ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار، مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام، ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن، چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن. تۇرمۇشۇڭلار مەڭگۈ شادلىق ئىچىدە ئۆتسۇن..ھەممىمىزنىڭ مۇنبەردىكى دوستلىقى سەمىمىي، ساپ بولسۇن!
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،نەچچە كۈندىن سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ،مۇنبەرگە تۈزۈك تېمىمۇ يوللىيالمىدىم،بۈگۈن كۆڭۈل ئۈنچىلىرىمىزنى چېچىشىىپ بىر پەس مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە ، ئاز بولسىمۇ، ئىككى كۇبلېت شېئىر ئېلىپ كەلدىم، مۇنبەرداشلارنىڭ مەيلى بارمىكىن،مۇشائىرە قىلىشقا،قېنى، ئەمسە جۈر بولىدىغانلار مەرھەمەت!
تەلمۈرۈپ ئارقىسىدىن نەچچە رەت باقتىم،
ۋىسالىغا يەتمەك ئۈچۈن بولدۇم سەكپارە.
كۆزلىرىدە مۇھببەتتىن ھېچ ئەسەر يوقتۇر،
ئىشقىدا يۈرەكلىرىم بولدى مىڭ پارە.
يۈرىكمنى چۇلغىماقتا ئازابلىق ھېسلار،
مۇڭ ئىچىدە يۈرۈيمەن بولۇپ خىيالچان.
ئۈشبۇ ئاھۇ –زارىمغا سالارمۇ قۇلاق،
ئىشقىم بېرىپ يۈرەكتىن سۆيگەن شۇ جانان.
مۇشائىرە قائىدىسى: خالىغان مىسرالارنى شېئىرنىڭ باشلىنىش مىسراسى قىىلپ داۋاملاشتۇرۇپ يازساق بولىدۇ،قېنى، ئەمسە داۋامى سىلەرگە قالدى.