|
|
|
|
رومانتىك مۇھەببەت (تەرجىمە ھېكايە)
[align=justify]
ئۇ كۇنى بۇ كىچىك بازاردا بۇگۇن چۈشتە يەر تەۋرەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالدى.بۇ خەۋەرگە ھېچكىم ئىشەنمىدى،ھەم ئالاقىزادە بولۇپمۇ كەتمىدى.ئەكسىچە ئۇلار<<بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن،بىزنىڭ بۇ يەردە يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان ئەزەلدىن يەر تەۋرەپ باقمىغان>>دەپ ئويلىدى.
ئەر چۈشتىن بۇرۇن باشقىلاردىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا پەقەتلا مېيىغىدا كۈلۈپ قويۇپلا يەنە ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى.ئايال بولسا چۈشتىن بۇرۇن زاۋۇتتا ئىشلەپ،چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى.
ئۇ كۈنى چۈشتە ئەرنىڭ توساتتىنلا ئۆيگە بىر بېرىپ كەلگۇسى كەلدى.ئەگەر ئۇ چۈشتىكى بىر يېرىم سائەتلىك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،تاكسى توسۇپ ئۆيگە بارسا،گەپ يوق ئۆيدە يېرىم سائەت تۇرالايتتى.ئۇ ۋاقىتنى ھېسابلاپ كۆرۇپ،ئاخىرى ئۆيگە بېرىپ كېلىش نىيىتىگە كەلدى.تاكىسى ئۇنى يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆينىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ تاشلىدى.ئۇ ئۆيگە كىردى،لېكىن ئۆيدە ھېچقانداق شەپە ئاڭلانمىدى.ئەمما ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىشىغا بۇرنىغا تونۇش ئەتىر ھىدى ئۇرۇلدى.
ئۇ بوسۇغىدا تۇرۇپ كارۋاتتا ياتقان ئايالغا قارىدى.ئايال كارۋاتتا ياستۇقنى مەھكەم قۇچاقلىغىنىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.قارىغاندا ئايال بەكمۇ ھېرىپ كەتكەندەك قىلاتتى،دېمىسىمۇ ئۇ ھەر كۈنى سېختا تىكىدىن-تىك توپتوغرا سەككىز سائەت تۇرۇپ ئىشلەيتتى.ئەر ئايالغا توپتوغرا يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قويۇپ،مېھمانخانىغا چىقىپ كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلىدى ۋە يانچۇقىدىن بىر تال تاماكا چىقىرىپ قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن ئىككى لىۋىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇردى.ئۇ مېھمانخانىدا يېرىم سائەتكە يېقىن ئولتۇرغاندىن كېيىن،ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.ئايال يەنىلا شېرىن ئۇخلاۋاتاتتى،بەلكىم چۈش كۆرىۋاتقان بولسا كېرەك يۈزلىرىدە بىلىنەر-بىلىنمەس تەبەسسۇم ئەكىس ئىتىۋاتاتتى.ئەر شۇ تاپتا ئۆزىنى بەكمۇ بەختلىك ھېس قىلماقتا ئىدى.ئۇ ئىشىكنى ئاۋالقىدەكلا ئاستا يېپىپ قويۇپ،پۇتىنىڭ ئۈچىدا دەسسەپ مېھمانخانىغا چىقتى-دە،ئايىقىنى كىيىپ ئۆيدىن چىقتى...
كەچتە ئايال تاماق ئىتىۋېتىپ ئېرىگە سىرىتتا كىشلەرنىڭ بۇگۇن چۈشتە يەر تەۋرەيدىغانلىقى ھەققىدە مىش-مىش گەپ تارقىتىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.ئەر ئۇنىڭدىن ئۇ گەپلەرگە ئىشەنگەن-ئىشەنمىگەنلىكىنى سورىۋېدى،ئايال ئىشەنمىگەنلىكىنى،ئۆزىنىڭ كۈندۇزى بەكمۇ قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.ئەر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بەكمۇ كۈلگۇسى كەلگەن بولسىمۇ لېكىن قازاندىن چىققان بۇس ئۇنىڭ دىمىقىنى ئېچشتۇرۇپ ئۇنىڭ كۈلكىسىنى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۇپ كەتتى.
بەلكىم ئايال ئۆزى تاتلىق ئۇخلاۋاتقان چاغدا ئەرنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ،ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۇنىڭغا يېرىم سائەت ھەمرا بولغانلىقىنى مەڭگۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن.گەرچە يەر تەۋرەش ھەققىدىكى خەۋەر مىش-مىش خەۋەر بولسىمۇ ئەر ئايالىنىڭ خاتىرجەمسىزلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،ۋاقىت شۈنچە قىس بولغان شارائىتتىمۇ ئۆيگە يېنىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بولغان ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزدى.ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا بۇنداق رومانتىك مۇھەببەتنى ھەمىشە ئۈچرىتىپ تۇرغىلى بولىدۇ.بۇنداق رومانتىك مۇھەببەت كۆپ ھاللاردا ئائىلىگە خوشاللىق ۋە بەخىت ئېلىپ كېلىدۇ.
<<ئوقۇرمەنلەر>>ژورنىلى 2008-يىللىق 20-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مۇتەللىپ ياقۇپ(ئەركەم0999) تەرجىمىسى
|
|
|
|
|
|