ئۇيغۇر دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا بىلەن تۇنۇشىۋېلىڭ
ئون نەچچە يىل مابەينىدە دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئالىملىرىمىز يىلدىن -يىلغا كۆپىيىپ بۈگۈنكى ۋاقىتقا كەلگەندە خېلى كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان دوكتۇرلار قۇشۇنى بارلىققا كەلدى. شۇنداقلا بۇئالىملىرىمز ئاخبارات ۋاستىللىرى ئارقىلق خەلقىمىزگە تۇنۇشتۇرلۇپ مىللىتىمىزگە ئالەمچە سۇيۇنۇش ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.جۇملىدىن مىسرانىم تورىدىمۇ خېلى كۆپ ساندىكىى دوكتۇرلىرىمز تۇنۇشتۇرۇلغان ماقالىلەر ئىلان قىلىندى.بۈگۈن تورلارنى ئارىلاۋىتپ<<ساجىيە>>تورىدىن بۇ دوكتۇرىمىزنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ دوكتۇر يىقىندا مىسرانىم مۇنبىردىكى <<دىسنى>>نامىلق تورداش يوللىغان بۇئادىرستىمۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-12859-fpage-5.shtml
تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. گەرچە بىر توردىن يەنە تورغا ئەسەر كۆچۈرۈش ياخشى ئىش بولمىسىمۇ تورداشلارنىڭ بۇئالىمىمز بىلەن تونۇشىۋېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ يەنىلا يوللاشنى لايىق تاپتىم.
------يوللىغۇچىدىن.
ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دوكتۇرنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرى ياغ بازىرىدا بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. 1976-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1985-يىلى دادىسى ھەج قىلىش ئۈچۈن دوكتۇر ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، ھەج قىلىپ قايتىشىدا ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى ئەرەب تىل تەييارلىق مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. دوكتۇر ئۇ يەردە بىر يىل ئەرەب تىلى ئۆگەنگەندىن كىيىن 1986-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1989-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى فاكولتىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1993-يىلى مەزكۇر فاكولتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1994-يىلى شۇ فاكولتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ. 1997-يىلى ماگىستىر تەييارلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ۋەتەنگە قايتىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، بىرمەزگىل ۋەتەندە تۇرۇپ قالىدۇ. 2001-يىلى شۇ چاغدىكى ماگىستىر يېتەكچىسى دوكتۇر سەئىد مۇھەممەدنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىمام قۇدۇرىنىڭ «ئەتتەجرىد» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى بابى ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھقىقات ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن ئىمام قۇدۇرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئاشۇ (ئەتتەجرىيد) ناملىق قوليازما فىقھى كىتابىنى تولۇق تەھقىقلاپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن قاھىرەدىكى "فىقھى ۋە ئىقتىسادى تەتقىقاتلار مەركىزى" تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ باشقا ئون دوكتۇر ۋە پروفېسسورلار بىلەن بىللە بىر يىل ئەتراپىدا ئىشلەپ ئاخىرى ئۇ كىتابنى 12 توم قىلىپ (ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى-ئەتتەجريد) دېگەن نام بىلەن قاھىرە دارۇسسالام نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىدۇ.
2002-يىلى 3-ئايدا دوكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۇتۇپ، ئۇقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەندە ئۇچ يىل تۇرۇپ قالغان.
بۇ جەرياندا دوكتۇرنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئاكىلىرىغا تاشلاپ قويۇپ 2005-يىلى 10-ئايدا ئەزھەردىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇچۇن مىسىرغا ئۈچىنجى قېتىم كېلىدۇ. ئۈچ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتۇر يېتەكچىسى ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەئىد ۋە ياردەمچى دوكتۇر يېتەكچىسى سابىر ئابدۇل ئەزىز ئىمرانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئىسلام قانۇنشۇناسى ئەبۇ لەيىس سەمەرقەندى ۋە ئۇنىڭ فىقھى كۆز قاراشلىرى» ناملىق دوكتۇرلۇق رىسالىسىنى يېزىپ -2008يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسلام شەرىئىتى، سېلىشتۇرما فىقھى كەسپىدە 1-دەرىجىلىك دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.
دوكتۇرنىڭ يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشقا، دوكتۇر يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ «ئسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئىرىشكەن.
ئۇ يەنە بىرقانچە دىنىي زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە "مۇختەسەرى تەفسىرى ئىبنى كەسىر" ناملىق چوڭ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىلادىيە 14-ئەسىردە دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى سەدىدۇددىن كاشغەرى [ھىجىرىيە 705-يىلى ۋاپات بولغان] نىڭ ھەنەفى فىھقى كۆز قارىشى بىلەن يېزىپ چىقىلغان«مۇنيەتۇل مۇسەللى») نامازخانلار ئارمىنى) دېگەن كىتابنى قايتا تەھقىقلەش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ تور يۈزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەھىھۇل بۇخارىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ.
دوكتۇر ھازىر پەرزەنتىلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە بىر قىسىم ئىلمى تەتقىقاتلارنى قىلىش ئۈچۈن قاھىرەدە ياشاۋاتىدۇ.
مەنبە:ساجىيە تورى.
http://sajiye.net/terjim.php