|
|
|
|
تاھىرجان
مەن باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مىسرانىم تورىدا ئەزىز نىياز پاسىلنىڭ «ئېتىراپ قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى ئوبزور» دېگەن بىر نەرسىسىنى كۆرۈپ قالدىم. (كەچۈرۈڭلار، بىر نەرسە دېيىشتىن باشقا ئامالىم يوق، چۈنكى ئۇنى ئوبزور دېسەك ئوبزور ئىلمىگە قىلىنغان ھاقارەت بولىدۇ) ئۇنىڭغا بۇ ئادەم ئۆزىنى كۆرسىتىمەن دەپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك بىر مال ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان. دانىشمەنلەر شۇنداق تەلىم بەرگەنكى: «گەپنى دېيەلىگىدەك دەسمىسىڭ بولسا دە، بولمىسا سۈكۈتتە تۇر، شۇ چاغدىلا ئۆزۈڭنىڭ ئىززىتىڭنى ساقلىيالايسەن». قارىغاندا بۇ ئادەمدە باشقىلارغا تىل ھاقارەت قىلىش، تۆھمەت چاپلاشتىن باشقا زىغىردەك ئىلمىي قابىلىيەت يوقلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. شەيىخ سەئىدىنىڭ: « پەس ئادەملەر ھۈنەر- پەزىلەتتە باشقىلار بىلەن تەڭ كېلەلمىسە، رەزىللىكى بويىچە ئارقىدىن غاجاشقا باشلايدۇ» دېگەن سۆزى ھەقىقەت ئىكەن.
مەن يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق مۇئەللىمنىڭ ئوبزورىنىمۇ، غازى ئەھمەد ئەپەندىنىڭ ئوبزورىنىمۇ كۆرگەن. بۇ ئىككى ئاپتور ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىلمىي مۇنازىرە تونۇش مەسلىسى، ھەرگىزمۇ شۇ بىر پارچە ماقالە ئارقىلىق ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرۈش ئەمەس. چۈنكى، ھەر ئىككى ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە خاتىرە مۇنارى ئۇلارغا يېتەرلىك. مەسلە شۇ يەردىكى بۇ يەردىكى تالاش- تارتىش بۇ ئىككى ئاپتورنىڭ بىر- بىرىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك مەسلىسى ئەمەس، تارىخقا قانداق مۇئامىلە قىلىش، تارىخىي شەخىسلەرنىڭ پورتېرتىنى ياراتقاندا تارىخى نۇقتىئىنەزەر بىلەن سەنئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسلىسى.
مېنىڭ بىلىشىمچە يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق مۇئەللىم بۇ دەۋانى 1992- يىلى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئېلان قىلغان «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورتېرتى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسى بىلەن باشلىغان. 2005- يىلى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ نامىدىكى پورتېرىت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككىنچى ئوبزورنى يازدى. ئەمەلىيەتتە ئوبزوردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلار ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان ئىلمىي مەسلىھەتلەر ئىدى. ئاپتور ئوبزوردا ھەرگىزمۇ غازى ئەھمەد ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر رەسساملىقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى ئىنكار قىلمىغان، يەنە بىر تەرەپتىن، ماقالىدا رەسساملىق سەنئىتى، بوياق، ماسلىق قاتارلىق كەسپىي ماھارەت توغرىسىدىمۇ ئېغىز ئاچمىغان. پەقەت ئىككى ئالىمنىڭ پورتېرتىدا 10- 11- ئەسىردىكى خاقانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتمىگەنلىكى، مىللىي خاراكتىر يورۇتۇلمىغانلىقى، كېيىم- كېچەك تارىخى چىنلىققا ئۇيغۇن بولمىغانلىقى قاتارلىق مەسلىلەردە توختالغان. «ئېتىراپ قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى پورتېرىت» دېگەن ماقالىسىدا كەلتۈرۈلگەن تارىخى پاكىتلار ھەرگىزمۇ ئاپتورنىڭ ئويدۇرما پىكىرى بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە بايان قىلغان تارىخى ئۇچۇرلارنى ۋە دەلىللەرنى ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئىنكار قىلىشىغا ھەققى يوق. ئەپسۇسكى يۇقارقى يازمىدا يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق مۇئەللىمنىڭ ماقالىسىنى ئىنكار قىلالىغۇدەك قىلچىلىك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. بەلكى پىكىرنىڭ تىغ ئۇچىنى ئاپتورغا ھۇجۇم قىلىش، ھاقارەت قىلىش، تىللاشقا قاراتقان. قارىغاندا بۇ ئادەم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق مۇئەللىمنى قىلچىلىكمۇ چۈشەنمەيدىغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەرلىرىدىن بىر پارچىنىمۇ ئوقۇپ باقماي تۇرۇپ، سۈپەتسىزلىكتە ئەيىبلەپتۇ. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق مۇئەللىمنىڭ ھەر بىر ئەسىرى ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كەلدى. سان ۋە تارقىلىش كۆلىمى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، سۈپەتسىزلىكتە ئەيىبلەش تۆھمەتخورلۇقتىن باشقا نېمە بولماقچى!؟ تارقىلىش كۆلىمىنىڭ شۇنچە كەڭ بولغانلىقى ئۇ ئەسەرلەرنى خەلقىمىزنىڭ قانچىلىك سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە تەگكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەسمۇ؟
بۇ ئادەم يەنە يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق مۇئەللىمنى «ئۆزىدىن چوڭ ئاتا يوللۇق ئادەمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان» دەپ، پەزىلەت جەھەتتە ئەيىبلەشكە پېتىنغان، ئۆزىدە يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنى ئەيىبلىگۈدەك سالاھىيەت يوق تۇرۇپ، شۇنچە چالۋاقاشنى ئۆزى ئۈچۈن پەزىلەت دەپ بىلەمدىغاندۇ؟ قىلچە پەزىلەتتىن ئەسەرمۇ يوق تۇرۇپ، پەزىلەتتىن گەپ ئۇرۇشى تېخىمۇ پەزىلەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق مۇئەللىم 14 يىللىق ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە بولسۇن، مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەن 14 يىللىق جەمئىيەت ھاياتىدا بولسۇن، ھەرقانداق بىر ئادەم، پەزىلىتىگە داغ چۈشۈرۈشكە ئاساسى يوق. پۈتۈن جەمئىيەت بۇ مۇنەۋۋەر ئاپتورنى ۋىژدان ۋە غورۇرنىڭ ساھىبى دەپ قەدىرلەپ كەلدى. ئاپتورنىڭ كىتابلىرىدىكى خايىشچانلىق بۇ ئاپتورنىڭ دۇنيا قارىشى، مەيدانى ۋە بايرىقىنى ناھايىتى روشەن يورۇتۇپ تۇرىدىغان بىر كۆزنەك. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نامىدىكى پورتېرتىغا يازغان ماقالىسى ئۇ ئاپتورنىڭ پەزىلەتسىزلىكنى ئەمەس، پەزىلەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. ئاپتور تارىخقا، تارىخى شەخسلەرگە مەسئۇلىيەتسىز مۇئامىلە قىلىشقا، ئىككى قوشكېزەك ئالىملارنىڭ تارىخى ئوبرازىنىڭ خۇنۈكلىشىپ قېلىشىغا سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرمىغان. چۈنكى ھەقىقەت مەسلىسى سۈلھى- سالا قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئەگەر نوپۇز مەسلىسى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان بولسا ئىككى ئالىمنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئەلۋەتتەزامانىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ مەسلىدە ئىلمىي ساھەدىكى خېلى كۆپ ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ پىكىرى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق بىلەن بىردەك، بىراق ئۇلار پىكىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
يازما ئىگىسى يازمىسىدا يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئوبزورىدىكى بىرەر دەلىلنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پاكىت كۆرسەتمىگەن. بىز مەسلىلەرگە ھېسياتىمىز بىلەن ئەمەس، ئەقلىمىز ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە مەنمۇ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق مۇئەللىمنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن بۇ ئىككى پورتېرتىغا نىسبەتەن باشقىچە بىر پىكىردە بولۇپ باقماي قوبۇل قىلغان ئىدىم. ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن ئىنچىكىلەپ نەزەر سالسام، رەسىم ھەقىقەتەن ئىنتايىن ياخشى سىزىلغان ئادەم پورتېرتى. بىراق ئۇنى ئۇيغۇر تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن، مىللى ئاڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئويغانغان خاقانىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە شاھزادىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك سالاپەتنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. مەن يەنە بۇ يەردە تۇغلۇق مۇئەللىم ھېس قىلمىغان بىر غەيرىلىكنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. مەن قەدىمقى كىتابلارنىڭ مۇقاۋىلىرى تېرىدە ۋە رەخىتكە شىلىم سۈركەپ قاتۇرۇش ئارقىلىق مۇقاۋىلىغانلىقىنى كۆرگەن. ھەرگىزمۇ ھازىرقى زاماندىكىدەك قاتتىق فىليونكا قەغەز ئىشلىتىلمىگەن. چۈنكى ئۇ دەۋردە ئۇنداق قاتتىق قەغەزلەرمۇ بولمىسا كېرەك. ئەمدى سىلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان كىتابنىڭ قەغىزى ۋە مۇقاۋىسىغا بىر قارىساڭلار، خەلق نەشرىياتىدا يېقىندا نەشىر قىلىنغان قاتتىق مۇقاۋىلىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى ۋە قەغىزىدىن پەرقلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۇنداق دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەھەتتە غازى ئەھمەت ئاكىنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەكمىكىن دەيمەن.
يازما ئىگىسى خۇددى بەزى ئىنكاسچىلارغا ئوخشاشلا، غازى ئەمەت ئاكىنىڭ مەشھۇر رەسسام ئىكەنلىكىنى، ئىككى پورتېرىتنىڭ خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، بۇ ئىككى پورتېرىتقا ئىۋەن ئارتىشقا بولمايدىغانلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ۋە پاكىتى قىلىۋالغان. بۇ ھەرگىزمۇ ئىلمىي پوزىتسىيە ئەمەس. ئۆز دەۋرىدە كىشىلەر تارىخنى چۈشەنمىگەنلىكى ۋە ئىككى ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىياپىتى شۇنداق ئوخشايدۇ، دەپلا قوبۇل قىلغان. بەزىلارنىڭ كۆڭلىدە پىكىر تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويمىغان. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىگە بولغان چۈشەنچىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، خاقانىيە دەۋرىگە بولغان تونۇش ئۆسكەنسېرى، كىشىلەردە بۇ ئىككى پورتېرىتقا بولغان گۇمانى ئاشتى، بەزى پەكىتلار بايقالدى. شۇڭا تارىخى ئالاھىدىلىك بىلەن ئىككى پورتېرىت ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى خەلققە چۈشەندۈرۈش، تونۇتۇش زۆرۆرىيتى تۇغۇلدى. بۇ ئەلۋەتتە بۇ ئالىملارنىڭ پورتېرىت ھەققىدە چوڭقۇرراق ئىزدىنىشكە تۈرۈتكە بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ يامان تەرىپى يوق.
مەن يەنە يازما ئىگىسىدىن سوراپ باققىم كېلىۋاتىدۇ. سەن «دىۋان لۇغاتىن تۈرك» نى ئوقۇپ باققانمۇ؟ «قۇتادغۇبىلىك» نى ۋاراقلاپ باققانمۇ؟ تارىخ ھەققىدە قىلچىلىك ساۋادىڭ بارمۇ؟ مېنىڭچە يازما ئىگىسى بۇ ئىككى ئەسەرنى كۆرۈپ باقمىغان ۋە كۆرۈپ چۈشىنەلىگىدەك ساپا ھازىرلىمىغان. ئەگەر ئازىراق ئىلمىي ساپاسى بولغان بولسا، بۇنداق پۈچەك نەرسىنى بازارغا سېلىپ ئۆزىنى مازلاشتۇرمىغان بولاتتى. تېخى ئاددىيسى جۈملىسىنى ئوڭشاپ تۈزەلمەيدىغان، ئىملا قائىدىسىدىن خەۋىرى يوق بىرسى بۇ تېمىغا قارىتا پىكىر قىلىشقا سالاھىيتى توشمايدۇ. ئوبزور دېگەن دەلىل، پاكىت ئۈستىگە قۇرىلىدۇ، ھاياسىز ئاياللەردەك كۆزىنى يۇمىۋېلىپ باشقىلاردا يوق ئەيىبلەر بىلەن تىللىمايدۇ. بۇ يازما ئىگىسى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قويغان ئىلمىي دەلىللەرنىڭ بىرەرسىنىمۇ «خاتا» دەپ ئىنكار قىلالىغۇدەك بىرەر پاكىت كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ئۇ ئوبزورنى ئېتىراپ قىلىش، قىلماسلىققا قىلچە سالاھىيتى يوق، ھېچقانداق يەردە، بىرەر پارچە ماقالە چوڭلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان دەپ ئىنكار قىلىنمايدۇ، ئەگەر تارىخ بۇرمىلانغان بولسا، ھەقىقەتكە كۆز يۇمىۋېلىپ سەپسەتىنى بازارغا سالغان بولسا، كۆز قاراشلىرى تارىخى پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان بولسا، ئىلمىيلىكتىن چەتنەپ كەتكەن بولسا ئىنكار قىلىنىدۇ، مېنىڭ قارىشىمدا يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق مۇئەللىم ئوتتۇرىغا قويغان پولاتتەك پاكىتلار ئاغدۇرۇۋېتىلمىگىچە بۇ ئىككى ئوبزور يەنىلا قوبۇل قىلىنىدۇ.
مەن ئاخىرىدا تور باشقۇرغۇچىلاردىن شۇنى كۈتىمەنكى، تورنىڭ ئابرويىنى قوغداش، تورداشلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتتە ياخشى كەيپىيات پەيدا قىلىش ئۈچۈن توردىكى ماقالىلارنىڭ ساپاسىغا سەل قاتتىقراق تەلەپ قويۇش كېرەك. ئوتتۇرىدا توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلايمەن دەپ، ئەسكى ماقالىلىرىنى بازارغا سېلىپ، تورنى باشقىلارنى تىللىۋالىدىغان سەھنىگە ئايلاندۇرىۋېلىشىغا يول قويماسلىق لازىم. بۇ جەھەتتە تور باشقۇرغۇچىلار مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيە بىلەن كىشىلەرگە پايدىسى تېگىدىغان، ئىلمىي سەۋىيىسى بار ئەسەرلەرنى بېرىپ كىشىلەرنى يېتەكلىشى لازىم. مەن يۇقىرىقى ماقالىنى قانداق سەۋەب بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىڭلارنى چۈشەنمىدىم.
|
|
|
|
|
|