مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1209|ئىنكاس: 17

پۇل سىزنىمۇ باشقۇرامدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13884
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 02:06:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               پۇل سىزنىمۇ باشقۇرامدۇ ؟

      تېمىغا قاراپلا "بىر كىمنى ئۆزى باشقۇرماي پۇلمۇ باشقۇرامدۇ ؟" دەپ ئويلاپ غەلىتىلىك ھىس قىلىشىڭلار مۇمكىن كۆپىڭلار ، تۇرمۇش - ھايات دىگەن بەزىدە ئاشۇنداق غەلىتە نەرسە ، لىكىن بىر ئويلىسا بەكلا ئاددى نەرسە ، ئاددىلىقتا كىملا بولسۇن ئۆزىگە خاس ئارزۇ ئارمىنى بولسىلا ، شۇنىڭغا چۈشلۇق دەرمانى بولسا ئۆزى ھىس قىلغاندەك "گۈلدەك " ياشاپ كېتىۋىرىدۇ.  غەلىتە ھەم مۇرەككەپلىكىدە بولسا تۇرمۇشقا ھەرقىسما نەزەردە قارايدىغان ئادەملەرنىڭ چىرمىشىپ ياشاپ كىلىشىدىن بىز بۇيەردە دىمەكچى بولغان قارىماققا يوقتەك ، ئەمما ھەممە-ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا ھەتتا تىنىقلىرىغا سىڭىپ كەتكەن رىئاللىق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ .......
     تۇرمۇشتا ھەركىمنىڭ نىشانى بولىدۇ ، ئادەمنىڭلا ئەمەس جاندارلارنىڭمۇ نىشانى بولىدۇ ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قورساق غېمىلا ئۇلارنى ئادەملەرگە بېقىنىپ ياشايدىغان قىلىپ قويغان ، ئادەملەر قايسى زامانلاردىن باشلاپ ئوتخور جاندارلارنى قولىغا ئۆگىتىۋالدى ، قانداق ئۆگىتىۋالدى دىيىلسە ئاددى ساۋاق يەنىلا قورساق مەسىلىسى ....ئەمدى ياۋايى گۆشخور ھايۋاننىمۇ ئۆگەتكىلى بولامدۇ ؟ بولىدۇ  ، بىراق ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن يېڭى چۈشكەننىلا شۇنداق قىلغىلى بولىدۇ بولمىسا تەبىئىلىكىنى يىتىلدۈرۈپ بولغان ياۋايى ھايۋاننى قولغا ئۆگىتىمەن دىسىڭىز  بېشىڭىزغا ھېزى بولغىنىڭىز تۈزۈك ....ياۋايى ھايۋانلارنىڭمۇ تۇرمۇشىدا بۇرچى -نىشانى بولىدۇ ، قورسىقى ئاچسا ئوۋلاپ يەيدۇ ، ئەۋلات قالدۇرىدۇ ، ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن ياشاش تىرىتورىيىسىنى قوغدايدۇ ، ئۆز توپىدا ئاتامانلىق تالىشىش ئۈچۈن داۋاملىق سوقىشىپ تۇرىدۇ .ئاتامانلىق تالىشىشى يەنىلا يۇقارقى نىشانلىرىنى ئەڭ ياخشى ھالدا روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ...... ئىنسانلاردا بۇندان خۇي يوقمۇ ؟ تازا بار ، لىكىن مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھاياتلىق نىشانىمۇ ئوخشىمايدۇ ، ئىنتىلىشلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ ، لىكىن مەيلى ھايۋان بولسۇن مەيلى ئادەم بولسۇن ئادەملەر ئىچىدىكى ئالى نەسەبلىك بولسۇن ياكى تۆۋەن تەبىئەتلىكلىرى بولسۇن ھەممىسىگىلا ئورتاق بولغان بىر نەرسە- نەپىسدىن ئىبارەت .
      بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولساق  كىشىلەر توپىدا ھەرخىل نىشانلار ئۈچۈن ياشايدىغانلار تۇرمۇشىمىزنى رەڭگارەڭ قىلىپ تۇرۇپتۇ ...بەزىلەرگە پەرۋەردىگار ئىستىدات دىگەننى ئالامەت بىرىۋەتكەن ، بۇنىڭ ئارقىدا ئەلۋەتتە دۇرۇس ياشايدىغان باي ئائىلە ياكى مەرىپەتلىك ئائىلە  ، ئۇنىڭغا يانداشقان يىتەرلىك خىراجەت ، ئەتىراپلىق تەربىيىلىنىش پۇرسىتى ، ئۇنىڭغا يانداشقان ئىپىدە كەلگەن خىزمەت پۇرسىتى ..قاتارلىقلار ئارىمىزدىكى بەزىلەرنى ئالىملىق ، مۇتەخەسىسلىك دەرىجىسىگە كۆتىرىۋىتىدۇ ....بەزىلەرنىڭ" زوۋۇلىسىنى پەرۋەردىگار چوڭ ئۈزگەن " ، تۇغۇلغاندىن كىيىنلا ئېشىپ تېشىپ تۇرغان يىمەك ئىچمەك ، خەج -خىراجەت ، ئالى تەربىيىلىنىش شارائىتلىرى ، يەنە تېخى ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان ئەمەل -مەنسەپ تاجى قاتارلىقلار ....يەنە بەزىلەرنى يەتكۈچە جاپا -مۇشەقەت تۇغۇلىشىدىنلا كۈتۈپ تۇرىدۇ ، يىغىپ ئېيتقاندا ھەركىمنىڭ چىرايى ئۆزىگىلا مەنسۈپ بولغاندەك ھەر ئادەمنىڭ قىسمىتى ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولىدىكەن ، ياخشىلار بىلەن ياشىسا يامان كۈلپەتتىن بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق يىراق بولىدىكەن ، ئىچىدە تۇڭگۇز قاترايدىغانلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاپ قالسا ياخشى ئادەممۇ تۇڭگۇز پېتىقدايدىغان پاتقاقنىڭ سېسىق بۇسىدىن ئامان قالمايدىكەن ...مىنىڭ بىر ئۇستازىم بولىدىغان ،  مىنىڭ بېشىمغا نىمە كۈن كىلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغانمۇ ياكى ئۇستازلارچە دانالىقى بىلەن ئېيتتىمۇ بىلمىدىم : مەيلى قەيەردىلا يۈرمەڭ ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئۇستازلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويماڭ ياكى ئۆزىڭىزگە يېقىن بولسۇن يىراق بولسۇن ئالى مەلۇماتلىق ئادەملەر بىلەن پىكىرلىشىشنى تاشلىۋەتمەڭ -دەپ ......بۇنىڭ مەنىسىنى بارغانسىرى چۈشىنىپ يىتىۋاتىمەن . ياشاش- ياشاشنى بىلگەنلەرگە ھۇزۇر ، تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى ، ئۆمۈرنى شادىمان ئۆتكۈزۈشنى بىلمىگەنلەرگە كۈلپەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، ئۆمرىدە نىمىدىن كۆڭلى- ئادىمى تۇيغۇسى تەسكىن تاپسا شۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەن ئادەممۇ ئۆزىنى ئارمانسىز ياشىدىم دەپ قارايدۇ  ،مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاۋات شەھەرلەردە بولسۇن ياكى چەت يېزا قىشلاقلاردا بولسۇن ھەر ئادەمنىڭ دىل ئاراملىقىنى ئازادىلىكنى قوغلىشىپ ياشىمايدىغىنى يوق ، مەن ھازىرغا قەدەر بىراۋنى ئۆز  تۇرمۇشىنى پاراكەندە قىلىش ئۈچۈن ياشاۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىمىدىم ، لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى بىلىپ بىلمەي تۇرمۇش يولىغا تىكەن تېرىۋالىدۇ  ياكى نۇرغۇنلار مەخسەتلىك ھالدا باشقىلارنىڭ ماڭار يولىغا تىكەن تېرىپ قويىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ماڭغاندا پۇتىدىن چىققان قان بىلەن كۆڭلىنى شات ئېتىدۇ  ........رەزىللىك بىلەن ئاقكۈڭۈللۈكنىڭ ئارىلىقى نەپسىنىڭ چۇلۋۇرىنى قانچىلىك تارتىپ تۇرۇشتا .
     ھەر ئادەم مەلۇم چەك ئىچىدە ياشىمىسا ئۆزنىڭ ھالاك بولىدىغىنى بىلىدۇ ، دەرىجىدىن تاشقىرى چەكلىمە ئىچىدە ياشىسىمۇ يەنىلا ھالاك بۇلۇشتىن ساقلىنالانمايدۇ .....ئادەمنىڭ نەپسىمۇ مۇشۇ كاتىگۈرىيەدە كۈچىنى كۆرسىتىپ قالىدۇ ، بۈگۈنكى كۈندە باشقۇرۇش باشقۇرۇلۇشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كاتتا دۆلەت ئەرباپلىرىدىن تارتىپ باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغىچە بىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى ، پارتىيە ئىچىدە پارتىيە نىزامى ، دۆلەتتە دۆلەت قانۇنى ، ئىدارە ئورگاندا تەرتىپ -ئىنتىزام  ، يۇرت قەۋمدە ئۆرپ -ئادەت  ، ئائىلىدە قائىدە يۇسۇن ، كىشىلىك خاراكتىردە  مىجەز -خۇلققا قەدەر شەخسنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ ، بۇ چەك-چىگرالار بۇزىلىدىكەن ھەر دائىرە بويلاپ زىيان تارتقىنى تارتقان . بۈگۈنكىدەك تىچ -ئاسايىشلىق زاماندا ھەركىمنىڭ تۇرمۇش يولىدائۆزىنى ئاۋۇندۇردىغان نىشانلىرى ئوخشىمايدۇ ، لىكىن بىرلا ئوخشمايدىغان يىرى ھەممىلا ئادەم قەددىمنى تېخىمۇ كۆتۈرسەم ، تېخىمۇ ئازادەرەك ياشىسام دەيدىغان بولدى .  شۇڭا بەزىلىرى پۇلغا  بەزىلىرى ھۇقۇققا ، يەنە بەزىلىرى ئاللىقانداق ياسالمىلارغا ، يەنە بەزىلىرى ئاتا بوۋىلىرى ھەقىقەت دەپ ئاتاپ كەلگەن ، ئۆزلىرىگە خاتىرجەملىك  بېغىشلايدىغان ئۇلۇغ بىلىگلەرگە  ئەقىدە قىلىپ كەلدى .....مۇشۇنداق ئىتىقادلارنىڭ ئىچىدە ھازىرقى كۈندە كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ھۇش كاللىسىنى تارتىپ كىتىۋاتقىنى نىمە ئىكەنلىكىنى مەن دىمىسەممۇ كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ قولىنى ئالدىغا چىقىرىپ بۇ نىمە دىسە بەش دىيىشنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ، شۇنداق ، كىشىلەرنىڭ نەپسى شۇنىڭغا مۇھتاج  ، ئۇ بولمىسا يىمەك -ئىچمەك ، تۇرالغۇ ، ساقلىق ھەتتا ھاياتلىق ،  سالاھىيەت  ،كىيىنكى ئىستىقبال  ، ئىززەت-ئابروي  ، ھەتتاكى ھۇقۇق -ئىمتىياز (بۇ شۇنىڭغىمۇ قادىركى ئۇرۇن ئالمىشالايدۇ ) ، دوستانە بېرىپ كىلىش -كىشىلىك مۇناسىۋەت -قىسقىسى خاتىرجەملىك بولمايدۇ ، مانا شۇنىڭ ئۈچۈن بارچە كىشىلەر جان تىكىپ - بەزىلەر ئۇنچىۋالامۇ ئەمەس- ھەتتا ئادىمى مىھر -مۇھەببەت ، ئىنسانى قەدىر قىممەتنى قايرىپ قۇيۇپ دىگەندەك شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ، بۇيەردە شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ -دىگەن بىر سۆز بار ، "شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ " دىگەن سۆزنى قانداق چۈشىنىش مەسىلىسىدە شۇ كىشىنىڭ پەزىلىتىگە قاراشلا كۇپايە ....تۇرمۇش -تىرىكچىلىك تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش دەپلا چۈشىنىدىغان ئادەم ئۈچۈن قىممەتنىڭ بىرلىكى بولغان پۇلنى قوغلىشىپ ياشاش ھەقىقەتەن ئۇنىڭ پۇلنىڭ تىزگىنىگە ئاللىبۇرۇن چۈشۈپ بولغىنىنى بىلدۈرسە ، تۇرمۇش - بۈيۈك قىممەت يارىتىشتۇر دەپ چۈشىنىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن پۇل پەقەتلا ياشاشنىڭ قۇشۇمچە  ۋاستىسى خالاس ، بۇنداق ئادەملەر پۇلغا كۈمۈلۈپ كەتسىمۇ ئادىمى پەزىلىتىنى يوقاتمايدۇ ، ۋىژدانى ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ ......
     خوش ، پۇل ھەققىدە ئازتولا ئىجابى مەنىدە ئويلىنىش ھەركىمگە زىيانلىق ئەمەس ، پۇل دۇنياسىغا خوجىدارلىق قىلىپ كىلىۋاتقان يەھۇدىلارنىڭ پۇل ھەققىدە مۇنداق قاراشلىرى بار "پۇل مەينەت نەرسە ئەمەس ، ئىقتىدارى ۋە ۋاقتى بارلىكى ئادەم پۇلغا ئىرىشسە تالانت ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ  ، پۇل ياخشى ئادەمنىڭ قولىغا چۈشسە ياخشى ئىشلارغا خەج بۇلۇش داۋامىدا داۋاملىق كۆپىيىپ بارسا بارىدىكى ئازلاپ قالمايدۇ ، پۇل يامان ئادەمنىڭ قولىغا چۈشسسە ئۇ پۇل مەينەت نەرسىگە ئايلىنىدۇ -دە ئۆز ئىگىسىنى تۈرمىگە باشلىيالمىغان تەغدىردىمۇ دوزاخقا باشلايدۇ " . يەھۇدىلار ھەتتا پۇلنى شۇ دەرىجىدە تۇنۇيدىكى ، پۇل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسى ، "پۇلۇڭ بولسا ھاياتىڭنى ھەتتا كەلگۈسۈڭنى سېتىۋالالايسەن "......مانا شۇنداق بولغاچقا يەھۇدىلار جېنىنىڭ بارىچە پۇل تېپىشقا تىرىشىدۇ ۋە بەزىدە پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان پەيتلىرىمۇ بار ، بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك نوقتا پۇل تېپىشقا ۋاستە تاللىماسلىق يالغۇز يەھۇدىلارغا ئورتاق بولغان مىجەزلا ئەمەس ،بەلكى ھەربىرلىرىمىزمۇ بۇ "مىجەز"دىن خالى ئەمەس ......ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك  ئۇنداقتا ئويلىنىپ باقايلىچۇ ، بىزلەرنىڭ ياشاش نىشانىمىزدا پۇلدىن باشقا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغان نەرسىلەردىن قايسىلار بار ؟ ئۇلارنىڭ قىممىتى قانچىلىك ؟ ئادىمىلىك پەزىلەت قانچىلىك مۇكەممەللەشسە  قىممەتكە ئايلاندۇرالايدىغان بارلىقلىرى شۇنچە مۇكەممەللىشىدۇ  ،بەلكى ياراتقان قىممەتلىرى بىباھالىشىدۇ ، بۇيەردە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك يەنە بىر نوقتا يارىتىلغان قىممەت يالغۇز پۇل بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇ ، شۇنداق قىممەتلىك نەرسىلەر باركى ، پۇل بىلەن قىممىتىنى بىكىتىش مۇمكىن ئەمەس  ، بىرلىك ، ئىناقلىق  ، كىشلىك مىھىر مۇھەببەت  ، مەۋجۇتلۇق  ، قەۋمنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە غورۇرى قاتارلىقلارنى پۇل ھەرگىز ھەرگىز ئۆلچەپ بىرەلمەيدۇ .........................
     ئەمما تۇرمۇشىمىزدا شۇنى بىلىپ تۇرۇپ دۇرۇس ياشاۋېتىپمۇ پۇلنىڭ  بېسىم -قىسمىقىدىن قۇتۇلالماي چىشلىرىنى چىشلەپ ، پىشانىلىرىدىن بۇژۇلداپ تەر ئېقىپ مىھنەت قىلىپمۇ بىر ئۆمۈر راھەت كۆرەلمەيدىغانلار بار ، ھالال ئەجىر قىلىپ ياشىسىمۇ بولىدىغان ، قانائەت بىلەن ئۆتسىمۇ بولىدىغان يەرگە ئۆزىنىڭ ئادىمىلىكىنى پايخان قىلىپ  ، ئىنساپىنى ئولتۇرۇپ قوپقان يىرىگە تاشلاپ قۇيۇپ  ، نۇمۇسىنى بىر پۇڭغا ئالغۇسىز قىلىپ ياشايدىغانلاربار  ، ئۆزى تاغدەك پۇلغا دومىلاپ ياشىسىمۇ يەنە قانائەت قىلماي ، ئارامخۇدا ياشايدىغانلارنىڭ رىسقىغا خىلمۇ خىل توزاقلار بىلەن چاڭ سېلىپ باشقىلارنى بىر ئۆمۈر ئۇ نام -بۇنام بىلەن ئاتالغان قەرزلەرگە بۇغۇپ قۇيۇپ ئۆرە كەلتۈرمەي ياشايدىغانلار بار ، يىغىپ ئېيتقاندا پۇل بەزىدە قېرىنداشلارنى يىرتقۇچلاردەك بىر-بىرىنى بۇغىدىغان قىلىپ قۇيىدۇ ، بەزىدە قاياشلارنى ناتۇنۇشلاردەك تەتۈر قارىتىپ قۇيىدۇ  ، پۇللۇقلارنى شىردەك ھۆركىرەتسە ، پۇلسىزلارنى قان يىغلىتىپ قويىدۇ ....پۇل ئۇنى قىلدى بۇنى قىلدى دەپ كەتتۇق ،پۇلدا گۇناھ بارمۇ ؟ پۇلنى بىراۋ تارىختا سوتقا تارتىپ باقتىمۇ ؟ يوقسۇ ، گەپ ئۆزىمىزدە  ، سىز پۇللىرىڭىزنى بەزىدە بانكىدا بەزىدە بېخەتەر ئىشكاپتا بەزىدە ساندۇقتا ...سېلىپ باشقۇرىسىز ، لىكىن ئادىمى ئەقلىڭىز بىلەن  دەپ بېقىڭچۇ ، پۇل سىزنىمۇ باشقۇرامدىكەن ؟ بۇرنىڭىزدىن قانچىلىك يىتىلەپ بېقىپتۇ ؟ پۇل سىزنى ئالدىغا سېلىۋالغان چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ ؟ بولمىغان دىيەلمەيسىز ، مەنمۇ ھەم دىيەلمەيمەن ، تىرىشىڭ ، پۇلنى ئالدىڭىزغا سېلىۋېلىشقا تىرىشىڭ  ، پۇلنىلا ئەمەس ئادىمى قىممەت ، ئىنسانى ھۆرمەت  ، قېرىنداشلارچە كۈيۈم  ، باراۋەرلىك  ، قەۋمىمىز ئارىسىدىكى مىھرىبانلىق  ، ھەر جەھەتتىن تەڭ قۇدرەت تېپىش  ، ئاداققى مەۋجۇتلۇق قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىباھا قىممەتلەرنى ئالدىڭىزدىن ئارقىڭىزدىن سىزنى ئوراپ تۇرىدىغان قىلىشقا تىرىشىڭ  ، شۇنداق قىلالىسىڭىزلا ئاشۇ كىچىككىنە پۇل -سۇغا سالسائېرىپ ئېقىپ كىتىدىغان ، ئوتقا سالسا كۈيۈپ كىتىدىغان پۇل سىزنى ئالدىغا سېلىۋالالمايدۇ باشقۇرالمايدۇ ، ئۇنىڭ تىزگىنى سىزدە بولىدۇ ، سىزمۇ پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالمايسىز ................................



مەنبە : گۈلجاھان قەلىمى
2011- يىل 4-ئاينىڭ23-كۈنى 

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
moghal + 200 ئەھمىيەتلىك ھەم ئىجادى تېما يوللاپسىز.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 05:25:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنى باشقۇرىمەن دەپ تۇرىۋالسىلا خەجلىۋېتىپ ئەدىبىنى بېرىمەن~~ [s:138]

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36980
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4639
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 07:58:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مول مەزمۇنلۇق تەپەككۇر -تەربىيەتلىرىڭىزگە تەشەككۈر بولسۇن [s:166]

قەلىب قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:04:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ ، ئادەمنى ئوۇغا سالغىدەك. ھەر بىر ۋىجدان ئىگسى ئويلانغىدەك.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:12:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى ئىنكاسقا ھەجەپ كۇلدۇم .  [s:159]
مەنمۇ شۇنداق قىلسام بولغۇدەك .  ئۆزى ياسىغان كەشپىياتنىڭ قولىدا ئۆزى قورچاقتەك ئوينايدۇ . پۇلغا ئوخشاش ئۇسسۇلغا سالىدىغان كەشپىياتلارمۇ يانا ياسىلىۋاتىدۇ ...

ozung  bilgan  yolni atang

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19333
يازما سانى: 1235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:36:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە شەرمەندىلىك ، ئەخلاقسىزلىق پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشتىن كەپ چىقىدۇ، پۇل ياشاشنىڭ ۋاستىسى بولۇشى، ياشاشنىڭ مەقسىدى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

http://www.dolanlik.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11506 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:36:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق، بەزىلەر پۇلنى باشقۇرسا  يەنە بەزىلەرنى پۇل باشۇرۇدۇ،بۇ خۇددى بەزىلەر ياشاش ئۈچۈن غىزالانسا يەنە بەزىلەر غىزالىنىش ئۈچۈن ياشاۋاتاندەك.

كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:40:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل ئاجايىپ نەرسە... بەزىدە ھاياتلىقنى قۇتقۇزىدۇ، بەزىدە ھاياتلىقنى نابۇت قىلىدۇ... پۇلنىڭ يەنە سىھرى كۇچىمۇ بار. ئادەمنى ھەر كويلارغا سالىدۇ. ئادەم تولىمۇ پۇلنىڭ كەينىگە كىرمەسلىك كىرەك. بولمىسا، ھەر ئىشلارنىڭ ...

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10112
تۆھپە نۇمۇرى: 558
توردا: 1603 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 11:09:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى  بار تىما يوللاپسىز ؟

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 3518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 11:33:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش