مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1850|ئىنكاس: 44

دۇنيا بوكىس شاھى - تايسىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇنتۇلغان ئادەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85795
تۆھپە نۇمۇرى: 2015
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:25:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى بوكىس تۈرىدىكى مۇسابىقىلەرنى ياختۇرىدىغان بالىلارنىڭ كۈرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ئىلگىركى دۇنيا بوكىس شاھى { تايسىن } نىڭ قىسقىچە تەرجىمالىنى يوللىدىم ياختۇردىغانلار كۈرۈپ بېقىڭلار ،



تۇلۇق ئىسمى : Michael Gerard Tyson

تۇغۇلغان ۋاقتى : 1967 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى

بوي ئىگىزلىكى : 1 مىتىر 80 سانتېر

ئېغىرلىقى : 100 كىيلو

دۆلەت تەۋەلىكى : ئامېرىكا نىيۇيۇرۇك { بۇلۇس ۋېر }

تېرنىرى : DAmato

كەسپى ھايتىدا جەمى 50 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان .

قىززىقىشى : كەپتەر بېقىش

مېك تايسن 1967 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 كۈنى ئامېرىكا نىيۇۋيۇرۇكنىڭ بولۇسۋېر دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان ئەزەلدىن ناجار ئائىلە تەربىيەسىدە ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ناجار مۇھىتنىڭ تەسىرىدە چوڭ بولغان تايسىن  بۇنداق شارائىتتا پەقەت ئۈزىگە تايىنىىپ داۋاملىق تىرىشقاندىلا ۋە باشقىلارغا بۈزەك بولمىغاندىلا ئاندىن ئاچ قالمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىپ جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېقىپ يۈرۈپ جان ساقلىغان ،

1978 - يىلى 12 ياشلىق تەيسىن باشقىلارنىڭ  پۇل قاپچۇقى ئوغىرلىغانلىق سەۋەپ بىلەن  ئۆسمۈرلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئاپىرۋېتىلگەن ۋە ئۇيەردە كىيىنكى تىرىنىرى داماتو بىلەن تۇنۇشقان . داماتۇ تايسندا ئاجايىپ بىر  تۇغما بوكىسلىق تالانتىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ . ئۇنى مەشقىلەندۈرگەن .

تايسننىڭ كەسپى بۇكىسچىلىق ھاياتى  1979 - يىلى باشلانغان ،

1986 - يىلى 11 -  ئاينىڭ 22 -  كۈنى 19 ياشلىق تەيسىن ئامېرىكىنىڭ لاسۋىگاستا ئۆتكۈزۈلگەن WBC ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولۇپ ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس ساھەسىدىكى ئەڭ ياش چىمپىيۇن بۇلۇپ قالغان .

1992 - يىلى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تايسىن  باسقۇنچىلىق جىنايىتى سەۋەپلىك بوكىس شاھلىق تەختىدىن چۈشكەن ۋە 6 يىللىق قولغا ئېلىنىپ 3 يىلدا يېنىپ چىققان . ئۇ تۈرمىدا يېتىش جەريانىدا جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى يەنى دۆلىتىمىزنىڭ  داھىيسى { ماۋزۇدۇڭنىڭ } كىتاپلىرىنى بىر مۇ بىر ئۇقۇپ چققان ۋە شۇنىڭدىن كىيىن ماۋجۇشىغا ئەڭ جوڭ ھۈرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . تايسننىڭ نەزىرىدىمۇ ماۋجۇشى ھەقىقى بىر ئۇلۇغ داھى ئىدى ، ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن  ئۈزىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئالىملىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان  ۋە ئۇلاردىن تەلىم ئالغان ،

1995 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تايسىن قايتىدىن مەيدانغا چۈشۈپ  ئىرلاندىيەلىك ماھېرنى  1 مىنۇت 35 سىكىنۇتتا يىڭىپ 25 مىلىيۇن دوللارلىق كىرىم ياراتقان،  شۇ يىلى 12 - ئايدا ئۇ يەنە  2 مىنۇت 32 سىكىنۇتلۇق نەنىجە  بىلەن رەقىبى مالىيسىنى يىڭىپ 10 مىلىيۇن دوللارغا ئىرىشكەن  .1996 - يىلىدىكى بوكىس شاھلىقىنى تالىشى مۇسابىقىسىدە تەيسىن قايتىدىن WBC ۋە  WBA دۇنيا  ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس شاھلىقنى قولغا كەلتۈرگەن .  تاكى 1996 - يىلى 10 - ئايغىچە تەيسىن ئۇدا  45 مەيدان يىڭىلمەسلىكتەك رىكوتنى ساقلاپ كەلگەن ئۇنىڭ ئىچىدە 39 مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتقان .  تەيسىننىڭ 1995 - يىلىدىكى كىرىمى  40مىلىيۇن دوللار . 1996 - يىلىدىكى كىرىمى 80 مىلىيۇن دوللارغا يەتكەن  1996 - يىلى 11 ئاينىڭ 9 - كۈنى تەيسىن خولىپپېردوغا يىڭىلىپ كەتكەن   . 1997 - يىلى 6- ئاينىڭ  28 - كۈنى ئۇ يەنە بىر قېتىم  خولىپپېردو بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ 3 - قېتىملىق ئۇچرىشىشتا چوڭ بىر خاتالىق سادىر قىلىپ  ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنى چىشلىۋالغان ۋە ئېغىر سەتچىلىككە قالغان ،  شۇنىڭدىن كىين ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشش سالاھىيىتى بىر مەزگىل بىكار قىلىنغان ، 1997 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى  دۇنيا بوكىسچىلىق جەمىيىتى قايتىدىن سوت ئېچىپ تەيسىنگە  3 مىلىيۇن دوللار جىرىمانە قۇيۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ  قايتىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشىش   سالاھىيىتىنى بەرگەن

بىراق تەيسىننىڭ شۇنىڭدىن كىيىن تەلىيى ئوڭدىن كەلمىگەن ئۇ يىقىلغان شۇ يىقىلغانچە ئورنىدىن قايتا  تۇرالمىغان   ، روھى جەھەتتىن قاتتىق چۈشكۈنلەشكەن تەيسىن ئۈزىنىڭ بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئىسىدىن چىقىرىپ  تىزلا زەھەرلىك بۇيۇملارغا خۇمار بۇلۇپ قالغان ،  ئەيىش ئىشرەتلىك تۇرمۇش . زەھەر چىكىش قاتارلىق ناچار ئىشلار  4 يۈز مىلىيۇن دوللارلىق بايلىقىڭ ئىگىسى بولغان بۇ بوكىسچىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قاق - سەنەم قىلىۋەتكەن،  تايسىن جەمى 3 قېتىم توي قىلغان بۇلۇپ 3 - ئايالى بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن قايتىدىن ئادەم بۇلۇپ بارلىق يامان ئادەتلىرىنى تاشلىغان.  شۇنىڭ بىلەن تايسىن   2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى  سەئۇدى ئەربىستاندا ھەج قىلغان ....    8 بالىنىڭ دادىسى بۇلۇپ قالغان تايسىن ھازىر كىچىك پىراگراممىلارغا قاتنىشىش .  ۋە رىياسەتچىلىك  قىلىش . كىنولاردا قۇشۇمچە روللارغا قاتنىشىش . WWE  كۈڭۈل ئېچىش مۇسابىقىسىنىڭ  سىرتتىن كىرگەن مىھمان سۈپىتىدە ئۇيۇن كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق پۇل تېپىپ . ئائىلىسىنى بېقىپ كىلىۋاتىدۇ .

شەخسەن ئۈزۈم بوكىس شۇنداقلا تايسىننىڭ سادىق قوللىغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا چىن كۆڭلىمدىن ئۇتۇق تىلەيمەن ،

نىمىلا دىمىگەن بىلەن تەيسىن ھازىرقى دەۋىر بوكىسچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ بوكىسچى بۇلۇپ ئۇ دۇنيا بوكىس مەستانىللىرىنىڭ قەلبىدە يەنىلا   مەڭگۈلۈك ھەقىقى  دۇنيا بوكىس شاھى ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە   .......


تۈۋەندىكى ئۇ توغرىسىدىكى قىسقا  فېلىم :







مەنبە : بەيدۇ ۋە ئۈزۈم تەييارلىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار .

مەن بۇ قېتىم ئىپلاس تىنىڭدىكى قانلارنى چۇقۇم كۆپرەك ئاققۇزىمەن ... يەنە كېلىپ بۇ قېتىم ئەشۇ زەھەرلىك قانلىرىڭ جەرىستاندا ئاقىدۇ  ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35111
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2011-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:46:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تايسىن...بىزدەكلەرنى چىكىپ قويسا ئۇچۇپ كىتىمىز دە... [s:177]  [s:177]  [s:137]  [s:137]

ئالما ئالەمنى ئۇنىڭدا ھەر غەم بار، ئال كۆڭۇلنى ئۇنىڭدا ئالەم بار...

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:49:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سابىق دۇنيا بوكىس شاھى تايسون(Tyson)...

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33830
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1207
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 711 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2011-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:55:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىنى ئاڭلىغان شۇ ئىش راسمىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38256
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 197
تۆھپە نۇمۇرى: 8
توردا: 677 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2011-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا مۇشۇنداق تىمىنى كۆپرەك يوللاپ تۇرساڭلار.
ماڭا ئۇنىڭ تەسىر قىلغىنى ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغىنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23566
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1725
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 4616 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 12:01:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك ئامراق تەيسىنگە!!!!ھازىرغىچە يەنىلا ئەڭ كۆپ ئادەم بىلىدىغان تونۇيدىغان بوكىس شاھى! تەيسىن دىسە تونۇمايدىغىنى يوققۇ دەيمە باشقا بوكىسچىلارغا قارىغاندا!
ئۇنىڭ خولىۋېرىت بىلەن چۇشكەن مۇسابىقىدە خولىۋېرتنىڭ قۇلىقىنى چىشلىۋىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەب خولىۋېرىت تەيسىننى تولا قۇچاقلىۋىلىپ تىرىكتۇرۋەتتى،قۇچاقلىۋىلىش كەتمەيدىغان ئادەتتىدىكى ئارلىقتىنمۇ قۇچاقلىۋىلىپ تەيسىنگە پەقەت ھۇجۇم قىلغۇدەك پۇرسەت بەرمىدى،تەيسىن تىرىكىپ ساراڭ بولدى،
شۇنىڭ بىلەن خولىۋېرىت يەنە قۇچاقلىغاندا (مانا تويە!!ئوغاۋالىدەك ئوينىمىغانغا)دەپ قۇلاقتىنلا ئالدى!!بىچچارە خولىۋېرىت ئاغرىقنىڭ دەستىدە قۇلقىنى تۇتقىنچە تاقلاپ تۇرغان يىرىدە  تۇگمەن تىشىدەك 3--4 نى پىقىرىۋەتتى!!!!!!!!!!

ئالتۇن قونداق قەپەزدىن لىڭ لىڭ قۇمۇشۇم ياخشى!!!!! مەنبە: بىر قۇشقاچنىڭ تىلىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34958
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2011-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 12:06:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. ئۇ يەنە لۇيىسقىمۇ يېڭىلگەن....

ھەققانىيەتنىڭ قامچىسى دورغامنىڭ قولىىدا........... ا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6780
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5359
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2012-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 12:10:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تايسىن ھەقىقەتەن ئۇلۇغ بوكىسچى،مۇسۇلمانلارنىڭ پەخرى،بۇكىشىگە مىنىڭمۇ ھورمۈتۈم چوڭقۇر.

ئاللانىڭ قۇلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 535
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9766
تۆھپە نۇمۇرى: 426
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 12:12:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ئېلشىشىنى بىر كۈرۈپ چىقاي ھە

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 694
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 474 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 12:13:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  alrik كە 2011-04-30 11:55 PMئەۋەتىلدى  :
مەن بۇنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىنى ئاڭلىغان شۇ ئىش راسمىدۇ
ياكى ئىنكاس يازمىسڭىز،يازغاندىكىن تىمىنى تولۇق ئوقۇپ يازسىڭىز.

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش