مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 672|ئىنكاس: 0

ئەركىنلىك جەڭچىسى- شائىر پىتۇفى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30177
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8259
تۆھپە نۇمۇرى: 560
توردا: 4412 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 12:44:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىنلىك جەڭچىسى- شائىر پىتۇفى(1849-1823)
شائىر پىتۇفى  
        پېتوفى Sandor  Alexander Petofi دوناي دەرياسى بويىدىكى ھازىرقى رومىنىيەگە قاراشلىق بولغان سېگېسۋار دىگەن جايدا  1823-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قاسساپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتمەيلا ، ئوقۇشتىن توختاپ قالغان، ۋېىنگىريە ئارمىيىسىدە ئەسكەر بولغان، كوچىلاردا سەرگەردان ئەدىپ بولۇپ يۈرۈپ، پۈتۈن ۋېنگىرىيەنى كېزىپ، ۋېنگىريە خەلىقنىڭ ئاۋىسترىيە پادىشاسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرنى چۇڭقۇر چۈشىنىپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا بەل باغلىغان. مانا ئەمدى ئاۋسىترالىيە خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ پادىشاغا قارشى چىقتى. پېتوفى دەرھال ۋېنگىرىيە خەلقىنى قوزغىلىپ ئىنقىلاپ قىلىپ ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىغى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىردى. پېتوفىنىڭ باشچىلىغىدا ، ئون مىڭدىن ئارتۇق ئامما ھەيۋەتلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ۋېنگىريىدىكى ئەڭ چوڭ باسما زاۋۇتىنى ئىشغال قىلدى، ئامما قىزىل - ئاق - يېشىل رەڭلىك بايراقنى زاۋۇت دەرۋازىسىغا شۇئان قادىدى. ئاۋسىترالىيە ئەمەلدارى ئۇلارنى توسماقچى بولۇپ تۇرغاندا ، ئامما ئېتىلىپ دەرۋازىدىن كىردى. ئۇلار زاۋۇت ئىشچىلىرى بىلەن بىرلىكتە «مىللەت كۈيى»نى ۋە ۋېنگىرىيە ئىنقىلاۋىنىڭ پىروگراممىسى «12 ماددىلىق سىياسى پىروگرامما »نى ھايال قىلماي بېسىپ چىقاردى. بۇ ئىككى ئىنقىلاۋىي تەشۋىق ۋەرەقە پۈتۈن پېشىت شەھرىگە تارقىتىلدى. __ بۇداغا بارايلى ! سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بىرەيلى! پېتوفى ئۈچ رەڭلىك بايراقنى كۆتىرىپ ، دوناي دەرياسى كۆۋرۈگىگە قەدەم باستى.ئىلگىرى بۇدا بىلەن پېشىت بىر - بىرىگە يانداش شەھەرلەر بولۇپ ، ئۇلارنى دوناي دەرياسى ئايرىپ تۇراتتى . دەريانىڭ شەرقىدىكى پېشىت شەھرى ۋېنگىريىنىڭ ھازىرقى پايتەختى ئىدى؛ دەريانىڭ غەربىدىكى بۇدا شەھىرى ۋېنگىريىنىڭ ئىلگىركى پايتەختى بولۇ ، سىياسى مەھبۇسلارنى نەزەربەنىت قىلدىغان تۈرمە بار ئىدى.ئىنقىلاۋىي ئامما پېتوفىنىڭ باشچىلىقىدا تۈرمىگە باستۇرۇپ كىرىپ، سولاقتىكى نۇرغۇن سىياسى مەھبۇسلارنى __ ۋېنگىرىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرنى پۈتۈنلەي ئازات قىلدى. ئىنقىلاۋىي قوشۇن تېخىمۇ زورايدى. نامايىش بىر كۈن داۋام قىلىپ ئىنقىلاۋىي قوزغىلاوغا ئايلاندى. ئامما بۇدا - پېشىت شەھىرىنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزىۋىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتىنى قۇردى. ئاۋسىترالىيە پادىشاسى غالجىرلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ ۋېنگىريىلىك ئاقسۆڭەك گراف لانپېگنى باش ۋالىلىققا تەيىنلەپ ، ۋېنگىرىيە ئىنقىلاۋىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كەچتە ، لانپېگ بۇداغا يېتىپ كەلدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئامما يىغىلدى. بەزىلىرى قورال ئىسكىلاتلىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ ، مىلتىق بىلەن قۇراللاندى؛ ئاممىنىڭ كۆپ قىسمى قولىغا كالتەك ۋە پالتىلارنى ئېلىپ جەڭگە تەييارلاندى. پېتوفى رەھبەرلىك ئىشىغا قاتناشتى.  چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە «جىرىڭ! جىرىڭ!»قىلغان بىر پوچتا بۇدا تەرەپتىن دوناي دەرياسى كۆۋرۈكىگە كېلىپ توختىدى. پۇزۇر پوچتىدا گىدىيىپ ئولتۇرۇۋالغان لانپېگ پىشىت شەھىرىگە «مەنسەپكە ئولتۇرۇش»ئۈچۈن كېتىۋاتاتتى . ئەمما پوچتا كۆۋرۈك بېشىغا يېتىپ كەلگەندە __ خائىننى داغا ئاسايلى! ياشىسۇن جۇمھۇرىيەت!__ دىگەن تەنتەنىلىك ئاۋاز ئاڭلاندى.بۇ پېتوفىنىڭ ئاۋازى، شۇنداقلا مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسى ئىدى.قولىغا قۇرال ئالغان 1000 دىن ئارتۇق ئامما گۈررىدە ئېتىلىپ كېلىپ ئەكسىيەتچى ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى توزۇتىۋېتىپ ، لامپېگنى پوچتىدىن تارتىپ چۈشۈردى. كالتەك ، تۆمۈر ئارا، مىلتىق پاينىگى تەڭلا تېگىپ گرافنىڭ مىجىغىنى چىقاردى، بىر مەھەل جاھانغا پاتماي قالغان بۇ باش ۋالى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئۇ دۇنياغا راۋان بولدى. دەل شۇ چاغدا ، ئاۋسىترالىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادىكى قوزغىلاڭچى ئاممىمۇ ئاۋسىترالىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى لاتۇلنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. پېتوفى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قالتىس روھلىنىپ ، دەرھال «پادىشانى دارغا ئاسايلى»دىگەن شىئىرنى يېزىپ ، ئىنقىلاۋىي خەلىقنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسىنى قىزغىن مەدھىيلىدى. شىئىردا « لانپېگ ئۆلتۈرۈلدى،لاتۇل دارغا ئېسىلدى،
                    زالىم پادىشالارنىڭمۇ ئاقىۋىتى بولىدۇ شۇنداق!
                   ئاھ ، خەل\ق! نامايان قىلدىڭلار كۈچۈڭلارنى،
                   ئەمما تۇرۇپتۇ ئالدىمىزدا ئاخىرقى ئىش- پادىشانى دارغا ئېسىش! »دىيىلگەن.
      ئىمپىرىيەنىڭ بېقىنىدىكى ۋېنگىرلار مەسىلىسى ئاۋىستىرىيە ھاپىسبورگ ئىمپىرىيىسىنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئاۋسىترالىيە پادىشاسى ئۇ بىر تەرەپتىن مەملىكەت ئىچىدىكى دىموكراتىيە تەلەپ قىلىش قوزغىلىڭىنى قوراللىق باستۇرسا ، يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ئەسكەر چىقىرىپ ۋېنگىريىگە ھوجۇم قىلدى. 1848 يىل 1- ئاينىڭ 9 - كۈنى پايتەخىت پېشىت قولدىن كەتتى . ۋېنگىرىيە خەلقى كوسسۇتنىڭ رەھبەرلىگىدە ، قەھرىمانلىق بىلەن قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتتى. 4- ئاينىڭ 14 - كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلىنىپ ، 5- ئاينىڭ 21 - كۈنى پېشىت ئازات قىلىنىپ ، ئىنقىلاپ ۋەزىيىتىدە يېڭى دولقۇن بارلىققا كەلدى.  ئاۋسىترىيە پادىشاسى دەرھال ۋارشاۋاغا بېرىپ ، روسىيە چار پادىشاسى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئەسكەر چىقىرىپ ۋېنگىرىيە ئىنقىلاۋىنى باستۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.1849 -يىل 5- ئايدا ، روسىيە ئارمىيىسى ۋېنگىريىگە كىردى. پېتوفى 7_ ئاينىڭ 18- كۈنى شەرقىي ئۇرۇش مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ ، ئىنقىلاۋىي ئارمىيىگە قاتناشتى ھەمدە خەلىقنىڭ دۈشمەنگە قارشى تۇرىشىغا ئىلھام بىرىدىغان جەڭگىۋار شىئىر «مۇقەددەس ئۇرۇشقا ئاتلىنايلى»دىگەن شىئىرنى يازدى. شىئىردا: «روسىيىلىكلەر كەلدى، روسىيىلىكلەر كەلدى، ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زىمىنىدا ئاپىرىدە بولدى. . . يېتىپ كەلدى، ئاخىرقى ھۆكۈم ۋاقتى، ۋەتىنىم ئۈچۈن ئاخىرغىچە قىلىمەن قانلىق كۆرەش!» دىيىلگەن . 7- ئاينىڭ 31- كۈنى ، روسىيە ئارمىيىسى ۋېنگىرىيە قوزغىلاڭچى قىسىملىرىنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋالدى. 300ئاتلىقتىن تەركىپ تاپقان ۋېنگىرىيە ھۇجۇمچىلىرى ئالدىنقى سەپكە كېلىپ ، روسىيە قوشۇنلىرىغا قارشى ئاخىرقى ئاتاكىغا ئۆتمەكچى بولدى. پېتوفى قىسىم بىلەن بىللە ئالغا باستى«تاڭ!» «تۇڭ!»ئوق چىقتى ، شۇ چاغدا روسىيە ئەسكەرلىرى مايۇر كىيمىنى كىيگەن بىر يىگىتنى __ پېتوفىنى كۆرۈپ قالدى، ئوقلار يامغۇردەك يىغىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا يەنە بىر كازاك ئاتنى ئۇچقاندەك چېپىپ پېتوفىغا نەيزە سالدى، ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. شۇ چاغدا پېتوفى تېخى 26 ياشقا توشمىغان ئىدى. قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە ۋېنگىر مىللىتى ھوقۇقتىن ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى، ئىمپىرىيە نامىمۇ ئاۋستىرو-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلدى.
       پېتوفى روسىيىلىك كازاكنىڭ نەيزىسى سانجىلىپ جان بەرگەن بولسىمۇ ،ئەمما بۇ ئىنقىلاۋىي شائىرنى پۈتۈن دۇنيا خەلىقى مەڭگۈ سېغىنىدۇ.كىشىلەر ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئىنقىلاۋىي ھېكمەتلىك شىئىرى _ «ئەركىنلىك ۋە مۇھەببەت»نى مەڭگۈ ئىسىدە ساقلايدۇ ھەمدە مىڭ مەرتىۋە يادلايدۇ.  
                                                              
                                              «دۇنيادا ھەممىدىن قىممەتتۇر ھايات،
                                              ھاياتتىن قىممەتتۇر دوستلۇق مۇھەببەت.
                                              ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىلىسىدىن،-
                                             ئەركىنلىك ئازاتلىق ئۈچۈنلا پەقەت.»

مەنبە:ئىلگىرى ئورخۇن مۇنبىرىدىن ساقىلىۋالغان.....

كىتابخانا -ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش