مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 548|ئىنكاس: 0

گۇمانخورلۇق سىتالىننى ھاياتىدىن ئايرىغان  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەقەتلا سەن ئۈچۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1389
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6011
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-28 11:11:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىتالىن موسكىۋا يېنىدىكى كوزسېۋو داچىسىغا كىلىپ راھەت سۈرەتتى ھەم يېقىنلىرىنى چاقىرىپ تاماقتا بىللە بولاتتى. ئۇ بىخەتەرلىكنى ئويلاپ دائىم شۇ داچىدا تۇراتتى. كۆپىنچە ئەمەلدارلار سىتالىننىڭ داچىسىغا قايسى يول بىلەن بارىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. مەزكۇر داچا كېرىمىلغا يېقىن جايدىكى ئورمانلىقتا بۇلۇپ ، ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئىلغار كۈزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانىدى. داچىنىڭ ئىككى قات قورۇق تېمى بولۇپ بىرىنجىسىگە كۈزىتىش ئۈسكۈنىسى قۇيۇلۇپ تەجرىبىلىك ئەسكەرلەر مۇھاپىزەت قىلاتتى.1952-يىلى بولسا كېرەك، سىتالىن لىزىيەژىماشۇك ئىسىملىك بىر ئايالدىن مەخپى مەلۇمات تاپشۇرۇۋالدى. مەخپى مەلۇماتتا كېرىمىلدا خىزمەت قىلىۋاتقان سىتالىننىڭ ئىچكى كىسەللىكلەر دوختۇرى ۋىنۇگرادوپ باشچىلىقىدىكى بەزى دوختۇرلا خىزمەتتىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەرباپلىرىنى قەستلەۋاتقانلىقى ئېيتىلغانىدى. سىتالىن بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىدى. ئۇ ئالى سوۋىت بىزدىيومى ئەزالىرىنى چاقىرىپ مەخپى مەلۇماتنى ئۇقۇپ بەردى . كۆپچىلىك مەخپى مەلۇماتتا ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمىسىمۇ دۇختۇرلانىڭ چوڭ تازىلاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى تازلاش نىشانىنىڭ دۇختۇرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئۈلگۈردى. سىتالىن دەۋرىدىكى كېرىمىلدىكى ئورنى يۇقۇرى ئەربابلار دائىم زەربە بېرىلىش ئوبىكتى بولۇپ قالاتتى. ئەمما ھازىر دۇختۇرلار سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالى ھۇقۇقىنى تۇتۇپ تۇرغان ئەمەلدارلارغا قەست قىلماقچى بولغانلىقى توقۇپ چىقىلغان يالغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. شۇنىسى بۇنى تۇسۇشقا ھېچكىمنىڭ قۇربى يەتمەيتتى. ۋىنوگرادوپ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقا داڭلىق پرۇففىسورلارمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، سىتالىن ھەتتا دۇختۇرلانى سۇراق قىلىشقا بىۋاستە قاتناشتى. سىتالىننىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان دۇختۇرلار دۈشمەن سانىلىپ، ئېغىر جازالارغا ئۇچرىدى. 1953-يىلى3- يانۋار<<دۇختۇر دېلوسى>>نى سوتلاپ بىر ياقىلىق قىلىش ئىشلىرى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىندى. كېرىمىل سارىيىدا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلانىڭ كېسىلىنى داۋالىغان بىرنەچچە پروففىسۇر ئامېرىكىنىڭ جاسۇسى ، سوۋىت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى قەستلەشكە ئۇرۇنغان دىگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سىتالىننىڭ كۈيئوغلى ژىدانوپمۇ ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنمىش. دائىم داچىغا بېرىپ سىتالىننىڭ تامىقىغا داخىل بولىدىغان شىرباكوپ ۋېنۇگرادوپ قاتارلىق دۇختۇرلاغا زىيانكەشلىك قىلغانىدى. <<ھەقىقەت گېزىتى>>دە بۇ قارانىيەت دۇختۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدى، ئۇلانىڭ خەلىقئارالىق يەھۇدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئالاقىسى بار، بۇ قارانىيەت دۇختۇرلار مارشال ۋاسىلىيوۋىسكى قاتارلىق گېنراللارنى قەستلىگەن . ئۇلار بۇ ئارقىلىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئەسىنى بۇزۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان دىيىلدى. مەخپى مەلۇمات يازغانلىرى ژىماشۇك بىردىنلا سوۋىت ئىتىپاقى قەھرىمانىغا ئايلاندى ۋە1953-يىلى21-يانۋارلېنىن ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. مارشال كونىپ ۋەقەدىن ئىنتايىن چۆچىدى ھەتتا ئۇزاق يىل كىسىلىنى داۋالىغان دۇختۇردىن گۇمانلاندى،ئۇ سىتالىنغا خەت يېزىپ دۇختۇرنى ئەينى يىلى ژىدانوپقا دورا بىرىپ قەستلىگەن دىدى. بۇنىڭ بىلەن سىتالىننىڭ دۇختۇرلارغا بولغان گۇمانى قىل سىغمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. ژىدانوپ 1948-يىلى31-ئاۋغۇست كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغانىدى. 1949-يىلى2- ئىيول بۇلغارىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى دىمىتىروپ موسكىۋادا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانىدى. ئەمدى شۇ چاغدا يۇقىرىقى كىشىلەرنى داۋالىغان دۇختۇرلار تەكشۈرۈش ئوبىكتىغا ئايلاندى. ئەينى چاغدا دۇختۇر دېلوسىنى پاش قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان خىروششىپ سىتالىن ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئەڭ زور نەپ ئالغۇچى بۇلۇپ ، ئالدى بىلەن بىرىيەنى ئاندىن مالىنكوپنى ئۇجۇقتۇرغانىدى. خىروششىپ كىيىن يازغان ئەسلىمىسىدە دۇختۇر دېلوسىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىغانىدى. سىتالىن1952-يىلى چاقىرىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۇختۇر دېلوسىنى سوتلاپ بىر ياقىلىق قىلىشقا، دۇختۇرلارنىڭ جىنايەتلىرىنى خەلىق ئاممىسىغا جاكارلاشنى تەلەپ قىلدى، 1-مارت،سوۋىت ئىتىپاقى مەركىزى كومىتىتى چاقىرغان يىغىندا كاگانوۋىچ دۇختۇر دېلوسىنى داۋاملىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى  قۇرىدىغانلىقىنى شۇنداق قىلغاندىلا دېلونى تەكشۈرۈشنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سىتالىن يەھۇدىيلارنى چەت رايۇنلارغا كۆچۈرۈۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. يىغىن ئەھلى سىتالىننىڭ بۇيرۇقىنى سۈكۈتتە تۇرۋېلىپ رەت قىلدى. بۇ ئىش سىتالىنغا قاتتىق زەربە بولدى. ئەگەر يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يېرىم سائەت ئىچىدە ئىپادە بىلدۈرمىسە، ھەربى دائىرىلەر كېرىمىلنى قورشىۋالغان بۇلاتتى. ئەمما ھەربى ھۇقۇقنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئارىسالدى بۇلۇپ قالدى. سىتالىن قاتتىق غەزەپلىنىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى-دە مېڭىسىگە قان چۈشۈپ يىقىلدى. دۇختۇرلار بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قۇتقۇزماقچى بولغان بولسىمۇ، دۇختۇر دىلوسى سەۋەبلىك ئوپىراتىسىيە قىلىشقا پېتىنالمىدى. 5-مارت سىتالىن ئەلەم بىلەن بۇ دۇنيادىن كەتتى ئۇ كۆز يۇمۇش ئالدىدا لەۋلىرىنى قىمىرلاتتىيۇ بىراق ھېچنىمە دىيەلمىدى.
                 مەنبە :شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى2011-يىلى20-ئاپرىل سانىدىن.

مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش يالغانچىلىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش