مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 264|ئىنكاس: 2

چىڭگىلەك(نەسىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆزۈڭنىڭ مەۋجۇت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14590
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5226
تۆھپە نۇمۇرى: 286
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2011-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 06:54:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلاركۈندۈزى بولسىمۇ،يامان ئىشلىرىنى قىلىۋەردى.ھەتتا بەزىلىرى كۈننى قارغىدى.بۇئەھۋالدىن خەۋەرتاپقان كۈننىڭ غەزەپتىن چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.شۇزامان ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.بوران كۈننىڭ غەزىپىنى پەسلىتىش ئۈچۈن شۇنداق قاتتىق چىقتىكى،كۈچى يەتكەنلىكى نەرسىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەتتى.بوران بۇلۇتلارغىمۇ رەھىم قىلماي،ئۇرۇپ-سوقۇپ بىريەرگە يىغدى.ئاسمانمۇ قاراپ تۇرمىدى،ئاۋازىنى قاتتىق چىقىرىپ،غەزەپ ئوتلىرىنى چاچتى.بۇمۇھىتتىن قورقۇپ كەتكەن بۇلۇتلاركۆزياشلىرىنى مارجاندەك تۆكۈشتى.بۇلۇتلارنىڭ كۆزياشلىرى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەر ھالەتكە كىلىپ قالغان زىمىننىڭ تەشنالىقىنى قاندۇردى.زىمىنغا جان كىرىپ ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى.
زىمىن قوينىدىكى جانلىقلارنى ئويغاتتى.زىمىن ئۆزىدىكى ئوزۇقلۇق ھەم مىھىرىنى جانلىقلارغا بەردى.زىمىننىڭ مىھنەتسىز بېقىشىدىن قۇۋۋەت تاپقان يەرئاستى جانلىقلىرى بىر-بىرلەپ سىرىتقا چىقتى.ئۇرۇقلار بىخ چىقاردى.ئۆسۈملۈكلەريىشېل رەڭلىك تون كىيىشكە جابدۇندى.
كەڭرى كەتكەن بۇغداي ئېتىزىدىكى مايسىلارنىڭ ئارسىدىكى بوش يەرگە بىرتال بىخ باش كۆتۈرۈپ چىقتى.بىخ تولىمۇ ئاجىز ئىدى.بىخ زىمىننىڭ بېقىشى،قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى،بۇغداي مايسىنىڭ يادىمى بىلەن ئاستا-ئاستا چوڭ بولدى.بىخ چوڭ بولغىچە قاتتىق يامغۇر،شىددەتلىك بوران،كۈچلۈك كۈن نۇرىنىڭ سىنىقىغا ئۇچرىدى.بىخ بۇ سىناقلاردىن بۇغداي مايسىنىڭ ياردىمىدە جاپا تارتماي،ساق-سالامەت ئۆتىۋالدى.
بىخ ئەمدى بوي تارتىپ چوڭ بولۇشقا باشلىدى.ئۇ چوڭ بولغانسىرى بىلىنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى بىلدى.بۇغداي ئۇنىڭ ھالىنى ئۇقۇپ ياردەم قولىنى سوزدى.ئۇ بۇغداينىڭ قولىنى مەھكەم تۇتتى.ئۇ ئۆستى.ئۆسۈش ئۈچۈن بۇغداينى بۇغداينى ئويلاپمۇ قويمىدى.ئۇ بۇغداينى شۇنداق چىڭ چىرمىدىكى ،بۇغداي ئاغرىققا چىدىماي،ھەريانغا تولغىنىپ ئاھ ئۇرۇپ كەتتى.
ئۇ بۇغداينىڭ ھال-زارىغا قۇلاق سېلىپمۇ قويمىدى.ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ،مۇشەققەتلىك شارائىتلارغا چىداپ بۇغدايغا يامىشىپ يۇقىرىغا ئۆستى.ئۇنىڭ گۈللىرىمۇ ئېچىلدى.بىراق ئۇيەنىلا قانائەتلەنمىدى.ئۇيەنىلا يۇقىرىغا ئىنتىلدى.ئەپسۇس بېشى يەرگە ساڭگىلىدى.بۇ ھالدىن ئۇ بۇغدايغا قارىدى.بۇغداي قېرىپ،چىرايى ئالتۇندەك سارغىيىپ ئۆلەر ھالەتكە كىلىپ قالغانىدى.بۇ ئەھۋالدىن ئۇ ئېچىنىپمۇ كەتمىدى.
مانا بۇ ئۆسۈملۈك چىڭگىلەك ئىدى.ئۇ ئۆزمەنپەئەتى ئۈچۈن بۇغداينىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلدى.
دىھقان ئاتا بۇغداينىڭ رەڭگىنى كۆرۈپ،خۇشال ھالدا ئايسىمان ئورغىقى بىلەن بۇغداينى ئوردى.ئەڭ ئېچىنىشلىق يىرى بۇغداي بىلەن تەڭ،ئەمدى ھايات گۈللىرى ئېچىلغان بىچارە چىڭگىلەكنىمۇ ئورىۋەتتى.

مەنبە:قەلىمىم

                                

  (مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)

ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلاي دىسەڭ ساۋاب-ئىبادەت،خەيىر-ئىھسان ، ئاتا-ئاناڭنى،ياراتقان ئاللانى رازى قىلغىن!

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6554
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 08:12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ... مۇكاپاتقا ئىرىشىپ كلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ...

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 09:04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپات سىزنىڭ بولسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش