گەپ ئاشۇ بالىنىڭ كىندىكى ئوچۇق مايكا كىيىۋالغانلىقى بىلەن باشلىنىدۇ .قايسىبىر ئاغىنەم بىلەن چىراق ماتىرياللىرى دۇكىنىغا ئەمدى كىرىپ نەرسە ئېلىشقا تەمشىلۋاتاتتتۇق ، ئارقىمىزدىنلا پۇتىغا سېرىق رەڭلىك تەتۈر خىرۇم ئاياق ، توق كۆك رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى ، بىر پەتلىلىك ، ئالدى تەرىپى يېرىم يەلپۈگۈچسىمان چاپان كىيىۋالغان بىر بالا بىلەن دوقىرشىپ قالدۇق .
بىر قاراشقىلا ئۇنىڭ يىگىرمە بىر ، يىگىرمە ئىككى ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى .
كۆزىمىزگە ھەممىدىن ئاۋال چېلىققىنى شۇكى ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ ئالدى ئىتىلمىگەن بولۇپ قورسىقىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان يىىشل رەڭلىك مايكىسى سەل قىسقا كەلدىمۇ ياكى بولمىسا ئايىغىنى كىسىۋاتتىمۇ ئىشقىلىپ كىندىكى مانا مەن دەپ ئوچۇق قالغان ئىدى .
بىز مال ساتىدىغان ئايالغا ئالىدىغان نەرسىمىزنىڭ ئىسمىنى دەپ بولغىچە ئۇ چاققان چىقىپ قالدى ؛
- ئاۋۇ نىمىنى نەچچە پۇلغا ساتىسىز ئاچاش ؟
- ئون توققۇز يۈەن ،
- ۋىيەي ، ئەرزانراق بەرمەمسىزما ؟
- كىلىدىغان يېرى ئون ئالتە يۈەن ، ئۇنىڭدىن كېمى يوق .
- ئاتايىن يىراقتىن سىزنى پاناھ تارتىپ كەلسەم ، قىممەت دەۋالسىزغۇ ، بىزگە ئوخشاش خېرىدارلارغا بېرىۋىرسىز مانداق ئەرزان - ئەرزان ...
شۇنداق دىگەچ پۇلنى چىقىرىپ بەردى ، بىز ئۇنىڭ گەپ سۆزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلمىغان بولساقمۇ ئەمما ئالدىمىزدا ئوغۇللارغا خاس بولمىغان مىجەزدە نايناقلاپ كەتكىنى كۆزىمىزگە مانا مەن دەپ ئۇرۇندى .
ئۇ پۇلنى قايتۇرۋالغاندىن كىيىن بىزمۇ ئالىدىغان نەرسىنى ئېلىپلا چىقتۇق ، پىيادىلەر يولىغا چىقىپ نەچچە ئون مىتىر يول ماڭمايلا يەنە ئۇنىڭ ماتاڭچى بىلەن بولغان پارىڭىنى ئاڭلىدۇق ؛
- ئى ماتىڭىڭىز قانچە پۇل ؟
- ماۋۇ بىر كوي ، ماۋۇ بەش مو ، ماۋۇ ئۈچ كوي ...
- بۇنىڭغۇ ھىچ تەمى باردەك ئەمەس ،
ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا ئاغىنەم گېپىنى بۆلىۋەتتى ؛
- تەمى بارمۇ يا يوقمۇ يەپ باقسىڭىز بىلەسىز !
- ئۇيەي ، يىمىگەن ماتاڭمىتى بۇ ؟ قاراشقىلا بىلىنىپ تۇردىغۇ زادى تەمى يوقلىقى ...
- قارىغاندا سىزنىڭ تىلىڭىزدا چوڭ مەسىلە بار ئوخشايدۇ ، يىيىشكە تىگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى يىسىڭىز تەم سەزمەس بولۇپ قالىدۇ .
- دەپ قاپسىز ، بىزچۇ مۇنداق ماتاڭلارنى تاللاپ تۇرۇپ يەيمىز ...
ئۇلار شۇنداق دىيىشۋاتقان ئىدى ، مەن ئاغىنەمنىڭ پېشىنى تارتىپ گەپ قىلماسلىققا ئۇندىدىم .
بىزمۇ بىر قانچە تال ئېلىپ يېنىپ كەتتۇق ، قايتاشىمىزدا شۇ توغۇرلۇق يەنە ئازراق مۇنازىرلىشىپ قالدۇق ؛
- بايام گەپ قىلىۋەرگەن بولساڭ ، ئۇرۇشۇپ قالاتتىڭ ئۇنىڭ بىلەن ،
- كۆرمىدىڭمۇ ئەلپازىنى ، خېنىمدەك گەپ قىلىشلىرى تەخى ئادەمنىڭ كۆزىنى ئېلىشتۇرۇپ ...
- مىنىڭچە ئۇنداقلار يۈز ئاۋايلاشنى بىلمەيدۇ ، نۇمۇس قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ شۇڭا ...
- بۇنىڭدىن كىيىن ئىش بار ئوخشايدۇ بۇ زاماندا !
مانا بىردەمدىلا ئۆزىمىز ئويلاپمۇ باقمىغان شۇنداق بىرسى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆزىمىزنى گالۋاڭ قىلۋالدۇق ، ئەمما كىتىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا < ئا مايكىڭىز بەك يارىشىپتۇ ، ئەمدى قىزىل رەڭلىكىنى كەيسىڭىز تېخىمۇ جۇلالىق بولۇپ كىتىدىكەنسىز > دەۋالغىنىمدىن خۇشال بولدۇم ، چۈنكى بىزنىڭ باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشقا ، باشقىلارنى بىر ئىشتىن توسۇشقا قۇربىتىمىز يەتمىگەندىن كىيىن بىر ئېغىز بولسىمۇ يۈرىكىگە تەككىدەك گەپ قىلالىساق شۇمۇ ئەڭ چوڭ كۇپايە بولىدىكەن .
يۇقارقى ئازراق تۇرمۇش كارتىنىسنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بۇ يەردىكى ھەر بىر ئەر - ئوغۇللارغا شۇنى دىمەكچىمەن ؛
بىزگە كىچىكىمىزدە شۈمەك سېلىنغان ، ھەر بىرەيلەن تۇغۇلغان ۋاقىتتا بىر ئەركەكنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىدىن باشقىلار پەخىرلەنگەن ھەم خۇشاللانغان .
ئۇچىمىزغا كىيىۋالغان كىيىمنىڭ كالتە كىلىپ قېلىشغۇ نۇرمال ئەھۋال بىراق ، گەۋدىمىزگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئۇنداق كۆينەكلەر بىزگە تازا ياراشمايدۇ .
ئەر - ئوغۇللار ، دوسلار ... بىز ھەر قانچە بولۇپ كەتسەكمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئاياللاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئۇنۇتمايلى !
مەيلى ئاممىۋى سورۇن ، مەيلى ئۆي ، دۇكان ، كوچا - كويلاردا بولسۇن ئىشقىلىپ ئەرلىك سالاپىتىمىزنى ساقلاپ يۈرەيلى !
ھازىر قارايدىغان بولساق بوينىغا مارجان ، قۇلىقىغا ھالقا ، ئۈزۈك ... سېلىۋالىدىغان ئوغۇللارنى كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق ، مىنىڭغۇ ئۇنداق زىننەت بويۇملىرى بىلەن ئانچە خوشۇم يوق ، ھەم تەڭلىك دوسلار ئامال بار ئۇنداق نەرسىلەرنى تاقىماڭلار ، ئۇ ئاياللارنىڭ نەرسىسى ، ئاياللار تاقاپ ئۆتۈپ كەتسۇن !
كىيىم - كىچەكلا ئەمەس ، ئەركىشىدەك - ئوغۇل بالىدەك تەلەپپۇزدا گەپ قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلايلى !
قىزلار - ئاياللار ئالدىدا چوڭ سۈپەت يۈرەيلى ، قىز - ئاياللار شۇندىلا تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىدۇ ھەقىقى سۆيگىنى تاپالايدۇ !
ئەر - ئوغۇللار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەرەققى قىلىپ رومانتىكلىشىپ كەتسەك ، كىيىنكى دەۋىرلەردە قىز - ئاياللىرىمىز < ئەر > گە زار بولۇپ قالمىسۇن !
دوسلارغا مۇنۇ << ئاتا >> ناملىق ناخشىنى سۇندۇم ، ئاتا دىگەن بۇ ئۇلۇغ سۆزنىڭ بىر كۈنلەردە بىزگىمۇ نىسىپ بولىدىغانلىقىدىن خۇشالىنايلى !
مەنبە : ئۆز ھىس تۇيغىلىرىم