ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 16قەۋەت GLADIATOR كە 2011-04-29 10:25 PMئەۋەتىلدى :
ئۇنداق دىمەڭ...
بىز نىمىشقا باشقىلارنىڭ كىيىنىشى تەققى- تۇرقى بىلەنلا قالىمىز ؟ نىمىشقا ئۈزىمىزگە بىر قاراپ باقمايمىز ... ؟ ئەسقەر زادى نىمىنى خاتا قىلدى . .. ؟ ئۇنىڭ خاتالىقى ئەشۇ قويغان ئۇزۇن چېچىما ؟ ئەمدى سەنئەتچى يەنە كىلىپ بىر مودا ناخشىچىغا نىسپەتەن ئۇزۇن چاچ قۇيۇش نۇرمال ئىش دەپ قارىساق بولمامدۇ .؟ ئۇنىڭ ئۇزۇن چېچى زادى بىزنىڭ نەرىمىزگە تاقاشتى ؟ كىم ئۇنىڭدەك سىز پەخىرلىنىدىغان قىسقا چاچ قۇيىدىغان قايسى بىر ناخشىچى ئۈزىنىڭ مىللىتىنى ئويغۇتۇش مەخسەت قىلىنغان ناخشىلارنى ئۇقۇيالىدى ؟ يەنە كىلىپ خەنزۇچە ئاۋازدا ئۇقۇيالىدى. مىنىڭچە ئەسقەردىن باشقا ھچقانداق بىر ناخشىچى ئۇنداق قىلالمىدى . ئۇنىڭ ئەشۇ ئۇزۇن چېچى بىلەن قالغانلار نىمىشقا ئەسقەرنىڭ { كۆك بۆرە . قەشقەردىكى يەر شارى } قاتارلىق ناخشىللىرىنى زەن قۇيۇپ ئاڭلاپ باقمايسىز ؟؟ ئۆزگە مىللەتنىڭ ئاھاڭىنى ۋە مۇزىكىسىنى ئوغرىلاپ مۇھەببەت ناخشىسىنى بۇلۇشىغا توۋلاپ بىرقىسىم ياشلارنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەۋاتقان قىسقا چاچ قۇيىدىغان ناخشىچىلار ياخشى ناخشىچى گەرچە ئۇزۇن چاچ قويسىمۇ مۇزىكىنى ئۈزى ئىجات قىلىپ نەخ مەيدان ناخشا ئۇقۇپ { كۆك بۆرە } ناخشىسىدەك مىللەتنىڭ ئۈزىنى تۇنۇشىنى مەخسەت قىلىپ ئۇقۇيدىغان بۇنداق ئىسىل ناخشىچى ياخشى ناخشىچى ئەمەسما ؟؟
.......
==============================================================
مەن ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى دەپ قويدۇم خالاس .
1. ئەمدى سەنئەتچى يەنە كىلىپ بىر مودا ناخشىچىغا نىسپەتەن ئۇزۇن چاچ قۇيۇش نۇرمال ئىش دەپ قارىساق بولمامدۇ ؟ ---- سەنئەتچى چوقۇم ئۇزۇن چاچ قويۇشى كېرەكما ؟ ئۇزۇن چاچ قويغانلىقى ئۈچۈنلا مەشھۇر ، داڭلىق بولۇپ قالامدا ؟ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۇزۇن چاچ قويمايمۇ چوڭ-كىچىك ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتىغۇ ؟
2. ئۇ خەنزۇچە ناخشا ئوقۇيالىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مەبۇدە قاتارىدا كۆرۈشىمىز كېرەكما ؟
3. ئۇ قايسى ناخشىسى بىلەن مىللەتنى ئويغاتتى ؟ ئۇيغۇرنى كىمگە تۇنۇتتى ؟ قايسى پاسون ۋە سىياقتا تۇنۇتتى ؟ ئۇزۇن چاچ ، ئارقىدىن قارىسا جىنسىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان سىياق ، يات تىلدىكى ناخشا ..ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىن قانچىلىك ئادەم ھوزۇرلىنار ؟
4 . ئۇنىڭ ئىچكىرىدە خەنزۇچە ناخشا توۋلاپ بازار تېپىشى قانداقتۇر ئۇنىڭ ئۇيغۇرنى ئويغاتقانلىقى ئۈچۈن بولماستىن ، يات مىللەتنىڭ مىللىتىنىڭ تىلىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلەنگەنلىكىگە قىلغان تەنتەنىسى .