مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1330|ئىنكاس: 19

كىم دۇنيا نېفىت باھاسىنى كونتۇرۇل قىلىۋات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8817
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4195 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 10:09:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىم دۇنيا نېفىت باھاسىنى كونتۇرۇل قىلىۋاتىدۇ؟
يىقىندىن بۇيان خەلقىئارادا خام نېفىتنىڭ باھاسى ئۈزلۇكسىز ئۆسۈپ،نىيويۇرۇكتىكى بىر تۇڭ خام نېفىتنىڭ باھاسىنى 112دوللاردىن ،بۇ لەنتى خام نىفىت باھاسى126 دوللاردىن ئىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىفىت باھاسى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆسۇۋاتقان ئالتۇن ۋە كۆمۈش،شۇنداقلا باشقا تۇرمۇشىمىزغا كىرەكلىك بولغان بارلىق لازىمەتلىكلەرنىڭ باھاسىنىڭ كۆپ مىقداردا ئۆسىشى كىشلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاپ ،دىقىتىنى بۇ يۆلنىشكە بۇرىماقتا.بىزنىڭ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلىرمىزدىمۇ بۇ توغرۇلۇق بەك كۆپ مۇنازىلەر بولمىغان بولمىسىمۇ ، لىكىن ئاندى -ساندا يازمىلار يىزلىپ، ماقالىلەر تەرجىمە قىلنىپ تورداشلارنىڭ مۇنازىرسىگە قويلۇپ كىلنىۋاتىدۇ. موشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن نىفىت باھاسىنى چۆردىگەن بىر مۇھاكىمە تەييارلاشىنى خىلىدىن بىر كۆڭلۇمگە پۇلۇپ كەلگەن بولساممۇ ، قىلىپ بولالمىدىم. ئالدىقى كۇنى بىر توردىشىمىز جۇڭگۇ ئۆي-مۆلۇك ساھەسىنى چۆردىگەن ھالدا مۇھاكىملەرنى قىلىپ
يوللىغان ئىدى. ئۇ ماقالىدىكى بەزى كۆزقاراشلار بەك يۇزەكى بولۇپ قالغاچقىمۇ ، مەن ئېنكاس يىزىپ پىكرىمىنى بايان قىلاي دەپ بولغۇچە ئۇ تېما مۇنبەر يۇزىدىن ئارقا بەتكە ئۆتۇپ كىتىپتۇ.
خەلقىئارادىكى نىفىت باھاسىنىڭ ئۆسشىگە ئەگىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى نىفىت باھاسىمۇ ئۆسۇپ بىرۋاتىدۇ.( ھازىر باھانى تەڭشەش باسقۇچىدا). مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،تاراتقۇلار مۇنداق بىر خەۋەرنى تارقىتىشىتى. يەنى بۇ يىل بىرنجى پەسىلدە ،دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدا ئالتە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قىزىل رەقەم كۆرۇلدى. گەرچە بۇ قىزىل رەقەم بەك ئىغىر بولمىسىمۇ،يەنى سوممىسى تەخمىنەن بىر مىليارد دوللار ئەتراپىدا، بولسىمۇ بۇ بىزنىڭ
دىققەت قىلشىمزغا ئەرزىيدۇ. چۇنكى بۇنداق ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقشىدا ، بىز ئانچە چۇشنۇپ كەتمەيدىغان ئامىل تۇرۇتكلىك رول ئويناۋاتاتتى. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئاز سوممۇلۇق سودا قىزل رەقىمى كۆرلىدۇ؟
بەلكىم بەزىلەر بۇنداق بولشىنىڭ سەۋەبى خەلق پۇلىنىڭ ئوبرۇتنىڭ تەسىرى بولسا كىرەك ، يەنى پۇلنىڭ قىممىتى ئۆسىشى بىزنىڭ ئىكسپورۇتقا تەسىر كۆرسەتكەن دىيىشى مومكىن. چۇنكى بىر تەرەپتىن ئۇزۇندىن بۇيان دوللارنىڭ پاخاللىشى ۋە ئامرىكىنىڭ ئەركىن قويۋىتىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويلىشى بىلەن كۆپ مىقداردا دوللارنىڭ بىسىپ تارقىتىلشى،چۇنكى جۇڭگۇ ئامرىكىنىڭ ئاڭ چوڭ سودا شىرىكى بولغاچقا يۇقارقىلار تەبئى جۇڭگۇنىڭ سودىسىغا
تەسىر كۆرسىتىپ مۇشۇنداق قىزىل رەقەمنىڭ كىلىپ چىقىشى دىيشى مومكىن. يەنە بەزىلەر بەلكىم، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىھتىياجنىڭ ئىشىشى، بولۇپمۇ چەتئەل ماللىرغا بولغان ئىھتىياجنىڭ يۇقرى بولىشى، ئىمپورۇت مىقدارنى ئاشۇرۇپ ، سودا قىزىل رەقىمنى كەلتۇتۇرپ چىقاردى دىيشى مومكىن.
يەنە بەزىلەر، خەلق پۇلنىڭ قىممىتنىڭ ئۇزلۇكسىز ئۆسىشىگە ئەگىشىپ،بىزنىڭ ياساش سانائىتىمىز ئىنتايىن قىينچىلىقتا قالغان ئەھۋالدا ، ئىكسپورۇت مىقدارىمىز ئازلاپ كەتتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق لازىمەتلىكلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسىشى ، بىرلىشىپ كەلتۇرۇپ چىقارغا ن بولۇشى مومكىن دەپ قارشى مومكىن.
بىز بۇيەردە قىسقا بىر يەكۇننى ئوتتۇرغا قويىمىز، يەنى بۇنداق سودا قىزىل رەقىمىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى- بۇرۇن كۆرلۇپ باقمىغان نىفىت ئۇرشىدۇر! بۇنى بىر-بىرلەپ چۇشەندۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئويلاپ باقايلى، خام ئەشياغا بولغان كۆپ مىقداردىكى ئىھتىياج قانداق بىر نەتىجىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ؟ ، بۇلتۇر دۆلىتىمىز ئىمپرۇت قىلغان خام نىفىت سوممىسى 135.2مىليارد دوللار. بۇ بىر قانداق ئۇقۇم بىلەمسىز؟! بۇ سان بەش يىل ئىلگىركىنىڭ تۆت ھەسسىچىلىك. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتمىزندە ياسلىۋاتقان تۆمۇر يول، يۇقرى سۇرئەتلىك تاش تول...دىگەندەكلەرگە كۆپ مىقداردا پولات ماتىرياللار ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ كۆپ قىسمىنىمۇ ئىمپورۇت قىلغان. بۇلتۇر دۆلىتىمىز ئىمپورۇت قىلغان تۆمۇر رودىسىنىڭ ئومومى سوممىسى 79.4مىليارد دوللار بولغان. بۇمۇ بەش يىل ئىلگىركىنىڭ تۆت ھەسسىچىلىك. يەنە بىزنىڭ دىقىتىمىزنى تارتىدىغىنى دۆلىتىمىزدىكى 77چوڭ پولات-تۆمۇر شىركىتىنىڭ ئومومى پايدىسى 13.6مىليارد دوللار بولغان. بۇ ئومومى پايدا يەنى 13.6مىليارد
دوللار خەلقىئارالىق ئۈچ چوڭ پولات-تۆمۇر شىركىتىنىڭ خالىغان بىرنىڭ ئومۇمى پايدىسىن خىلىلا تۆۋەن بولغان(لىكو14.3مىليار،بىرازىليە س ۋ ر د 17.3 مىليارد،بىكىبىدو17 مىليارد). قاراپ باقساق بىز شۇنچە كۆپ سوممۇلۇق پولات-تۆمۇر رودىسى ئىمپورۇت قىلىپ ئالغان پايدىمىز تايىنلىقلا بولغان. بۇ يەردىكى ھەقىقى پايدىنى يەنىلا خەلقئارالىق ئۇچ چوڭ شىركەت ئالغان.دۆلىتىمىز بۇلتۇر ئىمپورۇت قىلغان پولات-تۆمۇر رودىسىنى گەرچە 9.13مىليۇن توننا ئازايتقان بولسىمۇ ،يەنىلا 30 مىليارد دوللارنى ئوشۇق تۆلىگەن . نىمگە؟ چۇنكى باھا بەكلا ئۆسۈپ كەتكەنلىكىتىن بولغان. بۇ يىل بىرنجى پەسىلدە باھا 60% كە يىقىن ئۆرلىگەن.ھەممەيلەننىڭ ئىسىدە بولسا كىرەك، 2008-يىلى ئىختىزادى كىرزىس پارتىلغاندىن كىيىن ھۆكۇمىتىمىز 4 تىرلىيۇن يۇەن ئاجىرتىپ، ئىختىزاتنى سىلجىتىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى.بۇ پىلاندا ، ئاجىرتىلغان پۇللارنى 10 ئاساسلىق ساھەنى گۇللەندۇرۇش،ماشىنا، ئائىلە ئىلكتىر سايمانلىرنى يىزلارغا يەتكۇزۇش، يەرلىك ھۆكىمەتلەرگە تولۇقلىما قىلىپ بىرش ...قاتارلىقلارغا ساھەلەرگە سىلىش پىلانلانغان. ئاجىرتىلغان مەبلەخ ئاساسى جەھەتتىن ئاساسى قۇرلۇشلارغا سىلىنغان. يەنى تۆمۇر قۇرۇش، يۇقرى سۇرئەتلىك تاش يول ...دىگەندەك پولات-تۆمۇر، سىمنۇت كۆپ ئىشلىتىلدىغان قۇرلۇشلار بولغان. بۇ خام ئەشيالارنى ئاساسى جەھەتتىن ئىمپورىت قىلىش ئارقىلىق تەييارلانغان. بۇنداق كۆپ مەبلەخ سىلىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ ئاشۇ ئاساسى قۇرلۇشلار كىرەكلىك بولغان خام ئەشيالار غا بولغان ئىھتىياج شىددەت بىلەن ئاشتى. بىز نىفىت، پولات- تۆمۇرنىڭ باھا ۋە ئىھتىياجنىڭ ئاشقانلىقنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. يەنە بىر كىشنى ئەندىشىگە سالدىغان مەسلە كىلىپ چىقىتى. ئاشلىق مەسلىسى. ھەممە يەردە دىگۇدەك تۆمۇر يوللار ياسىلىۋاتقان، ھەممە يەردە تىرلغۇ يەرلەرنى ئىگەللەپ قۇرلۇش قىلنىۋاتقان مۇنداق ئەھۋالدا ،تىرقچىلىققا ئىشلىتىلدىغان يەر ئازلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاشلىق باھاسى ئۇدا ئۆرلىدى. ئىمپورىت قىلندىغان ئاشلىق باھاسىمۇ كۆپ مىقداردا ئۆستى. تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتىنى كۆرۇپ باقايلى: 2010-يىلى دۆلىتىمىز ئىمپورىت قىلغان يىزا ئىگىلىك مەھسولاتلىرنىڭ ئومومى قىممىتى100مىليارد دوللاردىن ئىشىپ كەتتى. بۇ سان پولات-تۆمۇردىن ئىشىپ كەتسىمۇ ، خام نىفىت بىلەن تەڭلىشىپ دىگۇدەك كىلىدۇ. بۇ يەنە بەش يىل ئاۋۋالقىنىڭ 13ھەسسىگە تەڭ.بۇ بويۇنچە بولغاندا ھەربىر جۇڭگۇلۇق ھەركۇنى 1.38يۇەنلىك چەتئەلنىڭ ئىمپورىت قىلغان ئاشلىقىنى ئىستىمال قىلغانغا تەڭ. ئادەتتە نىفىىت، پولات-تۆمۇر، يىزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇچى بىرلەشتۇرلۇپ ئادەتتىكى سودا تۇرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇچ ئاي ئىچىدە باھانىڭ ئۇزلۇكسىز ئۆسۇشى بىلەن بۇ ئادەتتىكى ئۇچ سودا تۇردىكى تەتۇر پەرىق 46 مىليارد دوللار بولغان. بەلكىم نورغۇن
كىشلەر جۇڭگۇنىڭ نورغۇلىغان پىشىقلاپ ئىشلەش كارخانلىرى ئارقىلىق بۇ پەرىقىنى تۇگتەلەشىمىز مومكىن دەپ ئويلىشى تۇرغانلا گەپ. لىكىن ئىسىڭىزدە بولسۇن ،بۇ كارخانلار كۆپىنچىسى سىتىۋىلىپ ئەكرىپ پىشىقلاپ ئىشلەپ، يەنە چەتئەلگە سىتىش شەكلى بىلەن سودا قىلىدۇ. دىمەك بۇ شىركەتلەرمۇ يۇقارقى ئۇچ تۇرگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ كونتۇرۇل قىلشىغا ئۇچرايدۇ دىگەن گەپ. ھازىرقىدەك خەلقئارا ماي باھاسىنىڭ ئۆسشىگە ئەگىشىپ باشقا خام-ئەشيالار باھاسىنىڭ كۆپ مىقداردا ئۆسشى، جۇڭگۇنىڭ كۆپ قىسىم ئەكرىپ پىشىقىلاپ ئاچقىپ سىتشنى ئاساس قىلغان ،شىركەتلىرنى ئىغىر زىيانغا ئۇچراتتى. بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇنداق زىيانغا ئۇچرىشى دۆلىتىمىزنىڭ پىشىقلاپ ئىشلەش ساھەسىنىڭ بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ئىغىر خىرسقا دۇچ كىدىغانلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ. بەلكىم مۇنداق بىر سۇئال تۇغۇلىشى مومكىن، خام ئەشيا باھاسىنىڭ ئۆسشى پۇتۇن يەرشارى خارەكتىرلىك ئىش تۇرسا نىمە ئۈچۈن يالغۇچ جۇڭگۇنىڭلا ياساش كەسپى زىيانغا ئۇچرىغىدەك؟ توغرا مەسلەن ،يەنە گرمانىيە ، ياپۇنىيە قاتارلىقلارمۇ ياساش كەسپىنى ئاساس قىلىدۇ. لىكىن شۇ نەرسە ئىسىڭىزدە بولسۇن ، گىرمانىيەنىڭ ياساش ساھەسىدە ئالدىغان پايدىسى 50%-60% ئەتراپىدا، دۆلىتىمىزنىڭ بولسا بۇلتۇر 2-3% بولغان. نىمە ئۈچۈن ئەمدى؟ چۇنكى ئۇلار
ياساش كەسپىدە ئىشلىتىدىغان ئەسلەھەرلنىڭ ۋە تىخنىكلارنىڭ پاتنىت ھوقۇقىنى ئۆزلىرى كونتۇرۇل قىلغان. يەنى ئۇلار تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەرگە پۇل خەجلىمەيدۇ دىگەن گەپ. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى 3% ئۆسسە ئەنئەنۋى ياساش كارخانلىرنىڭ پايدىسى ئاساسى جەھەتتىن نۆل ،5% ئۆسسە مەنپى قىممەت كۆرسىتىشى تۇرغانلا گەپ ، چۇنكى بۇ كارخانىلارنىڭ پايدىسى بەكلا ئاز. بۇ ئاخپارات ۋاستىلىردا تىلغا ئىلنىۋاتقان ياساش كەسپىنىڭ كىرزىسى. يۇقارقى سەۋەپلەر تۇپەيلى ، ئالتە يىلنىياڭىزى تۇنجى قېتىم سودا قىزىل رەقىمى كۆرۇلدى. گەرچە مىقدارى ئاز بولسىمۇ ، بىزگە بىر كىرزىستىن بىسارەت بىرىدۇ.

2008-يىلنىڭ ئاخىردىن باشلاپ ، ئامىرىكا جۇڭگۇنىڭ ياساش كەسپىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدلنىپ ، بۇ ساھەگە زەربە بىرىپ كەلگەن بولسا ، بۇلتۇردىن باشلاپ، يىڭى بىر مەيدان ئۇرۇش نىفىت ئۇرشىنى قوزغىدى. بۇ نىفىت ئۇرشى يالغۇزلار نىفىتنىڭ مەسلىسى بولماستىن،نىفىت بىلەن باغلىشى بار بولغان بارلىق تۇرلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى. بۇ يىل بىرنجى پەسىلدە،مەسلەن، دادۇر 26%، تەببى كاۋچۇك 70%،كىرەكسىز مىس 30%
،يىزا ئىگلىك دورىسى 20%، ئۆرلىگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى نىفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن ئۆرلىگەن. بۇ نىفىت ئۇرشىنىڭ نەتىجىسى.

داۋامى بار. ئەڭ تىزلىكتە يوللايمەن.

يۇقارقى سانلىق مەلۇمەتلەر توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەردىن ۋە لاڭشىئەن پىڭنىڭ  نېڭشا تىلۋۇزىريە ئىستانىسدىكى پىروگىراممىسىدن ئىلىندى.


ئزدىنىش كۈتۈشتى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 655
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11801
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 6263 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 12:51:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپتۇ... شۇنداقتىمۇ ئاقساقاللىق قىپ قويىدىغان بولدۇم..
جوڭگۇغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ بېسىم بولىۋاتقان چەتئەل ئاقما مەبلەغلىرى توغۇرلۇقمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن...................
ھازىر مىتال باھاسىدا ئازراق تەڭشىلىك كۆرلىۋاتىدۇ، ئالتۇندىن باشقا...........
لىكىن يۈەن نىڭ قىممىتى بۈگۈن ئەڭ يۇقرى نوختىنى ياراتتى...............
بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئامىللار بار.... بۇ يىل ئاخىرىدا مىتال يەنى مىس، تۆمۈر رودىسى، پولات، كۆمۈش، قەلەي ۋە يەنە نۇرغۇن تۆمۈر تۈرىگە كىرىدىغان خام ماتىريالغا مەبلەغ سالىدىغان پەيتى بۇ يىل ئاخىرلىرىدا كىلىشى مۇمكىن يەنى 9-ئايدىن كىيىن..................دوسلا  پۇرسەت كىلەي دەپ قالدى ھە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8817
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4195 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 06:21:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى...
جۇڭگۇ نىفىت گوروھى يېقىندا ، ئىراقتا نىفىت ئىچىش توغرىسىدا زور سوممولۇق توختام  ئىمزالىدى. بۇ دىگەن ،جۇڭگۇنىڭ ئىراقتا نىفىت قىزىش ھوقۇقى بار بولدى دىگەن گەپ. گەرچە ئىراقتا نىفىت قىزىش ھوقوقىغا ئىرشىش كىشىنى تولىمۇ خوشال قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ،بىز جۇڭگۇ نىفىت گورۇھىنى مىسال قىلش ئارقىلىق ئامرىكىنىڭ ئىنتايىن ھىلگەر، قۇۋ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە بىر قەدەر پاسسىپ ھالەتتە تۇرغانلىقىنى چۇشنىپ يىتەلەيمىز. ئىشنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى مۇنداق: بىز تىخمۇ ئىچكىرلەپ بۇ مەسىلنى تەققىق قىلساق، بۇ ئىشلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىمۇ ئامرىكىنىڭ قولى بارلىقىنى بىلەلەيمىز. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئىرقتا نىفىت  قىزىش، ئامرىكىنىڭ نىفىتلىكلەرنى تالاشتۇرۇپ سىتىش شەكلى بىلەن سىتىلاتتى. نىفىت ئىچىش ھوقۇقىغا ئىرىشكەن دۆلەت ئامرىكىغا مەلۇم مېقداردا تالاشتۇرۇپ سېتىش ھەققى تاپشۇرسىلا ئىش پۇتەتى ، يەنى نىفىتنى قانچە پۇلدىن سىتىش نىفىت قىزىش ھوقوقىغا ئىشكەن دۆلەتنىڭ ئىشى بولاتتى. لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس،ئامرىكا ئىراقىنى تەسىر دائىرسى ئىچىگە ئىلىپ بولغاندىن كىيىن، جۇڭگۇ، ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نىفىت شىركەتلىرى، ئىراقتا نىفىت قازماقچى بولسا ، چوقۇم ئىراقنىڭ جەنۇپ نىفىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىىشى كىرەك. بۇنىڭ ئارقىسىدىمۇ ئامرىكىنىڭ سايسىنى كۆرۋالاليمىز. ئۇنداقتا قاندا ھەمكارلىشىدۇ؟ سىز ئىراقتا نىفىت قازماقچى بولسىڭىز ئامرىكا سىزگە قىزىش ھەققى بىرىدۇ . ئىلگىرى كۇندە 4 مىليۇن تۇڭ نىفىت قازسا، 100دوللار بويۇنچە ھىسابلىغاندىمۇ نۇرغۇن پۇل تاپقىلى بولاتتى، ئەمدىلىكتە ئۇنداق ئەمەس. جۇڭگۇ ئەنگىلىيە نىفىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر تۇڭ نىفىتىنى 3.99دوللاردىن قىزىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، لىكىن بۇ تەلەپ ئىراق تەرپىدىن رەت قىلىنىدۇ. ئاخىردا ھەر تۇڭ نىفىتنى 2 دوللاردىن قىزىپ بىرشىنى پۇتۇشىدۇ. بۇ نىمە دىگەن گەپ، بەلگىلمە بويۇنچە، جۇڭگۇ نىفىت گوروھى  قازغان ھەر بىرتۇڭ نىفىتنى 2دوللاردىن  ئىراق جەنۇپ نىفىت شىركىتىگە سىتىپ بىرىدۇ. بۇ شىركەت بۇ نىفىتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىغانلىقنى پەرەز قىلالايسىز، ھەممىسىنى ئامرىكىغا شۇ باھادا دىگۇدەك سىتىپ بىرىدۇ. قاراڭ ئامرىكىنىڭ ھىلگەرلىكىگە ، پەقەت بىر تۇڭى 2 دوللارلىق  ئەرزان نىفىتكە ، ھىچقانداق دىگۇدەك خىراجەت ئىشلەتمەي ئىرشىتى. بۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئامرىكىنىڭ  نىفىتلىكنى كونتۇرۇل قىلشىنىڭ زۆرۇريىتى يوق، پەقەت جەنۇپ نىفىت شىركىتىنى كونتۇرۇل قىلسىلا بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8817
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4195 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 06:22:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۇگدى.  موشۇ تۇغرىسىدا پىكىرلىرمىزنى ئەركىن-ئازادە ئوتتۇرغا قويساق بولىدۇ.

ناتىرىي خىلور

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3169
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17255
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 6081 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 08:42:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Axlik,amrikining ang kozor kurali.  salla bihastalikkilsak amrikinimg axlikmahsulatleri ekip kiridu. xuning bilan arzan narsiga konup kalgan biz amrikininglam arzan axlikini alimiz [s:166]  [s:166]

بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .     - ئىسكەندەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9745
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7143
تۆھپە نۇمۇرى: 608
توردا: 2712 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 09:33:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىزلەرگە ئېلىپ كىلىدىغان تەسىرى توغۇرسىدا  قىسقىچە توختىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن

گۇناھىم سۆيگىدىن ئۆزگە،نىمەدۇر بىلمىدىم ئەسلا
ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 12:31:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6541
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8625
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 12:56:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق بۇلسا  تۇگەپتۇقمۇ  نىمە؟

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15560
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 12:58:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل تاپماق تەسلىشىۋاتىدۇ،تاپقان پۇلغىمۇ ھىچنىمە كەلمەيۋاتىدۇ.......

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!
ministir بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 02:39:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش