ماي بايرىمىدا ھايات قالغان جان
[align=justify]بۈگۈن بىر جان ھايات قالغىنىدىن شۇنداق خۇشالمەن. بۇ جان مىنىڭ ئوقۇغۇچۇم ئىدى،بۇ ۋەقەنى ئويلىساملا يۈرىكىم جىغ قىلىدۇ.
بىرنەچچە كۈندىن بىرى زۇكامداپ قالغاچقا ئوكۇل ئاستۇرىۋاتقان ئىدىم.بۈگۈنمۇ يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئوكۇل ئاستۇرۇش ئۈچۈن كىردىم.ئامبولاتۇرىيە بىناسى ئالدىغا بارسام تۆمۇر ئىشىكى تاقاق.بۇلار دەم ئالغانمىدۇياكى سېستىرا ئۆيىدىن كەلمىگەنمىدۇ دېگەن ئويدا دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن چىقتىم.سىرتقاچىقىشىمغا ئاق رەڭلىك ئىككى ماشىنا ئۆتۈپ كەتتى.كۆڭلۈمدە بۇ بايرامدا تەكشۈرۈشلەر يوق، يايلاققا ماڭغان ساياھەتچىلە بولسا كېرەك دېگەن خىيالدا يەنە دوختۇرخانىغا كىردىم.يەنە ئىشىك تاقاق. كېسەلخانا تەرەپكە باردىم.ئەسلىدە مەندىن باشقا ئامبولاتۇرىيەدە ئوكۇل ئاستۇرىدىغانلار بولمىغاچقا كىسەلخانىدا ئوكۇل ئاستۇرسام بولىدىكەن...كىسەلخانا سېستىراسى سېستىرا ئىشخانىسىدىلا ئوكۇلۇمنى ئېسىپ قويدى..
ئوكۇل ئېسىلىپ ئىككى سائەت بولاي دېگەن ئىدى، تولۇقسىزدا بىرگە ئوقۇغان سېستىرا دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق...شۇ ئەسنادا بىر خەنزۇ يولداش سېستىرا ئىشخانىسىغا شۇنداق جىددىي كىردى ۋە بىر ئۇيغۇر بالا ھادىسىگە ئۇچرىدى تىز بولۇڭلار دەپ يەنە سىرتقا يۈگۈردى.دوستۇم ۋە يەنە بىر نەچچە سېستىرا، دوختۇرلار يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.سىرتتا نۇرغۇن ئادەم يىغىلىپ كىتىپتۇ. مەنمۇ ئوكۇلۇمنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقتىم ..ئەتتگەندە دوختۇرخانا ئالدىدا كۆرگەن ماشىنىغا ئوخشايدىغان ، ماشىنىدىن بىرىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چۈشۈشتى.[align=justify]ۋاي ئاللاھ ... كىيىملىرى، يۈزلىرى توپا،قان بىرى ،يۈرىكىم شۇنداق ئېچىشتى. كىملىكىنى تونۇيالمىدىم .ھېلىقى خەنزۇ يولداش ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ،يەنە بىرنەچچە كىشى (خەنزۇلارمۇ بار) دوختۇر ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى. كۆڭلۈمدە ھەقەچان بۇ بالىنى مۇشۇ خەنزۇلار ماشىنىسدا باستۇرغان ئوخشايدۇ دەپ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى.خىيال ئىكرانىمدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتۈپ بولدى.شۇۋاقىتتا دوختۇر ئىشخانىسىدن ھېلىقى سېستىرا دوستۇم چىقتى.نىمە بولغانلىقىنى سورىدىم.ئۇ جىددىيلا تازا ئۇقمىدىم ئوكۇل ئۇرىدىغان بولدۇق. دەپلا ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى ...كىسەلخانا ئىشىكىدىن بىرى شۇنداق تىز كىرىپ كەلدى،بۇ مەن تونۇيدىغان بالا ئىدى.ئۇكام تىراكتۇردىن دومىلاپ تىراكتۇرنىڭ ئاستىدا قالغان ئىدى .ھازىر ئېلىپ كىرىپ كەتكەنتى دەيدۇ ، ھەيران قالدىم .
-ئۇ ئابدۇللامۇ؟
--شۇنداق خانىم - دىدى.
ۋاي توۋا دىدىم مەن، بۇ مەن تۇلۇقسىزدا ئىككى يىل دەرس ئۆتكەن سىنىپتىكى ئەڭ ئەقىللىق ،ئەدەبلىك بالا ئىدى.دەرھال ئاكىسىدىن سورىدىم:(دوختۇرئىشخانىسىغا كىرىدىغانلار كۆپ بولغاچقا ئۇ بىردەم يېنىمدا ساقلاپ تۇرغان)
-ئۇنى ماشىنا سوقىۋەتمىگەنما؟
-ياق،بىز بۈگۈن دادام .مەن ،ئۇكام ئۈچىمىز يايلاققا يەر تېرىغىلى چىققان(بۇ يەردە يايلاققا ئەتىياز پەسلىنىڭ ئاخىرىدا زىغىر،زاغۇن قاتارلىق مايلىق زىرائەتلەرنى تېرىپ قويسا سۇغارمىسىمۇ،ئوغۇتلىمىسىمۇ ئۆزى كۆكلەپ پىشىدۇ،تېرىغانلار 9-ئايلاردا بېرىپ يىغىۋالىدۇ) ئۇكام يەر ئاغدۇرىۋاتقان،بىز دادم بىلەن ئېتىزلارنى تۈزلەۋاتقان ، تۇيۇقسىز تراكتۇرنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالدى..بېشمىزنى كۆتۈرۈپ قارىساق تىراكتۇرنىڭ دۈم بوپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈق.(بۇ يەرلەر بەك ئېگىز-پەس ....يايلاقنىڭ ئوت ئۈنمەيدىغان جايلىرى بولغاچقا كىشىلەر تېرىيدۇ).ۋاي ئاللاھ ... يۈگۈرۈپ بېرىپ بولغىچە تىراكتۇر پۈتۈنلەي دۈم بوپ كەتتى ، ئۇكام ئاستىدا قالدى.دادام بىلەن ئىككىمىز شۇنداق تىز سۈرئەتتە بارغان بولساقمۇ ئامال قىلالمىدۇق. دادام ۋاي بالام !!دەپ تىراكتۇر ئەتراپىنى ئايلىنىپ يىغلاپ ،تىراكتۇرنى توختىماي تارتتى ..ئىككىمىز قانداقمۇ ئامال قىلالايمىز.شۇنداق يىغا ئىچىدە تىراكتۇرنى ئىتتىرىش بىلەن يۈرسەك يېنىمىزدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا 10 نەچچە خەنزۇ يولداش پەيدا بولدى.ئۇلار بىزدىن گەپ سوراشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تىراكتۇرنى ئىتتىرىشقا كىرىشىپ كەتتى .شۇنداق خوش بولدۇق.10 نەچچە مىنۇتتەك ۋاقىتتىن كېيىن تىراكتۇرنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق.ئىنىم قانغا مىلىنىپ كېتىپتۇ .دادام قۇچىقىغا ئېلىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. خەنزۇلار ئارىسىدىكى ياشتا چوڭراق بىرى بىرنېمىلەرنى دەپ ئۇكامنى كۆتۈرۈپ ماشىنىسى تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى .بىزمۇ ئەگەشتۇق. دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولغىنى بىلدۇق.دادام شۇنداق خوش بولۇپ گەپ ئۇقتۇرالمىسىمۇ رەھمەت دەپ يىغلىغىنىچە ئۇكامنى خەنزۇلارنىڭ ياردىمىدە ماشىنىغا سېلىپ يېزا مەركىزىگە كىرىپ كەتتى.مەن موتو بىلەن ھازىر كىردىم دىدى.ئەسلىدە مۇنداق ئىش ئىكەن ، بايا ئويلىغانلىرىم خاتا ئىكەن.
گەپ تۈگەپ بولغىچە ئۇ بالىنىڭ ئانىسىمۇ يىغلىغىنىچەيۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى ، يېرىم سائەتتەك ۋقىتتىن كېيىن بالىنى دوختۇرخانىنىڭ ماشىنىسىدا ناھيىگە يۆتكەپ ئېلىپ كەتتى. توۋا دىدىم ئىچىمدە ، سەھەردە مەن كۆرگەن ماشىنىنىڭ بىرى مۇشۇ ئىدى.بۇلار يايلاققا (قۇرۇم تېغى باغرىغا)ماڭغانلار ئىكەن ، كېتىۋېتىپ بۇ ئىشنى كۆرۈپ ياردەمگە بېرىپتۇ ھەم يېزا مەركىزى بىلەن ئارلىقى 40 نەچچە كىلومىتىر كەلسىمۇ بىراق يوللىرى ئىنتايىن خەتەرلىك،توپىلىق يولدا ئىشىمز ئالدىراش،ماي كۆيىدۇ دىمەي دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەپتۇ ئۇلانىڭ بۇ ئىشىدىن شۇنداق خوش بولدۇم ، بۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ يەيدىغان رىسقى بارئىكەن شۇنداق دىدىم ئىچىمدە....
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
2011- يىلى باھار ئېيىنىڭ 1- كۈنى