مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1780|ئىنكاس: 14

مەن ئۆزۈمنى بەخىتلىك دەيتىم (كەترەن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3642
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 04:57:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن ئۆزۈمنى بەخىتلىك دەيتىم (كەترەن)

 

 

يوللىرىڭدىن تاپسام ئىزىمنى،

كۆزلىرىڭدىن كۆرسەم ئۆزۈمنى.

ھېسلىرىڭدىن سەزسەم شىرىننى،

مەن ئۆزۈمنى بەخىتلىك دەيتتىم.

 

 

 

ماڭالىسام ياندىشىپ بىرگە،

باغچىلاردا قىلسام ھەم سەيلە.

قويالىسام بېشىمنى مۈرەڭگە،

مەن ئۆزۈمنى بەخىتلىك دەيتتىم.

 

 

چۈشلىرىڭگە كىرەلىسەم گەر،

ئارامىڭنى بۇزسام ھەم تۈندە.

خىيالىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە،

مەن ئۆزۈمنى بەخىتلىك دەيتتىم.

 

 

نىگاھ سېنى سېغىنغىنىمدا،

سۆيگۈڭگە ھەم تەشنا بولغاندا.

تىۋىشلىرىم تىنىم تاپقاندا،

مەن ئۆزۈمنى بەخىتلىك دەيتتىم.

 

مەسخىرىلىك باقمىساڭ جانىم،

گۈل بېغىمنى ساڭا ئاچقۇم بار.

پەرۋىشكارى ئۆزۈڭلا بولساڭ،

ساڭا مەڭگۈ سايە بولغۇم بار.

 

 

قوللىرىمنى قويىۋەتمىسەڭ،

ھېسلىرىمنى بۇزىۋەتمىسەڭ.

مېنى تاشلاپ كېتىپ قالمىساڭ،

ساڭا مەڭگۈ مەشۇق بولغۇم بار.

 

 

باغلىرىمدىن گۈل- غۇنچە ئۈزگىن،

دەستە قىلىپ ھۇجراڭغا تىزغىن.

سۆڭگۈمنى ھەم گۈلگە ئورىغىن،

بىلسەڭ جېنىم ساڭا كۆنگۈم بار.

 

 

مۇھەببىتىم ساڭا بەخشەندە،

ئالغىن نىگار تىلتۇمار قىلىپ.

تىنەپ قالماي مەڭگۈ ئارماندا،

يول باشلىغىن مەنزىلىم بېقىپ.

 

 

مۇھەببەت ئۇ ئۈزۈلمەس تېما، سۆيگۈ شۇ تېمىنىڭ سالقىن شامىلى، ۋىسال بولسا شوخ ئويناقشىپ ئاققان سۈزۈك سۇلىرى......

 

 

ئەي ئەزىز، بىلگىنكى:_ قەلبىم تۆرىدىكى مۇھەببەتلىك خانە پەقەت ۋە پەقەت ساڭىلا خاستۇر.........

 

 

ئەي ئەزىز قۇلاق سالغىن:_ يۈرىگىمنىڭ زىلتارىدىن چىقىۋاتقان مۇھەببەتلىك ناخشام پەقەت بىر ساڭىلا ئاتالغان...........

 

 

ئەي ئەزىز، ماڭا قارا:_ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قارا، بۇ بىر جۈپ كۆز سېنى بەخىت بۇلىقىغا بىمالال باشلىيالايدۇكى سېنى ھەرگىزمۇ دەرت- ھەسرەت ۋە ياكى تۇماندا قالدۇرمايدۇ...........

 

 

كەلگىن ئەزىز؛_ قولۇمنى چىڭ تۇت، مەن سېنىڭ ھىمايەڭگە مۇھتاجمەن.......

 

 

 

مەنبە: كەترەن ھېسسىيلىرى

كومپىيۇتېر ئالدىدا: كەترەن

 

 

ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ، يازمىلىرىم پەقەت مىسرانىم تورىغىلا مەنسۇپ، قالايمىقان كۆچۈرمەڭ، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت......!!!!



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Tughrul + 200 ئىجادىي
kamran + 1 ئېسىل يازمىكەن،باھالاندى
TATLIHIM + 50 ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ! كەترەم ھەدە ئا

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 251   باھا خاتىرىسى

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ~

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 521
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10588
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 3569 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 05:42:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسياتقا بەكلا بايكەن سىز ~! 

خالىغانچە ياشا بىراق سەن يەنىلا ئۆلىسەن ، خالىغان نەرەسىنى ياخشى كۆر بىراق سەن ئۇنىڭدىن ئايرىلسەن ، خالىغان ئىشنى قىل بىراق سەن شۇ قىلغان ئىشلىرىڭغا قاراپ مۇكاپەتلىنسەن ياكى جازالىنسەن .!

كۈنسىر ئالغا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 1474
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 33297
تۆھپە نۇمۇرى: 714
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 05:43:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسلار نىمانداق پەيزى ئاپپاق ،ماڭمۇ بىرىپ تۇرىڭە ،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەيلە قىلىپ مۈرىسىگە بېشىمنى قۇيۇپ ئۈزۇمنى بەختلىك دەۋالاي  [s:34]

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭقانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23196
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 05:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق ئىشتۇ بۇ ؟تىمىنى ئۇقۇۋىتىپ يۈرۈكۈمنىڭ سوقىشى تىزلىشىپ كەتتى دىسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9043
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3407 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 05:45:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ! كەترەن ھەدە ،ھېسىياتقا باي شېئىرلىرىڭىزنى مەن بەك ياقتۇرۇپ كۈرىمەن !  [s:36]

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئننە لىللەھى ۋەئ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 05:52:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
..............
  بەختىلىك بولۇڭ، بەختىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن...

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

گۈلۈم ، كەتمە يېنىمدىن ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14104
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1409 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 06:06:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەترەن ھەدە ``ھېسياتقا باي شېئىرلىرىڭىزغا ھەمدەمدە بولالىغىنىمدىن خوشالمەن !
ئەمدى مېنىڭىكىنى كۆرۈپ https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-1683.shtmlباقسىڭىز  ```

نە ئۈچۈن ياراتتىڭ ئەي ئۇلۇغ خۇدا ،
سۆيگەننى سۆيدۈرپ سۆيمىگەنلەرنى.
قىلساڭ بولماسمىدى جېنىدىن جۇدا ،
كۆيگەننى كۆيدۈرۈپ كۆيمىگەنلەرنى...

دىلنىڭ سىر دىشى -

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 3084
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 06:16:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەتىرەندىمۇ ھىسىيات باركەن دىسە .

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 06:24:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچا  سىزنىڭ بۇنداق ھىسياتقا باي تىمىللىرىڭىزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن .
اللا بەختىڭىزنى بەرسۇن ```` ھەر بىر ئىشلىرىڭىز ئۇڭىشلىق بولسۇن !!!
  ئىجادىيتىڭىز مول بولسۇن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1005
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9005
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2011-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 06:47:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇيەلىسەم سىنى بىر ئۇمۇر
سۇيەلىسەڭ مىنى بىر ئۇمۇر
كۇيۇشۇپلا ئوتسەك بىر ئۇمۇر
مەن ئوزۈمنى بەخىتلىك دەيتتىم


تىزالىسام بېغىڭغا  گۈللەر
پۇرالىسام خوش ھىدىنى ھەم
بىرەلىسەڭ مىھرىڭنى ئەبەد
مەن ئۇزۇمنى بەخىتلىك دەيتتىم

يۇرەلىسەڭ مەن بىلەن بىرگە
كۈنەلسەك بۇران چاپقۈنغا
بىرەلىسەڭ ھەقىقى سويگۈ
مەن ئۇزۇمنى بەخىتلىك دەيتتىم


يوقاپ كەتمەيلى  كەترەن ...
سىزگە ئامات تىلەيمەن تاتلىقىم ...............
تېلغۇن قىلىڭە ..گەپ باتتى .........دەرھال

ئوز بەختىدىن كىچىپ .ئوزگىگە بەخىت تىلىيەلەمسەن ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش