 |
 |
 |
 |
بىۋاپا يارغا
ساڭا كۆيدۈم ، كۆيەلمىدىڭ مەنچىلىك ،
سېنى سۆيدۈم ، سۆيەلمىدىڭ مەنچىلىك .
پاك سۆيگۈمنى بەرسەممۇ مەن يار ساڭا ،
يۈرىكىڭنى بېرەلمىدىڭ مەنچىلىك .

شۇنچە ئۇزۇن كۈتسەممۇ يار مەن سېنى ،
يۈرىكىڭدىن كۈتەلمىدىڭ مەنچىلىك .
ساڭا كۆيسەم گۈلۈم مەڭگۈ تائەبەت ،
بىر كۈن كۆيۈپ ئۆتەلمىدىڭ مەنچىلىك .

كۈنلەر ئۆتتى ، ئايلار ئۆتتى ، يىل ئۆتتى ،
سۆيۈپ ئۆتتۈم پەقەت بىرلا ئۆزۈڭنى .
بىۋاپالىق قىلساڭمۇ يار سەن ماڭا ،
رەھىمسىزلىك قىلالمىدىم سەنچىلىك .

شۇنچە ئازاپ سېلىپ تۇرۇپ سەن ماڭا ،
ئەپۇ سوراپ كەپسەن بۈگۈن ئالدىمغا .
كەچۈرسەممۇ كەچۈرەرمەن يار سېنى ،
قەلبىڭدىكى ئورنۇم زادى قانچىلىك ؟

[align=justify]
مەنبە : ئىجادىيەت ( تۇرمۇشۇم )
|
 |
 |
 |
 |
|