مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1311|ئىنكاس: 22

خانىم -قىزلارغا بىر قانچە نەسىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىھرىبان ئانام 

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5242
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 6010 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 03:05:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        خانىم -قىزلارغا بىر قانچە نەسىھەت


ئۆز-ئۆزىنى چۈشەنگەن،ھاياتنى ياخشى تەھلىل قىلالىغان،ھەقىقەت پەللىسىگەئۆرلەشنى ئۆزىنىڭ دائىملىق نىشانى قىلغان ئىنسانلار ھەر ۋاقىت ھاياتقا كۈلۈپ باقىدۇ،ئەڭ ئازاپلىق مىنۇتلارنىمۇ ئوخشاشلا تەمكىنلىك بىلەن ئۆتكۈزەلەيدۇ،ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە كېلىۋاتقان پايدا زىياننى ئوبدان بىلىدۇ،قاچان ئۆزىگە جان كۆيدۈرۈش ۋە قاچان ئۆزگىگە كۆيۈنۈش مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. ھاياتنىڭ لەززىتى ۋە گۈزەللىگى،بەخىتنىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇنىڭ ۋايىغا يىتىشى پەقەت ئىنساننىڭ توغرا ئېتقادنى تاللىيالىشى ۋە ھايات مۇساپىسىنى شۇ ئېتقادنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە توغرا بېسىشىغا باغلىق.ھايات ئەنە شۇنداق قىممەتلىك ۋە قىسقا بولغاچقا،بۇ ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش  ۋە ئۆزىگە لايىق قىممەت يارتىش ئۈچۈن ،ھەربىر ئادەمدە مەلۇم نىشان،بۇ نىشانغا يەتكۈزدىغان يول،ئۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدىغان ئىرادە ۋە ئارزۇ بولۇشى كېرەك.بۇ ئاددىي رىسالىدە ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدا سىزنى توغرا يولغا يېتەكللەيدىغان بىر قانچە ھەقىقەتلەرنى دەستە گۈل قىلىپ سىزگە سۇندۇم.

1. تولا گەپ قىلىپ كوتۇلداشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.ئورۇنسىز ئىشلارغا كوتۇلداپ يۇرۇپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان ئاياللار ئاز ئەمەس،ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى تەكرارلاش ھاجەتسىز.شۇنى بىلىڭكى،كوتۇلداش باشقىلارنىڭ سىزدىن بىزار بۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.شۇنىڭ ئورنىغا سىز ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىڭ.

2.ئۆزىڭىزنىڭ ئېتقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە ھايات يۇلىڭىزنى كۆرسىتىپ بېردىغان ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇڭ.پايدىسىز كىتاپلارنى ئوقۇش بىلەن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ.بىلىملىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىڭ،سۆھبەت جەريانىدا ئازراق سۆزلەپ،كۆپرەك قۇلاق سېلىڭ.

3.ئاڭلىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىلا باشقىلارغا سۆزلەپ يۇرۇش ياخشى ئادەت ئەمەس،بۇنداق ئىشلار كۆپ بۇلۇپ كەتسە،سىزدە يالغانچىلىق ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيسىز.

4.كىشىلەر ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىپ ئۆز-ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ،ئۇنداق بولىدىكەن ئويلىمىغان يەردىن ئۇياتقا قالىسىز.

5.يۇقىرى ئاۋاز،قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلىمەڭ.شۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى،سىز بىر ئايال،ئەگەر سىز ئاۋازىڭىزنى بارىچە قۇيۇۋېتىپ،قۇپاللىق بىلەن سۆزلىسىڭىزئاياللارغا خاس جەلىپكارلىقىڭىزنى يوقۇتۇپ قويىسىز.بىر ئايال ئۈچۈن ۋۇجۇدىدىن ئاياللىق مەنالىرنىڭ يوقۇلىشى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش.

6.ئۇلۇغلارنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ سۆزلەڭ.ياخشى ،مەنپەئەتلىك گەپ بولسا قىلىڭ ،بولمىسا شۈك تۇرۇڭ.

7.ھەرگىز باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەڭ،سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ سۆزلىرىگە ئەدەپ بىلەن قۇلاق سېلىڭ.باشقىلار سۆزلەپ بولغاندا ئەڭ ياخشى ئۇسلۇب بىلەن گەپ باشلاڭ،سىزنىڭ سۆزنى قانداق باشلىغانلىقىڭىز ،گاھىدا سىزنىڭ خاراكتىرڭىزنى ئېچىپ بېرىدۇ.

8.باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ،دوراپ گەپ قىلماڭ.شۇنى بىلىڭكى ،ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا،ئون بەشى ئايدىڭ بولىدۇ.<<كىشىگە سانساڭ ئۆزگە،قاشقا سانىساڭ كۆزگە>>دىگەن گەپ بار.بىر كۈنلەردە ھايات سىزنى،پەرزەنتىڭىزنى ياكى قېرىنداشلىرڭىزنى سىز مەسخىرە قىلغان كىشىلەردەك تەقدىرگە دۇچار قىلىپ قويسا قانداق قىلىسىز؟

9.گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى قىلماقچى بولغان سۆزىڭىزنىڭ سالمىقىنى دەڭسەپ بېقىڭ.سۆز قىلىشتا مەسئۇلىيەت بۇلۇشى كېرەك.سۆزلىرڭىزدىن ياخشىلىق تېمىپ تۇرسۇنكى،رەزىللىكنىڭ ھىدى زادىلا پۇرىمىسۇن.ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ<<سۆز ئېغىزدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئالتۇن،چىقىپ بولغاندىن كىيىن مىس بولىدۇ .>>دىگەنىكەن.

10.بىلىم ئېگەللەش ياخشى ئىش ۋەئۇلۇغ يول بارلىق ئىمكانىيەتلىرىڭىز بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.بىلىم ئىگەللەشتىن مەقسەت دىپلوم ئېلىش ،خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ياكى پۇل تېپىشلا ئەمەس،بەلكى ھەق-نەھەقنى تۇنۇپ،ئىنسانلىقنىڭ چىن مەنىسىنى بىلىپ،تۇغرا تەلىم-تەربىيە يوللىرنى ئىگەللەش.شۇڭا بۇيۇكلۈك ئۈچۈن ھەر دائىم ساپ دىللىق بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.

11.بىلىمى يوق،مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى ئۇقۇيالمىغان مەسخىرە قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ.كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارغا ياردىم قىلىڭ.

12.قۇلىقىڭىز ھەقىقەتنى ئاڭلاش ئۈچۈن يارتىلغان،بولمىغۇر،قۇرۇق گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالماڭ.

13.جاھاننىڭ نەرىگىلا بارماڭ سىز ئۇيغۇر قىزىسىز.سىزنىڭمۇ جاھان خەلقىگە ماختانغۇدەك ئىسىل كىيىملىرىڭىز بار،سىزنىڭ گۈزەللىگىڭىز ،لاتاپىتىڭىز پەقەت مىللى كىيىم-كېچەك بىلەنلا تېخىمۇ يارقىن نامايەن بولىدۇ.

14.ئۆزگىلەرنىڭ تەپەككۇرى بىلەن لاھىيلەنگەن مودا كىيىملەرنى كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.بەدىنىڭىز كۈرۈنۈپ تۇردىغان كىيىملارنى كىيمەڭ،يېپىشقا تېگىشلىك جايلىرڭىزنى يېپىپ يۇرۇڭ. شۇنى ئۇنۇتماڭ ھەر قانداق نەرسە قانچە يۇشۇرۇن بولسا شۇنچە سىرلىق ۋە جەلىپكار بولىدۇ.سىز كىيىملىرڭىشنى كۈندىن-كۈنگە قىسقارتىۋاتقاندا،سىز بىلەن بىر جىنىس بولغان ئەۋلادلىرڭىزنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ.ھەممىسى سىزنىڭ دەۋرىڭىزدىلا قىسقىراپ كەتسە،ئۇلار قىسقارتقاننى سېلىپلا ئاتمىسۇن.

15.دوستلىرىڭىز بىلەن ئولتۇرغاندا ئېغىزىڭىزدىن ھەقىقەتنىڭ دۇردانىللىرى تۆكۈلۈپ تۇرسۇن.سۆھبىتىڭىزدىن ھەممە مەمنۇن بولسۇنكى،ھېچكىم ھەسرەتلەنمىسۇن.

16.سۇرۇنلارداكىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ،ئەيىبىنى ئاچماڭ،ئۇ تولىمۇ ئەخلاقسىزلىق.

17.سۇرۇندا باشقىلار خاتا گەپ-سۆز ياكى بولمىغۇر قىلىقلاردا بولسا،كىشىلەر يوق يەردە چىرايلىق نەسىھەت قىلىڭ ۋە ئۇنى تەسىرلەندۈرۈڭ.

18.ئۈيىڭىزدە چۇقۇم بىر كىچىك كىتاپخانا بولسۇن،ئۇنىڭدىن ئائىلە ئەزالىرنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتلەنسۇن.كىتاپخانىڭىزدىكى كىتاپلار ئۇنۋېرسال بولسۇن.نىكاھ،ئائىلە،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى ھەتتا تىببىي ساھەدىكى كىتاپلارمۇ بولسۇن.كىتاپخانىڭىزدا  تارىخقا دائىر كىتاپلارنىڭ بولماسلىقى كىتاپخانىنىڭ چوڭ كەمچىللىگىدۇر.مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر كىتاپخانىنىڭ ئۆزگىچە گۈلىدۇر.

19.كوچىدا ئورۇنسىز لاغاۇلاپ يۈرمەڭ،بۇ ئۆيگە بېكىنۋېلىڭ دىگىنىم ئەمەس.سىزنىڭ بارلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە بايلىقۋە شەرەپ،مىللەتكە نىسبەتەن پەخىر ۋە ئابروي.سىز ئۆزىڭىزنىڭ غۇنچە،قىزىل گۈل دەو سۈپەتلىندىغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.كوچىدا ماڭسىڭىز ئۇياق-بۇياققا تولا قارىماڭ،قاقاقلاپ كۈلمەڭ،بىر نەسە يەپ ماڭماڭ،سېغىز چاينىماڭ.بۇ سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.كىشىلەرگە نۇمۇس تۇيغۇسى يوق ئادەمدەك تەسىر بىرىپ قويىسىز.

20.ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىىڭ.

21.ۋاقىت كۆز قارشىنى تىكلەڭ.

22.نەسەب جەھەتتىن سىزگە يېقىن بولغان بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرۇڭ.پۇلى بارغا بىر خىل،پۇلى يوققا يەنە بىر خىل قاراشتىن ھەزەر قىلىڭ.

23كوچىلاردىكى بىكار تەلەپ،ناچار ئادەملەرنى كۈرۈپ مەيۈسلەنمەڭ،جاھان بۇزۇلۇپتۇ دەپ ئارقىغا چېكىنمەڭ،تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ.ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئادەم ،ئۇلارمۇ ھاياتقا ئاران بىر قېتىم كېلىدۇ.

24.ئۆزىڭىزدە مېھرىبانلىقنى يېتىلدۈرۈڭ،ھەتتا ئۇچار قۇش،جان-جانىۋارلارغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ،تەبەئەتنىڭ بىزدە ھەققى كۆپ.

25.ئاتا-ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ،ئۇلارنىڭ سىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئېسىڭىزدىن زادىلا چىقارماڭ.ئانىڭىزغا كۆپرەك ھەمكارلىشىڭ،شۇندىلا سىز كەلگۈسىدە بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشقا مەلۇم ئاساس سالالايسىز.

26.ھۇرۇنلۇقتىن ھەزەر ئەيلەڭ،ئىشچانلىقىڭىز ئىش-ھەركىتىڭىزدە ئىپادىلەنسۇن،ھەممە يىرىڭىزدىن پاكىزلىق تۈكۈلۈپ تۇرسۇن.

27.كۈلۈمسىرەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ،ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ باشقىلارنىڭ سىزنى ياخشى كۈرۈشىگە سەۋەپ بۇلۇپ قالىدۇ.

28.ھەرگىز ئاچچىقلانماڭ.بۇ ھېچكىمگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.


ئاپتور:ئابدۇل ئەزىز ئەلى.                 مەنبە __ نۇرلۇق ئىسلام تورى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
nasrulla + 30 ئەھمىيەتلىك تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 30   باھا خاتىرىسى

 ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 793
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4847
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 4428 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 03:28:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى نەسىھەتلەر ئىكەن ، ساقلىۋالدىم ، ئەمەل قىلىشقا تىرىشىمەن ...

*ئاللاھ گۇناھلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36464
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2733
تۆھپە نۇمۇرى: 227
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 03:32:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى نەسىھەتلەر ئىكەن  رەھمەت سىزگە!!!!!!!!!!!!!! [s:166]

ھەي................ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 03:39:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئىشلارنى بىلىۋالدىم ، ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز . ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەيدۇ .
                          تەقدىردىن زارلىنىش ناداننىڭ ئىشى ،
                          تەدبىردىن خارلىنىش ھايۋاننىڭ ئىشى .
                          ئۆزەڭنى ئۆزەڭ ئادەم ئەتمىسەڭ ،
                           سەن بىلەن يوق جاھاننىڭ  ئىشى .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

شام نىم ئۇچۇن يى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37500
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 432
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 806 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 03:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:151]  [s:151]  [s:151]  [s:151]  [s:151]  [s:151]

كۆز ئالدىمدىن كەتتىڭ يىراقلاپ ، خوش دېيىشىكە بارمىدى تىلىم . باققىنىمىدا ياشلىق كۆزۈڭگە ، پوچىلاندى ھىجىراندا دىلىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36650
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 562
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 04:00:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:151]  [s:151]  [s:151]  [s:151]  [s:151]  [s:151]

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

سەن باشقىلارنى ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31466
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2797
تۆھپە نۇمۇرى: 119
توردا: 2117 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2011-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 04:01:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھىمىيەتلىك تىما يوللاپسىز . ئەجرىڭىزگە رەھمەت قىرىندىشىم .
بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق تاتلىق تىملىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .

سىزگە چىراي گۈزەللىكى مۇھىممۇ ، قەلىب گۈزەللىكى مۇھىممۇ ؟!!!

مۇھەببەتني چۇشە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39233
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 271
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 486 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 04:13:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز دىگندەك بولغان بولسا نىمەدىگەن ياخشى بولاتتى ھە،،،،،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39275
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 436 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2011-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 04:14:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلىڭلا جىمۇ قىزلا ..................
[s:151]  [s:151]  [s:151]  [s:151]  [s:151]

ئاللا بىزنى ئۆزپانايىڭدا ساقلىغىن !!!

مىھرىبان ئانام 

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5242
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 6010 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 04:21:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5-قەۋەت (xukurialla) نىڭ يازمىسىغا

نىمىشقا كۆزىڭىزنى ئېتىۋالىسىز ..؟؟ ئېتىۋالماڭ . كۆرسىڭىز بولمايدىغان ماتىريال يوق .ئوقۇپ قويغاننىڭ زىيىنى يوقتۇ ...؟؟ ،ھې ...ھې...ھې

 ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش