 |
 |
 |
 |
كىينىشىمىز ۋە كىملىكىمىز [align=justify]
كامالىدىننىڭ بولغۇسى ئايالىنىڭ توي كۈنى ئەتلەس كۆڭلەك كېيىشكە ئۇنىماسلىقى تۈپەيلى ھەپتە قالىغان تويدىن يېنىۋالغانلىقىنى ئاڭلىدىم . بۇ بىر جۈپلەر 2008-يىلى ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا توي قىلماقچى ئىدى.
_تويلۇقلار ئەتلەس سەۋەبىدىن بۇزۇلدىمۇ؟ _ سورىدىم ، بۇ ئىشتىن كېيىن كامالدىننى زىيارەت قىلىپ،[align=justify] _ سىزچە مۇشۇنداق قىلىش ئەرزىمدۇ؟
_ئەرزىدۇ . ئۇنىڭ توي كۈنى ئەتلەس كۆڭلەك كېيىشكە ئۇنىماسلىقى ئاددىي ئىش . ئەمما،ماڭا ئەتلەس كۆڭلەك كىيىشكە ئۇنىماسلىقىنىڭ كەينىدىكى ئىدىيە قورقۇنچلۇق تۇيۇلدى. مەن ئۆرىمىزنىڭ ئەنئەنىسىدىن چانغان قىز بىلەن قانداق ئۆي تۇتىمەن؟ ئۇنىڭ بىلەن گىپىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغانلىقىنى كېچىكىپ ئۇقتۇم.
_ بۇ چاغقا كەلگەن ندە ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇراسنى ياكى قايىل قىلىپ، توي قېلىۋېرشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟
_ ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشتىم،ئەمما،ئۇنىمىدى. «توي قىلمىسام قىلمايمەنكى،ئەتلەس كۆڭلەك كېيمەيمەن» دېگىنى يۈرىكىمدىن پەقەت چىقمايدۇ.
_ دوستلىرى، ئاتا-ئانىلىرى قىزغا گەپ قىلماپتۇمۇ؟
_گەپ قىلىش تۈگۈل،يەنە شۇنىڭكىنى راست قىلىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىسى:«ئەتلەسنى قىزىمدىن ئۈستۈن كۇرگەندىن كىيىن، ئەتلەس بىلەن توي قىلسۇن»دەپ گەپ ئەۋەتىپتۇ. مەنمۇ بوپتۇ دېدىم .
بۇ ئىش ئۇچۇن ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم . ئەسلىدە توي قىلماقچى بولغان قىزنىمۇ زىيارەت قىلىش ئويۇم بار ئىدى.ئەمما ، بۇنداق چاغدا ئەپسز بىلىندى . ئىلاجسىزلىقتىن ئەتلەس جىدىلى توغرسىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە قىزدىن پىكىر ئالدىم.
[align=justify]
_ۋاي-ۋۇي،نېمانداق مەتۇ بالا ئۇ! _ دېدى مەمۇرىي ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىر قىز، _ ھەممە.ئادەم ياۋروپاچە كىيىنىۋاتسا! تازىمۇ بىر، نەدە چوڭ بولغان بالىكىنە؟
_ئەتلەسنى داڭسىسى تۆۋەن (ئورنى تۇۋەن) قىزلار تولا كېيىپ كۇرسىنى چۈشۈرىۋەتتى . ھازىر ئېقىۋاتقىنى ياۋروپاچە كۆڭلەك تۇرسا ! ھەممىسى شۇنى ئىشىلتىۋاتسا ، مودا شۇنداق تۇرسا! _ دېدى بىر سېستىرا قىز.
[align=justify]
_ئۇ قىز بەك دۆت ئىكەن،_دېدى 40 ياشلاردىكى ئوقۇتقۇچى ئايال.[align=justify] _ئۆينى بولغۇسى ئېرى بىلەن تۇتىدىغان تۇرسا ، ئېرى دېگىنە بويىچە قىلسا بولمامدۇ؟ ئۇنىڭغا ئۆينى تۇتۇشۇپ بېرىدىغىنى ئاتا-ئانىسى ، دوستلىرى ئەمەستە !
[align=justify]
يەنە پاراڭلاشسام ھەرخىل گەپلەرنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئىدى. ئەتلەس سەۋەبىدىن بۇزۇلغان توي ماڭا شەھەر ئۇيغۇر جەمئيىتىدە ھېس قىلغىنى بولىدىغان ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشىدەك تۇيۇلدى. [align=justify]
<<گوگول>>،<<بەيدۇ>> قاتارلىق ئىزدەش تورلىرىغا <<ئۇيغۇر قىزى >> دەپ كىرگۇزسەك،شۇ ھامان ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن،دوپپا كىيگەن ۋە باشقىچە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياسانغان قىزلارنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. دېمەك،شۇ سۈرەتلەرنى تورغا چىقارغۇچىلار ئەتلەس بىلەن دوپپىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە باغلاپ چۈشەنگەن ۋە شۇ ھۆكۈمى ئاساسىدا مەخسۇس شۇ خىلدىكى سۈرەتلەرنى تاللىغان.[align=justify]
مودا قىزلارنىڭ چەت ئەللەرنىڭ پاسونلىرىغا،جۈملىدىن ياۋروپاچە توي - مۇراسىم كۆڭلەكلىرىگە ھەۋەس قىلىشى ، ئۇلارنىڭ خىيالىدا ئۆرلىرىنى ياۋروپالىق كۆرسىتىش چۈشىدىن كەلگەن . ئەملىيەتتە ، ئۇلار رېئاللىقنىڭ ئازابىدىن قېچىش چۈش كۆرۋاتقانلاردۇر. ئۇلار مودا كىيىملەر ئارقىلىق قەلبىدىكى مەنسىزلىك تۇيغۇسىنى يەڭگىللەتمەكچى ۋە ئۆزىدە يوق غايىۋى كىملىكنى باشقىلار ئالدىدا ئىپادە قىلماقچى بولدى.
مەنبە :زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ<<بەدەن،مودا،كىملىك>>دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىندى.

|
 |
 |
 |
 |
|