مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1337|ئىنكاس: 29

دوستۇمنىڭ ئۆلىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10307
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4554 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 02:29:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


 دوستۇمنىڭ ئۆلىمى



[align=justify]بۇ ھېكايەمنى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر  پائالىيتگە  قاتناشتۇرىمەن    

[align=justify]
   ئىككى  ئاساسەن   خىزمىتى  بىلەن  ئالدىراش  ئىشلەۋاتقان  كۈنلەرنىڭ  بىردە  ،  ئۈرۈمچىدە بىللە ئوقۇغان جان-جىگەر دوستۇم رىزۋان تۇلىمۇ زەئىپ ئاۋازدا ماڭا تېلفۇن قىلىپتۇ .   ئاداش ،  بارمۇ سەن بەك يوقاپ كەتتڭغۇ ؟  سىنى  شۇنداق  كۆرگۈم  كەلدى ،  ۋاقتىڭ  بولسا  يۇرتقا  بىر  كىلە  ، ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بارئىدى .                                                      

ئاداش مېنڭ شۇنداق بەك بارغۇم بارئىدى . مەكتەپتە بەك ئالدىراش ئىشلەپ كېتپ بارىمىز،  كىيىنچە ۋاقىت چىقرىپ چۇقۇم بارىمەن .كۆڭلىڭنى يېرىم  قىلما ھە : دەپ -تىلفۇنى قۇيدۇم  ،     شۇ قېتىملىق كۆرشىشىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق  بۇلۇپ قىلشىنى خىيالىمغىمۇ كەلمىگەن ئىدى..ئاردىن بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتۈپ  رىزۋاندىن خەت كەلدى ،مەن تۇلمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە كونۋىرىتقا  قاراپ تۇرۇپ  قالدىم ، خەت راستلا ئۇنىڭدىن كەلگەن ئىدى ،  بۇگۈنكىدەك  ئۇچۇر  دەۋىردە  خەت يېزىپ يۈرگىنىگە  ئەجەپلەندىم .....                
 خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلقدا     بۇخەتنى ئۇقۇشقا راستىنلا  ۋاقىت چىقرالمىدىم .

[align=justify]             
ئىككى ئاساسەن خىزمىتنى دىمسەممۇ  بەلكىم چۈشنىدىغانسىلەر بۇ كۈنلەر شۇنداق ئالدىراش  ئۆتىۋاتاتتى،  ھەتتا بەزىدە تاماق يىيشكىمۇ ۋاقىت يوق ...................  مۇشۇنداق ئالدىراش كۈنلەر ئالاھەزەل ئىككى ئاي  بولغاندا ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئىككى ئاساسەن خىزمىتنى تەكشۈرۈش گۇرۇپبىسدىكىلەر ئاخىرى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.......................

مەكتىپىمىزدىمۇ  خىزمەت نۇرماللاشتى ،بۇرۇنقىدەك  ئالدىراش ئىشلىمەيدىغان بولدۇق شەنبە يەكشەنبە  نۇرمال ئارام ئالدىغان بولدۇق  ...................

بىر كۈنى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئولتۇرسام ،رىزۋاننىڭ ئۆينىڭ  تېلفۇن نۇمۇرىنى كۆرسىتىپ تىلفۇنىم سايراپ كەتتى ،كۆڭلىمدە ئەمدى، بۇ ئاداش بىلەن تازا بىر  مۇڭدىشدىغان بولدۇم ،دەپ خۇشال تىلفۇننى ئالسام رىزۋاننىڭ ئانسى ئىكەن ،قىزىم ۋاقتىڭىز چىقسا يۇرتقا بىر كەلسىڭىز بوپتكەن . دىدى ،يىغلامسىراپ كۆڭلىم بىر ئىشىنى تۇيغاندەكلا ماقۇل، مەن باراي دەپلا تىلفۇننى قويۇپ،  ئۆيدىكىلەرگە تىلفۇن قىلىدىم ، ئانام سىز دىگەن قىز بالا تۇرسىڭىز  ئۇ يەر يا يېقىن بولمىسا بارىمەن دەپلا باردىغان ئىش يوق بارمايسىز دەپ چىڭ تۇرۋالدى ، مەنمۇ ئامالسىزلىقتىن  بارالمىدىم .......ئاردىن ئىككى ئۈچ كۈن ئۈتۈپ  ئۇنىڭ ئۆيدىن يەنە تېلفۇن كەلدى يۇركۈم ئەنسىز  تىپىرلاپ كەتتى ،ئەمدە نىمە دەرمەن دەپ  تىلفۇننى ئىلشىمغىلا ۋاي مىنڭ يۈرەك پارەم ،كۆز قارچۇغۇم بالام   دۇنيادىن  ۋاقىتسىز كەتتڭغۇ بالام دىگەن يىغا ئاۋازلار ئارسىدىن ئۇنىڭ دادسنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى   ياخشى تۇردىلىمۇ  بالام قىزىم رىزۋان  ئالەمدىن ئۆتتى ، ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا سىز گە دەيدىغان  نۇرغۇن گەپلىرنىڭ بارلىقىنى يازغان خەتلىرىگە جاۋاپ  قايتۇرمىغانلىقىڭىزدىن  كۆڭلى بەك يېرېم بولغانلىقىنى دەپ جان ئۈزدى قىزىم دەپلا ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى ،بۇ ۋاققىتكى ھىسياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ يېزىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلمەن ،يۈركۈمنى مۈشۈك تاتلىغاندەك ئىچىشىپ كەتتى ،نىمىشقىمۇ رىزۋاننىڭ ئانىسى تىلفۇن قىلغاندىلا بارمىغاندىمەن ،،،دەپ بەك  كۆڭلىم يېرېم بولدى .دوستۇمنىڭ ئۈلمىدىن بەك  ئازپلاندىم قايغۇردىم ،نەچچە كۈنگىچە كۆڭلىم بىر قىسما بۇلۇپ يۇردېم .......ئۆيگە كىلىپ رىزۋانغا  يازغان  خەتنى ئىزىدىم  ، ھەر قانچە ئىزدىسەممۇ ئۆينىڭ ھىچ يىردىن تاپالمىدىم،تاپالمىغانسىرى جىدىلىشىپ  كىتۋاتاتىتم ..خۇددى بۇ خەتنى تاپالمىسام گۇناھكاربۇلۇپ  قالدىغاندەك  كۆڭىلىم تۇلىمۇ ئارامسىزلىنىۋاتاتتى  ....مانا ئاخىر بۇ خەتنى ئارمان دىگەن كىتاپنىڭ ئارسىدىن تۇلمۇ تەستە ئىزدەپ تاپتىم .
كونۋىرىتنى تاقەتسىزلىك بىلەن ئېچىپلا  ئۇقۇشقا باشلىدىم  ................. 
 

يىراقلاردىن ئوتلۇق سالام دوستۇم      

[align=justify]                  
ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ؟ خىزمەتلىرىڭ ئالدىراش ئوخشايدۇ ھە ،تېلفۇنمۇ ئۇرمىدىڭ ، ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم يىغلىپ قالغان ئىدى؟ كەل دىسەم  زادىلا كەلمىدىڭ ..تېلفۇندا   يۈرەك باغىرىمنى لەختە-لەختە قان قىلۋاتقان ئازاپلىق گەپلىرىمنى  پەقەت ساڭلا دىسەم ئازاپلىرىم بىر ئاز  بولسىمۇ  يەڭگىللەپ  قالاتتى .بەلكىم  خەت يازىغىنىمدىن ھەيران قىلۋاتقانسەن ،ئالدىنقى قىتىم سەن كەلگەن ۋاقىتتا ئىككى كۆكرىكىمنىڭ ئۇتتۇرسىدىكى  داغ  ھازىر يوغناپ مۇشتۇمدەك  بۇلۇپ  كەتتى ،بەزىدە نەپەسلىرىم قىيلىنىپ تىنالماي قالىمەن ،ئاداش مىنڭ ئۆمۈرۈم ئۇزاققا قالمىدى ،كۆڭلىم ھەمممنى تۇيۇپ  تۇرىدۇ .....بۇ ھاياتىمدا مەن مۇھەببەت ئازابىغا بەرداشلىق بىرەلىمەي ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ  كېتدىغان ئوخشايمەن..ماڭا ھازىر ھەممە نەرسە ئەرزىمەس بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى ،ئاتا ئانام يىنىمدا پەرۋانە بۇلۇپ مەن ئۈچۈن ئۈنسىز ياش تۆككىنىنى  كۆرسەم بۇ ھەسرەتلىك مۇھەببەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغىنىمغا ئۈزۈمدىن نەپرەتلىنىپ كىتمەن .. ،مېنڭ ھاياتتىن ئاللىقاچان ئۈمۈدۈم ئۈزۈلگەن   دوستۇم .ئادىل مىنى تاشلاپ كەتكەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ يۈركۈم پارە پارە بولغان ئىدى ،ئايرىلىش ئازابىنىڭ بۇنچە ھەسرەتلىك ئىكەنلىكىنى بۇرۇن راستلا بىلمەپتىكەنمەن .بۇ  جۇدالىق ئايرىلىش  مىنى ۋەيران قىلدى .ياشلىق باھارىمنى خازان قىلدى مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ  كىتەلمىدىم   ،ھەر قىتىم ئۇنىڭغا تىلفۇن ئۇرسام ئاۋازىمنى ئاڭلاپلا تىلفۇننى قۇيۋىتدۇ ..بۇ  ۋاقىتتا ئۈنسىز  تۈكۈلگەن ياشلىرىم مىنى ھەسرەتتىن  پۇچلانغان يۈركىمنى زىدە قىلۋەتتى . ئاداش ئېتە ، مەن زادى  قانداق قىلاي ، ھىلمۇ ھازىر  ساڭا بۇ خەتنى يازغىچە قانچە قىتىم توختاپ   يىغلاپ يېزۋاتقىنىمنى سەن ھەرگىز بىلمەيسەن . پۈتۈن ئاۋازىمنى قۇيۋىتىپ  ئادىل مەن سىنى ياخشى كۈرىمەن ،مىنى تاشلىۋەتمىگىن دەپ ۋارقىراپ  ،مەھەلىمىزنىڭ ئاياغ تەرپىدىكى  شۇ كۆلگە قاراپ تالاي قېتىم ئادىل بىلەن خىيالى  پاراڭلشىپ ئۇلتۇرغىنىمنى  ساناپ بۇلالمايمەن   .ئاداش مىنى بۇرۇن  پۈتۈن ئىشقى بىلەن سۈيۈپ مىنى شۇنچە قۇغلاشقان ئادىل شۇمۇ ... سەندىن گەپ كىرگۈزۈپ مىنى چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن ئادىل شۇمۇ ........................

سەن  ئادىلغا تېلفۇن قىلىپتكەنسەن ،كىيىن  ئۇماڭا تىلفۇن قىلىپ مىنى تىللاپ كەتتى ،ئەمدى ماڭا تېلفۇن قىلما ،سىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىلنى ئۇنتۇپ كەت ،مەن سىنى كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن يۈرگەن ،بىلىۋال مەن ئۆيلىنىپ بولدۇم ،مىنى ئەمدى ئاۋارا قىلما ،دەپلا تىلفۇننى قۇيۋەتتى ،مەن بۇنچە ئاھانەتلەرنى ئاڭلىغىچە ئۆلۈپ كەتسەم بولماسمىدى ،ئۇنى ياخشى كۆرگىنىم گۇناھمۇ .ماڭا نىمانچە قىلدۇ ، شۇنچە يۈزى تۈۋەن قىز ئىدىم، ئۇنىڭ ئالدىدا مۇھەببەتنىڭ قەلەندەرى بولدۇم ،يۈركىم ھەسرەتتىن يىرلىپ كىتەي دىدى ئاداش مىنڭ ياشغۇچىلىكىم قالمىدى ،ھەربىر تىنىقلىرىمدىن ئادىل ئادىل دەپ نەپەسلىنەتتىم ،كىچلەردە ئادىل مىنى تاشلىۋەتمىگىن دەپ ۋارقىراپ ئۇيغۇنۇپ كىتمەن .بىچارە ئانام مىنى قۇچاقلاپ يىغلايدۇ ، ھەر نامزىمدا ئاللاھدىن  مۇھەببەتنىڭ ئازابىغا بەرداشلق بىرەلمەي مىنى دەرگاھىڭغا ئىلىپ كەتكىن دەپ يىغلاپ تۇرۇپ توختىماي  تىلەۋاتىمەن. ئاداش مەن راستلا بەرداشلىق بىرەلمىدىم  پەقەت چىدىمىدم، يۈركۈم رەشىك ئۇتىدا پۇچلىنىپ كەتتى ..... بۇرۇن ئانچە مۇنچە  سىرىتلارغا چىقىپ تۇراتتىم ، قاچان ئادىلىنىڭ  توي قىلغىنىنى ئاڭلىدىم شۇنىڭدىن بۇيان  پۇت قۇلۇمدا  ماغدۇرۇم يوق ياتقان يىرىمدىن قۇپالماي يىتىپ كەتتىم ،ئىدارىگمۇ بارمىدىم ،كۆڭلىمگە ھىچ قانداق ئىش سىغىمايىدۇ .كۆز ئالدىمدا ئادىلنىڭ بىراۋ بىلەن توي قىلغان ھالىتى زادى كەتمىدى ،ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ۋاپاسىزلىقى كۆزۈمدىن ياش ئەمەس قان ئاققۇزدى . .مۇھەببەتنىڭ راستىلا چەك چىگرىسى بولمايدىكەن ،بولمىسا ماڭا شۇنچە كەڭرى مۇشۇ يۇرتۇمدىن ئادەم چىقماي  قالاربولغۇيمتىدى ..ئاداش مەن پەقەت چىدىمىدىم ،ئارقا ھويلىدىكى تاللىق بىغىمىز ئىسىڭدىمۇ ،مەن شۇ باغدا مەيدەمنى ئاشۇ نەم يەرگە يىقىپ ياتىمەن ،مۇشۇنداق ياتسام يۈرىكىمدىكى ئوت بىر ئاز يەڭگلەپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدىكەنمەن ...ئاداش مەن پەقەت چىدىمىدىم ، ئادىل ماڭا ئۇنداق ئەسكىىلك قىلغانسىرى مەن ئۇنى تېخمۇ بەك ياخشى كۈرۈپ قىلۋاتىمەن..ئۇنىڭغا ھەربىر تىلىفۇن قىلغىنىمدا ئۇنىڭ ماڭا نەشتەردەك گەپلىرى يۈرەك باغرىمنى  لەختە قىلسىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا سەۋدايىلارچە كۆيمەكتىمەن ،تەڭرىم ماڭا مۇھەببەتنڭ ئۇتىنى ئەجەپ ساپتىكەن .. ئۇننى سىغىنىپ ئاۋازنى بىر قىتىم بولسىمۇ ئاڭلۋالاي دەپ  كۈندە تىلفۇن قىلىمەن  .ئاداش ئادىل تۇرۋاتقان ئاشۇجاي گەرچە بىرىپ باقمىغان بولساممۇ ماڭا شۇ قەدەر گۈزەل،ھەم مىھىرى ئىسىق بىلنىدۇ  ،بەزىدە ئۇيلاپ قالىمەن ،ئاشۇ مىنڭ ئادىلىم بىلەن يۈرۋاتقان دوستلىرى نىمدىگەن بەخىتىلىك ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرالايىدۇ ،ئۇنىڭ بىلەن كۈندە بىللە يۈرەلەيدۇ،ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ..لىكىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن،ئۇنىڭ باشقا بىرسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ يەنلا ئۇنى پۈتۈن ئىشقىم ،پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ياخشى كۆرىمەن،ئۇنىڭغا مەجنۇنلارچە ئاشىق بولىمەن ..ئاداش ئادىل مىنڭ ئۇنى مۇشۇنچە ياخشى كۆرىدىغىنىمنى مەڭگۈ بىلمەيدۇ،چۈنكى مەن ئۇنىڭ كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن ئارلاشقان ئادىمى تۇرسام ،زادى چىدىمىدىم .. ... ..ئاداش مەن پەقەت بەرداشلىق بىرەلمىدىم .خەتنى مۇشۇ يەرىدىلا ئاخىرلاشتۇراي،ئۆمرۈم بولسا ساڭا يەنە خەت يازىمەن ،بەك ھۈتىلىپ قىقىلىپ كەتتىم .. بۇخەتنى يازغۇچە قانچە يەردە توختاپ يىغلاپ تۇرۇپ بۇخەتنى كۆز ياشلىرىم بىلەن يىزۋاتقىنىمنى سەن ھەرگىز بىلمەيسەن ،مەن بۇخەتنى ساڭا يازىمەن دەپ قۇلۇمغا قەلەپ ئالغىلى بۈگۈن 7 كۈن بولدى..خەتنى بەك تەستە يازىدىم  ئاداش ،خەتلىرىم ئاللاھ خالسا قۇلۇڭغا تىزراق بارغىيدى  .
 ئاللاھغا ئامانەت   .

[align=justify] 

[align=justify] 2007 -13-1  شەنبە .
 

[align=justify] خەتىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ قۇللىرىم تىتىرەپ كەتتى ، خەتنى قايتا قايتا بىر قانچە قتىم ئۇقۇپ چىقتىم .كۆزلىرىمدىن چىقۋاتقان ياشلىرىمنى زادى توخىتالمىدىم .    
  رىزۋان بىلەن مەن بىر ياتاق ئادىل بىلەن بىر كەسىپتە ئىدۇق . ئۇچاغلاردا ئادىل رىزۋاننى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى ،ئۇلار 2-يىلدىن باشلاپ يۈرگەن ئىدى ،مەكتىپىمىىزدىكى  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىككىسگە شۇنداق مەسلىگى كىلەتتى .ھەممە ئادەم بۇلارنى خۇدا قۇشقان بىر جۈپلەر ،ئايرىماس ئاشىق مەشۇقلار دىيشەتتى .  مەن ئادىنىڭ بۇنچە تىز ئۆزگۈرۈپ كەتكىنىگە ھەيران قالدىم .ھەم مۇھەببەتنى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىين بۇنداق ئۇيۇن قاتاردا كۆرشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم ،بۇئىككىسىنى چۇقۇم توي قىلىدۇ  دەپ چىن پۈتكەن ئىدىم   .ئەمدى بولغاندا بۇ ئادىلنىڭ نىمە قىلغىنى دەيمەن ..رىزۋاننىڭ كۆڭلىگە شۇنچە ئازار بىرەمدۇ ،ئۇنىڭ بۇرۇن رىزۋانغا قىلغانلىرى بىلەن ھازىرقى گەپلىرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ دىسە ،ئەمدى بۇخەتنى ئادىل كۆرسە ئازاپلىنارمۇ .... خەتنى رىزۋان ھەققەتەن   تەسىتە يازغانلىقى خەتنىڭ ۋاراقىلىرى ھۆل بۇلۇپ قۇرۇپ قەغەز بىرخىل قاتتىق بۇلۇپ قالغانلىقدىن بىلىنىپ تۇراتتى .ئىھ مىھرىبان ئۇلۇغ ئاللاھىم مۇھەببەتنىڭ ئوتىدا ئۈلۈپ كەتكەن ئاشۇ بىچارە دوستۇمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغايسەن.`بىر ھازاغىچە ئۇنى ئويلاپ چىقىتىم  رىزۋاندەك ئاقكۆڭۈل ،سەممى بىر قىز مۇھەببەتنىڭ ئۇتىدا ۋەيران بۇلۇپ ئاخىرى مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتتى .. خەتنى ئۇقۇپ بۇلۇپ  سائەتكە قارسام كىچە 12 بۇلۇپتۇ.ئادىلغا تىلفۇن قىلىپ رىزۋاننىڭ ئۈلمىدىن خەۋەر قىلىپ قۇيۇشنى ئويلغان بولساممۇ بۇ كىچدە تېلفۇن قىلشنى بىئەپ كۆرۈپ  ئەتە تىلفۇن قىلاي دەپ ئويلىدىم .

قاچانلادۇر ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ،چۈشۈمدە رىزۋان ماڭا ئىسلىپ تۇرۇپ  مەن ئادىلىنى ياخشى كۆرەتتىم .بىراق ئۇ باشقا بىرى بىلەن توي قىلۋالدى ئاداش،مەن چىدىمىدىم ، دەپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقۇدەك . مان ئۇنىڭغا ئۇساڭا شۇنچە ئەسكىلىك قىلسىمۇ سەن يەنە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلامتىڭ دىسەم ،  ئۇ مەن ئادىلنىڭ  يېندا تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسەم مەن رازى دەپ يىغلاۋاتقانمىش ... مەن رىزۋان دەپ ئويغىنىپ كەتتم .توۋا چۈشمدىمۇ رىزۋان ئادىل دەپ چۈشەپ يۈرگىنىمنى دەيمەن ..

سائەتكە قارسام 9 بوپتۇ،ئادىلنىڭ تېلفۇن نۇمۇرنى بىلمىگەچكە بىللە ئۇقىغان بالىلاردىن سوراپ يۈرۈپ نۇمۇرنى تاپتىم ،دە ؛ ئادىلغا تىلفۇن قىلدىم ،تىلفۇننى تەستە ئالدى . ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،   ئادىلما ؟   مەن نۇربىيە ، قايسى نۇربىيە ؟  دىدى ، ئۇ بىلمەسكە سىلىپ  سىز بىلەن بىللە ئۇقىغانچۇ؟؟  ھە ، بۇئەتگەندە تېلفۇن قىلىپ قاپسىزغۇ . سىزگە مۇھىم بىر ئىشىنى دىمەكچى ئىدىم رىزۋان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى ،دەپ ئۆزەمنى تۇتۋالالماي يىغلاپ كەتتىم ،كۆڭلىمىدە ئۇمۇ چۇقۇم ئازاپلنىدىغۇ دەپ ئويلغان ئىدىم ،نەدىكىنى.. ئەجلى تۇشقاندىكىن ئۆلىدۇ شۇ..دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتى ،ئۇنىڭدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى  ،مەن تۇرۇپلا قالدىم ...رىزۋاننى ئۆلۈپ كەتتى دىسەم ئۇنىڭدا ھىچقانداق ئازاپلىنىدىغان ئىچ ئاغىرىتىدىغان ،نىمە سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتكىنىىمۇ سوراپ قويمىغىنغا ئاچچىق بولدى ... 

 


[align=justify] نەچچە يىلغىچە دوستۇمىنڭ ئۆلىمىدىن قايغۇرۇپ يۈردۈم ، بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا  مەكتەپتىن قەشقەرگە تەربىيلەشكە ئەۋەتتى ،كەچىلىك تەكرارغىچە  دوستلىرىم بىلەن يىجيا تاللا بازىرنى بىردەم ئايلىنىپ چىقاي دەپ ئايلىنىۋاتساق ..تۇيۇقىسز كۆزۈمگە بىرنىڭ بىر كىچىك بالغا گەپ قىلغان تونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ ئارقامغا قارسام دەل ،ئادىل ئىككى بالسى بىلەن ئايالىنى ئىلىپ يىجا تاللا بازىردا ئايلىنىپ يۈرۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم  . بىراق ئۇ مىنى كۆرۈپلا ئارقىسىغا ئۆرلۈپ كېتىپ قالدى . مەن تۇرغان جايىمدا تۇرۇپ قالدىم ،چۈنكى بىز بىر كەسىپتە 3 يىل بىللە ئۇقىغان كەسىپداشلاردىن ئىدۇق ،ئۇنىڭ توي قىلۋىلىپلا قارىماي كېتىشى مىنى ئەجەپلەندۈردى،بەلكىم ئايالى بار خىجىل بۇلۇپ قالغاندۇ دەپ ئارتۇقچە ئويلىمىدىم .دوستۇم ئاشۇ بىۋاپانى دەپ نەچچە يىل كىسەل تارتىپ ئۆلۈپ كەتىتى .ئۇ ھازىر خۇشال خۇرام بىر ئائىلە كىشلىرى ئويناپ يۈرىدۇ .ئۇنىڭ چىرايغا قاراپ سەسكىنىپ كەتتىم  .

مەنبە : ئۆز قەلمىم  








قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئىسلام قىزى ` !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27525
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2011-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 04:21:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم ، قىزغا ئىچ ئاغرىتايمۇ ئاتا ئانىسىغىمۇ ؟ ياخشى كۆرۈشنىڭ ، ھىجراننىڭ تەمىنى تىتىپ باققان ، لىكىن ئاتا ئانىدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن مۇھەببەتنى كۆرمەپتىكەنمەن . قىزنىڭ قىلغىنى ئىشىپ كىتىپتۇ ،  ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ ، بىشىغا كەلمىسە بىلمەيدۇ دەپ ئۆزۈمچە باھا بىرىپ قويغاندىمەن ، لىكىن ئىگىسىنى ئەمەس ، بەندىنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتسە شۇنداق بولسا كىرەك .
         قىزنىڭ ئۆلىمى بەك ئورۇنسىز بوپ كىتىپتۇ ، ھىكايىنىڭ ۋەقەلىكى "زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى " ناملىق كىتاپتىكى قايسىبىر پوۋېستنىڭ ۋەقەلىكىگە ئوخشايدىكەن .

قەلىبلەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ .....

ئىللىق چىراي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21756
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4172
تۆھپە نۇمۇرى: 220
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 09:48:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانداق ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈش قارشى تەرەپتە بىزارلىق ، زىركىش پەيدا قىلىپ قويدۇ.

قىيىن ئىش ئالەمدە ،  كۆڭۈل قويغان ئادەمگە

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6122
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 5211 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 10:08:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى بەك ياخشىكەن،تىلىغا يەنە ئازراق ئىشلىسىڭىز چۇقۇم تېخىمۇ نادىر ئەسەر بولغۇدەك،ھارمىغايسىز.

قەدىرلىگىن سىنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7350
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 6907 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:07:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەردە ۋەقەلىك ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى رىئال تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇلۇپ ياشلار ئۈچۈن تۇرمۇش مۇساپىسىدە كىيىنكى تۇرمۇش يۈلۈنۈشىدە نىمە قىلىش ۋە نىمە قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھ بىرىدۇ.ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تىلى لوگىكىلىك پىششىقلاشتىن ئۆتكۈزۈلسەخېلى ياخشى نادىر ئەسەر بۇلىشىدا گەپ يوق .شۇڭا تېخىمۇ تىرىشىڭ.يازمىڭىزنى قايتا پىشىقلىغاندىن كىيىن نۇپۇزلۇق مەتبۇئاتقا يوللاپ بېقىشنى ئويلۇشۇپ كۇرۇڭ.ئەگەر بۇجەھەتتىكى مەسلەھەت ياردەمگەئىرىشمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بۇلۇدۇ. ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قۇلۇم كۆكسۈمدە.

كۇكۇيۇن

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10307
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4554 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:08:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-قەۋەت (kanat) نىڭ يازمىسىغا

رەخمەت ... قوللاپ بەرگىنىڭىزگە ...

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ana tilimizni kadirlayli

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21499
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4299
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:10:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى دىگەن كىتاپتىن مەزمونى موشۇ ھېكايىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر پوۋېست باتتى . ئۇنى ئوقۇپ شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولغانتى. ئاشۇنداق بىر ۋاپاسىز ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ھەرگىز ئەرزىمەيدۇ. ئۆزى قارا تۇپراقنىڭ ئىچىگە كىرىپ ياتىدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىسىنى داغدا قويۇپ كىتىدۇ.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10307
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4554 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:10:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (پاۋىل) نىڭ يازمىسىغا

شۇنداقمۇ..ماڭا ياردەم قىلشىڭىزنى ئۈمىدقىلمەن ..چ چ نۇمۇرۇىم 15491177588 .

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

مىھرىبان ئانام 

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5242
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 6010 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:24:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزنىڭ ئوغۇل ئۈچۈن قىلغان ئەقىدىسى راستىنلا بەك بىھۇدە بۇلۇپ قاپتۇ ، ئادەم ئۆزىنى قەدىرلەشنىمۇ بىلىش كېرەك ، ۋاپاسىزلار ئۈچۈن جاننى سېلىپ بەرگۈدەك ئاھ ئۇرۇشنىڭ ئورنى يوق ،شۇنداق جاننى سېلىپ بەرگۈدەك ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغىنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ ،ئاندىن قالسا ئاتا-ئانا ،قېرىنداشلار ، ياخشى دوسىتلىرىمىز ، كۆڭۈلنى تىزگىنلىمەك بەلكىم شۇنداق تەستۇ ،ئەمما ،ياخشى كۆرىمەن ،،،ياخشى كۆرىمەن،،،،،،دەپ ئەسلىگەنسىرى تېخىمۇ ئۇنۇتقىلى بولمايدۇ ، ئۆزىمىزگە ئازاپنى يۈك قىلىپ ئارتىپ يۈرگىنىمىز يۈرگەن ، ئاۋۇ ئوغۇلنىڭ <<ئەجلى تۇشقاندىكىن  ئۆلىدۇ شۇ   ....>> دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ يىرگىنىپ كەتتىم ،ئادەم دىگەن شۇنداقمۇ بۇلامدۇ ؟..ھە!!! . دۈشمىنىمىز ئۆلسىمۇ ئاھ ئۇرىمىز ، ئازراق بولسىمۇ قايغۇرىمىز ، ئۆزى شۇنچە قوغلىشىپ ئاران قولغا كەلتۈرگەن يايرىغا بۇنداق ۋاپاسىزلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئاڭلاپمۇ قىلچە قايغۇرمىغان ، ئازراقمۇ پۇشايمان قىلمىغان ،ئۇ تاش يۈرەكنىڭ سېسىق يۈرىكىگە ھەيران قالدىم ......... 
                      ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دىگەن ،
                       ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن.
                      ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى ،
                       ئىلغۇدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن .
        
ئا. ئۆتكۈرنىڭ مۇنۇ شېئىرى ئىسىمگە كېلىپ قالدى . ئۇنداق يۈرىكى سېسىپ كەتكەن ۋىجدانسىزغا ئاھ ئۇرۇپ ئازاپنى ئۇسسۇزلۇق قىلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن .

شۇ قىزنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى ، قەبرىسىنى ئازادە قىلسۇن ئاللاھىم .........

 ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17396
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5797 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 12:00:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەييارەنىڭ قارىشى مېنىڭكى بىلەن ئخشاشكەن،شۇنداقمۇ ئىنسان بۇلامدۇ دەيمەن،ھېچ بولمىغاندا قانداق ئۆلۈپ كەتكىنىنى سوراپ قويماي......
لېكىن شۇ قىزنىڭ ئۆزىنى قىلچە قەدىرلىمىگىنى بولماپتۇ،بۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشتىن باشقا ئىش بولماپتۇ.ئاللا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنى يامان كۆرىدۇ......ئاتا-ئانىسىنى ئويلاپمۇ قويماپتۇغۇ.ھەي...... [s:161]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش