ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم ھېيىت – ئايەملەر ۋەخاتىرە كۈنلەر
( ھىجىرىيە ۋاقتى تەرتىپى بويىچە تونۇشتۇرۇلدى )
بۇ مەزمۇن شەمشىدىن ھاجى نىڭ ‹‹ مىلادىيە 1950 – يىلىدىن 2050 -يىلىغىچە ئىسلامىي ھېيىت – ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە بويىچە ۋاقىت سېلىشتۇرمىسى ›› ناملىق كىتابىدىن كۆچۈرۈلدى .( ئاللاھ كىتاب ئىگىسىدن رازى بولغاي !)
بارات كېچىسى ( شەبى بارات )
مەنبە : بىلدۈر تورى
بارات – ئەرەبچە << بەرائەت >> دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆزلىشىشى بولۇپ ، << پاك بولماق ، گۇناھسىز بولماق ، كەچۈرۈم قىلماق ، ئازاد قىلماق >> دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ .
بارات كېچىسى ھىجىرىيە تەقۋىمىدە شەئبان ( 8 – ئاي ) نىڭ 15 – كۈنى كېچىسىنى كۆرسىتىدۇ ۋە پارىسچە << شەبى بەرات >> دەپ ئاتىلىدۇ .، ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كېچىنى << شەبى بارات >> دەپ ئاتاپ كەلگەن . ئىسلام دىنىدا ، بۇ كېچە ، بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھنىڭ << كەچۈرۈم قىلىش كېچىسى >> دەپ قارىلىدۇ . شەئىبان ئېيىدا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بىر كېچە بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇرلار بۇ ئاينى << بارات ئاي >> دەپمۇ ئاتايدۇ .
رىۋايەتتە ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 60 ياشقا يېقىنلاشقان بىر يىلى ھىجىرىيە شەئىبان ( 8 – ئاي ) نىڭ 15 – كۈنى كېچىسى يالغۇز ئۆزى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى بەقى قەبرىستانىغا يەنى جەننەتۇل بەقىگە بېرىپ دۇئا تىلاۋەت قىلغان . ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ ، ساھابىلىرىغا : <<
بۇ كېچىدە ئاللاھ تائالا ئالەمگە ئەڭ يېقىن جايغا چۈشىدۇ ۋە مۇشۇ كېچىسى چىن ئىخلاس بىلەن تۆۋە قىلغانلار ، كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تىلىگەنلەر ، بەخىت – سائادەت تىلىگەنلەرنىڭ تىلەكلىرى مەقبۇل بولىدۇ >> دېگەن . يەنە بىر خىل تەبىردە شۇنداق دېيىلىدۇكى ، قۇرئان كەرىم تەلىمىگە ئاساسەن ، ھەربىر بەندىنىڭ كۈندىلىك ياخشى – يامان سۆز – ھەركەتلىرى ئىككى نەپەر پەرىشتە تەرىپىدىن ھەربىر بەندىنىڭ << كىتابى >> ( نام – ئەمەل دەپتىرى ) غا يېزىلىپ ، ئاخىرەتتە سوراق قىلىنغاندا مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشقا ئاساس قىلىنىدۇ . شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام : <<
ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بۇ خىل < دەپتىرى > ھەر يىلى بىر قېتىم ئالماشتۇرىلىدۇ . يەنى كونا دەپتەر ساقلاپ قويۇلۇپ يېڭى دەپتەرگە داۋاملىق خاتىرلىنىدۇ >> دېگەن . فىقھەشۇناسلارنىڭ قارىشىچە << شەبى بارات كېچىسى >> دەپتەر ئالماشتۇرىلىدىغان ۋە ھەركىم ئۆز گۇناھىنى كەچۈرۈشنى ئاللاھ تائالادىن تىلەيدىغان كېچە ، تەۋبە قىلىدىغان كېچە ، شۇڭا ئادەتتە بۇ كېچە << تەۋبە قىلىش كېچىسى >> ، << دەپتەر ئالماشتۇرۇش كېچىسى >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ . مۇسۇلمانلار ئۆز سەۋەنلىكلىرىنى ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن مۇشۇ كۈنى كەچتە ئىككى رەكەت نەفلە نامىزى ئوقۇيدۇ ، ئەتىسى بىر كۈن نەفلە روزا تۇتىدۇ . بۇ كېچىدە مۇسۇلمانلار مەسچىتلەردە قۇرئان تىلاۋەت ۋە تائەت – ئىبادەت قىلىدۇ .، تەۋبە ئىستىغپار ئوقۇيدۇ ، ياكى سەدىقە بېرىش قاتارلىق ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەنكى بىر يىل ئىچىدىكى ياخشىلىق – يامانلىقلىرىنى ئەسلەپ ، يېڭى دەپتەرگە تېخىمۇ كۆپىرەك ياخشىلىقلىرىنىڭ يېزىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھتىن رەھمەت ئاتا قىلىشنى ۋە كەچۈرۈم قىلىشنى تىلەيدۇ . بۇ پائالىيەتلەر بارات كېچىسى ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ .
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ بۇ كېچىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن . بۇ كېچە كەلگەندە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە مەھەللىدىكى ياشلار ،- بالىلار ياغلىق قاپاقنى بادىرنىڭ ئۇچىغا بېكىتىپ مەشئەل يېقىپ مەسچىتنىڭ ئۆگىزىسى ياكى مەھەللىدىكى ھەممە كىشى كۆرەلەيدىغان ئېگىزلىككە چىقىپ ۋە ياكى ئۆيمۇ – ئۆي ئايلىنىپ : << بارات كەلدى ، تۇيدۇڭلارمۇ ، قازانغا ياغنى قۇيدۇڭلارمۇ ؟ >> دەپ باشلىنىدىغان << بارات قوشىقى >> نى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ يەنى << ۋەششەمسى توۋلاپ >> ھەممە كىشىنى << بارات كېچىسى >> نىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار قىلاتتى ، ئۇلارغا ئۆي ئىگىلىرى بارات كېچىسىگە ئاتاپ پىشۇرۇلغان پوشكال – قۇيماقلارنى ھەدىيە قىلاتتى . شۇنداقلا ئۇلار يەنە ياغلىق قاپاق ، مەشئەللىرىنى كۆتۈرۈپ قەبرىستانلارغا بېرىپ ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا دۇئا – تىلاۋەت قىلاتتى .