2- دۇنيا ئۇرىشىدا ياپۇنلارنىڭ ھىلىسى
يېتەرلىك دەرىجىدە تانكىڭىز، ئەسكىرىڭىز، ئايرۇپىلانىڭىز ۋە بېنزىنىڭىز بولمىسا قانداق ئۇرۇش قىلالايسىز؟ "خىيال كۈچىڭىز" بىلەنمۇ؟ ياپۇنلار شۇنداق قىلدى.
Iwo Jima ئارىلى ئېلىنىشى كېرەك ئىدى. ھەمدە قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئى نەزەر!. بۇ ئارالدا بىر كىچىك ئايرىدۇرۇم، ئىككى بېلىقچى مەھەللىسى ۋە ئارالنىڭ ئۇچىدىكى ئازغىنە ياپۇن ئەسكەرلىرى. ئارال مۇداپىئەسىز ئىدى. ئامىركا ئايرۇپىلانلىرى ئارالنىڭ ئۈستىدە سائەتلەرچە چارلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىرقانچەيۈز ياپۇن ئەسكىرىدىن باشقا ھىچكىم يوق ئىدى. بۇ ئارالنى ئېلىش ئامىركا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن گويا كەيىپلىك بىر ياز تەتىلىدە ئايلىنىپ كەلگەنگە ئوخشاش بىر ئىش ئىدى.
ئامىركىلىقلارنىڭ پەرىزى توغرا ئىدى. ئارالدا راستىنلا باشقا ھىچ كىم يوق ئىدى. كەلگۈسىدە ياپۇنلۇقلارنى بومبىلايدىغان ئامىركا ئايرۇپىلانلىرى ئۇچىدىغان بۇ ئارال جىمجىتلىققا چۆمگەندەك قىلاتتى.
ئامىركىلىقلار 1945- يىلىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ جىمجىتلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلگەن ئىدى. ئامىركىلىقلار Guadalcanal ۋە پىلىپىنلەردىكى ئۇرۇشلاردا ئىشەنگىلى بولمىغىدەك ئەھۋاللارغا يولۇققان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى ئىش ئاسان بولىدىغاندەك تۇراتتى. 12 ك.كىلومېتىرلىق بىر ئارالغا قانچىلىك ياپۇن ئەسكىرى يۇشۇرۇنالايتىكى؟.
ئامىركا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ قوماندانى Amiral Spruance نىڭ قەتئە بۇيرۇقى بولۇپ، ئۇنىڭ دېگىنىچە بولغاندا ئامىركا ئەسكەرلىرى قۇرۇقلۇققا چىققاندا بىر نەپەر ئەسكەرنىڭمۇ بۇرنى قانىمايتتى. ھاۋا ئارمىيەسى بۇ كىچىك ئارالنى قۇلىدىكى بارلىق ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ دەل 10 ھەپتە بويىنچە قاتتىق بومباردىمان قىلدى. قۇرۇقلۇققا چىقىش كۆنى يېتىپ كەلگەندە ئامىركا ئەسكەرلىرى بەكمۇ ئاجىز بىر قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەمىن ئىدى...
Fukakku تاكتىگى
ئارالدىكى ياپۇن ئەسكەرلىرىنىڭ قۇماندانى Tadamaçi Kuribiyaşi ئامىركىلىقلارنىڭ بۇ كەيىپلىك يازلىق ساياھىتىنى گويا بىر جەھەننەمگە ئايلاندۇردى. بومباردىماندىن بىر ئاي بۇرۇن ئارالغا يۇشۇرۇن ھالدا ئورۇنلاشقان ياپۇنىيە ئەسكەرلىرى ئاجايىپ پىداكارلىق بىلەن ئىشلەپ بۇ كىچىك ئارالنىڭ ئاستىغا چۈمۈلە ئۇگىسىنى ئەسلىتىدىغان يەر ئاستى يولى قېزىپ چىققان ئىدى.
ئارالنىڭ ئاستىدىكى يەر ئاستى يوللىرىدا 27000 مىڭ ياپۇن ئەسكىرى ئامىركىلىقلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يۇشۇرۇنۇپ ياتاتتى. ئېغىر بومباردىمان جەريانىدا ئامىركىلىقلارنى ئالداپ قويۇش ئۈچۈن پەقەتلا بىرقانچە توپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ توپلار جىمىقتۇرۇلغاندىن كېيىن ئامىركا ئەسكەرلىرى خاتىرجەم بولۇشقان ئىدى. ئۇلارچە بولغاندا بۇ ئارالدا بىرقانچەيۈز ياپۇن ئەسكىرى يا بار، ياكى يوق ئىدى.
1945- 2- 19- كۈنى ئامىركا ئەسكەرلىرى Iwo Jima ئارىلىغا ئاياق باسقىنىدا 27000 كىشىلىك ياپۇنىيە ئارمىيەسى بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۆتى. مىڭلارچە ئامىركا ئەسكەرلىرى دەسلەپكى ئۈچ مىنۇت ئىچىدە ئۆلدى. ئامىركا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ توپچى قىسىملىرىنىڭ توپ ئوقلىرى،ئايرۇپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشى ھىچ ئىشقا يارىمىدى. 25 ك.مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر ئاستى يوللىرىنىڭ 1500 ئېغىزىدىن بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۆتكەن ياپۇن ئەسكەرلىرى يېرىم سائەتلىك Bansai ئۇرۇشىدىن كېيىن تانكىلىرى بىلەن تەكرار ئوتتۇرىدىن غايىپ بولدى. ئامىركىلىقلار ئىۋو جىما ئارىلىدا تۇنجى قېتىم بىر سىرلىق ئەسكەرلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى.
5- كۈنىنىڭ ئاخىرقى سائەتلىرىدە ئامىركىلىقلار ساھىلدىن ئىچىگە قاراپ پەقەتلا 450 مىتىر ئىلگىرلىيەلىدى. يەنىمۇ ئىچكىرلەپ كىرمەكچى بولغانلىرىدا بولسا بۇ قېتىم ياپۇنلار ئارقىلىرىدىن چىقىپ ئۇرۇش قىلاتتى. ئارالغا چىققانلار ئارالنى قورشاپ ياردەم بىرىپ تۇرغان يۈزلەرچە پەرەخۇت ۋە ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى تۇلۇق ياپۇنلاردىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ئەسكىرى قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق ھە دىگەندە ياپۇن ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا چۈشۈپ قالاتتى.
ياپۇن ئارمىيەسى قوماندانى Tadamaçi Kuribiyaşi ئامىركا ۋە كانادادا تەربىيلەنگەن ئەقىللىق بىر ئەسكەر ئىدى. دېڭىزدىمۇ، ھاۋادىمۇ ۋە قۇرۇغلۇقتىمۇ ئۈستۈن بىر ئەسكىرى كۈچ بىلەن قارشىلاشقان بۇ قۇماندان كۈچلۈك دۈشمەن ئەسكىرى كۈچى قارشىسىدا ئۇرۇشنى يەر ئاستىغا يۆتكىگەن ئىدى. كۇرىبىياشىنڭ "فۇكاككۇ" يەنى تىرىك قولغا چۈشمەسلىك تاكتىكىسى ئامىركىلىق دېڭىزچىلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلغان ئىدى. ئارالغا چىققان 76 مىڭ ئامىركا ئەسكەرلىرى ئۇرۇشنىڭ 20- كۈنىدە ئارانلا بىر ياپۇن ئەسكىرىنى تىرىك قولغا چۈشۈرەلىدى.
Iwo Jima ئارىلى ئارقىسىدا ئاججايىپ بىر ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيېسى ياردىمى بولغان 76 مىڭ ئامىركا ئەسكىرىگە قارشى بەكمۇ چەكلىك قورال- ياراق ۋە ئوق- دۇرىلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان 27000 ياپۇن ئەسكىرىنىڭ تىللاردا داستان بولغىدەك بىر قەھرىمانلىق ئۇرۇش ھېكايىسىدۇر. 200 ئەتراپىدىكى ئەسكىرىدىن باشقا 27000 ياپۇن ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن بۇ ئۇرۇشتا ياپۇنلار ئارالغا ئاياق باسقان ھەر ئۈچ ئامىركا ئەسكىرىنىڭ بىرسىنى ئۆلتۈردى. ئامىركا ئەسكىرىنىڭ ئىۋو جىما ئارىلىدا 23000 ئەسكىرى ئۆلگەن بولۇپ، بۇ ئۇ كۈنگە قەدەر ئامىركىنىڭ پاسسىپىك ئوكياندا تۆلىگەن ئەڭ ئېغىر بەدىلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ... .
مەنبەسى:
http://www.webhatti.com/tarih/69 ... japon-hileleri.html تەرجىمە قىلىندى.