مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 900|ئىنكاس: 11

ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىغا خىتاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

*ئاللاھ گۇناھلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36464
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2733
تۆھپە نۇمۇرى: 227
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 06:21:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىغا خىتاپ


ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئسمى بىلەن باشلايمەن . گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغا، ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق كىشلەرگە بولسۇن ! ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان سىڭلىم! سىز ئىسلام تەلىماتلىرىنى ئۆزىڭىزگە يېتەكچى قىلىپ، شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلماي تۇرۇپ، نىشان قىلغان كامالىتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز ۋە ئالىي ئورنىڭىز ۋە يۇقىرى مەرتىۋىڭىزنى ساقلاپ قالالمايسىز. ئىسلام دىنى بولسا سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتكە تولغان مۇھەببەتنى ئورنۇتۇشقا، بارلىق رەزىللىكلەردىن ساقلاشقا ھەقىقىي تۇردە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. قەدىرلىك سىڭلىم ! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئالقىشقا ئېرىشەي دىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقىڭىزنى ساقلاپ قىلىڭ. ئائىلىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇشقا بەكرەك كۆڭۈل بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزدە ئۈلگىلىك ئانا بولۇشقا مۇناسىپ سۈپەتلەرنى يېتىلدۇرۇشكە تىرىشىڭ، شۇندىلا چوقۇم پەخىرلىك ئانا بولۇپ ئۆز بەختىڭىزنى تاپىسىز. باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنەي دېسىڭىز، پۇتۇن بەدىنىڭىزنى ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە يۆگەشكە سەل قارىماڭ. ئىپپىتىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ، شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادا يۇزىڭىز يورۇق بولىدۇ ۋە تۇرمۇش يولدىشىڭىزنىڭ يۈزىگىمۇ تەبەسسۇم بىلەن قارىيالايسىز. جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى بىر يىرگىنىشلىك ئەخلاقسىزلىقلارغا ئاۋاز قوشماڭ . بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« ئىي ئاياللار! سىلەر ئۆز ئائىلەڭلەرنى ئاۋات قىلىڭلار. ئىپتىدائىي نادانلىق دەۋرىدىكىدەك ئۆزۇڭلارنى بازارغا سىلىپ يۇرۇپ يىرگىنىشلىك ئۆتمۈشنى تەكرارلىماڭلار» يەنە بىر ئايەتتە: « ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۇركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئۆرىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھۈر ئاياللار ئېكەنلىكى ئەڭ ئوڭاي تونىلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ بەندىلەرگە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» ئەھزاب سۈرىسى 59- ئايەت. بىر پۇتۇن ئىسلاھات ئۈچۈن كەلگەن ئىسلام دىنى پاك ۋە ساغلام، ھەقىقىي ئىنسانى پەزىلەتكە تولغان گۈزەل جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھايۋانىي شەھۋانىيلىققا تولغان بۇزۇق، ئىنسانىي ئەخلاقتىن چەتنىگەن جەمئىيەتكە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئىنكار قىلىدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلسا ئۇلاردىكى پاكلىق ۋە ئاياللارغا خاس نازاكەت دەپسەندە قىلىنغان بولۇپ، شۇ جەمئىيەتتىكى ئەرلەرنىڭ بۇزۇلىشى ئەخلاقتىن چەتنىشى دىنىي ۋە مىللىي غۈرۈرنىڭ يوقىلىشىدىكى ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئاياللار پاك ۋە ئىپپەتلىك، ھايالىق، ئىتىقاتلىق، غۈرۈرلۇق، ھەقىقەتپەرۋەر، مىللى ئۆرپ-ئادەتنى ھۆرمەتلەيدىغان بولسا، پەرزەنتلىرىمىزمۇ يۇقىرىدىكى ئۆلچەم بىلەن تەربىيلىنىدۇ ۋە كىلىچەك جەمئىيىتىمىزدە ياراملىق يېتىشكەن ئوغلانلارنىڭ بارلىققا كىلىشىدە گەپ يوق؛ چۈنكى، جەمئىيىمىزدىكى قىز-خانىملار مىللەتنىڭ ئانىسى ۋە تەربىيچىسى. تەربىيچى يېتەرلىك ئەخلاققا ئىگە بولسا تەربىيلەنگۈچى ئەلبەتتە بۈيۈك پەزىلەت ئىگىسى بولۇپ چىققۇسى. ئىسلام دىنى ئاياللارغا ئالاھىدە ئىتىبار بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ھۆزۇرلىنىدىغان ماددىي نەرسىلەرگە ئوخشاپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، گۈزەللىككە بېرىلىشنى باھانە قىلىپ، پۇت-قوللىرىنى، مەيدىلىرىنى، چاچلىرىنى، ئومۇمەن قايسى بىر يەرلىرىنى ئوچۇق قويۇشقا قەتئىي يول قويمايدۇ. مانا بۈگۈن بىزنىڭ بەزى قىز خانىملىرىمىز ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىپ گۈزەل نازۇك جىسىملىرىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك، چاچلىرى ئوچۇق، بەدەنلىرى يېرىم يالىڭاچ ھالدا ئاممىۋىي سورۇنلار، بازارلار ۋە كوچىلاردا ھايا قىلماستىن گېدىيىپ يۇرۇشىۋاتقىنى قەدەمدە بىر كۈزگە چىلىقماي قالمايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىنىڭ تارلىقى ۋە نىپىزلىكىدىن جىسىملىرىنىڭ ھەممە يىرىنى تولۇق كورسىتىپ سۈپەتلەپ بېرىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك ئاياللار ياسانمىسۇن، چىرايلىق بېزىلىپ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس. بىز دەيمىزكى، ئاياللار بىلەن دۇنيا گۈزەلدۇر، ئاياللار ياسانسۇن،چىرايلىق ھايات كەچۇرسۇن، خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى ئىشلەتسۇن، زېننەتلەنسۇن،گۈزەللىككە ئىنتىلسۇن ئەمما بىز مۇسۇلمان ئىكەنمىز دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىگە ھۈرمەت ۋە ئېھتىرام قىلغان ئاساستا گۈزەللىككە ئىنتىلىشىمىز كېرەك. ئاياللار زىننەتلەنسۇن ئەمما گۈزەللىكىنى، يات ئەرلەرگە كۆرسىتىش نېيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش ھەمراھى بولغان، ئومۇرلىك جورىسى، باللىرىنىڭ ئاتىسىغا قانچىلىك ياسانسۇن، قايسى خىل گېرىملارنى قىلسۇن بۇنىڭغا ھىچ قانداق پىكىر قىلىنمايدۇ. بەلكى يولدىشىنى دەپ بىزەلگەنلىكى چىرايلىق كىيىنگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئەجىر بېرىدۇ. قىنى بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدا بۇگۇنكى ھەددىدىن ئاشقان مەدىنىيەتلىشىش مودا بولغان بىر جەمئىيەتتە، ئاللاھ رىزالىقىنى كوزلەپ، يولدىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش نېيىتى بىلەن ياسىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان قىز- خانىملار بارمۇ؟؟؟ بۇ يەردە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى زىكىر قىلىپ ئوتسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ: « ئەگەر ئىنساننى ئاللاھ ئۆزىدىن غەيرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا ئىدى، ئاياللارنى ئۆز ئەرلىرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم» . سەھىھ مۇسلىمدا ئەبۇ ھۇرەيرىدىن رېۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئىككى تۈلۈك كىشى دوزاخ ئەھلىدىندۇر. مەن ئۇلارنى تىخى كورمۇدۇم. ئۇلارنىڭ بىرى ئىستىبدات ھاكىمىيەتتىكى كىشىلەرنى ھەقسىز ئازار قىلىدىغان ۋە خارلايدىغان ئەر زالىملاردۇر. يەنە بىرى بولسا، ئاياللاردىن بولۇپ، چاچلىرىنى ھەر-خىل ياساپ توگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشاش قىلىپ، تار-نېپىز قىسقا كىيىملەرنى كىيىپ يىرىم - يالىڭاچ بەدەنلىرىنى كىشىلەرگە كۆرسۈتۈپ كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىدىغان ۋە ئۆزىمۇ باشقا ئەرلەرگە مايىل بولىدىغان ئاياللاردۇر، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. جەننەتنىڭ خۇش پۇرىقى شۇنچە يىراق يەردىنمۇ يېتىپ كىلىدىغان تۇرۇقلۇق، جەننەتنىڭ ھېدىنىمۇ ھېچ قاچان ئالالمايدۇ » . ھۆرمەتلىك قىز-خانىملار! ئۆرىنىش، ھىجاب قىلىش سەل قارايدىغان ئاددى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىبادەتتۇر. پەرز ئىبادەتلەردىن قانداق سورالساق ھىجابتىنمۇ شۇنداق سورىلىمىز. شارائىتقا قاراپ ۋە ياكى مەدىنىلىشىش دىگەن شەيتانىي شۇئارغا ئەگىشىپ خوشياقسا ئۆرىنىپ بولمىسا ئىچىلىپ يۇرۇشكە بولمايدۇ. ھىجاب قىلىغان ۋە قىلىشنى ئويلاۋاتقان قىز-خانىملارغا شۇنى ئېيتىمىزكى؛ سىڭلىم ئىككىلەنمەستىن ئورۇنۇڭ،ئاللاھ سىزنىڭ ياردەمچىڭىز بولغۇسى! جەمئىيەتتىكى بەزى بىر دىلى قارا ئىنسانلارنىڭ ئەيىپلىشىگە ھىچقاچان قۇلاق سالماڭ. ئاللاھنىڭ قىيامە كۈنىدىكى ئەيىپلىشىدىن قورقۇڭ.ئاللاھ سىزگە چوقۇم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چىقىش يولى بەگۇسى.ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن. ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سىز ئىسلام دىنى نەزىرىدە گۆھەرگە ئوخشايسىز. گۆھەرنى ئىنساننىڭ قانداق ئاسرىغىنى ۋە قىممەتلىك دەپ قارىغىنىغا ئوخشاش، ئىسلام دىنى سىزنى ئاسرايدۇ ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشىڭىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاياش، غۇرۇرىڭىزنى قوغداش، ئىتىقادىڭىز بىلەن ياشاش ئارقىلىق جەننەت ئەھلىدىن بولىشىڭىز ۋەياكى جەمئىيەتتىكى بەزى بىر رەزىل ئىنسانلارنىڭ ئويۇنچىقى بولۇپ ھەۋايى-ھەۋەسنىڭ قۇلى بولۇپ ياشاش ئارقىلىق دوزاخ ئەھلىدىن بولىشىڭىز سىزگە باغلىق. مېنىڭچە ئەلبەتتە دوزاختىن يەر تۈتۈشنى خالىمايسىزغۇ دەيمەن؟! ئۇنداق بولغان ئىكەن ھىلىھەم كىچىكمەيسىز. ئاللاھنى تونۇپ توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىپ ، ئىپپەتلىك ۋە ھايالىق بولۇشنى ئۆزىڭىزگە لازىم تۈتۈپ ئۈلگۈلۈك ئانىلاردىن بولۇپ كىلىچەك جەمئىيىتىمىزنىڭ پارلاق نۇر چىچىشىغا بىر كىشىلىك ئىيمانىي، ئىنسانىي ۋە مىللىي توھپىڭىزنى قوشۇشىڭىز سىزنىڭ ھەقىقەتكە قايتقانلىقىڭىزنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى. ئى ئىسلامدىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتكە ئىگە بولغۈچى، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ قۇللىقىدىن ھۆرلۈككە ئىنتىلگۈچى سىڭلىم! سىز پاك، ئەركىن ۋە قىممەتلىك ئانىسىز،مىللەتنىڭ ئىستىقبالى سىزنىڭ قولىڭىزدا، سىز ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يوليورۇقلىرىغا مەھكەم ئېسىلىپ ئېتىقادىڭىز، مىللىي غۈرۈرىڭىز بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ھەقىقەتنى ياقىلاپ ئالغا ئىلگىرلەڭ.ئاللاھ سىزنىڭ ياردەمچىڭىز بولغۈسى! ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ئۇكىلار، ئاچا- سىڭىللار ئويلىنىپ باقايلى! كىشىلىك جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئەركىن ئازادە ئالاقە قىلىشىپ، ئارلىشىش نەتىجىسىدە ئاياللار ئەرلەرگە ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۇرۇپ بەزى بىر ئىنسانى ئەخلاقتىن چەتنىگەن، ئىتىقاتى سۈس، مەيدانسىز، مىللىتىنى سويمەيدىغان ئويۇن-تاماششانىڭ قۇلى،ھايۋان كەبىي ئىنسانلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ، ئىناق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، بالىلىرىنى ئاتا تەربىيەسىدىن مەھرۇم، ئۆزلىرىنى تۇل ئاياللارغا ئايلاندۇرۇۋاتسا، سەبىي مەسۇم قىزلىرىمىز تەربىيەسىز ھالدا ئۆزىنى بىلمەي يامان يولغا ئەگىشىپ كېچە-كېچىلەپ ئويلىرىگە كەلمەي ئەخلاقسىز كىشىلەر بىلەن لەۋ يالىشىپ يۈرۈپ ئىستىقبالىنى يوقاتقاندىن كېيىن چىقىش يولى تاپالماي ئىچىملىك ۋە چېكىملىكنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئائىلىسىنى ۋە يۈرتىنى تاشلاپ ياقا يۈرتلارغا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ رېستۇرانلاردا،ئاتالمىش مېھمانخانىلاردا، تانسىخانا، كاپىيخانىلاردا، مىللەتنىڭ نام- ئابرۇيىنى سىتىپ، بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۇسۇل ۋە مۇزىكىدىن باشقىنى بىلمەيدىغاندەك، بىراۋلارنىڭ ھېلىگەرلىك بىلەن، ئۇيغۇرلار ناخشا مۇزىكا بىلەن دۇنياغا كەلگەن، ناخشا مۇزىكا بىلەن دۇنيادىن كېتىدۇ دىسە، ھە بىز شۇنداق ئوخشايمىز،بەختىمىز شۇنىڭدا ئوخشايدۇ دەپ قۇرۇق ماختاشلارغا مەست بولۇپ بۇگۇنگە قەدەر ھۈشۈمىزنى تاپالماي يۇرۇۋاتىمىز. ئابرۇي پەرەسلەر تۇپەيلىدىن ئوغۇل-قىزلىرىمىز كۆزلىگەن نىشان، ئىناق خاتىرجەم ئائىلىگە ئېرىشەلمەي تۇرمۇشتىن راھەتسىز ھاياتتىن كۆڭلى سۈنۈپ، ئۈمىدسىز سەرسانلارغا ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىپ ساقايماس ئەيدىز، راك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇۋاتسا، قىسقىسى؛ قاخشاتقۇچ ئىجتىمائىي كېسەل مىللىتىمىز ئاياللىرىغا ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا ئىپلاس چاڭگىلىنى سىلىۋاتسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن. ئاللاھ بىزنى مۇشۇنداق تۇرمۇش شەكلىدە ياشاشنى تەلەپ قىلامدۇ؟! ئاللاھ بىزگە پەيغەمبەر ئارقىلىق ياشاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرمىگەنمۇ؟! ئەجەبا دۇنيادا ھېچقانداق نەرسىنىڭ ھېسابى يوقمۇ؟! بىزنى يوق يەردىن ياراتقان ئاللاھ بىزنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمىزدىن ھېساب ئالالماسمۇ؟
         مەنبە ئىسلام تورى

ھەي................ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7076
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 1601 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 06:52:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ...........
[s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:173]  [s:173]  [s:173]

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31826
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1511
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 1595 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2011-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 06:59:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن بارلىق ئاچا سىڭىللىرىمىز كۇرۇپ  چىققۇدەك  تىمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31826
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1511
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 1595 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2011-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 07:00:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت aptap104 كە 2011-05-03 06:57 PMئەۋەتىلدى :
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ...........

ئىنكاسنىمۇ  كۇچۇرىدىكەن ھە

*ئاللاھ گۇناھلىر

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 767
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5241
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 1657 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 07:21:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن...ياخشى تىماكەن............

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

HALKIM UQUN   JENM   PIDA

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 716
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8619
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 1420 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 08:02:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خانم قزلىرمز غا خۇدايم ئمان ئنساپ بەرسۇن [s:166]

خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن

تىرىشتىڭ &

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34318
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1637
تۆھپە نۇمۇرى: 105
توردا: 1396 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 08:53:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  arturik51 كە 2011-05-03 07:00 PMئەۋەتىلدى  :

ئىنكاسنىمۇ  كۇچۇرىدىكەن ھە
ماۋۇنى  كۈرۈپ  ئەجەپ  كۈلۈپتىمەن .  
بىراق  تېما  ھەقىقەتەن  ئېسىلكەن .

ئاتا-ئانا  ئەڭ  ئۇلۇغ  كىشىلەردۇر.

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162087
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 10:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يىزىلغان تىمكەن ، ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!

سۆز كۈمۈشتۇر،سۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35975
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1545
تۆھپە نۇمۇرى: 9
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 11:03:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى تېمىلارنىڭ ئىچىدە خانىم-قىزلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار كۆپكەن. مىسرانىمغا ئەزاياكى مىھمان سۈپىتىدە كىرگەن خانىم-قىزلار!كۆرۈپلا قويماستىن بەلكى ياخشى پايدىلىنىشىڭلارنى،ئىسىڭلاردا قالغان بىرەر جۈملىسىگە بولسىمۇ ئەمەل قىلىپ قويىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن!!! [s:136]  [s:136]  [s:136]

سۆز كۈمۈشتۇر،سۈكۈت ئالتۇن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26997
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2475
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2011-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 11:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ! ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.

شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4062
تۆھپە نۇمۇرى: 383
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 09:46:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇنلۇق خىتاب،رەھمەت سىزگە.

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

ئانام كۆينىگى ئاتام تونى يىپەك

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36290
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1698
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 832 سائەت
تىزىم: 2011-4-4
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 02:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-قەۋەت (arturik51) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بۇ دۇتتار ئۆزگەرمىگەن،ئەمما ساداسى باشقىچە،
غۇنچە گۈل ئاچىلمىغان، ھۆسنى جۇلاسى باشقىچە.
بۈلمۈدۈم ياركۆڭلىدە نە مۇددىئاس بارئىكىن؟
ئاراتۇرارقايغۇلىرمغا بۇ پىراغى باشقىچە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش