ئامېرىكىلىق بالىلار مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنى ،ئوقۇتقۇچىسىدىن ئىچىگە 12خىل سوۋغات
سېلىنغان بىر خالتىچىغا ئېرىشىدۇ .گەرچە بۇ بۇيۇملارنىڭ كۆپىنچسى ئۇششاق-چۈشەك نەرسىلەر
بولسىمۇ،ئەمما ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىپادىلەيدىغان مەنسىى باربولۇپ، ئوقۇغۇچى ھەربىر
بۇيۇمدىن بىر خىل ئېسىل پەزىلەتنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
بىرىنچى سوۋغات. چىش كوچىلىغۇچ
مەنىسى :باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېپىپ چىقىش .چىش كوچىلىغۇچنىڭ رولى چىش ئارىسىغا كىرىپ
قالغان يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى كولاپ چىقىرىش .بىراق بۇ يەردىكى سىمۇۋۇللۇق مەنىسى ئوخشىمايدىغان ،
بولۇپ،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈش ۋە ئۈلگىلىك تەرەپلىرىنى «كوچىلاپ چىقىرىش» نى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى سوۋغات.رىزىنكە بوغقۇچ.
مەنىسى:ئىلاستىكىلىقنى ساقلاش، ھەربىرئىشنى ئورۇندىيالايدىغان بولۇش. كۆپ ئىشلاردا
تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە قىلغىلى بولمايدۇ، ئادەمنىڭ ئىقتىدارى بىسىم ئاستىدا تېخىمۇ
ئۇلغىيىدۇ، ئۇخۇددى رىزىنكە بوغقۇچقا ئوخشاش ئۇزىراش-قىسقىراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە،
ئۇنى سوزىغانسىرى شۇنچە ئۇزىرايدۇ.
ئۈچىنچى سوۋغات.ياراچاپلىمىسى
مەنىسى: باشقىلارنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ زەخمىلەنگەن ھېسىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان بولۇش.
ئۇنىڭ مەنىسىنى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بالىلاردىن ئازابدارلاردىن ھال سوراشنى بىلىۋىلىشنى تەلەپ
قىلىدۇ.
تۆتىنچى سوۋغات.قېرىنداش
مەنىسى: ھەركۈنى ئۆزئارمىنىنى يېزىپ تۇرۇش كېرەك.ئادەمدە ئارمان بولغاندىلا ئاندىن ئۇ
سۇبىيكتىپ پائالىيەتچانلىققا مايىل بولىدۇ،ھاياتى مەناغا ئېرىشىدۇ.بۇ سوۋغاتنى تەييارلاشتىكى
تۈپ مۇددىئا شۇكى بالىلارنى يۈكسىلىش ئىنتىلىدىغان ئادەملەردىن بولۇشقا يىتەكلەش.
بەشىنچى سوۋغات.ئۆچۇرگۇچ
مەنىسى: ھەممە ئادەم خاتالىق سادىر قىلشتىن ساقىت بولغان ئەمەس، خاتالىق
ئۆتكۇزۇش گۇناھ ئەمەس.خاتالىق ئۆتكۇزگەندە بوشىشىپ كەتمەسلىك،قايتىدىن
روھلىنالايدىغان بولۇش كېرەك.باشقىلارغا نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇش،غۇم
ساقلىماسلىق خۇددى ئوچۇرگۇچكە ئوخشاش خاتالىقلارنى «ئۆچۆرۈپ» تۇرۇش كېرەك.
ئالتىنچى سوۋغات.خۇشبۇي كەمپۈت
مەنىسى: ئىرادە قىلغاندىلا ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلغىلى بولىدۇ،بىر ئىشنى سىناب باققاندىلا
ئۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپقىلى بولىدۇ.خۇشبۇي كەمپۈتنى ئېغىزغا سېلىش بىلەنلا ئۇنىڭ شېرىن
تەمىنى سەزگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىرئاز شۈمۈش كېرەك.ئىش-ۋەزىپىنىمۇ بىر
دۆرەمدىلا ئورۇندىغىلى بولمايدۇ، قەتئىي نىيەت بىلەن داۋاملاشتۇرغاندىلا ،ئاندىن غەلىبە
مېۋسىگە ئېغىز تەگكۇزگىلى بولىدۇ.
يەتتىنچى سوۋغات.پاختا شارچە
مەنىسى: سىنىپ كوللىكتىپى يېقىملىق ئىبارىلەر ۋە ئىللىق ھېس-تۇيغۇلارغا تولغان. پاختا شارچە
يۇمران ۋە ئىللىق، ئۇ سانسىزلىغان ئىنچىكە تالالارنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق
ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ،بۇ بالىلارغا كوللىكتىپنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىر
گە ، ھەربىرەيلەننىڭ كوللىكتىپ ئۈچۈن نۇر ۋە ئىللىقلىق ئاتا قىلىشنىڭ شەرىپىنى بىلدۈرىدۇ.
سەككىزىنچى سوۋغات.شاكىلات
مەنىسى:كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەس ۋاقىتلاردا شاكىلات يىشىش ئادەمگە ئارام بىغىشلايدۇ.
شاكىلاتنىڭ كەيپىياتنى تەڭشەيدىغانلىقى ئادەمنى ھەقىقەتەن قىزىقتۇرىدۇ.شاكىلاتتەك خارەكتېر
يېتىلدۈرۈش بالىلارئۈچۈن بەك مۇھىم.
توققۇزىنچى سوۋغات.تەرسۈرتۇش قەغىزى
مەنىسى: باشقىلارنىڭ تەرىنى ۋە كۆز يىشىنى سۈرتۇپ قويۇشنى بىلىش كېرەك.ئۇ بالىلارغا باشقىلارنىڭ
ئازابىنى قانداق يەڭگىللىتىش ھەققىدە تەربىيە بىرىدۇ.
ئونىنچى سوۋغات.پۇل
مەنىسى: دوستلۇق رىشتىسى قەلىبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.دوستلۇق ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك، شۇڭا
ئالتۇن رەڭلىك قەغەزلەردىن ياسالغان دوستلۇق سىمۇۋۇل بۇيۇملىرىنى ياساش ئارقىلىق، كۆپچىلىك
ئۆز-ئارا كۆڭۈل دوستلۇق تېلەكلىرىنى ئېيتىشىدۇ.
ئون بىرىنچى سوۋغات.يارماق
مەنىسى:سېنىڭ قىممىتىڭ بولۇپلا قالماي بەلكى ئىنتايىن ئالاھىدىسەن. مىس يارماق ئۆتمۇشتىكى
مېتال پۇل، ئۇ كىشىگە ئۆزىنى –ئۆزى كەمسىتمەسلىكنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
ئون ئىككىنچى سوۋغات.قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى شەكىللىك كەمپۈت
مەنىسى: سەن مۇڭدىشىشقا ئىھتىياجلىق پەيتىڭدە ،مىنى ئىزدىسەڭ بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق بالىلارغا باشقىلار
مەلۇم قىيىنچىلىق ياكى خاتالىق ئىچىدە تۇرغاندا ،ئۇلارنىڭ قايتا «ھاياتلىق»قا ئېرىشىشى ئۈچۈن
مەردانىلەرچە ياردەم بىرەلەيدىغان بولۇش ھەققىدە تەربىيە ئىشلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئۆسمۇرلىرىنىڭ ئۆمرىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرس
بۇ بىرئادەتتىكى بالىلارباغچىسى. |
يېڭىلا باغچىغا كىرگەن بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باغچە كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ
كەلدى ۋە ئىنتايىن بەھۇزۇر ھالدا گىلەم ئۈستىدە ئولتۇرۇشۇپ، ھاياتىدىكى تۇنجى سائەتلىك
دەرسنى ئاڭلاشقا تەييارلاندى.
بىرئازدىن كېيىن باغچە كۈتۇپخانىسىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى كۈلۈمسىرىگىنىچە بالىلارنىڭ ئالدىدا
پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئارقسىدىكى جاھازىلارغا لىققىنە كىتاب تىزىلغان ئىدى.
-«ياخشىمۇسىلەر بالىلار، مەن سىلەرگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بىرەي بولامدۇ-بولمامدۇ؟» ئۇ شۇنداق
دىيىشى بىلەن بالىلار بىردەك چۇقۇراشتى :-« بولىدۇ!!»
ئۇكىتاب جاھازىسىدىن بىرپارچە كىتابنى ئالدىدە، ئىنتايىن ئاددىيغىنە بالىلارھېكايىسىىدىن
بىرنى بالىلارغا ئوقۇپ بەردى.
-«بالىلار» -دىدى، ئۇ ھېكايىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، قولىدىكى كىتابنى كۆرسىتىپ-
«بۇھېكايە دەل مۇشۇ كىتابقا يېزىلغان،بۇ كىتابنى بىر يازغۇچى يېزىپ چىققان، سىلەرمۇ چوڭ
بولغاندا مۇشۇنداق كىتابلارنى يېزىپ چىقالايسىلەر.»
ئوقۇتقۇچى بىرئاز توختىۋالغاندىن كېيىن ، بالىلاردىن سورىدى:«ئاراڭلاردىن قايسى دوست،
كۆپچىلىككە ھېكايە سۆزلەپ بىرەلەيدۇ؟»
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا، بىر كىچىك دوست ،ئورندىن تۇرۇپ:« مېنىڭ بىر دادام بار،
يەنە بىرئاپام بار،…يەنە ،يەنە مەنمۇ بار،…» دەپ توختاپ قالدى. ئۇنىڭ يۇمران ئاۋازى
زال ئىچىدە جاراڭلىدى.
ئەمما، ئوقۇتقۇچى بىرپارچە ناھايىتىمۇ سۈپەتلىك قەغەزگە، ئەستايىدىللىق بىلەن رەتلىك
قىلىپ ،بۇ بالىنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالدى.
«ئەمدى، قايسىڭلار بۇ دوستۇڭلارنىڭ ھېكايىسىگە ماسلاشتۇرۇپ قىستۇرما رەسىم سىزىپ
بىرەلەيسىلەر؟» دەپ سورىدى ،ئوقۇتقۇچى بايىقى بالىنىڭ ھېكايسىنى خاتىرىلەپ بولغاندىن
كېيىن.
بىر كىچىك دوست ئورنىدىن تۇرۇپ،قەغەزگە بىر «دادا»،بىر «ئاپا» ۋە بىرنەپەر«مەن» نى
سىزىپ چىقتى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سىزىغىنى ھېچبىر ئادەمگە ئوخشىمايتى.
ئوقۇتقۇچى يەنىلا ئىنتايىن ئەستايىدىل ھالدا، ئۇنىڭ سىزىپ چىققان رەسىمىنى بايامقى
ھېكايە بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تۈپلىدى،ئاندىن يەنە بىر پارچە كۆركەم قەغەز بىلەن بۇ «كىتاب»
نى مۇقاۋىلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاپتۇرنىڭ نام-شەرىپىنى،قىستۇرما رەسىم ئىشلىگۈچىنىڭ نام –شەرىپىنى، «نەشىر»دىن چىققان يىل،ئاي-كۈنلىرىنى يېزىپ قويدى.
ھەممە ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچى بۇ«كىتاب»نى ئېگىزكۆتۈرۈپ شۇنداق دىدى:
«بالام قارا، بۇ سەن يازغان تۇنجى كىتاب! بالىلىرىم ،كىتاب يېزىش ئۇنچە قېيىن ئەمەس،
سىلەر تېخى بەك كىچىك، شۇڭا پەقەت مۇشۇنداق كىچىك كىتابلارنى يازالايسىلەر، لېكىن
سىلەر چوڭ بولغاندىن كېيىن چوڭ كىتابلارنى يېزىپ، مەشھۇر ئادەملەردىن بولالايسىلەر!»
شۇنداق قىلىپ بۇ بالىلارنىڭ ئۆمرىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرىسى ئاياغلاشتى، بالىلار
ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ «قالتىس» ئىكەنلىكنى تونۇپ يېتىشتى.
-بۇ جۇڭگو دۆلەتلىك ئائىلە تەربىيسىى تورى بىزگە تەمىنلىگەن بىر ھەقىقى ھېكايىدۇر.
مەنبە :
http://weten.me/?p=555 ،
http://weten.me/?p=564