ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم ھېيىت – ئايەملەر ۋەخاتىرە كۈنلەر
( ھىجىرىيە ۋاقتى تەرتىپى بويىچە تونۇشتۇرۇلدى )
قەدر كېچىسى ( لەيلەتۇل قەدر ، شەبى قەدرى )
بۇ ، ئىسلام دىنىدا قۇرئان كەرىم نازىل بولغان كېچىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ ، قەدر دېگەن ئەرەبچە سۆز << قەدرىلىك ، تەقدىر >> دېگەن مەنىلەرگە ئىگە . بۇ سۆز دەسلەپتە قۇرئان كەرىمنىڭ << قەدر سۈرىسى ( 97 – سۈرە ) دە ئىپادىلەنگەن بولۇپ ، مەخسۇس رامىزان ئېيىنىڭ ( ھىجىرىيە 9 – ئاينىڭ ) 27 – كۈنىنى كۆرسىتىدۇ . بەش ئايەتلىك بۇ سۈرىدە مۇنداق دېيىلگەن : << بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدردە نازىل قىلدۇق . شەبى قەدرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ؟ شەبى قەدرى ( شەرەب ۋە پەزىلەتتە ) مىڭ ئايدىنن ئارتۇقتۇر . پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن ( زىمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان ) بارىلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ . شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنىچ – ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر >> .
مۇپەسسىرلەرنىڭ شەرھىلىشىچە بۇ كېچە ئىنسانلارنى ئازغۇنلۇقتىن ،ئاللاھنىڭ يولىغا يېتەكلەش ئۈچۈن ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى نازىل قىلىشقا باشلىغان كېچە ، يەنى << لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەن >> قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئۆز ئەسلى بويىچە ئالەمگە ئەڭ كائىناتقا تولۇق چۈشۈرگەن كېچە ، شۇڭا << قەدرىلىك كېچە >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
بۇ كېچە يەنە ئاللاھ تائالا جاھاندىكى بارىلىق شەيئىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئالدىن بەلگىلىگەن كېچە ، شۇنداقلا ، بۇ كېچە جاھان ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىپ ئاللاھنىڭ ئەڭ ئالىي ، بىردىنبىر پەرۋەردىگارلىق مۇتلەق نوپۇزىنى نامايەن قىلغان كېچە ، شۇڭا << تەقدىر كېچىسى >> ياكى << ھوقۇق كېچىسى >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
قەدر كېچىسىنىڭ كونكىرىت كۈنى ھەققىدە فىقھىشۇناسلار ( فەقىھلەر ) نىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس . ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان ھەدىسلەرگە ئاساسلانغاندا مۇنداق ئۈچ خىل قاراش بار : 1. رامىزاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنى ئىچىدىكى تاق كۈنلەرنىڭ بىرى ؛ 2. رامىزاننىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنى ئىچىدە ؛ 3 . رامىزاننىڭ 27 – كۈنى . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت خىل قاراش بار : 1. ئۇنىڭ قەدرىلىك ئىكەنلىكىدىن ئېيتقاندا ، رامىزان باشلانغان كېچىسى يەنى رامىزاننىڭ بىرىنچى كېچىسى بولۇشى كېرەك ؛ 2. رامىزاننىڭ 17 – كۈنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە پەيغەمبەر بولغان كۈن ، شۇڭا شۇ كۈنى كېچىسى بولۇشى كېرەك ؛ 3 . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << رامىزاننىڭ ئوتتىرىدىكى كۈنلىرى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مەغفىرەت قىلىدىغان ، ئەرۋاھلارنى قۇتقۇزىدىغان كۈنلەر >> دېگەن ئىدى ، شۇڭا رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى كۈنلىرىنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى ___ 19 – كۈنى بولۇشى كېرەك . 4. << قەدر كېچىسى >> دېگەن سۆز ئەرەبچە توققۇز ھەرىبتىن تەركىب تاپقان بولۇپ قۇرئان كەرىمدىكى قەدر سۈرىسىدە ( 97 – سۈرىدە ) ئۈچ قېتىم چېلىقىدۇ ، ئۇنى جەملىسەك 27 ھەرىب بولىدۇ ، شۇڭا رامىزان ئېيىنىڭ 27 – كۈنى كېچىسى بولۇشى كېرەك .
يۇقىرىدىكى قاراشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھەدىس شەرىف روھىغا ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ ، رامىزاننىڭ 27 – كۈنى كېچىسى << قەدر كېچىسى >> قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ . دېققەت قىلىش كېرەككى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار مىلادىيە ، ھىجىرىيە تەقۋىمىنىڭ پەرىقىدىن بىخەۋەر بولغاچقا رامىزاننىڭ مىلادىيە بويىچە 27 – كۈنى كېچسىىنى قەدر كېچىسى قىلىۋالىدۇ . ھىجىرىيە بولسا قەمەرىيە تەقۋىمى بولۇپ كۈننىڭ ئولتۇرۇشىنى كېيىنكى كۈننىڭ باشلىنىشى ھېسابلايدىغانلىقى ئۈچۈن ھىجىرىيە بويىچە 27 – كۈنى كېچىسىنى يەنى مىلادىيە بويىچە 26 – كۈنى كېچىسىنى قەدر كېچىسى ھېسابلاش كېرەك .
قۇرئان كەرىمدە قەدر كېچىسى << ( شەرەپ ۋە پەزىلەتتە ) مىڭ ئايدىن ئارتۇق >> لىقى ، پەرىشتىلەرنىڭ چۈشىدىغانلىقى ، تاڭ يورىغانغا قەدەر تىنىچ – ئامان بولىدىغانلىقى ئېنىق بايان قىلىنغانلىقى ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ : << كىمكى شۇ كېچىسى تولۇق روھلۇق بولسا ، ئۇ جەننەتكە كىرىش سالاھىيتىگە ئىگە بولىدۇ >> دېگەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھەر قېتىم بۇ قەدرلىك كېچە كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئادەتلىرى بويىچە تۈرلۈك خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكىزىدۇ . بۇ يىل ( 2007 – يىل ) مىلادىيە 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى يەنى رامىزاننىڭ 27 – كۈنى كېچىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئۆزىدىن كەلگەن ئىككى مىلىيوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان مەككە مۇكەررەمەدىكى رەھىم مەسچىتىگە يىغىلىپ ، شام ، خۇفتەن ، تەرەۋىھ نامازلىرىنى ئۆتەش بىلەن بىر ۋاقىتتا تاڭ ئاتقۇچە ناماز ئوقۇپ دۇئا تىلاۋەت قىلغان . جۇڭگۇنىڭ ئىچكرى ئۆلكىللىرىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ بۇ كېچىدە مەسچىتلەرگە يىغىلىپ ياكى ئۆيلىرىدە ناماز ئوقۇش ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ، تەسبىھ – سالاۋات ئوقۇش ، خەير – ئېھسان قىلىش ، ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا ئاتاب دۇئا – تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ . بەزىلەر ئېسىل تائاملارنى ھازىرلاپ ئۇرۇغ – تۇققان ، دوست – يارەنلىرىگە نەزىر بېرىدۇ ، ھەتتا بەزى مۇسۇلمان ئاياللار ساندۇق – ئىشكاپلىرىنى چوڭ ئېچىپ قويۇپ ، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىلتىپات ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيدۇ . ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىنى تىلەپ كېچىچە كۆز يۇمماي ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ پائالىيەتلەر << تۈنەك >> ياكى << تۈنەش >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ . شىنجاڭ رايونىدىمۇ نۇرغۇن جايلاردا بۇ كېچىسى تۈرلۈك دىننىي ئىبادەتلەر ۋە قەدرلىك كېچە دۇئا تىلاۋەتلىرى قىلىنىدۇ .
بۇ مەزمۇن شەمشىدىن ھاجى نىڭ ‹‹ مىلادىيە 1950 – يىلىدىن 2050 -يىلىغىچە ئىسلامىي ھېيىت – ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە بويىچە ۋاقىت سېلىشتۇرمىسى ›› ناملىق كىتابىدىن كۆچۈرۈلدى .( ئاللاھ كىتاب ئىگىسىدن رازى بولغاي !)
مەنبە :
بىلدۈر تورى