ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 39قەۋەت aypatam كە 2011-04-21 11:22 PMئەۋەتىلدى :
ئەگەر يۇقىردا دىگەنلىرىڭىز راست بولسا سىزگە ھېسداشلىق قىلىمەن .
ئۆز ۋاقتىدا يولدىشىڭىز بەلكىم << كەپتىرىڭ بولاي جېنىم ، قۇرغۇيۇڭ
بولاي جېنىم >> دەپ قوغلاپ ئالغان بولغىيتى ھەقىچان؟ بۇ ئەرلەر شۇنداق
زادى ....كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ . ئاۋۇ ئىشتىن سىرت ئاچقان كىيىم -كىچەك
دۇكىنىڭىزنى ، كاۋاپخانىڭىزنى دەرھال تاقاڭ!!! نىمە جاپا سىزگە؟ ئەر دىگەنگىچۇ ئايالى ۋە بالىسنى بېقىش مەجبۇرىيەت!!!! شۇڭا سىز بۇ جاپادىن
.......
ۋاي ئەقىللىق ئايپاتەم، ۋاي كۆيۈمچان ئايپاتەم، ۋاي....... قولىڭىز گۈل، گەپلىرىڭىز ناۋاتتىن تاتلىق ئىكەنغۇ سىزنىڭ؟!! توۋا!!!!!!!! ۋاي. خوتۇن بۇلا، سىزدەك بۇلا مانا .........
بۇ گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق بۇ توردىشىمىزغا يارىدەم قىلغىنىڭىزمۇ بۇ ؟ ھىسداشلىق قىلغىنىڭىزمۇ بۇ؟ ....
قاراڭ قېرىندىشىم! سىز خەلق ساقچىسىنى، خەلق ساقچىسىنىڭ خىزمىتىنى قانچىلىك چۈشۈنىسىز؟ سىزچە ئۇلاردا سىز ھەم سىزگە ئوخشاش نۇرمال ئادەملەردە بولۇشقا تىگىشلىك ھىسىيات، مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، خۇشاللىنىش..... تەك مەنىۋى ئارمانلار يوقمىدۇ؟ ئۇلارمۇ خوتۇن باللىرى بىلەن بىرگە ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشنى، تېلىۋۇزۇر كۆرۇشنى، سىرىتلارنى ئايلىنىپ سەيلى- ساياھەت قىلىشنى خالىمامدىغاندۇ؟
ئەلۋەتتە خالايدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ئىنسان، ئۇلاردىمۇ گۆشتىن پۇتۇلگەن بىر پارچە يۈرەك بار. ئۇلار دەل شۇ يۈرۈگىدە يالقۇنجاۋاتقان ئوتلۇق ئارزۇ ئارمانلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە سىز ھەم بىزلەرنىڭ ئامانلىقىمىز، خاتىرجەملىكىمىز ئۈچۈن كىچىنى كىچە دىمەي، كۈندۈزنى كۈندۈز دىمەي جاپالىق ئىشلەيدۇ.
ھەتتا بەزى شارائىتلاردا جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن ۋەزىپىگە ئاتلانغان ۋاختىدا ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ ئۆزلىرىگە تونۇش بولغان ئەشۇ دەرىزىلەرگە بويۇنداپ قارايدۇ، شۇ دەرىزىلەردىن ئۆزىگە تونۇش بولغان سىمالارنى ئىزلەيدۇ، لېكىن كۆرەلمەيدۇ ھەم كىرەلمەيدۇ.... ئۆيى بىلەن خىزمەت ئورنىنىڭ ئارلىقى مەيلى قانچىلىق يېقىن بولسۇن خىزمەت ۋەزىپىسى سەۋەپلىك ئۆز ئۆيىدە، خوتۇن باللىرىنىڭ ھىدىنى بۇراپ ياتالمايدۇ......
ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتلاردىكى ھىسياتىنى سىز چۈشۈنەمسىز؟ .................
ئۇلارنىڭ قۇپال، قاتتىق قول بولۇپ قېلىشلىرىنىڭمۇ مەلۇم سەۋەبى بار. ئۇلارنىڭ كۈندە ئۇچرىشىدىغان ئادەملىرى، ئوغرى، قىمارۋاز، چىكەرمەن، بۇلاڭچى، باسقۇنچى، ھەتتا تىرۇرچى قاتىللارمۇ بار. مۇشۇنداق مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ئۇلار بارلىغىنى شۇنداقلارنى تۇتۇش، ئۆزگەرتىش، يۇقۇتۇش بەدىلىگە بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ تىنىچ ئامانلىقى ئۇچۇنلا ئاتىۋەتكەن. ساقچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتى بولغاچقا ئەشۇ كاۋاپخانا، ئەشۇ دۇكان سارايلار تىنىچ، دەخلىسىز مۇھىتتا ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
<<بىر ھارغانغا گەپ قىلما، بىر ئاچقانغا>> دىگەن گەپ بار. بۇ تىمىنى يوللىغان تورداش، يولدىشى شۇنداق ھېرىپ ئىچىپ كەلگەندە كاۋاپخانىدا پۇل تېپىش بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، ئۇنۇڭغا ئاۋال بىر پىيالە چاي ئارقىدىن ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن ئىسسىققىنە بىر چىنە سۇيقاش (ياكى يولدىشى ياقتۇردىغان بىر ۋاق تاماق) بىرىپ ئۇنۇڭ ھاردۇقىنى چىقارغان بولسا، شۇ <<قۇپال>> ئەرنىڭ يۈرۈكى ئەشۇ ھارارەتتىن ئىللىپ <<يۇمشاق>>لىشىپ كەتكەن بولاتتى.
بىرەر شەيئىگە باھا بەرمەكچى بولىدىكەنمىز، ئىشنىڭ سەلبى تەرىپىنىلا ئەمەس ئىجابى تەرىپىنىمۇ ئويلىشىمىز كىرەك. بەزى ھاللاردا سىزگە سەلبى تۇيۇلغان تەرەپلەر ئىجابى رول ئويناۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن....
___ <<تويدىن بۇرۇن باغرىم، جىگىرىم..... سەن ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلاي.... دەۋاتقان ئادەم ئەمدى مەن بىلەن كارى بولمىدى .....>> دىگەندەك ۋايساشلارنى قىلىۋاتقان ئەشۇ خانىم ئەمەلىيەتتە ئەشۇ خەلق ساقچىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن، جەمئىيەتنىڭ كىچىككىنە بىر ھۇجەيرىسى بولغان شۇ ئائىلە ئۈچۈن بارلىغىنى قۇربان قىلىۋاتقانلىغىنى كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ كۆرمەيۋاتقانلاردۇر....
قىسقىسى ياخشى ئايال مەيلى يولدىشى قانداقلا بولمىسۇن يولدىشىنىڭ غەيۋىتىنى قەتئى قىلمايدۇ. ئايال بولغۇچى ئۆز ئېرى توغرىسىدىكى شۇ غەيۋەتنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ئىكەن بۇنى ئاڭلىغان باشقىلار قانداقمۇ سىغدۇرالىسۇن؟ بىلىنىپلا قالسا ئاقىۋەت ياخشى بولارمۇ؟ چۈنكى <<ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن>>
گەپلىرىم ئېغىر كەتكەن يىرى بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر !