قىسمەت كوچىسى
بۈگۈن مەكتەپ ئىچى شاۋقۇن-سۈرەنگە تولغان ئىدى،دەرسكە ماڭغان قىز-ئوغۇللار ئەتراپتىكى سۈرەنچىلەر قوشۇنىغا ئاجايىپ ھەۋەس بىلەن قارىشىپ-قارىشىپ ماڭاتتى،گويا ئۇلار ۋاقتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەر.سۈرەنچىلەر بولسا ھەرقىسما قىلىقلارنى چىقىرىشىپ سۈرەتلەرگە چۈشۈپ خۇشھاللىقىنى نامايەندە قىلىۋاتاتتى.ئەنە لى شۇ گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا "پۈتكۈل زېمىن مېنىڭ" دېگەندەك سۇنايلىنىپ يېتىۋاپتۇ، ۋاڭ ياۋ بىر تەرەپتىن كۈلگىنىچە ئۇنى رەسىمگە تارتىۋىتىپتۇ.ئاۋۇ يەردە بىر توپ ئوقۇغۇچىلار قوللىرىدىكى دەستە-دەستە گۈللىرىنى 4يىل جاپا تارتقان سىنىپ مەسئۇلىغا سۇنغىنىچە يۈرەك سۆزلىرىنى سۆزلىمەكتە ۋە بىر تەرەپتىن بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى سىنغا ئالماقتا.توغرا تاپتىڭىز،بۈگۈن مەكتەپ پۈتتۈرۈش كۈنى، بايىلا بۇ ئوقۇغۇچىلار قوللىرىغا 4يىل ئوقۇغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولغان دېپلوملىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە،مەكتەپتىكى كۈنلىرىگە ھەقىقىي خاتىمە بەردى.ۋوي،گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ باش پېرسوناژىمىز مېھرىگۈلنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتۇق،ئەجىبا ئۇ دېپلومسىز قالغانمىدۇ؟ياق ئۇنداق ئەمەس،ئۇ دېپلومىنى ئالغان شۇ مىنۇتتا ئۇچقاندەك ياتاققا كىرىپ،كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇشقا باشلىغان،چۈنكى ئۇ ئەتىلا بۇ شەھەردىن،ئىلگىرى ئۆزى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغان،پاكىز،تىنچ ۋە خاتىرجەم بۇ ماكاندىن ئۆز يۇرتىغا قاراپ ماڭىدۇ. مېھرىگۈل ئانا يۇرتىنى،ئاتا-ئانىسىنى،قېرىندىشىنى ۋە سۆيۈملۈك يىگىتى ئەرشىدىننى شۇنچىلىك سېغىنغانىدىكى،ئەگەر قانىتى بولسىدى ھازىرلا ھېچنىمىگە قارىماي ئۇچۇپ كەتكەن بولاتتى.ئۇچالمىسىمۇ ئامال بار بالدۇرراق مېڭىشنى قەيت قىلغان مېھرىگۈل بىر كۈنمۇ ئارتۇق تۇرۇشقا چىدىمىغان.
ئالدىراش نەرسە كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرىۋاتقان قىز تۇيۇقسىز كەلگەن تېلىفوننىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتى،ئەمما مەخسۇس تەڭشەپ قويغان تېلفون مۇزىكىسىدىن تېلفون بەرگۈچىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ،ئۆز-ئۆزىگە تاتلىققىنە بىر كۈلۈپ قويدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.ھەجەپ ئەمدى تېلفون قىلدىڭىزغۇ؟
-شۇ سىزنى يىغىن زالىدا بولسا ئاۋارە قىلىپ قويماي دېگەنتىم، قانداق ئىشلار تۈگىدىمۇ؟ مەكتەپ ھاياتىڭىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى دەيلى؟
ئەرشىدىننىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز سۆزى ئېغىزدىن چىقىشى بىلەن تەڭ مېھرىگۈلنىڭ بۇرۇنلىرى ئېچىشىپ،كۆزلىرىگە غىللىدە ياش كېلىپ ئۈلگۈردى.ئۇ ئەتتىگەندىن بېرى ئالدىراشچىلىقىدا ئويلىمىغانلىرىنى ئەمدىلىكتە بىر يولى كىنو لېنتىسىدەك تېز-تېز كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزدى.مېھرىگۈلنىڭ ناماز ۋاقتى بولغاندا لى شۇنىڭ ئۇنىڭغا جاينامازنى سېلىپ بەردىم دەپ دۈم سېلىپ قويۇشلىرى،ناماز ئوقۇۋاتقان مېھرىگۈلنى يېقىن كېلىپ تۈرتۈپ "يوپكا كىيمەپسەنغۇ بۈگۈن"دەپ پىچىرلاپ نامازدىن ئاللا توۋا توۋلىتىۋىتىشلىرى،كېچىدە ئۇخلىيالمىسا بىر-بىرىگە ئۆتمۈشلىرىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلىشىپ تەڭ يىغلىشىپ كېتىشلىرى... ...
-ۋوي،بارمۇ يا؟
-ھە مەن بار.-دېدى مېھرىگۈل ئەسلىمىلەر قوينىدىن ئۆزىنى تەستە تارتىپ چىقىپ.
-ھەجەپ جىمىپ كەتتىڭىزا؟ مەكتەپ ھاياتىڭىز دېسەم باشقا بىرەر ئىشلار خىيالىڭىزغا كېچىپ قالمىغاندۇ؟
-ۋاي توۋا دەڭە،ئەرشىدىن.مېنى بىر چۈشەنمىسىڭىزكەن كاشكى.پەقەت ياتاقدىشىمنى ئويلاپ قالدىم،بۇلار بىلەن يەنە قاچانلاردا كۆرۈشەلەرمەن؟گەرچە خەنزۇ بولسىمۇ بۇ 2يىل بەك ياخشى ئۆتكەنىدۇق.
-ئىنشائاللاھ،يەنە بىر كۈنلەردە ئاللاھ پۇرسەت بەرسە كۆرۈشىسىز.پۇرسەت بەرمىسە شۇ بولدى قىلىدىغان گەپ.
-ھىم، ئىنشائاللاھ،ئاللاھ پۇرسەت بەرگەي.تاماق يېدىڭىزمۇ؟
-ھەئە بايام يېگەنتىم، سىزچۇ؟ يەپ بولغانسىز؟
-ھى ھى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بايا سىزدىن سورىغاچ ئېسىمگە كەلدى شۇ.
-ھازىر چىقسىڭىز مەكتەپ ئاشخانىسىمۇ ئېتىلىپ بولغاندۇ؟قانداق قىلىسىز ئەمدى؟زادى مۇشۇ تاماق مەسىلىسىگە پەقەت كۆنەلمىدىڭىز جۇما سىز مېھرىگۈل.
-قاقشىماڭچۇ بولدى،ھېلىغىچە قاراپ باقىمەن.تاماق يېمىگەن بىرەرسى بولسا مەكتەپ ئالدىدىكى تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسىغا چىقىپ يەپلا كىرسەم بولىدۇ، بولمىسا مېۋە-چېۋىلىرىم بار،شۇنى يېسەممۇ بولىدۇ.
-ھە بوپتۇ،بولسا باشقىلارغا ساقلىماي،بالدۇرراق چىقالىسىڭىز ئۆزىڭىز چىقىپ يەپ كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئەسىر نامىزى بولۇپ قالدى،مەن ئوقۇۋالاي.
-بولىدۇ،ئاللاھقا ئامانەت.
-ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
تېلىفوننى قويىۋەتكەن مېھرىگۈل باشتا ئۈمچىيىپ،ئاندىن بىراقلا ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ قىيالمىغانلىقىنى ئەمدىلىكتە ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ يېتىۋاتاتتى،باياتتىن قىزلار بىلەن بىللە چىقىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋالمىغانلىقىنى ئويلاپ ئەپسۇسلاندى.بىر ئىت-مۈشۈك باققان ئادەممۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئايرىلالماس بولۇپ قالىدۇ،بۇلار ئادەمغۇ ئاخىر!؟{خەير،"تارقىمايدىغان سورۇن،يىغىلمايدىغان داستىخان يوق"دەپتىكەن،ھايات بولسام بىر پۇرسەتلەردە يەنە ئۇچرىشىپ قالارمەن.}دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن مېھرىگۈل پەسكويغا چۈشۈپ،ناماز شامغا تەييارلىق قىلدى.
ئەمدى گەپنى ئەرشىدىنگە قويۇپ بېرەيلى:ئاق مەسچىتتە نامىزىنى جامائەت بىلەن بىللە تۈگەتكەن ئەرشىدىننىڭ چېھرىدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خۇشھاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.ئەلۋەتتە،ئۇ خۇشھال بولماي كىم خۇشھال بولسۇن دەيسىز؟چۈنكى زارىقىپ كۈتكەن،كېچە-كېچىلەپ مۇبارەك ئاللاھتىن تىلىگەن،چۈشلىرىدە كۆرۈپ كۈلۈپ ئويغۇنىشىغا سەۋەپ بولغان كۈنلەر ئۇنىڭغا قۇچاق ئېچىپ كەلمەكتە.ئەتىلا ئۇ مېھرىگۈلنى كۆرىدۇ،يەنە شۇنداق ئاز كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىكاھى بولىدۇ،بىراق... ...ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئەرشىدىننىڭ شوخشۇپ تۇرغان پىكىر خىيالى بىردىنلا قاينىغان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپلا كەتتى.مېھرىگۈلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەرشىدىننىڭ يۇرتى ۋە خىزمەت ئىشىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئىشىغا قوشۇلالمايدىغانلىقىنى بىر يىل بۇرۇنلا ناھايىتى ئېنىق ئەسكەرتكەنىدى.ئەمما بۇ جاھىل قىز ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تونۇشقان بۇ يىگىتنى قولدىن چىقىرىپ قويغۇسى كەلمىدى،چۈنكى مېھرىگۈل بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىدىيە،كۆز قاراشلىرى تولىمۇ زىت ئىدى.نۇرمەت ئاكا قىزىنىڭ ئۆز يېرىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ "تۆمۈر تاۋىقى"دىن ئاش يەيدىغان مۇقىم خىزمەتچىدىن بىرىگە ياتلىق بولىشىنى،قىزىنىڭمۇ ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى ئىشچى بولۇپ جاھاننىڭ لەززىتىنى كۆرۈپ، باشقىلاردىن قالماي ياشىشىنى ئۈمۈت قىلاتتى.ئەمما قىز بۇنىڭغا زىنھار يېقىن كەلمەيتتى،ئۇ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلارنىڭ چىقىش يولى دەپ بىلەتتى،ئۇنداقلارنى ئايدىن-ئايغا مۇقىم مائاشقا قاراپ جان باقىدىغان، بىكار قالغىنىدا بىھۇدە ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان "رېستۇران"چىلار خالاس دەپ بىلەتتى.شۇڭا مېھرىگۈل ئىگىلىك تىكلەش روھىغا باي،قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن ئەرشىدىننىڭ ئۆزى ئىزدىگەن ھەقىقىي غورۇرلۇق،ۋىجدانلىق ۋە ئىمانلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلدى،ئۆز ھاياتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرسا قىلچىمۇ خاتا كەتمەيدىغانلىقىنى،ئۆمۈر بويى ئۇنىڭ ۋاپادار ئايالى بولۇپ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ،ھەقىقىي ئىسلام ئاياللىرىدەك ياشاشنى ھۆكۈمەت ئىشچىسى بولۇشتىن ئەۋزەل بىلدى.شۇڭلاشقا تېگى خوتەنلىك بولغان بۇ ئىككى جاھىل ياشلار ئۆز مۇراد مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن بىر يىل جەريانىدا يوشۇرۇنچە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى.مانا ئەمدىلىكتە غۇلاچ تۈگەپ غېرىچ قالغاندا،غەم قايتىدىن ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەكتە.ئەرشىدىن شۇ خىياللار بىلەن شىركىتىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى،ئەسلىدە بۈگۈننى بالدۇرراق تۈگىتىپ ئەتىگە يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى دۆۋىلىۋالغان ئەرشىدىننىڭ كاللىسىغا ھېچبىر ئىش چۈشمىدى.نەچچە سائەتنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزىۋەتتى،زورلاپقىنە مەھسۇلاتلارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىنى ئوقۇپ چىقتى، بىر رەت،ئىككى رەت ئەمما ئۇنىڭغا بۇ نەرسىلەر خۇددى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەردەك تولىمۇ ناتونۇش تۇيۇلىۋاتاتتى، قانچە ئوقۇغانسېرى شۇنچە چۈشىنەلمىدى.كۆز ئالدىدىكى خەتلەر ئۇنىڭغا گوياكى {سەۋزىدىن خەۋەر يوق،گۈرۈچكە دەم يېدۈردۈڭلىمۇ؟}دەپ يېزىلغاندەك كۆرۈندى.ھازىرقىدەك شارائىتتا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل تىنىچقىنە ئارام ئېلىۋىلىش،ھىم،باش پېرسوناژىمىز كۆڭلىمىزدىكىنى بىلىپ قالدىمۇ قانداق ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ،شىركەتتىن چىقىپ ئۆيىنى نىشانلاپ مېڭىپ كەتتى.ئوغلىنىڭ سۇلغۇن ھالىنى كۆرگەن دىلناز ئاپا ئۆڭ-سۆلى يوق ھالدا بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن تەسلىكتە ئېغىز ئېچىپ سورىدى:
-بالام،ئىشلىرىڭ جايىدىدۇ؟شىركەتتىن چاتاق چىقمىغاندۇ ھە؟
-ياق ئاپا،خۇداغا شۈكرى.ھەرھالدا ئىشلار يولىدا مېڭىۋاتىدۇ.
-ئۇنداقتا چىرايىڭ باشقىچىلىغۇ بالام؟نېمە ئىش بولدى زادى؟
-ھېچ ئىش بولمىدى.
-مەندىن بىر نەرسىنى يوشۇرۋاتقىنىڭ ئېنىق،بەلكىم مېھرىگۈل قىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ،ئەگەر دېگۈڭ كەلمىسە مەيلى بالام،كۆڭلۈڭ تېچلانغاندا دەپ بېرەرسەن.
-شۇ ئاپا،مېھرىگۈل كەلسە توينى بالدۇرراق قىلىۋەتسەك دەپ ئويلىغانتىم،ئەمما ئۇنىڭ دادىسى بىر يىل بۇرۇنلا بىزگە قوشۇلمىغان،ئەمدى يەنە قوشۇلماي تۇرۇۋالامدۇ ياكى قانداق بولىدۇ بىلەلمەي تولا ئويلاپ بېشىم ئاغرىپ كەتتى.
-ۋاي بالام،قىز ئەقىللىق،-دېدى دىلناز ئاپا ئوغلىنىڭ بېشىنى مېھرى بىلەن سىلىغىنىچە-مۇشۇ كەمگىچە مۇناسىۋىتىڭلارنى ساقلاپ كېلەلىگەن قىز ئەمدىلىكتە شۇ ئىشلارغا ئەقىل چىقىرالماسما؟سەن ئارتۇقچە ئويلىما ئوغلۇم،توي شۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى،ئۇنىڭ ئۈچۈن مېھرىگۈلمۇ چوقۇم قاتتىق ئويلىنىدۇ.ئەمما ساڭا نەسىھىتىم،ئەگەر ئاللاھ تىلىكىڭگە يەتكۈزۈپ قالسا،شۇنداق تەستە ئېرىشكەن كۈنۈڭلاردا ئۇنى قەدىرلەپ،ئەزىزلەپ خوتۇن قىلىشىڭنى تىلەيمەن بالام،ئۇنىڭغا ئازار بەرمىگىن.
-بىلىمەن ئاپا،چوقۇم دېگىنىڭدەك قىلىمەن.بولغۇسى قېيىنئاتام-قېيىنئاناملار چوقۇم بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن رازى بولىدۇ،ئىنشائاللاھ.
ئانا-بالا مۇشۇلارنى دېيىشىپ ئولتۇرۇشقانلىرىدا مېھرىگۈل ئەڭ ئاخىرقى سومكىسىنى رەتلەپ بولۇپ يېتىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتاتتى،ئادەتتە ئەرشىدىن بىلەن چ چ نىڭ ئاۋازلىق ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويۇپ،قۇرئان ئوقۇپ بېرىشكە ئادەتلىنىپ قالغان قىز،ئۇيقۇسى كەلمىسىمۇ ئەتىكى سەپىرى ئۈچۈن بالدۇرلا يېتىشنى ئويلاشقانىدى،ھەرقانچە ئايروپىلان بولسىمۇ،يول ئازابى گۆر ئازابى دېگەن گەپ بار،ئارام ئالمىسا ھارىدىغان گەپتە.
نۇرمەت دادا ھە دەپ قىزىغا سۆزلەۋاتاتتى.
-قىزىم ئۆمۈرلۈك بەختىڭنى ئۆزۈڭ تاللىدىڭ،بوپتۇ،ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىزمۇ ئۆزلىرىمىز تونۇشۇپ توي قىلغان،مانا بىر ئوبدان ئۆتىۋاتىمىز، ئاللاھ خالىسا سەن بىزدىنمۇ بەخىتلىك ياشارسەن.
شۇ گەپلەر قىلىنىۋاتقاندا قەيەردىندۇر ئوغۇل-قىزلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ئاڭلاندى،قىزنى كۆچۈرگىلى كەلگەنلەر قىزنىڭ ھەيرانلىقتا يوغان ئېچىلغان كۆزلىرىگە قارىماستىن،مېھرىگۈلنى ئەرشىدىن بار ماشىنىغا سېلىشتى،قىز ھەيرانىدى،بايىلا دادىسى سۆزلەۋاتاتتى، بۇ قانداق توي بولۇپ كەتتى؟نىكاھ قىلدىمۇ قىلمىدىمۇ؟
تېلفونىنىڭ چۆچۈتكىدەك چىقىدىغان مىلتىق ئاۋازىدىن بايىقىلارنىڭ چۈش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۆزىنى تۇتالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،بىر ئازدىن كېيىن بامدات ۋاقتى ئىكەنلىكى ئېسىگە كېلىپ ئورنىدىن تۇردى.نامىزىدىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرگە،ئەرشىدىنگە،ئۆزىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئۇزاق-ئۇزاق دۇئا قىلغان مېھرىگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ،يەنە چۈشىنى ئەسلەپ قالدى"توۋا،چۈش دېگەن زادى غەلىتە،نىكاھسىزمۇ توي قىلىۋالدىم مانا،سەھەردىكى چۈش،ئوڭۇڭدىكى ئىش دەيدىغان گەپ بار،دادام بىزنىڭ تويىمىزغا رازىلىق بېرىپ قالامدۇ قانداق؟".تاتلىق خىياللار بىلەن چاي ئىچىپ قورساقنى ئەستەرلىگەن مېھرىگۈل ئورنىغا چىقىپ يېتىشتىن يالتىيىپ،ئەرشىدىنگە ئۇچۇر يېزىشقا باشلىدى...
داۋامى بار.
مەنبەسى:مەن
(ئەسكەرتىش:تور دۇنياسىدىكى 6يىل مابەينىدە،قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يازغان تۇنجى شۇنداقلا ھېچبىر تېزىسسىز بىۋاستە يېزىلىۋاتقان ئەسىرىم بولغاچقا،بەلكىم سەھۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمايمەن،ئەسلى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرگە يوللىماقچىدىم بىراق داۋامى بار دەپ تۇرۇپ يازمىسام دىسسىرتاتسىيەم ساقلاپ قالىدىكەن،شۇڭا ئەپسۇس!)
بۇنى بەزى ناچار خاھىشتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن {زورو،ساقاللىقلار} دەپ ئاتىلىپ،ھەتتا بەزى جايلاردا چەتكە قېقىلىۋاتقان ھەمشىرىلىرىمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغا سوۋغا قىلىمەن.