مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1774|ئىنكاس: 39

مۇئەللىمىڭ بىلەن ئۇرۇشىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6816
تۆھپە نۇمۇرى: 516
توردا: 7737 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 10:31:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قەدىرلىك تورداشلار ، بۈگۈن ئەتىگەن ئىشقا كەلگىچە بولغان ئىشلارنى پەقەتلا سىغدۇرالمىدىم . يەنىلا ئىچىمدىكىنى سىلەرگە تۈكۈپ باقاي !
   مەن بىر ئوقۇتقۇچى . بۈگۈن مەكتەپكە ئىشقا بېرىش ئۈچۈن ئالدىراپ ئۆيدىن چىقىپ ئاپتۇبۇس بىكىتىگە ماڭدىم . ئاپتۇبۇس ساقلاپ تۇرسام بىر تۇنۇيدىغان تاكسىچى ئايال كىلىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن تاكسىنى توسىدىم . قارىسام تاكسىچىنىڭ باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان قىزى تاكسىدا بار ئىكەن .قىزىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويماقچىكەن . بۇ ئايال ئىرى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپ ، قىزى بىلەن بىللە تۇراتتى .
مەن كەينى ئورۇندا ئولتۇردۇم . ئازراق ماڭغاندىن كىيىن مەكتىپىمىزدىكى ياشتا چوڭراق بىر ئەر مۇئەللىمنى كۆرۈپ يولىمىز بىر بولغاچقا تاكسىچىنى توختىتىپ ئۇنى سېلىۋالدۇق . ئۇ ئايال يەنىلا بالىسىنى ئەيىپلىگىلى تۇردى . ئالدىنقى قېتىملاردىمۇ بالىسىنى"چېچىڭنى تارىماپسەن ، تاپشۇرۇقۇڭنى ياخشى ئىشلىمەپسەن ، مەن بولمىسام ھىچنىمە قىلالمايسەن ، مەكتەپكە كىچىكىپ قالساڭ ، مۇئەللىمىڭ تىللىسا ماڭا دە ، جاجىسىنى بېرىمەن ...." دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپلا تۇراتتى . بۇ قېتىم قانداق بۇلار ؟ يەنە مۇشۇنداق گەپلەرنىلا ئاڭلارمەنمۇ ؟ دەپ ئويلاپ ئولتۇردۇم . دىگەندەك يەنە قىزىنى ئەيىپلىگىلى تۇراتتى . " مەكتەپ فورماڭنى كىيمە دىسەم ئۇنىمايسەن ، تاس قالدىڭ كىچىكىپ قالغىلى ، مىنىڭمۇ ئىشىم بار تۇرسا ، تاكسىچىلىك قىلىپ سىنى باقمىسام تېخى ، مۇشۇ مۇئەللىم دىگەن نىمىلەر نىمىشقا فورما كىيگۈزىدۇ ، كىر بۇلۇپ كەتسە يۇيۇپ بېرىشكە ئادەمنىڭ ۋاقتى كىتىدۇ ، مۇئەللىمىڭ تىللىسا ماڭا دە ، تىتىۋاتىمەن ئۇ گۇيلارنى ....." گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم . يېنىمدىكى ئەر مۇئەللىم ئۇ ئايالغا سۆزلىدى :" مۇئەللىملەرنى تىللىماڭ ، مەكتەپ فورمىسىنى كىيگۈزگەندە بالىلار تەڭ باراۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئۇنداق قىلمىسا ، ھەممىسى ھەرخىل كىيىنىپ بىر بىرىگە كۆز كۆز قىلىشىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ ، سىز ئاپىسى بولغاندىن كىيىن ھەرئاخشىمى يۇيۇپ بەرمەمسىز ، ياكى بولمىسا بۇ قىز يۇيۇپ ئۆگەنسۇن ، 10 ياشقا كىرىپ قاپتۇ ، قاھشىماڭ ، مۇئەللىملەرنى تىللىماڭ ...." دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى . تاكسىچى گەپ قىلالماي قالدى ، شۇنىڭ بىلەن بىزنى مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويمايلا ، سەل يىراقتا چۈشۈرۈپ قويدى . مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيالمايمەن ، قىزىمنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قۇيىمەن دەپ تۇرۇۋالدى ، بىزمۇ ھە بوپتۇ دەپ چۈشۈپ كەتتۇق .
   مۇشۇنداق ئانىلاردىن تەربىيىلەنگەن بالىلار قانداق چوڭ بۇلار ؟ دائىم بالىغا قاھشاپ ، زارلاپ ، تىللاپ تەربىيە قىلغاننىڭ زادى قانچىلىك ئۈنۈمى بۇلار ؟ ئازراقلا ئىشى ئەپلەشمىسە مۇئەللىمدىن كۆرىدىغان ، بالىسى دەرستە يىتىشەلمىسىمۇ مۇئەللىمدىن كۆرىدىغان مۇشۇنداق ئاتا ئانىلارنى قانداق قىلىمىز ئەمدى ؟ بالىسىنى تەنقىدلەپ قويساق ، ئۇرۇپتۇ دەپ ئەرز قىلىدىغان ئاتا ئانىلار ، بالىسىنى شەنبە يەكشەنبە ، تەتىل ، بايراملاردا ئۆيدە پاتقۇزالماي ، قاچانمۇ ئوقۇيدىغان كۈنلەر كىلۇر ، ھەجەپ زىرىكتىم دەيدىغان ئاتا ئانىلار ، ھەممىلا مەسئولىيەت ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ ؟
    ئاتا ئانا بىلەن مەكتەپ بىرلەشمىگەن تەربىيەنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بۇلار ئەمدى ؟!


مەنبە :ئۆزەم

ئۆتكەن ھەر بىردە

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 1967
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 311
تۆھپە نۇمۇرى: 2846
توردا: 10189 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 11:20:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئايالنىڭ بالىسىغا دېگەن گەپلىرى بەكلا خاتا! ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار بىرلەشكەندە بالىلارنى ياخشى تەربىيلىگىلى بولدېغان تۇرسا.مەكتەپ پورمىسىمۇ بۇلۇپمۇ قىزلار ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق كىيىم.بۇنداق ئاتا-ئانىلار جەميەتتە خېلى بار .

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

تامغان تامچة تاش

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 599
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8407
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 9945 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 11:21:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق تەتۈرلەرنى جېق كۈرۈپ، مۇئەللىمنى تويغۇزىمەنگە تازا تويغازغانتىم بىر دەۋىردە!

ئىتتىپاقلىق كۈچ!

ئىنسان  بولساڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 2732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37754
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 6528 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 11:24:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئاتا-ئانلار يوق دىيەرلىك،بولسىمۇ ئاز بىر قىسىمنى ئىگلەيدۇ.كوپىنچى ئاتا-ئانىلار ئائىلە تەربىيىسى بىلەن مەكتەپ تەربىيىسىنى بىرلەشتۇرۇپ ،مۇئەللىمىمگە ماسلىشىپ ياخشى تەربىيلەپ.پەرزىنتىنىڭ قائىدە يۇسۇنلۇق،ئىسىل تەربىيەنىڭ تۇرىتكىسىدە ئاڭلىق ،مەسئۇليەتچانلىق ئىددىيىسىنى شەكىللەندۇرۇپ.ياراملىق ئەۋلاتلار قاتاردىن ئۇرۇن ئېلىشىنى توت كۇزى بىلەن كۇتىدۇ ھەم تىرىشچانلىق كورسىتىدۇ.

بۇ ھاياتىنىڭ يۇلى ئېگىز -پەس، مەڭگۇ بەردەم- تىك تۇرماقمۇ تەس، چىن ئنسانغا غۇرۇر مۇقەددەس، مىزانى شۇ ئادىمىيلىكنىڭ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32013
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1117
تۆھپە نۇمۇرى: 105
توردا: 1074 سائەت
تىزىم: 2011-2-27
ئاخىرقى: 2011-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 11:26:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق تويغۇزغان ئىدىڭىز ئۇلارنى؟

ھەممىڭلارغا تىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7324
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 6780 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 11:27:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداقلىقىدىن ئىرى تاشلىۋېتىپتىكەندە ئۇ تاكسىچنى.

ئىنسان  بولساڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 2732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37754
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 6528 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 11:31:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5-قەۋەت (uqkun500) نىڭ يازمىسىغا

بۇنداق دىسەك بىر تەرەپلىمە بۇلۇپ قالامدۇ قانداق دوستەك [s:151]
10 ياشلىق بالا بولسا ئۇلار تەخمىنەن 11ياكى 12 يىل تۇرمۇش قۇردى دىگەن گەپ،<<ئاجىرشىش>>دىگەن بۇ ئۇقۇم يېزىلىشتا شۇنداق ئاددى،دىيىلىشتە شۇنچىلىك ئاسان بولغىنى بىلەن ئەمما نۇرغۇن ئەسلىمە،كەچۇرمىش، خوشاللىق ۋە خاپىلىق سىڭىپ كەتكەن.بۇ ئىنسانغا تەبىئلا روھى زەربە بېرىدۇ.روھىييەتتىن سوزلىگىلى تۇرساق دائىرسى بەك كەڭ،مۇشۇنچىلىك توختىلىپ تۇرلى.
دىمەكچى بىر ئايالغا نىسبەتەن ،كىرا ماشىنىسى ھەيدەپ باللىرىنى بېقىپ،تۇرمۇشىنى قامداش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.شۇ ئايالغا بولغان روھى زەربە،بېسىم بەلكىم شۇ ئايالنىڭ نېرۋىسىغا تەسىر كورسەتكەن بۇلىشى مۇمكىن.
شۇڭا بۇنداق ئاتا-ئانلار بەكمۇ ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ.يوق دىيەرلىك.بۇ تېمىدا مۇئەللىملەر بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىلمى مۇنازىرسى شەككىلەنسىكەن دەيمەن.ھەرگىز ئوز-ئارا تىللاش بولمىسا،چۇنكى ھەرئىككلىسى ئاللا ئىگەم ياراتقان پەرشتە سۇپەت  ئىنسانلاردۇر.

بۇ ھاياتىنىڭ يۇلى ئېگىز -پەس، مەڭگۇ بەردەم- تىك تۇرماقمۇ تەس، چىن ئنسانغا غۇرۇر مۇقەددەس، مىزانى شۇ ئادىمىيلىكنىڭ............

ئۈزىڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى ش

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4943
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10163
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1512 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 11:32:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ۋات- ۋات خۇتۇن بىكاغىلا ئىرىدىن ئاجراشماپتىكەن ھە ؟؟ ئىرىنىڭ ئالدىدا تولا گەپ قىلىپ .ئېرىنىڭ  مۇش- پەشۋا قاتارلىق قۇراللىرىدىن يارلىنىپ ئاندىن ئاجرىشىپتىكەن بۇ خۇتۇن ،

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

مىنىڭ ئاتىمنى قۇيۇپتۇ ئاتام ھەيدەر،
دۈشمەن قىزىنى ئەسىر ئالمىسام ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38673
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 518 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2011-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 11:34:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانا دىسەك ياناشۇ ، بۇ خەلقىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم روھې نامراتلارنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس باشقىلاردىن كۆرۈپ ئىڭراشلىرى . ئۇنداقلارغا مىڭ چۈشەندۈرسىڭىزمۇ  ئۆزنىڭكى راس ...

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 11364
تۆھپە نۇمۇرى: 1528
توردا: 3016 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 11:43:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۆۋەتتە بىزدە ئۇنداق ئانلىلارنى يوق دىيىشكىمۇ بولمايدۇ،60-80-يىللارغىچە بولغان جەرياندا بىزدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئانچە يۇقۇرى بولمىغان بىلەن
ئەخلاقىي ساپاسى بولۇپمۇ مىللىي ئەنئەنە كۆز قارىشى نۆۋەتتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭكىدىن
خېلى ياخشى ئىدى ئۇلار پەرزەنتلىرىگە ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش ھەققىدە پبەرزەنتلىرىگە تەربىيە قىلىپ تۇراتتى .نۆۋەتتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا زور ئىگىرلەش بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەخلاق ،ئۆلچىمى،مىللىي ئەنئەنە كۆزز قارىشىدا زور چېكىنىشلەر بولدى شۇ تۈپەيلى ئۇلار پەرزەنىتلىرىگە توغرا تەربىيە قىلىشنى بىلىشمەيدۇ،ھەتتا پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىشىدۇ دىمەك بىزدىكى بۇ ھال  مەدەنىيەت جەھەتتىكى چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دىمەك بىز يەنىلا شۇنداق ئىلگىرىلەۋەرسەك ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە مىللەت سۈپىتىدە يوقۇلۇپ كېتىشىمىز مۈمكىن.

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش