شىنجىن كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى: شىنجاڭ پۇتبۇلى ...
بىر نەچچە كۈندىن بىرى ھۇرراغا كىرىپ چىقىپ يۈرۈپ شىنجىندىكى 3 يىگىتىمىزنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تۈزۈك خەۋەر ئۇقالماي ئىچىم پۇشۇپ يۈرەتتىم.چۈنكى ئۇلارنىڭ كوماندىسى بىرلەشمىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۇتتۇردى،بۇنىڭدىن ناھايىتى بىئارام بولدۇم.بايا كوكوس دەيدىغان بىر بىلوگددىن(
http://kokus.blog.hexun.com/63532558_d.html) مۇشۇ كوماندىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئۈرۈمچى لىنيەسىنىڭ موخبىرلىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئيتقانلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ ھۇررادىكى دوسلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىغا مەدەت بىرىپ ئۇنى تېخمۇ پەرۋاز قىلدۇرىمىز ,
ۋەن خوڭ ۋىي 2009-يىلى 2-ئايدا شىنجىن پۇتبۇل كۇلۇبىنى سىتىۋىلىپ ئىسمىنى شىنجىن قىزىل ئالماس پۇتبۇل كۇلۇبىغا ئۆزگەرتىپ ئۆزى لىدىر بولغان.بۇكىشى فۇدەن ئۇنۋىرىستىتىنىڭ پۇل موئامىلە كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ،چىككاگو ئۇنۋىرىسـتىتى سودا سانائەت ئىنىستىتوتىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە ساپالىق كارخانچى ئىكەن.ھازىر سىنگاپوردىكى مەلۇم فوند نىڭ جوڭگۇدىكى ھەمكارلىق شىرىكى.2011-يىلى فىرانسىيلىك داڭلىق تېرىنىر تېرۇشىر( مۇشۇنداق ئاتىسام خاتا بولماس)نى كۇلۇپنىڭ باش تېرىنىرلىقىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن.
تۆۋەندىكىسى ۋەن خوڭۋىينىڭ ئۈرۈمچى لىنيەسىنىڭ موخبىرلار بىلەن ئىلىپ بارغان تېلفۇن زىيارەت سۆھبىتى:
توپچىلارنىڭ ساپاسى ھەققىدەموخبىر:بۇ مۇسابىقە پەسلىدە شىنجىن قىزىل ئالماس كۇلۇبى بىراقلا دىلمۇرات،ئابدۇۋەلى،يەھيا قاتارلىق شىنجاڭلىق ئۈچ ياش پۇتبۇلچى بىلەن توختام ئمزالاپ كۇلۇپقا قوبۇل قىلدىڭلار،بۇ شىنجاڭلىق توپچىلارنىڭ تۇنجى قىتىم دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچى سەپتىكى كۇلۇپلارغا ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىنىشى،ئۇلار قايسى تەرەپلەردە باش تېرىنىر ۋە سىزگە ئەرزىپ قالدى؟
ۋەن خوڭ ۋىي: بارى،مىر ئەخمەتجان قاتارلىق توپچىلارنىڭ جوڭگۇ بىرلەشمىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى،بىزنىڭ دىققىتىمىزنى شىنجاڭ پۇتبۇلىغا قاراتتى،خەيكۇدىكى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشتە ئۇلار(دىلمۇرات،ئابدۇۋەلى،يەھيا ) پەقەت بىر كۈن سىناق مەشىق قىلىپلا تىرۇشىر نىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتى.ئۇلارنىڭ ياخشى بولغان پۇتبۇل ئىڭى ۋە پۇختا ئاساسى ماھارىتىتدىن ئۇلارنىڭ تالانتىنى كۆردۇق.
موخبىر:ئالدىنقى ئايلانمىدىكى شاڭخەي بىلەن بولغان مۇسابىقدە بىرى باش تېرىنىردىن كىم شىنجىن ئۈچۈن تۇنجى توپنى ئۇرىدۇ دەپ سورىغاندا ئۇ دىلمۇراتنىڭ كۆرسەتكەن.شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇنىڭ ۋاراتارنىڭ لىمىغا تەككەن توپى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى،سىزنىڭچە دىلمۇرات كوماندىنى تۇنجى مەيداق غەلبگە باشلىيالامدۇ؟باشقا ئىىكى نەپەر توپچىنىڭ ھازىرقى ھالىتى قانداق؟
ۋەن خوڭ ۋىي(كۈلكە) بۇنىڭغا(دىلمۇراتنىڭ توپ ئۇرۇشىغا) مەنمۇ بەك ئىنتىزار،بىز ئۇنىڭ كوماندا ئۈچۈن تۇنجى مەيدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز،بىراق پۇتبۇلنىڭ ئەڭ چوڭ سىھرى كۈچى ئۇنىڭ ئىنىقسىزلىقىدا،ئۈچ نەپەر توپچىمىز مەشىقتە ناھايىتى تىرىشىۋاتىدۇ،ئىككى نەپىرى مەيدانغا چىقىپ بولدى،كۇلۇپ تەرەپ كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بىرىمىز.يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى ئادەتنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلارغا ئايرىم قازان ئاسىمىز.ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ۋە كىيىنكى غىمىنى ھەل قىلىمىز.
موخبىر:كىلەركى مۇسابىقە پەسلىدە كۇلۇپ يەنە شىنجاڭلىق توپچىلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشامسىلەر؟سىلەر قانداق توپچىلارنى تاللاشنى ئۈمىد قىلىسىلەر؟
ۋەن خوڭ ۋىي:شىنجاڭلق توپچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار،مەسىلەن:چىدامچانلىق ۋە قوزغىىلىش كۈچى(爆发力)دىگندەك.بىز بۇتبۇل تالانىتقلىرى ئىچىدىن يەنىمۇ كۆپ مونەۋەر توپچىلارنى قىزىپ چىقىمىز.ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى تۇغما پۇتبۇل تالانتى،بىزنىڭ كۆردىغىنىمىز ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى،توپ تەپسىلا ھىساپ ئەمەس،ئەڭ موھىمى كاللىسىنى ئىشلىتىپ توپ تىپىدىغانلار.
ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەش
پۇتبۇل ھەمكارلىقىنى شىنجاڭغا ياردەم بىرىش تۈرىگە كىرگۈزىمىز.
موخبىر: بارى،مىر ئەخمەتجان،دىلمۇرات قاتارلىق شىنجاڭلىق توپچىلارنىڭ بىرلەشمىگە كىرىشى بىلەن بەزىلەر شىنجاڭنى پۇتبۇل تالانىتقىلار بازىسى دىيشمەكتە،پۇتبۇلچىلارنى تەربىيلەشتە سىزنىڭ قانداق ئويلىرىڭىز بار؟
ۋەن خوڭ ۋىي:پۇتبۇلنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى،توپچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى،جان تىكىشكە جۈرئەت قىلىش روھى شىنجاڭنى پۇتبۇلچىلار يىتىشىپ چىقىدىغان مونبەت تۇپراققا ئايلاندۇرغان،شىنجاڭ موقىم پۇتبۇلچىلار بازىسى بولۇپ چىقماقچى بولىدىكەن،ئالدى بىلەن پۇتبۇلنىڭ ئومۇملىشىش ۋە ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبۇلىنى چىڭ تۇتۇشى لازىم،يەنە شۇ گەپ،پۇتبۇلنى بالا ۋاقتىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش كىرەك.مونەۋەر ياش ئۆسمۈر توپچىلارنى بايقاش،تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇش كىرەك.
موخبىر: قىزىل ئالماس كۇلۇبىنىڭ شىنجاڭ بىلەن پۇتبۇل ھەمكارلىقى توغرىسىدا قانداق پىلانى بار؟
ۋەن خوڭ ۋىي:بۇ نۆۋەتتە بىز پىلانلاۋاتقان موھىم بىر تۈرلۈك خىزمەت،بۇ قىتىم بىز قوبۇل قىلغان توپچىلارنىڭ ئىچىدە ئىككىسى قەشقەرلىق،قەشقەرنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبۇل خىزمىتى نىسپەتەن ياخشى قانات يايدۇرۇلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭغا ساھەلەر بۇيچە ياردەم بىرىشتە شىنجىننىڭ ياردەم بىرىش نۇقتىسى دەل قەشقەر،بىز ھازىر شىنجىن ئالاھىدە رايۇن ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز،تىرىشىپ پۇتبۇلنى شىنجاڭغا ياردەم بىرىش تۈرلىرى ئىچىگە كىرگۈزىمىز.بۇ بىر مونبەت تۇپراق،يىتەرلىك يامغۇر ۋە كۈن نۇرى بولسىلا چوقۇم نۇرغۇنلىغان مايسىلار يىتىشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
موخبىر:كونكىرت سۆزلەپ بىرەلەسىزمۇ؟
ۋەن خوڭ ۋىي:ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ پۇتبۇل مەكتىۋى قۇرۇش،ئىقتىساسلىقلارنى سەپلەش،تېخمۇ كۆپ توپچىلارنى قىزىپ چىقىمىز.موۋاپىق پۇرسەتتە شىنجاڭغا بىرىپ دوسلۇق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش دىگەندەك....ئۇنىڭدىن باشقا كوماندىنىڭ ھازىرىقى باش تېرىنىرى خەلقئارا پۇتبۇل ساھەسىدىكى مونەۋەر تېرىنىر،ئۇ ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش جەھەتتە بەلگىلىك تەجىربىگە ئىگە،بىز ئۇنى شىنجاڭغا بىرىپ دەرىس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرىمىز،ياكى شىنجاڭدىكى پۇتبۇل تېرىنىرلىرىنى تېرۇشىرنىڭ مەشىقلەندۈرۈشىنى كۆرۈشكە تەشكىللەيمىز.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرلىكتە ئۇزاق موددەتلىك ھەمكارلىق پىلانى تۈزۈپ مونەۋەر پۇتبۇل مايسىللىرىنىڭ نابۇت بولۇپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. شىنجاڭدىكى پۇتبۇل ئىقتىساسلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ كۇلۇپنىڭ مۇسابىقە تەجىربىسى جەھەتتە قوش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىمىز.
كەسپى پۇتبۇل:
ۋەن خوڭ ۋىي يەنە جوڭگۇ بىرلەشمىسى ۋە شىنجاڭ پۇتبۇلىنىڭ كەسىپلىشى توغرىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ بۇ ھەقتە مۇنداق دىدى:جوڭگۇ بىرلەشمىسى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئىغىر زەربىگە ئۇچرىغان،مەستانىلەرمۇ ئازلاپ كەتتى.كۇلۇپلارمۇ خىراجەتنى قىستى،بىراق بۇلار بۇيىل بىر ئاز ياخشىلاندى،ئىلگىرىكى بىر قاتار ئوڭۇشسىزلىقلاردىن كىيىن جوڭگۇ پۇتبۇلچىلىغى ھازىر ئۆزىنىڭ يىڭى باھارىنى كۈتۈۋالدى،كەسپلەشكەن پۇتبۇلنىڭ ئۆز قانۇنىيتى بار،پۇلغا تايىنىپلا ھەممىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ،شىنجاڭ پۇتبۇلى كەسىپلىشىش يولىغا ماڭماقچى بولىدىكەن چوقۇم قەدەمنى پۇختا ئىلىشى،نەتىجىنى قوغلىىشىش بىلەن بىرگە تەييارلىق كوماندا قۇرۇلۇشىغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.ئىشنى ئەڭ تۆۋەن بىرلەشمىدىن باشلاپ سىسىتىمىلىق،تەڭ تەرەققى قىلىپ جوڭگۇ پۇتبۇل سەھنىسىدە يىلتېز تارتىش كىرەك.
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★
http://urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى:
http://urraclub.com/bbs/read.php?tid=2233