|
|
|
|
ئۇرماڭ مېنى، مۇئەللىم
(بىر ئوقۇغۇچى تىلىدىن)
مەن مەلۇم بىر مۇنبەردە ئوقۇغۇچىنى ئۇرغان ئوقۇتقۇچى ھەققىدىكى بىر تېمىنى كۆرۈپ، تولىمۇ بىئارام بولدۇم-دە، قولۇمغا قەلەم ئالدىم......
ئۇرماڭ مېنى مۇئەللىم،
كەلمىدىڭ دەپ مەكتەپكە.
سىزدىن تولا تىل ئىشتىپ،
تولدى قەلبىم ھەسرەتكە.
ئۇرماڭ مېنى مۇئەللىم،
-كېچىكەمسەن كۈندە؟! دەپ.
قۇلىقىمنى سوزماڭ ھەم،
ئاڭلىمايدۇ دەپ ھېچ گەپ.
ئۇرماڭ مېنى مۇئەللىم،
بالدۇر قايتىپ كەتتىڭ دەپ.
ئۈسسۈتمەڭ ھەم دوسكىغا،
تۆۋەن نومۇر ئالدىڭ دەپ.
ئۇرماڭ مېنى مۇئەللىم،
بەرمەپسەن دەپ تاپشۇرۇق.
بىلەمسىزكىن مېنىڭدەك،
سىنىپتا ھېچ دەردمەن يوق.
ئۇرماڭ مېنى مۇئەللىم،
ياش ئاققۇزۇپ كۆزۈمدىن.
دادام مېنى ئوقۇتقان،
قورقۇپ قانۇن-تۈزۈمدىن.
ئوقۇشۇمغا شۇڭىمۇ،
دائىم قارشى تۇرىدۇ.
قوي باقمىسام سەھەر-كەچ،
نان بەرمەيدۇ، ئۇرىدۇ.
دەپتەر، قەلەم ئېلىشقا،
بەرمەيدۇ بىر تىيىنمۇ.
شۇنداق ئوقۇش ئويلىڭا،
ئوڭايمۇ يا قىيىنمۇ!؟
ئۆگەي ئانام كۆيۈمسىز
مېنى كۆرەر كۆزى يوق.
قاغار:ئۆلگىن شۇمتەك!...دەپ
تاتلىققىنە سۆزى يوق.
سىزمۇ بولسا چۈشىنىڭ،
مەن سەبىينىڭ قەلبىنى.
نەگە بارسام تىل ئاڭلاپ،
تاياق يېمەي ھەر كۈنى.
ئاتا—ئانام تايىقى،
ماڭا خېلى يېتەرلىك.
ئۇرماڭ يەنە مۇئەللىم،
ئۆتسە بىرەر سەۋەنلىك.
قويسام بىلمەي رەنجىتىپ،
ئۇرماي بېرىڭ تەربىيە.
دەرمان بولۇڭ بىرەر رەت،
مەن يېتىمنىڭ دەردىگە.
ئۇستازىم سىز – كۆيۈمچان،
تىللاپ-ئۇرسىڭىز بولماس.
ئەخلاقلىق كىشى ھەرگىز،
ئادەم تىللىماس، ئۇرماس!
ئىلمىي، سىيلىق سۆز بىلەن،
پەرۋىش قىلىڭ مۇئەللىم.
ئۆسۈپ مەنمۇ ئەدەبلىك،
قىلاي سىزگە مىڭ تازىم!
( ئەركزات نەزمىلىرى )
|
|
|
|
|
|