مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1088|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇرلارنىڭ  گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سالامەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12414
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7782 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:22:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]

[align=justify]   يىلىم: قەدىمدە خانىم-قىزلىرىمىز چېچىغا جىگدە يېلىمىنى يۇمشاق سوقۇپ سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ، چاچلىرىنى ئۆرۈپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئادەتتە، جىگدە يېلىمىنىڭ چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىش، باش قىچىشىش، كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، چاچ قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش تەسىرى بولغاچقا، ئۇنى داۋاملىق چاچقا چېپىپ بەرگەندە، چاچ ئۆستۈرۈش، قارايتىش، پارقىرىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى؛ باش قىچىشىش، كېپەكلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمۈلۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جىگدە يېلىمىنىڭ تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسيتىش رولىدىن پادىلىنىپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. قۇۋۋەتلەش رولىدىن پايدىلىنىپ باش قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم رەئىس ئەزا مېڭىنى قۇۋۋەتلەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش رولىدىن پايدىلىنىپ باش قىسمىدىكى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكى، جاراھەت، زەخىم قاتارلىقلارنى تېزلا يوقاتقىلى، شۇنداقلا ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، باش قىسىم تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جىگدە يىلىمىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولغان باش قىسمىدىكى مېڭىدىن ئىبارەت رەئىس ئەزانىڭ ئارتۇق ھۆللىكىنى قۇرۇتۇپ، ھۆل سوغۇق ئارتىپ كېتىشتىن بولغان ھەر خىل مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئوسما: ئوسما قويۇش ئويغۇر خانىم-قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئادەت بولۇپ، بۇنىڭدا ئوسما يۇپۇرمىقىنى سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى قاشقا سۈركىلىدۇ. ئوسمىنىڭ چاچ پارقىرىتىش، قارايتىش، ئۆستۈرۈش تەسىرى بار. شۇڭا ئۇنى داۋاملىق قاشقا قويۇپ بەرگەندە، قاش ئۆستۈرۈش، قارايتىش، پارقىرىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئوسما يۇپۇرمىقىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئۇنى قاشقا قويۇپ بەرگەندە قاش ئەتىراپىدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ئۈستۈنكى قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش، قاپاق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا قاش يىلتىزىنى چىڭىتىپ، قاش چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
سۈرمە تارتىش: بۇمۇ بۇرۇندىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان بىر خىل گىرىم قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، قەدىمدە ئەرلەرمۇ تۈرلۈك كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆزىگە سۈرمە تارتقان. سۈرمە بىر خىل تاش بولۇپ، ئادەتتە يۇمشاق سوقۇلۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن كۆزنىڭ كىرپىك بار يېرىگە سۈرتىلىدۇ. سۈرمىنىڭ كۆزنى قۇۋۋەتلەش، ئاسراش، روشەنلەشتۈرۈش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ھارارەت پەسەيتىش قاتارلىق تەسىرلىرى بار. شۇڭا ئۇنى كۆزگە دائىم تارتىپ بەرگەندە، كىرپىكنى ئۇزۇن، قارا، پارقىراق قىلغاندىن سىرت، يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز ئاغرىش، كۆز قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ. قاپاق ئاغرىقى، باش ئاغرىقى قاتارلىقلاردىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. ھارارەت پەسەيتىش رولىدىن پايدىلىنىپ كۆزنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، كۆز چىڭقىلىش قاتارلىقلاردىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش تەسىرىدىن پايدىلىنىپ كۆز ياشاڭغىراش، ھۆللۈك ئارتىپ كېتىشتىن بولغان قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش قاتارلىق ئالامەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
تىرناققا خېنە قويۇش: بۇ تىرناق ۋە بارماقلارنى گۈزەللەشتۈرۈشتىكى گىرىم قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھازىرمۇ ئاز ساندىكى خانىم-قىزلىرىمىز تىرناقلىرىغا خېنە ياقماقتا. ئادەتتە خېنىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ-تىرناقنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش روللىرى بار. شۇڭلاشقا، تىرناققا خېنا ياققاندا، تىرناقنى پارقىتىپ قول-پۇت بارماقلىرىنى گۈزەللەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە قول-پۇتتا كۆرۈلگەن بوغۇم ئاغرىقى، بارماقلار غەيرىلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان توختىتىش تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، تىرناق يېرىلىش، بارماق تېرىسى سويۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

[align=justify]http://bbs.8koqa.com/read.php?tid=1358

[align=justify]مەنبە:8كوچا مۇنبىرى


قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

ئىنسان ئىنساندە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4980
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9032
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 2771 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 01:06:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خانىم- قىزلار گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار تەبىيلىككە ئەزەلدىن ئېتىبار بىلەن قارىغان.
تەبىئەت بىلەن ماسلاشقان گۈزەللىك ھەقىقىي گۈزەللىك ھېساپلىنىپ كەلگەن.
لىكىن ھازىر سۈنئىلىككە بەكرك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىۋاتىمىز.

ئىنسان ئىنساندەك ياشىسىلا رەزىللىكتىن خالى بولاتتى

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12687
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 4079 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 01:08:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ نىمىشقىكى تىرناققا خىنە قويغان بىلەن پەقەت خوشۇم يوق. لىكىن پايدىسىغۇ جىقكەن بۇنىڭ.

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ للە پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7886
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2028 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 01:44:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلىغا  خېنە  قۇيۇپ  ئەتكەن  تاماقنى  قانداق  يىگىلى  بولسۇن؟
نىمە  قىلدۇ  ،  خۇدايىم  بەرگەن  سۈزۈك  تىرناقلارنى  قىزارتىپ...؟

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 02:54:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىنىنى تىرناققا ئەمەس  قولغا  قويدۇ . نىمە قىلدۇ  تىرنىقىغا قويۇپ . قولىغا خىنە قوياش  بىزنىڭكى ئەمەسقۇ دەيمەن ...

ئىچىم قان-زەرداپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37643
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2011-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 02:55:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ  تەبىئىي بولغان قەدىمىي گىرىم بويۇملىرىمىزنىڭ پايدىلىق رولىنى ئىچكىردىكى خانىم قىز يولداشلىرىمىزلا ئەمەس،چەت ئەللەردىكلەرمۇ بىلىپ كەتتى ...

بىر مىللەت ئوزىنىڭ كاتتىلىقىنى تونىماي تۇرۇپ ، دۇنياغا كاتتا مىللەت بولۇپ تونۇلالمايدۇ.    -ئاتا تۈرۈك

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10700
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 03:00:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن بۇلار ھازىر ، بىر قىسىم قىزلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە < سەھرالىقلارنىڭ بۇيۇملىرى > بولۇپ قالدى . ...............

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

يۇقال مۇھەببەت!ي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14632
يازما سانى: 2134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12406
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1021 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 03:04:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (KANAN) نىڭ يازمىسىغا

توغرا گەپ!.............
ھازىر چەتنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش مودا بوپ كەتتى، بىر ئوبدان پايدىلىق ھەم ئەرزان تەبئى گىرىم بۇيۇملىرىمىزنى قۇيۇپ

بەخىت ئىزدىمە بەخىت يىنىڭدىلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11044
يازما سانى: 1308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17658
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 05:56:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى مەن ياقتۇرىدىغان ئىشلاركەن ، بولۇپمۇ مەن ئوسما قويۇشقا بەك ئامراق ، ياز كەلسىلا دۆڭكۆۋرۈكتىن ئوسما ئەكىلىۋىلىپ قويۋالىمەن ، شۇڭىمىغۇ قىشىمنى كۆرسە ھەممەيلەن ماختاپ دىگىلى گەپ تاپالماي قىلىشىدۇ .

كىشى ھەر ۋاقىت بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاشنى ئۈگىنۋىلىشى كىرەك.ئۆزىدە بار بولغان بەخىتننى سىزەلمىگەن كىشى ئەڭ بەخىتسىزدۇر.

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 12:35:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاچ يىلىمىنى ئىشلىتىپ بەرسەم بولغىدەك جىمۇ ، بۇنداق كۆپ روللىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن ،
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش