|
|
|
|
ساياھەتكە مىڭىش ئالدىدىكى كۈتۈش
قىش كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى، ئىككى دوستۇم بىلەن ساياھەتكە چىقماقچى بولۇپ ، بىر جايدا كۆرۈشۈپ ئاندىن يولغا چىقىشقا كىلىشتۇق. دوستۇم «ئا» بىلەن ئىكككىمىز كىلىپ بولدۇق ، بىراق خېلى ساقلىساقمۇ «ب» نىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى . شۇنىڭ بىلەن «ئا» ئاغرىنىشقا باشلىدى:
_ «ب» نىمىشقا كەلمەيدىغاندۇ ، مەن بەك توڭلاپ كەتتىم.
مەن « XXXX » دىسەم «ئا» بۇ دىگىنىڭمۇ ئورۇنلۇق ، دىدى. سىزنىڭچە مەن نېمە دىگەندىمەن؟
A ، ئۇ دائىم كىچىكىدۇ،ئىككىمىز مېڭىۋىرەيلى.
B ، بۇ يەردە كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىمىزنى ئېنىق ئۇقالماي قالدىمۇ يا، تېلېفۇن قىلىپ باقاي.
C، ئالدىراش ئىش بولمىغاندىكىن سەل ساقلاپ باقايلى.
A نى تاللىغۇچىلار: ئىشى ئوڭغا تارتمىسا، قارشى تەرەپ ياكى ئەتراپىدىكىلەردىن كۆرىدۇ . بۇنداقلار بىلەن ئارىلىشىش تەس ، بىراق بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۆز مۇھەببىتىدىن ئاسانلا قول ئۈزەلەيدۇ،ئادەتتە ناھايىتى كەسكىن كېلىدۇ.
B نى تاللىغۇچىلار: ئاق كۆڭۈل ، كۆيۈمچان كىلىدۇ. دائىم ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ خىلدىكىلەر ئاسانلا ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنىڭ دەخلىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.
C نى تاللىغۇچىلار: بۇ خىلدىكىلەر بىرەر ئىشتا كەسكىن قارار چىقىرالمايدۇ، مۇھەببەتلەشكەندىمۇ دائىم قارشى تەرەپنىڭ ئىچىنى سىقىپ قويىدۇ.
مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى
|
|
|
|
|
|