تىكىستىدە رومىئو بىلەن جۇلىتانىڭ ئىسمىنى كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىپتۇ . بىلىشىڭلار مومكىن ، رومىئو بىلەن جۇلىتا ياۋرۇپا تىياتىرچىلىقىدىكى تەسىرلىك مۇھاببەت ھىكايىسى ، ئەمما ئۇنى بىلىدىغانلار قانچىلىك ؟ ناخشىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭدىكى مەزمۇننى تولۇق چۈشىنىدىغان كىشىلەرگە سۇنمايمىز ھەقچان . تىكىستىدە دىيىلگەن بويىچە رومىئو ، جۇلىتا دەپتۇ دەپ شۇ بويىچە تەرجىمە قىلساق ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز كىشىلەردە يىڭى بىر ئۇيغۇرچە سۆز يارىتىلغاندەك تەسىر بىرىپ قويساق توغرا بولماس . مىنىڭچە بىزدىمۇ رومىئو ، جۇلىتادىن قىلىشمىغۇدەك مۇھاببەت ھىكايىلىرى ۋە قەھرىمانلىرى بار .  غىرىپ سەنەم ، لەيلى مەجنۇنلارنىڭ ھەرقانداق بىرى بىلەن ئالماشتۇرساق ئەسلى ئاپتۇر ناخشىدا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى ئەسلىدىكىدىن ئاشۇرۇپ ئىپادىلىسە ئىپادىلەيدۇكى ھەرگىزمۇ كەم قالمايدۇ . ئەلۋەتتە ئەڭ مۇھىمى رومىئو ، جۇلىتادىن خەۋەرسىز تىڭشارمەنلەرمۇ ناخشىنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا رومىئو جۇلىتاغا قاراپ گاڭگىراپ قالمايدۇ . ئەلۋەتتە بۇ پەقەتلا مىسال ئۈچۈن . چوقۇم شۇنداق بولۇشى كىرەك دىگىنىم يوق . پەقەت ناخشىنى مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلساق .
قايسى بىر كىشىنىڭ قىلغان بىر ئىغىز سۆزى ئىسىمگە يەتتى .
تەرجىمانلىق ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى تەرجىمە قىلىش ئەمەس . ئۇ ئەسلى ئاپتۇرنىڭ ئىددىيىسىگە سادىق ھالدا يىڭىدىن يارىتىش .
     
زۇلپىقار ئەپەندىم تەرجىمە قىلالايدىغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلا ، بلوگ قۇراتتىم دەپسىز . سىزگە قانداق ياردەم لازىم بىلمەي قالدىم . تەرجىمە دىسىڭىز مەن قىلالايمەن . تەرجىمە قىلىنغان تىكىستنى سۈرئەت بىلەن بىرىكتۈرۈپ تەھرىرلەش دىسىڭىزمۇ قولۇمدىن كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
ئەگەر ماڭا ياردەم قىلساڭلا بۇ ئىشنى قىلىش خىيالىم بار ئىدى دىسىڭىز مىنىڭچە ۋاز كەچكىنىڭىز تۈزۈك . چۈنكى مىنىڭ تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا بۇ ۋاقىتقا بولغان تەلىپى ناھايتى چوڭ ئىش . ئۆزىڭىز سىناپ ، ئەمىلى تەجىربىگە ئىگە بولمىسىڭىز باشقىلارنىڭ ياردىمىمۇ ۋاقتى كەلگەندە چەكلىك بولۇپ قىلىشى مومكىن .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ياردەم قىلالايدىغانلارنى سىزنى ئىزدەشنى بۇيرۇپسىز . قائىدە بويىچە ياردەم سورايدىغان ئادەم ياردەم قىلالايدىغانلارنى ئىزدىسىڭىز توغرا بولاتتى . ياردەم سورايدىغانلارنى قەيەردىن ئىزدەيمەن دىسىڭىز ئەلۋەتتە مىنىڭ جاۋابىم ئىزدىمەيلا قويۇڭ .
ئەگەر مەخسىدىڭىز ھەمكارلىشىپ شۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنى ئىزدەش بولسا ، شۇنداقلار
بىلەن مىنىڭمۇ تونۇشقۇم ، ھەمكارلاشقۇم بار .
QQ : 475086719
گىپىم ئىغىر كەتكەن بولسا رەنجىشمىگەيسىزلەر .

ئىلغار ئەلنىڭ باللىرى بىر - بىرىنى پالۋان دەيدۇ ، گۈمراھ ئەلنىڭ باللىرى بىر - بىرىنى گالۋاڭ دەيدۇ ...

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 2459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195823
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 11:21:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەرجىمە  ھەققىدە http://xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=41&TopicID=2725  بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ قويۇش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/
دەۋرانج بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 12:39:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5697
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 6943 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 01:01:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا  باللا مۇشۇنداق تەرجىمى كىنو   ناخشا  دىگەندەكلەنى تەرجىمە قىلغاندا  چوقۇم  خەتنىڭ چوڭكىچىكلىگەىگە  دې قەتقىلسا  بەك كىچىك بولسا  ئۇقۇپ بولالمايدىكەن   [s:141]  [s:141]

گۇنا   قىلىپ  ھالى قالمىغاندا ئاندىن تۆۋەقىلدۇ  

ھەجەپ بىر ئېيتىلغانگەپكەن بۇ  ھەي ........

dunyabirgabir

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38031
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 276
تۆھپە نۇمۇرى: 55
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2011-4-18
ئاخىرقى: 2011-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 04:45:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىلمەيمەن قانداق  ئۇ   [s:152]

دىلگر

بىز بۇ دۇنياغا م

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4726
يازما سانى: 1087
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12489
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 5607 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 09:21:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ  بۇنداق  .  ھىسياتلىق تەرجىمە  قىلىنغان .  ناخشىنى ئاڭلىغىنىمدىن  بەك خۇشال  بولدۇم .  مىنىڭ  تۇنجى قىتىم ئاڭلىشىم .  بولسا  كوپلەپ  تەرجىمە  قىلىپ
يوللاپ  تۇرسىڭىز  .  ئاڭلاپ  تۇرساق

پۇل قىزلىقىنى مەڭگۇ يوقاتمايدۇ . مەن يول ماڭغاندا يامغۇر ياققان بولسا كۆز يىشىمنى ھىچكىم كۆرمىگەن بولاتتى.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24023
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5166 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 12:35:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازغۇن دىگەن كىنونىڭ 72 ـ قىسمىنىڭ ئاخىرىنى تەرجىمە قىلىپ بەرسەڭلەر بۇلاتتى ...  [s:154]  [s:154]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش